جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-27 17:15:18

-مۇشۇ نەرسە شۇمۇ؟-ئەر ماشىنا ئادەمنى سىلاپ تۇرۇپ، چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىلكىدىكى دوكتۇردىن تەقەززالىق بىلەن سورىدى. بۇ ماشىنا ئادەمگە قانداقلا قارىسىمۇ، سىلاپ باقسىمۇ راست ئادەمدىن ھېچ پەرقى يوق ئىدى.


    جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى

    ياماكاۋا كازېئو [ياپونىيە]
    گۈلباھار ئەخەت تەرجىمىسى

     
    -مۇشۇ نەرسە شۇمۇ؟-ئەر ماشىنا ئادەمنى سىلاپ تۇرۇپ، چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىلكىدىكى دوكتۇردىن تەقەززالىق بىلەن سورىدى. بۇ ماشىنا ئادەمگە قانداقلا قارىسىمۇ، سىلاپ باقسىمۇ راست ئادەمدىن ھېچ پەرقى يوق ئىدى.
    -شۇنداق، بەدەن تېمپىراتورىسى ℃36.5، خۇددى راست ئادەمنىڭكىدەك نەپەس سىستېمىسى بار، ھەتتا غەم-قايغۇمۇ قىلالايدۇ،-دېدى دوكتور مەمنۇنلۇق بىلەن.
    -ئاساسلىق ئىقتىدارى قانداق؟
    -ئەلۋەتتە مەسىلە يوق. ئۇنىڭدا مەخسۇس بانكا پىلانلاشتىن تارتىپ، ھەرقانداق جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ھازىرلانغان، ئەلۋەتتە باھاسىمۇ بەك ئۆرە،-دېدى دوكتور قەتئىي ئىشەنچ بىلەن.
    -راستمۇ؟ ئۇ زادى قانچىلىك ئىشلەيدۇ، بىر سىناپ باققۇم بار،-دېدى ئەر نەزىرىنى ماشىنا ئادەمگە يۆتكەپ تازا ئىشەنچ قىلالمىغاندەك.
    -دوكتور راست دەيدۇ، مەندە پىلانلاش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى بار، ئەلۋەتتە دېلودا ئىز قالدۇرۇپ قويۇپ، مەغلۇپ بولىدىغان ئىشنى سادىر قىلمايمەن، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ،-ماشىنا ئادەم توساتتىن تەمەننالىق بىلەن سۆزلەپ كەتتى.
    بۇنى ئاڭلىغان ئەر چۆچۈپ كەتتى:
    -نېمە دەيدۇ بۇ ئەبلەخ، قىلچە ئەيمەنمەستىن ماختىنىپلا كەتتىغۇ!
    -سىزگە غەلىتە تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش غۇرۇر تورى سەپلەنگەن،مەن ھېسىياتى بولمىغان ماشىنا ئادەم ياساشنى ياقتۇرمايمەن، ناۋادا ئۇنىڭ غۇرۇرىنى قوزغىيالىسىڭىز، ئۇ ئىشنى تېخىمۇ ئەستايىدىل قىلىدۇ. بارلىق توسالغۇلارنى يېڭىپ خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.
    -خەتىرى يوقتۇ-ھە!-دېدى ئەر سەل ئەندىشە قىلىپ.
    -قورقماڭ، ئۇ ئۆزىنىڭ غوجايىنىغا ھەرگىز قول سالمايدۇ،-دېدى دوكتور ۋە ئۆرۈلۈپلا ماشىنا ئادەمگە گەپ قىلدى،-ماشىنا ئادەم بىرىنچى نومۇر، مانا بۇياق سېنىڭ غوجايىنىڭ.
    -چۈشەندىم، سىز مېنىڭ غوجايىنىم، ھەممىدە سىزنىڭ دېگىنىڭىزنى ئاڭلايمەن،-دېدى ماشىنا ئادەم ئەرگە تەزىم قىلىپ.
    -ئوبدان، ماشىنا ئادەم بىرىنچى نومۇر، ئەمدى سېنىڭ ئىقتىدارىڭنى سىناپ باقاي، قۇلىقىڭنى يېقىن ئەكەلگىنە،-ئەر ماشىنا ئادەمنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلىۋىدى، ماشىنا ئادەم قوپال قوللىرىنى سوزۇپ دوكتورنىڭ بوينىنى قاماللاپ تۇتتى، ئوتتۇز سىكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دوكتور كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە تىنىقتىن قالدى.
    -ھەي قارىغاندا قولىڭدىن ھەر بالا كېلىدىكەن، ئۆزىڭنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىنىمۇ كۆزۈڭنى چىمچىقلىتىپ قويمايلا ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ.
    ئەر بىلەن ماشىنا ئادەم دوكتورنىڭ تەتقىقات ئورنىدىن چىقىپ كەتتى، ئۇلار قاراقچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەندە، ئەر ماشىنا ئادەمگە بانكا بۇلاش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش بۇيرىقى چۈشۈردى ھەم:
    -مەغلۇپ بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ،-دەپ تاپىلىدى.
    -ھەرگىز مەغلۇپ بولىدىغان پىلان تۈزمەيمەن، غوجايىن.
    ماشىنا ئادەم تولىمۇ مۇكەممەل بولغان بىر پىلان تۈزدى، ئىككىيلەن شۇ پىلان بويىچە بانكا بۇلاپ غەلىبە قىلدى، ئۇلار قايتىپ كەلگەندە سومكىلىرى لىققىدە پۇلغا تولغانىدى.
    -قالتىس قىلدىڭ! بىرىنچى نومۇر، بانكا بۇلايدىغان پىلاندىن يەنە بىرنى تۈزگىن.
    -پىلاننى مەن تۈزۈي، بىراق بۇلاڭچىلىقنى مەن قىلمايمەن.
    -نېمىشقا ئەمدى؟-ئەر ھەيرانلىقتا شۇندساق دېدى-يۇ، تىلى تۇتۇلۇپ قالدى.
    -غوجايىن مېنىڭ ئىقتىدارىمدىن گۇمانلىنىپ قالدى، شۇڭا ئىقتىدارىمنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن باشقا ئىش قىلىشىم كېرەك.
    ئەر مەمنۇنلۇق بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى، ئىچىدە بولسا بۇ ئەبلەخنىڭ راستلا غورۇرى بار ئىكەن، دەپ ئويلىدى.
    -ئوغرىلىق قىلامدۇق؟
    -چاتاق يوق، بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭ.
    -ماشىنا ئادەم باي زەردارلانىڭكىگە ئوغرىلىققا چۈشىدىغان پىلان تۈزدى، بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ قالتىىس مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
    -قالتىس قىلدىڭ، بىرىنچى نومۇر!
    -خەقنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققىمۇ كىردۇق ۋە بۇلاڭچىلقمۇ قىلىپ باقتۇق، ئەمدى ياقۇت ئوغرىلايدىغان ئىشنى قىلايلى. مەن قول سالاي، سىز دۇكان خىزمەتچىسىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ تۇرۇڭ.
    ئۇلار بۇ ئىشتىمۇ غەلىبە قىلدى، ھېچقانداق گۇمانمۇ قوزغاپ قويماستىن نەچچە ئون مىليون قىممىتىدىكى ياقۇتقا ئېرىشتى.
    -يارايسەن، بىرىنچى نومۇر! بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت مەن ئۈچۈنلا پۇل تاپقىن!
    ماشىنا ئادەم تۈزگەن پىلان بويىچە، ئىككىيلەن ھەر خىل-ھەر ياڭزا جىنايەت ئالدامچىلىق، تەھدىت سېلىش، زىيانكەشلىك، ئوت قويۇش ۋە يەنە بار بولغانلىكى جىمى جىنايەتنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.
    -ھەي، نېمىشقا ماشىنىنى بۇ يەرگە توختىتىسەن؟
    -ئىقتىدارىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەممە جىنايەتنى ئۆتكۈزىمەن، ئەمدى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلماقچىمەن.
    ماشىنا ئادەم قاتناش قائىدىسىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ماشىنىنى توختىتىشقا بولمايدىغان ئورۇنغا توختاتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتاتتى.
    بىر كۈنى ساقچىلار بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئۈسۈپ كىرىپ، قاراڭغۇ ئۆينىڭ ئىچىدىن ئۇلار بۇزۇپ-چېچىپ ئېشىپ قالغان ھارام پۇل ۋە ياقۇتلارنى قولغا چۈشۈردى. ئىككىيلەننىڭ قولىغا كويزا سالدى.
    -بىزنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتىمىز بار، سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەر تاپتۇق.
    شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەننىڭ جىنايىتى ئاشكارىلىنىپ، ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلدى. ماشىنا ئادەمنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلانمىدى، ئۇنىمۇ جىنايەتچى ئورنىدا بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرمىگە سولاشتى، ئىككىيلەن بىر كامىرغا سولاندى. ئەر ماشىنا ئادەمنى كۈچەپ بىرنى تېپىپ ۋارقىرىدى:
    -ھۇ ئەبلەخ! ھەممە جىنايەتنى ئۆتكۈزەلەيدىغان ئىقتىدارىڭ بولسا، بىز مۇشۇ كۈنگە قالامتۇق!
    -ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، غوجايىن، كۆزىتىش ئاپپاراتىنى ئورنىتىپ قويغان ئادەم دەل مەن.
    -سەن؟ ئالجىپسەن؟ سەن زادى نېمە قىلماقچى؟-ئەر ئاچچىقىغا پايلىماي ماشىنا ئادەمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى.
    -مەن ھەممە جىنايەتنى ئۆتكۈزىمەن دېدىمغۇ، دەل بىرسى كەم قالغان، ئەمدى شۇنى قىلىمەن. ئەگەر تۈرمىگە كىرمىسەم، تۈرمىدىن قېچىشتەك جىنايەتنى قانداق ئۆتكۈزەتتىم دەيسىز.
    -مۇتتەھەم! ئەمىسە ماڭا تۈرمىدىن قېچىش پىلانىنى تۈزۈپ بەر!
    ئەلۋەتتە، غوجايىن، مەن دېگەندەك قىلسىڭىزلا تۈرمىدىن قېچىشتەك ئوڭاي ئىش يوق،-ماشىنا ئادەم شۇنداق دەپلا، بىلىكىنى چۇۋۇدى-دە، دېرىزىنىڭ تۆمۈر سالاسونىدىن سىرتقا تاشلىدى. دەرۋەقە، ئۇنىڭ ئەزالىرىنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇشقا بولاتتى. ئارقىدىن پۇت، باش، بەدەنلىرىمۇ پارچە-پارچە قىلىنىپ سىرتقا تاشلاندى،-سىرتقا چىقىپلا ئۆزۈمنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇۋالالايمەن.
    شۇنداق قىلىپ پەقەت ماشىنا ئادەملا كامېرنىڭ سىرتىغا چىقىۋالدى. ئۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىغا تامامەن يەتكەنىدى.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.