بەش تەدبىر سىزنى مەڭگۈ ئىختىساسلىق خادىم ق

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-09 13:38:00

بازىرى ئىتتىك ساھەلەرنىڭ خىزمەتچىسى، شىركەتنىڭ «چولپان» ى، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچى، پات ئارىدا پىنسىيگە چىقىدىغان پىشقەدەم.... مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولماڭ، مەيلى قاند...

            بازىرى ئىتتىك ساھەلەرنىڭ خىزمەتچىسى، شىركەتنىڭ «چولپان» ى، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچى، پات ئارىدا پىنسىيگە چىقىدىغان پىشقەدەم.... مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولماڭ، مەيلى قانداق ساھە ۋە قاتلامدا خىزمەت قىلماڭ، مەڭگۈ رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىڭىزنى زورايتىپ، ئۆزىڭىزنى مەڭگۈلۈك ئىقتىساس ئىگىسگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىڭ.

     ئۆزلىكىڭىزدىن ئۆگىنىش ئادىتىڭىزنى تاشلىماڭ      
         بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، سىزدە چوقۇم بىرخىل بىكىك ياكى ئىشلارغا قۇربىڭىىز يەتمەيۋاتقاندەك تۇيغۇ شەكىللىنىپ قالىدۇ. گەرچە ۋۇجۇدىڭىزدا تەجىربە، تارىخىڭىزدا سالاھىىيەت خېلىلا كۆپ ياكى يۇقىرى، خىزمەتنى ھەممە ئادەم قايىل بولغىدەك ئىشلەشتەك ئالاھىدىلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۈستىڭىزدە سىزدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك پىشقەدەملەر بېسىپ تۇرغان ، يېنىڭىزدا ھەرقاچان سىزدىن ھالقىپ كېتىش كويىدا يۈرۈۋاتقان تەڭتۇشلىرىڭىز سىزگە قادىلىپ تۇرغان، ئايىغىڭىزدا «ياشلىقنىڭ ئۆزى دەسمايە » دەيدىغان، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، مۇئاش تەلىپى تۆۋەن بولغان  يېڭى خىزمەتچىلەر سىزگە ھەرقاچان خىرىس قىلىۋاتقان بۇلىشى تامامەن مۇمكىن. شۇڭا سىز چوقۇم ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى ھەرگىز تاشلىماي، ئۆزىڭىزنىڭ رىقابەت كۈچىگە ھەرۋاقىت نومۇر قۇيۇپ تۇرۇڭ، نىمىلا دىگەن بىلەن يەرشارىلىشىش قەدىمى تېزلىشۋاتقان بۈەۈنكى كۈندە، سىز بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا جوڭگولۇقلار كۆپ بۇلۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىختىساسلىق خادىملارمۇ ئاز ئەمەس.

     ئىشنى كۆپرەك قىلىڭ
         خوجايىن قانچىلىك تەلەپ قىلسا پەقەت شۇنچىلىكلا ئىش قىلدىغان خادىمنىڭ تەقدىرى ئىنتايىن خەتەرلىك بۇلىشى مۇمكىن، سىز چوقۇم باشلىغىڭىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن ھەسسىلەپ چىقىپ، ئويلىمىغان نەتىجىلىرىڭىز بىلەن ئۇنى ھاڭ قالدۇرۇشقا تىرىشىڭ.

     ئۆزىڭىزنمۇ باشقىلارنىمۇ چۈشىنىڭ.

         ئادەتتىكى خىزمەتچى ۋاقىتلىرىڭىزدا چوقۇم ئۆزىڭىزگە خاس نەتىجە يارىتىشقا، باشلىقلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشكە تىرىشىڭ، ئەمما سىز باشقۇرغۇچىغا ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا قىممىتىڭىز شەخسى نەتىجىڭىزدىن ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل كوللىكتىپتىكى ھەربىر ئەزانىڭ تىرىشچانلىقىدىن كېلىدۇ، سىز قول ئاستىڭىزدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوقۇم چۈشىنىشىڭىز كېرەك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلىش يولىغا باشلىيالايسىز، شۇڭا سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ چۈشىنەلەيدىغان رەھبەرگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىڭ. پەقەت بۇجەھەتتە نەتىجە يارىتالىسىڭىزلا كوللىكتىپنى نەتىجە يارىتىش يولىغا ئوڭۇشلۇق باشلاپ ماڭالايسىز.
     «كىشىلىك مۇناسىۋەت » مۇناسىۋىتىنى ھەرقاچان مۇكەممەللەشتۈرۈڭ
          ھەرگىزمۇ بازار ئېچىش ئېلان بۆلىمىنىڭ خادىملىرىلا كىشىللىك مۇناسىۋەت تورىغا موھتاج بولىدۇ، دەپ قارىماڭ. ئەمىليەتتە مەيلى سىز قانداق خىزمەت بىلەن مەشغۇل بۇلۇڭ، ئىجابى كىشىلىك مۇناسىۋەت سىزگە ئويلاپ باقمىغان مەنپەت ۋە نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تۇرغۇزۇش ئۇنچىلىك قىيىن ئەمەس، قىيىن نۇقتا پەقەت «سېستىما» نى قوغداپ قېلىش، ئەڭ ياخسشىسى سىز يىلدا بىر، ئىككى قېتىم يېقىن -يورۇقلىرىڭىز بىلەن بىر، ئىككى قېتىم ھەمداستىخان بۇلۇپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەر ۋە ئۆزىڭىزنىڭ، ئۆزگىنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە مۇڭدىشىڭ، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاڭ، قارشى تەرەپنىڭ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئاڭلىغان ھامان سىزنى يادىغا ئالىدىغان، سىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى «شەرەپ » دەپ بىلدىغان قىلالايسىز. 
     «ئايلىنىپ ئۆتۈش »كە جۈرئەت قىلىڭ
         ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھايات مۇساپىسى پەقەت « ئوقۇش-ئوقۇش- پۈتتۈرۈش- خىزمەت قىلىش-توي قىلىش-ئەمەل تۇتۇش- پىنسىيگە چىقىش» بىلەنلا نەتىجىلىندۇ. ئەگەر سىز ياش بولسىڭىز، بۇ «لېنيە» دىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ بېقىڭ. ئۇنداقتا قانداق ئايلىنىش كېرەك؟ چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتە ئوقۇشتىن بىر،ئىككى يىل توختاپ، ياشلىق كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلدىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەتتە بولىىدۇ، ئاندىن مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشنى ياماملايدۇ، ئۇلارنىڭ كەسىپ ساھەسىگە قەدەم قويغان ۋاقتى بەلكىم بەزىلەرنىڭكىدىن كېيىن بۇلىشى مۇمكىن، ئەمما نەزەر دائىرسىدىكى كەڭلىك ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش باسقۇچىنى باشقىلارغا قارىغاندا خېلى بۇرۇن تاماملىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇلار ھەرقانداق پايدىلىق پۇرسەتنى ۋاقتىدا تۇتۇپ ئۆزىنى نامايەن قىلالايدۇ. دىمەك « ئايلىنىش» داۋامىدا توپلىغان ئېنىرگىيە ھامان سىزنىڭ «يۇلقۇنۇش» باسقۇچىدا باشقىلارنى ھەيران قالدۇردىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىڭىزگە زور مەدەت بولىدۇ. چۈنكى سىز كۆرگەن -بىلگەن ئىشلار باشقىلارنىڭ نەزىرىگە تېخى كىرمىگەن بولغاچقا،مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پۇرسىتى ھامان سىزدىن بىر قەدەم كېيىن تۇرىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق