قىرتاق ھىكمەتلەر(غوپۇر قادىر تەرجىمىسى)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-28 12:16:56

قىرتاق ھىكمەتلەرغوپۇر قادىر تەرجىمىسى ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى تايلاندلىق بىر كىشى ئالتۇنغا دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىنمۇ بەكرەك مەپتۇن بوپتۇ، ئۇ بارلىق مال - دۇنياسى، زېھنىي قۇۋۋىتى ھەم ۋاقتىنى...

    قىرتاق ھىكمەتلەر
    غوپۇر قادىر تەرجىمىسى

     

    ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى

        تايلاندلىق بىر كىشى ئالتۇنغا دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىنمۇ بەكرەك مەپتۇن بوپتۇ،  ئۇ بارلىق مال - دۇنياسى، زېھنىي قۇۋۋىتى ھەم ۋاقتىنى ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى ئۈستىدىكى تەجرىبىگە سەرپ قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغا قالمايلا ئۆزى ۋە خوتۇنى يىغقان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بوپتۇ. خوتۇنى ئۆيدىكى نامراتچىلىق تۈپەيلىدىن ئاتىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ دەرد تۆكۈپتۇ.
    قېينئاتىسى كۈيئوغلىنى چاقىرتىپ كېلىپ:
     مەن ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ سىرىنى ئىگىلەپ بولدۇم ھەمدە ئالتۇن تاۋلاشقا كېتىدىغان نەرسىلەرنى تەقلەپ قويدۇم، ھازىر بىرلا خىل نەرسە كەملەۋاتىدۇ، ئەمما مەن ياشىنىپ قالغاچقا «ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق» دېگەندەك ئىش بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن...» دەپتۇ. كۈيئوغلى تەقەززالىق بىلەن:
     ئېيتىڭە، مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دەپتۇ. قېيناتىسى:
     مۇنداق ئىش، ماڭا بانان يوپۇرمىقىدىن يىغىۋېلىنغان ئۈچ كىلو ئاق تىۋىت كېرەك بوپقالدى، يەنە كېلىپ بۇ بانان دەرىخىنى ئۆزىڭىز تىككەن بولىشىڭىز كېرەك. سىز تىۋىتنى تەقلەپ بولغاندىن كېيىن، ئالتۇن تاۋلاشنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن، دەپتۇ.
    ئەتىسى كۈيئوغلى دەرھال بانان دەرىخى تىكىشكە تۇتۇش قىپتۇ. بانان پىشقاندا، ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەربىر بانان يوپۇرمىقىدىن تىۋىت قىرىۋاپتۇ، ئاندىن ئۇنى يوغان بىر كومزەككە سېلىپ ساقلاپتۇ. يىللار مۇشۇنداق ئۆتۈۋېرىپتۇ...
    ئون يىلدىن كېيىنكى بىر كۈنى، كۈيئوغلى كومزەكنى كۆتۈرۈپ خۇشال - خۇرام ھالدا قېينئاتىسىنىڭكىگە كەپتۇ، قېينئاتىسى:
     ئەمدى ئاۋۇ ياقتىكى ئىشىكنى  ئېچىپ قاراپ بېقىڭ، دەپتۇ. كۈيئوغلى ھېلىقى ئىشىكنى ئاچسا پۈتۈن ئۆي كۆزىنى قاماشتۇرۇپ ئالىچەكمەن قىلىۋېتىپتۇ، دىققەت قىلىپ قارىسا ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئىكەن. ئۇنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ:
     بۇلار بىز ئون يىلدىن بېرى بانان تىكىپ تاپقان ئالتۇنلار، دەپتۇ.
    تۇرمۇشتا ئالتۇن تاۋلايدىغان نۇرغۇن تېخنىكىلار بولىدۇ، تىرىشچانلىق مانا مۇشۇنىڭ  بىرى.

     

    مۇھەببەت ئۈچۈن مېڭىش

        ھاۋايدىكى چەت - ياقا ئارالدا تۇرىدىغان بىر ئوغۇل بالا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كىشىلەر مىلاد بايرىمىدا نېمىشقا بىر - بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپتۇ.
    ئوقۇتقۇچى مۇنداق دەپتۇ:
     سوۋغات بىزنىڭ سۆيگۈمىز بىلەن ئەيسانىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغانلىقىغا بولغان خۇشاللىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ، ئەيسا ئەڭ ئۇلۇغ سوۋغا.
    مىلاد بايرىمى يېتىپ كەپتۇ، ئوغۇل بالا ئوقۇتقۇچىسىغا بىر سوۋغىنى  چاقناپ تۇرغان بىر قۇلۇلە قېپىنى، دېڭىز سۈيى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقارغان قۇلۇلە قاپلىرىنىڭ كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغىنىنى ئالغاچ كەپتۇ.
    ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن:
     سىز ئاز ئۇچرايدىغان مۇنداق پەۋقۇلئاددە قۇلۇلە قېپىنى قەيەردىن تېپىۋالدىڭىز؟ دەپ سوراپتۇ.
    ئوغۇل بالا ئوقۇتقۇچىسىغا، ئۆزىنىڭ بىلىشىچە، مۇنداق پەۋقۇلئاددە قۇلۇلە قېپىنى بىرلا جايدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى، يەنى بۇ يەردىن 20 نەچچە مىل يىراقلىقتىكى مەلۇم بىر سىرلىق دېڭىز ساھىلىدا بەزىدە مۇشۇنداق قۇلۇلە قېپىنىڭ قىرغاققا چىقىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
     ھە، دەپتۇ ئوقۇتقۇچى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك گۈزەل ئىكەن، مەن ئۇنى ئۆمۈرۋايەت قەدىرلەيمەن، ئەمما سىز ماڭا سوۋغات ئالغاچ كېلىمەن دەپ ئۇنچىۋالا ئۇزاق يول ماڭمىسىڭىز بوپتىكەن.
    سوۋغا بېرىش ھەققىدىكى ھېلىقى دەرسنى تېخىچە يادىدىن چىقارمىغان ئوغۇل بالا، كۆزلىرى چاقنىغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ:
     يول مېڭىشمۇ سوۋغامنىڭ بىرقىسمى.

     

    بەلگىسىدىنلا ماھىيىتىگە يېتىش

         پيېر سەككىز ياش چېغىدا  بوۋىسى ئۇنىڭغا قارىياغاچنىڭ ئاستىدىكى توپىلىق يولدا بىر جۈپ ئات تۇيىقىنىڭ ئىزىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپتۇ:
         - پيېر، سەن مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇدۇڭ، بۇ ياخشى ئىش. سەن ئوقۇپ خەت تونۇغاندىكىن، ئەمدى ماڭا دەپ بەرگىنە، بۇ ئاتنىڭ تۇياق ئىزىغا نېمىلەر يېزىلىپتۇ؟
        - بوۋا، تۇياق ئىزىدا خەت يوق ئىكەن.
        - پيېر، ئۇنىڭغا بىرنېمىلەر يېزىقلىق تۇرىدۇ، سەن بۇلارنى ئوقۇپ بىلىۋېلىشىڭ كېرەك.
         - ئەمما مەن ھېچنېمىنى بىلەلمىدىم.
         - ئەگەر سەن زەن سېلىپ قارىغان بولساڭ بىلىۋالغان بولاتتىڭ، بۇ ھېلىقى كۈلرەڭ بايتالنىڭ تۇياق ئىزى، تۇياقتىكى تاقىنىڭ ئۈچ تال مىخى چۈشۈپ قاپتۇ، ناۋادا ئۇ شەنبە كۈنى مۇشۇ ھالەتتە شەھەرگە كىرگەن بولسا، تاقىسى چىقىپ كېتىپ يارىلىنىپ قايتىپ كېلىدۇ. پيېر، چۈشەندىڭمۇ؟ بەزى خاتىرىلەرگە يېزىق كەتمەيدۇ. ئادەم جاھاندا ياشايمەن دېسە، بۇلارنىمۇ ئوقۇيالايدىغان بولۇشى كېرەك.

     

    ئوسال مىجەز

       ناھايىتى ئەركە ئۆسكەن، باشقىلارغا قالايمىقان ئاچچىقلىنىۋېرىدىغان بىر ئوغۇل بالا بار ئىكەن.
    بىر كۈنى ئاتىسى ئۇنىڭغا بىر خالتا مىخنى بېرىپ:
     ھەر قېتىم ئاچچىقلانغىنىڭدا قورۇنىڭ كەينىدىكى قورۇق تامغا بىر تال مىخ  قېقىپ قوي، دەپتۇ.
    بىرىنچى كۈنى بۇ بالا 37 قېتىم ئاچچىقلىنىپتۇ، شۇڭا 37 تال مىخ  قېقىپتۇ. بارا - بارا بۇ بالا ئاچچىقىنى بېىسىۋېلىشنىڭ مىخ  قاققانغا قارىغاندا ئاسانراق ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئاچچىقلايدىغان قېتىم سانى ئاز - ئازدىن كېمىيىپتۇ.
    ئاخىر بىر كۈنى بۇ بالا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان، قالايمىقان ئاچچىقلانمايدىغان بوپتۇ.
    ئاتىسى ئۇنىڭغا يەنە:
     ھازىردىن باشلاپ ھەر قېتىم ئاچچىقىڭنى بېسىۋالغان چاغدا، بىر تال مىخنى يۇلۇۋال، دەپتۇ.
    نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئوغۇل بالا ئاخىر بارلىق مىخلارنى يۇلۇپ چىقىرىۋاپتۇ.
    ئاتىسى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ قورۇنىڭ كەينىدىكى قۇرۇق تامنىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
     بالام، سەن ناھايىتى ياخشى ئىش قىلدىڭ، ئەمما تۆشۈك بىلەن قاپلانغان بۇ قۇرۇق تامغا قاراپ باق، ئەمدى ئۇنى زادىلا ئەسلىگە ئەكېلىۋالغىلى بولمايدۇ. سەن ئاچچىقلانغاندا دېگەن، باشقىلارغا ئازار بەرگەن گەپلەرمۇ خۇددى مىخقا ئوخشاش باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە يارا قالدۇرىدۇ، سېنىڭ كېيىن قانچىلىك ئەپۇ سورىشىڭدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ تارتۇقى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ.
    ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە بولسۇن، باشقىلارنىڭ قەلبىگە خالىغانچە مىخ  قاقمايلى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.