مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئادىتى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-22 00:29:48

مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئادىتى ئەتراپىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىزنى كۆزەتسىڭىز، بەزىلىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، يەنە بەزىلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئادەملەر ئوتت...

    مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئادىتى
       

       ئەتراپىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىزنى كۆزەتسىڭىز، بەزىلىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، يەنە بەزىلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانچە پەرق بولمايدۇ، بىراق ئەنە شۇ كىچىككىنە پەرق غايەت زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئۇششاق تەپسىلاتلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سىز مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى چۈشەنسىڭىز، ئۇ ھالدا مەغلۇبىيەت پېشكەللىكتىن ساقلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت يولىغا ماڭالايسىز.

    1. ھەر قېتىملىق پۇرسەتكە گۇمان بىلەن قارايدۇ.
    مەغلۇبىيەتچىلەر ھەمىشە ئۇزلىرىنىڭ قارارىنى خاتادەك ھېس قىلىدۇ. ئۇلار ياخشى ئىشنىڭ يامان تەرىپىنىلا كۆرۈپ، ھەر بىر پۇرسەتتە مەسىلە بار دەپ قارايدۇ. باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرگەندە بولسا، باشقىلار ماڭا قارىغاندا تەلەيلىك، دەپ ئويلايدۇ.

    2. مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
    مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كەمچىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى رېئال تۇرمۇشتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىنى باشقىلاردىن كۆرىدۇ ياكى تۇرمۇش ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ.

    3. قارشىلىشىش تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدۇ.
    مەغلۇبىيەتچىلەر رېئال تۇرمۇشتا ھەمىشە قارشىلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. ئۇلار: «بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس» ياكى «بۇ مەسئۇلىيەتنى مەن ئۈستۈمگە ئالماسلىقىم كېرەك» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

    4. دەررۇ زىياننى ئازايتىدۇ.
    مەغلۇبىيەتچىلەر بىر ئىشتىن تېزلا قول ئۈزەلىگەنلىكىدىن شادلىنىدۇ، يېڭى ئارزۇسى بولسىلا، قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلايدۇ. ئۇلار نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئاخىرىدا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغاندا، تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار يېڭى بىر خىزمەت ياكى يېڭى بىر تۈرنى تاپقاندا، قىلىۋاتقان ئىشىدىن تېزلا ۋاز كېچىدۇ.

    5. خام خىيالدىن ئۈمىد كۈتىدۇ.
    مەغلۇبىيەتچىلەر كىنو كۆرۈش، تېلېۋىزور كۆرۈشتەك ئەرزىمەس ئىشلارغا ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ. ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا زېھنىنى سەرپ قىلمايدۇ. ئۇلار بىر كېچىدىلا نام چىقىرىش ياكى تۇيۇقسىزلا لاتارىيىدىن مۇكاپات چىقىپ قېلىش خىيالىدا بولىدۇ.

    6. باشقىلارنىڭ تەرىپلىشىنى خالايدۇ.
    مەغلۇبىيەتچىلەر ھەرقانداق ئىشتا باشقىلار ئارقىلىق خۇشاللىق تېپىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار ئىش قىلىشتا ئويلانمايدۇ ياكى بەجانىدىللىق بىلەن ئىشلىمەيدۇ. ئەگەر ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدا پىكىر توقۇنۇشى يۈز بەرگەندە، ھەمىشە باشقىلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

    7. ئۆزىنىڭ قانداق تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
    مەغلۇبىيەتچىلەر باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش تەمەسىدە بولىدۇ. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى خۇشاللىقنىلا كۆزلەپ، كەلگۈسىدىكى راھەتنى ئويلىمايدۇ. ئۇلار ھەرقانداق ئىشنى تەقدىر-پېشانىسىدىن كۆرىدۇ، ئۆزىنىڭ قانداق تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلمەيدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.