ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىپ باققان

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-29 02:02:00

ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىپ باققان ئاخىرقى قېتىم ئاتا-ئانىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلارنىڭ بالىسى بولۇپ قالغىنىڭىز ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرگەن ۋاقتىڭىز قاچان؟ئاخىرقى قېتىم ئاتا-ئان...

    ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىپ باققان

    ئاخىرقى قېتىم ئاتا-ئانىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلارنىڭ بالىسى بولۇپ قالغىنىڭىز ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرگەن ۋاقتىڭىز  قاچان؟
    ئاخىرقى قېتىم ئاتا-ئانىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلارغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى سالغىنىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقان ۋاقتىڭىز قاچان؟
    ئاخىرقى قېتىم ئاتا-ئانىڭىزغا قاراپ تۇرۇپ:«خۇداغا شۈكرى، ئۇلارنى ماڭا نېسىپ قىپتۇ» دەپ، چىن يۈرەك سۆزىڭىزنى ئېيتقان ۋاقتىڭىز قاچان؟
    ئاخىرقى قېتىم ئاتا-ئانىڭىزنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «سىلەرنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن غەمخورلۇق، كۆيۈمچانلىقىڭلارغا رەھمەت، سىلەرنى چەكسىز سۆيىمەن» دېگەن ۋاقتىڭىز قاچان؟
    ئاخىرقى قېتىم ئاتا-ئانىڭىزغا سوۋغات تەقدىم قىلغان ۋاقتىڭىز قاچان؟
    ئاخىرقى قېتىم ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلىگەن ۋاقتىڭىز قاچان؟
    ئاخىرقى قېتىم ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئارقىلىق ئاتا-ئانىڭىزنى ئىپتىخارلاندۇرغان ۋاقتىڭىز قاچان
    ئاخىرقى قېتىم ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ھال-مۇڭ ئېيتىشىش سەۋەبلىك باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋاقتىڭىز قاچان؟
    ئاخىرقى قېتىم ئاتا-ئانىڭىزغا: «دادا ئاپا، سىلەر ئارام ئېلىڭلار، بۈگۈن ئۆيلەرنى مەن تازلاي» دېگەن ۋاقتىڭىز قاچان؟
    ئاخىرقى قېتىم ئۆيىڭىزگە قايتىۋاتقان چاغدا ،ئاتا-ئانىڭىزنى ئۇچرىتىپ قېلىش ئىستىكىدە بولغان ۋاقتىڭىز قاچان؟
    ئاخىرقى قېتىم دوستىڭىزغا پەخىرلەنگەن ھالدا، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋاقتىڭىز قاچان؟
    ئاخىرقى قېتىم يۇقىرىقى ئىشلارنى ئويلاپ يەتكەن ۋاقتىڭىز قاچان؟

       ئېسىڭىزدە بولسۇن ،سىز ئېغىز ئېچىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىڭىز سىز ئۈچۈن يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ بولغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى زۆرۈر بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار سىزنى سۆيگەچكە بۇ ئىشلارنى ئۇلار مەڭگۈگە  تەكرار تەكرار قىلىپ كەلگەن.
    ئاتا-ئانىڭىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا سىزگە بولغان سۆيگۈسى خۇددى نەپەسلەنگەنگە  ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇنى قانداقمۇ توختىتىپ قويسۇن؟

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق