تاماق يېيىش ھالىتى ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-25 17:07:30

بىر كۈنى مەلۇم بىر تونۇشۇم بىلەن بىللە تاماق يېمەكچى بولغىنىمدا، دادام مېنى كۆرگىلى كەلدى. ئۈچىمىز شىركەتكە يېقىن بىر تاماقخانىدا غىزالاندۇق. دادام كەم سۆز ئادەم بولۇپ تاماق جەريانىدا سۆز قىستۇرمىدى. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىشى بىل


    تاماق يېيىش ھالىتى ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ

    شيې شىيىڭ
    نەجمىدىن نەسىردىن تەرجىمىسى

     
    بىر كۈنى مەلۇم بىر تونۇشۇم بىلەن بىللە تاماق يېمەكچى بولغىنىمدا، دادام مېنى كۆرگىلى كەلدى. ئۈچىمىز شىركەتكە يېقىن بىر تاماقخانىدا غىزالاندۇق. دادام كەم سۆز ئادەم بولۇپ تاماق جەريانىدا سۆز قىستۇرمىدى. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىشى بىلەن بەكمۇ يېقىن ئارىلاشماسلىقىمنى ئېيتتى.
    -نېمىشقا؟-سورىدىم مەن ئەجەپلىنىپ. ئۇ كىشى مېنىڭ تىجارەت جەريانىدىكى تونۇشۇم بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەت ئىككى-ئۈچ قېتىملا كۆرۈشكەنىدۇق.
    -مېنىڭ ئۇنى تۈنجى قېتىم كۆرۈشۈم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تاماق يېيىش ھالىتىدىن ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى تەخمىن قىلىپ بولدۇم،-دېدى دادام قەتئىيلىك بىلەن،-مەن ئۇنىڭ چوكا بىلەن قورۇما قىسىش ئادىتىگە دىققەت قىلدىم. ئۇ ھەمىشە چوكىسى بىلەن قورۇمىنى قوچۇپ، تېگىدىن تاللاپ يەيدىكەن، ئۆزى ياقتۇرغان كۆكتاتنى تېپىپ يېيىش ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق قىلىدىكەن.
    -ھەممە ئادەمنىڭ تاماق يېيىش ئادىتى ئوخشاپ كەتمەيدۇ دادا، بەزىلەر ئاستا يېيىشنى، بەزىلەر ئىتتىك يېيىشنى، يەنە بەزىلەر  بولسا بايىقى تونۇشۇمدە ئۆزى ياقتۇرغان يېمەكلىكنى تاللاپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەنلا بىر ئادەمنىڭ خاراكتېرىگە باھا بېرىشكە بولامدۇ؟
    -تۇرمىشىدا قىيىنچىلىقى بار، ئۇزاق ۋاقىت ياخشى غىزالىنالمىغانلارنىڭ بىر تەخسە قورۇما ئالدىدا تاماق يېيىش ھالىتىگە دىققەت قىلالماسلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇ كىشى تىجارەتچى، يەنە كېلىپ ھال-ئوقىتى ياخشى ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ بۇنداق غىزالىنىشى ئۇنىڭ شەخسىيەتچى، ئىچى تار ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر تەخسە قورۇما ئالدىدا ئۇ باشقىلارنىڭ ھېسىياتىنى قىلچە ئويلاشماستىن چوكا بىلەن قورۇمىنى قوچۇپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان كۆكتاتلارنى تاللاپ يېدى. ئەگەر بىرەر مەنپەئەت توقۇنىشى بولۇپ قالسا، ئۇ چوقۇم ھەرقانداق ۋاستىنى قوللىنىشتىن يانمايدۇ،-دېدى دادام بېشىنى چايقاپ.
    يۇقىرىقى سۆزلەردىن كېيىن، دادام كىچىك ۋاقتىدا بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
    بوۋام دادام بەش ياش ۋاقتىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، مومام دادامنى بېقىش جەريانىدا كۆپ رىيازەت چېكىپتىكەن، دائىم ئاچ قالىدىكەن. ئەگەر تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارماقچى بولسا، مومام دادامغا ھەمىشە يېنىش-يېنىشلاپ:
    -بالام، تاماق يېگەندىكى ھالىتىڭگە چوقۇم دىققەت قىل. ئۆزۈڭ ياقتۇرىدىغان تاماقنىلا تاللاپ يەۋالما، باشقىلارغىمۇ قالسۇن، بولمىسا باشقىلار مەسخىرە قىلىدۇ. تۇرمۇشىمىز گەرچە نامرات بولسىمۇ، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولمىساق بولمايدۇ،-دەيدىكەن.
    دادام مومامنىڭ سۆزىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، بىر ئۈستەل نازۇ-نىممەتلەرنىڭ ئالدىدىمۇ ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان، تاماق يېيىش ھالىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولغانىكەن. گېپىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋېلىپ، مۇنداق دېدى:
    -ئوغلۇم، بىر جۈپ چوكىغا سەل قارىما، كىچىككىنە چوكا قىسىش ئادىتى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
    دەرۋەقە كېيىن يۈز بەرگەن بىر ئىش دادامنىڭ گېپىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ تونۇشۇم كىچىككىنە پايدىنى كۆزلەپ مەندىن يۈز ئۆرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن دادامنىڭ سۆزىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا نەپسىمنى يىغالايدىغان، ياخشى نەرسىلەرنى ئۆزۈم يالغۇز ئىگىلىۋالماي، باشقىلار بىلەن تەڭ ھوزۇرلىنىشنى ئۆگەندىم.
    ھەممىمىز ئەدەپ-ئەخلاقنى قولىمىزدىكى چوكىدىن باشلىساق قانداق؟
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 2-ساندىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.