نامراتلارمۇ سەدىقە بەرسە بولىدۇ

يوللىغۇچى : alipbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-28 01:51:50

نامراتلارمۇ سەدىقە بەرسە بولىدۇبىر كىشى بۇدساتۋا ئالدىغا كىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ دەپتۇ:-مەن نىمىلا ئىش قىلسام ئۇتۇقلۇق بولمايدۇ،بۇ نىمە ئۈچۈن؟-سەدىقە بىرىشنى بىلمەيدىكەنسەن،ـ دەپتۇ بۇدساتۋا.-بىراق...

     



    نامراتلارمۇ سەدىقە بەرسە بولىدۇ

     

    بىر كىشى بۇدساتۋا ئالدىغا كىلىپ  يىغلاپ تۇرۇپ دەپتۇ:

    -مەن نىمىلا ئىش قىلسام ئۇتۇقلۇق بولمايدۇ،بۇ نىمە ئۈچۈن؟

    -سەدىقە بىرىشنى بىلمەيدىكەنسەن،ـ دەپتۇ بۇدساتۋا.

    -بىراق مەن نامرات تۇرسام ،-دەپتۇ ھىلىقى كىشى.

    -بۇ دىگىنىڭ توغرا بولمىدى .ئادەم نامرات بولسىمۇ تۆۋەندىكىدەك يەتتە خىل سەدىقىنى باشقىلارغا بىرىپ تۇرىشى كىرەك.

    بىرىنچىسى،چىراي سەدىقىسى. بۇنىڭدا تەبەسسۇمىڭ ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ياشايسەن.

    ئىككىنچىسى،تىل سەدىقىسى.بۇنىڭدا باشقىلارغا ئىلھام ،تەسەللى بىرىسەن.

    ئۈچىنچىسى،يۈرەك سەدىقىسى،بۇنىڭدا كۆڭلۈڭنى كەڭ تۇتۇپ ،باشقىلار بىلەن سەمىمى مۇئامىلدە بولىسەن.

    تۆتىنچىسى،كۆز سەدىقىسى،بۇنىڭدا باشقىلارغا دوستلۇق نەزىرىڭدە قارايسەن.

    بەشىنچىسى،تەن سەدىقىسى،ھەركىتىڭنى باشقىلارغا ياردەم بىرىشكە ئاتايسەن.

    ئالتىچىسى،ئورۇن سەدىقىسى،بۇنىڭدا ئاپتوبۇسلاردا ئورنۇڭنى باشقىلارغا بوشىتىپ بىرىسەن.

    يەتتىنچىسى،ئۆي سەدىقىسى،بۇنىڭدا بىكار ئۆيۈڭ بولسا باشقىلارنىڭ ئارام ئىلىشىغا بىرىپ تۇرىسەن،ــ دەپتۇ  بۇدساتۋا.

    -ئاخىرىدا ئۇ يەنە مۇنداق دەپتۇ:

    -كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر مۇشۇ يەتتە خىل سەدىقە ئادىتىنى ئۆزىدە يىتىلدۈرسە،بەخىت ئۇنىڭغا يىقىن تۇرىدۇ.

     

     مەنبە:شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.