تارىختىكى ئون قېتىملىق تىل-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى

يوللىغۇچى : Lady-Uyghur يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-15 19:16:56

ئۆتكەن 200 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مۇتلەق ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسمىلاتتاتسىيە قىلىش ۋە مەملىكەت خارەكتىرلىك تىل بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەخسى...

    ئۆتكەن 200 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مۇتلەق  ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش  ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسمىلاتتاتسىيە قىلىش ۋە مەملىكەت خارەكتىرلىك تىل بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەخسىتى بىلەن  بىر نەچچە قېتىم سېستىمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا  تىل-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلدى.

    1.   كورد تىلى


    كوردلار نۇرغۇن دۆلەتلەردە تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ كەلدى. گەرچە كورد خەلقى ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچىرمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى بۇ ئېچىنىشلىق تەغدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئىراق ئۆز دۆلىتىدىكى كوردلارنى بىر قەدەر سىڭدۈرەلىگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كورد تىلىنىڭ مائارىپ، مەمۇرىيەت ۋە ئاخپارات ۋاستىلىرىدا ئىشلىتىلىشىگە قىسمەن يول قويغان. بىراق كورد تىلى باشقا دۆلەتلەردە بۇنچىلىك ئىمتىيازلارغا ئېرىشەلمىگەن.

    تۈركىيە ئانا تىلى تۈرۈك تىلى بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسمىلاتتاتسىيە قىلىش مەخسىتىدە 1930-يىلدىن باشلاپ كورد تىلى ۋە مەدەنىيەتىنى مەملىكەت مىقياسىدا چەكلىگەن. كوردلار مەدەنىيەتسىز ۋە ھېچنەرسىدىن خەۋىرى يوق بىلىمسىز كىشىلەر توپى دەپ قارىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى تەكىتلىشى جىنايەت دەپ بېكىتىلگەن. 1991-يىلغا كەلگەندە ئەھۋالدا بىر ئاز ياخشىلىنىش كۆرۈلۈپ ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى  بەلگىلەنگەن، كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر قانچە ئەل(ئۆلكە) ۋە ئورۇنلاردا كورد تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە سۆزلىنىشىنى توسۇماسلىق قارارنامىسىنى ماقۇللىغان. ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ كورد تىلىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر ئاستا-ئاستا بوشاشتۇرۇلغان. مائارىپتا كورد تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلەشمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئاخپارات ۋاستىلىرىدىكى چەكلىمىلەرمۇ ئازلىغان. گەرچە ئەھۋالدە ياخشىلىنىش بولسىمۇ،لېكىن كورد تىلىنىڭ خەتەرلىك ھالىتى ھازىرمۇ تۈركىيەدىكى ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

    بۇ خىل ئەھۋال ئىراندىمۇ يۈز بەرگەن. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىراندا سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ رىزاۋى ھاكىمىيىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىران ھۆكۈمىتى يۈرگۈزگەن « پارىسلاشتۇرۇش سىياسىتى»نىڭ تەسىرىدە كورد  يېزىق تىلىنىڭ مەكتەپلەردە ۋە دۆلەتلىك ئىدارە-ئورگانلاردە ئىشلىتىلىشى چەكلىنىپ،كېيىن ھەتتا كورد تىلىنى سۆزلەشمۇ پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. ئىسلام ئىنقىلابى ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن باراۋەرلىك ھەققىدە نۇرغۇن قەسەملەرنى قىلغان بولسىمۇ ئەمما ھاكىمىيەتنى ئىگەللىگەندىن كېيىن كوردلارغا تېخىمۇ دەھشەتلىك ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزگەن. بۇنىڭدىن سىرىت سۈرىيەدىمۇ كورد تىلىنى مەكتەپ-مەتبۇئات ھەر قانداق شارائىتتا ئىشلىتىش چەكلەنگەن.

    2.  فىرانكو ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئىسپانىيە




     1939-يىلدىن 1975-يىلغىچە ئۆزى گالىتسىيىلىك بولغان فىرانكو ئىسپانىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ئىسپان تىلىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن  بىر قىسىم مىللەت خارەكتىرلىك ياكى رايون خارەكتىرلىك تىللاغا، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئانا تىلى گالتىس تىلىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇلغان.  باسىك، كاتالون قاتارلىق نەچچە مىلىيۇن ئىشلەتكۈچىسى بار تىللار مائارىپ ۋە  مەتبۇئاتتىن سىقىپ چىقىرىلغان. فىرانكويەنە ئىسپان تىلىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىسدە بىردەك قوللىنىشىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ باشقا تىللارنىڭ ئىشلىتىشىنى قەتئى مەنئى قلىغان. ھەتتا ئىسپانچە ئىسىملاردىن باشقا ئىسىملارنىڭ ئىشلىتىلىشىمۇ چەكلىگەن.

    3.ھىندونىزىيەدىكى خەنزۇ تىلى

     

    پرېزىدىنت سۇخارتۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان 1967-1998 يىللىغىچە بولغان دەۋىردە بولغان ۋاقتىدا خەنزۇ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھىندونىزىيەدە ئەجەللىك باستۇرۇشقا  ئۇچىردى. خەنزۇ تىلىنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەر قانداق بىر قاتلىمىدا ئىشلىتىلىشى مەنئى قىلىنىپ ، خەنزۇ تىلىدىكى بارلىق گېزىت- ژۇرناللار مەجبۇرى توختىتىلىپ مەكتەپلەر تاقالدى.خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئاممىۋى ئىشلىتىلىشى مەنئى قىلىنىپ، ئەگەر ئىشلەتكۈچىلەر بايقالسا ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ئاشكارا ھاقارەت قىلىشغا ياكى خورلىشىغا يول قويۇلدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ بۇ قېتىملىق تىل-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالماي ھىندونىزىيە تىلىغا ئوخشاپ كېتىغان ئاھاڭلاردىكى ئىسىملارغا ئۆزگەرتىلدى. سۇخارتۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق سىياسىتى ۋە خەنزۇ مىللىتىگە قارىتىلغان ئېغىر مىللى كەمسىتىش كىشىنى غەزەپلەندۈرسىمۇ لېكىن ناھايىتى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىلنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن. سۇخارتۇ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ، خەنزۇ تىل-مەدەنىيىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن بۇ چەكلىمىلەر پرېزىدىنت ئابدۇراھمان ۋاھىد ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

    4. لا ۋېر گونھا



    فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تۇتقان بىر قاتار سىياسەتلىرىنى پەقەت نومۇسسىزلىق دەپ تەسۋىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ كىشىلەر توپى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا مەكتەپ،جەمىيەت ۋە ئاخپارات ۋاستىلىرىدە ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ ياكى چەتكە قېقىلىدۇ. فرانسىيە مىللەتچىلىك ئەڭ بالدۇر باش كۆتەرگەن رايون بولۇپ، 14-ئەسىردىن باشلاپلا باشقا تىللارنى يوقىتىش كويىغا چۈشۈش فرانسۇز مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بوپ قالغان. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھۆكۈمەت تىل بىردەكلىنى ساقلاش باھانىسى بىلەن فىرانسۇز تىلىدىن باشقا بارلىق تىللارنىڭ مەكتەپ ۋە ئورگانلاردا ئىشلىتىلىشنى چەكلىگەن. كىچىك برىتان رايونىدىكى برىتان تىلى، ئالزاس رايونىدىكى گېرمان تىلى، فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى پولىسا دېئالىكتى، باسىك تىلى، ناپالىئوننىڭ ئانا تىلى بولغان كورسىك تىلى قاتارلىقلار چەكلەنگەن تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 19-ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە مەكتەپلەردە ئانا تىلىدا سۆزلەشكەن ئوقۇغۇچىلار قالاقلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن پاسسىپلار دەپ قارىىلىپ بوينىغا تاقاق سېلىنىدىغان جازا ناھايىتىمۇ ئەمىلىلەشكەن. فىرانسىيەدە ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىغا قارىتىلغان كەمسىتىش ۋە چەكلىمىلەر تاكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىپ كىشىلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە مۇنازىرە قىلىشى چەكلەنگەن تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەنگىلىز تىلىنىڭ زەبىسىگە ئۇچراپ كۈنسېرى نوپۇزى ئاجىزلاۋاتقان فرانسۇز تىلى ھازىر يەنىلا جاھىللىق بىلەن فرانسىيەدىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق تىل بولۇش ئورنىنى قوغدىماقتا،  فىرانسىيەنىڭ ھازىرقى پرىزدىنتى- ۋېنگىرىيىلىك يەھۇدىنىڭ پۇشتىدىن بولغان يېرىم فرانسىيىلىك ساركوزى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاز سانلىق ۋە بىر قىسىم رايون خارەكتىرلىك تىللارنىڭ ئىشلىتىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش مەخسەت قىلىغان نىزامنامىسىنى تەستىقلاشنى رەت قىلدى.

    5.بېرتانىيە



    ئەنگىلىيەنىڭ شوتلاندىيە،ۋېلىش ۋە شىمالى ئېرلاندىيەلەرنى بېسىۋىلىشى ئىنگىلىز تىلىنى بۇ رايونلارغىمۇ ئېلىپ كىردى. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇ رايونلاردىكى يەرلىك تىللار يوقىلىش ھالاكىتىگە دۇچار بولدى. شوتلان تىلى ،ۋېلىش تىلى ،ئېرلان تىللىرىنىڭ مائارىپتا قوللىنىشى چەكلەنگەندىن كېيىن بۇ تىللارنىڭ ئىشلىتىلىشى تېز دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. ۋېلىشتا ئانا تىلى بولغان ۋېلىش تىلىدا سۆزلەشكەن بالىلارنىڭ بوينىغا ياغاچىتىن ئويۇلغان WN (ۋېلىش تىلىنى ئىشلەتمەسلىك دېگەن سۆزنىڭ ئىنگىلىزچە باش ھەرىپى) ئېسىپ قويۇلغان. ھەم مەملىكەت مىقياسىدا ئىنگىلىز تىلى قوللانمىغانلارغا ئېغىر تەن جازاسى بېرىش ئەۋىج ئالغان. نەتىجىدە بۇ تىللار ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان. 20-ئەسىرگە كەلگەندە بېرتانىيە ھۆكۈمىتى ئاندىن بۇ تىللارنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغان. ھازىر شوتلاند تىلىدا سۆلىشەلەيدىغانلار 50مىڭغا، ۋېلىس تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار 500مىڭ غا يەتمەيدۇ. مىلىيۇن سۆزلەشكۈچىسى بار ئىرىش تىلىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ  بۇ تىللار ئىنگىلىز تىلىنىڭ نوپۇزىغا قارىغاندا يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدۇ.

    6.روسلاشتۇرۇش سىياسىتى



    روسلاشتۇرۇش سىياسىتى سوۋېت ئېتىىپاقىنىڭ روس تىلىنىڭ قوللىنىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللانغان بىر تۈرلۈك تەدبىرى بولۇپ، ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە پارچىلىنىش خەۋىپىنى تۈگۈتۈش مەخسەت قىلىنغان ئىدى. ئۆزى گرۇزىن بولغان سىتالىن تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلەەن رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتى بۈگۈنگىچە سابىق سوۋېت ئىتىپاقى رايونىدا تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. 
        سابىق چاروسىيە مەزگىلىدە بولۇپمۇ ئۇكرانىيە بىلەن فېنلاندىيەدە روسلاشتۇرۇش سىياسىتى ھۆكۈمەتنىڭ ھاككىممۇتلەقلىق غەرىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى بىر كوزۇرى ئىدى. كېيىن ئۇكرانىيە، فېنىلاندىيە، لىتۋانىيە ۋە بېلرۇسىيەلەردە يۈزگۈزۈلگەن يەرلىك تىللارنىڭ جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ئىشلىتىلىشنى چەكلەش سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن بىر قانچە قېتىملىق قوزغىلاڭلارمۇ يۈز بەرگەن. 

       چاررۇسىيەگە قارىغاندا بىر قەدەر دىموكراتىك بىلىنگەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ،  دەسلەپكى يىللىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، كېينچە روس تىلىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكى تەكىتلىنىپ بۇ  تىللار پۈتۈنلەي بوغۇپ تاشلانغان. ستالىن دەۋرىدە   سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ بىر قاتار مىللىتارىست سىياسەتلىرى قاتارىدا ئەرەپ ئېلىپەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ سىلاۋىيان ئېلىپبەسى قوللىنىلدى. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن يۇقۇرقى جايلاردا ھازىرمۇ خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر  ئارىسىدا روس تىلىنى ئۆز ئانا تىلىدىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان ۋە قوللىنىدىغان خاھىش ساقلىنىپ قالغان.

    7.كورىيە تىلى



    1910—1945-يىلغىچە ياپونىيەنىڭ كونتىروللىقى ئاسىتدا تۇرغان بولۇپ، كورىيان تىلى ۋە مەدەنىيەتى ئېغىر تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچىرغان. دەسلىۋىدە مەكتەپلەردە ياپون تىلى ئاساس قىلىنىپ كورىيان تىلى پەقەت تاللاپ ئۆتۈلىدىغان دەرسىلىك قاتارىغا چۈشۈپ قالغان بولسا كېيىنچە كورىيان تىلىغا چەك قويۇلۇپ بىراقلا سىقىپ چىقىرىلغان.ھەتتا خىزمەت ئورۇنلىرىدىمۇ كورىيان تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن. ئۇلارنى ئۆز ئىسىملىرىدىن ۋاز كېچىپ ياپونچە ئىسىملارنى قوللىنىشقا مەجبۇرلىغان ۋە قارشى چىققانلارنى باستۇرغان. ياپونىيەنىڭ بۇ چېكىدىن ئاشقان مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا تەسلىم بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان.

    8.رىيۇكيۇ تىلى



    رىيوكىيو تىلى ياپون تىلىغا قېرىنداش كېلىدىغان بىر خىل مۇستەقىل تىل بولۇپ 19-ئەسىردە نەچچە يۈزمىڭ ئىشلەتكۈچىسى بار ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ،رىيۇكيۇ پادىشاھلىقى مۇستەقىللىقىنى ياپونىيەگە تاتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن رىيۇكيۇ تىلىمۇ تەھدىتكە دۇچ كەلدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆلچەملىك ياپون تىلىدا سۆزلىمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بويۇنلىرىغا بەلگە ئېسىپ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ رىيۇكيۇ تىلىنىڭ مائارىپتا قوللىنىلىشىنى قاتتىق چەكلىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ياپونىيە ھۆكۈمىتى رىيۇكۇيۇ تىلىنى ياپون تىلىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بىر ۋاريانتى دېگەن كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ئايرىم بىر تىل سۈپىتىدە ئېتراپ قىلىپ باقمىدى.  بۇ تىلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش توغۇرسىدا ئىش-ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ بۇ مىللەت بالىلىرى ئاللىقاچان ياپونلىشىپ بولغاچقا نەتىجە ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىغان.

    9. ھاۋاي تىلى



    1820-يىلى دىن تاقاتقۇچىلارنىڭ  بۇ ئارالغا كېلپ دىن تەشۋىق قىلىشى تەسىرىدە نۇرغۇن كىشىلەر ھاۋاي تىلىنى قۇربانلىق قىلىش بەدىلىگە ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان. بىراق تىلغا قىلىنغان ئاشكارا ھۇجۇم 1893-يىلدىن باشلاپ ئۆلىكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىنگىلىز تىلىنى ھاۋاي تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن چىقارغان سىياسەتلىرى بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكەن. 1896-يىلى ھاۋاي تىلى مەكتەپلەردە چەكلەنگەن ۋە بۇ ھالەت 20-ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. ھازىر 200مىڭغا يېقىن نوپۇسى بار ھاۋاي مىللىتى ئىچىدە ئۆز تىلىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان كىشىلەردىن ئاران 2000 قالغان.  

    10.ئۆلچەملىك خەنزۇ تىلى سۆزلەش ھەركىتى



    سىنگاپور ھۆكۈمىتى 1979-يىلى مەملىكەت مىقياسىدىكى خەنزۇ پۇخرالار ئارىسىدا ئۆلچەملىك خەنزۇ تىلى سۆزلەش ھەركىتى قانات يايدۇرغان. سىنگاپوردىكى خەنزۇلار ئاساسەن جۇڭگونىڭ جەنۇبى قىسمىدىن كەلگەن بولۇپ،ئۆلچەملىك تىلدا سۆزلىيەلمەيتتى. ھۆكۈمەت بۇ تىلنىڭ ئاخباراتتا ئىشلىتىلىشنى چەكلەپلا قالماستىن يەنە بۇ تىلدا تارقىلىتىدىغان چەت ئەل قاناللىرىنىمۇ كونتىرول قىلغان. بۇ ھەرىكەت مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ بىرلىككە كەلگەن خەنزۇ تىلىنىڭ ئىشلىتىشى كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ.لېكىن چوڭلار بىلەن ياشلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرنىڭ تىلىنى چۈشەنمەي ئالاقە قىلالماسىلىقىدەك مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان.

                                        Lady-Uyghur  تەرجىمىسى


    مەنبە؛   http://listverse.com/2010/02/26/10-modern-cases-of-linguistic-genocide/

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.