بېلىقچىنىڭ تاللىشى

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-29 16:26:14

باي بېلىقچىغا زور بايلىق بېرىپ جاۋاب قايتۇرماقچى بولۇپ، ئىككى لايىھەنى بېلىقچىنىڭ تاللىشىغا قويۇپتۇ: 1. ھازىرلا مۈلكىنىڭ %5 ىنى بېرىش؛ 2. ئون يىلدىن كېيىن مۈلكىنىڭ %10 ىنى بېرىش.


    بېلىقچىنىڭ تاللىشى

    شياۋ لىشىن

     
    بىر باي دېڭىز سەپىرىدە قازاغا ئۇچرىغاندا، بەختىگە بىر بېلىقچى قۇتقۇزۋاپتۇ.
    باي بېلىقچىغا زور بايلىق بېرىپ جاۋاب قايتۇرماقچى بولۇپ، ئىككى لايىھەنى بېلىقچىنىڭ تاللىشىغا قويۇپتۇ: 1. ھازىرلا مۈلكىنىڭ %5 ىنى بېرىش؛ 2. ئون يىلدىن كېيىن مۈلكىنىڭ %10 ىنى بېرىش.
    تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەتتىن بېلىقچى زىيادە خۇش بولۇپ كېتىپتۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە تەڭلىكتە قاپتۇ؛ بىرىنچى لايىھەنى تاللىسا ئون يىلدىن كېيىن باينىڭ مۈلكى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتسە پۇشايماندا قالىدىغان گەپ؛ ئىككىنچى لايىھەنى تاللىسا ئون يىلدىن كېيىن باينىڭ مۈلكى ئازىيىپ كەتسە ياكى باي ۋەيران بولسا ئېغىر زىيان تارتىدىغان گەپ.
    ھېكايىنى مۇشۇ يەرگىچە داۋاملاشتۇراي. بېلىقچىنىڭ قانداق تاللاش ئېلىپ بارغانلىقىغا قىزىقسىڭىز، ئۇنى سەل تۇرۇپ بايان قىلسام دەيمەن. تاللاش رېئال تۇرمۇشىمىزدا ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. توڭلاتقۇنى ئاچقىنىڭىزدا ھەرخىل كۆكتاتلارنى كۆرۈپ، نېمە تاماق  ئېتىشنى تاللايسىز؛ كىيىم ئىشكاپىنى ئېچىپ نۇرغۇن كىيىمنى كۆرگىنىڭىزدە، قايسىسىنى كىيىش ئۈچۈن باش قاتۇرىسىز؛ ئەگەر سىز كېلىشكەن ياكى چىرايلىق بولسىڭىز، مۇھەببەت ئوتى يانغاندا بىر قانچە نامزات ئىچىدىن لايىق تاللايسىز؛ ئەگەر ئائىلە شارائىتىڭىز ياخشى بولسا، سىز چوقۇم «تەييار» دەسمايىڭىزدىن بەھرىلىنىش ياكى ئىگىلىك تىكلەپ، چوڭ ئىشلانى قىلىش توغرىسىدا تاللاشقا دۇچ كېلىسىز. مال سېتىۋېلىش نېمىشقا بازار ئايلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ؟ چۈنكى سىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىزدىكى نەرسىلەر زىيادە كۆپ بولغاچقا، بىرىنچى قەدەمدىلا كەسكىن قارار چىقىرىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ.
    بۇنداق ئىشلار كۈرمىڭ.
    تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ: توڭلاتقۇدا بىرلا خىل كۆكتات بولسا؛ كىيىم ئىشكاپىدا بىر-ئىككى قۇرلا
    كىيىم بولسا؛ ئەگەر سىزنىڭ تاشقى قىياپىتىڭىز ئادەتتىكىچە، كېلىپ چىقىشىڭىز ئادەتتىكىچە بولسا...نەدىمۇ ئۇنداق جىق تاللاش ئاۋارىچىلىقى بولسۇن؟
    قارىغاندا تاللاش كۆپ بولسىلا چوقۇم ياخشى ئىش بولىشى ناتايىن.
    ئەمدى مەن سىزگە بېلىقچىنىڭ تاللىشىنى دەپ بېرەي. ئۇ بۇ ئىككى تاللاشنى تولا ئويلاپ بېشى قېتىپ، ئەس-ھۇشى جايىدا بولماي، ئەتىسى دېڭىزغا چىققاندا دېڭىز دولقۇنىغا غەرق بوپتۇ-يەنى، ئاخىرىدا ھەممە تاللاشتىن قۇرۇق قاپتۇ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بېلىقچى دېڭىز باي