ئۇتۇق قازىنىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 13:25:48

ئۇتۇق قازىنىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ بىر كىچىك راھىب، دائىم ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىبادەتخانىدا ئەڭ ئالاھىدە راھىب بولۇشنى ئويلايدىكەن، ئۇ بىر كۈنى مۇۋاپىق پەيت تېپىپ، ئۆز ئۇستازىدىن ئۆزىنىڭ بۇ...

                         ئۇتۇق قازىنىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ

     

    بىر كىچىك راھىب، دائىم ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىبادەتخانىدا ئەڭ ئالاھىدە راھىب بولۇشنى ئويلايدىكەن، ئۇ بىر كۈنى مۇۋاپىق پەيت تېپىپ، ئۆز ئۇستازىدىن ئۆزىنىڭ بۇ خىيالى توغرىسىدا سۇئال سوراش پۇرسىتىگە ئىگە بوپتۇ.

    -       ئۇستاز، يەنە قانچىلىك ۋاقىتتتىن كېيىن ئۆزەم كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيمەن؟

    -       10بۇنىڭغا يەنە ئاز دېگەندە 10 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇستاز.

    -       10 يىل؟  بۇ ..... بۇ بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئىكەن ئۇستاز، مەن ھازىرقىدىن يەنە بىر ھەسسە كۈچەپ تىرىشسامچۇ؟

    -       20 يىل

    -       كېچە – كۈندۈز مەشىق قىلسامچۇ؟

    -       30 يىل

    -       بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان كىچىك راھىب، بىردىنلا گاڭگىراپ قاپتۇ، ۋە ئۇستازىدىن سوراپتۇ:"مەن تىرىشچانلىقىمنى ھەر بىر ھەسىلىمەكچى بولغاندا، سىز نېمە ئۈچۈن، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىتنىمۇ بىر ھەسسە ئۇزارتىپ ئېيتىسىز؟"

    -       سەن ھەر ۋاقىت بىر نىشانغىلا تىكىلىپ تۇرساڭ، يول يۈرگىنىڭدىمۇ شۇ بىر كۆزۈڭنىلا ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالىسەن- دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ، ئۇستازى.

       ئامېرىكىدا ۋاللىندا ئىسىملىك بىر دارۋاز بولۇپ، بىر قېتىم چوڭ تىپتىكى نومۇر كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئايالىغا:«بۇ قېتىمقىسى ئىنتايىن مۇھىم، مەغلۇپ بولسام قەتئىي بولمايدۇ» دېگەن سۆزنى توختىماي تەكرارلاۋەرگەن، نەتىجىدە شۇ قېتىملىق نومۇر كۆرسىتىشتە خەتەرگە ئۇچراپ، بەختكە قارشى قازا قىلغان.

       ھاياتلىقتا پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن دىققىتىڭىزنى بىرلا نىشانغا مەركەزلەشتۈرىۋالسىڭىز ئەكسىچە ئۇ نىشانغا يېتىش نىسبىتىڭىز شۇنچە كىچىك بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا مۇۋەپپىقىيەت يولىدىن تېخىمۇ چەتنەپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.