ئانامنىڭ ئايىغىنى كىيىمەن

يوللىغۇچى : qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-12 16:09:53

ئەگەر تۇيغۇمنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرمەكچى بولسام، بوتېگايىم بار. ئەمما مەن بىر ئىشنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن:ئانامنىڭ ئىشلىرى قەيەردە ئاخىرلاشسا مەن شۇ يەردىن باشلايمەن،ئانامنىڭ ئايىغىنى كىيسەممۇ، ئەمما ئۆزەمنىڭ يولىدا ماڭىمەن، بۇ دەل ئانامنىڭ ماڭا بەرمەكچى بو

    ئانامنىڭ ئايىغىنى كىيىمەن
    لىندا دالي (Linda Daly)
    \
    2007-يىلى5-ئايدا، ئانامنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكى ئاخىرقى مەزگىلگە بېرىپ قالغان دەپ دىئاگىنوز قويۇلدى. گەرچە كۆپچىلىك بۇنىڭ ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن سۆھبىتى ئۆلۈم ۋە سەكراتتىن ھالقىپ، ئانامنىڭ ئاياغلىرىغا مەركەزلەشتى.
    نانسىي دېيلىنىڭ ئاياغلىرى داڭلىق بولۇپ، خىلى كۆپ ئىدى. سانى ئىمىلدا ماركوسنىڭكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، سۈپىتىدە ئېمىلدانىڭكىدىن داڭلىق ئىدى. ئانام سۈپىتى ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغان ئىدى. لوبوتىن، قانال، پرادا، دىيور، كۇ قاتارلىقلار پەقەت ئۇنىڭ كىيىم ئىشكاپىدىكى بىر قىسىم «داڭلىق» ئاياقلار ئىدى. پەيلەر، پاشىنا، ھايۋانات تېرىسى ۋە غەلىتە تاشلار بىلەن بېزەلگەن ئىدى. ھەرخىل رەڭدىكى ۋە ئېگىزلىكتىكىلىرى بار ئىدى. شۇڭا كىشىلەر بۇ ئاياقلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈستىدا قىياس قىلىشتى، ھېچكىم بىلمىسە كېرەك،ئۇ ئاياقلار ماڭا قالىدۇ.
    بۇ ئىش ئانامنى ۋە مېنى تونۇيدىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. مەن بولسام ئۆيدىكى بىر «بېركونستوك» (گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىق ئايىقى)، تىرناقلىرىم
    مەينەت، خېنە سۈرتۈلمىگەن، پاكىزە تۇرمۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا كۆپ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۆتۈك، ياغاچ تاپانلىق ئاياغ، بارماق چىقىپ تۇرىدىغان كەشنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇنداق بولسىمۇ بەزىلەر مەندىن ئانامنىڭ ئاياغلىرىنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. مەن ئېنىق قىلىپ «كىيىم ئىشكاپىمغا سېلىپ قويىمەن» دېدىم.
    «قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟» دېدى ھەمدە مېنىڭ پاشىنىلىق ئاياغنى ياقتۇرمايدىغانلىقىمنى ئىما قىلدى.
    «تېخىمۇ نوچى ياسىناي دەيمەن.»
    كىشىلەر «ھە، ئاناڭ چوقۇم خوشال بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق مەندە يەنە ئۈمۈد بارلىقىنى ئىما قىلىشتى.
    شۇنداق، ئۇ دەل مېنىڭ ئانام. ئانام شەھىرىمىزدىكى ئۇنتۇلغان بالىلارغا ۋەكىل بولۇپ، شەھەرلىك پارلامېنت ۋە لوس ئانژىلس تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن كۈرەش قىلغاندا، چىرايلىق يېپىنچا ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاياغ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت كىيىمى بولغان ئىدى. ئانامنىڭ تۈرتكىسىدە، لوس ئانگىلس ناھىيىسى بالىلار ۋە ئائىلىلەر كومىتىتى، لوس ئانگىلس ناھىيىسى ئائىلە قوغداش پىلانى، لوس ئانگىلس بالىلار پىلان كومىتىتى قاتارلىق ئورگانلار قۇرۇلدى.
    ئانام ئىككىمىزنىڭ ئاياغلىرى ھەر بىرىمىزنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ. ئانام بولسا سىياسەتچى، مەن بولسام بىر ئادەتتىكى ئادەم. ئۇ پراگادا ئېگىز پاشىنلىق ئايىقىنى كىيىپ يۈرۈپ بېقىۋېلىنغان بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەشۋىق قىلدى...مەن  يېڭى بالانس تاققا يامىشىش ئايىقىنى كىيىۋېلىپ چاد دۆلىتىنىڭ شەرقىدىكى دارفۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بەردىم.
    نايروبىنىڭ ۋەزىيىتى ئەڭ يامانلاشقان چاغلاردىمۇ بىز نامراتلار مەھەللىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرىگە قاتناشتۇق. ئانام قاتتىق ھاياجانلانغان ئىدى، ئەمما ئايىغى يوق ئىدى. ئانام ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىلىق تەنھەرىكەت ئايىقىنىڭ باكتېرىيە قاپلىغان پاتقاقلىققا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەن ئالىدۇ. بىراق كەيپىياتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن،ئۇ تىپىك نانسي ئۇسلۇبىدا: «كېلەركى قېتىمغىچە پرادانىڭ چىرايلىق تاغقا يامىشىش ئۆتۈكى ياساپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.
    كىشىلەر مەندىن ئانامنىڭ ئايىغىنى قانداق كىيىدىغانلىقىمنى سورىغىنىدا، مېنىڭ كاللامدا پەقەت مۇمكىن ئەمەس دېگەن
    سۆز بار ئىدى. بۇ ئانامنىڭ ئۈمۈدى ئەمەس ئىدى. گەرچە مەن 4 دىيۇملۇق ئېگىز پاشىنلىق ئاياقنى كىيەلمىسەممۇ، ئانام مېنى ماختايتتى. ئانام ئۆزىنىڭ ساھاسىدە مېنىڭ ئۆزەم نىڭ قىزىقىشىنى تېپىۋېلىشىمنى ئۈمۈد قىلاتتى، ھەتتا مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلىدا رولىمنى جارى قىلدۇرۇشۇمنى ياقتۇراتتى.
    ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئانام مەن بىلەن ئىككىمىز ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ماڭا قانچىلىك مۇھىملىقى ئۈستىدە مۇنازىرلەشتى. بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىمىز بار، ھەرخىل سورۇنلاردا ئۆز ئارا تونۇشتۇرىمىز.مەن چاقچاق قىلىپ، ئەگەر مەن گىرىم قىلىپ چىرايلىق ياسانسام، مېنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىسەن دېدىم. مەن بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئەگەر كىمكى ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھازىرقى مېنىڭ بولغانلىقىم توغرىسىدا سۆز ئاچسىلا گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىۋېتىدۇ.
    پەقەت مەن ئانامنىڭ ئىشكاپىدىكى نەرسىلەرنى سىلاپ تۇرساملا، ئۇ ھەرگىز يىراقلاپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئاياغلىرى ھازىرغىچە مېنىڭ كىچىك ئىشكاپىمدا تۇرماقتا، خالىغان ۋاقىتتا كىيىۋالسام بولىدۇ. ئەگەر مەن كۈچ-قۇۋۋەتكە موھتاج بولسام بۇنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق «مانولوس» ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.ئەگەر تۇيغۇمنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرمەكچى بولسام، بوتېگايىم بار. ئەمما مەن بىر ئىشنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن:ئانامنىڭ ئىشلىرى قەيەردە ئاخىرلاشسا مەن شۇ يەردىن باشلايمەن،ئانامنىڭ ئايىغىنى كىيسەممۇ، ئەمما ئۆزەمنىڭ يولىدا ماڭىمەن، بۇ دەل ئانامنىڭ ماڭا بەرمەكچى بولغىنىدۇر.
    مەنبە: لوس ئانگلىس ۋاقىت گېزىتى تورىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. (ئوكيان تورىدىن قارلۇق تەرجىمىسى)
     
    In My Mother's Shoes
    In May 2007, my mom was diagnosed with stage-four pancreatic cancer. Even though everyone pretty much knew there wouldn’t be a happy ending, talk skipped quickly over death and dying and centered on her shoes.
    Nancy Daly’s shoes were legendary, her collection vast. Maybe not Imelda Marcos vast, but what Imelda had in quantity, my mom had in quality. Louboutin, Chanel, Prada, Dior, Choo were just some of the A-list residents of her closet—complete with feathers, sculpted heels, animal skins and fabulous stones. All colors and elevations were welcomed. So speculation was rampant as to where they would end up. Little did anyone know, those shoes were meant for me.
    This came as a shock to those who knew my mother and me. I am the Birkenstock member of the family, the one with dirty unpainted fingernails, who talks too much about the virtues of greening one’s life. Boots, clogs and flip-flops are my footwear of choice. Nevertheless, when asked after my mom’s funeral where her collection would go, I plainly answered, “Into my closet.”
    “What will you do with them?” I heard, implying my propensity for sensible shoes would negate any need for heels.
    “I suppose I’ll have to dress up more.”
    “Ooh, your mom would love that!” people said, implying there was hope for me yet.
    Yes, that was my mom. Impeccable attire and amazing shoes were her uniform of choice when she fought the city council and the L.A. County Board of Supervisors on behalf of our city’s forgotten kids. She was a driving force for establishing the L.A. County Commission for Children & Families, the L.A. County Family Preservation Program, the L.A. County Children’s Planning Council
    My mother’s and my shoes fit our philanthropic personalities. She was the policy person...I am the grass roots. She advocated for foster-children’s rights while wearing Prada heels...I went off to eastern Chad in New Balance hiking boots to help Darfur refugees.
    We were in the worst slum in Nairobi taking part in HIV prevention programs, and my mom—incredibly moved yet ill prepared footwear wise—admitted her white designer sneakers were no match for the bacteria-laden mud. But in classic Nancy style, to lighten the moment she said, “I’m sure Prada makes a nice hiking boot for next time.”
    When asked how I would fill her shoes, only one word came to mind: impossible. It’s not what my mother would have wanted. She celebrated me regardless of my inability to stand in four-inch heels. She loved that I found my own passion in her field, and she loved even more that I was involved on my terms.
    The day before she died, she and I discussed how important our relationship was to both of us. We had a mutual-admiration society, introducing each other at events. I joked that she’d love me more if I put on makeup and dressed up a bit. I knew it could not be further from the truth, since she cherished who I had become and deflected any talk that it was all because of her.
    As long as I have access to the contents of my mother’s closet, she is never far. Her shoes are now in my own much smaller closet, yet they’re available for me to slip into whenever I want. If I need strength, I know the perfect Manolos. If I want to feel more beautiful, I have the Bottegas. But I always remember where my mom ends and I begin. Wearing her shoes but walking my own path is exactly what my mother wanted to give me.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئاياغ ئاشقازان