سۈت بوتۇلكىسى بىلەن كولا بوتۇلكىسى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-05-13 18:39:58

نېمە ئۈچۈن سۈت چاسا شەكىلدىكى قاپقا، كولا بولسا سىلىندىر شەكىلدىكى بوتۇلكىغا قاچىلاپ سېتىلىدۇ؟ ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەر مەيلى ئەينەكلىك بوتۇلكىلىق بولسۇن ۋە ياكى ئاليومىن بوتۇلكىلىق بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك سىلىندىر شەكىلدە.

    سۈت بوتۇلكىسى بىلەن كولا بوتۇلكىسى
    روبېرت فىرانىك [ئامېرىكا]
    ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى
    نېمە ئۈچۈن سۈت چاسا شەكىلدىكى قاپقا، كولا بولسا سىلىندىر شەكىلدىكى بوتۇلكىغا قاچىلاپ سېتىلىدۇ؟ ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەر مەيلى ئەينەكلىك بوتۇلكىلىق بولسۇن ۋە ياكى ئاليومىن بوتۇلكىلىق بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك سىلىندىر شەكىلدە. لېكىن، سۈت قېپى ئاساسەن دېگۈدەك چاسا شەكىللىك. سىلىندىر  شەكىللىك قۇتىغا قارىغاندا چاسا شەكىللىك قاپنىڭ ئىچكى بوشلۇقىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار نېمە ئۈچۈن سىلىندىر شەكىللىك قۇتىنىلا ئىشلىتىدۇ؟
    بۇنىڭ سەۋەبى، ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەرنى بىۋاسىتە بوتۇلكا بىلەن ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ. سىلىندىر شەكىللىك قۇتىلار تۇتۇشقا ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ساقلاش جەھەتتە ئېلىپ كەلگەن ئارتۇقچە تەننەرخنى يوقىتىدۇ. ئەمما، سۈت ئۇنداق ئەمەس، نۇرغۇن كىشىلەر سۈتنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلمايدۇ.
    ناۋادا سۈتنىڭ قېپى سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بىز تېخىمۇ چوڭ توڭلاتقۇغا ئېھتىياجلىق بولىمىز.
    كۆپ سانلىق ئادەملەر سۈتنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلغان تەقدىردىمۇ، تەننەرخ ئۈنۈمىدە كۆرسىتىلىشچە، سۈتنى سىلىندىر شەكىللىك بوتۇلكىغا قاچىلاپ سېتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن. چاسا شەكىللىك قاپ (ئىچىگە نېمە قاچىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر) ھەقىقەتەن بوشلۇقنى تېجەيدۇ، سۈتنىڭ تېجىگەن بوشلۇقى ئىسپىرتسىز ئىچىملىككە قارىغاندا ئېنىقكى ناھايىتى چوڭ. تاللا بازىرىدىكى كۆپ سانلىق ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەر ئېچىۋېتىلگەن مال جازىسىغا تىزىلىدۇ، بۇنداق جازا ئەرزان يۆتكەش قولايلىق. لېكىن سۈتنى مەخسۇس توڭلاتقۇغا قويىدۇ، توڭلاتقۇ ناھايىتى قىممەت، يۆتكەش تەننەرخىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. يەنە كېلىپ توڭلاتقۇنىڭ ساقلاش بوشلۇقى چەكلىك، شۇڭا سۈتنى چاسا قاپقا قاچىلىغاندا پايدىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 4-ئاي
     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus   
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سۈت بوتۇلكا تەننەرخ