21-ئەسىردە تىلنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-21 21:59:20

21- ئەسىردە تىلنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇستېفىن ۋۇرم، لاۋرېنت ساگارتتىلنىڭ كۆپ خىللىقى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ: ھازىردىن باشلاپ 21-ئەسىرنىڭ ئاخىرغىچە نۆۋەتتە ئىستىمال قىلىنىۋاتقان تىللارنىڭ يېرىمى يو...

     

    21- ئەسىردە تىلنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ
     
    ستېفىن ۋۇرم، لاۋرېنت ساگارت
     
     
      تىلنىڭ كۆپ خىللىقى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ: ھازىردىن باشلاپ 21-ئەسىرنىڭ ئاخىرغىچە نۆۋەتتە ئىستىمال قىلىنىۋاتقان تىللارنىڭ يېرىمى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ھەتتا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق خەۋپ نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
     
      بۇ تىللارنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشىنى  چۈشىنىشىدىكى قىممىتى يوق (بەلكىم ئاجىز بولۇشىمۇ مۇمكىن) قۇرال بولغانلىقى ئۈچۈن تىل خەتەر ئىچىدە قالغان مىراس بولۇپ شەكىللىنىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئىمكانقەدەر قوغداش زۆرۈرىيىتى بولىدۇ.
     
       لاۋرېنت ساگارت (Laurent Sagart) بىلەن ستېفىن ۋۇرم (Stephen Wurm) ھازىر ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىن دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاساسلىرىنى چۈشەندۈردى. ئۇلار بۇ خىل ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، قوش تىل ياكى كۆپ تىللىق تۈزۈم تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، تىلنىڭ يوقىلىش جەريانىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ، كىشىلەرمۇ ناھايىتى تېزلا بۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان جەريان دەپ قالىدۇ، دەپ قارىدى. ھالبۇكى، مۇشۇ كۆز قاراشقا ئاساسەن شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، تەھدىتكە دۇچ كەلگەن تىلدا سۆزلەشكۈچىلەر ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆز ئانا تىلنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇلار ئانا تىلىدا سۆزلەشكەنلىكىدىن پەخىرلىنىش سالاھىيىتى نامايان قىلىدۇ.
     
         ستېفىن ۋۇرم-خەلقئارا تىلشۇناسلار دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىنسىيىگە چىققان تىلشۇناسلىق پروفېسسورى ۋە تەرەققىيات مۇدىرى، ئاۋسترالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى. ئۇ يەنە «تىنچ ئوكيان رايونى، ئاسىيا ۋە جەنۇبىي-شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ھالقىما مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تىل خەرىتىسى»، «دۇنيادىكى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تىللار خەرىتىسى» ۋە «خەتەر ئىچىدىكى تىللار» نى نەشىر قىلىشقا مەسئۇل بولغان.
     
         لاۋرېنت ساگارت- تىلشۇناس، فرانسىيە خەلقئارا پەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇدىرى، فرانسىيە ئالىي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى. ئۇ يەنە جوڭگۇ نەچچە خىل تىلنى بىلىدىغان مۇتەخەسسىس.
     
    ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان تىللارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ
     
    ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان تىل 6000 خىل بولۇپ، مۇشۇ تىللارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىمى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۈچىدىن بىر بالا ئۆز تىلىدا ئەمەس، باشقا بىر تىلدا سۆزلەشنى بەكرەك خالىغان چاغدا، شۇ بالا سۆزلەشنى خالىمىغان ئاشۇ تىل يوقىلىش خەۋپى يۇشۇرۇن تىل دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە قوشنا مىللىي تىل ئورتاق گەۋدىسى يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەشكە باشلىغاندا نىسبەتەن كىچىكرەك بولغان مىللىي تىل ئورتاق گەۋدىسى خەتەر ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن. مەلۇم  بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ يېشى 20 ياش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولسا، ئۇنداقتا ئاشۇ تىل خەتەر ئىچىدە قالغان تىل دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئاشۇ تىلدا سۆزلەشكۈچىلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز بولسا ھەم ئۇلار ياشانغان بولسا، ئۇنداقتا شۇ تىل يوقىلىش گىردابىدىكى تىل دەپ قارىلىدۇ. شۇنىسى تولىمۇ روشەنكى، ئىشلەتكۈچىسى بولمىغان تىل ئەلۋەتتە يوقالغان تىلدۇر.
     
        ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاللىقاچان يوقالدى دەپ قارالغان بەزى تىللار دۇنيانىڭ مەلۇم جايلىرىدا يەنە پەيدا بولدى. بۇنداق ئەھۋال «مەخپىي» تىل (شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ئارقىلىق بېسىلغان تىل) دا دائىم يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئاشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدى. ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرى ئاللىقاچان يوقالدى دەپ قارالغان يەتتە خىل سىبىرىيە تىلىنى ھازىر چوڭلار ۋە بالىلار ئىشلىتىۋاتىدۇ.
     
     
    بىر خىل تىلمۇ ياكى نەچچە خىل تىلمۇ
     
     
          مەلۇم تىلنىڭ يوقىلىشى ياكى بېسىلىشىنى قىسمەن ھالدا بىر خىل چوڭ تىلنى ئىشلەتكۈچى كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيىسىگە يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ. بۇ كىشىلەر ئادەتتە بىرلا خىل تىلدا سۆزلىشىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ بىرلا خىل تىلدا سۆزلىشىشنى نورمال، تەبئىي ئەھۋال دەپ قارايدۇ. بۇ كۆز قاراش پۈتۈنلەي خاتا. دۇنيادىكى تىللارنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىمىنى ئىككى خىل تىل، ئۈچ خىل ياكى كۆپ خىل تىل بىلىدىغان كىشىلەر ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنداق بولسىمۇ، ئاساسلىق تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى پەس كۆرىدۇ. چەكلىك ۋە زۆرۈرىيىتى يوق تىل دەپ قارايدۇ. كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەلۇم بىر چوڭ تىلنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
     
        بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى يېتەكچى تىل بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا قوش تىل تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتۇر. بۇنداق بولغاندا مەلۇم بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۆز تىلىدىن پەخىرلىنىش ھېس قىلىدۇ ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىكى خىل ياكى كۆپ خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىنمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ.
     
         ئىككى خىل ياكى كۆپ خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ خاتىرىسى ناھايىتى ئۆتكۈر بولىدۇ، ئەسكە ئېلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ توغرا بولىدۇ ۋە تاللاشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى ياكى كۆپ خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر يېڭى ئۇچۇر ياكى كەچۈرمىشكە دۇچ كەلگەندە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇلار يۈكسەك دەرىجىدە جانلىق بولغان مەدەنىيەت خاراكتېرى ۋە تەپەككۇر ئەندىزسىگە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇلار پەرقلەرگە تېخىمۇ كەڭ قورساق مۇئامىلىدە بولىدۇ. ئەكسىچە، بىرلا خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشىلەر ھەر قانداق بىر يېڭى شەيئىگە ھۇجۇم پوزىتسىيىسى ۋە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىن.
       پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى، يېڭى كاردونىيە، ئاۋستىرالىيدىكى يەرلىك ئاھالىلەر، فىلىپپىن، ھىندىستان، شۋېتسارىيە ۋە ئۆزبېكىستانلار قوش تىل ئالاھىدە ئومۇملاشقان رايونلاردۇر.
     
     
     
    ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش
     
     
        نۇرغۇن كىشى ھايۋانات نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھالبۇكى، مەلۇم بىر تىلنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ئۇنچە ئېتىبارغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. چۈنكى تىل- ئىنسانلارنىڭ شەكىلسىز مىراسلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم قىسمىدۇر. بىر خىل تىل ئۆزىگىلا خاس بولغان دۇنيا قاراشنىڭ ئىنكاسىدۇر. ئۇ ئەتراپىدىكى دۇنيا بىلەن ئۆز ئارا ماس كېلىدىغان مەدەنىيەتنى ئىپادە قىلىدۇ. مۇئەييەن بىر تىل يوقالغاندا، ئىنسانىيەت ئىدىيىسىنىڭ مۇھىم بىر ئامىلىمۇ مەڭگۈلۈككە يوقىلىدۇ، شۇنىڭغا قوشۇلۇپ شۇ تىلدا يارىتىلغان ئەدەبىيات ۋە ئاغزاكى ئەنئەنىۋى بايلىقلارمۇ تەڭلا يوقايدۇ.
     
      بىر تىل- بىر مىللىي كىملىكنىڭ سىمۋولىدۇر؛ مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ تىلىنى قوغدىغانلىق- شۇ ئورتاق گەۋدىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھازىرقى ئەھۋاللار كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 21- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تىللارنىڭ %90 ى يوقىلىدىكەن. لېكىن،  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.
     
        1970- يىللارنىڭ باشلىرىدا، مىللەت ۋە تىل كىملىكىدىن ئىبارەت يېڭى بىر خىل تۇيغۇ دۇنيادا تارقىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىلگىرى بۇ مەسىلىگە ناھايىتى كۈچلۈك ھۇجۇم پوزىتسىيىسى تۇتۇپ كەلگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە سىياسىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى كۈچەپ قوللايدىغان ۋە قوغدايدىغان ھالەتكە ئۆتتى. كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ خىل ئۆزگىرىش كانادادىكى ئېسكىموسلار ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەردە، شۇنداقلا ئاۋستىرالىيىدىكى يەرلىك مىللەتلەر ۋە ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى ئاينۇ (Ainu) لاردا يۈز بەردى.
     
        ئۇنىڭدىن باشقا، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ دەل ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. نەتىجىدە، ئاشۇ تىللارنى ساقلاپ قېلىش ئىشتىياقى قايتا ]پەيدا بولىدۇ-دە، تىلشۇناسلارنى ياردەمگە چاقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىلغار تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنىڭ ياردىمىدە ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئورتاق گەۋدىلىرى دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا مۇقىم بولغان قوش تىل ۋە كۆپ تىلنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشتى. 
        ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى Linguapax دەيدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر تۈرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت- بىرلا خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئىككى خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان قىلىشتۇر. بۇ تۈرنى ئالتە ياشتىن كىچىك بالىلارغا ناھايىتى ئاسانلا كېڭەيتىشكە بولىدۇ، مۇشۇ ياش باسقۇچىدا ئادەم تىلنى ناھايىتى تېز ئۆگىنىۋالالايدۇ. بۇ تۈر ھازىر ئىككى خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان، لېكىن چوڭ بولغاندىن كېيىن بىر تىلنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بالىلارنىڭ تىلىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردىمى بولىدۇ.
     
     
     
    تىل ۋە مائارىپ
     
     
        ناھايىتى چوڭ بولغان يەككە تىللىق مىللەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئىگە كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە شۇ دۆلەتتە يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان تىل مائارىپتا ئىشلىتىلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى چەتكە قېقىلىدۇ. ھالبۇكى، شۋېتسارىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە نەچچە خىل تىل ئىشلىتىلىدۇ. شۇ جايدا تېخىمۇ ئومۇملاشقان بىر خىل تىل تېخىمۇ كۆپ مايىللىققا ئېرىشىدۇ.
     
     پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى ئالاھىدە بىر مىسالنى تەمىن ئەتتى. بۇ دۆلەتتە 740 خىل تىل بار ئىكەن، بۇ تىللارنىڭ ئىچىدە بىتەرەپ ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ئورتاق تىل بار بولۇپ، ئۇ تىل ھېچكىمنىڭ ئانا تىلى ئەمەس ئىكەن. مائارىپتا ئاشۇ ئورتاق تىل بىلەن قوشۇلۇپ يەنە 30 خىل تىل قوللىنىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ 30 خىل تىل مۇشۇ دۆلەت تىلىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن. لېكىن، مائارىپ يېزىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ، شۇڭا، ئاشۇ 740 خىل تىلنىڭ ھەممىسىنى مائارىپ تۈزۈلمىسىگە ئەكىرىش ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىش بولىدۇ.
     
    تىلشۇناسلار ئىلگىرى خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارغا ئانچە قىزىقمايتتى. بۇنداق پەرۋاسىزلىق ئالاھىدە بولغان، ۋاقتى ئۆتكەن بىر تىلشۇناسلىق نەزەرىيىسى سەۋەبىدىن بولغان. ئۇ بولسىمۇ تىلنى ئاقىل كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىدىغان بىر مەھسۇلى دەپ قاراش. نەتىجىدە، بۇ نەزەرىيە ھەر بىر خىل تىلنى چۇڭقۇر قاتلاملىق ئوخشاش قۇرۇلمىغا ئىگە بولىدۇ دەپ قىياس قىلدى. بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نەزەرىيىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەن. بىز ھازىر شۇنى بىلدۇقكى، ھەر قانداق بىر تىل باشقا تىلغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدىكەن.
     
     
     
    تىلنى تەتقىق قىلىش ۋە قوغداش
     
     
        بۇ-تىلشۇناسلاردا يېڭىچە قىزغىنلىق پەيدا قىلدى. نۇرغۇن تەشكىلاتلارغا ئىلھام بولدى. مىسالەن، ب د ت پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئاز سانلىق مىللەت تىل تەتقىقاتىنى قوللىدى. ب د ت پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى مەبلەغ چىقىرىپ، قىممىتى يوق خام ماتېرىياللارنى قەرەللىك تۈرىدە يېڭىلاپ نەشىر قىلىشقا ياردەم قىلدى. نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، بەزى تىللارنى سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ چىقىش تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولدى. بۇ تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە كىشىلەردە ئۆز تىلىغا نىسبەتەن يېڭىچە چۇڭقۇر قاراشلار پەيدا بولۇپ، بۇنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارنى قوغداشنىڭ قىممەتلىك قورالى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بىر تىل ئاللىبۇرۇن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ تىلنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتا ئۈمىد قالمايدۇ. لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن تىلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قىزىقىپ قېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ياپونىيىدە ئاينۇ تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغانلار سەككىز كىشىدىن كۆپىيىپ 500 گە يەتكەن.
     
       شۇ ۋەجىدىن، بىر تىلنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا بولغان ئاكتىپلىق سۇسلاپلا قالمايدىكەن، خەتەر ئىچىدە قالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ. ب د ت پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ مەبلەغ ياردىمى تۈرىنى ئۈزۈپ قويماسلىقى كېرەك. شۇنىسى تولىمۇ ئېنىقكى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار ناھايىتى تېزلا يوقىلىدۇ. لېكىن بىز تىل مىراسلىرىمىزنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈمۈدىمىزدىن يەنىلا ئالدىراپ ۋاز كەچمەيمىز. بىز ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تىلنىڭ %90 ىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە قاراپ ئولتۇرماستىن، ھېچبولمىغاندىمۇ %30 ~%25 ىنى بولسىمۇ قوغداپ قېلىشىمىز ھەم بۇنى %60 كە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.
     
     
     
    تىل: قوغداشقا تېگىشلىك مىراس
                             
    داۋاملىق يوقىلىۋاتقان تىللارنىڭ سانى
     
       21- ئەسىر كىرگەندىن بۇيان نوپۇس ئۇچقاندەك ئاشتى، لېكىن ئىنسانلار ئىشلىتىۋاتقان تىلنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئازلاپ كەتتى. مۆلچەرلىنىشچە، ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان تىلنىڭ سانى 5000 دىن 6700 گىچە ئىكەن، 2010- يىلغا بارغاندا ئاشۇ تىللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يوقىلىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ھېلىمۇ نەچچە ئەسىر داۋام قىلدى، بەلكى 21- ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
     بۇ جەريان مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، ئاز بىر قىسىم تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى ئاۋۇپ، بۇ تىللار ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت زامانىۋىلىقىنىڭ كۈچىگە ئايلىنىدۇ. يەنە بىرى، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن تىل يوقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى زامانىۋى دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. شۇنىڭدەك، شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەت تۈركۈمىمۇ نەسلى قۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. مەسىلەن، جەنۇبى ئافرىقا ۋە ئاۋىسترالىيىدە شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن.
     
    بىر تىلنىڭ يوقىلىشى ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ
     
     
       بىر تىل يوقالسا، ئۇنى مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تىللارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ يوقىلىشىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئاقىۋىتى ناھايىتى زور بولىدۇ.
       تىلنىڭ يوقىلىشىنىڭ بىرىنچى ئاقىۋىتى-مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ئازلاپ كېتىدۇ. ھەر قانداق بىر تىلدا ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراش بولىدۇ. بۇ، شۇ تىلنىڭ يازما ۋە ئاغزاكى ئەدەبىياتىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن تىللارنىڭ كۆپىنچىسى ئاغزاكى تىل بولغاچقا، ئاشۇ تىللارنىڭ يوقىلىشى مۇناسىپ دەرىجىدە ئاغزاكى ئەدەبىيات ۋە شۇ تىل ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا قاراشنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     
       تىلنىڭ يوقىلىشنىڭ ئىككىنچى ئاقىۋىتى- زور مىقداردىكى ئىلىم-پەن ئۇچۇرلىرى تەلتۆكۈس يوقاپ كېتىدۇ. بۇ جەھەتتە بىز شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، بىر تىلدا ئىنسانىيەتنىڭ يېزىقسىز تارىخىي ئارخىپلىرىنىڭ زور بىر قىسىمى ساقلانغان بولىدۇ. شۇ تىلنىڭ لېكسىيىسى، مورفولوگىيىسى ۋە سىنتاكسىسى ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى، مەدەنىيەت تارىخى، شۇنداقلا باشقا تىللار بىلەن ئۆز ئارا تەسىر قىلىشقان ئىزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئاشۇ ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. لېكىن، ئاشۇ تىل ئۇچۇرلىرى ئارخېئولوگىيە ۋە گېن بىلەن قوشۇلۇپ، تۈرلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ماتېرىيال كەمچىل بولغان كېلىش مەنبەلىرىنى كۆزىتىشىمىزگە ئاساس بولىدۇ. شۇڭا بىز تىلنىڭ يوقىلىشى تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان ئۈزۈكچىلىككە يول قويماسلىقىمىز كېرەك.
     
     
     
    تىل نېمە ئۈچۈن يوقىلىدۇ ۋە قانداق يوقىلىدۇ؟
     
     
        ئادەتتە، ئىقتسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى پەرقلىق بولغان ئىككى مىللەتنىڭ تىلى ئۆز ئارا ئۇچراشقاندا، بىر مىللەتنىڭ تىلى تەدرىجى يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ. ئىقتسادىي ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بىر ئورتاق گەۋدە ئىچىدە ئىقتىسادى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان ئورتاق گەۋدىنىڭ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەر تەبىئىيلا ئەۋزەلىككە ئىگە بولىدۇ. ئىككى خىل تىلنى بىلىش ئۇلارنى ئىقتىسادى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان يەنە بىر تەرەپتىن پايدىغا، يەنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائاش ھەمدە تاۋار ۋە مۇلازىمەتكە ئېرىشىش يوللىرىغا ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز تىلىنى قارشى تەرەپنىڭ تىلىدىن تۆۋەن تۇرىدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئۆز تىلىغا سەل قارايدۇ؛ ئۆز تىلىنى قايرىپ قويۇپ، قارشى تەرەپنىڭ تىلىدا بەكرەك سۆزلەيدىغان بولىدۇ، بالىلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. مانا بۇ - فرانسىيىدىكى دىئالېكىتلارنىڭ، سابىق-سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تەيۋەن رايونى، ئاۋسترالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنىڭ نېمە ئۈچۈن يوقالغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.
     
       تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىگەن بىر تىل نىسبەتەن ئىلغارراق بولغان ئەدەبىيات ئەنئەنىسى ۋە ماددىي مەدەنىيەتنى ياكى كۈچلۈك بىر دىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، تىلنىڭ يوقىلىش خەۋپى تېخىمۇ زور بولىدۇ. شۇ تاپتا كاللامدا ھەر خىل خرىستىئان دىنى مىسسىيۇنېرلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونى ۋە جەنۇبى، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئەكس ئېتىۋاتىدۇ. دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ «ئىنجىل» نى شۇ يەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىشتەك ھەرىكەتلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئېتىقادىنى گۇمران قىلىدۇ-دە، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تىلغا نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئوينايدۇ.
     
     
     
    تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
     
     
        كەلگۈسىگە بىر نېمە دېمەك قىيىن بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى ئامىللار تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى-تىلنى پارچىلاپ دىئالېكىتقا ئايلاندۇرۇش يۈزلىنىشى بولۇپ، ئاشۇ دىئالېكىتلار تەرەققىي قىلىپ يەنە تىلغا ئايلىنىدۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر يۈزلىنىش بولۇپ، بۇ ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلدۇر. ھازىر بۇ خىل ھادىسە ناھايىتى روشەن بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئىنگىلىز تىلى كەلگۈسىدە بىر نەچچە تۇغۇندى تىلغا پارچىلىنىپ كېتىدۇ (بەزى تۇغۇندى ئىنگىلىز تىلىنى بەلكىم ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ ئۆزىمۇ چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن). بۇنداق يۈزلىنىشنىڭ ئىپادىسىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇۋاتىدۇ. ئەممە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇزغۇنچىلىق ئۈنۈمىنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ. مانا بۇ دەل تىلنىڭ ئىجاد قىلىنىشى  ۋە يوقىلىشىنىڭ پايدا-زىيان جەدۋىلىدە نېمە ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ناھايىتى زور دەرىجىدە مەنپىي قىممەت كۆرۈلۈۋاتقانلىقى، شۇنداقلا كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە داۋاملىق شۇنداق بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ تۇغۇندى تىللار پەقەت ئالاھىدە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي شارائىتتىلا پەيدا بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.
     
       بىز ئەڭ كۆپ خەتەرگە ئۇچرايدىغان تىللار ئىچىدىن بۇزغۇنچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرالايدىغان تىللارنى ئايرىپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇنداق تىلنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ. خەتەرگە ئۇچرىغان مەلۇم بىر تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى قانچە ئاز بولسا، شۇ تىلنى قوغداش خىزمىتىدە زور قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ. دۇنيادا %52 تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى بىر تۈمەنگىمۇ يەتمەيدۇ.
     يەنە بىر تەرەپتىن، باشقا ئامىللارمۇ تىلنى قوغداپ قالالايدۇ. يېزىقى ۋە يېزىقچە ئەنئەنىسى بولغان، مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈشتە قوللىنىۋاتقان تىللار ئاسان يوقىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئاممىۋى مەمۇرىيەت، ئەدلىيە سىستېمىسى ۋە ئارمىيىدە ئىشلىتىلىدىغان تىللار (مەملىكەت خاراكتېرلىك تىللارنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاش) مۇ ئاسان يوقالمايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، بىر تىل شۇ تىلنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن كۈچلۈك مىللىي كىملىك سىمۋولىنى تىكلىگەن چاغدا ئاسان يوقالمايدۇ.
     
     
     
    خەتەر ئىچىدىكى تىل-رايون خاراكتېرلىك كارتىنا
     
     
        ئافرىقىدا 700 ~ 2000 خىلغىچە تىل بار. بۇنىڭ ئىچىدە 150 ~ 200 خلغىچە تىل خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. نېگېرىيە، تانزانىيە ۋە كېنىيە تىلنىڭ يوقىلىش خەۋىپى ئەڭ زور دۆلەتلەردۇر. ئافرىقىدىكى ئەبجەش تىل (linguae francae) دا ھازىر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، 21- ئەسىردە يېتەكچى ئورۇنغا ئىگە رايون خاراكتېرلىك تىلغا ئايلىنىدۇ.
     
       470 ~ 500 خلغىچە تىل بار جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە %30 تىن %50 كىچە تىل يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ (برازىليە تىلىنىڭ يوقىلىش تەھدىتىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان دۆلەت بولۇشى مۇمكىن). ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى، مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى يەرلىك تىللار ئۇچرايدىغان خەتەر ئەڭ چوڭ بولۇشى مۇمكىن.
     
       ئامېرىكا ۋە كانادادىكى بارلىق يەرلىك تىللار، يەنى 200 خىل ئۆپچۆرىسىدىكى تىل نوپۇسى سەۋەبىدىن بىۋاستە ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئىننۇئىت (lnuit، ئېسكىموس) تىلى ۋە ناۋايو تىلى (Navajo) مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندىمۇ ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالغا بىر نېمە دېمەك تەس.
     
       ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ۋە جۇڭگودا يەنە 1000 خىلدىن ئارتۇق تىل ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، لېكىن خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شەرقىي شىمالى ئاسىيادا يەنە 47 خىل تىل بار بولسىمۇ، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا موڭغۇل تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەقەت تۆتلا خىل تىل ساقلىنىپ قالىدۇ.
     
       ياۋروپادا جەمئىي 123 خىل تىل بار، بۇنىڭ ئىچىدە گار تىلى، برېتان تىلى، باسك تىلى، كرۇدىيە تىلى ۋە گرېك تىلىنىڭ بەزى ۋارىيانتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 72 خىل تىل تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.
    تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەھۋال كىشىنى تولىمۇ پەرىشان قىلىدۇ. 150 يىلنىڭ ئالدىدا بۇ رايوندا تەخمىنەن 1830 خىل تىل بار ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاۋستىرالىيىدىكى 150 خىل تىل يوقاپ كەتتى. شۇنداق بولسىمۇ، تىنچ ئوكيان رايونى يەنىلا تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون بولۇپ كەلمەكتە. يېڭى گىۋىنىيەدىن ئىبارەت بىر دۆلەتتىلا 960 خىل تىل بار بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تىللارنىڭ 7دىن 1 پىرسەنتىدىن 6 دىن 1 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ھالبۇكى، تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ نوپۇسى بەك شالاڭ. ھەر بىر خىل تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى باشقا تىللارنىڭكىدىن ئاز بولسا، تىلنىڭ يوقىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ زور بولىدۇ، بولۇپمۇ شەرقىي قىسىم (مىكرونېزىيە، مىلانىزىيە، پولىنىزىيە، كىنىيە ۋە ئاۋسترالىيە) ۋە غەربىي قىسىمدا، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا شۇنداق بولىدۇ.
     
     
     
    نېمە قىلىش كېرەك
     
     
       بىر تىلنىڭ يوقىلىشى كۆپىنچە ھاللاردا شۇ تىلنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قەستەن تاللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىقتىساد نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل تاللاش ئەقلىي بولغان بولىدۇ، ھېچبولمىغاندا قىسا مۇددەت بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ لېكىن، ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ ناھايىتى ئەيىب ئىشتۇر. بۇ، سىياسىي ساھە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، ئەقلىي ۋە تۆۋەن تەننەرخلىق سىياسەت قوللىنىش كېرەكلىكىنى، كىشىلەرنى ئانا تىلدا سۆزلىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق بىر تىلنىڭ ھۆرمەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، يەنى قوش تىللىق تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى تەكىتلەيدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا تىلنىڭ يوقىلىش قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، ساقلانغىلى بولمايدىغان بەزى ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن.
     
        بەزى ئەھۋاللاردا، خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدۇ. جەنۇبىي شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى، ياۋرۇپا قىتئەسى ۋە تىنچ ئوكيان رايۇنلىرىدا بەزى تەكلىپلەر ماقۇل كۆرۈلۈپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، بولۇپمۇ خەتەر ئىچىدە قالغان بىر تىل شۇ تىلنىڭ ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر كۈچلۈك كىملىك سىمۋولىغا ئايلانغاندا شۇنداق بولىدۇ. مۇشۇنداق تەكلىپلەر ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك، لېكىن شۇنداق تەكلىپلەرنى شۇ تىلنىڭ ئىگىلىرى بېرىشى كېرەك.شۇ تىلنىڭ شۇ تىلنىڭ ئىگىلىرىسىز ھېچ ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ. لېكىن بىزدە خاتا تۇيغۇ بولۇپ قالماسلىقى كېرەككى، بىر تىلنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى چەكلىك بولىدۇ، تىلنىڭ يوقىلىش ھادىسىسى قانداقلا بولمىسۇن ناھايىتى زور كۆلەمدە يۈز بېرىدۇ.
     
       بۇنداق ئەھۋالدا، خەلقئارا جەمئىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، تىلنى قوغداشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەت ۋە تىللارنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە قوغداپ قېلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار پۈتۈن ئىمكانىيەتنى ئىشقا سېلىپ، تىل، لېكسىكا ۋە ئاغزاكى ئەنئەنىلەرنى خاتىرىلىۋېلىشى كېرەك. خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارنىڭ سانى ناھايىتى جىق بولغان جايلار (يېڭى گىۋىنىيە، برازىلىيە ۋە يېڭى كاردونىيە) دا ئۆز يېرىگە مۇناسىپ ھالدا تىلشۇناسلارنى مەخسۇس پىلانلىق يېتىشتۈرىدىغان ئاپپاراتلارنى قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. تىنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى  بەك تېز بولۇپ كەتسە، تىنى ئۇنىۋېرسال تەسۋىرلەشكە ئۈلگۈرگىلى بولمايدۇ، بۇنداق چاغدا ئۈنگە ئېلىش ۋە مۇناسىپ تەرجىمىسىنى قوشۇپ قويۇشقىمۇ بولىدۇ. سىپىرلاشتۇرۇش شەكلىدە ئۈنگە ئالغاندا ئاۋازنىڭ ئەسلى سۈپىتىنى ساقلاپ قالغىلى ۋە ئۇنى نەچچە يۈز يىل كېيىنكى تىلشۇناسلارنىڭ «روستا ئابىدىسى» (Rosetta Stone) گە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
     
        مەن ئاخىرىدا كىشىنىڭ خېلى روھىنى كۆتۈرىدىغان بىر چۈشەنچىنى بېرىپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ. بىز تىل سانىنىڭ ئازىيىشىنى نوقۇل سەلبىيلىك دەپ قارىساقمۇ بولمايدۇ. 21- ئەسىردە ئىشلىتىلىۋاتقان تىللارنىڭ سانى ئازايغىنى بىلەن ئادەم سانى كۆپىيىدۇ. يېزىقى يوق تىللارنىڭ سانىمۇ ئازلايدۇ. نەتىجىدە، ساۋاتلىقلار سانىنىڭ نىسبىتىنىڭ ئېشىشى مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەدەبىيات ۋە ئىلىم پەن ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىپ، تەرجىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تىلنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھالقىما مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بىز مۇشۇ قىممەتلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ تىنچلىق بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
     
    تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات
     
     مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.