[بوزقىر]ماۋدۇن ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىۋالارمىدى؟

يوللىغۇچى : bozqir يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-15 08:36:29

ماۋدۇن ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىۋالارمىدى؟جاڭ يەن « 8-نۆۋەتلەك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى ئالدىنقى كۈنى 1-قېتىملىق بېلەت نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.ئېرىشكەن بېلەت سان...



      ماۋدۇن ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىۋالارمىدى؟

     

    جاڭ يەن

     

      « 8-نۆۋەتلەك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى ئالدىنقى كۈنى 1-قېتىملىق بېلەت نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.ئېرىشكەن بېلەت سانى ئەڭ كۆپ ئالدىنقى 10يازغۇچى ئىچىدە 8 نەپەر ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىس،مۇئاۋېن رەئىسلىرى بار ئىكەن» (شىنمېن تورىنىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋىرى).

          ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇلتۇرقى لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا بەش ئادەم ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئۈچى ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى(بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى باش مۇھەررىر ،مۇئاۋېن باش مۇھەررىرلەر) ،بىرسى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتېنىڭ باشلىقى،يەنە بىرسى پارتىيە خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان ئەمەلدار (چې يەنگاۋ) ئىدى. بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەر نۆۋەتلىك مۇكاپات ساھىبلىرى ئارىسىدىكى ئەمەلدارلار، ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ رەئىسلىرىنى سىتاتىسكا قىلىپ باققانىدى.

          بۇ قېتىمقى ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ 1-قېتىملىق بېلەت نەتىجىسىمۇ يەنە شۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىس، مۇئاۋېن رەئىسلىرىنىڭ كاتتا مۇكاپات ساھىبلىرىغا ئايلىنىش ۋەزىيىتىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. سالاھىيەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە توسالغۇ بولالمايدىغانلىقى راسىت، ئەمما مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئەمەلدارلاردىن تەركىپ تېپىپ قالسا ئەدەبىياتنىڭ ئۆلچىمىدىن مەسىلە كۆرىلىشى مۇمكىن.

        بۇنداق شۈبھىلىنىشلەر ئەلبەتتە تۇنجى قېتىم پەيدابولغان ئەمەس ، شۇنداقلا ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېلەنلا چەكلەنگەنمۇ ئەمەس. لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى « تۇلپار مۇكاپاتى»قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك كاتتا ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىدىمۇ شۇنداق ئەھۋاللار سادىر بولغان.

          يەنە كېلىپ بۇ پەقەت ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى ساھەسىدىكىلا ئىش ئەمەس. ئادىمىيەت-پەلەسەپە-ئىجتىمائىي پەن، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى باھالاپ بېكىتىش،تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلىشتىمۇ مۇشۇنداق شۈبھىلىنىشلەردىن خالىي بولالىغان ئەمەس.ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ئاكادېمىكلار نامزاتىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندا نۇرغۇن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى ئوخشاش بولۇپ ، ئۇ ئوخشاش  باش قېتىنچىلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ھوقۇقنىڭ ئۆز دائىرىسىدىن ھالقىپ،« ئەمەلدارلارنىڭ ئىلىم ساھەسىنى باشقۇرىشى»دەك بىنورماللىققا كېڭىيىشى نەتىجىسىدە چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىلا مۇكاپات باھالاشنىڭ ئامىلىغا ئايلىنىپ قالغان.

        مەن شۇنداق ئويلىنىپ قالدىم، ماۋدۇن ئەپەندى 1949-يىلىدىن كېيىن مەدەنىيەت مىنىستىرى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەم مەملىكەتلىك سېياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى بولغانىدى. ئۇنىڭ ئەمەل تاجىسىنى كىچىك دېگىلى بولمىسىمۇ ئەمما، ئۇ ئىلگىرىكىدەك نادىر ئەسەرلەرنى قايتا يېزىپ چىقالمىدى. ماۋدۇن ئەپەندى ھەر ھالدا ئۆزىنى بىلىدىغانلاردىن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ، ئۇ بۈگۈنگىچە ياشىغان بولسا ئەشۇ كاتتا ئىمتىيازلىرى بېلەن مۇشۇ مۇكاپاتنىڭ ساھىبىغا ئايلىنۋالار بولغىيمىدى؟

     

    مەنبەسى: «گۇاڭجۇ گېزىتى»

    «شىنخۇا تورى»دىن بوزقىر تەرجىمە قىلىندى

     

    http://news.xinhuanet.com/xhfk/2011-08/11/c_121846266.htm

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.