ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-11 19:16:00

تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلاردىن گۇجىيەننىڭ ئاچچىقى بەك يامان ، ئالدىراڭغۇ ئادەم ئىكەن . بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۇ قارشى تەرەپتىن يېڭىلىپ قاپتۇ . ئۇ كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق يېڭىلىپ قېلىشىدىكى ئاساس...

    تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلاردىن گۇجىيەننىڭ ئاچچىقى بەك يامان ، ئالدىراڭغۇ ئادەم ئىكەن . بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۇ قارشى تەرەپتىن يېڭىلىپ قاپتۇ . ئۇ كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق يېڭىلىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئاچچىقنىڭ يامانلىقى ۋە ئالدىراڭغۇلۇقىدىن بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ ، ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ، ھايۋانلارنىڭ ئۆت خالتىسنى پادىشاھلىق تەخىتنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا قويۇپ قويۇپ ، كۈندە ئۇنىڭغا پات - پات قاراپ ، ئاز - ئازدىن تېتىپ ، مىجەزىنى تەڭشەپ ، ئېغىر -بېسقىلىق بىلەن پىلان تۈزۈپ ، ئاخىرى دۈشمەننى يېڭىپ غەلبە قىلىپتۇ .

    بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئىنسان ئۈچۈن بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا ئالدىراڭغۇلۇقتىن ساقلىنىش ، ئېغىر - بېسقىلىق بىلەن يىراققا نەزەر سېلىش ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۆز پىسخكىسىنى تەڭشەش ، ساۋاقنى قۇبۇل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم .

    مەنبە : مائارىپ ژورنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق