ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىش(غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-28 12:32:52

قىرتاق ھىكمەتلەر دۇڭ باۋگاڭ(غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى) ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىش ۋانگوك رەسسام بولۇشتىن ئىلگىرى بىر كان رايونىغا بېرىپ باستېر بولغانىكەن. بىر قېتىم ئۇ خاڭچىلار بىلەن بىللە قۇ...

    قىرتاق ھىكمەتلەر
    دۇڭ باۋگاڭ
    (غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى)

    ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىش

            ۋانگوك رەسسام بولۇشتىن ئىلگىرى بىر كان رايونىغا بېرىپ باستېر بولغانىكەن. بىر قېتىم ئۇ خاڭچىلار بىلەن بىللە قۇدۇققا چۈشۈپتۇ، لىفىتتا ئۇنى قاتتىق قورقۇنچ بېسىپتۇ، تىترەپ تۇرغان زەنجىرلەر غىچىرلاپ  تۇرغۇدەك، ساندۇقنىڭ تاختايلىرى ئۇياندىن - بۇيانغا لەپەڭشىپ تۇرغۇدەك، ھەممە كىشى ئۈن - تىن چىقارماستىن بۇ ماشىنىنىڭ ئۆزلىرىنى تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر قاراڭغۇ ئازگالغا ئەكىرىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ ئولتۇرغۇدەك، ئەمما ۋانگوك بىر پېشقەدەم خاڭچىنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىغەم ئولتۇرغانلىقىغا دىققەت قىپتۇ. كېيىن ئۇ بۇ پېشقەدەم ئىشچىدىن:
       - سىز ئادەتلىنىپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ دەپ ئاستاغىنە سوراپتۇ. ئەمما نەچچە ئون يىل لىفىتتا ئولتۇرغان بۇ كونا ئىشچى:
        -ياق، مەن مەڭگۈ ئادەتلىنەلمەيمەن، مەڭگۈ قورقىمەن، مېنىڭ ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىۋالغانلا يېرىم بار، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
       ۋانگوك پېشقەدەم ئىشچىنىڭ سۆزىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپتۇ، كېيىنكى رەسىم سىزىش ھاياتىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن يۇقىرى قاتلام نام - مەنپەئەت سورۇنىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ، ئوڭۇشسىزلىق، مەغلۇبىيەت، سوغۇق مۇئامىلە، خىجالەتچىلىك ۋە كېسەللىك قاتارلىق مۈشكۈلاتلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ، قېتىرقىنىپ ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، مەشھۇر ئىمپېرىسسىئونىزم ئۇستازى بولۇپ قاپتۇ.
       ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش  ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، بىمالال تۇتۇش، ئالدىراشچىلىق ئىچىدە كۈتۈشنى ئۆگىنىۋالىدىغان، كۈتۈش ئىچىدە پۇرسەت ئىزدەيدىغان يېتىلىشتۇر.

     

    ياشلار بىلەن ياشانغانلار

        تەقى  - تۇرقى ناھايىتى كېلىشكەن ۋە تالانتى كامالەتكە يەتكەن بىر يىگىت بار ئىكەن، بېشىدىن  كۆپ ئىسسىق  - سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن قېرىلارنى ھەمىشە كۆزگە ئىلمايدىكەن.
       بىر كۈنى بۇ يىگىت ئاتىسى بىلەن بىللە باغچىنى ئايلىنىپتۇ، ئۇ بىر تال گۈلنى ئۈزۈۋېلىپ:
         ئاتا، بىز ياشلار مۇشۇ گۈلگە ئوخشايمىز، ھاياتىي كۈچىمىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. سىلەر ياشانغانلارنى قانداقمۇ بىز ياشلارغا سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ دەپتۇ.
    ئاتىسى بۇفتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا بىر بولاق ياڭاق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن بىرنى ئالىقىنىغا قويۇپ مۇنداق دەپتۇ:
        بالام، ئوخشىتىشىڭ جايىدا بولدى، سەن گۈل بولساڭ، مەن مۇشۇ قۇرۇق مېۋە، لېكىن ئەمەلىيەت كىشىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، گۈل ھاياتىنى  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەرگىلىرىدە نامايان قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، ئەمما مېۋە ھاياتىنى چوڭقۇر يوشۇرۇۋالىدىغان ئۇرۇقىدا قاتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ!
    يىگىت يەنىلا قايىل بولماپتۇ:
     گۈلى بولمىسا مېۋىسى نەدىن كېلىدۇ؟
    ئاتىسى قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ:
        شۇنداق، بارلىق مېۋىلەر گۈل ئىدى، ئەمما گۈللەرنىڭ ھەممىسى مېۋە بولالمايدۇ!

     

    قەپەس

       بىر دانىشمەن بىر باستېر بىلەن ئۇنىڭغا بىر قەپەس بەرسە ھەمدە بۇنى ئۇنىڭ ئۆيىدە ئېسىپ قويسا، ئۇنىڭ جەزمەن بىر قۇش سېتىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆتۈشۈپتۇ.
       باستېر بۇنىڭغا ئىشەنمەي، ئۆتۈشۈشكە ماقۇل بوپتۇ، شۇڭا دانىشمەن ئىنتايىن چىرايلىق بىر قەپەس سېتىۋېلىپ باستېرغا بېرىپتۇ، باستېر قەپەسنى ياتىقىغا ئېسىپ قويۇپتۇ.
    نەتىجىدە بىرەرسى باستېرنىڭ ئۆيىگە كىرسىلا:
     قۇشىڭىز قاچان ئۆلۈپ قالدى؟ دەپ سورايدىغان بوپتۇ.
     مېنىڭ ئەزەلدىن قۇشۇم بولغان ئەمەس.
     ئۇنداق بولسا قەپەسنى نېمە قىلىسىز؟
    باستېر كېيىنچىرەك: «قۇشتىن بىرنى سېتىۋېلىش نېمىشقا قەپىسىملا بولۇپ، قۇشۇم يوقلۇقىنى چۈشەندۈرگىنىمدىن جىق ئاسان ئىكەن، قارىغاندا راستتىنلا بىر قۇش سېتىۋالسام بولغۇدەك» دەپتۇ.
    كىشىلەر ھەمىشە ئالدى بىلەن كاللىسىغا ئەنە شۇنداق قەپەس ئېسىۋالىدۇ، ئاخىرىدا قەپەسكە قانداقتۇر بىرنېمىلەرنى قاچىلىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.