ئاتا ـ ئانىلار سەمىگە

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-03 18:31:12

جۇڭگولۇق ئاتا ـ ئانىلار سەمىگە 1. «بالام مەكتەپ تەۋسىيە قىلىۋاتقان تەكرارلاش ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ ئۆگەنسە مەدەنىيەت ساپاسى ئۆسۈپ قالىدۇ» دەپ ئويلامسىز؟ بىراق، بىلىڭكى، ئۇ ماتېرىياللارنىڭ كۆ...

     

    جۇڭگولۇق ئاتا ـ ئانىلار سەمىگە


    1. «بالام مەكتەپ تەۋسىيە قىلىۋاتقان تەكرارلاش ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ ئۆگەنسە مەدەنىيەت ساپاسى ئۆسۈپ قالىدۇ» دەپ ئويلامسىز؟ بىراق، بىلىڭكى، ئۇ ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسى قولنىڭ ئۇچىدا ئۇرۇپ ـ سوقۇپ تۈزۈپ قويغان كىتابلار. شۇڭا، ئۇنى ھەتتا ئاشۇ نەشرىياتنىڭ مۇھەررىرلىرىمۇ بالىلىرىغا ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدۇ.
       2. دەرسلىك كىتابلاردا سەرخىل مەزمۇنلار ئاز، بىمەنە نەرسىلەر جىق.
     3. بالىڭىز «تىل ـ ئەدەبىيات» دەرىسىدە ياخشى بولسا، ھەر ھالدا بۇنىڭغا سەل قارىماڭ، قارىغاندا بالىڭىزدا ئەڭ بولمىغاندا سەر خىل يازغۇچى بولالمىغۇدەك.
      4. بالىڭىزنىڭ «ماتېماتىكا» ، «فىزىكا» ، «خىمىيە» دەرسلىرىدىكى نەتىجىسى ياخشى بولسا، بۇ ئەلۋەتتە پەخىرلەنگۈدەك ئىش. ئەممام بالىڭىزنىڭ ئۆگەنگەن ئاشۇ نەرسىلەرنى چوڭ بولغاندا ئاساسەن ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
    5. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھە دېسىلا بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋېلىۋاتىدۇ، ئۆلۈۋېلىشتىن بۇرۇن «ۋەسىيەتنامە» يېزىپ قالدۇرۇپ قويغۇدەك ساپا يوقمۇ؟
    6. سىياسىيەت ، ئىدىيە ـ ئەخلاق، پەلسەپە ئوقۇشلۇقلىرىنى تۈزۈۋاتقانلارنىڭ ئىدىيەسى گادىر ماچمىكىن دەيمەن, نىمە ئۈچۈن دەرسلىكنى ماركىس پەلسەپىسىدىن بۇرۇن دۇنيادا پەلسەپە بولمىغاندەك ۋە ياكى ماركىستىن كېيىن دۇنيادا پەيلاسوپ ئۆتمىگەندەك يېزىشىدۇ؟
    7. ئەسلىدە بالىڭىزغا ھەر كۈنى كىشىلىك قاراش ۋە قىممەت قارىشىدىن تەلىم بېرىۋاتقانلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارشىدىن تەلىم بېرىۋاتقانلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارشى ۋە قىممەت قارشى دۇرۇس ئەمەس.
    8. بالام ئالىي مەكتەپكە كىردى دەپ ئالدىراپ خۇش بوپكەتمەڭ، ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى كۈنلىرى ئاساسەن دېگۈدەك مۇھەببەتلىشىش بىلەن ئۆتىدۇ. يامان يېرى: ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كۈنى دەل ئىشسىزلار توپىغا قوشۇلغان كۈنىدۇر.
    9. بالىڭىزغا ھەقىقىي بىلىم ۋە قابىلىيەت ئۆگىتىدىغىنى يەنىلا جەمئىيەت.
    10. سىلەر ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھوقۇقدارلىرى ئىچىدە مەسئۇلىيەتچان بىلىم ئېگىلىرى، ئىستېداتلىق باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى ئاز، بىلىمسىز ـ سامان قورساق بيۇروكراتلار كۆپ.
    11. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئاينىپ كەتكەن بىنورمال مۇئەللىملەر تولا؛ ئۇلار «ئىشقا ئورۇنلىشىش» ئۈچۈن مۇئەللىم بولغانلار ھەرگىز مۇئەللىم بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، خەتەرلىك يېرى ئۇلار بالىڭىزغا ھەتتا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
    12. كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ مەكتەپ قۇرۇشى ھەرگىزمۇ بالىڭىز ئۈچۈن ئەمەس، دۆلەت ئۈچۈن ئەمەس، جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئەمەس، پەقەت پۇل تېپىش ئۈچۈنلا.
    13. مائارىپىمىزدا كىشىلىك ھايات ۋە ئىنسانىي سۆيگۈگە ئالاقىدار مەزمۇنلار ئىنتايىن ئاز. بار دېگەندىمۇ تەشۋىقاتتىكىسى بىر خىل، ئەمەلدىكىسى باشقىچە، شۇڭا بالىڭىز ئەتە ـ ئۆگۈن پۇل دېسە دۈم چۈشىدىغان مەككار ـ نەپسانىيەتچى بولۇپ چىقسا، ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپمۇ كەتمەڭ.
    14. ئانا تىل ئۆگىنىش چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەندىمۇ مۇھىم ئىدى. ئەپسۇس، بالىلىرىمىز ئىنگلىزچىنى جېنىنى تىكىپ قويۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىشكەمەجبۇر بولۇۋاتىدۇيۇ 12يىل !!!  ئوقۇپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە بىر پارچە ئىلتىماسنى ئۆز تىلىدا قاملاشتۇرۇپ يازالمايدۇ...
    15. «ۋاجرا سۇترا»، «توينىزم قەسىدىلىرى» ئەسلىدە جۇڭگولۇقلار ئۆگەنمىسە بولمايدىغان كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئىدى. ئەمما، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، ئۇ ئەسەرلەرنى بىر ئۆمۈر قولىغا ئېلىپمۇ باقمايدۇ.
    16.بالىڭىزنىڭ تۇيۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنگلىز تىلى دەرىسىدىكى نەتىجىسى ئىزچىل 95 نۇمۇردىن چۈشمىسە، مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ئۇنى ئامېرىكىلىق بالىلاردىنمۇ ئېلشىپ كېتىپتۇ، دېسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىنگىزچە سۆزلەپ زۇۋانىنى ئۇقتۇرمىقى بەسىي مۈشكۈل؛ ھەتتا بەزىلىرى ئىنگلىز تىلىنى كېيىن بىر ئۆمۈر ئىشلىتەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.
    17. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى شۇنچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۇلدىن ئوقۇغۇچىلارغا ياكى ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىدىغىنى بەكمۇ ئاز.
    18. بالىڭىز مەكتەپ ئاشخانىسىدا قاچىسىدىكى ئاشنىڭ يېرىمىنى يەپ، يېرىمىنى تۆكەمدۇ؟ ھەببەللى، بۇنى بالىلاردىن ئەمەس، مەكتەپتىن كۆرۈڭ، چۈنكى مەكتەپ بالىلاردا ئەجىر ـ مېھنەتنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈشكە ئازراقمۇ ئىرەنشىمەيۋاتىدۇ.
    19 . ئاسپىرانتلار مائارىپىنىغۇ دېمەيلا قويۇڭ.
    20. بالىڭىزمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاش بەختىيار ھاياتىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تەلىم ـ تەربىيە ئېلىشقا قادىر بولالمايۋاتىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆي ـ ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.
    21.بالىڭىزمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاش ماتېرىيالىزىم بويىچە تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. بىراق، ماتېرىيالىزىمنىڭ ھەممىسىلا چىن ھەقىقەت بوپكېتىشى ناتايىن، يەنە كېلىپ پەن ـ تېخنىكا ناھايىتى يۈكسەلگەن ئەللەرمۇ ماتېرىيالىزمنى ھەقىقەت دەپ قارىمايدۇ. بارلىققا كەلگىنىگە نەچچە ئون يىللا بولغان ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى دۇنيا قارىشى بىلەن قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى بىراقلا يوققا چىقىرىۋەتكىنى بىلەن، بىز ئۈچۈن بىرەر سىستېمىنى بىمالال تۈزۈپ بەرگىنى يوق. شۇڭا بۇرۇن ئۆتكەن ھەم پىششىق بىلىدىغان قەھرىمانلار ئۈلگىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار سۆز ھەركەتلىرىنىڭ ئەسلىدە كۆپتۈرۈپ توقۇپ چىقىلغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالىمىز.
    22. بىز ئۆگەنگەن تارىخنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزگەرتىلگەن نەرسىلەركەن ئەمەسمۇ!
    23.دەرسلىك كىتابلاردا ھە دېسىلا لىن زېشۈ، چى جىگۇاڭ، سىماگۇاڭ ، خەن جۇڭيەن، بەي جۇيى، سۇدۇڭيۇ قاتارلىقلارنى ئۇنداق تارىخىي شەخس، بۇنداق تارىخىي شەخس دەپ تىلغا ئالىمىز. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئىخلاسمەن بۇددا مۇخلىسلىرى ۋە بۇددا دىنىنىڭ ئەھكام ـ ئەركانلىرىنى تەۋرەنمەي ئادا قىلغۇچىلاردىن ئىدى. رېژىسسور بۇددا دىنىنى چۈشەنمىگەنلىكى ۋە لىن زېشۈدىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن «ئەپيۇن ئۇرۇشى» ناملىق كىنونى قاملاشتۇرۇپ ئىشلىيەلمىگەن.
    24.كۇڭزى مەدەنىيىتى بارا ـ بارا جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي روھىي ئېقىمىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئاساسىي ئېقىم غەرب دېموكراتىيەسى بىلەن بىركىش نۇقتىسىنى تېپىپ، ئاخىرى يېڭى مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. تەيۋەن بىلەن سىنگاپور بۇنىڭ جانلىق مىسالىدۇر.
    25. مەكتەپلەردىكى ئايىغى چىقماس باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى شەكىلۋازلىق بولۇپ ، ئۇنىڭ يەنە بىر قاتلىمى نادانلىق ۋە چېرىكلىك بىلەن تولۇپ كەتكەن.
    26. بۈگۈنكى كۈندە جاڭ بولىڭغا ئوخشاش ھەقىقىي مائارىپشۇناسلاردىن بىرىمۇ قالمىدى.
    27.ئىلىم ـ پەنمۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەقىقەت ئەمەس؛ يەنە كېلىپ ئىلىم ـ پەننىڭ ئەسەبىي كامالىتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ چېكى يوق، بالاخور نەپسى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئاچ كۆزلۈك بىلەن بايلىق تەلەپ قىلىپ، مۇھىتنى ۋەيران قىلماقتا، بۇ ھال ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانلارنى ھالاكەتكە باشلاپ بارىدۇ. ئىنسانلار شۇندىلا ئۆزلىرىنىڭ ئاداققىي قارارگاھىنى ئۆز قەلبىدىن ئىزدىمىسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
    28.مائارىپىمىزدا دىنىي تەربىيەگە پەقەتلا ئورۇن بېرىلمەيۋاتىدۇ. ھەتتا ئەقەللىي دىنىي ساۋاتلارمۇ يوق.
    29. كىشىنى ھەممىدىن بەكرەك ئېچىندۈرىدىغىنى يۇقىرىقىلارلا ئەمەس؛ يەنە تېخى... مۇبادا يەر تەۋرەپ قالسىزدە... مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ جۇمۇڭ!

    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
      ئەي سېيېي ئىمزاسىدىكى بۇ يازما «ئاتا ـ ئانىلار ئەنجۇمەنى» گېزىتىنىڭ 2010 ـ يىل 16 ـ ماي سانىدىن «فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 2010 ـ يىل ماي سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان. يۇقىرىقى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمانى ئاسىمجان ئابلىمىت. تىلماچ: خېجىڭ ناھىيە رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمى

    شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2010-يىللىق4-ساندىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.