پەزىلەت

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-08 05:36:21

پەزىلەت مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ تۇرىمىز: ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگەندە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىش كېرەك. ئۇنداقتا، ئاتا – ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەۋلادلار قانداق پەزىلەت يې...



    پەزىلەت

     مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ تۇرىمىز: ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگەندە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىش كېرەك. ئۇنداقتا، ئاتا – ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەۋلادلار قانداق پەزىلەت يېتىلدۈرۈشى كېرەك؟ ئىنسانلار يەنە قانداق پەزىلەتلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەكئاساسىي پەزىلەت «تۈپ پەزىلەت» مۇ دىيىلىدۇ. ئۇ باتۇرلۇق ياكى قەتئىيلىك، ئۆزىنى تىزگىنلەش، ئادىللىق ۋە ئېھتىياتچانلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پەزىلەتلەر پازىل كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى – خۇلقىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە كىشىنىڭ مەستلىكىنى قوزغايدىغان دوستلۇق، سىپايىلىك، مۆتىدىلىك، سەمىمىيىلىك قاتارلىق پەزىلەتلەرمۇ بار. يۇقىرىقىلارغا ئىگە بولغاندا، قالغانلىرىمۇ ئەگىشىپ كىلىدۇ.

    تۆۋەندە مەن تۆت خىل پەزىلەتنى قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتىمەن. باتۇرلۇق ياكى قەتئىيىلىك خەۋپ – خەتەر، ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازابنى قوبۇل قىلالايدىغان كۈچتۇر. بىز ئەسكەرنىڭ قەيسەر بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. باتۇرلۇق جەڭ مەيدانىدا كېرەك بولۇپ قالماستىن، ھەر قانداق تۇرمۇش سەھنىسىدە كىرەكتۇر. قورقۇنچاق ئادەم توسالغۇغا ئۇچرىسا بەل قويۇۋىتىدۇ. قىممەتكە سازاۋەر مەسئۇلىيەت قەيسەرلىك ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ. ئۇنداق مەسئۇلىيەت  قىيىن بولغاچقىلا قىممەتلىكتۇر، دېگەنىدى سپىنوزا. باتۇرلۇق جاپاغا چىداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندەك ، ئۆزىنى تىزگىنلەشمۇ ئەيش – ئىشارەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە بىز بىردەملىك خۇشاللىقنى دەپ ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالنى ۋەيران قىلىمىز، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماسلىق ياكى ۋەزىپىمىزگە سۇسلۇق قىلىش، چوڭ يەپ – ئىچىشنى سادىر قىلىپ تۇرىمىز. دېمەك، ئۆزىنى تۇتۇۋىلىش دگەنلىك ۋاقىتلىق خۇشاللىقنىڭ ئازدۇرۇشىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ خەيرلىك سەپرىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكتۇر. ئادىللىق قوشنىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزمەسلىك، ئۇلارغا ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئادىللىق قانۇنغا ئىتائەت ۋە ئامما ئۈچۈن ئىشلەش ئادىتىدىن شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ مىساللىرىنى ھەممە يەردە ئۇچرىتىش مۇمكىن. يالغانچى، يانچۇقچى، تۆھمەتچى، ساختا گۋاھلىق بەرگۈچى، ئاغزىغا كەلگەن باھانى جۆيلۈيدىغان تىجارەتچى، ھورۇن ئىشچى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى ئادىل كىشىلەردىن ئەمەس. تەبىر بىرىش قىيىن بولغىنى ئېھتىياتچانلىق، ئېھتىياتچان ئادەملەر بىر ئىشنى قىلغاندا ئەتراپلىق ئويلىنىدۇ. ئۇ كەڭ دائىرىدە ئەھۋال ئىگىلەيدۇ، كىشىلەردىن مەسلىھەت ئالىدۇ، ئىشنىڭ سالمىقىنى دەڭسەيدۇ. ئۇلار تولۇق خۇلاسە چىقارغاندىن كېيىن، ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، يەڭگىللىك ۋە تەنتەكلىكتىن ساقلىنالايدۇ. ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرمەيدۇ، ھەتتا، بىسىم ئاستىدىمۇ يولىدا ئىش ئېلىپ بىرىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر سەن پەززەنتىڭنى ئاشۇ تۆت خىل پەزىلەتتە تەربىيىلىسەڭ، ئۇنىڭ ياخشى مېۋىسىنى تىتىيسەن، ئاگاھ بولغىنكى، بۇ خىزمەت ئاسان ئەمەس. ئەقىل ئۆگىنىش خاراكتېر يېتىلدۈرۈشتىن ئاسان. كونىلار دەرەخ ئون يىلدا، ئادەم يۈز يىلدا تەييار بولىدۇ دەيدۇ. بۇ گەپ ئەخلاقىي تەربىيىگە قارىتىلغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيىدىغىنى ئەقىل پەزىلەتتەك مۇھىم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ. ئەقىل دېمەك چۈشىنىش (دىت)، بىلىش ۋە پاراسەت دېمەكتۇر. ئاساسىي مائارىپ مۇشۇلارنى تەربىيىلەيدۇ. 


     مەنبە: غەربنىڭ تەپەككۇرى ناملىق كىتاب


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەزىلەت