ماھىر پىلانچى بۇلۇڭ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-08 12:13:21

نېمە ئىش قىلمايلى، ئالدىن پىلانلاش، مۆلچەرلەشكە سەل قارىمايلى .بىر ماھىر پىلانلىغۇچى بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرەپلەرنى ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

     
    ماھىر پىلانچى بۇلۇڭ
     
    ئىككىنچى  دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن جىك سېتىش دىرېكتورى، ئايالى روللان بولسا كىيىم–كېچەك مودېلى ئىكەن. ئۇرۇش پارتىلاپ جىك ئۇرۇش جەريانىدا  يارىلىنىپ ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا يېتىپ قاپتۇ. ئۇ دوختۇرخانىدا خۇرۇم پارچىلىرىدىن ئۇنى-بۇنى ياساپ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدىكەن .
    ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ جىك يۇرتىغا قايتىپ، نورمال تۇرمۇشىنى  ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. بىر كۈنى ئايالىنىڭ دوستى ئۇلارنىڭكىگە مېھمان بولۇپ كەپتۇ ۋە گەپ ئارىلىقىدا بىر يېڭى سومكىنى چىقىرىپ :
    -مۇشۇ بىر نەرسە 80 دوللارنىڭ بېشىغا چىقتى دېسە،-دەپتۇ. جىك ئۇنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ بېقىپ:
    -قىممەت بولۇپ قاپتۇ، مەن بۇ سومكىنى 15 دوللار بىلەن تىكىپ چىقالايمەن،-دەپتۇ.
     ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ پو ئاتمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بىر يۈرۈش سايمان ۋە ئازراق خۇرۇم تېپىپ كىرىپ، ئۇنى–بۇنى قىلىپ يۈرۈپ بىردەمدىلا ناھايىتى  نەپىس قول سومكىسىدىن بىرنى تىكىپ چىقىپتۇ. روللارنمۇ ئۇنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ.
    جىك توساتتىنلا نېمىشقا مەنمۇ مۇشۇ ئىشنى قىلىپ باقمايمەن، دەپ ئويلىنىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ كەسپى سەۋىيىسىمۇ يامان ئەمەس، سېتىش تەجىربىسىگە ئىگە ئىكەن. روللاننىڭ سودا ساھەسىدە تونۇيدىغان ئادەملىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، شۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇن ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ، ناھايىتى تېزلا بىر ئىگىلىك تىكلەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپتۇ.
    دەسلەپتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيىدە ئىش باشلاپتۇ، روللان لايىھىلەپتۇ، جىك ياساپتۇ. ئىككەيلەن بىر مىنۇتمۇ دەم ئالماي، جان تىكىپ كىرىشىپتۇ. ئەمما ئۇلار ئۇلار تېخى ئەڭ مۇھىم نەرسىنى، يەنى مال زاكاس قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا بولمايتتى. مالنىڭ سېتىش يوللىرىنى قولغا كەلتۈرمىسە، بارلىق تىرىشچانلىقى يوققا چىقاتتى .
    جىك ئەۋرىشكە ماللىرىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، نيۇيوركتىكى سودا دۇكانلىرىنى بىرمۇ بىر ئارىلاپ چىقىپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ ياش، نوپۇزىنىڭ يوق بولۇشى ئۇنى ھەدىسىلا رەت قىلىشقا ئۇچرىتىپتۇ. ئەمما ئۇ توختاپ  قالماپتۇ ۋە ئاخىرى نيۇيوركتىكى داڭلىق سودا سارىيى «سوكس» نىڭ مال تەمىنلىگۈچىسى سارى بىلەن تېپىشىپ قاپتۇ. ئۇلار جىك ئېلىپ كەلگەن ئەۋرىشكە ماللارنى كۆرۈپلا قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
    شۇنىڭدىن كېيىن جىكنىڭ كىچىككىنە ئۆيى كېچە-كۈندۈز يورۇپ تۇرىدىغان بوپتۇ. ئەر–خوتۇن ئىككىسى زاكاس مالنى تەييارلاش بىلەن كېچە–كۈندۈز ئارام ئالماي ئىشلەپتۇ. پۇل پارچە–پۇرات خۇرۇچ پارچىلىرىغا لىپمۇ-لىق تولىدىكەن، بالىلىرى ئاشۇ پاتپاراقچىلىق ئىچىدە ئوينايدىكەن ...
    ئىككى–ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ زاكاس ماللىرى تېخىمۇ كۆپىيىپتۇ، جىك بىر ماشىنا توختىتىش ئۆيىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆينى ئېلىپ، خىزمەت ئورنىنى شۇ يەرگە يۆتكەپتۇ. روللان بالىلار ئۈچۈن قۇم خالتىسى شەكىللىك يەنە بىر سومكا لايىھىلەپتۇ ھەمدە بۇ لايىھىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلىدىغان نەزەر  (LOOK)ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. مۇھەررىرلەر روللانىڭ بۇ لايىھىسىگە ئىنتايىن قىزىقىپ قاپتۇ ۋە مەخسۇس ماقالە يېزىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇپتۇ.
    بۇ ماقالىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇلار بىر كېچىدىلا پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇپتۇ ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بىر مىليون دانە سومكا سېتىلىپتۇ. كېيىنچە نيۇيورك، لوس-ئانجىلىسلاردا زاۋۇتى، 140  نەپەر ئىشچىسى بار، مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئىتتىك چوڭ كارخانىغا ئايلىنىپتۇ. ئۇلار مىليونېرغا ئايلانغان شۇ يىلى ئارانلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى.
    بىز يۇقىرىقى مىسالدىن مۇۋاپىق پىلانلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى مۇھىم رولىنى كۆرۈۋالالايمىز. نېمە ئىش قىلمايلى، ئالدىن پىلانلاش، مۆلچەرلەشكە سەل قارىمايلى .بىر ماھىر پىلانلىغۇچى بولۇش ئۈچۈن  تۆۋەندىكى تەرەپلەرنى ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
    1. ئاكتىپلىق-كۈچلۈك ئىنتىلىش ۋە قايناق ھەۋەس ئادەمنىڭ پائال ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
    2. كۆزىتىش ئىقتىدارى-سەگەك ،تۇيغۇن بۇلۇڭ. كىشىلەر بايقاپ يەتمىگەن نۇقتىلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ .
    3. گۇمانخورلۇق-ئىشلارغا يۈزەكى قارىماڭ، يۈرەكلىك سوئال قويۇشقا، گۇمان، سوئال نەزىرى بىلەن قاراشقا ماھىر بۇلۇڭ.
    4. مۇستەقىللىق-ئازراق تايىنىۋېلىڭ، دادىل، ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ .
    5. ئىجادىيلىق-باشقىلار ئويلاپ باقمىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ ئادەتلەنگەن رامكىلارنى بۇزۇپ بېقىڭ، يېڭىدىن يارىتىڭ .
    6. جانلىق ئۆزگىرىشچان بولۇش-تەپەككۇرىڭىز جانلىق، ئۆزگىرىشچان بولسۇن، بىر نەيزىگە ئون قالقىنىڭىز تەييار تۇرسۇن، ھەر خىل نۇقتىدىن چىقىپ، تەشەببۇس ، تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ئالاھىدە ئۇتۇققا ئېرىشىڭ .
    7. ئىشەنچ-ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشنىڭ قىممىتىگە قەتئي ئىشىنىڭ، ئۆزىڭىز كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈچە ئۆز يولىڭىزدا تەۋرەنمەي مېڭىڭ .
    8. قەتئىيلىك-ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ تاماملىنىشى قەتئىي بوشاشماس ئىرادە، غەيرەتكە موھتاج. پىلاننى سوقۇپ قويۇپ، ناخشىنى دۆڭ توۋلاپ، بەڭ تارتىپ يېتىش مەغلۇبىيەتتىن باشقىنى چىللىمايدۇ، قەتئىي چىدامچان بۇلۇڭ.
    9. ھەممىنى قوبۇل قىلىش-باشقىلارنىڭ تەكلىپىدىن، ئىجادىي تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئۆز كاللىڭىزدا تېخىمۇ پۇشۇرۇپ، تېخىمۇ يېڭى خىيال، پىلانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ماھىر بۇلۇڭ.
    10. پۇختىلىق-بىرەر ئىشنى پىلانلىغان ۋاقىتتا ھەممە تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىڭ، ئىجادىي پىكىر كۈچلۈك لوگىكىلىق ئانالىزغا موھتاج. ھەممىگە باب نۇقتىئىينەزەرلا ئىلھام ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ، ھەققىي بايلىققا ئايلىنالايدۇ.
    11. تەسەۋۋۇر كۈچى-ئىدىيە قارىشىڭىزدا پەيدا بولغان قاراش، ئوبراز، تەسەۋۋۇر، خام–خىيال ... ھەممىسىنىڭلا ئورنى، رولى، تەسەۋۋۇر، خام –خىيال ... ھەممىسىنىڭلا ئورنى، رولى، قىممىتى بار. تەسەۋۋۇر كۈچى مول ئادەملەر ئىجادىيەتنىڭ چۈمپەردىسىنى قايرىيالايدۇ...
     
    مەنبە :«بايقىساڭ توپىمۇ–ئالتۇن» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.