نېگىر ئايال يازغۇچىنىڭ دادىسىدىن ئالغان تەلىمى

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-05 20:29:04

نېگىر ئايال يازغۇچىنىڭ دادىسىدىنئالغان تەلىمىتونى مورىزون ئامېركىنىڭ مەشھۇر نېگىر ئايال يازغۇچىسى،1993- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھۆرمەتلىك ساھىبى. مورىزون بالىلىق چاغلىرىدا ئائىلىسى...



     

     

    نېگىر ئايال يازغۇچىنىڭ دادىسىدىن

    ئالغان تەلىمى

      

      تونى مورىزون ئامېركىنىڭ مەشھۇر نېگىر ئايال يازغۇچىسى،1993- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھۆرمەتلىك ساھىبى. مورىزون بالىلىق چاغلىرىدا ئائىلىسى بەكمۇ نامرات ئىدى، ئۇ 12 ياش چېغىدىن باشلاپلا ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ، بىر باي ئائىلىنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە سائەت مەدىكارلىق قىلاتتى، كۈنلىرى تولىمۇ جاپالىق ئۆتەتتى.بىر كۈنى، ئۇ مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك دادىسىدىن ئاغرىنىدۇ. دادىسى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «گېپىمگە قۇلاق سال، ئۇ يەر سېنىڭ ئۆيۈڭ ئەمەس، سەن ئۆز ئۆيۈڭدە قېرىنداشلىرىڭ بىلەن بىللە ياشاۋاتىسەن. ئىش قىلىشنىلا بىل، تاپقان پۇلۇڭنى ئۆيگە ئەكەلسەڭلا بولدى» دەيدۇ.

     كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە، مورىزون ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «دادامنىڭ بۇ گېپىدىن كىشىلىك ھاياتتىكى مۇنداق تۆت تەجرىبىنى بىلىۋالدىم. بىرىنچى،مەيلى نېمىلا خىزمەت بولسۇن، خوجايىن ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ئىشلەش؛ ئىككىنچى، خىزمەت سېنى ئەمەس، سەن خىزمەتنى ئىگەللىشىڭ كېرەك؛ ئۈچنچى، سېنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشۇڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە بولىدۇ؛ تۆتىنچى، سەن بىلەن سەن قىلىۋاتقان خىزمەت ئىككىسى ئىككى ئىش، سەن ھامان سەن.»

     شۇنىڭدىن كېيىن مورىزون ھەرخىل ئادەملەرنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. بۇ ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى تولىمۇ ئەقىللىق، بەزىلىرى ناھايىتى ئەخمەق، بەزىلىرىنىڭ كۆكسى قارنى كەڭ، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئىچى تار ئىدى. لېكىن، مورىزۇن ئۇلاردىن زادى ئاغرىنىپ باققان ئەمەس.

     

       ئازات ئالماس تەرجىمىسى

      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.