ئەسنەشنىڭ سىرى

يوللىغۇچى : nepret يوللىغان ۋاقىت : 2013-11-24 21:30:27

بۇ چاغدا كۆزىڭىز روشەنلىشىپ، بۇرنىڭىز سەزگۈرلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدىنىڭىز ئارام تېپىپ، ئۈزۈل ـ كېسىل يەڭگىللەپ قالىسىز.

    ئەسنەشنىڭ سىرى
    ئاندېرېۋ نېۋبېرىك، مارك ۋادمەن [ ئامېرىكا ]
     
     
    سىز ئۈزۈلدۈرمەي 12 قېتىم ئەسنەپ باققانمۇ ؟ ئاڭلىق تۈردە ئەسنەشكە ھېچقانچە كۈچ ۋە مەشىق كەتمەيدۇ. بىراق كىشىلەر ئەسنىمەيدۇ، ئۇلار ھەمىشە ‹‹ ئەسنىگۈم يوق ›› ، ‹‹ چارچىمىدىم ›› ۋە ‹‹ ئۇنداق قىلالمايمەن ›› دېگەندەك باھانە ـ سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ.                
    نەدىمۇ قىلالمايدىغان ئىش بولسۇن ؟ سىز ئەلۋەتتە قىلالايسىز. ھازىرلا سىناپ بېقىڭ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئالدى بىلەن يالغاندىن بەش قېتىم ئەسنەپ كۆرۈڭ، ئارقىدىن راستلا ئەسنىگۈڭىز كېلىپ قالىدۇ. لېكىن، ھەرگىز بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماڭ، چۈنكى ئەسنەپ 10- ياكى 12- قېتىمغا بارغاندا، سىز بۇ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ھەرىكەتنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايسىز.                                                      
    بۇ چاغدا كۆزىڭىز روشەنلىشىپ، بۇرنىڭىز سەزگۈرلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدىنىڭىز ئارام تېپىپ، ئۈزۈل ـ كېسىل يەڭگىللەپ قالىسىز. بۇنداق ئوبدان ئىشقا بىر مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ. مەن ئەسنەپ يېرىم سائەتكىچە توختىمىغان بىر ئادەمنى كۆرگەنىدىم، مۇبادا سىز توختاي دەپمۇ توختىيالماي ئەسنەۋەرسىڭىز، ئۇنداقتا نېرۋىڭىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئوبدانراق ئارام ئالمىغانلىقىنى ئاندىن ھېس قىلىپ يېتىسىز.                                                                           
    توغرا، ئەسنەش نېرۋا ئىلمىدا ئەڭ ياخشى ساقلانغان مەخپىيەتلىك.  ئەسنەش نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئاۋاز سىستېمىسىنى داۋالاشتا ئىزچىل قوللىنىلىپ، ئويۇن قويۇشتىكى ئەندىشىنى ئازايتىش ۋە كاناي جىددىيلىكىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دەپ ئاتالغانىدى.            
    يېقىندا چوڭ مېڭىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە تۈرلۈك تەسۋىر كۆچۈرۈش تەتقىقاتىدا، ئەسنەشنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئۆزگىچە نېرۋا ھەرىكەتلىرىنى قوزغىتىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئۇقۇم ۋە ھېسداشلىقنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلاندى. بۇنىڭدا شىناسىمان ئالدى ياپراقچە دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۆلەك بولۇپ، ئۇ چوققا ياپراقچىسى قاتلىمىدىكى يوشۇرۇن بىر ئۇششاق قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. تەتقىقاتچىلار ھېس قىلىش، ئويلىنىش ۋە ئەستە تۇتۇش جەھەتتە شىناسىمان ئالدى ياپراقچىنىڭ يادرولۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. يۇگا نەپەسلىنىشىدىمۇ شىناسىمان ئالدى ياپراقچە غىدىقلىنىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال گەرچە تىنچ كۆرۈنۈشتىكى ھالىتى ئوخشاشمىسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن يۇقىرى ئۆرلەشكە ياردىمى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ خىل ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شىناسىمان ئالدى ياپراقچە ياشانغاندىكى كېسەللىكلەر ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىگە ئاسانلىقچە ئۇچرىمايدىغان ئورۇن، شۇڭا ئەسنەپ بەرگەندە چوڭ مېڭىدىكى مۇشۇ مۇھىم ئورۇن كۈچلىنىشى مۇمكىن.                                                     
    مۇشۇ سەۋەبلەرگە ئاساسلانغاندا، بىز ئەسنەشنى بېسىم تۆۋەنلىتىش مەشىقى، بىلىش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش دەرىسلىكى، پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە ئىدىيەۋى قاراشتىكى يېتىلىش بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە، دەپ قارايمىز. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە شىناسىمان ئالدى ياپراقچە ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن بولغان چوڭ مېڭىدىكى نېرۋا تەسۋىر ئېلېمېنتلىرى سىستېمىسى بىلەن تۇتاش. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەسنەشنىڭ ئىجتىمائىي ئۇقۇم، مېھرىبان قەلب، شۇنىڭدەك باشقىلار بىلەن كۆڭۈللۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى كۈچەيتىشكە ياردىمى بار.                                                                     
    ئادەم ئەسنىگەندە تېنى راھەتلىنىپ ئازادە بولۇپ قالماي، يەنە تېخى سەگەكلىشىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى بىز بىلىدىغان ھەرقانداق ئىدىيەۋى قاراش قائىدىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەسنەشنىڭ نېرۋىغا نىسبەتەن تەسىر قىلىش كۈچى بولغاچقا، ئاممىۋى سورۇنلاردا قوللىنىلسا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. بۇرۇن مېنىڭ بىر ئوقۇغۇچۇم ئەسنەش ئارقىلىق 60 سېكۇنتتا مالىماتاڭ بولۇپ كەتكەن بىر مۇدىرىيەتنى ئىنتايىن تەرتىپلىك بىر ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ ؟ ئەلۋەتتە، ئەسنەش ئادەمنىڭ ئۆز ھەرىكىتى بىلەن باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ.                              
    ئاياللار بىر خىل سەزگۈرلۈك مېخانىزمىغا ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن ھامىلدار بولغان 20 ھەپتە ئىچىدە  ئەسنەشكە باشلايدىكەن، بۇنىڭ تۆرەلمىنىڭ كېچە ـ كۈندۈزلۈك فىزىيولوگىيەلىك رىتىمىنى تەڭشىشىگە ياردىمى بولىدىكەن، بۇ ئەسنەشنىڭ ئويغىنىش بىلەن ئۇخلاش ۋاقتىنى تىزگىنلەشكە نىسبەتەن مەلۇم باغلىنىشى بارلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئادەمنىڭ نورمال ئۇيقۇسى دەخلىگە ئۇچرىغاندا، كېچە ـ كۈندۈزلۈك فىزىيولوگىيەلىك رىتىمىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، ئەسنەش كېچىسى تۈنەيدىغان مۈشۈكياپىلاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئىچكى بىيولوگىيەلىك سائەت ھېسابلىنىدۇ.                                       
    ئۇنداقتا ئەسنەش مۇشۇنداق بىر خىل ئۆتكۈر قورال بولسا، بۇنىڭ كەينىدىكى مېخانىزم نېمىدىن ئىبارەت ؟ ئەسنەش شىناسىمان ئالدى ياپراقچىنى جانلاندۇرغاندىن سىرت، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە ماددا ئالمىشىشىنى تەڭشەيدۇ. ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشتە نېرۋا سىستېمىسى ناھايىتى كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تەرەققىيات باسقۇچىدا جاسارەت بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلەشتە چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ، ئەسنەپ بەرگەندە زىيادە جانلىنىپ كەتكەن سۈت ئەمگۈچى جانلىقلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئارام تاپىدۇ.                                             
    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئويغانغاندا، كىشىنى بىزار قىلىدىغان مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ئۇخلىغان، خاپا بولغان، ئىچى تىتىلدىغان ياكى جىددىيلەشكەندە، شۇنداقلا مۇھىم سۆھبەت ياكى ئىمتىھان بېرىشتىن ئاۋۋال ئىمكان بار كۆپرەك ئەسنەپ بېرىڭ.     
     
    تەرمىلەر ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.                      
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئامېرىكا