ئاپئاق كۆڭۈل

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-06 00:19:00

ئاپئاق كۆڭۈل 1990‏- يىلى 11ـ فېۋرال جەنۇبىي ئافرىقا مىللى باراۋەرلىك ھەركىتىنىڭ داھىسى ماندىلا 27 يىلغا سوزۇلغان تۈرمە ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتى. 1994ـ يىلى 9ـ ماي ئۇ جەنۇبىي...

     

    ئاپئاق كۆڭۈل

     

      1990‏- يىلى 11ـ فېۋرال جەنۇبىي ئافرىقا مىللى باراۋەرلىك ھەركىتىنىڭ داھىسى ماندىلا 27 يىلغا سوزۇلغان تۈرمە ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتى. 1994ـ يىلى 9ـ ماي ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى، 2ـ كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۇ ئىلگىرى تۈرمىدە ئۆزىگە قارىغان ئۈچ تۈرمە ساقچىسىنى مۇراسىمغا تەكلىپ قىلدى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا بولغان سەمىمىي ھۆرمىتىنى بىلدۈردى! ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلەرنى تاڭ قالدۇردى، چۈنكى بۇ ئۈچ تۈرمە ساقچىسىنىڭ ئەينى چاغدا ماندىلانى ۋەھشىيلىك بىلە قىيناپ خورلىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلەتتى. كىشىلەر نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرغاندا، ماندىلا بۇ ئىشقا چۈشەنچە بەرگەندەك تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى: مەن كامېردىن چىقىپ تۈرمىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭغان چېغىمدا ئۆز - ئۆزۈمگە: «ناۋادا قەلبىمدىكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە غەزەپ ـ نەپرەتنى ئارقامغا تاشلىۋېتەلمىسەم، ئۇنداقتا مەن يەنىلا تۈرمىدىن چىقمىغان بولىمەن»دېدىم.گەپنى ئېنىقراق قىلسام، ئەگەر مەن ئۆتمۈشتىكى بارلىق ئۆچ ـ ئاداۋەت ۋە قىساسلارنى ئۇنتۇپ كېتەلمىسەم، ئۇنداقتا مەن تۇرمىدىن چىققان تەقدىردىمۇ،روھىمنىڭ يەنىلا ئاشۇ شەكىلسىز تۈرمىدە قالىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتتىم. ناۋادا ھەر بىر ئادەم ئىنتىقام ئالماقچى بولسا بىز دەۋاتقان تېنچلىق مەڭگۈ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالمامدۇ؟!

     مەشھۇر ئەدىب ئاندىرى ماشۇس داڭلىق ئەسىرى «ئاپئاق كۆڭۈل» دە مۇنداق دېگەنىدى: ناۋادا بىر پۇتىڭىز سەبدەنىڭ ياپراقلىرى ئۈستىگە بېسىلسا، ئۇنداقتا ئۇ مىزلىك ھىدىنى پۇتىڭىزنىڭ تاپىنىدا قالدۇرىدۇ، مانا بۇنى بىز «ئاپئاق كۆڭۈل» دەيمىز. قىساس ۋە ئۆچ ـ ئاداۋەت قورغىنىنى گۇمران قىلىدىغان نەرسە ھەرگىزمۇ مۇشت ـ پەشۋا ئەمەس، بەلكى مېھىر - مۇھەببەت ۋە كەڭ قورساقلىققا تويۇنغان ئاپئاق كۆڭۈل. جاھاندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بىر تالدىن خۇش ھىدلىق گۈل پورەك ئاچىدىغان بولىسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ گۈزەل ۋە سېخىي جەننەتنى كۆرمىكىمىز تەس ئەمەس، چۈنكى بۇ دۇنيادا ئادەمنىڭ ماھىيىتىدەك نۇرچاچالايدىغان 2ـ بىر ئامىل يوق، ئازاب تارتقان ۋە جاپا چېكىۋاتقان كىشىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتەلەيدىغان 2ـ بىر كۈچ يوق، كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇ چانلىق ئاساسىدا بەرق ئۇرغان ئادىمىيلىك خاسىيىتىنى گۇمران قىلالايدىغان 2- بىر قۇدرەتلىك نەرسە يوق!

     

    مۇختەر ھەمدۇللا تەرجىمىسى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ماندېلا