غالجىر ئىتقا يولۇقۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-31 15:59:38

ئەگەر سەن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان يولۇچى بولساڭ، ئەگەر سەپەر ئۈستىدە بىر غالجىر ئىتقا ئۇچراپ قالساڭ، غالجىر ئىت ساڭا قاراپ توختىماستىن قاۋىسا، ئۇنداقتا سەن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەمسەن ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قاۋامسەن؟


    غالجىر ئىتقا يولۇقۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز

    ۋۇ دەنرۇ
    دىلنۇر تۇرسۇن تەرجىمىسى

     
    ھەر قېتىم نۇتۇق سۆزلىگىنىمدە، مەن دائىم تۆۋەندىكى مەسىلىنى تىلغا ئالىمەن.
    شاگىرت راھىبكالاندىن سورىدى:
    -ئاچكۆزلۈك، غەزەپلىنىش ۋە ئەقىلسىزلىكنىڭ ئىچىدە «غەزەپلىنىش» نى ئاسانلىقچە يەڭگىلى بولمايدۇ. قانداق قىلغاندا ئاچچىق ئۈستىدىن غالىب كەلگىلى بولىدۇ؟
    راھىبكالان شاگىرتىدىن ياندۇرۇپ سورىدى:
    -ئەگەر سەن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان يولۇچى بولساڭ، ئەگەر سەپەر ئۈستىدە بىر غالجىر ئىتقا ئۇچراپ قالساڭ، غالجىر ئىت ساڭا قاراپ توختىماستىن قاۋىسا، ئۇنداقتا سەن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەمسەن ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قاۋامسەن؟
    ئىشىنىمەنكى قايسىسىنىڭ ئىدراكى تاللاش ئىكەنلىكىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىلىدۇ.
    دەرۋەقە كىشىلىك تۇرمۇشتا بىز قايسىسىنى تاللايمىز؟
    ھەر قېتىم نۇتۇق سۆزلىگىنىمدە مۇشۇ سوئالنى سورىسام، تىڭشىغۇچىلار سوغۇق كۈلۈپ قويىدۇ. نۇرغۇنلىرى بولسا سەمىمىيلىك بىلەن كېيىنكىسىنى تاللايدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
    «يەنە كېلىپ، بىز غالجىرلىشىپلا قالماي ئۇ ئىتنىمۇ چىشلىۋالغۇمىز كېلىپ كېتىدۇ. قېنى ئۇ يامانمۇ مەنمۇ؟»
    نۇرغۇن تىڭشىغۇچىلار بۇ ھەقىقەتنى ئېتراپ قىلىدۇ.
    بىز غەزەپلەنگەچكىلا، ئۆچ ئالماقچى بولىمىز.
    ئەمەلىيەتتە ئۆچ ئېلىشتىن ھېچقانداق نەپكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. گەرچە بۇ زەربە ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولمىسىمۇ، يەنە كېلىپ ئىنسانىي پەزىلىتىمىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۋەتسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا ئۆزىمىزنى تۇتىۋالالماي قايتۇرما زەربە بېرىپ قويىمىز.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.