مەڭگۈ بوۋاق بولۇڭ

يوللىغۇچى : admin يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-25 16:10:10

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} مەڭگۈ بوۋاق بولۇڭيى مىڭ خەنزۇچىدىن ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسىنېتزې كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ روھ

     مەڭگۈ بوۋاق بولۇڭ
    يى مىڭ
    خەنزۇچىدىن ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

     

    نېتزې كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ روھىي ھالىتىنى تۆگە، شىر ۋە بوۋاققا ئوخشاتقان.
    تۆگە جاپاغا چىدايدۇ، يۈك كۆتۈرەلەيدۇ. كىشىلەر ھامان «چۆل كېمىسى»نىڭ قاقاس چۆل-جەزىرىلەردە جاپا چېكىپ يول يۈرەلەيدىغان ئوبرازىنى كۆرەلەيدۇ. نېتزې «كىشىلىك تۇرمۇش ئالدى بىلەن جاپاغا چىداش» دەپ قارايدۇ.
    شىرنىڭ ياۋۇزلۇقىمۇ كىشىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ. تۆگە جاپاغا چىداشلىق بولىدۇ، ئەمما جان تىكىپ ئېلىشالمايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا يولۇقۇپ تۇرىدىغان رىقابەتچى، رەقىب ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار ھەقىقەتەنمۇ بەك تولا، شىرسىمان بەدەن، چىش-تىرناق ۋە جاسارەت بولمىسا ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش مۈشكۈل. لېكىن، نېتزې كىشىلەردىن يەنە ۋەھشىي شىردىن ئۆزگىرىپ بوۋاققا ئوخشاش بولۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. بوۋاقنىڭ ئاجىزلىقىنى، نادانلىقىنىمۇ ئۆگىنىش كېرەكمۇ؟ ئۇنىمۇ ئۆگىنىش كېرەك! چۈنكى، ئۇ يېڭىچە باشلىنىش، دەسلەپكى ھەرىكەت، مۇقەدددەس مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر.
    بوۋاقنىڭ سۆيۈملۈكلىكى شۇ يەردىكى-ئۇ سەبىي بولىدۇ. مانا بۇ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چىن ماھىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ياسالمىلىق، ئالدامچىلىق ۋە زەھەرخەندىلىك يوق. ئۆزۈڭنىڭ بوۋاق ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭ بۇلغانمىغان ئىنسان تەبىئىتىنىڭ باش مەنبەسىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ قالغانلىقىڭدۇر.
    بوۋاق ئېسىدىن چىقىرىۋېتىشكە ماھىر بولىدۇ. ھەممە نەرسىنى ئېسىدە ساقلاۋەرمەسلىك كېرەك. بىرمۇنچە ئىشنى ئېسىدە ساقلاۋەرگەندىن كۆرە، ئېسىدىن چىقىرىۋەتكەن ياخشى. ئېسىدىن چىقىرىۋەتكەندە، ھەممە ئىشنى يېڭىدىن باشلىغىلى، يېنىكلەپ ئالغا باسقىلى بولىدۇ.
    بوۋاق بىلىمسىز بولىدۇ. بىلىمسىز بولغىنى ئۈچۈن، بىلىمگە چەكسىز ئىشتىياق پەيدا بولىدۇ. نېمىنى كۆرسە شۇنى سورايدۇ، ئۆگىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ «قانائەتلىنىش زىيان كەلتۈرەر» دېگىنى كىشىلەرگە بىلىم ئۆگىنىش جەھەتتە بوشلۇق قالدۇرۇپ قويۇپ، دۇنيانى «بىلىمسىز ھالەت»كە چۈشۈپ تۇرۇپ كۆزىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ.
    بوۋاق ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ. ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى بولۇپ، ئىشەنگىلى بولمايدىغان سۈرئەتتە ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۆسۈپ چوڭ بولۇش مەڭگۈ كۆڭۈللۈك ئىش. چوڭلارنىڭ دەرد-ئەلىمى دەل ئۆسۈپ چوڭ بولماسلىقتا، يەنى چوڭ بولغان ھالەتتىمۇ چۈشكۈنلىشىپ-خارابلىشىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەنلىكىدە

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.