بوۋاققا نەسىھەت

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-27 13:29:02

بوۋاققا نەسىھەت تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئاللاھ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە :«ئاللاھىم،دۇنياغا بارىدىكەنمەن،ئۇيەردە نىمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن»؟دەپ سورايپتۇ. ...



    \                           بوۋاققا نەسىھەت

        تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئاللاھ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە :«ئاللاھىم،دۇنياغا بارىدىكەنمەن،ئۇيەردە نىمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن»؟دەپ سورايپتۇ.

         -مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر پەرىشتە ياراتتىم ،ئۇ ساڭا ئۆگىتىدۇ.

        -ئاللاھىم ،ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمەيمەن،ئۇلار بىلەن ئۆز-ئارا قانداق چۈشىنىشىمەن، قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىمەن؟

        -سېنىڭ ئۈچۈن ياراتقان پەرىشتە ساڭا ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىتىدۇ.

        -ئاللاھىم ئاڭلىشىمغا قارىغاندا دۇنيادا نۇرغۇن ئەسكىچىلىكلەر بارمىش،ئۇلاردىن قانداق قوغدىنىشىمنى بىلمەيمەن؟

        -سېنىڭ ئۈچۈن ياراتقان پەرىشتە سېنىڭ پېشىڭدە تۇرۇپ سېنى بالا- قازادىن قۇرۇيدۇ، ئەنسىرىمە!

        -ئاللاھىم ! سېنىنڭ يېنىڭغا يەنە قاچان قايتىشىمغا نېسىپ بۇلىدۇ؟

        -«سېنىڭ ئۈچۈن ياراتقان پەرىشتە مېنىڭ قېشىمغا قانداق قايتىدىغانلىقىڭنى ساڭا ئۆگىتىدۇ» ... دەل شۇ چاغدا پەرىشتىلەر كېلىپ ، بوۋاقنىڭ دۇنياغا بارىدىغان ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىگىنى دەپتۇ ۋە بوۋاقنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن ئالغاندا بوۋاق : «ئاللاھىم مېنىڭ ئۈچۈن ياراتقان پەرىشتىنىڭ ئىسمى نېمە ؟» دەپ تەكرار-تەكرار سوراپتۇ...

        -ئىسمى مۇھىم ئەمەس ،ئەمما سەن ئۇنى ئانا دەيسەن!  

     

                                            تۈركچىدىن زەيتۇنشېخى تەرجىمىسى

         سۈيۈملۈك ،مەسئۇليەتچان ئانىلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن!

         ئامىن!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.