​يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سۈرئەت چەكلىنىدۇ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-24 16:17:48

قاتناش ساقچىسى سائىتىگە 19 ئىنگلىز مىللىق كېتىۋاتقان بىر ماشىنىنى توسۇۋاپتۇ. ماشىنىدا چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىككى موماي بولۇپ، قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكى چىرايىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.


    يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سۈرئەت چەكلىنىدۇ
     
    قاتناش ساقچىسى سائىتىگە 19 ئىنگلىز مىللىق كېتىۋاتقان بىر ماشىنىنى توسۇۋاپتۇ. ماشىنىدا چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىككى موماي بولۇپ، قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكى چىرايىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.
    -ياخشىمۇسىز؟ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى توسقانلىقىمنى بىلىسىلەرغۇ دەيمەن؟-دەپتۇ قاتناش ساقچىسى.
    -ئەگەر بىز خاتا قىلغان بولساق، بىزنى كەچۈرۈڭ، بىز بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئېشىپ كەتمىدۇققۇ؟-دەپتۇ ماشىنىنى ھەيدىگەن موماي.
    -شۇنداق، سۈرئەتتىن ئېشىپ كەتمىدىڭلار، ئەمما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا مۇشۇنداق ئاستا سۈرئەتتە ھەيدەشنىڭ ئۆزىمۇ خەتەرلىك،-دەپتۇ قاتناش ساقچىسى.
    -ساقچى ئەپەندىم، بىز بەلگىلىمە بويىچە، سائىتىگە 19 ئىنگلىز مىللىق سۈرئەت بىلەن ماڭغانىدۇق.
    -خانىم، بۇ 19-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، بۇ پەقەت بۇ يولنىڭ بەلگىسى، بۇ ھەرگىزمۇ سۈرئەت چەكلىمىسى 19 ئىنگلىز مىلى دېگەنلىك ئەمەس،-دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ قاتناش ساقچىسى كۈلكىسىنى باسالماي.
    ماشىنا ھەيدىگەن موماي بۇنى ئاڭلاپ گاڭگىراپتۇ ھەم قاتناش ساقچىسىنىڭ ئۆزىگە خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىگە يېنىش-يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتىپتۇ.
    -مەن سىلەرنى قويۇپ بەرسەم بولىدۇ. لېكىن، سىلەرگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ، چىرايىڭلار بىر قىسمىلا كۆرىنىدىغۇ؟
    -سەل تۇرۇپ ئوڭلىنىپ قالىمىز، بىز تېخى بايىلا 150-نومۇرلۇق تاشيولدىن كەلگەن.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 4-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.