نۆل ئىچىدىكى روھ

يوللىغۇچى : alipoguz يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-02 05:45:00

نۆل ئىچىدىكى روھ نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز <<ھېچنىمە >> دىگەن بۇ ئۇقۇم شېئىر چۈشەنچىللىرى ساھەسىدە ئېلىپ بېرلىغان بولسىمۇ ،ئېنقىكى ئۇنى تېخمۇ ئېنق چۈشنۈش ۋە ماھىيىتنى بىلىش ئۈچۈن پەلسە...

        نۆل ئىچىدىكى روھ نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز 

         <<ھېچنىمە >> دىگەن بۇ ئۇقۇم شېئىر چۈشەنچىللىرى ساھەسىدە ئېلىپ بېرلىغان بولسىمۇ ،ئېنقىكى ئۇنى تېخمۇ ئېنق چۈشنۈش ۋە ماھىيىتنى بىلىش ئۈچۈن پەلسەپە ئارقىلىق چۈشەنچىمىزنىڭ توغرلىقىنى ياكى نىمە ئىكەنلىكىنى دەلىلەشكە شۇنداقلا ئېنق چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئەمدى قوپۇپ گاھىلارنىڭ ئاغزىدا <<ھېچنىمە شېئىرلار >>،<<ھېچنىمە شائىرلىرى >>دىگەن ئاتالغۇلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى ،مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم بىرەر ھېچنىمە شېئىريەت ئېقىمى شەكىلەنسىغۇ ياخشىتى ئەڭ يامىنى چۈشەنمەي ئەگىشىپ شېئىر يازدىغانلار نىڭ بۇرۇنقىدەك ئەخمەتجان ئوسمان باشلاپ بەرگەن يېڭىچە شېئىريەت ئېقىمنىڭ ئاسمىنىنى خىرەلەشتۈرۋەتكەندەك <<ھېچنىمە >>دىگەن سۆزگە چىڭ يېپىشىۋىلىپ ئەخمىقانە تەجىربىلەرنى ئېلىپ بارامدىكىن دىگەندىن ئەنسىرەشتىن ئىبارەت . دىمسىمۇ شېرىيىتمىز ، رومانچىلىقىمىز ھەممە كىرىپ پېتىقىلاپ چىكىتىدىغان ئىگىسىز باققا ئايلىنىپ قالغىلى نىكەم ..مەيلى نىمە ئۇقۇم بولسۇن ئۇنى فىزكا ، خىميە ، ئستېتىكا ، ئىتكا ، گىراماتىكا ، پەلسەپە ... قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىسپاتلاشقا يېشىشكە توغرا كېلىدۇ ...مېنىڭ قەلىمىمىنىڭ بىسى ئانچە دىگدەك ئۆتكۈر بولمىسىمۇ بۇ ھەققىدىكى چۈشەنچىللىرمنى ئوتتۇرغا تاشلاشنى لايىق تاپتىم .>>بۇ پەقەت باشقا نوختىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشتىن ئىبارەت . نۆل ئىچدىكى روھ سان ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ كشلەرنىڭ ھايتلىق پالىيىتگە يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە تەسىر كۆرسۈتۈپ كەلدى .ئىنسانلار دۇنايانى ھامان سان ئارقىلىق چۈشەندى ھەم ئۆز_ ئارا چۈشەندۈىشتى ،چۈنكى ئىنسانلار ئۆزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ماھىيىتنى چۈشۈنىشكە تەشنا ئىدى . يۇقاردىكى تەشنالىق تۈپەيلى ئىنسانلار دۇنيانى ئاتوم ، سۇ ، ئوت تۇپراق ،ھاۋا ...قاتارلىق چەكلىك ماددىي نەرسىلەر بىلەن ھەم روھ ، ئىلاھ ، شەيتان ، پەرىشتە ، دىۋە ...قاترلىق سانغا ئىگە بولغان شەكىلىسىز ۋە شەكىللىك روھىي ئۇقۇملاردىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ ئەسلى مەنبەسنى ئىزلەشتى شۇنداقلا ئۆزنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ماھىيىتنى چۈشەندۈرىشتى. ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى بىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلار دۇنيانىڭ بىر ئىلاھ تەرپىدىن يارتلغانلىقىنى شۇنداقلا پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ يىگانە ۋە قۇدرەتلىك ئىلاھنىڭ يارالمىشى ياكى ئەڭ دەسلەپكى يوقلۇقنىڭ (نۆلنىڭ )مەھسۇلاتى ، سايىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت چۈشەنچىگە مەركەزلەشكەن .ئۇلار بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ئەسلىنىڭ مەلۇم ساندىن باشلانغانلىقىنى ئىتارپ قىلىشقان .مەيلى قەدىمقىلارنىڭ ياكى ھازىرقىلارنىڭ قارشلىرى قانداق بولۇشتىن قەتتىي نەزەر ھەرقانداق مەۋجۇدات مەلۇم سانغا ئىگە بولىدۇ .ئۇ ئاۋال مەلۇم سانغا ئىگە بولغان مەۋجۇتلىقتىن باشلانغان ياكى پەيدا بولغان بولىدۇ . بۇ مۇقەرەرلىك . شۇڭلاشقا پىفاگورد:<<مىقتارنى دۇنيانىڭ نېگىزى .>>دەپ قارغان . دىمىسىمۇ ھەرقانداق مۈكەممەل مۇزىكا بولسۇن ياكى مۈكەممەل شەكىل بولسۇن ئۇلار سان ۋە مىقتارلارنىڭ بىركىشى ھەم ماسلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ مەسىلەن، شىمال ئاسمىنىدىكى چۈمۈچ يۇلتۇزى نۇرغۇنلىغان يەككە يۇلتۈزلارنىڭ مەلۇم نىسپەتتە بىركىشى ۋە ماسلىشىشى تۈپەيلى گۈزەل چۈمۈچ شەكلىنى پەيدا قىلغان . ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئاشكارە يوشۇرۇن ھادىسە ۋە شەئىلەرنىڭ سانىنى ئىگەللەش، بىلىش ئىستىكى ئۇلارنىڭ بىز ھازىر ئىشلىتۋاتقان سانلارنى ئىجات قىلىشغا سەۋەپ بولدى . ياق ،ئۇلار پەقەت سان بەلگىللىرنى ئىجات قىلىپ ئۆز روھىيدىكى ۋە كەڭ كائىناتتىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۈزەتتى .شۇڭلاشقا سانلار مەلۇم تار دائىردىكى بەلگە بولماستىن، ئۇ كەڭ مەندىن ئېيتقاندا ئىنسان روھىينىڭ چوڭقۇرلىقىدىكى مۈرەككەپ تۇيغۇ ، چۈشەنچىلەرنىڭ تاشقى ئىپادىسىدۇر .ئۇنىڭغا ئىنسانىيەتنىڭ ھېسياتى ،ئەقلىي يەكۈنلىرى ۋە ئالەم ھەققىدىكى قارشلىرى سېڭگەن . ئۇ ئالەم ماھىيتنىڭ ۋە ئىنسان روھىينىڭ سىموۋۋۇلى ... بىز تۈۋەندە سانلارنىڭ ماھىيتىنى ھەم ئۇنىڭ روھىيمىزدىكى ئورنىنى تېخمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشۈنش ئۈچۈن نۆل ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز . ھەرقانداق سان (مەۋجۇدات )نۆلدىن باشلىنىدۇ . نۆل سانلارنىڭ تۇجى تۇغۇلغان بۆشىكى . شۇنداقلا سانلارنىڭ ئاخىرقى قايتىدىغان ماكانى نۆل بەلگىسنىڭ تاشقى شەكلىمۇ ئالاھىدە سىموۋۋۇلغا تولغان ،نۆل چەمبەر شەكىللىك .چەمبەرنىڭ ئالاھسىلىگى شۇكى ، ئۇ چەكسىز كېڭىيىش قۇدۇرتىگە ئىگە ھەم ئۇنىڭدا مۈكەممەل ماسلىق مەۋجۇت ..پېفاگوردنىڭ نەزىردە :<<شار شەكلى ئەڭ گۈزەل شەكىل.>> ئىدى ، بۇ قەدىم دەۋىرنىڭ پەيلاسوپى شار ۋە چەمبەر شەكىللىك نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتەن كشنى مەھلىيا قىلغۇدەك گۈزەل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ..بىز ياشاۋاتقان يەرشارىمۇ شار شەكىللىك .بىز سۆزلىگەندە بولۇپمۇ ئازاپ ئىچىدە ۋاقىرغان پەيىتىمىزدە ئاغزىمىزنىڭ شەكلى نۆل ھالەتكە كېلىدۇ . يېقىملىق موزىكىلار نۆل شەكلىدە يىراقلارغا پەرۋاز قىلىدۇ . ،قۈياش ، ئاي دەل نۆل شەكلىدە .بىز ناۋادا نۆلنى تىكلىسەك شەر شەكلىگە ياتقۇزساق چەمبەر شەكلىگە كىرىدۇ . دىمەك نول چەمبەر ۋە شار شەكلىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان . نۆل خۇددى چەمبەر ياكى شار شەكلىگە ئوخشاش چەكسىز كېڭىيەلەيدۇ ھەم چەكسىز تاريالايدۇ .نۆلنىڭ چەكسىز كېڭيەلىشى ئۇنىڭ بىردىن باشلانغان چەكسىز سان (مەۋجۇدات ) باياۋىنىنى يارتالايدىغانلىقىغا قارتىلسا ، ئۇنىڭ چەكسىز تارىيىشى ئۇنىڭ تارىيىپ پۈتكۈل سانلارنى (مەۋجۇدات) ئۆزگە سېغدۇرۇپ ،ئاخىرى بىردىن _ بىر ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىغا يەنى ئۆزنىڭ ھەممنى ئۆزئىچگە ئالىدىغانلىقىغا قارتىلغان . نۆل نوقۇل ماتىماتىكىدا ئىپادە قىلىنغان نۆل بەلگىسى ئەمەس .ئۇ چەكسىز مەناغا ،مۈرەككەپ ھېس _ تۇيغىغا تولغان سىرلىق قەلىپ .بۇ قەلىپنىڭ ماددى شەكلى نۆل شەكىللىك كۆكسىمىزدىكى يۈرەك ، ئۇنىڭ شەكىلىسى مەۋجۇت شەكلى روھ يەنى يوقلۇق ،چەكسىزلىك ئەزىلىلىك ... بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئايان بولمىغان لېكىن بىز ئىزلەۋاتقان مەۋجۇتلۇق نۆل يەنى يوقلۇق .ئۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ يۈركى ۋە ئەسلى .نۆل چەكسىز نۆلنىڭ ئىچىدىكى شۇنداقلا بىر نۆلنىڭ ئىچدىكى چەكسىز نۆل . سۇ يۈزدىكى چەمبەرلەر (نۆل ) كۈلۈمسىرگەندە ئۇ چەكسىز كېڭىيىپ بارىدۇ . بۇ چەمبەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكىسى ئۆزنى تەۋرىتىپ يەنە بىر چەمبەرنى(نۆلنى ) پەيدا قىلىدۇ ،بۇ چەمبەر يەنە بىر چەمبەرنى ،بۇ چەمبەريەنە... چەمبەرلەر (نۆللەر ) تۇغۇلىۋىرىدۇ . ئۇلارنىڭ كېڭىيىشى نوقۇل سۇ يۈزى بىلەن چەكلەنمەيدۇ بەلكى قىيامەتكىچە چەكسىزلىككە قاراپ داۋام قىلىۋىردۇ ،بۇ گويا ئالەم سائەتنىڭ قۈياش ۋەي ئاينى دەۋىر قىلىپ ئايلانغىنىغا ياكى بىزنىڭ بېلىكىمىزدىكى سائەت ئىستىرلكىسنىڭ چەمبەرنى (نۆلنى ) دەۋىر قىلىپ ئايلانغىنىدەك ئىش لېكىن بىز چەكسىز كېڭىيىشنى كۆرەلمەيمىز پەقەت روھىيىمىزدا ھېس قىلىمىز . ئالەم ئەسلىدە يوقلۇق (نۆل )ئىدى ،ھەتتا بىز ئىنسانلارمۇ شۇننداق ئىدۇق .ئۇ لەكمىڭلىغان مەۋجۇداتنى ئاپىرىدە قىلدى .بۇلار نۆلدىن باشلاندى ،ئاخىرى نۆلگە قايتىدۇ .بۇ خۇددى بىر گۈلنىڭ <<ھېچنىمە>> بولمىغان قارا تۇپىراقتىن پەيدا بولۇپ ئاخىرى يەنە شۇ <<ھېچنىمە>> بولمىغان قارا تۇپىراققا ئايلانغىنىدەك ئىش ..بۇ يەردە نۆلنىڭ كېڭىشى ۋە تارىيىشىلا بار . چۈنكى ئۇلار نۆلگە تەۋە شۇنداقلا نۆلدىن تاشقىردا مەۋجۇت بولاپ تۇرالىشى ياكى ھەركەت قىلالاشى مۆمكۈن ئەمەس . شۇڭلاشقا نۆل نوقۇل شەكلان نۆل ئەمەس بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئالەمنى ئۆزىگە سېغدۇرغان ھەم ئۇنى ئاشكارلىغان نۆل ... بىز ئەزەلدىن چەكلىكلىككە كۆنەلمەيمىز شۇڭا نۆلدىن ئىبارەت <<ھېچنىمگە >>يىتشكە تەشنا .ھايتلىق بىر نۆلدىن يەنە بىر نۆلگە يېتىش جەريانى .باشلىنىش ۋە خاتىمە دەل نۆل ئىچىدە . بىز يەرشارنىڭ قەيىردىن سەپەرگە چىقايلۇق نىشانىمىز ياكى ئاخىرقى يەتكەن مەنزىلىمىز يەنىلا ئۆزىمىز بولۇپ چىقىدۇ . روھىيمىزدىكى خىيال ۋە چۈشلىرمىزنىڭ يىراقلارغا پەرۋاز قىلىپ ئاخىرى يېتىدىغان ماكانى ئۆزمىزنىڭ روھىي دالاسى بولۇپ قالىدۇ . .بارلىق سەپەر نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە تۈگەيدۇ . بىز بۇ ھايتلىق سەپىردە بىر نۆلنى ئايلاندۇق پەقەت ...بىز تۇغۇلغاندا نۆل نوختىدىن كەلدۇق پانىلىقتىن سەپەر قىلغاندا يەنە نۆل نوختىغا كىرىپ كېتىمىز خۇددى <<ھېچنىمە >>بولىمغاندەك . ھاياتلىقنىڭ ھەر دەقىقىلىرى نۆلدىن باشلانغان ،.بىز نۆل ئارقىلىق ئۆزىمىزنى چۈشەندۇق ،ئۇنى سېموۋۋۇل قىلىش ئارقىلىق چەكسىزلىككە يوقلۇققا بولغان تەلپۈنىشمىزنى ئىپادىلىدۇق ،شېئىرنى قۇرال قىلىپ ئۇنىڭ قوينىدا مەڭگۈ ئۇنىڭ بىلەن بىللە چەكسىز كېڭىيىشنى ئىستىدۇق .بۈيۈك ھېندى شائىرى تاگور مۇنداق دىگەن : <<بىرىنچسىز ئىككنچسى قۇرۇق ، ئىككىنچى بولغاچ بىرنچى ئۇلۇغ .>> ھەقىقەتتەن روھىي سىرلارنىڭ مەنبەسى ۋە باشلانمىسى بولغان يوقۇلق يەنى نۆل <<ھېچنىمە >> بولمىغان بولسا بارلىق ئىككىلەمچى ھادىسلەر مەۋجۇتلىقى نىمە قىلسۇن .نۆل ئىچىدە كېزىۋاتقىنى مېنىڭ ۋە سىللەرنىڭ روھىيڭلار چۈنكى ئۇ بىردىن بىر مەڭگۇلىككە ئىگە يىمرلمەس كۈچ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق