قۇرۇپ كەتكەن بىرتال ئەتىرگۈل

يوللىغۇچى : osman1996 يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-02 23:41:00

قۇرۇپ كەتكەن ، بەرگى تۆكۈلۈپ كەتكەن بىر تال ئەتىرگۈل . مەن كىتاپلىرىمنى رەتلەۋېتىپ، ئۇنى بىر قاتار كىتاپنىڭ ئارقىسىدىن بايقاپ قالدىم. قۇرۇپ تۆكۈلۈپ كەتكەن گۈل بەرگى بىر خىل خۇش پۇراق چېچىپ...

        قۇرۇپ كەتكەن ، بەرگى تۆكۈلۈپ كەتكەن بىر تال ئەتىرگۈل . مەن كىتاپلىرىمنى رەتلەۋېتىپ، ئۇنى بىر قاتار كىتاپنىڭ ئارقىسىدىن بايقاپ قالدىم. قۇرۇپ تۆكۈلۈپ كەتكەن گۈل بەرگى بىر خىل خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. مەن كۈلۈپ قويدۇم. ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كېتىلگەن يىراق ئۆتمۈشتىكى ئىشلار كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتكەندەك بولدى. مەن بىر ئاقىلنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم:«ئەسلىمىنىڭ قۇدرىتى ئەسلەشتە ئىپادىلىنىدۇ ھەم ئۇنتۇشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ». لېكىن كۆپ ئەھۋالدا، ئەسلەش مەن ئۈچۈن بىر خىل يۈك. مېنىڭ ھېس قىلىدىغىنىم، ئويلايدىغىنىم، كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم پەقەت كۆز ئالدىمدىكى نەرسە. پەقەت رېئاللىقلا مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىيالايدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە ۋاقىت كۆزنىڭ يالتتىدە چاقنىشىدۇر. مەن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ئازاپلىق قوينىغا ئۆزىمنى تاشلىمايمەن، كەلگۈسىنىڭ تۇمانلىرى ئىچىدىمۇ تەمتىرەپ يۈرمەيمەن. مەن ئۈچۈن ئېيىتقاندا، تۈنۈگۈن__قايتا تەكرارلانمايدىغان ئۆتمۈش؛ ئەتە__تېگىشكە بولمايدىغان كەلگۈسى. مەن بولسام بۈگۈنكى تۇرمۇشقا بەررەك كۆڭۈل بۆلىمەن، كۆز ئالدىمدىكى ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سېكۇنتىنى قەدىرلەيمەن. ئەتىدىن-كەچكىچە ئۆتمۈشنى ياد ئېتىپ ئولتۇرۇشنىڭ نېمە قىممىتى بار؟ ئۆتكەن ئىشلار ھىسياتقا بەك بېرىلىپ كېتىدىغان ئادەملەرنىڭ روھىدىكى«ئەپيۇن». يۈزەكى نۇقتىدىن قارىغاندا، كۈن بويى ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ ئىچىگە غەرىق بولۇپ يۈرۈشنى تۇغىلىشىدىلا بار بىر خىل ئىقتىدار دېگەندىن كۆرە، ئۇنى بىرخىل كېسەللىك دەپ قارىغىنىمىز ئەقىلگە مۇۋاپىق.ھەددىدىن زىيادە ھەم مەژنۇنلارچە تەشنالىقمۇ شۇ نۇقتىغا كىرىدۇ، چۈنكى تەشنا بولغان نەرسىگە ئېرىشىش ئىشەنچىسى تولۇق بولغاندىلا، ئۇ ئادەمگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ، لېكىن مۇنداق ئەھۋال ئاساسەن مەۋجۈت ئەمەس. ئۆزىڭىز تەشنا بولغان نەرسىگە نىسبەتەن سىزدە ئۇمۇد تولىمۇ غۇۋا بولسا ياكى سەۋرسىزلىك،تىت-تىتلىق،قىزىقىشغ ھېس قىلسىڭىز، ئۇ چاغدا بۇ خىل تەشنالىق، خۇشاللاق بىلەن ئازابنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالغان بولىدۇ، مۇقىم بولمايدۇ. مەنبە:<<تەرمىلەر>>دىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق