دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى-ئەرەبلەر بىخودلۇق ئىچىدىن ئويغاندى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-26 09:48:54

دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانىمۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسىئەرەبلەر بىخودلۇق ئىچىدىن ئويغاندىئۆتمۈشتە، دۇبەي پەقەت شەرق بىلەن غەرپ سو...



    دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى
    مۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)
    نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى

     





    ئەرەبلەر بىخودلۇق ئىچىدىن ئويغاندى

     



     

    ئۆتمۈشتە، دۇبەي پەقەت شەرق بىلەن غەرپ سودىگەرلىرىنىڭ يولىدىكى بىر بىكەت ئىدى، لىكىن ئۇ ھازىر جاھاننىڭ ھەممە يىرىگە تۇتاشقان سودا يولىنىڭ ئاخىرقى نوقتىسى بولۇپ قالدى. ئوتتۇرا قىسىم دۆلەتلىرى بىر ئىقتىسادى پايتەخىتكە مۇھتاج، بىز دەل مۇشۇ رولنى ئويناۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ دۇنياۋى سەۋىيىگە ئىگە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بولغانلىقىدىلا ئەمەس بەلكى بىزنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلالايدىغانلىقىمىزدىن.



    دۇبەينى پەقەت بىر كىچىك شەھەر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى پەقەت بىر كىچىك نىفىت دۆلىىتى دىمەي تۇرۇڭ. توغرا تەسەۋۇر، ئۈنۈم ۋە ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، دۆلەتنىڭ چوڭ- كىچكلىكى ۋە بايلىق مەنبەسىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. دۇنيادا نۇرغۇن نېفىت دۆلەتلىرى بار، لىكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ سەۋىيىمىزگە يىتەلمىدى. ئۇلار يۇقىرى سەۋىيىدىكى، پايدىسى يۇقىرى بۇ كىچىك شەخسى شىركەتنى مەڭگۈ يىڭىلمەس چوڭ كارخانىغا ئايلاندۇرالمىدى. غەربنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە مەغلۇبىيىتى، مەيلى كىرىست ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياكى ئۇنىڭدىن كىين بولسۇن، ئۇلارغا تۈۋرۈك بولۇپ تۇرۇۋاتقان شەھەرلەردىن ۋىنتىسيە، رېنىيا، ماسىر، بىسا... قاتارلىقلار بار، بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزدا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان شىياڭگاڭ، سىنگاپۇر قاتارلىق شەھەر ئىقتىسادى سىستىمىسى، نىيو-يۈرك، لوندون، فىرانىك فورىت قاتارلىق شەھەرلەر پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىغا باشلامچىلىق قىلىپلا قالماستىن، دۇنيانىڭ باشقا جايلىىرنىڭ پۇل- مۇئامىلە، مەبلەغ پائالىيەتلىرىنىمۇ كونتۇرۇل قىلىۋالغان.



    مەن بۇ گەپنى  ئىلگىرى  نۇرغۇن قىتىم  تىلغا ئالغان. بىزگە كەلگەن تارىخى پۇرسەت ئەرەبلەرنى بىخودلۇق ئىلكىدىن ئويغاتتى. مېنىڭچە ئەرەب مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە  يەنە بىر قىتىم ئۇلۇغ مىللەت بولۇش  پۈتۈلگەن بولسا كىرەك. ئىلگىرى قالاق ھالىتىمىز پەقەت تارىخىنىڭ   كىچكىكىنە بىر پەردىسى خالاس. بۇ بەك  ئۈمىدۋارلارچە قاراشمىكەن؟  ئەلۋەتتە شۇنداق، لىكىن بۇ رىئاللىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۇمىدۋارلىق. بىز خىلى بۇرۇنلا ئىگىز بىنا سېلىشقا كىتەرلىك ھەممە نەرسىلەرگە ئىگە بولغان، لىكىن بۇ ھىچنەرسىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ. تۈۋرۈكلەر ئىنتايىن مۇستەھكەم، لىكىن ئۇ تۆت ئەتراپتا چىچىلىپ ياتىدۇ؛ دەرىزىلەر ئىنتايىن چوڭ، لىكىن ئۇلار مەھكەم تاقاقلىق؛ تاملار ئىنتايىن ئىگىز، ئۇ كىشىلەرنى بىر- بىرىدىن ئايرىۋىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز مۇۋاپىق بىر كىشىنىڭ بىزگە باش بولۇپ تۈۋرۈكلەرنى بىر يەرگە يىغىپ، ئىگىلگەن جايلىرىنى تۈزلەپ، دۇنياغا دەرىزىنى كەڭ ئىچىشىغا ، ئىگىز تاملارغا ئىشىك ئورنىتىپ  كىشىلەرنى  بىر- بىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىىشىغا ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىغا مۇھتاج ئىدۇق.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.