لاۋ خېنىڭ خۇلاسە ماتېرىيالى يېزىشى

يوللىغۇچى : narquk يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-07 00:35:59

لاۋ خېنىڭ خۇلاسە ماتېرىيالى يېزىشىخۇاڭخې دەرياسى ساھىلىدا ياشاپ چوڭ بولغان لاۋخې ساھىلدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بازاردا كاتىپ بولۇپ ئىشلەپتۇ. تۇنجى يىلى يىللىق خۇلاسە ماتېرىيالىنى يېزىپلا رەھ...

     

    لاۋ خېنىڭ خۇلاسە ماتېرىيالى يېزىشى
     
     
    خۇاڭخې دەرياسى ساھىلىدا ياشاپ چوڭ بولغان لاۋخې ساھىلدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بازاردا كاتىپ بولۇپ ئىشلەپتۇ. تۇنجى يىلى يىللىق خۇلاسە ماتېرىيالىنى يېزىپلا رەھبەرلىكنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپتۇ. رەھبەرلىك؛ « بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ، ئادەتتە ماقالە يازساڭ قالتىس يازاتتىڭ. ئادەتتىكى يىللىق خۇلاسە ماتېرىيالىنىمۇ نېمانداق قاملاشتۇرۇپ يازالمايسەن» دەپ كايىپتۇ. لاۋ خې نائىلاج قايتا يېزىپتۇ. خۇلاسە ماتېرىيالىنى تۆت قېتىم يېزىپ تۆتىلى قېتىمدا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ، تىت-تىت بولغىنىدىن كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ. ئاخىرىدا  يەنىلا ياشقا چوڭراق مۇدىرىنىڭ  كۆرسەتمىسىنى ئاڭلاپ كۆڭلى بىردىنلا يورۇپ كېتىپتۇ. ئۇ « ئۆزىڭىزنى ماڭا قارىغاندا قالتىس چاغلىماڭ، بىراق خۇلاسە ماتېرىيالى يېزىشقا كەلگەندە سىز ماڭا قارىغاندا چولتىراقكەنسىز» دېگەچ خۇلاسە ماتېرىيالى يېزىشنىڭ ئېپىنى ئېيتىپ بېرىشكە باشلاپتۇ.
     
    1. ماقالىنىڭ باش قىسىمىنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باشلاش كېرەك. مەسىلەن؛ يىللىق خۇلاسە ماتېرىيالىنىڭ باش قىسىمدىلا- بىز بۇ بىر يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يىل بېشىدا بېكىتكەن خىزمەت نىشانىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن ئىچى-خىزمەتچىلەرنى چىن دىلىدىن ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يۈكسەك شىجائەت بىلەن ئەڭ يېڭى تارىخىي سەھىپە ئېچىپ، تۈرلىك خىزمەتلەردە ئۇچقاندەك ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق...دەپ باشلايسىز. بۇ خۇددى بىر ئادەم ئۆزىنىڭ چىرايلىق دوپپىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلغىنىغا ئوخشاش خۇلاسە ماتېرىيالىنىڭ باشلىمىدا قەتئىي كەم بولسا بولمايدىغان قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     
    2. ئۆزىنى قورقماي ماختاش كېرەك. يۇقىرى كەيپىيات بىلەن باشلانغان باشلىمىدىن كېيىن بىر قاتار نەتىجىلەرنى رەتلىك تىزىپ چىقىپ، ھەر قايسى خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، ئاۋارىچىلىقتىن، كۆپتۇرۋېتىشتىن قورقماسلىقىمىز لازىم. نەتىجىنى تىلغا ئالغاندا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، سۆزلەرنى قانچىكى كۆپتۈرۈپ ئىشلەتسەك شۇنچىكى ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ناۋادا بەزى كۆرسەتكۈچلەردىكى نەتىجە ئالدىنقى يىلىدىكىدىن تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن توغرىسىغا سېلىشتۇرۇش، پەسىللەر بويىچە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك. كەينىدىنلا؛ « ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەت، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار خىزمىتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان خىزمەتكە بۇراپ، كۈچەپ گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. بۇ توغرىلىق ئالغان مىساللار قانچىكى ئەتراپلىق بولىدىكەن، رەھبەرلەر بىزدىن رازى بولىدۇ. بىزمۇ خىزمەت ئىشلىگەن بولىمىز،
     
    3. قايىل قىلىش كۈچى يېتەرلىك بولمىغاندا ئاسىنىغا تۇتۇش قىلىپ، مۇھىملىرىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشىمىز لازىم. خۇلاسە ماتېرىيالىنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىمەن دەيدىكەنمىز ئاخىرقى ئىككى قىسىمىغا يەنى خۇلاسە يېتەرلىك بولمىغان قىسىمى بىلەن كېلەر يىللىق پىلان قىسىمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. خۇلاسىنىڭ يېتەرلىك بولمىغان قىسىمىدا «ئانچە مۇكەممەل بولۇپ كېتەلمىدى»، «بەلگىلىك پەرقلەر مەۋجۇت»، «ئۆزگەرتىشتە ئۈمىد بار» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، مەزمۇننى قانچىكى مۇجىمەللەشتۈرىۋەتسەك شۇنچە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. كېلەر يىللىق پىلان قىسىمىنى يېزىش ئانچە تەس ئەمەس، پىلان مەزمۇنى قانچىكى ئۈمىدۋارلىققا ، يۇقىرى كەيپىياتقا تولسا شۇنچە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
     
    4. ھەممىنى بىردەك خۇشاللىققا چۆمدۈرۈش كېرەك. خۇلاسە ماتېرىيالىنىڭ ئاخىرقى قىسىمىدا ئەزمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ. باشقىلارغا نەتىجىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان، كەمتەرلىكنىمۇ ئىپادىلىگەن، ھەممىنى شاد خۇراملىققا چۆمدۈرىدىغان كەيپىيات ئاتا قىلىش كېرەك.
     
    لاخېپېشقەدەم مۇدىرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سەككىزمىڭ خەتلىك مول مەزمۇنلۇق خۇلاسە ماتېرىيالىنى يېزىپ چىقىپتۇ. نەتىجىدە رەھبەرلىك ھاياجانلانغانلىقىدىن ئۈستەلنى مۇشتلاپ تۇرۇپ:«ياخشى.. ياخشى...خۇلاسە ماتېرىيالىنى مانا مۇشۇنداق يېزىش كېرەك» دەپ لاۋ خېنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىپتۇ. لاۋخې شۇندىلا خۇلاسە ماتېرىيالنىڭ مەدھىيىگە، لاپقا قانچىكى تويۇنسا ، ھەر يىلى «مىسلى كۆرۈلمىگەن نەتىجە» لەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېرىم يىلدىلا «ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈش» ياساپ، ئۇدا «رېكورت ياراتقان» لىق ئەھۋالى گەۋدىلەندۈرۈلسە ئۈنۈمىنىڭ شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپتۇ.
     
    ئەسەر مەنبەسى:
     
    “杂文月刊”2010.3.下54页“老何写总结” 郭震海
     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.