ئاتاكا

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 00:58:44

ئاتاكارېزاچ (چېخ ـ سلوۋاكىيە)(1901-1956) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ، مەمۇرىي كومىتېتنىڭ رەئىسىلىكىگە تەيىنلەنگەن باگار ۋە كومېتىېت ئەزالىرى ئانتوش، دېرىنتىس، لىيشېك بۇيرۇققا بىنائەن ...

    ئاتاكا
    رېزاچ (چېخ ـ سلوۋاكىيە)
    (1901-1956)


     ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ، مەمۇرىي كومىتېتنىڭ رەئىسىلىكىگە تەيىنلەنگەن باگار ۋە كومېتىېت ئەزالىرى ئانتوش، دېرىنتىس، لىيشېك بۇيرۇققا بىنائەن ۋەتەننىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن چېخ ـ سلوۋاكىيە بىلەن گېرمانىيە چېگرىسىدىكى سوۋېت ئىشغالىيىتىدىكى گېرمانىيە رايونىنىڭ بىماس دىگەن بىر كىچىك شەھىرىنى ئىدارە قىلىشقا كېلىدۇ. بۇ تۆتەيلەن 5 ـ ئايدىكى پراگا قوزغىلىڭىدا تونۇشقان بولۇپ، دۈشمەنگە بولغان ئورتاق ئۆچمەنلىك ئۇلارنى مۇستەھكەم ئىتتىپاقلاشتۇرغان. ئۇلار بىللە كوچا جېڭىگە قاتناشقان. باگار باشلىق ئۆتەيلەن بېماس شەھىرىگە كىرىپلا بۇرۇنقى شەھەرنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدراسىدىنىڭ كاتىپى دېسلىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە قىستاپ، بۇرۇنقى شەھەر باشلىقى رالىكنى موزدۇز ئېگورنىڭ ئۆيىدە قولغا ئالىدۇ ۋە ئەتىسى كادانغا ئەكەتمەكچى بولىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار يوشۇرۇنۇپ ياتقان ناتسىسىتلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. رالىك شۇ پۇرسەتتە قېچىپ كېتىدۇ. فاشىستلارنىڭ ئېچىنىشلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كوممۇنىست ئىشچى بارمىيې كادانغا بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. سوۋېت ئارمىيىسى جەڭگىۋار كىچىك ئەترەت ئەۋەتىدۇ. ئەترەت قورشاۋدا قالغانلار بىلەن سىرتتىن ماسلىشىپ، ناھايىتى تېزلا باندىتلارنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىدۇ.
       باگار باشلىق تۆتەيلەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىگە بولغان قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. باگار 1938 ـ يىلى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم كوممۇنىسىت بولۇپ، كېين دۆلەت ئىچىدە يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى بۇ شەھەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، مۇشۇ زېمىندا يېڭىدىن خەلق دېموكراتىيىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، دەپ بىلىدۇ. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى مەلۇم توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى بولغان دېرىنتىس پۇرسەتپەرەس ئادەم بولۇپ، ئىنقىلابنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ چوڭ بىر مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچى بولىدۇ. ئارغۇن لىيشېك بېماس شەھىرىگە كېلىپلا كزى قانۇنىي ۋارىسلىق قىلىدىغان مېھمانخانىنى قولىغا ئېلىشنىلا ئويلايدۇ. ئەتىسى باگار شۇ يەردىكى رادىئو ئىستانىسى ئارقىلىق گېرمانىيىلىك ئاھالىلەرگە: بېماس شەھىرى چېخلارنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتى مەمۇرىي كومىتېت بولۇپ تەشكىللىنىدۇ. بۇ كومىتېت بۈگۈندىن باشلاپ ئىش باشلايدۇ، دەپ جاكارلايدۇ. دېرىكتورلۇقنى قوشۇمچە غستىگە ئالغان دېرىنتىس توقۇمچىلىق فابرىكىسىغا بارىدۇ. لىيشېكمۇ ئۆيىگە قايتىدۇ، ئاپتوموبىل رېمونتچىسى ئانتوش باگارغا ياردەملىشىپ ئىشلەيدۇ. ئۇلار سوۋېت جەڭچىلىرىگە ياردەملىشىپ نېمىسلارنىڭ قورالىنى تاپشۇرۇۋېلىش، بولكىخانىدىكى ئاشلىقنى تېزىملاش، دۈشمەنلەرنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.
       باگار قاتارلىقلار ئىنتايىن مۇرەككەپ ئەھۋاللارغا، بولۇپمۇ دۈشمەنگە قارشى كەسكىن كۈرەشلەرگە دۇچ كېلىدۇ. قالدۇق فاشىستلار بۇرۇنقى پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، گىتلېر ياشلار ئىتتىپاقى ئاياللار ئەترىتىنىڭ باشلىقى ماگىل قاتارلىقلارنىڭ قوماندانلىقىدا تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ماگېلنىڭ جىنايىتى ئىزچىل، ئىسپات ماتېرىياللار تولۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، باگور ئۇنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئۇنى يالاپ كېتىۋاتقاندا، ناتسىتچىلار ئانتوش بىلەن كىرىنكىنىڭ بىخۇدلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئوق چىقىرىپ، ياردار قىلىپ ماگىلنى ئېپقاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۈشمەنلەر دېسلىنى رالىكنىڭ ئادرېسىنى بەر دەپ يارىدار قىلىدۇ. كېيىن ئۇلار يەنە پەم ئىشلىتىپ، جاراھىتى ساقايغان دېسلىنى باگارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ مەمۇرىي كومىتېتتا داۋاملىق ئۆز ۋەزىپىسىدە قېلىۋېرىشكە ئۈندەيدۇ ھەمدە بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلەرگە ئاستىرتىن قوماندانلىق قىلىش ئۈچۈن ماگىلنى ئۆيىدە ساقلىتىدۇ.
       چېخ دېھقان بائوستاپا پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بۇ چەت جايغا كېلىشنى تەلەپ قىلىپ، بېماسقا قاراشلىق بىر يېزىغا ئورۇنلىشىدۇ. ئۇ دېھقانچىلىقنى ياخشى قىلىدۇ. لېكىن قورسىقىدا غۇم ساقلاپ يەرگەن گېرمانىيىلىك دۈشمەنلەر ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئىككى تۇياق موزىيى بىلەن تۆت تۇياق سىيىرىگە زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. بائوستاپا بۇ ئەھۋالنى دەرھال مەمۇرىي كومېتىتقا مەلۇم قىلىدۇ. باگار بۇ ئىشقا كەسكىن تەدبىر قوللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماگىل بۇ يېزىدا پەيدا بولۇپ، گېرمانىيىلىك كۆچمەنلەرنى پۈتۈن چارۋىنى كېچىلەپ چېگرىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىشكە كۈشكۈرتىدۇ. لېكىن بۇ ئىش باگارنىڭ نەزەرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ دۈشمەنلەرنىڭ سۈيىقەستىنى ئېچىپ تاشلاپ، لىيشېك قاتارلىقلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي بۇ ئىشنى يۇقىرىغا يوللاپ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، پوتسىدام باياناتى بويىچەم سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن گېرمانىيىلىك كۆچمەنلەرنى بۇرۇنقى يۇرتىغا قايتۇرىدۇ. زور تۈركۈم چېخ دېھقانلىرى يېتىپ كېلىشىتن بۇرۇن يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئىشچىلىرى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، مەمۇرىي كومىتېتتا خىزمەت قىلىۋاتقان كىرنېك بائوستاپانىڭ قىزى ئېلىچنانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە بۇ يېزىغا كېلىپ ماكانلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
       شەھەرگە كېلىپ ماكانلاشقان بىر تۈركۈم چېخ ئىشچىلىرى، مەسلەن، ئاتا ـ بالا گېمىك قاتارلىقلار دېرنىتىس رەھبەرلىك قىلىۋاتقان توقۇمىچىلىق فابرىكىسىغا تەقسىم قىلىنىدۇ. گېمىك ئىشچىلارنىڭ باشلىقى بولىدۇ. قىزى ئېلچنا بوغالتىرلىقنى ۋە قوشۇمچە كاتىپلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىست. دېرىنتىس زاۋۇتنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مۈلكى قىلىشنى، بالدۇراق خوجايىن بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرىدۇ. رالىكنىڭ ئالىي داچىسىغا كۆچۈپ كرىپ ئۇنى تېخىمۇ بېزىمەكچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ فارىكىدىكى ئېسىل رەختنى ھايانكەش دېماشېر بىلەن بىناكارلىق ماتېرىياللىرىغا ئالماشتۇرىدۇ. كېيىنرەك ئۇ بۇرۇژئا ئۇنسۇرى روسمانىس قاتارلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرىدۇ. شۇنداقلا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن راكىللار بىلەن ھەمكارلىشىپ، فابرىكىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قارشى تۇرۇپ، چەت ئەلنىڭ بېسىمى ۋە سايلام ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ پرولېتارىيات سىنىپىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، كاپىتالىزىم يولىغا ماڭماقچى بولىدۇ. گېمىك قاتارلىق كىشىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئىشچىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، فابرىكا كومىتېتىنى تەشكىللەپ، دېرىنتىسنىڭ سۈيقەستىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.
       بارمىي ماگىلنىڭ دېسلىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇنغانلىقىنى سېزىپ قېلىپ، باگارغا مەلۇم قىلىدۇ. باگار مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن پوچتا ئىدارىسىگە ئورۇنلاشقان رۇسنى دېسلىنىڭ ئۆيىدە قوندۇرۇش باھانىسى بىلەن جاھىل ناتسىستچى ماگىلنى ئاخىر قولغا چۈشۈرىدۇ.
      بىرقانچە ئايلىق كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان جەڭگىۋار تۇرمۇش باگار بىلەن سىچىننانىڭ مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئورتاق غايە ئۇلارنى بىر ـ بىرىگە مەھكەم باغلايدۇ. ئانتوش باگارنىڭ تەربىيىلىشى بىلەن، ئەمەلىي خىزمەتلەردە چېنىقىپ، ھەقىقىي ئىنقىلاب يولىغا ماڭىدۇ. ئايالىنى يۆتكەپ كېلىپ بېماس شەھىرىنىڭ رەسمىي ئاھالىسى بولۇپ قالىدۇ.

       ۋاھاپ ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.