چىن ئىمپېرىيىسى

يوللىغۇچى : Arifbeg يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-25 18:24:41

چىن ئىمپېرىيىسى(تارىخىي رومان)بەشىنچى بۆلۈمقان بەدىلىگە يارىتىلغانمەدەنىيەت مۇئەللىپ: سۈن خاۋخۇيبۇبۆلۈمنىڭ تەرجىمىسىگە قەلەم تەۋرەتكۈچى : ، تۇرغۇن ئابدۇلئەزىزجۇڭگو ئانا مەدەنىيىتىنىڭ شان-شەرى...



     

    چىن ئىمپېرىيىسى
    (تارىخىي  رومان)
    بەشىنچى بۆلۈمقان بەدىلىگە يارىتىلغانمەدەنىيەت
                                      مۇئەللىپ: سۈن خاۋخۇي

    بۇبۆلۈمنىڭ تەرجىمىسىگە قەلەم تەۋرەتكۈچى : ، تۇرغۇن ئابدۇلئەزىز

      جۇڭگو ئانا مەدەنىيىتىنىڭ شان-شەرىپى ۋە غايىسىگەبېغىشلايمەن!
                  ـــبېغىشلىما
                                            مۇقەددىمە
       مۈلكى چىن سەلتەنەتىنىڭ 10-يىلىكۈز. چىنچۈەنئاسمىنىنى قاپلىغان قىزغۇچ توپا-توزانلىق تۇمان ھېچ تارقايدىغاندەك ئەمەس.
       قۇياش ھەر كۈنى ئۇيقۇسى قانمىغان ئادەمدەك ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن يىراق كۈنچىقىش تەرەپتىكى تاغدىن يامىشىپ كۆتۈرۈلەتتى، تەنگە  نەشتەردەك ئۇرۇلىدىغان ئاچچىقكۈز شامىلى ۋىژىلدايتتى، ۋېيشۇيدەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا كۆتۈرۈلگەن قىزغۇچ توپا- توزانلىق تۇمان يەر بېغىرلاپ پەس لەيلەپ تۇراتتى. تاغ سۈيى سېپىل خەندىكىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ ئەتراپتىكى ئېتىزلىق، ئورمانلىققا سوزۇلاتتى، دالالاردا ئاتلىقلار،پىيادىلەر ۋە ھارۋىلىقلار توختىماي ئۆتۈشەتتى. ئاستانە شيەنياڭنىڭ تۆت قوۋۇقىدىكىبەھەيۋەت ئۇچلۇق سېپىل راۋىقى بەئەينى  كۆرەڭ-مەغرۇر چەۋەندازلار ئوردۇبالىقتىكى ئوردا سارىيىنىڭ قەسىر راۋاقلىرىنى مۇھاپىزەتقىلىۋاتقاندەك، يالت-يۇلت چاقناپ تۇرغان قىزغۇچ سۆسۈن نۇرلىرى بىلەن قىزغۇچ تۇمان باغرىنى يېرىپ كۆككە ئۈسۈپ تۇراتتى. ئۇزۇندىن ئۇزۇنغاتۇتاش كەتكەن بىرى بىرىدىن ئېگىز ئۆگزىلەردىكى تاشپاقا، مارال، توز، يىلان مۇئەككەللىرىگە تەققاسلانغان ھايۋان-جانۋارلارنىڭ ھەيكەللىرى توپا-توزانغامىلىنىپ ھاماقەتلەرچە قىزغۇچ توپا-توزانلىق تۇماندا گاھ كۆرۈنۈپ گاھ غايىب بولاتتى.تاغۇ-دەريالار قىزغۇچ تۇمان قوينىدا قالاتتى، ئاسمان-زېمىننىڭ بېشى قېيىپ،چايقىلىپ، ئالامان كۆڭلىنى غەم-غۇسسىگە سالاتتى. ئاسمان ھەرقانچە پەيلىنى بۇزۇپ، تەلەتىنى تۈرۈپ ھومىيىپ تۇرسىمۇ تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئاستانە شيەنياڭ دەرھال ئويغىنىپ، زېمىندىكى بارلىق جانۋارلارنىڭ يېڭى بىر كۈنلۈك تىرىكچىلىكى باشلىناتتى.خورازنىڭ ئاخىرقى چىللىشى پەسەيمەستىلا ئاستانە كوچىلىرىدا مىغىلدىشىپ كەتكەن كىشىلەر ئات-ئۇلاغ،ھارۋا-غالتەكلىرى بىلەن ئۇياق-بۇياق ئۆتۈشۈپ، بازار قايناپ كېتەتتى. نەسەبدار-مەنسەپدارلار مەغرۇر گىدەيگىنىچە ئاتلىرىغا مىنىشىپ، ھارۋا-مەپىلىرىدە لاپچارىشىپ ئولتۇرۇشقىنىچە   ئالدىراپ-سالدىراپ مەھكىمە-قەسىرلىرىگە يول ئېلىشاتتى. كۈن بىلەن تەڭ تەرەپ-تەرەپتىنغۇژمەك-غۇژمەك كېلىشىدىغان مەدىكارلار ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنى، دېھقانلار گۈرجەك-ئوتىغۇچلىرىنى مۈرىسىگە سېلىشىپدۇكان-بازارلارغا، ئاستانە سىرتىدىكى ئېتىزلىقلارغا ئالدىرىشاتتى.ئۇزۇن كوچىنىڭئىككى قاسنىقى ساپلا ئەمەلدارلار مەھكىمىسى، دۇكان-ھۈنەرخانا، ساراي-مەيخانا،ئاۋام-ئالامان تۇرالغۇلىرى بىلەن سانجاقلاشقان بولۇپ،دۇكاندارلار قاقپودىلائىشىك-دېرىزىلىرىنى يوغان ئېچىشىپ، خوجايىن-چاكار بولۇشىغا قارىمايھويلا-ئارام، دۇكان-سارايلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىلىرىنى سۇ سېپىپ سۈپۈرۈشۈپ، تۈرلۈكئوقەت ھەلەكچىلىكلىرىگە تۇتۇنۇپ، يېڭى بىر تاڭنى ئۆز تىرىكچىلىكلىرى بىلەن كۈتۈۋالاتتى.شۇنىڭ بىلەن ئاستانە شيەنياڭنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان چاڭياڭكوچىسىدا دەسلەپ قىلىشىپ بولغان ئەتىگەنلىك بازار قىزىپ قايناپ كېتەتتى.
       ئاستانە شيەنياڭنىڭتۆۋەن قوۋۇقىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە سوزۇلغان، ئۇزۇنلۇقى ئالاھەزەل ئۈچ چاقىرىمچە كېلىدىغان بۇ كوچىنىڭ  يۇقىرىقى ئېغىزىبىلەن ئوردۇبالىق ئارىلىقىدىكى قىسىمىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بۈككىدە توغراقلىق ئاستانىدە گۈزەل بىر مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىدى. كوچىنىڭ كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقا يېيىلغان10 گەزچە كەڭلىكتىكى ئىككى قاسنىقىدا دۇكان-سارايلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپكەتكەن بولۇپ، چىن بەگلىكىدىكى سودىگەر-تىجارەتچىلەر ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن چوڭ بازارئىدى. چاڭياڭكوچىسىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى ھەشەم-سۆلىتى پۈتكۈل ئىقلىمغا پۇركەتكەن، ھەيۋەتلىك قەسر-سارايلىرى رەت-رېتى بىلەن زىچچىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇساپىر-مۇھاجىرلار بازىرى ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەشەمەتلىك كاتتا بازار ئىدى. چىنبەگلىكىنىڭ ئوردا مەھكىمىسى بىلەن تامغا بېجى  مەھكىمىسىگە  خوشنا چاڭياڭكوچىسىدىكى بۇ بازار بەگلىك بازىرىلىق دەرىجىسىگە لايىق ھالدا بەگلىك بازىرى، دەپئاتالغان بولسا، قورۇلنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىدىن كېلىپچىن بەگلىكىدە مۇھاجىرەت-مۇساپىرەتتە تۇرۇۋاتقان كاتتا باي-زەردار سودىگەر-تىجارەتچىلەر جەم بولۇشقان، سارايلىرى قىممەت-ئەتىۋارلىق تاۋارلار بىلەن تولغان بازار مۇھاجىرلار بازىرى، دەپئاتىلاتتى. ئەمما چىن بەگلىكىنىڭ شيەنياڭلىق ئاۋام-رەئىيەتلىرى ئەزەلدىنبۇنداق ئاتاشمايتتى، خالايىق يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئادەت-يوسۇنلىرى بويىچە چاڭياڭ كوچىسىدىكى بازارنى«گادايلار» بازىرى، دېيىشسە، ساراي-دۇكانلىرى قىممەت-ئەتىۋارلىق تاۋارلار بىلەن تولغان مۇھاجىرلار بازىرىنى «بايلار» بازىرى، دەپ ئاتىشاتتى. بۇمۇ ئاۋام-رەئىيەتنىڭھەق-لىللا باھاسى ئىدى. ئاۋام-رەئىيەت «بايلار» بازىرى، دەپ ئاتايدىغان مۇھاجىرلار بازىرىدا  توخۇ سۈتىدىن باشقاھەرقانداق نەرسە تېپىلسىمۇ، چاڭياڭكوچىسىدىكى بەگلىك بازىرىدا چىن بەگلىكىنىڭئەركان-مىزانلىرى رۇخسەت قىلغان مىلىچماللار تىجارىتىلا يۈرۈشەتتى، قورال-ياراغ،تۇز-تۆمۈر، ئۈنچە-مەرۋايىت، گۆھەر-ياقۇت، سىماپ، ھارۋا-مەپە، ئات-ئارغىماقدېگەنلەرنى چاڭياڭ كوچىسىدىن زىنھار تاپقىلى بولمايتتى. چاڭياڭكوچىسىدىكى دۇكان-سارايلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈچ-تۆتئېغىزلىق كىچىك دۇكانلار ئىدى، كاتتىراقلىرىمۇ يەتتە-سەككىز ئېغىزلىقتىنئاشمايدىغان دۇكانلار ئىدى، ئەڭ ھەشەم-كۆركەملىرىمۇ كىچىكرەك ھويلىلىق ئىككىقەۋەتلىك شال-تاختاي ئىمارەتلەر ئىدى. ئەمما «بايلار» بازىرىدا باشقائالتە بەگلىكتىن كەلگەن كاتتا باي-زەردار سودىگەرلەرنىڭ كۆك بىلەن بوي تالاشقان قات-قات راۋاقلىرى،ئازادەمەيدانلىق سودا سارايلىرى رەت-رېتى بىلەن جايلاشقان بولۇپ، بۇ سارايلارنىڭ سۈر-ھەيۋىسى،ھەشەم-دەرەملىرى چىن بەگلىكىنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرا، بەگ-تۆرىلىرىنىڭ قەسرىدىنمۇكۆركەم-ھەشەمەتلىك ئىدى. بۇ بازاردىكى ئادەتتىكى مىلىچ ماللار دۇكىنىمۇ نەچچە ئونئېغىزلىق، مال جاھازلىرى، ئىشىك-دەرىزىلىرى مىس-تۇچ، مەرمەر تاشلاردىن نەفسياسالغان بولۇپ، ھەشەم-دەرەمىنى چاڭياڭكوچىسىدىكى بازار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسئىدى.
       چىننىڭ يەرلىك ئاۋام-رەئىيەتلىرى يەنىلا چاڭياڭ كوچىسىنىياقتۇرۇشاتتى.
       مەھەللىۋى چىن بازىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى ئادەملەر بىلەن ئاۋاتئىدى. ئۆز ئىشىغا پۇختا، ئاددىي-ساددا ئاۋام-رەئىيەت كۈندۈزلىرى بازارتاشلاشمايتتى، تۈن نىسبىدە ئۆي-ئۆيلەر پانۇسلىرىنى ئۆچۈرۈشۈپ تۆشىكىگەئۇلاشقاندىلا ئاندىن دۇكان-سارايلار ئىشىك-دەرىزىلىرىنى تاقاپ، پانۇسلىرىنى ئۆچۈرۈشەتتى. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تىنجىغان تىنچ-ئاسايىشلىق يىللاردا ئاستانە شيەنياڭدا كېچە-كۈندۈز بازار قايناپ تۇراتتى ، چاڭياڭكوچىسىدا خېلى كۆپساراي-دۇكانلار پانۇسلىرىنى ئېگىز ئېسىشىپ، كېچىلىرى ھاجىتى چۈشۈپ قالىدىغان بىرەر-يېرىم خېرىدارنىساقلىشىپ تۈنىشەتتى. «بايلار» بازىرى، دېيىلىدىغان ھەشەمەتلىك مۇھاجىرلاربازىرىدىكى باشقا ئالتە بەگلىك سودىگەرلىرى ئاخىرقى خوراز چىللاپ قونداقتىن چۈشكەندىمۇ تېخىچە ئىللىق يوتقانلىرىغا چۈمكىنىپ، تېقىملىرىغا ئىللىق ئوسۇرۇشۇپ تاتلىق ئۇيقۇ راھىتىنى سۈرۈۋاتقاندا، چاڭياڭكوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازار شۇ كۈنلۈك دەسلىپىنى باشلاپ قىزىپ قايناپ كېتەتتى. چىنپۇقرالىرى گىرىمسەن تاڭ بىلەن تەڭ تۇشمۇ-تۇشتىن بازارغا چىقىپ سودا-سېتىقىنىپۈتتۈرۈۋالاتتى ياكى مەززىلىك ھىدى بازارنى بىر ئالغان پاقلان گۆشى شورپىسى بىلەنغىزالىنىۋېلىپ ئۆزىنىڭ شۇ كۈنلۈك تىرىكچىلىكىگە ئالدىرىشاتتى. مەھكىمە ئەمەلدارلىرى، مۇساپىر تالىبلار، موللا-دانىشلار كۆپىنچە چاڭياڭكوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا ئۇچرىشىپ دىدار - مۇلاقەتتە بولۇشاتتى، غىزالانغاچشۇ كۈنلۈك ئىشلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشۇۋېلىشقاندىن كېيىن ئىشلىرىغا مېڭىشاتتى.ئاي-يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چاڭياڭ كوچىسىنىڭ ئەتىگەنلىك بازىرى شيەنياڭلىقلارنىڭسەھەردە بارمىسا بولمايدىغان سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
       شۇ كۈنلەردە قاقپودا ئۇچراشقانبازارچىلارنىڭ ئاغزىدىن چىنچۈەن تۈزلەڭلىكى ئاسمىنىنىڭ كۆڭۈلنى دەكە-دۈككە، غەم-غۇسسىگە سالىدىغان خۇي-پەيلى خۇسۇسىدىكى  مىش-مىشلەرچۈشمەيدىغان بولۇشتى.
       يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يىراقتىكى گىلتاغلاردىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلاردىن ھاسىل بولغان قىزغۇچ تۇمان پەيدا قىلغان دەكە-دۈككە، غەم-غۇسسەلەر ئەسلىدىمۇ كىشىلەرنى ئانچە پاراكەندە قىلالمىغان ئىدى، بۇنىڭغا كىشىلەرباشلىرىنى چايقىشىپ ئۇھسىنىپ قويۇپلا ئۆز تىرىكچىلىكلىرىگە ئالدىرىشاتتى. ئەمما بۈگۈن ئۇنداق بولمىدى، خالايىق سالام-سەھەتتىن كېيىن ئۆزئارابىرنېمىلەرنى دەپ گۇدۇڭشىشتى، ھەممەيلەننىڭ دېيىشكەنلىرى ئوخشاش بىر مىش-مىش،مىش-مىشلەردە ئېيتىلىشىچە، چى بەگلىكىدىن شيەنياڭغا كېلىپ قالغان بىر سەرگەردان پالچى چىنچۈەن تۈزلەڭلىكى ئاسمىنىدا پەيدا بولغان قىزغۇچ توپا-توزانلىق تۇمان ھەققىدە پال ئېچىپ: «قىزغۇچ تۇماننىڭ كۆتۈرۈلىشى توپا يامغۇردىن بىشارەتتۇر، ئاسمانۇ-پەلەك، يەرۇ-زېمىن تامامى قىزغۇچ توپائاستىدا قېلىپ ئاۋامنى ساراسىمىگە سالۇر» دېگەنمىش. ئاستانىدىكى خالايىق مەيلىتونۇش-بۇرادەرلەر بولسۇن ياكى يات-يوچۇنلار بولسۇن بىر-بىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ھامان بىرنەچچە ئېغىزگۇدۇڭلىشىپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان كۆنۈپ قېلىشقان، ھېچكىمگە غەيرىي-يوچۇنتۇيۇلمايدىغان بۇ تۈگۈنلەر بىلەرمەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىشقا خۇشتار  مەمەدانلارنىڭ دەتالاشلىرىغا تۇترۇق بولۇپ بېرەتتى. بەزى مەمەدانلار قىزغۇچ تۇماننى قىزىل توپا، دېيىشسە، مۇنەججىم-قۇرئەندازلار «توپا يامغۇر» دېيىشتى، شۇڭا يەرلىك چىن پۇقرالىرىمۇ بۇنى توپا يامغۇر،دېيىشتى. بەزىلەر قايىل بولماستىن ئاسماندىن توپا يېغىشنىڭ بىرەر سەۋەبى بولۇشىكېرەك ئىدىغۇ، چىنچۈەنتۈزلەڭلىكى ياپ-يېشىل تاغلار بىلەن ئورالغان، سۈپ- سۈزۈكدەريا-ئېقىنلار ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان، يامغۇر-يېشىنى مول زېمىن تۇرسا نەدىن كەلگەن قىزىل توپا-توزانلىق ھاۋا ئىكەن؟ دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ساراسىمىگە چۈشكىنىچە «ۋاي ئاتامەي، چىن بەگلىكىگە راستىنلا بىرەر زەرەر يېتەرمۇ؟» دېيىشەتتى.ئىشقىلىپ چىن پۇقرالىرى ئاغزىدا كۆكتە قۇتراپ يۈرگەن قىزغۇچ توپا-توزانلار ھەققىدىكىمىش-مىشلەر تارقىلىپ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرۈشەتتى.
       ــــ خالايىق تېز بېرىپ كۆرۈڭلار! تۆۋەن قوۋۇقتائىنئام بار ئىكەن! بىر سۆزى مىڭ تىللا ئىكەن!
        ئاۋام-رەئىيەت غۇژمەكلىشىۋېلىپئاسماننىڭ خۇي-پەيلى خۇسۇسىدا قىزغىن مەمەدانلىق قىلىشىۋاتقان دەل شۇنداق بىر دەقىقىدە، بىر ئوغۇل بالائۇشتۇمتۇت كوچىدىكى ئالامان ئارىسىدىن ئۇچقاندەك چىقىپبالىلارچە يۇمران، جاراڭلىق ئاۋازدا ۋارقىرىغىنىچە ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن دۇكان-سارايلاردىكىسودىگەر-تىجارەتچىلەر، چاربازارچى-ھۆپىگەرلەر، كوچا تازىلاۋاتقان چاكار-مەدىكارلار بىرمەھەل گاڭگىراپ قېلىشتى. بىربوۋاي: «نېمە-نېمە-نېمە؟ بىر سۆزى مىڭ تىللا؟ ئوچۇقراق دېسەڭچۇ!» دەپ ئوغۇل بالىنىڭ كەينىدىن ۋارقىراپ قالدى. يەنە بىرەيلەن قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە: «ۋۇي شۇمتەك، تېخى ئويغانماپسىنە! بوۋاڭمۇئۇخلاۋاتامدۇ-نېمە؟ بىر سۆزى مىڭ تىللا، سۈپۈرگەمنى تاشلاپ خەت ئوقۇشنىئۆگەنگىلى بارايچۇ !» دېدى، ئۇنىڭ بۇ قىزىقچىلىقىنى ئاڭلىغان كوچا، دۇكان-سارايدىكىلەرمۇ پاراققىدە كۈلۈشۈپكېتىشتى، ياندىكى سايىۋەنلىك ئاشپۇزۇلدا بىر كاسا مەينى تامشىپ ئولتۇرغان بىرەيلەن قىستاپ كەتكەن كۈلكىسىنى باسالماي مەينى پۈركۈۋەتتى...
       ــــ تۆۋەن قوۋۇقتائىنئام باركەن! بىر سۆزىگە مىڭ تىللا بېرىلىدىكەن! تېز بېرىڭلار! ــــ ھېلىقى ئوغۇل بالا بايىقىدەكلا يۈگۈرگەچۋارقىرايتتى.

       ئوغۇل بالىنىڭ يول بويى جاراڭلىق، ئىنچىكە ئاۋازدا سالغان جارلىرىدىن بازاردىكىلەر تەۋرەشكە باشلىدى. دەسلەپتە بىرنەچچە بىكارتەلەپ ئالاقاناتلار پىرقىراپ-لەپپەڭشىپ دېگىدەك تۆۋەن قوۋۇققائېتىلىشتى، ئارقىدىنلا ساراي-ئاشپۇزۇللاردىكىلەر قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى، چوكا-كاسالىرىنى قويۇشۇپ چىقىشتى، ئاخىردا چاكار-مەدىكارلار سۈپۈرگە، مىس-ياغاچ داس-تەڭنىلىرىنى، دەسمال-پەرتۇقلىرىنى تاشلاپ تۆۋەن قوۋۇق تامان يۈگرۈشتى، مەھكىمىگە كېتىشىۋاتقان ئەمەلدارلار، مۇساپىر تالىبلار ئاتلىرى، ھارۋا-مەپىلىرىنىڭ يۈگەن-چۇلۋۇرلىرىنى بۇراپ تۆۋەن قوۋۇق تەرەپكە كېتىۋاتقانلارغا سوڭداشتى.

       تۆۋەن قوۋۇقنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى دەڭ قىزىپ قايناپ كەتكەن ئىدى.

       سېپىل تۈۋىگە ئىككى گەزدىن ئېگىزرەك تىكلەنگەن تاختاي تام سېپىل قوۋۇقىدىن دەڭنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگىچە ئىككى ئوق يېتىمى سوزۇلغان، تاختاي تامغا تالا-تالا ئېسىلغان خەسە ئىككى گەزدىن ئېگىزرەك تاختاي تامدىن يەرگە ئۈچ گەزچە ئۇزۇنلۇقتا سېلىنىپ لەپىلدەپ بەھەيۋەت مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىدى. كۈن چىقىش تەرەپتىكى بىرىنچى خەسىگە ئادەم بېشىدەك يوغانلىقتىكى «لۈبۇۋېي تەپسىرى»دېگەن مىسرەڭ ھەل بېرىلگەن خەت مىقلانغان، ئۇنىڭ ئاستىغا تىكلەنگەن سىدام تاختايغا «جاھان ئەھلىنىڭ ‹لۈبۇۋېي تەپسىرى›نى تۈزىتىشكە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ئىلتىجا قىلىمىز، بىر سۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە مىڭ تىللا بېرىلىدۇ!» دەپ يېزىلغان ئىدى. خەسىلەر كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقا  رەتلىك ئېسىلغان بولۇپ، خەتلەر ئېنىق، چىرايلىق قىلىپ قوش مۇشتەك يوغان يېزىلغان، ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان تام تۈۋىگە ناھايىتى چوڭ پۈتۈك شىرەلىرى قاتار تىزىپ قويۇلغان، شىرەگە سىياھدان، قەلەمدان، قەغەزداندا تېرەقەغەزلەر رەتلىك دەستىلەپ تىزىپ قويۇلغان ئىدى. ھەربىر شىرە يېنىدا پوزۇر كىيىنگەن ئىككىدىن تالىب: «ئەھلى ئىلىم،مەرىپەت ساھىبلىرى قەدەم تەشرىپ قىلىپ خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە تۆھپىسىنى ئايىمغاي! ھەرقايسىلىرى مەيلى قايسى تەبىقىدىن بولۇشلىرىدىن قەتئىينەزەر بۇ بۈيۈك ئەسەرنى تۈزىتىشكە ياردەملىرىنى ئاياشمىغايلا، بىر خېتىنى تۈزەتكەنلەرگە مىڭ تىللا ئىنئام بېرىلىدۇ!» دەپ توختىماستىن جار سېلىشاتتى.

      ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇنداق بەھەيۋەت مەنزىرىنى كۆرگەن ئالامان سەل كەبى چايقىلىپ ئاقماقتا ئىدى.

       بىرەر ئاش پىشىمى ئۆتمەيلا تۆۋەن قوۋۇقتىكى كۈنچىقىش سېپىلىنىڭ ئاستى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. سېپىل خەندىكىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەرەخلەرگە قاغا-كەپتەرلەردەك قونۇشۇۋالغان كەپسىز بالىلار تاماشاغا ئالدىراشتى. ئالامان توپىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن دەڭدىكى ئات-ئۇلاغ، ھارۋىلار قىستاپ چىقىرىۋېتىلدى. تالىبلار، ساۋادلىق مەمەدان-سۇخەندازلار سېپىل تۈۋىدىكى ھەر يوغان قورام تاشلارنىڭ ئۈستىگە، دۆڭرەك يەرلەرگە چىقىۋېلىپ خەسىگە يېزىلغان كالام تەپسىرلىرىنى كانايلىرى پۈتۈپ قالغىدەك ۋارقىرىشىپ ئوقۇشتى. ئالامان توپىدىن ھېلىدىن-ھېلىغا بەس-بەستە غۇلغۇلىلار كۆتۈرۈلۈپ، چىن بەگلىكىنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى مەيدان بازىرىدىن ئۆتە قىزىپ كەتتى. ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان قاراقورساق دېھقانلار، ساۋادسىز ھاممال- مەدىكارلار شۇ تاپتا ئۆزلىرىگە بىرەر ساخاۋەتچى تۆرە بايراملىق زىياپەت بېرىۋاتقاندەك شادلىنىپ كېتىشكەن بولۇپ، بىرەر-يېرىم تونۇش-بىلىشلىرى ئۇچراپ قالغانلىرى قاھقاھلاپ كۈلۈشكىنىچە: «ئاغا، ئۆزلىرى ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئادەم، تېز بېرىپ تۈزەتسىلە، بىر خەت تۈزىتىپ قويسىلىرى جاھاننى بىر ئايلىنىپ چىقالايدىلا!» دەپ ۋارقىرىسا، ھېلىقى كىشىمۇ خۇشاللىقتىن ھىجىيىپ: «ئىنىم، ئۆزلىرىمۇ قېلىشمايدىلا، بىرەر خەتنى تۈزەتسىلە بىرەر يۈز خوتۇن ئېلىۋېلىشلىرىغا يېتىپ ئاشىدۇ» دەپ ۋارقىراپ چاقچاق قىلاتتى جاۋابەن. ئاشۇنداق سۇخەنداز، مەمەدانلارنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى، قىيقاس-چۇقانلىرى بەجايىكى دېڭىز بورىنىدەك كۆز يەتكۈسىز ئادەم دېڭىزىنى چايقاپ، ھەيۋەتلىك مەۋج ئۇرۇۋاتقان سۈرەن-شاۋقۇنلۇق دولقۇن ھاسىل قىلدى. ئوقۇغان، ساۋادلىق كىشىلەر بىلىمىنىڭ قانچىلىك بولۇشىغا قارىماي قولۇم-قوشنا، تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، پوكاندەك قىزىرىپ تامدىكى يوغان خەتلەر يېزىلغان خەسىگە تىكىلگىنىچە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بىرەر-يېرىم خاتالىق بايقىۋېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. شيەنياڭلىق چىن پۇقرالىرىنىڭ بىر ئادىتى بار ئىدى: كىمەرسەكىم بىرەر ئىش قىلماق بولسا راۋۇرۇس قىلمىقى ۋاجىبتۇر، ئانچىكى ساۋادلىق بولۇۋېلىپ تالىپ-خەلپەت، دەپ ئەلگە نامى تارالغىنى بىلەن ھالقىلىق چاغدا ھاجەتمەنلەرگە ئەسقاتماي قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشسا، بۇ خۇددى نام-ئاتاققا ھېرىسمەن شۆھرەتپەرەست باتۇر-ئەزىمەتلەرنىڭ كۈنبويى جانبازلىق مەشقى بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرۇپمۇ گېزى كەلگەندە ئۇرۇشقا قاتناشماي قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشقىنىغا باراۋەر، شۇنداق ئىكەن ئۇنداق ئادەمنى قانداقمۇ ئەزىمەت، دېگىلى بولسۇن؟ دەپ كۆزگە ئىلمايتتى. دېمەك، شۇ تاپتا تۆۋەن قوۋۇقتا خەت-سۆز تۈزىتەلىسۇن-تۈزىتەلمىسۇن، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، ۋەھالەنكى، ھېچبولمىغاندا خالايىق ئالدىدا پۇقرا تالىبلارنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرۈپ ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنماسلىقى كېرەك ئىدى.

       ئۇشتۇمتۇت پاكىزە، رەتلىك كىيىنگەن بىر ساۋادلىق كىشى بىر قورام تاشقا سەكرەپ چىقىۋىدى، ئالامان توپى خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك بىرپەس جىمجىتلىققا چۆمدى.

       ــــ خالايىق، پەقىر بۇ خەتلەرنى نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم، ئۇنى تۈزىتىپ ئىنئامنى تەڭ بۆلۈشسەك قانداق دەيسىزلەر؟ ــــ دېدى ئۇ كىشى.

       ــــ بارىكاللا! ئاپىرىن! ــــ ئالامان تۇشمۇ-تۇشتىن چۇرقىرىشىپ ئالقىش ياڭرىتىشتى.

       بۇ پۇقرا تالىب دەرھال ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ تامغا ئېسىلغان خەسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

       ــــ مەزكۇر «ئاۋامنى قەدىرلەش تەپسىرى»دە شۇنداق يېزىلىپتۇ: «بۇرۇنقى زامانلاردىكى دانا-ئاقىل بەگلەر سەلتەنەت سۈرگەندە ئەدلۇ-ئادالەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئادالەتنى بەگلىك تىنچلىقى ۋە ئاسايىشلىقىنىڭ ھامىيسى قىلغان! ... ئالەم بىرلا ئادەمگە بەخشەندە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاۋام-رەئىيەتكە مەنسۇپ. بۇ زېمىندا تۈرلۈك-تۈمەن ئۆسۈملۈك، كۈللى جانىۋارلارنىڭ ھەققى بار، شىپالىق يامغۇر بىرلا ئۆسۈملۈك-جانۋارغا خاس ئەمەس.  پۇقرالارنىڭ يۆلەنچۈكى بولمىش بەگ-تۆرىلەر بىرلا ئادەمگە ھامىي ئەمەس، ئۇلار ھەممىگە بىركۆزدە قارىمىقى لازىم» !

       ــــ بەرھەق ! بەرھەق ! ــــ ئادەملەر توپىدىن گۈلدىراس ئالقىش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.

       ــــ بۇنى ئۆزگەرتسەك قانداق دەيسىلەر؟

       ــــ قەتئىي ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ! ــــ ئاۋامنىڭ ھەيۋەتلىك، جاراڭلىق قىيقاس-چوقانلىرى ئاسمان-زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرۈۋەتتى.

       ھېلىقى پۇقرا تالىب ئىلاجسىز قالغان قىياپەتتە قاش-كۆزلىرىنى ھىمىرىپ-پولتايتىپ شەيتانلىق قىلىپ، كىشىلەرنى كۈلدۈرگەچ يەنە تامغا بۇرۇلدى:

       ــــ يەنە داۋاملىق ئىشتىڭلاركى، مانا بۇ «ئاۋام رايىغا بېقىش تەپسىرى»دا يېزىلىپتۇكى: «بۇرۇنقى  زامانلاردا سەلتەنەت سۈرگەن بەگلەر ئىچىدە ئاۋام-رەئىيەت كۆڭلىنى ئۇتۇپ نام-شۆھرەت قازانغان، چەكسىز مېھر-شەپقىتى ئارقىلىق  ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ كاتتا تۆھپە ياراتقان، يۈكسەك ھەمدۇ-سەنالار ساھىبىغا ئايلانغانلار ناھايىتى كۆپ، ئاۋام-رەئىيەتنىڭ رايىغا باقماي، ئاۋامغا جەبرۇ-زۇلۇم سېلىش بەدىلىگە نۇسرەت قازانغانلارنىڭ تىمسالى ئەزەلدىن بولغان ئەمەس. ئاۋام كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭمۇ يولى باردۇر، مەيلى قۇدرەتلىك كاتتا بەگلىك بولسۇن ياكى كىچىك، ئاجىزبەگلىك بولسۇن، ئاۋام كۆڭلىنى ئۇتقان سەلتەنەت ساھىبلىرىدىن ئاۋام خۇش بولغان، ئاۋام كۆڭلىنى خۇش قىلالىغان بەگلەرلا ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىغان، ئەجەبا، ئاۋام كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان ساۋاب-ئىنسابلىق ئىشلار شۇنچە كۆپمىدۇ؟ مانا بۇ ئاۋام كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر!» ــــ دەپ ئوقۇدى.

       ــــ ياشىسۇن !

       ــــ مانا بۇنى ئۆزگەرتسەك قانداق؟

       ــــ بىر سۆزنىمۇ ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك ! ــــ ئاۋامنىڭ جاراڭلىق ساداسى، قىيقاس-سۈرەنلىرىنىڭ زىلزىلىسى يەنە ئەۋجگە چىقتى.

       ھېلىقى پۇقرا تالىب بېشىنى چايقىغىنىچە يەنە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ:

       ــــ يەنە ئىشتىڭلاركى، مانا ماۋۇسى «ئادالەتلىك ئۇرۇش تەپسىرى» دۇر، ئەي خالايىق، ئانىڭدا شۇنداق يېزىلىپتۇكى: «بۇرۇنقى زامانلاردىكى بەگلەر ئەدلۇ-ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يولىدا ئۇرۇش قىلغانلەركى، ئورۇنسىز ئۇرۇش قىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمىگەن. ئۇرۇش ناھايىتى قەدىم زامانلاردىلا ئىنسانىيەت بىلەن تەڭلا بارلىققا كەلگەن. ئومۇمەن بارلىق ئۇرۇش پاراسەت-جاسارەت، كۈچ-قۇدرەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغاندۇر، پاراسەت-جاسارەت، كۈچ-قۇدرەت ئىنساننىڭ ماھىيىتىدۇر. ئىنساننىڭ بۇ ماھىيىتى تۇغمىدۇر، يەنى بۇنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغانلەركى، ئادەمزاتىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن بۇنداق ماھىيەتنى ئاپرىدە قىلغىلى بولماستۇر. ئەلەم ساھىبلىرى ئەلەم ماھارىتى بىلەن بۇنى ئۆزگەرتەلمەس ھەم پەم-پاراسەت ئىگىلىرىمۇ بۇنى تەۋرىتەلمەستۇر! ... جاھاندا ئۇرۇش پەيدا بولغىلى ناھايىتى ئۇزاق بولغاندۇر، ئۇنى توسۇۋالغىلىمۇ، تىنجىتقىلىمۇ بولماستۇر، شۇڭا دەرلەركى، بۇرۇنقى زامانلاردىكى بەگلەر ئەدلۇ-ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يولىدا ئۇرۇش قىلغانلەر، ھەرگىز ئورۇنسىز ئۇرۇش قىلغان ئەمەس! ... ئەدلۇ-ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يولىدىكى ئۇرۇش ئەلنى تىنچ-ئامان ئىدارە قىلىشنىڭ شىپالىق دورىسىدۇر، ناۋادا قىلماقچى بولغان ئۇرۇش ھەققانىيەتكە ئۇيغۇن كەلسە، بۇنداق ئۇرۇشنى كېچىكتۈرمەي قىلىپ، زالىم بەگ-تۆرىلەرنى جازالاپ، ئاۋام-رەئىيەتنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتقۇزۇش جائىزدۇر، بۇنىڭدىن ئاۋام-رەئىيەت خۇددى ساداقەتمەن پەرزەنت مېھرىبان ئاتا-ئانىسىنى كۆرگەندەك، ئاچ-زارلىقتا قالغان ئادەم مەززىلىك غىزا-تائامغا ئېرىشكەندەك، چۆل-دەشتلەردە چاڭقاپ ھالىدىن كەتكەن ئادەم ئابىھايات ئوخچۇپ تۇرغان زۇمرەت بۇلاققا يولۇققاندەك شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ!»

       ــــ ياشىسۇن ھەققانىيەت، ئادالەت يولىدىكى ئۇرۇش !

       ــــ بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەكمىكەن؟

       ــــ بۇنى ئۆزگەرتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ !

       ــــ ئىنئام ئالغۇڭلار يوقما ؟

       ــــ ئالمايمىز! ئۇنداق ئىنئامنىڭ كېرىكى يوق! ــــ تاغلارنى تەۋرەتكۈدەك، دەريا-دېڭىز تاشقىنىدەك بەھەيۋەت جاراڭلىق سادالار پۈتكۈل شيەنياڭئاسمىنىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى.

       ھېلىقى پۇقرا تالىب قورام ئۈستىدىن دىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ تامدىكى خەسىگە ئېگىلىپ تازىم قىلدى ۋە:

       ــــ يا سەللەللاھۇ پىر كامىللەر ! سۆز كانلىرىدىن دۇر-مارجان قېزىشتا كامالەت تاپقان پاراسەت-پاساھەت ساھىبى بولمىش بۇ ھەزرىتىئىرپانبەگ  ھەقىقەتەن ئەلنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپتۇ! ــــ دېگىنىچە قەلب تۆرىدىن چەكسىز ھۆرمەت، كامالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈرۈپ يەنە بىر رەت تازىم قىلىۋېتىپ، چەبدەسلىك بىلەن ئاۋام-رەئىيەت توپىغا شۇڭغۇپ غايىب بولدى، شۇ تاپتا ئۇ ئىنئامغا ئېرىشكەندىن ئۆتە خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.

       ئاۋام-رەئىيەت توپى سۇخەندازلىق تۈگمىنىگە سۇ باشلاپ، مەمەدانلىق قامچىسىنى قارسىلدىتىپ غۇلغۇلا قىلىشىۋاتقان شۇنداق بىر چاغدا، بىرتوپ ئاتلىقلارنىڭ ھېماتىدا ھەشەم-دەرەمى مانا مەن، دەپلا تۇرغان بىر يېنىك ھارۋا ئالامان توپىنى يېرىپ كىرىپ كەلدى.

       ھارۋا دەڭنىڭ چېتىدە ئاستا-ئاستا توختىغاندىن كېيىن پوزۇر كىيىنگەن بىرنەچچە چەبدەس ھېماتچى ئاتتىن چۈشۈپ، ھارۋىدىن قىزىل كىمخاب بىلەن ئورالغان يوغان مىس ساندۇقنى ئىنجىقلاپ ئاران-ئاران چۈشۈردى. يەنە بىرنەچچە چەبدەس ھېماتچى كۈمۈشتەك ئاقارغان چاچلىرى يەلكىسىگىچە سېلىنىپ تۇرغان بىر مۆتىۋەللى كىشىنى قورۇقدىغىنىچە خەسە ئېسىلغان تام تۈۋىگە كېلىپ توختىدى.

       خېلىدىن بېرى يېزىق شىرەسى يېنىدا تىك تۇرغان تېجىمەل:

       ــــ خالايىق يول بوشىتىڭلار، ئەركانبەگسەي زېھەزرەتلىرى  كەلدى...!!! ــــ دەپ جاكارلىدى سوزۇق ئاۋازدا.

       ئاۋام توپى تەۋرەپ-چايقىلىپ يول ئاچتى. قىزىل كىمخاب تون كىيگەن، چاچ-ساقاللىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ئەركانبەگسەي زېچوڭ-چوڭ  چامداپ يوغان بىر مەر-مەرتاش ئالدىغا كېلىپ، ئۆزىنى يۆلىگىلى كەلگەن قورۇقچىلارنى قول ئىشارىسى بىلەن توختىتىپ، خۇددى ياشلاردەك بىر قەدەمدىلا مەر-مەرتاشقا چىقتى. ئاۋام-رەئىيەت توپى ئەھۋالنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشىپ ئاستا-ئاستا تىنچلاندى. ئەركانبەگ سەي زې ئەركەك غازنىڭكىدەك غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى  بىلەن ئاۋامنى ئۆزىگە جەلب قىلىش ئۈچۈن ۋەزىنلىك سۆزلەشكە تىرمىشىپ:                              ــــ خالايىق، شۇ تاپتا پەقىر ياشىنىپ قالغانلىقىمدىن مەنسىپىمدىن ئىستېپا سوراپ، ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي ھەزرەتلىرىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن خەت-سۆز تۈزەتكۈچى، مەسلىھەت بەرگۈچى ئەللامە-ئۆلىما، دانىش-موللىلار، تالىبىل ئىلىملارنى يوقلاپ كەلدىم.‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى ›ھەزرىتى ئىرپانبەگلۈ بۇۋېي جانابلىرىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى يېگانە ئەركان-مىزانىدۇر. مانا بۈگۈن بۇ يېگانە كالامنى ئاستانە  شيەنياڭقوۋۇقىدا جاكارلاشتىن مۇددىئا-مەقسەت شۇدۇركىم، پۈتكۈل بەگلىك رەئىيەتلىرىگە ئۇنى بىلدۈرمەكلىكتۇر. جاھاندىكى ئۆلىما-ئەللامە، ئاقىل-دانىش، موللا-تالىبلارنىڭ بۇ يېگانە كالامنىڭ خاتاسى بولسا پىكىر-مەسلىھەتلىرىنى ئايىماي تۈزىتىپ بېرىشىنى ئىلتىجا قىلىمىز. بىر خېتىنى تۈزەتكۈچىلەر مىڭ تىللا بىلەن تارتۇقلىنىدۇ ھەم ئۇستاز سۈپىتىدە ئىززەت-ئېكرام بىلدۈرۈلىدۇ. پەقىرلىرى ھازىر ھەرقايسىڭىزلەرگە ئوخشاشلا رەئىيەتمەن، شۇڭا ئادىللىقنى ياقلايمەن. كېلىڭلار، ئىنئام قاچىلانغان ساندۇقنى ئېچىڭلار !ـــ دېدى قورۇقچىلارغا بۇرۇلۇپ. ئەركانبەگنىڭ سۆزى تۈگە-تۈگىمەيلا ئىككى قورۇقچى قىزىل كىمخاب رەختنى يېشىپ مىس ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئاچتى، توقاچتەك رەتلىك تىزىلغان قەۋەت-قەۋەت ئالتۇنلار يالت-يۇلت پارقىراپ، ئالاماننىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىپ ئالا-چەكمەن قىلىۋەتتى.

    سانجاق-سانجاق رەئىيەتنىڭ يۈرەكلىرى خۇددى سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك، مەيداندا يىڭنە چۈشسە «تىرىق» قىلغان ئاۋاز ئاڭلانغۇدەك تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈردى.

    يۈزنەچچە يىلدىن بېرى شاڭ ياڭنىڭخادا يۆتكەپ ئىشەنچكە ئېرىشكەنلىكىچىنلىقلار ئارىسىدا ئادەمنىڭ ئەقلى-ھۇشىنى ئازدۇرۇپ، ھۇش-كاللىسىنى شىرىن خىياللارغا سالىدىغان رىۋايەت بولۇپ كەلگەن ئىدى. چىنلىقلار ئۆز بەگلىكى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىگە چۈشكەندە شاڭ ياڭنىڭ خادا يۆتكەپ ئىشەنچكە ئېرىشىش خۇسۇسىدىكى ھېكايە ھەممىنى ھاياجانغا سالاتتى. بۇ ئىقلىمدىكى سۇخەنچى-مەدداھلار ياكى ئۇلارنىڭ مەستانىلىرى دائىم :«بىر بادرىنى يۆتكىگەنگە يۈز سەرلەپ ئالتۇن تارتۇق بېرىدىغان شاڭ تۆرىدەك مەرد ئادەم ئەمدى بۇ دۇنياغا تۇغۇلمايدۇ!» دەپ ئۇھسىنىپ قويۇشاتتى. ئەمما ئويلىمغان يەردىن بۈگۈن بۇ ئىرپانبەگ بىر خېتىگە مىڭ تىللا بېرىپ مەردلىكتە شاڭ تۆرىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، شاڭ تۆرىغۇ ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سەمىمىيەت بىلدۈرۈپتۇ، ماۋۇ ئىرپانبەگنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى نېمە دەپ تەرىپلىگۈلۈك ئەمدى؟ بىر كىتابنى بىر ئەل پۇقراسىنىڭ تۈزىتىشىگە  قويىدىغان ئىش قەدىمدىن بولۇپ باققانمۇ؟ كۇتۇپخانا، ئىستىقامەتخانا، ئېتىكابخانىلارغا لىق دەستىلىۋېتىلگەن تۈرلۈك ئېقىمدىكى موزى تەرىقىتى، كوڭزى تەلىماتى، تەرىقەت كالاملىرى، بەگ-ۋەزىرلەرنىڭ ئوردا-قەسىرلىرىگە تورۇس بىلەن تەڭ تىزىۋېتىلگەن سانسىزلىغان كالام-دەستۇرلارنىڭ قايسى بىرى ئاۋامنىڭ راي-مەيلى بويىچە تۈزىتىشىگە قويۇلغان؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋام-رەئىيەتنىڭ قانچىلىكىنىڭ ساۋادى بار، قانچىلىكىنىڭ قورسىقىدا تۈزەتكۈدەك ئۇمىچى بار؟ ھېچ بولمىغاندا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغاندىن قانچىسى باردۇ؟ ئاۋامنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىتابتا ئاۋام مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ سۆزلىمىسەڭ كىممۇ سېنىڭ كالاملىرىڭغا قۇلاق سېلىپ تەرىپىڭنى ئالار؟ دۇرۇست، بايىقى ساۋادلىق پۇقرا پۇقرالارغا ياقىدىغان پارچىسىدىن بىرنەچچە كەلىمە ئوقۇپ بەرگەن بولدى. قىزىق، ئاۋامنىڭ رايىغا قويۇشتا قانداق بىرەر مەقسەت-مۇددىئا باركىن؟ بەلكىم ئاۋامنىڭ رايىغا بېقىپ كۆڭلىنى ئۇتۇش مەقسەت-مۇددىئا قىلىنغاندۇر، ئەمما، نەسەب-مەنسەبتە يېگانە-تەڭداشسىز ئىرپانبەگنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازى، دەپى-دۇنياسى ئېشىپ-تېشىپ تۇرسا يەنە ئاۋامنىڭ رايىغا بېقىپ نېمىمۇ قىلار؟ ئاۋام-رەئىيەت ئەزەلدىنلا ئەمەلدارلارنى، مەنسەپدار-نەسەبدارلارنى كۆرگەندە كەمسۆز، جىمغۇرلىشىپ كېتەتتى، شاڭ ياڭ قانۇن ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى چىن رەئىيەتلىرى ئەركان-مىزان، ئوردا مەھكىمىسىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى ئالدىدا تولىمۇ رايىشلىشىپ، ئوردا، بەگلىككە دائىر ھەرقانداق ئىشلارغا يولۇققاندا قورۇلنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىدىكى ئالتە بەگلىك رەئىيەتلىرىگە ئوخشاش گۈرەن تومۇرلىرى كۆبجۈپ كەتكىچە شاللىرىنى چاچرىتىپ، كۆزلىرىگە قان تولۇپ كۈۋەجىشىپ كەتمەستىن بەلكى تولىمۇ تاقەت-ئېھتياتچان، قانائەتچان ئەمەسمىدى؟ ھەتتا  شۈن زى ھەزرەتلىرى چىن تەسەررۇپىغا كەلگەندە، ھەيرانلىقىدىن ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىغۇ؟ ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي : «بۇ بەگلىكتىكى رەئىيەتتە ئەمەلدارلار ئادىل-لىللا كېلىدۇ، دەيدىغان قاراش بار ئىكەن» دېگەن باھاسى دېمىسىمۇ ھەق-لىللا باھا ئىدى. ناۋادا ئاۋام بىر كىتابتىكى پەندى-نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئوردىدىن دەرگۇمان بولۇپ قالارمىكىن، دەپ ئەنسىرىشىدىغان ئىش بولسا، چىن رەئىيەتلىرى بۇنىڭغا قوشۇمىسىنى ھىمىرىپ قويۇپ پىسەنتىگە ئالمىغان بولاتتىغۇ ؟ ئەمما بۈگۈنكى بۇ بىر خەتكە مىڭ تىللا ئىنئام بېرىلىدىغان ئىشنىڭ بىر بادرىنى يۆتكىگەندەك ئۇنچىلىك ئاددىي ئىش ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئېھتىيات-تاقەت قىلماق لازىملىقىنى چىن رەئىيەتلىرى ئوبدان بىلەتتى. جاھاننىڭ ئىشلىرى تولىمۇ قىزىق بولىدىكەن، ناۋادا ئەركانبەگ سەي زې ھەزرەتلىرى بىرمۇنچە ئېزىپ ئىچۈرمىگەن بولسا، چىن رەئىيەتلىرى مۇشۇ پۇرسەتتە بۇنى بىر قىزىق ئىش ئىكەن، دەپ بىلىپ تاماشا  كۆرگەن، ئۇنى-بۇنى دەپ غۇلغۇلا قىلىشىپ ۋاقت ئۆتكۈزۈشكەن بولاتتى. سەي زېنىڭ ئىرپانبەگنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن مەغرۇر قىياپەتتە ۋەزخانلىق قىلىشى بىلەن بۇ يەردىكى ئادەم دېڭىزى بىر پەس شىپپىدە جىمىپ دىلغۇلچىلىقتا ساراسىمىگە چۈشتى.

    ــــ جاھاندا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان كالام-دەستۇرمۇ بولامدىكەن؟ پەقىر بىر كۆرۈپ باقسۇنچۇ قېنى !

    قانداقتۇر بىرخىل مەغرۇرانە، ھاكاۋۇرلارچە ھەم مەردانىلەرچە چىققان بۇ ئاۋاز بەئەينى دېڭىزدىن ئوخچۇپ چىققان لەھەڭدىن پەيدا بولغان دولقۇن ساداسىدەك، ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان مەيداندا بىردىنلا شاۋقۇن-سۈرەنلىك داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، ناھايىتى تېزلا يىڭنە پاتمىغىدەك سانجاقلىشىپ كەتكەن توپ ئىچىدىن بىر تار يول ئاچتى. 

    قىزىل كىمخاب تون كىيىۋالغان، ئېسىۋالغان ئۇزۇن شەمشىرىنىڭ دەستىنى بىر قولىدا تۇتۇۋالغان  تالىب سۈپەت بىر كىشى ئاشۇ تارغىنە يولدىن يوغان-يوغان چامداپ،  مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ، كۆرەڭلىكىنى نامايىش قىلغاچ تام تۈۋىگە كەلدى. سەي زې مەر-مەر تاشتىن چۈشۈپ ئىغاڭشىغىنىچە كېلىپئىككى ئالقىنىنىڭ ئۇچىنى   جۈپلەپ تازىم بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ:

     ــــ جانابلىرىغا سالام بېرىشكە پېتىنغانلىقىمدىن ئۈزرە سورايمەن، مالال كۆرمىسىلە جانابلىرىنى قايسى بەگلىكتىن سورايمىزكىن؟ نامۇ-شەرىپلىرى نېمە بولىدىكىن؟ ــــ دېدى.

    قىزىل كىمخاب تونلۇق تالىبمۇئىككى ئالقىنىنىڭ ئۇچىنى   جۈپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئەركانبەگنىڭسالامىغا مەنسىتمەسلىك بىلەن تەكەببۇرانە جاۋاب قايتۇردى:

    ــــ كەمىنىلىرى لۇ بەگلىكىدىن كەلگەن تالىب چۈن يۈيۆ بولۇمەن، پەقىر جانابىي مېڭ زى  ھەزرەتنىڭ مۇخلىسىدۇرمەن!

    ــــ لۇ بەگلىكى ئاللىقاچان ھالاك بولغان ! ــــ دېدى سەي زې بىلىنەر-بىلىنمەس مەسخىرە ئارىلاشقان كۈلكىسىنى يوشۇرالماي، ــــ جانابلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكلىرىدىن قارىغاندا تەركىي دۇنيالىقتا  يۈرۈۋاتقان زاھىد ئوخشىمامدىلا؟ مېنىڭچە ئۆزلىرى چۇ ياكى چى ئېلىدىن كەلگەن تالىب بولمىسىلا يەنە !

    قىزىل كىمخاب تونلۇق تالىب قولى بىلەن رەت قىلىش ئىشارىسىنى قىلدى ۋە:

    ــــ راست دەيدىلا، ھازىر لۇ بەگلىكى يوق، ئەمما لۇ بەگلىكى ئاۋام قەلبىدە! بىلمىدىم،ئەركانبەگ جانابلىرى نېمىگە شۇنچە خۇشال بولۇپ كۈلۈپ كەتتىلىكىن؟ ــــ دېدى.

    ئەركانبەگ سەي زې بۇ تالىب بىلەن تالاشقۇسى كەلمىگەندەك بېشىنى چايقاپ كۈلگىنىچە:

    ــــ بۇ يەر مۇنازىرە قىلىشقىدەك سورۇن ئەمەس، جانابلىرىنىڭ دۇرۇست نىيەتلىكى كەمىنىلىرىگە ئايان، قېنى مەرھەمەت قىلىپ تەلىم بەرگەيلا! ــــ دەپ قوللىرى بىلەن تامغا ئېسىغلىق خەسىنى كۆرسىتىپ تەكلىب ئىشارىسى قىلدى.

    ــــ كەمىنىلىرى ساۋاق ئالغاندا ھەزرىتى كوڭ زىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتىن باش تارتماسلىق ۋاجىبتۇر، دېگەن تەلىمىنى ئوبدان ئۆگەنگەنمەن! ــــ دېدى چۈن يۈيۆ سوغۇققىنە كۈلگەچ دىككىدە سەكرەپ مەر-مەر تاش ئۈستىگە چىقىۋېتىپ ۋە قىلىچى بىلەن تامغا ئېسىلغان خەسىنى كۆرسىتىپ ۋەزخانىلىقىنى  داۋام قىلدى ــــ جانابلار كۆرۈشسىلە، مانا بۇ «بىر مۆچەلدە بىر كېلىدىغان كۈزنىڭ دەلۋە ئېيى» نىڭ «ئابروي-نوپۇز بابى» ئىكەن، بۇنىڭ بىسمىللاھسىدىلا «ئەدلۇ-ئادالەتچىلەر، ھەققانىيەت ھامىيلىرىنىڭ بارچە ئىشلىرى ئوڭىغا تارتىدۇ، ۋەزىر-ۋۇزرالار دەرىجىلىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن، ئۆزئارا يات-يوچۇن، ئۇرۇق-تۇغقان بولۇشلىرىمۇ دەل مۇشۇنىڭدىندۇر، بۇ دەل ئەلدە مالىمانچىلىقنى تىنجىتىپ ئاۋامنى ئەمىن-ئاسايىشلىققا دالالەت قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر»، دېيىلىپتۇ، ھەرقايسىلىرىچە بولغاندا مۇشۇنداق يېزىش دۇرۇستمىدۇ؟

    ــــ دەرھەقىقەت شۇنداقتۇر! ــــ دېيىشتى ئەتراپتا تۇرغان تالىبلار تەڭلا.

    ــــ پەقىر بۇ يەردە تەكىتلەنگەن ‹ئەدلۇ-ئادالەت› دېگەن سۆزنى ئۆزگەرتمەكچىمەن! ــــ چۈن يۈيۆنىڭ قىلىچى ھەدەپ تامغا ئېسىغلىق خەسىنى چىنەيتتى، ــــ بۇ يەردىكى ‹ئەدلۇ-ئادالەت›دېگەن سۆزنى ‹ئەدەب-ئەخلاق› دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتىش كېرەك! بارچە ئىشنىڭ ئاساسى ‹ئەدەب-ئەخلاق› تىن باشلانمىقى ۋاجىبتۇر. ھەزرىتى كۇڭ فۇزى ئېيتقانلەركى: ھەممە ئىشتا ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتماقلىق زۆرۈر. ئەدەب-ئەخلاقنى مىزان-دەستۇر قىلىشنى زىنھار ئۆزگەرتكىلى بولماستۇرلەر! ئەدلۇ-ئادالەتنى ئەدەب-ئەخلاق ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ ئاساسى نېمىدىنكىن؟

    ئاۋام-رەئىيەت توپىدىن سالقىن-سوغۇق مەسخىرىلەر كۆتۈرۈلدى، ھېچكىم چاۋاكمۇ چالمىدى ھەم ئالقىشمۇ ياڭراتمىدى، چۈن موللامنىڭ ۋەزخانلىقىنى ھېچكىم ياقتۇرمىغاچقا، ئەسلىدە بۇ يەردىكىلەرنىڭ بارچىسىنى كامالەتكە يەتكەن ناتىقلىقىم، پاساھەتلىك كەلىمەلىرىم ئارقىلىق ئالقىش ياڭراتقۇزۇۋېتىمەن، دېگەنلەرنى ئويلىغان چۈن تالىب پوكاندەك قىزىرىپ بىر ھازا نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. ئۇشتۇمتۇت چاچ-ساقاللىرى، قاش-كىرپىكلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر بوۋاي ئوتتۇرىغا چىقىپ:

    ــــ لۇ بەگلىكىدىن كەلگەن جانابىي چۈن تالىبتىن شۇنى سوراپ بىلگۈم كېلىپ تۇرىدۇ، سىلى دەۋاتقان بۇ ئەدەب-ئەخلاقنى كۇڭ فۇزى ھەزرەتلىرى مەندەك تومپاي بودۇنلارغا راۋا كۆرمىگەن بولغىيدى؟ نېمىتى؟ نېمە  دېيىلەتتى ھېلىق گەپ؟ــــ دېيىشىگە، ئاۋام توپىدىن بىرەيلەن:

    ــــ تومپاي بودۇنلارغا ئەدەب-ئەخلاقنىڭ لازىمى يوق ھەم ئۇلاردىن ئەدەب-ئەخلاق كۈتۈش بىھاجەتتۇر، دېگەن ئىدى! ــــ دەپ ۋارقىرىدى غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا.

    ــــ بەرھەق، بەرھەق، ھەقىقەتەن شۇنداق، كۇڭ فۇزى ھەزرەتلىرى تومپاي بودۇنلارغا ئەدەب-ئەخلاقنىڭ لازىمى يوق ھەم ئۇلاردىن ئەدەب-ئەخلاق كۈتۈش بىھاجەتتۇر، دېگەن ئىكەن! ــــ بوۋاينىڭ بىردىنلا يۈز-كۆزى قىزىرىپ، ئاۋازى تىترەپ كەتتى، ــــ ئەدەب-ئەخلاق كۈرمىڭلىغان تومپاي بودۇنلارغا راۋا بولماي پەقەتكىنە بىر ئوچۇم تىرىكتاپ غوجاملارغا راۋا بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا مۇشۇنىمۇ بارچە ئىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەكمىكەن؟ قېنى تەقسىر دەپ باقسىلىچۇ؟

    ــــ ئالامەت توغرا ئېيتتىلا بوۋا، ئەقىللىرىگە سايە چۈشمىگەي، ياشاپ كەتسىلە!

    چىرايلىرىدا رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋە قىلىشقان ئاۋام-رەئىيەت خۇشاللىقتىن بوۋاينى ماختاپ، ئۇنىڭغا ئاق تىلەك، پاك نىيەتلىرىنى بىلدۈرۈشتى، نەدىندۇر بىر بۇلۇڭدىن قوپال تېجىمەللەر ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كېتىشتى:

    ــــ ئاغزىدىن پوق تامىدىغان نېمىكىنا ماۋۇ !

    ــــ ئاناڭنى! ئەدەب-ئەخلاق دېگىنىڭ نېمە ئۇ؟ تۆرە-بېگىملەرنىڭ كالتىكى ئىكەنغۇ شۇ !

    ــــ كۇڭ فۇزى دېگەن قېرى دەللال نېمە دېگەن زەھەرخەندە-ھە؟ ئاۋام-پۇقرالارغا ھاقارەت قىلغانلىققۇ بۇ!

    ــــ تېخى مېڭ زى ھەزرەتنىڭ مۇخلىسىمىش، كۆتۈڭگە تېپىك يېمەستە لۇ بەگلىكىڭگە كېتىۋال، بەدبەخت!

    ــــ ھۇ كەلگىندى! كىتاب تۈزىتەرمىش تېخى، ئۆيۈڭگە بېرىپ ئاۋۇ بىرنېمەڭنى تۈزەت!

    ــــ يوقال!

    ئاۋام-رەئىيەتنىڭ مەسخىرە-مازاقلىرى، تىل-ئاھانەتلىرىدىن تۇرالماي قالغان چۈن يۈيۆ يۈزىنى داپتەك قىلىپ قەدەملىرىنى ئاران-ئاران سۆرەپ ئالامان توپىدىن غايىب بولدى.

    ــــ بارىكاللا، ئەل  رازى خۇدا رازى، دەككىسىنى تازا جايىدا يېدى!ــــ دېدى سەي زې رازىمەنلىكىنى باسالماي كۈلگىنىچە ۋە ــــ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى تۈزىتىمەن دەپ كەلگەن ماۋۇ قورۇل سىرتىدىن كەلگەن تاشا يۇرتلۇق تالىب تۈزەتمەكتە يوق ئەكسىچە ئەمەسلا بىر نېمىگە ئۆزگەرتىۋەتتى دېسە ؟!ــــ دېگىنىچە تېجىمەللەرنى مەر-مەرتاش ئۈستىگە چىقىپ «‹لۈ بۇۋېيتەپسىرى›نى تۈزىتىمەن دەپ كەلگەن ماۋۇ قورۇل سىرتىدىن كەلگەن تاشا يۇرتلۇق تالىب تۈزەتمەكتە يوق ئەكسىچە ئەمەسلا بىر نېمىگە ئۆزگەرتىۋەتتى» دەپ يۇقىرى ئاۋازدا جار سېلىشقا بۇيرۇدى. سەي زې ئەسلىدە قورۇل سىرتىدىن كەلگەن چۈن يۈيۆنىڭ خېلىلا ئەلمى-تەلىمى بارلىقىنى بىلىپ، قورۇل سىرتىدىن كەلگەن تالىبلار قايىل بولسىلا « لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئۆز قىممىتىنى ھەقىقىي تۈردە ساقلاپ قالالايدۇ، دەپ ئويلاپ مۇشۇنداق جار سېلىش ئارقىلىق ئۇنى ئۇزىتىپ قويماقچى ئىدى، ئويلىمىغاندا تېجىمەللەرنىڭ بۇ جارنامىسىنى ئاڭلىغان ئاستانە شيەنياڭنىڭ قارام ئاۋام-رەئىيەتلىرى بۇنى ئالتە بەگلىككە قارىتىلغان جەڭ چاقىرىقى، دەپ چۈشىنىپ قالغان چېغى، تۇشمۇ-تۇشتىن ئەگىشىپ تەكرار-تەكرار توۋلاپ ئالەمنى مالەم قىلىپ، جاھاننى بېشىغا كىيىپ ئاستانە شيەنياڭنى بىر ئالدى. بۇ خۇددى بىر زور نامايىشتەك تەۋرەپ-چايقىلىپ، تاكى كۈن چۈشتىن قايرىلىپ تۈن پەردىسى يېيىلغانغا قەدەر داۋام قىلدى، بۇ ئارىدا بىرەرمۇ تالىب «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى تۈزىتىشكە چىقمىدى.

    ئاستانە كوچىلىرىدا پانۇس يېقىلغان چاغدا، شايى لىباسلىق بىر تېجىمەل  ئالدىراپ-سالدىراپ تۆۋەن قوۋۇققا كېلىپ قىستىلىپ يۈرۈپ سەي زېنىڭ يېنىدا توختىدى.

    تېجىمەل سەي زېنىڭ قۇلىقىغا بىرنېمىلەرنى دەپ كۇسۇرلىۋىدى، سەي زېنىڭ ئۆڭى ئۆچۈپ چۆچۈپ كەتتى ۋە دەرھال ھارۋىسىغا چىقىپ كەچكى شەپەق باغرىدا تولغىنىۋاتقان قىزغۇچ توزانلىق  تۇمان قوينىدا غايىب بولدى.
    ئىزاھاتـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــلار
    چىنچۈەن : ۋېيخې دەريا ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىك چىنچۈەن تۈزلەڭلىكىدۇر.

    قەدىمدەمارالغا ئوخشايدىغان ھايۋان قۇت-ئامەت نىشانى قىلىناتتى(ت)

    شەندۇڭ: تەيخاڭشان تېغىنىڭ شەرقى، خەنگۇ قورۇلىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپى، مەشرق.

     

     

     

     

     

    بىرىنچى بابسەلتەنەت ئىپتىداسىدا مالىمان كۆتۈرۈلگەنلىكى

    بىرىنچى، ئاچا يولغا كەلگەندە ئىرادە سۇنغانلىقى

      دۈم كۆمتۈرۈپ قويغان قازان ئىچىدەك زۇلمەت ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ئاي قاراڭغۇسىدا، دەھشەتلىك مەۋج ئۇرۇۋاتقان دولقۇنغا قارىشى يولغا چىققان قۇش يەلكەنلىك بىر كېمە يادىن ئۈزۈلگەن ئوقتەك شيەنياڭدىن ئايرىلىپ كۈن پېتىش تەرەپكە يۈرۈپ ھايت-ھۇيت دېگىچە غايىب بولدى.

       لى سى لۈ بۇۋېينىڭ تېز يوللانغان جىددىي خۇپىيانە مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مۇشۇ كۈنلەردە جىددىي ئىشلىنىۋاتقان سۇ قۇرۇلۇشىدىكى بىرمۇنچە مۇھىم ئىشلارنى جېڭ گوغا تاپشۇرۇپ، ۋېيشۇي دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان جىڭخې دەرياسى قىنىدا ياسىلىۋاتقان توغاندىن كېچىلەپ ئاستانە شيەنياڭغا يول ئالدى. تۈن پەردىسى يېيىلغان بىر مەھەلدە ئاستانىنىڭ يۇقىرى قوۋۇقىغا يېتىپ كەلگەن لى سىنى سېپىل قوۋۇقچىلىرى «دەستىكى تۇتۇق، گۇمان-شۈبھىلىك تۇرىدۇ، مەھكىمىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلايمىز» دېگەن باھانە بىلەن ئاستانە قوۋۇق مەھكىمىسىگە ئېلىپ بېرىپ سوئال-سوراققا ئالدى. لى سى بىرھازاغىچە ئاچچىق كۈلۈپ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەيلا قالدى. بۇنداق دەستەك تەكشۈرۈش رەسم-يوسۇنى شاڭ ياڭ ئۆزگەرتكەن قانۇننىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە چىن بەگلىكىدە يۈرگۈزۈلۈپ، ئاسىي-ئايغاقچى، ئوغرى-قاراقچى، ئالدامچى-يالغانچىلارنى تەكشۈرۈپ تۇتۇشتا ناھايىتى زور ئۈنۈم بەرگەچكە،خەنگۇ قورۇلىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكىئالتە بەگلىكمۇ مۇشۇ يوسۇننى دوراپ يولغا قويغان ئىدى. يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەستەك بىلەن يۈرۈشى  ئوتتۇرا ئىقلىمدا ئادەت-يوسۇنغا ئايلاندى. ئېتى ئۇلۇغ بۇ دەستەك ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ باش رەسىمى، نامۇ-شەرىپى، نەسەب-مەنسەپلىرى، جەددى-جەمەتى ۋە مەھكىمە مۆھۈرى ئويۇلغان ئالقانچىلىك بامبۇك تاختاي بولۇپ، ناۋادا دەستەك ئىگىسى مەنسەپدار بولسا دەستىكىگە يەنە ھەر خىل ئالاھىدە تامغا-مۆھۈرلەر ئويۇلۇپ، بەگلىك تەۋەلىكى ۋە نەسەب-مەنسەپ، جەددى-جەمەت دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى پۈتۈپ قويۇلاتتى. چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىدا ئاۋام-رەئىيەت بەگلىك تەۋەلىكىگە، يەنى ئۇ بەگلىك ئادىمى، بۇ بەگلىك ئادىمى دەپ ئايرىلمايدۇ، دەستىكى ئوچۇق-ئاشكارا بولسىلا بىخارامان يۈرسە بولىۋېرىدۇ؛ ئەلچى-يالۋاچلاردىن باشقا ئەمەلدارلار چوقۇم ئۆز بەگلىكىنىڭ دەستىكى بىلەن يۈرۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. لى سى چۇ بەگلىكىدىن چىن بەگلىكى تەسەررۇپىغا كېلىپلا لۈ بۇۋېي قەسرىدە تېجىمەللىك قىلىپ يۈرۈپ ئەمەل-مەنسەپ تۇتمىغاچقا، چىن بەگلىكىنىڭ دەستىكىنى بېجىرمىگەن، كېيىنچەرەك ئېقىن-ئۆستەڭ مەھكىمىسىدە ئامباللىق مەنسىپىگە ئولتۇرۇپلا ئالدىراشچىلىقتا مەھكىمە ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، چىن بەگلىكىنىڭ دەستىكىنى بېجىرىۋېلىشنى ئېسىدىن چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە لى سى ئېقىن-ئۆستەڭ مەھكىمىسىنىڭ بىلەرمەنى جېڭ گو بىلەن كېچە-كۈندۈز تاغ باغرىدىكى ئېدىرلىق بىلەن ئورمانلىق ئارىسىدا قېدىرىش نوقانچىلىقى بىلەن يۈرگەچكە كەمىرىگە قىستۇرۇۋالغان كونا دەستىكىدىكى تامغا-مۆھۈرلەر سۈركىلىپ، ئۇچۇلۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. دەستەكنىڭ تۇتۇقلىقىدىن تونۇغىلى بولمىغاچقا يول يۈرۈش تېخىمۇ قىيىن بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە لى سىنىڭ چۇ بەگلىكىنىڭ دەستىكىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ چىن بەگلىكىدە مەنسەپ تۇتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئەركان-مىزانغا مۇخالپ بولۇپ، چۈشەندۈرۈشمۇ قىيىن ئىدى. ئۆزىنى مەن چىن بەگلىكىنىڭ ئېقىن-ئۆستەڭ ئامبىلى، بەگلىكنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ دەستەك بېجىرىشكە سەل قاراپتىمەن، دەپ ئاقلىسۇنمۇ؟ مەنسەبدارلارنىڭ دەستەك بېجىرمەي يۈرۈشى ئەسلىدىمۇ بىر گۇناھ بولۇپ، نېمىلا دېگەن بىلەن چۈشەندۈرۈش بەك قىيىن ئىدى. لى سىغا چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى بەش قولدەك ئايان ئىدى، چىن بەگلىكىدىكى پاششاپ- تۇتقاۋۇللارنىڭ ئەركان-مىزان ئىجرا قىلىشتىكى قاتتىق قوللۇقىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلەتتى، چۈنكى ئۇ بۇ جەھەتتە كۆرگۈلۈكلەرنى كۆرگەن ئىدى، ئۆزىدىن ئۆتۈپ كەتكەندە پاششاپ، تۇتقاۋۇللار بىلەن سەن-پەن دېيىشىشكە بولمايدىغانلىقى، ئۇنداق بولمايدىكەن ئون كۈنلۈك سېپىل خەندىكى قېزىش جازاسىغابۇيرۇلىدىغانلىقى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا چوڭ-چوڭ ئىشلارغا دەخلى يەتمەمدۇ؟

       ــــ قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆزلىرى قارار قىلغايلا!

       بەئەينى تاغ يامزىلىغا ئوخشايدىغان سېپىل تېمى تۈۋىدىكى قوۋۇق مەھكىمىسىنىڭ تاش كېمىرىدە لى سى  ئۈنى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا ئاران شۇ بىر ئېغىز گەپنى دەپ گۇناھىنى بوينىغا ئالدى. كۈتۈلمىگەندە، قوۋۇق ياساۋۇلى ھېچنېمە دېمەيلا لى سىنى قاراڭغۇ تاش كېمىرنىڭ بىر بۇلۇڭىغا سولاپ قويۇپ ئۇنىڭ دەستىكىنى ئېلىپ غايىب بولدى. لى سى بىر كۈن چېپىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە، بىردەمدىلا مۇزدەك تاش تامغا يۆلەنگىنىچە «ئۇيقۇنىڭ ياخشىسى خورەك، غىزانىڭ ياخشىسى پورەك» دېگەندەك خورەكنى بولۇشىغا  تارتىپ ئۇيقۇغا كەتتى. قانچىلىك ۋاقت ئۆتتىكىن، بىرى لى سىنى تۈرتۈپ ئويغاتتى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا پانۇس يورۇقىدا مېڭ تيەننىڭ تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان قىزغىن-ئىللىق چىرايىنى كۆردى.

       ــــ لى سى ئاغا، ئىنىلىرى بۈگۈن ئاخشام سىلىنى ئېلىپ كەتكىلى كەلدىم، مەن بىلەن يۈرسىلە!

       مېڭ تيەن ئاغزى جىم تۇرماي سۆزلىگەچ ئويغانغان بولسىمۇ گاراڭلىقتىن ئەسلىگە كېلەلمەيۋاتقان لى سىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، تاش كېمىردىن تېزلا چىقىپ، يول ياقىسىدا توختىتىپ قويۇلغان سايىۋەنلىرى ھەشەمەتلىك مەپە ھارۋىغا چىقىرىپ ئۇچقاندەك كېتىشتى. يول بويى چاقنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى لى سىنى تەلتۆكۈس سەگىتىپ ئويغاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئۇيقۇلۇقتا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئاستانە شيەنياڭ ھاكىمى قوشۇمچە ئاستانە سانغۇنىلىق مەنسىبىگە ئولتۇرغان مېڭ تيەننىڭ مۇشۇنداق ئەپچىل چارە ئارقىلىق لى سىنى قۇتۇلدۇرۇشى تولىمۇ غەلىتە ئەھۋال ئىدى. مېڭ تيەن گەپ قىلمىغاچقا لى سىمۇ ھېچقانداق گەپ سورىمىدى. ئەمما، مېڭ تيەن قانداقلارچە كېلىپ قالدى؟ لى سى مېڭىسىنىڭ قېتىقى چىقىپ كەتكىچە بۇ ئىشنى ئويلىدى. بىرەر ئاش پىشىمى ئۆتە-ئۆتمەيلا ھارۋا ئاستىلاپ يېنىككىنە توختىدى، مېڭ تيەن لى سىنى يۈدۈپ ھارۋىدىن چۈشۈرگەندىمۇ لى سى يەنىلا ئۇيقىدىن ئويغانمىغاندەك جىمىپلا كەتكەن ئىدى.

       ــــ لى سى ئاغا، ئويغانسىلا!

       لى سى بەللىرىنى ئېگىپ ئۇزاقتىن ئۇزاق ئەسنىدى، تازا بىر چۈشكۈرۈۋېتىپ ئاندىن كۆزلىرىنى بىرھازاغىچە ئۇۋىلىغاندىن كېيىنلا ھەيران قالغان ھالدا:

       ــــ ۋاھ، ئاي قاراڭغۇسىدىكى قاتتىق بوراندىمۇ مەي ئىچكەن بارمۇ؟ ــــ دېدى بېشىنى چايقاپ يۇقىرى چۇ بەگلىكى تەلەپپۇزىدا.

       ــــ كۈنپېتىش قوۋۇقتىكى دوكقا كەلدۇق. نەدىكى مەيكەن ئۇ، كېمىگە چىقىپ بىر نېمە دېيىشەيلى!

       ــــ يەنىلا شيەنياڭ ھاكىمى قالتىسكەن جۇمۇ، مەي ئىچىشتىمۇ ئادەم بىلەن مۇشۇنچىۋالا ئويناشقان بارمۇ!

       ــــ كىم سىلى بىلەن ئوينىشىپتۇ، كېمىگە چىققاندا بىلىپ قالىدىلا! ــــ  دېدى سەل جىلىخورلۇقى تۇتقان مېڭ تيەن ۋە ئاۋازىنى پەسەيتىپ كۈلدى.

       ــــ سەۋەبىنى دېمەي ئادەمنى مەجبۇرەن كېمىگە چىقىرىش بۇلاڭچىلىق ئەمەسمۇ؟

       ــــ پەۋقۇلئاددە چاغ بولۇپ قالدى، ئاغام كەچۈرگەي!

       ــــ بوپتۇ، بوپتۇ، بوپتۇ، ئۈچ ئايلىق ھەمساۋاق ئىنى ئەمەسمۇ، خاھلىغانلىرىچە بولسۇن!

       چىرايىدىن ئىللىق تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان لى سى مېڭ تيەننىڭ كەينىدىن دوكنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە ماڭدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قىزغۇچ توزانلىق تۇمان كۆتۈرۈلۈپ، كېمىلەر كېچىلىك قاتناشتىن توختاپ، قىرغاقتىكى شاخابچىلاردا كېمىلەر سانجاق-سانجاق توختاپ كەتكەن ئىدى. لەپپەڭلەپ چۈشۈۋاتقان پانۇس يوۇرۇقىدا مۈدۈرۈپ-دوقۇرۇپ بىرھازا ئىزدىگەندىن كېيىن دوكنىڭ ئەڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى باش كېمە توختىتىش ئورنىدا قارا لەمپىلىك بىرلا كېمە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ لى سىنىڭ كۆڭلى ۋاللىدە ئېچىلىپ كەتتى. كېمىنىڭ پانۇسى كىچىكرەك، يەلكىنىمۇ پەسلا ئىدى، قارىماققا سودا-تىجارەت قىلىشقا بۇنىڭدىن مۇۋاپىق كېمە يوقتەك كۆرۈنەتتى، مۇشۇنداق بىر كېمە شۇنچىلىك قىستا-قىستاڭچىلىقتا قانداقمۇ بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلەپ توختىيالىغاندۇ؟ قاتلاممۇ-قاتلام، دەرىجىمۇ-دەرىجە نوپۇز-ئىمتىياز ساھىبلىرى، كاتتا زەردار، سودىگەر-تىجارەتچىلەر جەم بولغان، ئەركان-مىزانى ناھايىتى قاتتىق ئاستانە شيەنياڭدا مېڭ تيەندەك بىر ئاستانە ھاكىمى ھەقىقەتەن قالتىس شەخس ئىدى.

       ــــ لى سى ئاغا، مەرھەمەت قىلغايلا!

       كېمە كۆۋرۈكىنىڭ سالاسۇنىغا كېلە-كەلمەيلا مېڭ تيەن يانچە تۇرۇپ، بىر قولىنى يېيىپ لى سىنى ئىززەت-ئېكرام بىلدۈرۈپ ئالدىدا مېڭىشقا تەكلىپ قىلدى.

       دەل شۇ پەيتتە، كېمە بۆلۈمىسىنىڭ تېرە پەردىسى قايرىلىپ تەتۈر ئۇستىخان، گەۋرلىك، ئوزايىدىن جەسۇرلۇقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر گەۋدە چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن كېمىنىڭ بېشىغا كېلىپ توختاپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى ۋە:

       ــــ پەقىر يىڭ جېڭ  ئۇستازنى ساقلاۋاتقىلى خېلى بولدى! ــــ دېدى ھۆرمەت تازىمى بىلەن.

       لى سى دەماللىققا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالدى ۋە ئېگىلىپ-پۈكۈلۈپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ:

       ــــ قۇللىرى لى سى ئالىيلىرىنىڭ ئىززەت-ئېكرامىغا لايىق ئەمەسمەن!ــــ دېدى.

       يىڭ جېڭ كېمە بېشىدا يانچە تۇرۇپ:

       ــــ كېمە كۆۋرۈكى تار، يۆلىۋېلىشقا بىئەپ، ئۇستاز مەزمۇت تۇرغايلا!ــــ دېدى ئېگىلىپ تازىم قىلىپ ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ. لى سىنىڭ يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ، قارا تەرگە چۆمۈپ يەرگىچە ئېگىلىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ، چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن كېمە كۆۋرۈكىدىن ئەمدىلا كېمە بېشىغا چىقىشىغا يىڭ جېڭ ئۇنى قوش قوللاپ يۆلەپ:

       ــــ بىپەرۋالىقىمدىن ئۇستازغا ئېتىبار قىلالمىدىم، پەقىر يىڭ جېڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن!ــــ دېدى.

       ــــ ...!ــــ لى سىنىڭ گېلىغا بىرنەرسە تۇرۇپ قالغاندەك گەپ قىلالماي قالدى.

       ــــ ئۇستاز، ئىچكىرىگە مەرھەمەت قىلىپ ئاندىن سۆزلىگەيلا!ــــ يىڭ جېڭ تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان لى سىنى ئىززەت-ئېكرام بىلەن يۆلەپ كېمە بۆلۈمچىسىگە باشلاپ كىردى.

       ــــ كېمە كۆۋرۈكىنى چۈشۈرۈپ كۈنپېتىشقا مېڭىڭلار!ــــ مېڭ تيەن كېمىگە چىقىپ بولۇپ پەس ئاۋازدا بۇيرۇق قىلدى.

       كېمە قوزغىلىپ ناھايىتى تېزلا تۈندىكى تۇمان قوينىدا غايىب بولدى. كېمە بۆلمىسىدىكى ئالتە پانۇس بۆلمىنى ۋاللىدە يورۇتۇۋەتكەچكە، ھەممىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. كېمە بۆلمىسى ئازادە بولۇپ، پولغا قېلىن گىلەم سېلىنغان، تۆر-پەگا دەپ ئايرىلماي ئۈچ شىرە تىزىپ قويۇلغان ئىدى. يىڭ جېڭ لى سىنى دېرىزە تەرەپتىكى چوڭ شىرە يېنىغىچە يۆلەپ ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزپ، ئۆزى يان تەرەپتىكى شىرەدىن ئورۇن ئالدى. چىرايلىق، ياش ھەرەم ئاغىسى  كاسا تىزىلغان پەتنۇسنى ئەكىلىپ كاسىلارنى تىزىپ قويۇپ ئاندىن ھورىدىن خۇشھىد دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرغان  بىر چەينەك چاي كۆتۈرۈپ كىردى ۋە ئېگىلىپ تازىم قىلىپ چىقىپ كەتتى. يىڭ جېڭ چىقىپ كېتىۋاتقان ھەرەم ئاغىسىنى ئىما قىلىپ:

       ــــ ئۇ كىچىكىدىنلا ماڭا ئەگەشكەن شياۋ گاۋزى بولىدۇ، ئەمدى باشقا ئادەم يوق!ــــ دېدى كۈلۈپ.

       لى سى شۇندىلا قورۇنۇشىنى سەل بېسىۋالدى ۋە ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ تازىم قىلىپ:

       ــــ قۇللىرى ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپات-شاپائىتىدىن بېشىم كۆككە يەتتى، تەلىم بەرگەيلا!ــــ دېدى.

       ــــ ئۇستاز ھەم شۈن زىنىڭ كامالەتكە يەتكەن شاگىرتى ھەم ئىرپانبەگ يازغان «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ باش مۇھەررىرى. پەقىر يىڭ جېڭ بىلىمسىز ئادەممەن، بۈگۈن ئۇستازنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىشىمدە بىرنەنچىدىن ئۇستازنىڭ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى قانداق شەرھىيلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ بېقىش، ئىككىنەنچىدىن ئۇستازنىڭ ئۆز پىرىنىڭ تەلىماتىغا بولغان ھۆكۈم-باھاسىنى ئاڭلاپ بېقىشتۇر. ئالدىراشچىلىقتا ئۆزلىرى بىلەن قانداق كۆرۈشۈشنى بىلەلمەي، مېڭ تيەنگە مۇشۇ پەم ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئالدۇرۇپ كەلدىم. قوپاللىق قىلىپ سالغان بولسام ئۇستاز كەچۈرگەي!ــــ يىڭ جېڭ ئىللىق كۈلۈپ قوللىرى بىلەن لى سىنى ئارتۇقچە تەكەللۇب قىلماسلىققا ئىشارە قىلدى ۋە ئالدىدىكى بىر دەستە بامبۇك تاختىسىنى يېنىك چېكىپ قويدى.

       ــــ قۇللىرىنىڭ ئالىيلىرىغا بولغان ئەدەب-ھۆرمىتى قەلبىمنىڭ قات-قېتىدىن ئوخچۇۋاتىدۇ، ئىختىيارىم ئەمەس! ئالىيلىرى كۆڭۈللىرىگە ئالمىغايلا!

       ــــ ئۇستاز ئەقىللىق ئادەمكەنلا، پەقىر يىڭ جېڭ دەل مۇشۇنداق ئاقىل-دانىشمەنلەردىن سۆيۈنىمەن!

       ئىخچام، مېغىزلىق باشلانغان سۆھبەت-مۇلاقاتتىن لى سى تۈرلۈك مىش-مىشلەرگە تۇترۇق بولۇپ بەرگەن بۇ ياش چىن بېگىگە سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى پەملەپ يەتتى. ئۇنىڭ بايىقى ئىككى ئېغىز سۆزى قارىماققا قۇرۇق گەپتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ناھايىتى چوڭقۇر مەنالىق ئىبارىلەر بولۇپ، تىغ ئۇچى مەسىلىنىڭ پوسكاللىسىغا قارىتىلغان ئىدى. سەن لى سى شۈن زىنىڭ شاگىرتى تۇرۇپ قانداقسىگە باشقا بىر ئېقىم دەستۇرىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇۋالدىڭ؟ سەن سولتەك ئۆز ئۇستازىڭدىن ۋاز كېچىپ لۈ ھەزرەتنى پىر تۇتتۇڭمۇ ياكى يېرىم چىلەك سۇ بولۇپ قالغاچقا ھوقۇق-ئىمتىياز ساھىبلىرىدىن پايدىلىنىپ نام-ئاتاق چىقارماقچىمۇ؟ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئىنئام بېرىش يولى بىلەن خاتالىقىنى تۈزەتمەك بولۇپ پۈتكۈل بەگلىكنى لەرزىگە سېلىۋەتتى، سەن سولتەك باش مۇھەررىر تۇرۇپ  بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسەن؟ مانا بۇلار تىغدەك ئۆتكۈر سوئاللار بولسىمۇ ھەر ھالدا ساڭا خېلىلا زور ئىمكانىيەت بار. ئىززەت-ئېكراملىق تەكەللۇبلار، مىننەتسىز تەلىم-تەربىيەتلەر سەندىن يەنىلا زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ. ناۋادا سەن لى سى يەنە دىلغۇل بولۇپ يۈرۈۋەرسەڭ، چىن بېگى بۇنى سەزمەي قالارما؟ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، چىن بېگى ئۆز قاراش-ماراشلىرىنى ئېنىق دېمەستىن بەلكى سەن لى سىنىڭ ھۆكۈم-باھاسىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولۇۋاتىدۇ، مانا بۇ سەن ئۈچۈن ھەم تاللاش ھەم تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش پۇرسىتىدۇر. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، چىن بېگىنىڭ شۇ تاپتا ساڭا تەلىماتقا ھۆكۈم قىل، دېگىنى ئەمەلىيەتتە سېنى ئۆزىنىڭ مەۋقەسىنى تاللىۋالسۇن، دېگىنى، ناۋادا سېنىڭ بۇ مەۋقەيىڭ چىن بېگىنىڭ مەۋقەسى بىلەن بىردەك چىقسا، ئىستىقبالىڭنىڭ پارلاپ بېشىڭغا ئامەت قۇشى قونغىنى شۇ، مۇبادا مەۋقەيىڭ چىن بېگىنىڭ مەۋقەسىگە مۇخالىپ چىقىپ قالسا بەختىڭنىڭ قارا بولغىنى شۇ. پوس كاللىسىنى ئېيتقاندا، توغرا تاللىيالىساڭ بۈيۈك ئارزۇ-ئىستەك، غايە-ئىرادەڭنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىدىن ۋايىم يېمەيسەن، ناۋادا تاللىشىڭ خاتا چىقىپ قالغۇدەك بولسا يەر بىلەن يەكسان بولغىنىڭ شۇ. ۋەھالەنكى، غالىبلاردىن بولۇشقا ھەقىقەتەن كۆزۈڭ يەتسە باھانە كۆرسىتىپ كېيىن بىرنېمە دېسەڭ بۇمۇ ئاسان! چىن بېگىنىڭ ئۆزگىچە قاراش-ماراشلىرى بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ھەقىقەتەن يوق بولۇپ، ئاۋۋال ئەھلى ئىلىم ساھىبلىرى، ئەللامە-ئۆلىمالارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشىمۇ مۇمكىن. چىن بېگى سەلتەنەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى چاغدا، ئۇنىڭ سەلتەنەت ئۈچۈن چوڭراق بىرەر ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى سەن قانداقسىگە ئويلاپ يېتەلەيتتىڭ؟ لى سى بىرپەس ئويلىنىۋالغان شۇ دەقىقىلەردە ئۇشتۇمتۇت ھەمساۋاق ئىنىسى خەن فېينىڭ «بايان مۈشكۈلاتلىرى»دا سەلتەنەت ساھىبلىرى بىلەن مۇلاقەت قىلماقنىڭ قىيىنلىقىنى يازغانلىقى ئېسىگە كېلىپ قالدى. قىسقىغىنە ئويغا پاتقان ئاشۇ دەقىقىدە لى سى شۇ قەدەر دانا بەگ ئالدىدا گەپ ئەگىتىشنىڭ ئۆزىنىڭ ئەبەدىي تۈگەشكەنلىكىنى جاكارلىماقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتى. مەيلى نېمىلا بولسا بولسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قارىشىنى دەۋېلىشتىن باشقا تاللاش يولى قالمىغان، تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولۇپ قالغان ئىدى.

       لى سى دەرھال خىيالدىن توختاپ، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، كاسا-چەينەكلەرنى بىر ياققا سۈرۈپ قويۇپ، ھەربىر سۆزىنى ئېنىق-سۈزۈك قىلىشقا تىرىشىپ مەردانىلارچە سۆزگە كىرىشتى:

    ــــ قۇللىرى لى سىنىڭ چىن بەگلىكىگە كىرىشىم قانداقتۇ ئىلىمنىڭ قايسى بىرىنى ياخشى-يامان كۆرگەنلىكىمدىن ئەمەس بەلكى ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرىنىڭ ئىلتىپات-شاپائىتىدىن بولدى،  ئىرپانبەگ ھەزرەتنىڭ شاپائەت-ھىممىتىدە باش مۇھەررىرلىك ئەمگىكىنى زېممەمگە ئالدىم، بۇ قانداقتۇ قۇللىرى لى سىنىڭ ئىلمىي ئېقىم تاللاشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمدىن ئەمەس بەلكى شاپائەتكە ساداقەت بىلدۈرۈشۈمدۇر.«لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتايلى، قۇللىرىنىڭ قارىشىچە بۇ كىتاب 600 نەچچە يىلدىن بۇيانقى سەلتەنەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت-مەغلۇبىيەتلىرىنى ساۋاق قىلىپ، سەلتەنەت ساھىبلىرىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىكى تەلىماتلىرىنى ھىدايەت يولىغا يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىكى تەلىمات بولۇپ، لەشكەرلەرنى ھەققانىيەت ھامىيلىرىدىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، سەلتەنەتنى ئەدلۇ-ئادالەت بىلەن يۈرگۈزۈش بۇ تەلىماتنىڭ نېگىزىدۇر، ئۇنىڭ مۇددىئاسى شاڭ ياڭ ئۆزگەرتىپ ئىزچىل يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئېغىر جازا ئاساس قىلىنغان  چىن بەگلىكى ئەركان-مىزانىنى ئاۋام-رەئىيەتكە ياقىدىغان قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋام-رەئىيەتنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈپ بەگلىكنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتۇر. تەلىمات خۇسۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» شۈبھىسىزكى نۇر چېچىپ تۇرىدىغان يېگانە كالامدۇر، ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ كالام چىن بەگلىكىگە كۆپ پايدىلىقكى زىنھار زەرەرى  يەتمەستۇر.

    ــــ ئۇستاز دەۋاتقان نۇر چېچىپ تۇرىدىغان يېگانە كالام  قايسى ئېقىمكىن؟

    ــــ يوسۇننامىمۇ، موزىچىلىقمۇ، كۇڭ زىچىلىقمۇ، تەرىقەتچىلىكمۇ ئەمەس، يوسۇننامىغىمۇ، موزىچىلىققىمۇ، كۇڭ زىچىلىققىمۇ، تەرىقەتچىلىككىمۇ ئوخشىمايدۇ.بەلكى بۇ بىر ئەبجەش تەلىماتتۇر.

       ــــ ئەبجەش تەلىمات؟ بۇ، ئۇستازنىڭ ھۆكۈمىمۇ ياكى ئىرپانبەگنىڭ ھۆكۈمىمۇ؟

    ــــ ئەبجەش، دېگەن نام قارىماققا تولىمۇ قوپال ئاڭلىنىدىكەن، بۇ ھەرگىزمۇ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى قويغان نام ئەمەس.

       ــــ ئۇستاز ئىرپانبەگنىڭ ئۆز تەلىماتىغا قانداق ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلەمدىلىكىن؟

       ــــ ئەركانبەگ ئېيتتىلەركى، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ھىدايەت يولى ئىلمىدۇر!

       ــــ ئىرپانبەگنىڭ ئۆزى قانداق بېكىتتىكىن؟

       ــــ ئىرپانبەگ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» «لۈ بۇۋېي تەپسىرىدۇر»، ھېچقانداق ئېقىم-مەزھەبكە تەۋە ئەمەستۇر، دەپ ئېيتتى.

       ــــ ئەمىسە بۇ ئۆز ئالدىغا يېگانە مەزھەب، دېگەن گەپ ئىكەن-دە؟

       ــــ راستىمنى ئېيتسام قۇللىرىمۇ بۇنىڭدىن باشقا مەنانى بىلەلمىدىم.

       ــــ بۇ تەلىماتقا ئۇستاز قانداق ھۆكۈم-باھا بېرىدىكىن؟ــــ يىڭ جېڭ دەرھال گەپنىڭ ئورامىنى بۇرىۋەتتى.

       ــــ قۇللىرى لى سى ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرىگە خىزمەت قىلغان ئىكەنمەن، ئۇنىڭ تەلىماتىدىن زىنھار ۋاز كەچمەيمەن!ــــ لى سى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئېقىم-مەزھەب ھەققىدىكى مەيدانىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەندىن كېيىن بىمالال ھەم مەردانە سۆزلەشكە كىرىشتى،ــــ پىر ئۇستازىم شۈن زىنىڭ تەلىماتى قارىماققا كۇڭ زى تەلىماتىغا ئوخشىغىنى بىلەن ئۇنىڭغا ئەركان-مىزان روھى سىڭگەن، ھەم رەھىمدىللىك سىياسىتىنى ھىمايە قىلىدۇ ھەم ئەركان-مىزانلارنى تەرغىب قىلىدۇ. ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىن ئېيتقاندا، بۇ كونا ئەركان-مىزان ئېقىمىدىن پەرقلىنىدۇ، شۈبھىسىزكى بۇ دەۋرانىمىزدىكى يېڭى ئەركان-مىزان ئېقىمىغا مەنسۇپتۇر. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شۈن زى تەلىماتىنىڭ ئاساسى يەنىلا ئەركان-مىزان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ روھى. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ھىدايەت يولىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ جېنى، ئەركان-مىزان بولسا ھىدايەت يولىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر قورالىدۇر، خالاس. شۇڭا، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى خۇددى سۇ بىلەن توغانغا ئوخشاشتۇر.

       ــــ ‹شۈن زى تەلىماتىغا ئەركان-مىزان روھى سىڭگەن› دېگەننى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟

       ــــ ماھىيەت جەھەتىدىن ئېيتقاندا، شۈن زى تەلىماتى ئەركان-مىزان تەلىماتى بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئۈچ ئۈلۈش ھىدايەت يولى تەلىماتى، بىر ئۈلۈش كۇڭ زى تەلىماتى سىڭگەن بولۇپ، ھىدايەت يولى، رەھىمدىللىك سىياسىتىدە ئەركان-مىزان روھى كەمچىل، دەپ قارايدۇ. لى كۈي، شاڭ تۆرە قاتارلىق سېپى ئۆزىدىن كونا ئەركانچىلار ئەركان-مىزاننى چىقىش قىلىپ ئەركان-مىزاننى ئالىي بىلىدۇ. ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، قۇللىرى لى سىنىڭ پىرىم شۈن زى ھەزرەتكە بېرىدىغان باھايىم شۇدۇركى، ئۇنىڭ تەلىماتىدا يەنىلا ‹ئەركان-مىزان ماھىيەتدۇر›. قۇللىرىنىڭ بۇ باھا-ھۆكۈمى پەقەت ئۆزۈمنىڭلا قارىشىدۇر!ــــ لى سى كەمتەرلىك بىلەن تەبەسسۈم قىلىپ مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ سۆزىنى توختاتتى.

       ــــ ئۆزۈمنىڭلا قارىشى، دېگەنلىرى قانداق گەپ ئۆزى؟ ئەجەبا بەزىلەر شۈن زى تەلىماتىنى كەمسىندۈرۈۋاتامدۇ؟ــــ يىڭ جېڭ تولىمۇ سەزگۈر بولۇپ، قىزىققىنىدىن مەسىلىنى ناھايىتى ئىنچكە تەھلىل قىلىپ چىڭ يېرىدىن تۇتۇۋالدى.

       ــــ باشقىلارنىڭ باھا-ھۆكۈمى مۇھىم ئەمەس،ــــ لى سى سۆزىنى داۋام قىلدى،ــــ قۇللىرى لى سىنىڭ ئۆزۈمنىڭلا قارىشى، دېگىنىم شۈن زى ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىكى تالاش-تارتىشقا قارىتىلغان. قۇللىرى لى سىنىڭ ھەمساۋاق ئىنىسى خەن فېي شۈن زى تەلىماتى ھەقىقىي ئەركان-مىزان ئەمەس، ھەتتا لى كۈي، شاڭ تۆرىمۇ ھەقىقىي ئەركان-مىزانچى ئەمەستۇر، پەقەت پەقىر خەن فېيلا قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆتكەنلەر ئىچىدىكى ھەقىقىي ئەركان-مىزانچىلاردىندۇرمەن، پەقىر خەن فېينىڭ تەلىماتىلا ھەقىقىي ئەركان-مىزان تەلىماتىدۇر، دەپ قارايدۇ. شۇڭا دەيمەنكى، قۇللىرى لى سىنىڭ باھا-ھۆكۈمى شۈن زى ئېقىمىدىكىلەر ئىچىدىكى بىر تەرەپنىڭلا قارىشىدۇر.

       ــــ ھە؟ بۇ خەن فېي ھەقىقەتەن يۈرەكلىك ئادەمكەن!

       ــــ ئالىيلىرى قىزىقسا، خەن فېينىڭ كىتابى پۈتسە قۇللىرى لى سى ھەدىيە قىلاي!

       ــــ بەلەن گەپ، تولا بەلەن گەپ! قەدىمدىن بۇيان ئۆتكەن ئەركان-مىزانچىلارنى ئېتراپ قىلمايدىغان بۇ ھەقىقىي ئەركان-مىزانچىنىڭ قانداق ھەقىقىي ئەركان-مىزانلىرى باركىن، كۆرۈپ قويغۇلۇق!ــــ يىڭ جېڭ شىرەنى مۇشتلاپ بىرھازاغىچە قاھقاھلاپ كۈلدى ۋە ئارقىدىن يەنە پاراڭ تېمىسىغا قايتىپ كەلدى، ــــ ئۇستازنىڭ شەرھى ھەقىقەتەن ئىنچىكە-ئېنىق بولدى. ئەمما پەقىر يىڭ جېڭ يەنىلا چۈشەنمىدىم: پەدەرىم ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى پەقىرگە يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى نېمىشقا پەۋقۇلئاددە ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلدا ئەلگە جاكارلايدىغاندۇ؟

       لى سى خېلىغىچە جىمىپ كەتتى، كېمە بۆلمىسىنىڭ سىرتىدا شامال-دولقۇنلارنىڭ ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يىڭ جېڭمۇ لام-جىم دېمەي پانۇسنىڭ خىرە يورۇقىدا لى سىغا تىكىلىپ سەپسېلىپ ئولتۇراتتى. خېلىدىن كېيىن لى سى ئېغىز ئاچتى:

       ــــ ئىرپانبەگ ھەزرىتىمنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئارقىلىق ئاۋام رايىنى يېتەكلەشتۇر. ئاۋام رايى بىرلىككە كەلسە ئاۋام-رەئىيەت بېگىمىز بىزگە رەھىمدىللىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دەپ ئالىيلىرىدىنتەپتارتىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانلىرى تاكامۇللىشىپ مۇستەھكەملىنىدۇ. پەقەت مۇشۇلا، باشقىچە غەرەز يوقتۇر!

       ــــ چىن ئەركان-مىزانلىرى ئەل رايىغا ياقمامدىكەن؟

       كېمە بۆلۈمچىسىدە يەنە بىرپەس تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن لى سى ئېغىز ئاچتى:

       ــــ چىن ئەركان-مىزانى ئەل قەلبىگە ياقىدۇ. ھەتتا ئاۋام-رەئىيەت چىن ئەركان-مىزانلىرىنى قورقۇپ ھۆرمەت قىلىدۇ. مېھرىبان سىياسەت، يېنىك جازا تېخىمۇ يېقىنلىق ۋە ئىناقلىق يارىتىدۇ. بۇنداق يېقىنچىلىق ۋە ئىناقلىقنى كىممۇ كۆرۈشنى خالىمىسۇن؟ھۆرمەت بىلەن قورقۇش ۋە يېقىنلىق بىلەن ئىناقلىقنىڭ قايسىسىنى تاللاپ قايسىسىدىن ۋاز كېچىشنى كىممۇ خالىمىسۇن؟ ئالىيلىرى بۇنىڭغا ئۆزلىرى ھۆكۈم قىلىۋالغايلا!

       ــــ ئۇستازدىن سورىۋالاي، بۇنىڭغا قانداق ھۆكۈم قىلغۇلۇق؟

       ــــ ئالىيلىرى ئۆز ئىرادىلىرى بويىچە، ئەلنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارلىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدىلا!

       ــــ ئۇستاز تەلىم بەرگەيلا!ــــ يىڭ جېڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ چىن ئىخلاسى بىلەن بىر تازىم قىلدى.

       لى سى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر، پالاكەت بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك ئۇلۇغ تىنىپ نەپەس ئېلىپ چاققانلا ئورنىدىن تۇرۇپ تازىم قىلدى ۋە:

    ــــ ئالىيلىرىنىڭ ئىرادىسى ناۋادا لەشكىرىي كۈچنى كۆپەيتىپ بەگلىكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىپ جاھاننى تىنجىتىپ ئىدارە قىلماق بولسا شاڭ ياڭنىڭ ئەركان-مىزانى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» دىن ئەۋزەلدۇر. ناۋادا ئالىيلىرىنىڭ  ئىرادىسى  بەگ-تۆرىلەر بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ باشقا ئالتە بەگلىك بىلەن تىنچ بىللە ئۆتمەك بولسا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» شاڭ تۆرىنىڭ ئەركان-مىزانىدىن ئەۋزەلدۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ ياخشى-يامىنىغا قۇللىرى لى سى ھۆكۈم قىلالماستۇر!ـــ دېدى.

       ــــ ئۇستازنىڭ تەلىمى پەقىرنىڭ چىگىش تۈگۈنلىرىنى يەشتى!ــــ يىڭ جېڭ ئۇشتۇمتۇت ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى يوشۇرالماي قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە بۇرۇلۇپ ــــ شياۋ گاۋزى، پانۇسنى يىغىشتۇرۇپ مەي كەلتۈر! مېڭ تيەن كىرسۇن، بىز ئۇستاز بىلەن قانغۇچە ئىچىشەيلى!ــــ دەپ ۋارقىرىدى.

       غۇر-غۇر شامال جانغا راھەت بەخش ئېتىۋاتقان دەريادا، ئۇزۇن پالاقنىڭ ئۇرۇلۇشى بىلەن كېتىۋاتقان كېمە پەلەكنى قاپلىغان غۇۋا تۇماندىكى پانۇس يورۇقىدا بەئەينى يالتىراق قوڭغۇزدەك گاھ فېڭجىڭ جىلغىسىغا كىرىپ-چىقىپ لەيلەپ يۈرسە، گاھ چىنچۈەن ۋادىسىنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە قاراپ لەيلەپ باراتتى. ئىككى قىرغاقتا ئىتلار قاۋاپ، خورازلار چىللاپ، تاڭ گىرىمسەن يورۇغاندىلا پارقىراق قوڭغۇز كەبى كېتىۋاتقان كېمە ئېقىن يۆنىلىشىگە ئۆزىنى قويۇپ بېرىپ ئۇدۇل شيەنياڭغا قايتتى.

     

       پانۇس يورۇقى ئىللىتىۋەتكەن سارايدا ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي ئەركانبەگ سەي زېنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئويغا پېتىپ جىمىپلا كەتتى.

       چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغىنى بىلەن مەڭىزلىرىگە قىزىللىق تېپىپ تۇرغان سەي زېنىڭ مەي ئىچكۈسى كېلىپ قالغان ئىدى، ئۇ:

       ــــ ئىرپانبەگ، پەرىشان بولمىغايلا! كىتاب پۈتمەستە غەمگە پاتتىلا، كىتاب پۈتۈۋىدى يەنىلا ۋايىم يەۋاتىدىلا، ئەجەبا بۇ ئۆمۈرلىرىدە غەمگە پېتىپلا يۈرەمدىلا؟ كەمىنىلىرى سىلىگە ئېيتسام، بۈگۈن شيەنياڭنىڭ تۆۋەن قوۋۇقىدىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىدىن ئاۋام رايىنىڭ رام قىلىنغانلىقى ئايان بولدى، بۇنىڭغا غەم-غۇسسىدە بولۇش بىھاجەت! «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرۈشى كاتتا ئىشتۇر!ــــ دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ. لۈ بۇۋېينىڭ غەمكىن ئوزايىدىن قىلچىلىك ھاياجان ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى، قولىدىكى قەدەھنى تۇتقىنىچە سەي زېغا تىكىلىپ سەپسېلىپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ:

       ــــ ئاغا، سىلىچە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ راستىنلا ئۈنۈمى بولارمۇ؟ــــ دېدى.

       ــــ ئەلۋەتتە!ــــ دېدى شىرەنى چېكىپ تۇرۇپ قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن ھالدا،ــــ ئەل رايى دېمەك تەڭرى رايى دېمەكتۇر، ئەلنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تۇرۇغلۇق يەنە نېمىنى كۈتىدىلا!

       ــــ ئەركان بېگىم، ھەي ئەركان بېگىم، يەنىلا گۆدەك-نادان تالىپلاردەك ئىش قىلىۋاتىدىلا!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي ئۇھ تارتقىنىچە بېشىنى يېنىك چايقاپ. سەي زېنىڭ خۇشكەيپلىكتىكى ھاياجاندىن خۇمارلىشىپ قالغان كۆزلىرى بىردىنلا چۆچەكتەك ئېچىلىپ كەتتى ۋە:

       ــــ ئىرپانبەگنىڭ بۇ نېمە دېگىنىكىن؟ ئوردۇبالىقتا بىرەر شەپە چىققان بولمىغاي يەنە؟ بەزىلەر «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»گە غەيرىي قاراشتا بولۇۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ــــ دېدى.

       ــــ يوغسۇ،ــــ دېدى لۈ بۇۋېي بېشىنى چايقاپ،ــــ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ھېچقانداق شەپە يوق، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ، بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس!

       ــــ شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ!

       ــــ ئاغا، ئالدىراپ چېچىلمىغايلا!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي كۈلۈپ ۋە بۇ ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى تىلغا ئالدى.

    ئەسلىدە، سەي زې ئەمەل-مەنسەپلىرىدىن بىراقلا ئىستېپا سوراپ كەتكەن شۇ پەيتتە، لۈ بۇۋېي قائىدە بويىچە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ تولۇق ئويما نۇسخىسىنى پەرمانچىدىن پەرمانھارۋىسىدا باش ۋەزىر مەھكىمىسى نامىدا رەسمىي يوسۇندا چىن بېگىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا يوللاپ بەرگەن ئىدى. لۈ بۇۋېينىڭ ئۆز قولى بىلەن چىن بېگى يىڭ جېڭغا بەرمەسلىكىدە سەۋەب بار ئىدى، ئەگەر ئۆز قولى بىلەن يىڭ جېڭ بەگنىڭ شىرەسىگە قويسا شۈبھىسىزكى يىڭ جېڭ بەگ نېمىلا دېگەن بىلەن مەلۇم ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەتتى، لۈ بۇۋېينىڭ مۇددىئاسى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى كۆرگەن يىڭ جېڭ بەگدە بۇ بىر خۇسۇسىي ئىشكەن، دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىش بولماستىن بەلكى بەگلىكنىڭ مۇھىم ئىشىكەن، دېگەن تونۇش پەيدا قىلىش ئىدى. پەرمانچى شۇ كۈنىلا«يىڭ جېڭ بەگ ئوردۇبالىقتىكى كۇتۇپخانىسىدا يوقكەن، يىگرىمە ئالتە جىلد كىتابنىڭ ھەممىسىنى دورغابنىڭ ئوراپ مۆھۈرىنى بېسىپ ئېلىپ قېلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردىم» دېگەن جاۋابنى بەردى. ئۈچ كۈن ئۆتكەندە، لۈ بۇۋېي يارلىققا بىنائەن ئوردۇبالىققا كېڭەشكە كىرگەندە چىن بېگى ياش يىڭ جېڭ ياندىكى شىرەگە دەستىلىۋېتىلگەن تامدەك ئېگىز بامبۇك جىلدلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداقچىلا« ئىرپانبەگنىڭ كاتتا ئەسىرى ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلدى، ئالدى بىلەن ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن بىرنەرسە دەرمەن» دەپ قويغان بولدى. كېيىن كېڭەش ئاخىرلاشقىچە ئۇ بۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئالمىدى. بىرەر ئايدىن ئاشتى، بۇ ھەقتە ياش بەگدىن يەنىلا ھېچقانداق بىرەر سۆز-خەۋەر ئاڭلىمىدى. كېيىن لۈ بۇۋېي ئۆزىنىڭ ئوردۇبالىقتىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە دورغاب ۋاڭ ۋەن بىلەن تاساددىپەن ئۇچرىشىپ قالدى، بىر چاغلاردىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە مەنسەپ تۇتقان بۇ دورغابنىڭ ئوزايىدىن جىممىدە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى، ھەرنېمە دېگەن بىلەن ئاخىر يەنىلا سەل ئوڭايسىزلىنىپ «ئالىيلىرى يېقىندىن بۇيان كېچە-كېچىلەپ كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ، شۇغىنىسى ئوقۇۋاتقىنىنىڭ ‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى› شۇمۇ-ئەمەسمۇ بىلمىدىم» دەپلا بىرنەچچە ئورام ھۆججەتلەرنى قولتۇقلىغىنىچە ئالدىراپ-تېنەپ كېتىپ قالدى. تاكى ئۈچ كۈن بۇرۇنغىچە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ خۇددى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن لاي كالىدەك ھېچقانداق خەۋەر-ئۇچۇرى بولمىدى.

       ــــ شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتابنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلدىلا؟

       ــــ گېزىمۇ كەلگەن، بەگلىكىمىزنىڭ، ئاۋام-رەئىيەتنىڭ رايىمۇ شۇنىڭغا تەقەززا ئىدى،ــــ لۈ بۇۋېي ئۇلۇغ-كىچىك تىنىۋېتىپ داۋام قىلدى،ــــ چىن بېگىنىڭ غەيرەت-شىجائىتى ۋە ئىقتىدار-كامالىتىدىن ئېيتقاندىمۇ ئۇ بۇ كىتابنى كۆرمەي قالمىدى. شۇنچە مۇھىم ئىشقا بىرنېمە دېمەي جىمىپ كەتكەنگە قارىغاندا، ئېنىقكى بۇنىڭدا بىر گەپ بار. ناۋادا يىڭ جېڭ بەگ قايتا-قايتا ئويلىنىپ ‹لۈ بۇۋېي قېرىغاندا مۇشۇ ئىشىم قالدى، بۇ ئىشىمنى پۈتتۈرۈۋالساملا بولدى، بولمىسا بۇ يەردە قېلىپ نېمە قىلىمەن؟ بۇ يەردە قالغاندىن كۆرە سودامنى قىلغان ياخشى ئەمەسمۇ؟دەپ ئويلايدىكەن» دەپ قالغان بولسىچۇ!

       ــــ ئىرپانبەگ، ئارتۇقچە گۇمانخورلۇق قىلىپ كەتتىلىمۇ-قانداق؟

    ــــ پەقىر لۈ بۇۋېي بۇ ئۆمرۈمدە ئوچۇق-ئاشكارا ئىش قىلىپ كەلدىم، گۇمانخورلۇق دېگەن نېمە ئۇ؟ ئاغا، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردىكى ۋەزىيەتنى راستىنلا بىلمەيۋاتامدىلا؟ــــ لۈ بۇۋېي شىرەنى «پاق»ىدە ئۇرۇپ ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، قېلىن گىلەمدە ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭغىنىچە ھەسرەت-نادامەتتە ئويغا چۆمگىنىچە قايناپلا كەتتى ــــ يېرىم يىل دېگەن ھەش-پەش دېگىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇ چاغقا بارغاندا ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ! ئۇ چاغدا ئوردۇبالىق سىلى-بىزدەك بەگ-تۆرىلەرگە ئىشىكىنى ئېتىۋالىدۇ، بىلمىگەن بولساققۇ بىر نېرى ئىدى. قارىماملا، مانا شۇ تاپتا يىڭ جېڭ بەگ ئۆزگىرىپ بىزلەرگە باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قالدى. راستىنى ئېيتساق، ئۇنى ھېچكىم گەپكە كىرگۈزەلمەيدۇ، سىلى، مەن، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»، ھەممىسى بىكار. شۇڭا ئەمدى ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ سىناپ بېقىشلا قالدى!

       ــــ شۇنداقمۇ، پەقىر راستىنلا ھاماقەتكەنمەن!ــــ سەي زېمۇ ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇردى، ــــ ئىنىم ھەممىنى شۇنداق ئېنىق كۆرۈپ يېتىپمۇ يەنە نېمىشقا بۇ قىلتاققا دەسسەيدىلا؟ ھەم كىتاب يېزىپ، تەلىمات يارىتىپ، ھەم ئىنئام بېرىپ جاھاننى لەرزىگە سېلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچىدىلە؟ ناۋادا بۇ باش قېتىنچىلىقى بولمىغان بولسا ئىرپانبەگدەك ئالەمشۇمۇل تۆھپە ياراتقان بىر تۆرىنىڭ باش ۋەزىرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىپ ياستۇقنى قىرلاپ غەم-غۇسسىسىز ياشىمىقى بەرھەق ئىدى. ئۇ چاغدا ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىمەن دېسىلە رەھىمدىل سىياسەت يۈرگۈزگەن بولسىلا شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ئىدى. بىر كىتابنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئىش كەلمەكچىدى؟ كىتابنىمۇ يازدىلا، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۇتتىلا، ئەمما يەنىلا غەم-غۇسسىدىن قۇتۇلالماي پەرىشان يۈرىدىلا،ھەرگىز ئۇنداق قىلمىغايلا! پەقىر قانداقمۇ بىلمەي قالاي؟

       ــــ ئاغام بىلمەيۋاتىدىلا ئەمەس، بەلكى چىننىڭ دەسلەپكى غايىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسلىرىدىن چىقىرىۋاتىدىلا!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي بىردىنلا مەسخىرە ئارىلاش نادامەتلىك كۈلۈپ، ــــ ناۋادا ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ غەم-غۇسسىسىز ياشاي دېگەن بولسام پەقىر لۈ بۇۋېي ھەددى-ھېسابسىز بايلىقىمدىن كېچىپ بۇ يەردە نېمىمۇ قىلاتتىم؟ ھازىرقى ۋەزىيەتتىمۇ پەقىر لۈ بۇۋېينىڭ دەسلەپكى غايىسى ئۆزگەرگىنى يوق، تەييارلىقمۇ بار. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى خەلقى-ئالەمگە ئاشكارىلاپ ئالدى بىلەن ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئاندىن ئاۋام رايىدىن ئىبارەت بۇ كۈچ ئارقىلىق بەگ-تۆرىلەرنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش، ئاندىن رەھىمدىل سىياسەت، ئادالەت لەشكىرى تەلىماتىنى چىن ئەركان-مىزانىغا سىڭدۈرۈپ، چىن ئەركان-مىزانىنى قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەر تەڭ جىپسىلاشقان جاھاندا تەڭداشسىز مۇكەممەل ئەركان-مىزانغا ئايلاندۇرۇش ... ئومۇمەن بۇ بىر خەتەرلىك شاھمات ئىكەن، ئىلاجسىز قالدىم.

       ــــ بۇنى بىلىدىكەنلا، ــــ سەي زې بېشىنى چايقاپ گەپكە قوشۇق سالدى.

       ــــ بولدىلا، تالاشمايلى!ــــ لۈ بۇۋېي بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ ئاۋازىنى پەسەيتتى،ــــ ئاغام بۈگۈن ئىپتىداسىنى باشلىدى، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقتۇر. پەقىر بۇۋېي ئەمدى ئاغامنى تۇتۇپ قالالمايمەن، پەقەت بىرلا ئىش بار، ئاغا، دەرھال تەرەددۇتلىنىپ شيەنياڭدىن تېزرەك ئايرىلسىلا!

       ــــ ھە؟ نېمە-نېمە؟ نېمە دېدىلە؟ بۇ نېمە دېگەنلىرى ئەمدى؟ــــ سەي زېنىڭ چىرايى بىردىنلا بوزىرىپ كەتتى.

       ــــ ئەركانبەگ!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي تۇنجى رەت سەي زېغا جىددىي تەرۈزدە يۈزلىنىپ،ــــ سىلىمۇ ھۆكۈمدارلار قاتارىدىكى ئۇلۇغلاردىن بولىدىلا، ۋەزىيەتنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى چوقۇم لۈ بۇۋېي ئېزىپ ئىچۈرمىسە بىلمىگۈدەك ئادەم ئەمەس، ئۈچ ئايدىن بۇيان بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەي ئەمەل-مەنسەپلىرىدىن قالدۇرغۇزۇۋەتكەن ۋەزىرلەر تۇشمۇ-تۇشتىن ئىشقا قويۇلۇۋاتىدۇ. مۆلدۈر يېغىشتىن بۇرۇنقى بىر مەيدان بوران-چاپقۇنلۇق جۇدۇن كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. چىن بەگلىكى تەيخاڭشان تېغىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىن كەلگەنموللىلارنىڭ پاتقىقىغا ئايلىنىپ قالدى، قانچە بۇرۇن قانچە يىراققا كەتسىلىرى شۇنچە ياخشى. سىلى كېتىدىلا، دورغاب  ۋاڭ ۋەن كېتىدۇ، ۋاڭ جيەن كېتىدۇ، لى سى كېتىدۇ، جېڭ گومۇ كېتىدۇ، ئىشقىلىپ پەقىر لۈ بۇۋېي بىلەن باردى-كەلدىسى بارلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كېتىشى كېرەك. سىلىدىن يوشۇرمايمەن، چېن شۈەن، مو خۇ، كۈن پېتىش قوۋۇقتىكى غوجىدار بوۋاي ۋە بىر تۈركۈم تېجىمەل-قوناقلار يېرىم ئاي بۇرۇن شيەنياڭدىن ئايرىلدى. ئەركانبەگ، ئەمدىغۇ چۈشەنگەنلا؟

       ــــ گەپ بولدى-دە بۇ، سىلىنى يالغۇز تاشلاپ كېتىش مەرد ئوغلانلارنىڭ ئىشى ئەمەس، بۇ ئوچۇقلا مەردۇ-مەردانىلىكتىن چەتنىگەنلىك ئەمەسمۇ؟

       ــــ ھاماقەتلىك قىلمىسىلا! ــــ لۈ بۇۋېي خاپا ئارىلاش كۈلدى،ــــ ناۋادا مەن سىلى بولۇپ قالغان بولسام پۇتلىرىمنى سۆرەپ بولسىمۇ كېتەتتىم. ئورۇن ئالماشقىلى بولمايدۇ، نېمىگە تارتىشىدىلا؟ كەمىنىلىرى شيەنياڭدا تىرىشىپ-تىرمىشىپ كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن، سىلەر لوياڭدا جايلىشىسىلەر. يولنى ئىككى پۇتتا مەزمۇت ماڭغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟

       ــــ پاھ-پاھ،ــــ سەي زې بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈۋەتتى،ــــ ئىككى پۇتتا يول مېڭىش، قالتىسكەن! كەمىنىلىرى ئەتە سۈبھىدە يولغا چىقاي!

       ــــ ياق، بۈگۈن كېچىدىلا يولغا چىقىدىلا!

       سەي زې چۆچۈپ بىر ھازا جىندەك تۇرۇپ قالدى-يۇ تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى:

       ــــ بوپتۇ بۈگۈن كېچە بولسا بۈگۈن كېچە بولسۇن. ئەمىسە كەمىنىلىرى خوشلىشاي!

       سەي زېنىڭ يوغان-يوغان چامداپ ھويلىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ لۈ بۇۋېي تېنى بوشاشقاندەك ھېس قىلىپ ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى.

       لۈ بۇۋېي سەھەردە ئويغىنىپ يۇيۇنۇپ، ئۈستىباشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ سارايغا كىردى، ئادەتتە ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتەتتى، ئەمما بۈگۈن غىزاغا كۆڭلى تارتمىدى، بىر پىيالە سۇيۇق كۆك پۇرچاق ئۇمىچى ئىچىپ ئىختىيارسىز كۇتۇپخانىسىغا كىردى. ئىچكىرى-تاشقىرى ئالتە ئىشىكلىك بۇ كۇتۇپخانا ئەمەلىيەتتە باش ۋەزىرنىڭ سەلتەنەتكە ھەكەملىك قىلىپ بەگلىك ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ، ئەمەلدارلار ئۇنى قەسىر كۇتۇپخانىسى، دەپ ئاتىشىۋېلىشقان ئىدى. ھەقىقىي كۇتۇپخانا ئەمەلىيەتتە ھويلىدىكى بىر چوڭ ھۇجرا ئىدى. نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ھەر كۈنى ئەتىگىنى كۈن بىلەن تەڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان چاغ ئىدى. ھەرقايسى مەھكىمىلەرگە تەۋە ئەمەلدارلار دەل مۇشۇ چاغدا شۇ كۈندىكى ئەڭ مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كەلگەچكە، كەلدى-كەتتىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى؛ دورغاب بارلىق ھۆججەتلەرنى تۈرلىرى بىلەن ئايرىپ رەتلەپ مۇشۇ چوڭ كۇتۇپخانىغا بىر-بىرلەپ ئېلىپ كىرگەندە ئىرپانبەگ ئۆز ئورنىغا چۆكۈپ ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ تەستىق سېلىپ، بەگلىكنىڭ شۇ كۈنلۈك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇراتتى. بۇ چوڭ كۇتۇپخانىنىڭ ئەتىگەنلىكى چۆلدەرەپ قالغىنىغا خېلى چاغلار بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئىچكىرى-تاشقىرى خانىدىكى ئالتە داڭقان ئوچاقتا ياغاچ كۆمۈر پاراس-پۇرۇس، چاراس-چۇرۇس ئۇچقۇنداپ، يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتاتتى، پۈتۈكچى-كاتىپلار ئىلگىرىكىدەك ھۆججەتلەرنى رەتلەۋاتاتتى، پۈتۈكچى-كاتىپلار ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشكەندە كىيىملىرىنىڭ سۈركىلىشىدىن چىققان ئاۋاز، ياغاچ كۆمۈر چوغىنىڭ پات-پات پاراسلاپ ئېتىلىشىدىن چىققان ئاۋازدىن باشقا شۇنچە چوڭ ساراي خۇددى ئادەم يوقتەك تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. ئىرپانبەگ مەخسۇس ئۆزىلا كىرىپ- چىقىدىغان مەر-مەر ئىشىكتىن كۇتۇپخانىغا كىرىپ ، ئۇدۇللا تاشقىرىقى خانىدا توختىدى، لۈ بۇۋېي ئۆزىگە كېچە-كۈندۈز ھەمرا بولىدىغان بۇ چوڭ كۇتۇپخانىنىڭ ھازىرقىدەك جىمىپ كەتكىنىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىۋاتاتتى. سەھەر شامىلى ساراينىڭ ئىشىك پەردىسىنى ئۇچۇرۇپ تۇراتتى، ئۇ ئىختىيارىسىز ئەندىكىپ كەتتى. مەقسەتسىزلا بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن يەنىلا ئازادە ئورۇندۇققا كېلىپ شىرە ئالدىدا ئولتۇردى. ئىش ئاز بولسىمۇ بىر ھېسابتا ياخشىكەن، ئۇ كاللىسىنىڭ سەگەك چېغىدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى زېھنىنى يىغىپ قايتىدىن بىر ئوقۇپ چىقماقچى، ئاندىن چىنلىقلارنىڭ دەستۇر بىلىپ چوقۇنىدىغان «شاڭ تۆرە تۈزۈكى» نى ئوقۇپ چىقماقچى بولدى. ھامان بىر كۈنى بۇ ئىككى كىتابنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئادەم چىقىدىغانلىقىغا ئۇ ئىشىنەتتى، بۇ كۈننىڭ ئۇزاق قالمىغانلىقىنى ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيۇپ تۇرۇۋاتاتتى.

       ــــ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى، ئوردۇبالىقتىن جىددىي مەخپىي مەكتۇب كەپتۇ! ــــ ئىشىكئاغا ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كىرىپ كەلدى.

    لۈ بۇۋېي ئىشىكئاغا مىستىن ياسالغان نەيچىسىمان مەكتۇبداندىن چىقىرىپ ئۆزىگە سۇنغان تېرە قەغەزگە يېزىلغان مەكتۇبنى ئاچتى، بۇ دورغاب ۋاڭ ۋەننىڭ جۈەنشۇ خەت شەكلىدە رەتلىك قىلىپ:«شاگىرتلىرى ۋاڭ ۋەن پۈتكۈل ئىقلىمدا تارقالغان ئالەمچە ھۆرمەتلىرىگە، ماڭا كۆرسەتكەن چەكسىز ھىممەت-مۇشفىقلىرىگە ئىچ-ئىچىمدىن ھەمدۇ-سەنا ئېيتىپ ئۇشبۇ مەخپىي مەكتۇبنى يېزىۋاتىمەن! كەمىنىلىرى ئىرپانبەگنىڭ چىن بەگلىكىدىن ئايرىلىشىم خۇسۇسىدىكى ئول مەخپىي مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىنتايىن سۆيۈندۈم! ئەمما كەمىنىلىرى ئىرپانبەگنىڭ ھاۋالە-كورسەتمىسى بويىچە بەگكە خىزمەت قىلىۋاتقىلى مانا 10 يىللار ئۆتۈپتۇ! بەگلىككە كەلگىلىمۇ ئۇزۇن يىللار بولدى،يەنە ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرىنىڭ ئالەمچە مۇشفىق-ئىلتىپاتلىرىغىمۇ ئېرىشتىم،ھازىر ئوردىدا ئالىي مەرتىبەدە خىزمەت قىلماقتىمەن،قانداقمۇ پەشنى قېقىپ كەتكۈلۈك؟ پېقىر ۋاڭ ۋەن ئىرپانبەگدىن ھېچ نەرسىنى يوشۇرمايمەن! چىن بېگىگە ئەگەشكىنىمدىن بۇيان چىن بېگىنىڭ ئىنتايىن غەيرەت-شىجائەتلىك، دانىشمەن ئادەملىكىدىن، ئىلمۇ-ئىرپان ئەھلىنى قەدىرلەيدىغان پەزىلىتىدىن، بەگلىك ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بولۈدىغان ئىخلاسمەنلىكىدىن قايىللىقىمنى باسالماي يۈرۈپتىمەن.  ئۇنىڭدىكى ئەدەب-ئەردەم ۋە قابىلىيەت-ئىستېدات پەقىرنى ئۇنىڭغا ساداقەت بىلەن ئەگىشىشكە دالالەت قىلىپ تۇرۇپتۇ،شۇنىڭدەك ئىرپانبەگ جانابلىرىنىڭ چەكسىز شاپائەتلىرىگە كامالىي ئېھتىرامىم ئوخچۇپ تۇرۇپتۇ،چىن بېگىنىمۇ ھەم ھۆرمەتلەيمەن! تاللاش مەسىلىسىگە كەلسەم پەقىر ئىنتايىن قىينالدىلەر،ئەمما مەن كېچىچە ئويلىنىپ شۇ قارارغا كەلدىمكى، ئاۋام مەنپەئەتى ئۈچۈن خۇسۇسىي مەنپەئەتتىن كەچمەكلىكىم جائىزدۇر! پەقىرنىڭ چىن بېگىگە خىزمەت قىلماغى ئاۋام-رەئىيەت ئۈچۈن،ئىرپانبېگىمگە ھۆرمەت بىلدۈرمەگى شەخسىيەت ئۈچۈندۇر،چۈنكى ئاۋام-رەئىيەت ئىشلىرى خۇسۇسىي ئىشلاردىن ئۈستۈن تۇرماغى لازىمدۇر . بۇ دەل ‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى›نىڭ كۈتكىنىدەك بولۇرلەر! شۇڭا پەقىر قانداقمۇ خۇسۇسىي ئىشلىرى ئۈچۈن ئاۋام-رەئىيەت خىزمىتىدىن ۋاز كېچەلىسۇن!؟ پەقىرنىڭ خۇسۇسىي پىكرى شولدۇركى: ئىرپانبېگىم قوبۇل كۆرگەيلا! بەگلىك ئىشلىرى تەھلىكىگە ئۇچرىسا قەلەم-ئەلەم ساھىبلىرى ئىزتىراپقا چۈشۈپ قالادۇلەر،خۇلاسە كەلام شۇنداغكىم: ھۆرمەتلىك ئىرپانبەگ ھەزرىتىم ‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى›نى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەگلىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بەرگەيلا،مانا شۇ ساداقەتلىرى يۈزىسىدىن تەڭرى ئىنايەتىگە ئېرىشمەكلىكلىرى بەرھەقتۇر!»دەپ يازغان ئىدى.

    ــــ ھۇ يارىماس، شۇمۇ گەپ بولدىمۇ!ــــ لۈ بۇۋېي تېرە قەغەزگە پۈتۈلگەن مەكتۇبنى شىرەگە پاققىدە تاشلاپ ئۇلۇغ-كىچىك تىندى.

       ۋاڭ ۋەن خاتالاشتىمۇ؟ ياق! ئۆزى خاتالاشتىمۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس! بۇ چىگىش تۈگۈن زادى نەدە؟ لۈ بۇۋېينىڭ رىجە-تەدبىرلىرى بويىچە كىتابنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ناۋادا ئۈنۈمى بولمىسا، بىرمۇنچە ئەللامە-ئۆلىمالارنىڭ شيەنياڭدىن كېتىشى ئىككىنچى قەدەم ئىدى. ۋاڭ ۋەن، ۋاڭ جيەن، لى سى، مېڭ تيەن، جېڭ گو، يەنە باش ۋەزىر مەھكىمىسىدىكى بىر تۈركۈم قابىل كىشىلەرنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى چىن بەگلىكىنىڭ قابىل تايانچلىرىدىن ئىكەنلىكى لۈ بۇۋېيغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. ۋاڭ ۋەن دورغابلىقتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ۋاڭ جيەن بىلەن مېڭ تيەنلەر ئەمىرلەشكەر، ئاستانە سانغۇنى بولۇشتى، لى سى، جېڭ گولار بولسا چىن بەگلىكى ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل بىر سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە رىجە-لايىھە تۈزۈشۈپ ئىش باشلاپ پۈتتۈرۈش يولىدا جان كۆيدۈرۈۋاتىدۇ. بۇ جايلاشتۇرۇشنىڭ ئەجەللىك يېرى شۇكى، مېڭ تيەندىن باشقا بىرقانچە كىشى لۈ بۇۋېينىڭ يېقىنلىرىدىن ئىدى. ۋاڭ ۋەن لۈ بۇۋېينىڭ قول ئاستىدىكى ياش، قابىل، يېتىشكەن كونا ئەمەلدار ئىدى، ۋاڭ جيەن لۈ بۇۋېي كۈچەپ ئۆستۈرگەن  ئالپ سانغۇن ئىزباسارى ھەم لۈ بۇۋېينىڭ سىپاھلار ئىچىگە خۇپىيانە قويغان خۇپىيسى، بەگ قىيىن كۈنلەردە قالغاندا قۇتقۇزغان تۆھپىكارى ئىدى. لى سى لۈ بۇۋېينىڭ تېخىمۇ قابىل تېجىمەللىرىدىن ئىدى، جېڭ گونى لۈ بۇۋېي ئۆزى يارلىق چۈشۈرۈپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن سۇچىلىق بىلەرمەنى، يەنى بۇ ئىككىسى ئەمەلىيەتتە جىڭخې دەرياسى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلاتچىلىرىدىن بولۇپ قالغان ئىدى. بۇلارنى لۈ بۇۋېي ياخشى بىلەتتى ھەم چىن سەلتەنەتىنىڭمۇ ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ناۋادا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» چىن بەگلىكىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەركان-مىزانى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمىسا، ۋاقتى كەلگەندە بۇ تايانچلار بىر-بىرلەپ چىن بەگلىكىدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالسا، ئېنىقكى چىن بەگلىكىگە ناھايىتى كۈچلۈك ئەجەللىك تەھلىكە بولۇپ قالاتتى، ناۋادا چىن بېگى بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولسا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىلىق ئورنىنى ئېتراپ قىلىشى شەرت ئىدى.

       بۇنداق جايلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇب بولۇشىدا دەل مۇشۇ قەدەم ئاۋام رايىدىنمۇ مۇھىم ئىدى.

    ئاۋام رايىغا باقماي بولمايدۇ، ھەممە ئىشتا ئاۋام رايىغا بېقىپمۇ بولمايدۇ. ئاۋام كۆڭلىنى ئۇتقانلارنىڭ دەبدەبىسى بولسىمۇ ئارمانغا يارىشا دەرمانى بولمايدۇ، ئاۋامنىڭ رايىنى رازى قىلىپمۇ بولمايدۇ. توققۇز ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمىگە ئوخشاش ئەمەلىي ئەركان-مىزانلار ئەل رايىنى قۇل قىلىۋالىدۇ، ئەلنى ئەبەدىي ئەمىن-ئاسايىش ئىدارە قىلىشنىڭ ئەدلۇ-ئادالەتلىك، ھىدايەت يولى تۇتۇلغان ئۇلۇغۋار تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش بىلەنلا ئاۋام رايىنى مۇجەسسەملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى جاكارلاش ئارقىلىق ئاۋام رايىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى جەلب قىلىش لەشكىرىي كۈچ-قۇدرەتنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ساھىبقىران ئەمىرلەشكەرلەر، قابىل-تادان ئاقىللار ئەمەل-مەنسەبلىرىدىن كېچىپ چىن بەگلىكىدىن ئايرىلىدىغان بولسا، ھەرقانچە قۇدرەتلىك لەشكەرلەرمۇ ئاجىزلىشىدۇ. شۇغىنىسى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋاڭ ۋەننىڭ تۇنجى بولۇپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» دە ياقلانغان ئاۋام-رەئىيەت قەدىر-قىممىتىنى خۇسۇسىي مەنپەئەت، دەپ قاراپ، بەگلىككە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى خۇسۇسىي نەپ-مەنپەئەتتىن ئەلا بىلگەنلىك، دېگەن قارىشىنى باھانە قىلىپ چىن بەگلىكىدىن ئايرىلىشنى رەت قىلىشى لۈ بۇۋېينى گاڭگىرىتىپ قويدى! ۋاڭ ۋەن مەكتۇبىنىڭ ئاخىرىدا تېخى ئۆزىنىڭ «خۇسۇسىي پىكىرى» ئورنىدا لۈ بۇۋېينى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى قايتۇرۇۋېلىپ زېھنىنى، خانۇ-مانىنى بەگلىك سەلتەنەتىگە ھەكەملىك قىلىشقا قارىتىشقا دالالەت قىلىشى ھەممىدىن چاتاق بولدى. لۈ بۇۋېينىڭ نەزەرى مۇشۇ قۇرلارغا چۈشكەندە يۈرىكى «قارت»تىدە ئاغدى. ۋاڭ ۋەن گەرچە چىن بېگىگە ساداقەتمەن بولسىمۇ ئەمما ئىلمۇ-ئىرپان ئىستىقامەتلىرىدە ئەزەلدىن لۈ بۇۋېينىڭ لەشكەرلەرنى ھەققانىيەت ھامىيسىغا ئايلاندۇرۇپ ھىدايەت يولى ئارقىلىق مېھرى-شەپقەت سىياسىتى يۈرگۈزۈش تەلىماتىغا چوقۇناتتىكى ھەرگىزمۇ ئىرادىگە بۇنداق مۇخالىپ دالالەتچىلەردىن ئەمەس ئىدى. مانا ئەمدى بولغاندا ئۇنىڭ بۇنداق بوشاڭلىقى شۈبھىسىزكى چىن بېگىنىڭ دۈمبىسىگە ئاپتاپ چۈشۈرەتتى. مۇبادا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بولۇپ قالغۇدەك بولسا ياش چىن بېگى سىياسەت قىلىپ ئۆزىگە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى قايتۇرۇۋالساڭ ئىرپانبەگ يەنىلا ئىرپانبەگ، باش ۋەزىر يەنىلا باش ۋەزىردۇر، دەپ ناھايىتى ئېنىق بىشارەت بەردى، دېگەن گەپ. گەرچە ناۋادا ئۇنداق بولمايدىكەن ئاقىۋىتىڭ پالانى-پۇستانى بولىدۇ، دېمىگەن بولسىمۇ، بۇنى دەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت ئەمەسمۇ؟ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى لۈ بۇۋېينى تولىمۇ بىئارام قىلدى. ياش چىن بېگى لۈ بۇۋېي بىلەن ئەزەلدىن ئىناق-ئىجىل ئىدى، ئىلگىرىكى قىيامەت قىسمەتلىرىدە، جەبرى-جاپا زۇلمەتلىرىدە بۇ ئۇلۇغ-كىچىك بەگ-تۆرە ئوتتۇرىسىدا تالاي مەۋقە-مەپكۈرە ئىختىلابلىرى بولۇنغان، ھەتتا كەسكىن تالاش-تارتىشلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇنغان. ئەمما ھەرنە قىلغان بىلەن شۇنداق چاغلاردا يىڭ جېڭ قىلچە خۇپىي-خۇسۇمەتتە بولماي ئىچ-قارنىدىكىنى ئۇدۇللا دەۋەرگەن، لۈ بۇۋېي ئۇنى «ئەدەب» لەشكە ئىزدەپ بارمىسىمۇ ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا «تەلىم-تەۋپىققە دالالەت» تىلەپ كەلگەن. ھەتتا ئەڭ ئېغىر، نازۇك پەيتلەردە ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرۈدىغان سالقىن-سوغۇق تەلەت-قاپاقلارغا يۈزلەنگەندىمۇ يىڭ جېڭ لۈ بۇۋېيغا تولىمۇ راستگۇيلۇق قىلغان. ئەمما قاچانلاردا شۇنداق بولدىكىن، مۇشۇنداق مۇھىم پىكىر-قاراش ئىختىلابلىرى بولۇنغاندا يىڭ جېڭنىڭ تۈز-ئوچۇقلۇقى غايىب بولدى، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟

    بىردىنلا لۈ بۇۋېينىڭ يۈرىكىنى تىن ئالغۇسىز پاتمان-پاتمان بۇرۇختۇرمىلىق چۇلغىۋالدى.

     بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەي توپىلىڭى تىنجىتىلىشى بىلەنلا، يىڭ جېڭ ئۇشتۇمتۇت ساقسىزلىنىپ، بىرەر ئايچە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. لۈ بۇۋېينىڭ چىن بېگى بىلەن دىدار مۇلاقاتتا بولۇشى شۇنچىلىك ئازىيىپ كەتتىكى، ئايدا ئاران بىرەر قېتىملا دىدار قوبۇلدا بولۇپ، بەگلىك سىياسەتلىرىنى كېڭىشىپ بولۇپلا ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ بەگ-تۆرىنىڭ كېچە-كېچىلەپ مەيخورلۇق قىلىشىپ دىدار مۇلاقاتتا بولۇشى ئەبەدىي كەلمەسكە كەتتى. لۈ بۇۋېي مېڭىسىنىڭ قېتىقى چىققىچە ئويلاپ ئاخىر ئۆزىنىڭ بەگ ئانا ۋە لاۋ ئەي بىلەن بولغان خىلمۇ-خىل سىر-خۇپىيلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىدىن باشقا ھېچقانداق بىرەر ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن بەگ ئوتتۇرىسىدا بۇنچىلىك سالقىنلىق پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، ئۇ بۇنى سۈكۈت ئارقىلىق قوبۇل قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايتتى. ناۋادا راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا، كەسكىنلىكتە ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلمايدىغان قارام، مەغرۇر بۇ ياش بەگ بۇنىڭغا قانداقمۇ تاقەت قىلىپ يۈرگەندۇ؟ يېرىم يىلچە ھېچ ئىش بولمىغاندىن كېيىن، لۈ بۇۋېي ئاخىر بەگ مەن بىلەن بىر مەھەللىك «ئاتا-بالىلىق» مېھرىنى ئۈزۈش بەدىلىگە بۇ ئىشقا سەۋر-سالاۋات، تاقەت-ئېھتىيات قىلىپتۇ، بەگ پەقىر لۈ بۇۋېينى پەقەت بىر باش ۋەزىر، ئىرپانبەگ، دەپلا بىلىدىكەن، باشقا بىرەر ئىشلاردىن چىن بېگىنىڭ بۇنداق مۇئامىلىلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىغاندىكىن، مانا مۇشۇ ئىش ئېنىقلا تۇرمامدۇ؟ ياش چىن بېگى مانا مۇشۇ ئىشتىنلا مەندىن يىراقلىشىپ، مەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن، چىن بەگلىكىنى ئۈچ ئەۋلاد ئامان-ئېسەن ساقلاپ نائىبلىق قىلىپ كەلگەن ئۆزىدەك بىر قېرى باش ۋەزىرى بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشتىن قاچقان گەپ، دەپ ئويلىدى.

    گەرچە مەي ئىچمىگەن بولسىمۇ لۈ بۇۋېينىڭ كۆڭلىنى بىلىپ بولمايدىغان بىرخىل ئىنتايىن ئېغىر، بىنەۋا مەستۇ-مۇستەغرەقلىققا تولغان پەرىشانلىق، دەرد-پىغان چۇلغىۋالدى.

     لۈ بۇۋېي ھەسرەتكە چۆمگەندە ئەزەلدىن ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويمايتتى، كۇتۇپخانىسىدا دەرد-پىغانغا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرۇشنى زادىلا ياقتۇرمايتتى، شۇڭا ئۇ شىرەگە تايىنىپ مەڭدەرىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى. كۇتۇپخانىدىن چىقىپ پېشايۋانغا كەلگەندە، تېنىگە ئۇرۇلغان ئىزغىرىن كۈز شامىلى ئۇنى سەگىتىپ خېلىلا روھلاندۇرۇپ قويدى. شۇ ماڭغىنىچە قىزغۇچ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ ھەممىلا يەرنى بىر ئالغان توغراقلىققا كەلدى، شۇ تاپتا ئۇ ئۇيقۇدىن تەلتۆكۈس ئويغانغان ئادەمدەك سەگىپ قالدى. ئادەتتە يىڭ جېڭ لۈ بۇۋېيدىن ناھايىتى رازى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت-ئىلتىپات كۆرسىتىپ غەمخورلۇق قىلاتتى. پەرپۇغ (ۋەلىئەھد) تۇرغۇزۇش، يېڭى بەگكە كۆز-قۇلاق بولۇش، ئوردا ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش، بەگلىككە نائىبلىق قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلاردا لۈ بۇۋېي يىڭ جېڭنى ھىمايىسىگە ئېلىپ ھامىيلىق قىلىپ كەلگەن، ھەممىلا ئىشتا يىڭ جېڭغا كۆز-قۇلاق بولۇپ يېتەكلەپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن زادىلا ئەنسىرەپ باقمىغان، بۇ جەھەتتە ئۇ تەڭرى ئالدىدا ئۆز ۋىژدانىغا يۈز كېلەلەيدۇ. يىڭ جېڭ ئىنساب-دىيانەتلىك، ئەدەب-ئەخلاقلىق ئۆسمۈر بولۇپ يېتىلدى، ئۇ لۈ بۇۋېيدىن ئىبارەت بۇ پەدەرىگە ساداقەت-ئىخلاسى بىلەن ئىززەت-ئېكرام بىلدۈرۈپ كەلدى. ھەر قېتىم بەگ ئانا جاۋ جى بىرەر ئىشقا ئامالسىز قالغىنىدا، لۈ بۇۋېي ئارىغا چۈشسىلا يىڭ جېڭ زادىلا قارىشى تۇرمايتتى. ناۋادا بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەي تېرىغان سەتچىلىك، ئىچكىي نىزا سەۋەبلىك ئۆزىگە نومۇس تامغىسى بېسىلمىغان بولسا، ئۆزىنىڭ چىن بېگى بىلەن ئاتا-بالىلاردەك مېھر-شەپقەتلىك بەگ-تۆرىلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىغا لۈ بۇۋېي شۈبھىسىز ئىشىنەتتى، ئۇلار ئارىسىدا ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىر-تەشەببۇسلىرىدا ئىختىلاب كۆرۈلۈپ يۈزتۇرانە مۇنازىرە-دەتالاش قىلىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاقىۋەتتە يەنىلا ئەپۇچانلىق شەمشىرىنى بىلىشىپ سەلتەنەت ئىشلىرىغا بىرلىكتە كۈچىگەن بولاتتى. 20 نەچچە يىلدىن بېرى سەلتەنەت يۈرگۈزۈشتە لۈ بۇۋېي ئىزچىل تۈردە بەگلىككە ھەكەملىك قىلىپ ھىدايەت يولى تۇتۇپ، جازانى يېنىكلىتىپ مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە ئاساس سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىر-تەشەببۇسلىرىنى چىن سەلتەنەتىدە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تامامەن ئاقىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ياش چىن بېگى سەلتەنەتنى ئۆز قولىغا ئالغاندىن كېيىنمۇ جازانى يېنىكلىتىپ مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى رەت قىلىپ باقمىدى. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەي تۇغدۇرغان سەتچىلىكلەر، ئىچكىي نىزالار بىرياقلىق قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئۇلۇغ-كىچىك بەگ-تۆرە بىلىپ-بىلمەي يىراقلىشىپ، چوڭقۇر ھاڭنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىركىشىپ تۇرۇپ قالدى...

    ــــ ئىرپانبېگىمگە مەلۇمات: لى سى جىڭخېدىن قايتىپ قەسىرگە كەلمەستىن بەگ كېمىسىگە چىقىپتۇ!

    ــــ لى سى؟ بەگ كېمىسىگە چىقىپتۇ؟

    لۈ بۇۋېي بىر ھازاغىچە داڭ قېتىپ ھاڭۋاقتىلارچە مېڭىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا قويۇق تۇمان قاپلىغان ئورمانلىققا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى.

     

    گۇگۇم. لى سى ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ باش ۋەزىر قەسرىگە كىرىپ كەلدى.

    ئۇلار ئىللىق سارايدا كۆرۈشتى، لۈ بۇۋېي تېخى ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا لى سى ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەندە بەگنىڭ كېمىسىگە ئېلىپ بېرىلىش جەريانىنى تۈزۈت-پۈزۈتمۇ قىلماستىن ئېقىتماي-تېمىتماي سۆزلەپ بولۇپ، ئاخىرىدا سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا لۈ بۇۋېينىڭ پەيتنى پەملەپ، زامان ئوزايىنى ئوبدان مۆلچەرلەپ، چىن بېگىگە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ بۈيۈك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارمىقى خۇسۇسىدا نەسىھەت قىلدى. لۈ بۇۋېي مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:

    ــــ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، دېگەن قانداق گەپكىن ئۆزى؟ــــ  دەپ سورىدى.

    ــــ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش دېمەككىم بارچە ئىشتا ئەركان-مىزان بىلەن ئىش كۆرمەكلىك ئىكەن! ــــ دېدى لى سى گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتىپ. لۈ بۇۋېي يەنە كۈلۈپ كەتتى ۋە:

    ــــ تەقسىرنىڭ بۇ گېپىچە كەمىنىلىرى ئەركان-مىزان سىرتىدا ئىش قىلغان ئوخشىمامدىمەن؟ــــ دېدى كىنايە ئارىلاش. لى سىمۇ تىتمىسلاپ ئولتۇرماستىن:

    ــــ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» بەگلىكنىڭ ئۇلۇغۋار رىجەلىرىگە چېتىشلىق بولغاچقا، ئوردا كېڭىشىدە دەلىللەنمەي تۇرۇپ تارتۇق بېرىش يولى بىلەن ئاشكارا تەرغىب قىلىش ھەقىقەتەن چىن ئەركان-مىزانلىرىغا مۇخالىپتۇرلەر؛ مېھرىبانلىق سىياسىتى ھەم چىننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش ئەھكاملىرىغا قارىمۇ-قارىشىدۇر؛ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى چىن بەگلىكىگە ھەكەملىك قىلغاندا چىن ئەركان-مىزانلىرىغا ئەمەل-ئىتائەت قىلىپ بەگلىك سەلتەنەتىنى يېتەكلىمىكى ۋاجىپتۇرلەر!ــــ دېدى.

    ــــ تەقسىرنىڭ يۈزدە ھېماتچى بولۇپ دۈمبىدىن خەنجەر ئۇرۇشى پەيتنى پەملەپ زامان ئوزايىنى ئوبدان مۆلچەرلىگىنىكىنە!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاھقاھلاپ كۈلۈپ. ئۆتكۈر خەنجەردەك كىنايىدىن لى سىنىڭ ئۆڭ-سىلى ئۆچۈپ، تاتىرىپ-بوزىرىپ ئۇجۇقۇپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا سۆزىنى داۋام قىلدى:

    ــــ ئەينى چاغدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ تۈزۈلىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىشىم جانابىي ئىرپانبېگىمنىڭ مۇشفىق-ھىممەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم خۇسۇسىدىن ئىدى، ھالا بۈگۈن ئىرپانبېگىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى قايتۇرۇۋېلىش خۇسۇسىدا ۋەزخانلىق قىلىشىم ئىشنىڭ يولى ھەققىدە ئىزاھات بەرگىنىمدۇر؛ شەپقەتچىمگە تۇزكورلۇق قىلىپ بەگلىك ئەھكاملىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىم زامان تەقەززاسىدىن بولدى، پەقىر لى سى بۇنى خاتا دەپ قارىمىدىم!

    ــــ بولدى بەس لى سى، گېپىمىز شۇ يەرگىچە بولسۇن!ــــ لۈ بۇۋېي ھارغىن قىياپەتتە قولىنى سىلكىدى.

    ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بۇ سۆھبەتتە لى سى ئىرپانبەگنىڭ خۇپىيانە تۇتقان بۇ كىتابى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى، ئىرپانبەگمۇ لى سىنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدىغانلىقى، نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە لام دېمىدى. تۆرە بىلەن تېجىمەللىك باردى-كەلدىسىنىڭ مۇشۇ يەردە تامام- ۋەسسالام بولغانلىقى ھەر ئىككىسىگە بەش قولدەك ئايان بولدى. لۈ بۇۋېينىڭ « گېپىمىز شۇ يەرگىچە بولسۇن» دېگىنىدىن لى سى ھەممىنى بىلدى. بىر چاغلاردا بەگلىك ھوقۇق-ئىمتىيازىنىڭ چوققىسىدا سەلتەنەتنىڭ ھەكەملىك قامچىسىنى قارسىلداتقان بۇ روھسىز بوۋاي نېمىلا دېگەن بىلەن لى سى چوقۇنۇپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن جاھاندىكى ئەڭ دانا ۋەزىر ئىدى، ناۋادا تۈنۈگۈن كېچىدىكى ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا، ئۆزىمۇ بۇ بوۋايغا سوڭدىشىپ تەگسىز سازلىققا چۆكۈپ، نەچچە مىڭ گەزلىك چوڭقۇر ھاڭغا غۇلاپ كەتكەن بولاتتى.

    ــــ بولدى بەس لى سى، ئاخىرقى سۆزۈم شۇدۇركى، بۇنىڭدىن كېيىن دىدارلىشىپ قالمايلى!

    ــــ ئىرپانبېگىمنىڭ تەلىمىگە مۇھتاجمەن!

    چىدىغۇسىز ئۇزاق بىلىنگەن سۈكۈتتىن كېيىن لۈ بۇۋېي ئۇھ تارتىپ:

    ــــ تەقسىر، ئۆزلىرى كاتتا ئىستېدات ئىگىسىدىن، پاراسەت ساھىبىدىن بولىدىلا. شۇڭا ئىشنىڭ يولىنى بىلگەچكە پەيتنى پەملەپ زامان زورىغا بېقىپ يامان ئىش قىلمىدىلا. شۇنداق ئىكەن پەقىرلىرى بىلەن تەقسىرىمنىڭ پېشانىسىگە مەسلەكداشلاردىن بولۇش نېسىپ بولمىغان چېغى، شۇڭا بىزنى قانداقمۇ تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولسۇن دەيلا! ئەزەلدىن ياراتقان تۆھپىنى قەدىرلىمەك باردۇر، ئەمما ئەدلۇ-ئادالەتنى تېخىمۇ قەدىرلىمەك باردۇر، ئەدلۇ-ئادالەتنى بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مىزانى قىلماق ھەم باردۇر، ئەدلۇ-ئادالەتلىك ئىش قىلىش كەمىنىلىرىنىڭ جاھاندارچىلىق مىزانىمدۇر. كەمىنىلىرى كىچىكىمدىنلا سودا-تىجارەت يولىدا كارۋان تارتىپ ساھىبقىرانلىققا ئۇلاشقان بولدۇم، مۇشۇ 60 نەچچە يىللىق ھاياتىمدا ئەدلۇ-ئادالەت بىلەن ئىش قىلىش مىزانىمدىن ئەسلا تايمىدىم! جازانى يېنىكلىتىپ مېھرىبانانە سىياسەت يۈرگۈزۈش ھۆكۈمدارلىق ھاياتىمدىكى بىردىنبىر يول بولۇپ كەلدى. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەدلۇ-ئادالەتلىك مىزانىدۇر. كەمىنىلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلادنى قويۇپ تۇرۇپ بىزنىڭ مۇشۇ دەۋرىمىزدە ئىرادەمگە مۇخالىپ ئىش قىلىپ بەگ-تۆرە بولۇۋېلىپ تىرىك يۈرسەممۇ ئۆلگەندىن پەرقىم قالمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆلگىنىم مىڭ-مىڭ ئەۋزەلدۇر!ــــ دېدى تەۋەززۇ-كىنايە بىلەن.

    ــــ ئىرپانبېگىم...ــــ لى سى بىر نېمە دېمەكچى بولدى-يۇ يەنە توختاپ قالدى، ئۇ ئاخىر ھېچنېمە دېمەي بېشى چۈشۈپ سالپايغىنىچە كېتىپ قالدى.

     

    ھۇجرىسىغا جىمجىتلا كىرىپ كەلگەن لۈ بۇۋېينىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرى بوشىشىپ كەتتى، كاللىسى قۇپ-قۇرۇق، كۆڭلى بۇرۇختۇرمىلىققا چۆمۈپ، يۈرىكى چوغدەك يېنىپ كاۋابتەك پۇچىلاندى، ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم يېشىنمەيلا ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى، شۇ ياتقانچە ئەتىسى كۈن چۈشتىن قايرىلغاندىلا ئاندىن ئويغاندى. ھۇجرىدا ئايال خىزمەتكار مىشىلدىغىنىچە يىغلاپ تۇرۇپ «تۆرەم، كېچىچە قىزىپ چىقتىلا» دەپ قەسىرنىڭ ئەمچىسىنى چاقىرتىپ كىرگىنىنى، دورا ئىچكۈزۈپ يىڭنە سانجىپ داۋالىغان بولسىمۇ ئىرپانبەگنىڭ ئويغانمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، خانىم ۋە غوجىدار مو خۇ ئۆيدە بولمىغاچقا ئۆزىنىڭ ھېچ ئىش قىلالماي قالغانلىقىنى، ناۋادا باش ۋەزىرگە ئالىمادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئۆزىدەك بىر ئايال چاكارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لۈ بۇۋېي كۈلۈپ كەتتى ۋە ئايال خىزمەتكارنى بەزلەپ، «ھۇجرامغا ئەمچىنى باشلاپ كىرىپ تۆھپە كۆرسىتىپسىز، نېمە ئۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن، دېگەن؟ ھايات بىلەن مامات پەقەت تەڭرىنىڭ     ئىرادىسى بىلەنلا بولىدۇ، پەقىرگە ھېچ ئىش بولمىدىغۇ مانا» دەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇۋىدى، ئايال خىزمەتكار چۆچۈپ كەتكىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى. لۈ بۇۋېي قىستاپ كەتكەن كۈلكىسىنى باسالماي مۇنچىغا كىردى، ئايال خىزمەتكار ئەمچىنى چاقىرىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي لۈ بۇۋېينىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. بىرەر ئاش پىشىمغىچە قىزىق سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن لۈ بۇۋېي ئۆزىنى خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. قەسىر ئەمچىسى ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ، يەنە ئىككى-ئۈچ بولاق دورا ئىچكەندىن كېيىن قىزىتمىنىڭ يانىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لۈ بۇۋېي قول ئىشارىسى ئارقىلىق دورا ئىچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە غەربىي يۇرت بېدىسى سېلىنغان قىزىق قوي گۆشى شورپىسىدىن ئىچىپ تازا بىر تەرلىگەندىن كېيىن كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەتتى.

       ــــ باش ۋەزىرىمگە مەلۇمات: شيەنياڭ كاھبېگىقوبۇلخانىدا باش ۋەزىر جانابلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىجا قىلىۋاتىدۇ!

       ــــ شيەنياڭ كاھبېگى ؟ خاتا ئەمەستۇر؟

       ــــ پەقىر ئۇ كىشىنى تونۇيمەن، ھەقىقەتەن شيەنياڭنىڭ كاھبېگى بولىدۇ! ــــ ئىشىكئاغا خاتالاشمىغان ئىدى.

       ــــ ئۇ كىرسۇن! ــــ لۈ بۇۋېينىڭ يۈرىكى ئاغقاندەك بولۇپ، چىرايى جىددىي تۈس ئالدى.

       ھەش-پەش دېگۈچە ساراي سىرتىدىن گۈرسۈلدىگەن ئاياغ تىۋىشى كەلدى، دۇبۇلغا-ساۋۇتلۇق، ئۆسكىلەڭ ساقال-بۇرۇتلىرى تۇتىشىپ چاڭگاكلىشىپ كەتكەن، سانغۇنلاردەك سۈر-ھەيۋىسى چىقىپ تۇرغان بىرى كىرىپ كەلدى ۋە:

    ــــ نەۋكەرلىرى شيەنياڭ كاھبېگى يىڭ تېڭ بولۇمەن، ئىلگىرى باش ۋەزىرنى كۆرگەن ئىدىم، ــــ دېدى ئىككى ئالقىنىنىڭ ئۇچىنى   جۈپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ.

    ــــ نېمە ئىش؟

    ــــ نەۋكەرلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاستانە شيەنياڭنىڭ قوشۇمچە پاششاپبېگىمەن، باش ۋەزىرىمگە شۇنى ئالاھىدە مەلۇم قىلىمەنكى: تۆۋەن قوۋۇق سىرتىدا نەچچە كۈندىن بېرى ئادەم، ئات-ئۇلاغ، ھارۋا-مەپىلەر تىقما-تىقماق بولۇپ كەپلىشىپ قالدى،قورۇلىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىن كەلگەنكەلگىندى ئۇششۇقلار بۇنى غەنىيمەت بىلىپ ئاتمىش نەچچە قېتىم ئوغرىلىق قىلدى، ئات-ھارۋا قىستاڭچىلىقىدا ھارۋا بىلەن ئادەملەر يول تالىشىپ، دەسسىلىپ يارىلانغانلار يۈزدىن ئېشىپ كەتتى. بەگلىكىمىز پۇقرالىرىنىڭ تىنچ-خاتىرجەم تىرىكچىلىكى ئۈچۈن نەۋكەرلىرى باش ۋەزىرىمنىڭ يارلىق چۈشۈرۈپ تۆۋەن قوۋۇقنىڭ سىرتىدىكى كۈن چىقىش سېپىل تېمى ئەتراپىدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى تۈزەتكەنلەرگە ئىنئام بېرىدىغان ئىشنى يىغىشتۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىپ كەلدىم!

    ــــ قانداق دېگەن گەپ بۇ! ــــ لۈ بۇۋېي شۇ ھامان غەزەبتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى. چىن ئەركان-مىزانى بويىچە بولغاندىمۇ بىر كاھبەگنىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسى قارىمىقىدىكى ئىشىكئاغا بىلەن كۆرۈشۈشىمۇ دەرىجىدىن ھالقىپ كەتكەنلىك ئىدى. شيەنياڭنىڭ ئامانلىقىدا چاتاق چىققانىكەن، شيەنياڭ ھاكىمى ئۆزى كېلىپ يوليورۇق سورىشى كېرەك ئىدى، كىچىككىنە بىر كاھبەگنىڭ قاپ يۈرەكلىك قىلىپ باش ۋەزىر سارىيىغا ئۈسۈپ كىرىپ «ھوقۇقىنى پەش قىلىشى» غەلىتە-يوچۇنلا بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا بىرەر گەپ بارلىقىنى، ھەتتا كۆپرەك ئېھتىيات قىلماقنىڭ ئاقىلانە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما لۈ بۇۋېي ئۆزىدەك بىر ئۈچ ئەۋلاد بەگكە باش ۋەزىر بولغان مۆتىۋەللىنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك بۇنداق قىلمىشتىن يەنىلا قاتتىق غەزەبلەندى ۋە سوغۇققىنە كۈلۈپ شىرەنى مۇشتلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ:

    ــــ تۆۋەن قوۋۇقتىكى ئىش مەرىپەت سارىيىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىشتۇر. مەرىپەت سارىيىنىمۇ بەگلىكىمىز تەسىس قىلغان. كاھبەگنىڭ پەقىر ئالدىدا تىلىنى چاينىشى بىھاجەت، مەرىپەت سارىيىنىڭ خەلپەتبېگى بىلەن كۆرۈشسۇنلار!ــــ دېدى.

    ــــ ھە...شۇنداقكەندە، ئەمىسە نەۋكەرلىرى خوشلىشاي!ــــ كاھبەگ ئارتۇق گەپمۇ قىلماي قوللىرىنى سالغىنىچە سۈر-ھەيۋىسىنى پەش قىلىپ ئالچاڭلىغىنىچە چىقىپ كەتتى.

    لۈ بۇۋېي غەزەبتىن بىردە بوزىرىپ، بىردە تاتىرىپ كەتتى-دە، چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن تەييار تۇرغان ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل مەرىپەت سارىيىغا يول ئالدى. مۇنەججىملەر ئىستىقامەتخانىسىدا بىرتوپ تېجىمەل-قوناقلارنى يېنىغا چاقىرىتىپ شيەنياڭ كاھبېگىنىڭ ئىشىدىن ئىخچاملا ئىزاھات بەرگەندىن كېيىن مەيلى قانداق ئىشلار يۈزبېرىشىدىن قەتئىينەزەر تۆۋەن قوۋۇقتىكى ئىنئام بېرىش ئىشىنى چىن بېگى يارلىق چۈشۈرۈپ بىكار قىلمىغىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تاپىلىدى. تېجىمەل-قوناقلار دەرغەزەبكە كېلىشىپ، دەرھال تېجىمەللىرىنى توپلىشىپ تۆۋەن قوۋۇق سىرتىغا كىتاب ساقلاشقا يۈرۈپ كېتىشتى.

    ئىزاھاتــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــلار

    سېپىل خەندىكى قېزىش جازاسى: چىن سۇلالىسى ۋە خەن سۇلالىسىدە ئومۇملاشقان جازانىڭ يېنىك بىر تۈرى. بۇ جازاغا بۇيرۇلغانلار ئورۇن-كۆرپە، يېمەك-ئىچمىكىنى ئۆزلىرى تەييارلاپ سەھەر تۇرۇپ سېپىل خەندىكى قازىدۇ.

    پەرمانچى: چىن بەگلىكىنىڭ ئەمەل نامى، يارلىق،ھۆججەت-مەلۇمات يەتكۈزۈشكە مەسئۇل. يارلىق ھارۋىسى: يارلىقچىلار مەھكىمىسىنىڭ تۇغى قادالغان،مەزكۇر مەھكىمىنىڭ بەلگىسى سېلىنغان، بەگلىك ھۆججەت-يارلىقلىرى، مەلۇمات يەتكۈزۈدىغان ھارۋا.

    چىن بەگلىكى ئايماق-ناھىيىلەردە لەشكىرىي ياساۋۇل مەھكىمىسى تەسىس قىلغاندا ئەمىنلىك مەھكىمىسىگە پاششاپ تەسىس قىلغان، بۇلار ئايماق كاھبېگى، ناھىيە كاھبېگى، دەپ ئاتىلىپ ئايماق-ناھىيەلىك مەھكىمىگە قاراشلىق بولغان. ئاستانىدە تەسىس قىلىنغان كاھبەگ ئايماقتا تەسىس قىلىنغان كاھبەگ بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئۇنى شيەنياڭ كاھبېگى، دەپ ئاتىغان. لەشكىرىي مەنسەپتىمۇ كاھبەگ بىلەن باراۋەر مەنسەپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئارىچى تۇرشاۋۇل،دېيىلگەن.

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    ئىككىنچى، ھىدايەت يولىنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقى، بەگلىك ئەركان-مىزانىنىڭ يېگانىلىقى

       غەلىتە-يوچۇن ئىشلار ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۇلىشىپ كېلىۋەرگەنلىكتىن، لۈ بۇۋېي گاڭگىراپ قالدى.

       ئۇ مۇنەججىملەر ئىستىقامەتخانىسىدا ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىككى كۈندىن كېيىنكى كۈن چۈشتىن قايرىلغان بىر چاغدا، ئىنئام بېرىشكە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان تېجىمەل-قوناقلار تۇشمۇ-تۇشتىن كېلىپ مېڭ تيەننىڭ كىتاب ئېسىلغان سېپىل تۈۋىدىكى دەڭدە شاڭ تۆرىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ قويۇپ كېتىپ قالغانلىقىدىن مەلۇمات بېرىشتى. لۈ بۇۋېي بۇنىڭدىن ھەيرانۇ-ھەس قالدى، شاڭ تۆرىنىڭ ھەيكىلىنى دەڭگە ئاپىرىپ تىكلىگىنى نېمىسى؟ تېجىمەل-قوناقلار ئاچچىقتىن يېرىلغىدەك بولۇپ بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى بەس-بەستە بايان قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، چىڭقى چۈش مەھەلدە، كۈن چىقىش تەرەپتىكى سېپىل تۈۋى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان چاغدا، سېپىل راۋىقىنىڭ قوڭغۇرىقى ئۈچ قېتىم چېلىنىپ، بىر توپ دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چەۋەنداز-شىرمەتلەر تۆت كالا قېتىلغان بىر ھارۋىنى قورۇقداپ چاڭياڭ كوچىسىدىن ئۇدۇل تۆۋەن قوۋۇقتىكى دەڭگە سۈر-ھەيۋە بىلەن كىرىپ كەلگەن. كالا ھارۋىسىدا قىزىل كىمخاب يوپۇق يېپىلغان يوغان بىر نەرسە تىك قويۇلغان، بۇ ھارۋىنىڭ كەينىدىن ئارغىماقلار قوشۇلغان يەنە بىر مىس ھارۋا كېلىۋاتقان بولۇپ، ھارۋىدا دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق تولۇق قوراللانغان شيەنياڭ ھاكىمى مېڭ تيەن تەكەببۇرانە گىدىيىپ تۇرۇپتۇ. دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چەۋەنداز-شىرمەتلەر لام دېمەستىن ئۆكتەملىك بىلەن ئادەملەر توپىنى قالايمىقان يېرىپ يول ئاچقان. بۇ ھارۋىلار دەڭنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا توختاپ، مېڭ تيەن ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئىككى تەرەپتىكى كىتاب قورۇقداۋاتقان تېجىمەللەرگە پىسەنتمۇ قىلماستىن، تالىبلارنىڭ مەخسۇس كىتاب تۈزىتىشىگە ھازىرلاپ قويۇلغان مەرمەر تاشقا سەكرەپ چىقىپ:

       ــــ بەگلىك رەئىيەتلىرى، تالىبلار! قۇلاقلىرىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئىشتىڭلاركى، پەقىر شيەنياڭ ھاكىمى مېڭ تيەن بولىمەن، بۈگۈن شيەنياڭ مەھكىمىسىنىڭ يارلىقىنى جاكارلاشقا كەلدىم! يارلىق شۇدۇركى: بەگلىك رەئىيەتلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، مەھكىمىمىز شيەنياڭنىڭ تۆۋەن قوۋۇقىدا بۈيۈك دەستۇرچى شاڭ تۆرىنىڭ مەرمەر ھەيكىلىنى تىكلەپ، شاڭ تۆرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىپ چىن ئەركان-مىزانىغا قوشقان مەڭگۈلۈك تۆھپىسىنى ياد ئېتىشنى قارار قىلدىلەر!ــــ دەپ تۇرۇشىغا، سېپىل راۋىقىنىڭ قوڭغۇرىقى ئالتە قېتىم قاتتىق چېلىنغان، دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چەۋەنداز-شىرمەتلەرگۈرەن تومۇرلىرىنى بۆرتۈپ چىڭقىلىپ تۇرۇپ بۇرغىلىرىنى پۈۋلەپ، كالا ھارۋىسىدىكى كىمخاب يوپۇقلۇق ھېلىقى يوغان مەخلۇقسىمان نەرسىنى ئىنجىقلاپ يۈرۈپ چۈشۈرۈپ، دەڭنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان ئادەم بويى ئېگىزلىكتىكى تاش سۇپىغا مەزمۇت جايلاشتۇرۇپ تىكلىگەن. بۇنىڭ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغانلىقى مەلۇم. بۇ يوغان مەخلۇق تىكلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن قوڭغۇراق يەنە ئالتە قېتىم چېلىنغان. مېڭ تيەن ئۆز قولى بىلەن قىزىل كىمخاب يوپۇقنى چۈشۈرگەندە، سېپىل بىلەن باراۋەر دېگىدەك ئېگىزلىكتىكى بەھەيۋەت تاش ھەيكەل بەئەينى ئەرش مۇئەككىلىدەك مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان. بۇ تاش ھەيكەلنىڭ سۈر-ھەيۋىلىك قامىتى چىنلىقلارغا تولىمۇ تونۇش بولۇپ، دەل شاڭ تۆرىنىڭ ئۆزى ئىدى. ئاۋام-رەئىيەت توپى ھەيكەلگە بىر ھازا سەپ سالغاندىن كېيىن توپ ئىچىدىن ئاخىر «شاڭ تۆرە ياشىسۇن! چىن ئەركان-مىزانى ياشىسۇن!» دېگەن سادا كۆكنى بىر ئالغان. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى ھېمايە قىلىۋاتقان تېجىمەل-قوناقلار بىر پەس تېڭىرقىشىپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان-دە، دەرھال مەلۇمات يەتكۈزۈشكە كەلگەن.

       ــــ ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىكلەرنى دەپسەندە قىلىشى ئىكەنغۇ، ئۇنىڭ بىلەن نېمە كارىمىز؟ــــ دېدى لۈ بۇۋېي سوغۇق كۈلۈپ.

       شۇنىڭ بىلەن كەلگەنلەر يەنە دەرھال تۆۋەن قوۋۇققا قايتىپ باردى. بىرپەس جايلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېجىمەل-قوناقلار چېدىر تىكىپ نۆۋەتلىشىپ كۆزەتتە تۇرۇپ، بۇرۇنقىدەك ئاۋام-رەئىيەت توپىنىڭ ئالدى-كەينى، باش-ئايىقىغا ئۆتۈپ، ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كىتابنى ئوقۇپ تۈزىتىشىگە ھېماتچى بولۇپ، ئۇلارنى بىر خەت تۈزىتىپ مىڭ تىللا ئىنئام ئېلىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پالاكەت تاش ھەيكەل بىلەن دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چەۋەنداز-شىرمەتلەرگە پىسەنت قىلماسلىققا دالالەت قىلدى. شۇنداق قىلىپ بەش-تۆت كۈن ئۆتكەن بولدى، بەش-تۆت كۈندىن كېيىن تېجىمەل-قوناقلار يەنە باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە مەلۇمات يوللاپ كەلدى ۋە:

       ــــ شيەنياڭ كاھبېگى دەڭنى دەستۇر باغچىسى قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، بەلبويى ئېگىزلىكتە تاشتىن قورۇقتام قوپارتقۇزدى،دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق 100 چەۋەنداز-شىرمەت  قورۇقتام ئەتراپىنى ئايلىنىپ قورۇقداۋاتىدۇ، ئاۋام-رەئىيەت ۋە مۇساپىر تالىبلارنى تام ئەتراپىدىنلا زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىپ تاشقورۇق ئىچىگە كىرگۈزمەيۋاتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاۋام ۋە تالىبلار«دەستۇر باغچىسى» سىرتىدا بولغاچقا بىز كىتاب يايغان سېپىل تۈۋىگە يېقىن يولىيالمايۋاتىدۇ!ــــ دەپ دادلاشتى.

       ــــ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسۇن! زورلۇق قىلمىسىلا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى يىغىشتۇرۇشقا بولمايدۇ!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي غەزىپىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ كۈلگىنىچە.

       قىزىق ئىش، كاھبەگ ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق شىرمەتلەر دەستۇر باغچىسىنىڭ قورۇق تېمى ئىچىگە توپلىشىۋالغان مەرىپەت سارىيىنىڭ تېجىمەل-قوناقلىرىغا پىسەنتمۇ قىلمىدى، شايى كىتابنى يىغىشتۇرۇش خۇسۇسىدا بۇيرۇقمۇ قىلمىدى ھەم كىتاب قورۇقداۋاتقان ھېماتچى تېجىمەل-قوناقلارنى ھەيدەپمۇ ئەتمىدى. ھەركىمنىڭ قازىنى ئۆزىگە، دېگەندەك، مەرىپەت سارىيىنىڭ ھېماتچىلىرىغا دەخلىمۇ قىلمىدى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرلىرىنى پىسەنتىگىمۇ ئېلىشماي مۇشۇنداق ئۇسۇلدا تىركەشتى. ئاخىرى تاقىتى تاق بولۇپ سەۋر قاچىسى تاشقان تېجىمەل-قوناقلار كاھبەگ بىلەن دەتالاشلىق قىلىشىپ سېپىل دېگەن بەگلىكنىڭ يېرى، شاڭ تۆرىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ ئەتراپىنى توسۇپ ئاۋامنى دەخىلسىز يۈرگىلى قويماسلىق ئاۋامنىڭ تىرىكچىلىكىگە دەخلى قىلغانلىق، دېدى.

     ــــ بەگلىك يېرىنى ئىشلىتىشنى ئوردا قارار قىلىدۇ، بىلىشەمسەن؟ مۇنكىر-نۇنكىرلارغا ئىستىقامەت قەسىرى سېلىپ بېرىلگەن يەردە مۇقەددەس دەستۇر باغچىسىغا قورۇقتام سېلىپ بېرىلسە نېمىشقا بولمايدىكەن؟ پەقىر كاھبەگ سەنلەرنىڭ ئات-ئۇلاغلىرىڭ قىستاڭچىلىق پەيدا قىلىپ ئاۋامنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى قىلغانلىقىنى بىر نېمە دېمىسەم سەنلەرگە نېمە دەز كەتتى؟ گەپ بولدى-دە بۇ!ــــ دېدى كاھبەگ ئاچچىقلاپ ۋارقىرىغىنىچە شالىنى چاچرىتىپ. بەش-تۆت كۈنگىچە شۇ تەرىقىدە تىركىشىش ئارقىلىق ئەركان-مىزانغا رېئايە قىلىپ كۆنگەن بەگلىك رەئىيەتلىرى ۋە تالىبلارنىڭ ئاستا-ئاستا رايى سوۋۇپ قالدى، تۆۋەن قوۋۇق سىرتىدا ئادەملەر توپى كۈندىن كۈنگە شالاڭلاپ كەتتى. تېجىمەل-قوناقلار شۇ يوسۇندا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى يالغۇز-يېگانە ساقلىشىپ، ناھايىتى ئوسال ھالەتتە ئىلاجسىز ئۇھسىنىشتى.

       ــــ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى، يەنە مۇشۇنداق تىركىشىۋەرسەك خەقلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالىمىز! ــــ تېجىمەل-قوناقلارنىڭ سەۋر-تاقىتى توشۇپ بوشىشىپ قالغان ئىدى.

       لۈ بۇۋېي «قېنى كۆرەرمىز، پەقىرمۇ بىر ئامال قىلىپ باقاي !» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەچ مەسخىرىلىك كۈلدى.

       ئاخىرى لۈ بۇۋېي كىتابنى يىغىشتۇرۇشنى تاپىلىدى.

     

       كۈزلۈك كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، لۈ بۇۋېي يارلىققا بىنائەن ئوردۇبالىققا بېرىپ ئوردىنىڭ قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈزلۈك غەللە-باج يىغىش خۇسۇسىدىكى كېڭىشىگە قاتناشتى.

      كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن ئوردا ئۆزىگە قاراشلىق بەگلىك ئامبىرىنى بوشىتىپ ھېساب-كىتابنى جەمئىيلەپ، غەللە-پاراق ۋە باج-سېلىق يىغىۋالاتتى. باش ۋەزىر سەلتەنەتكە ھەكەملىك يۈرگۈزۈدىغان بولغاچقا قاتناشمىسا زادىلا بولمايتتى. لۈ بۇۋېي ئەتىگەندىلا ئوردۇبالىققا كىرىپ ھارۋىسىدىن چۈشتى، ۋەزىرلەرنىڭ ھارۋىلىرىنى ئات-ھارۋا توختىتىش مەيدانىدا توختىتىپ قويۇپ چوڭ كۆلچەكنىڭ يېنىدا ئۆزىنى ساقلىشىپ تۇرغانلىقلىرىنى كۆرگىنىدە ئۇلار ئۈنلىرىنى پەسەيتىپ كۇسۇرلىشىپ كەتتى. ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بېشىنى كۆتۈرگەن لۈ بۇۋېي چوڭ كۆلچەكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مىستىن قۇيۇلغان قىبلىنەما ھارۋىنىڭ ئۈستىگە بىر قولىدا مىستىن ياسالغان كىتاب تۇتقان بەھەيۋەت ئېگىز مىس ھەيكەلنىڭ كۆكنى كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. غەلىتە ئىش، ئەجەبا بۇ بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ ھەيكىلىمىدۇ؟ ئۇ يېقىن بېرىپ مۇزدەك سوغۇق سالاسۇنغا تايىنىپ سەپسېلىپ قارىۋىدى، توم، قېلىن مىس كىتابتىن كۈن نۇرىدا يالت-يۇلت نۇر چاقناۋاتقانلىقىنى، كىتاب تېشىغا «شاڭ تۆرە تۈزۈكى» دېگەن يوغان ئۈچ خەتنىڭ ئويۇلغانلىقىنى كۆردى.

       لۈ بۇۋېي بىردىنلا ھەيران قالدى. ئوردا سارىيى ئالدىدىكى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ كۆلچەككە ياسالغان سۈنئىي تاغ ئۈستىگە تىكلەنگەن قىبلىنەما ھارۋا ئەسلىدە ھەممىلا ئادەمگە تونۇش بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ قىبلىنەما ھارۋىسى ئىدى، ھارۋىدىكى مىس ھەيكەل ئەلمىساقتىنلا مىسران قىلىچىنى تۆۋەن ئىقلىمدىكى چىيو قەبىلىسىگە جازا يۈرۈشى قوزغاپ جەڭ چاقىرىقى قىلىۋاتقان قىياپەتتىكى بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ ھەيكىلى ئىدى. بۇ قىبلىنەما ھارۋىنى چىن بېگى ــــ  ئىنايەت ياغدۇرغۇچى خۇيۋېنۋاڭ تۇنجى مەرتە ئالتە بەگلىكنىڭ ئۇيۇلتاشتەك بىرلەشمە لەشكەرلىرىگە قارىشى ھايات-ماماتلىق سوقۇشىدىن سەل بۇرۇن ئالايىتەن قۇيدۇرۇپ تىكلىگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا تېخى داغدۇغا-دەبدەبە بىلەن مۇراسىممۇ ئۆتكۈزگەن ئىدى. چىن بەگلىكىنىڭ ئالپ-بۇزرۇكلىرى كۈرمىڭ قىيامەت-قىسمەتتە بىر تەرەپتىن تېرىقچىلىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىپ بەگلىك سەلتەنەتىنى تىكلىگەن بولۇپ، بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ بۇ جەڭ ھارۋىسىنى قىبلىنەما ھارۋا، دەپ ئۇلۇغلاپ، تۇيۇق يولغا يولۇققاندا ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق نۇسرەت قازىنىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىشى ئەسلى-ۋەسلىدىنلا ھەققانىيەتلىك بىر ئىش ئىدى. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ قىبلىنەما ھارۋىسى چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا سارىيى ئالدىدىكى مەيداندا ئۆزگىچە ھەيۋەتلىك مەنزىرىگاھ بولۇپ كەلدى. پەلەك چەرخى ئايلىنىپ ھالا بۇ كۈنگە يەتكەندە، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە شاڭ تۆرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان ئىنايەت ياغدۇرغۇچى خۇيۋېنۋاڭ تىكلىگەن بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ ھەيكىلىنىڭ  شاڭ تۆرە ھەيكىلىگە، مىستىن قۇيۇلغان مىسران قىلىچنىڭ بامبۇك تارشىغا پۈتۈلگەن«شاڭ تۆرە تۈزۈكى» گە ئۆزگىرىپ قېلىشى ئادەمنى قانداقمۇ چۆچۈتمىسۇن؟

        لۈ بۇۋېي بۇ نادانلارچە قىلىققا مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئىچىدە «قېنى كۆرمەيمىزمۇ، ئامالى بولۇپ قالار !» دېگىنىچە ھېچكىمگە پەرۋا قىلماي ئۇدۇل ئوردىغا كىرىپ كەتتى.

    كۈزلۈك يىغىم، غەللە-پاراق، باج-سېلىق  يىغىۋېلىش خۇسۇسىدىكى ئوردا كېڭىشى باشلاندى. يىڭ جېڭ بەگ ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ۋەزىرلەرگە كېڭەشكە دائىر ئىشلارنى بىلدۈرۈپ قويۇش خۇسۇسىدا سۆز ئالدى:

    ــــ ھەرقايسىلىرىغا مەلۇم بولغايكى، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئون ئۈچ ۋەزىر خۇاڭدىنىڭ قىبلىنەما ھارۋىسىنى شاڭ تۆرە قىبلىنەما ھارۋىسىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شاڭ تۆرە ئەركان-مىزانىنى چىننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش قىبلىنەماسى قىلىش خۇسۇسىدا مەكتۇب يوللىدى. قايتا-قايتا ئويلىنىپ كۆردۈمكى، شاڭ تۆرە ئەركان-مىزانىنى 100 نەچچە يىللىق سىناقلاردىن كېيىن يەنىلا بەگلىكنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئەلنى ئاسايىشلىققا ئېېرىشتۈرۈشنىڭ تەۋەرۈكى قىلىشقا بولىدۇلەركى، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە زىنھار بولماستۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇرلەركى، ئوردۇبالىقتا خۇاڭدىنىڭ قىبلىنەما ھارۋىسىنى شاڭ تۆرىنىڭ قىبلىنەما ھارۋىسىغا ئۆزگەرتىشكە ئىجازەت بېرىلدىلەر، مۇشۇ خۇسۇستا ھەم ئاستانە شيەنياڭنىڭ تۆۋەن قوۋۇقىدا شاڭ تۆرىنىڭ تاش ئويما ھەيكىلى تىكلىنىپ، دەستۇر باغچىسى بىنا قىلىندىلەر. بۇ ئىككى تەدبىرنىڭ دالالىتى ـــــ شاڭ تۆرە ئەركان-مىزانىنى بۈيۈك چىننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۆزگەرمەس دەستۇرى قىلىشنى جاھانغا جاكارلاشتۇرلەر. مانا شۇ تاپتا جانابلارنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرى بولسا بەس-مۇنازىرە قىلىپ كېڭەشسۇنلەر!

    ئوردا كېڭەش سارىيىدا بىر پەس سۈكۈت ھۆكۈم سۈردى. ۋەزىرلەرنىڭ كۆزلىرى بەجايىكى كېلىشىۋالغاندەكلا لۈ بۇۋېيغا مىقتەك تىكىلدى.

    چىن بېگىنىڭ ئىزاھاتى لۈ بۇۋېينىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقتى. شۇنداق پەرەز قىلىش مۇمكىنكى، گۆدەك چىن بېگى ۋە ئەتراپىدىكى نادان مۇشاۋىرلار شۇ تاپتا ئۆزى بىلەن خۇپىيانە تېرە تاراقشىتالايدۇكى، بۇ ئىشنى ھەرگىز پۈتكۈل ئەلگە ئاشكارىلىيالمايدۇ. چۈنكى، ناۋادا ياش چىن بېگى جان-جەھلى بىلەن شاڭ تۆرىنىڭ ئەركان-مىزانىنى ياقلىماقچى بولۇپ ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرىلەشسە بۇ ئۇنىڭغا تولىمۇ پايدىسىز. قەدىمدىن ھازىرغىچە، بىرەر چوڭ بەگلىك ئۆزىگە پايدىلىق، دەپ قارىغان ئەلنى ئىدارە قىلىش ئەقىدىسىنى تۇرغۇزماقچى بولسا، ئاۋام ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى خۇسۇسىدا تالاش-تارتىش قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردىكى ۋەزىيەتتە، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» گەرچە ئوردا ئىچى-سىرتىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما چىن بەگلىكىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش دەستۇرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، لۈ بۇۋېي تەرەپدارلىرىنىڭ ئارزۇ-ئىستىكى ئاشكارىلاش، ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرە قوزغاش، شۇ ئارقىلىق ئوردا ئىچى-سىرتىنى ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە قايىل قىلىشتىن ئىبارەت. ۋەھالەنكى، ياش چىن بېگىنىڭ ئەركان-مىزان تەرەپدارلىرى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى توسۇشنى، ئاشكارا مۇنازىرىدىن ساقلىنىشنى ئىستەيدۇ. ئۇنداق بولمىسا، شيەنياڭ ھاكىمى مېڭ تيەن نېمە غەرەزدە لۈ بۇۋېينى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى يىغىشتۇرۇشقا قىستايدۇ؟ بۈگۈن، ياش چىن بېگىنىڭ ئوردا مەجلىسىدە بۇ ئىشتىن ئىزاھات بېرىشى ھەم «مۇنازىرە قىلىپ كېڭىشىش» خۇسۇسىدا ئىجازەت بېرىشىدە قانداق مۇددىئا-مەقسەتلەر باركىنە؟ ياكى بىرەر قارارغا كېلىشمىدىمىكىن؟ مۇمكىن ئەمەس! بايا چىن بېگى ئۆزىنىڭ ئىزاھاتىدا بار كۈچى بىلەن چىڭقىلىپ تۇرۇپ ئەركان-مىزاننىڭ قوغدىلىدىغانلىقى خۇسۇسىدا ئېنىق بىشارەت بەردى. ئەركان-مىزان تەرەپدارلىرى بۇنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىدىمىكىنە؟ بۇمۇ مۇمكىن ئەمەس! چىن بېگى بۇنى ئويلاپ يەتمىگەن تەقدىردە لى سى، مېڭ تيەن، ۋاڭ ۋەندەك تادانلار ئويلاپ يېتەلمەسمۇ؟ لۈ بۇۋېي دەماللىققا بۇ سىرنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما شۇ تاپتىكى سۇنىڭ ئېقىشى ئۇنىڭغا ئايان: شۇ تاپتا ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ شەرھىيلىمىسە ناھايىتى ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپلا قويماستىن بەلكى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ چىن بەگلىكى بىلەن زىنھار «سىغىشالمايدىغانلىقى»نى ئېتراپ قىلغان بولۇپ قالىدۇ ھەم جاھاننى لەرزىگە سالغان جار سېلىپ ئىنئام بېرىشتەك ئۇلۇغۋار تەدبىر ئاقىۋەتتە ئەكسىگە يېنىپ يامان غەرەزدە قىلىنغان ئالدامچىلىق ۋە سۈيقەست بولۇپ قالىدۇ.

    شۇ تاپتا ھەرنە قىلىپ بولسىمۇ ئالدى بىلەن ئۆز تەشەببۇسىنى شەرھىيلەش تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى.

    ــــ ئالىيلىرى ۋەزىرلىرىنىڭ ئىككى كەلىمە بايان قىلىۋېلىشىغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمەن!ــــ لۈ بۇۋېي ئۆزىنىڭ باش ۋەزىرلىك ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئىككى ئالقىنىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەش ئارقىلىق ئىززەت-ئېكرام بەجا كەلتۈرۈپ ئېغىز ئاچتى،ــــ چىن بېگىنىڭ ئەركان-مىزاننى ھىمايە قىلىشىغا گەپ كەتمەيدۇ. ساداقەتمەن تۆرە شاڭ ياڭنىڭ چىن بەگلىكىنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىن دەستۇر ئۆزگەرتىشىنىڭ نېگىزى ئىلگىرىكى قانۇننى ھىمايە قىلماستىن بەلكى زامانغا بېقىشتۇر. ۋەزىرلىرى شۇنداق قارايدۇلەركى، شاڭ تۆرىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش سەپسەتەسىنى «جاھاننى مالىمان قىلىش ئارقىلىق نىجاتلىق يولى ئىزدەش» دېگەن  بىر ئېغىز كالامغا يىغىنچاقلاش مۇمكىندۇرلەر. ئوچۇقىنى ئېيتقادا، بۇ ھەم زامانغا بېقىپ ئۆزگىرىش ھەم نىجاتلىق يولى ئىزدەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ناۋادا، شاڭ تۆرە دەستۇرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارالسا، شاڭ تۆرە دەستۇرى ئارقىلىق شاڭ تۆرىنى ھالاك قىلىش ئۆزئارا زىت ئەمەسمۇ؟ ئۇنى جاھاننى مالىمان قىلىش ئارقىلىق نىجاتلىق يولى ئىزدەش، دەپ رەت قىلىپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى يېزىپ چىقتىم. ۋەزىرلىرىنىڭ مۇددىئا-مەقسىتى شۇدۇركىم، دەۋرانىمىزدا چىن ئەركان-مىزانىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى تولۇقلىنىپ، خاتالىرى تۈزىتىلىۋاتىدۇ، شۇ مەقسەت-مۇددىئادا چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۈلگە بولغىدەك قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشتۈرمەك بولدۇم. بۇنىڭغا دەلىل شۇدۇركىم: يۈز نەچچە يىلدىن بېرى شاڭ تۆرە دەستۇرىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى كۈنسېرى ئاشكارىلىنىپ بارماقتا، ئۇنىڭ ئەڭ ئەشەددىي يېتەرسىزلىكى ئۇنىڭ جازانى قاتتىق ئۆلچەم قىلىشى ئىنساننىڭ ئەخلاق ھەم رەھىمدىللىك، مېھىر-شەپقەتلىك ماھىيىتى بىلەن سىغىشالمىغانلىقىدۇرلەر. دەۋرانىمزدا جازانى يېنىكلىتىش، ھىدايەت يولىنى تۇتۇپ مېھر-شەپقەت سىياسىتى يۈرگۈزۈش، لەشكەرلەرنى ئەدلۇ-ئادالەت ئەقىدىسى بىلەن قوراللاندۇرۇش بۈيۈك چىن بەگلىكىمىز ئۈچۈن گۈللىنىش ۋەزىيىتى ئېلىپ كېلىدۇ!

    ــــ جانابى ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى يېڭىلىشىۋاتىدىلا! چىن ئەركان-مىزانى ئەجەبا ئەخلاقتىن چەتنەپ كەتكەنمىكىن؟ ــــ قېرى دادخاھ ۋەزىر ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ تەكەببۇرانە گىدەيگىنىچە بىر ئېغىز قوشۇق سالدى.

    ــــ ئەركان-مىزاننىڭ ئىنسان ئەخلاقى بىلەن پېتىشالماسلىقى ئەركان-مىزاننىڭ خاتالىقى، ئەخلاقنىڭ ئەركان-مىزانغا ئورۇن بەرمەسلىكى ئوخشاشلا ئەخلاقنىڭ سەھۋەنلىكى،ــــ لۈ بۇۋېي قىلچە تەمتىرىمەي-ھولۇقماي، تەمكىنلىك بىلەن ناتىقلىقىنى ئاياپ ئولتۇرماي سۆزىنى  داۋام قىلدى، ــــ ئەخلاق بىلەن ئەركاننى تەڭ-باراۋەر يولغا قويۇش، مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ جازانى يېنىكلىتىش ئەلنى ئىدارە قىلىش يولىدۇرلەر. ئەركان-مىزاندىكى ئەخلاق نەدە؟ مۇقەررەردۇركى، پۇقراپەرۋەر بولماق، پۇقرانى ھىمايە قىلماقتۇرلەر. دەۋرىمىزدىكى چىن ئەركان-مىزانى جىنايەتنى ئېغىر ئارتىشنى ئۆزىنىڭ تۆھپىسى قىلغانلەر، ئاۋام-رەئىيەت تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقلا بىر سەھۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا، ھە دېگەندە يۈزىگە تامغا بېسىش، بۇرنىنى كېسىۋېتىش، بۇرنىنى تېشىش، بۇرنىغا مۇچ سۈيى قۇيۇش، يالىڭاچلاپ ئېغىر ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانىلىكىنى دېمىگەندىمۇ بۇ بەگلىك پۇقرالىرىغا قىلىنغان دەھشەت ھاقارەتتۇر. يەنە ئالايلۇق، ‹كوچا-يوللارغا كۈل تۆككەنلەرنىڭ يۈزىگە تامغا بېسىش› قانۇنغىمۇ، ئەخلاققىمۇ يات قىلمىشتۇرلەر. كەمىنە باش ۋەزىر شۇنداق قارايدۇلەركى، ئاۋام-رەئىيەت كوچا-يوللارغا كۈل تۆكۈۋەتكەن بولسا ئۈچ كۈن سېپىل خەندىكى قېزىش جازاسى بېرىش كۇپايىدۇر، يۈزىگە تامغا بېسىپ چىرايلىق ھۆسن-جامالىنى نابۇت قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمىكىن؟ تەيخاڭنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى ئالتە بەگلىك بەگ-پۇقرالىرىنىڭ بىز چىنلىقلارنى مەسخىرە قىلىپ ‹چىن رەئىيەتلىرى  ساپلا پۇچۇق-پاناق، جامالى داغ-تاتۇق بەتبەشىرىلەردىنكەن› دېيىشلىرىمۇ دەل مۇشۇنىڭدىندۇرلەر. پەقىر بۇلاردىن خەۋەر تېپىپ شۇنچىلىك ھەسرەت-نادامەتتە پۇچۇلاندىم، بۇ سارايدا ئولتۇرغان جانابى ۋەزىر-تۆرىلەر بولسا چىرايىنى مىت قىلىشىپ قويمايدۇلەر! «پالنامە»دە  زېمىن مۇنبەت بولسا ھوسۇلى مول بولۇر، دېيىلگەندۇر. دەۋرىمىزدە چىن ئەركان-مىزانى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن ئېغىر خاتالىقلىرىنى ھاماقەتلەرچە تۆھپە ئورنىدا ساناۋاتقاچقا، ئۇنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد، ئۇزاق دەۋرلەرگىچە داۋام قىلغىلى بولماستۇرلەر. پەقەت ۋە پەقەتلا ئەركان-مىزاننى تۈزىتىپ، مېھرىبانانە دەستۇر يۈرگۈزۈپ، ھىدايەت يولى تۇتۇلغان ئەركان-مىزان تۇرغۇزغاندىلا ئاندىن بۈيۈك چىننىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئەبەدىي داۋام قىلغىلى بولۇرلەر!

    ــــ ئىرپانبەگ سەپسەتە سېتىۋاتىدىلا!ــــ قېرى دادخاھ ۋەزىر يەنە تەكەببۇرانە قىياپەتتە ئورنىدىن چاپچىپ تۇرۇپ گىدەيگىنىچە ئىرپانبەگنىڭ مەردانىلەرچە داۋام قىلىۋاتقان شەرھىگە قوشۇق سالدى،ــــ چىن ئەركان-مىزانى گەرچە قاتتىق بولسىمۇ ئەخلاقتىن چەتنىگىنى يوقتۇر. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم دەلىلى شۇدۇركى، بەگ-تۆرىلەر بىلەن ئاۋام-رەئىيەت ئەركان-مىزان ئالدىدا بابباراۋەردۇر،بەگلىك ئەركان-مىزانىدىن ئۆزگە ئەركان-مىزان يوقتۇر. بەگ-تۆرىلەردىن تارتىپ ئاۋام-رەئىيەتكىچە ئەركان-مىزان ئالدىدا باراۋەر بولغانلىقتىن  بۈيۈك چىن بەگلىكىمىزدە ئاتالمىش ئېسىلزادە-پەسەندە دەپ ئايرىش ۋە ئاۋام-رەئىيەتكە زالىملىق قىلىشنىڭ تىمسالى بولمىغاندۇر. ناۋادا، چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى ئاۋام-رەئىيەتكە زۇلۇم سالغان بولسا، شۈبھىسىزكى بۇ ئەخلاىسىزلىقتۇر. ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىش يوقتۇر! تەن جازاسىنى ئالايلۇق، چىنلىقلارنىڭ يۈزىگە تامغا بېسىلغانلار، بۇرنى كېسىلگەنلەر ئىچىدە ئەكسىچە تۆرە-ئاقسۆڭەكلەر مۇتلەق كۆپ، ئاۋام-رەئىيەت بەكلا ئازدۇر. سەۋەبى شۇدۇركى، ئاۋام-رەئىيەت ئىچىدە پۇچۇق-پاناق، داغ-تاتۇقلارنىڭ ئاز بولۇشى ئۇلار چىن ئەركان-مىزانىنىڭ قاتتىقلىقىدىن قورقۇپ ئەركان-مىزانغا رېئايە قىلغانلىقتىندۇر. ئەمدى كوچا-يوللارغا كۈل تۆككۈچىلەرنىڭ يۈزىگە تامغا بېسىشقا كەلسەك، بۇ ئەركان-مىزان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان كوچا-يوللارغا كۈل تۆككەنلىك سەۋەبىدىن ھەقىقەتەن يۈزىگە تامغا بېسىش جازاسى بېرىلگەنلەر تۈمەننىڭ ئىچىدە بىرىمۇ يوقتۇر! ئىرپانبەگ جانابلىرى، دادخاھ مەھكىمىسىدە ساقلىنىۋاتقان دېلو ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ باققايلا، چىن ئەركان-مىزانى يولغا قويۇلغىلى 100 يىلدىن ئاشتى، بۇرنى كېسىلگەن، يۈزىگە تامغا بېسىلغانلار جەمئىي 1303 كىشىدۇر، كوچا-يوللارغا كۈل تۆككەنلەر سەۋەبىدىن يۈزىگە تامغا بېسىلغانلار ئاران 36 كىشىدۇر. ئىرپانبەگ جانابلىرى بىلەن مۇنازىرىدە تۇتۇشقان ئىكەنمەن، گېزى كەلگەندە دېمەي بولمىدى: سېپىل خەندىكى قېزىشنى ئۈچ كۈنگە ئۆزگەرتسەك، چىن بەگلىكىنىڭ بەگلىك كوچا-يوللىرى توپا-ئەخلەتلەرگە كۆمۈلۈپ كەتمەسمۇ؟

    ــــ ۋەزىرلىرى دادخاھ ۋەزىرنىڭ بايانىنى ياقلايمەن!ــــ بەگلىكنىڭ باش تەپتىش ۋەزىرى شاققىدە ئورنىدىن تۇردى،ــــ ئىرپانبەگ جانابلىرى دەۋاتقان ھىدايەت يولى تۇتۇلغان مېھرىبانلىق سىياسىتىنى قورۇلنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى ئالتە بەگلىك يولغا قويۇۋاتىدۇ، ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ بەگلىك ئىشلىرىدا پاراخورلۇق ئەۋج ئالدى، ئەركان-مىزان ئىجرا قىلىشتا يۈزخاتىرە ئاۋۇپ كېتىپ ئەركان-مىزاننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماقتا، ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئەركان-مىزاننىڭ سىرتىدا قېلىۋاتماقتا، بەگ-تۆرىلەر ئۆز ئالدىغا خۇپىيانە جازا يۈرگۈزۈۋاتماقتا، ئۇ بەگلىكلەردىكى ئاۋام-رەئىيەت دادگاھقا بېرىپ ئەرز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ،ئەمەلدارلارنىڭ تۆرىلەر بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرىپ جازا ئىجرا قىلمىقى بەسىي مۈشكۈلدۇر. مانا مۇشۇنداق ھىدايەت يولى تۇتۇلغان مېھرىبان ئەركان-مىزان پەقەت ۋە پەقەتلا ئاقسۆڭەك-ئېسىلزادىلەرنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئىمتىيازلىق  بولۇۋېلىشىغا يول ئاچقان، ئاۋام-رەئىيەت بولسا ئەركان-مىزاننىڭ قۇلىغا ئايلانغان. مانا مۇشۇنداق بولغانلىقتىن، بۈگۈنكى شۇ ئالتە بەگلىكتە ئاۋام-رەئىيەت ئۆكتەملىشىپ، بەگ-تۆرىلەر بىلەن ئاۋام-رەئىيەت ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالماس بولدى. سوراپ باقاي: مانا مۇشۇنداق ھىدايەت يولى تۇتقان مېھرىبان ئەركان-مىزاندا ئەركان-ئەخلاق بارمۇ ئۆزى؟ ئەكسىچە چىن بەگلىكى ئەركان-مىزانىغا قاراپ باقايلى: ئەركان-مىزان قاتتىق بولسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە باراۋەردۇر، بۇ پۈتكۈل بەگلىك تەسەررۇپىدا ئوخشاشتۇر، چىن دەستۇرىنى ئاۋام-رەئىيەت ھېمايە قىلىپ، ئەلا بىلىپ ئەخلاق ئورنىدا سانىغانلىقتىن بۇ دەستۇر ئەخلاق يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەندۇر!

    ــــ ئىككى تۆرەمنىڭ بايانلىرى پەقەت چەك باسمىدى!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي مىيىقىدا كۈلۈپ، ــــ كەمىنىلىرى قورۇلنىڭ سىرتىدىن، يەنى تاغنىڭ كۈن چىقىش تەرەپىدىن كەلگەن ئادەم تۇرۇقلۇق ئۇ يەرلەردىكى ئەركان-مىزاننىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەي قالارمەنما؟ پەقىر دەۋاتقان ھىدايەت يولى تۇتۇلغان ئەركان-مىزان ئەسلىرىدە بولسۇنكى، پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇ يەرلەردىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئەركان-مىزانلىرىغا قارىتىلغان بولماستىن بەلكى چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىغا قارىتىلغاندۇرلەر. چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى ھەقىقەتەن قاتتىق، ئۆلچەيدىغان جازاسى بەكلا ئېغىر، ناۋادا بۇ ھىدايەت يولى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، ئەبەدىي يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان مۇكەممەل دەستۇر بولغان بولاتتى. ناۋادا قورۇل سىرتىدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئەركان-مىزانىغا سېلىشتۇرىدىغان ئىش بولسا پەقىر بۇ يەردە تىلىمنى چايناپ كاپشىمىغان بولاتتىم!

    ــــ ئىرپانبەگ جانابلىرىنىڭ دەۋاتقانلىرى چىن بەگلىكىمىزگە قارىتىلغان تەقدىردىمۇ ئۇ يەنىلا چىن تەسەررۇپىدا ئاقمايدۇ!ــــ قېرى دادخاھ ۋەزىر يەنە تەكەببۇرانە قىياپەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ گىدەيگىنىچە ھۆلتامغا تەخەي تەپكەندەك گەپنىڭ بېلىگە تەپتى،ــــ شاڭ تۆرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى ئەسلىدىمۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈلگەن ھىدايەت يولىغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈندۇر، بۇ ھەم ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ نەمۇنىسىدۇر. ناۋادا ھىدايەت يولى چىن ئەركان-مىزانى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدىغان بولسا، چىن ئەركان-مىزانىنىڭ ئاساسى چىرىپ، ئۇزاق قالمىغان كەلگۈسىدە چىن ئەركان-مىزانى ئۈن-تىنسىزلا غايىب بولغىسى!

    ــــ چىن ئەركان-مىزانىدىن باشقا ھەرقانداق ئەركان-مىزان چىن تەسەررۇپىدا زىنھار ئاقمايدۇ!ــــ چىن بەگلىكىنىڭ ئەڭ ياش ۋەزىرى بولغان شيەنياڭ ھاكىمى مېڭ تيەننىڭ بوم، ياڭراق زۇۋانى ئوردا سارىيىدا ئەكس سادا ياڭرىتىپ ئارىغا قىسىلدى،ــــ كەمىنىلىرى قوشۇمچە ئاستانە سانغۇنىدۇرمەن، شۇنداق ئىكەن لەشكىرىي ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىشىم تۇرغانلا گەپ. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» چىن لەشكەرلىرىنى ئادالەت ھامىيلىرىدىن قىلىپ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، يەنى ئەدلۇ-ئادالەت لەشكىرى بىلەن جاھاننى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈۈشنى، زالىم بەگ-تۆرىلەرنى جازالاپ ئېزىلگەن رەئىيەتنىڭ بېشىنى سىيلاشنى مەقسەت-مۇددىئا قىلىدۇ. بۇنداق ئادالەت لەشكەرلىرىنى باشقۇرۇش تەلىماتىدا زادى نېمىلەر كۆزدە تۇتۇلغان؟ نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى بۇ ھەقتە ھېچكىم ئېنىق بىر نەرسە دېيەلىگەن ئەمەستۇرلەر. بەگلىكىگە رەھىم-شەپقەت قىلىپ زالىم بەگلىرىنى جازالاشمۇ ئەدلۇ-ئادالەتلىك لەشكىرىي ماھارەتتۇر، مەسىلەن چى خۇەنگۇڭ بەگ بۇنىڭ تىمسالىدىندۇرلەر.رەئىيەتلىرىدىن ھال سوراپ گۇناھكار ھۆكۈمدارلىرىنى جازالاشمۇ ئادالەت لەشكەرلىرىنىڭ بۇرچىدۇرلەر، مەسىلەن شاڭ، جۇ سەلتەنەتىنى بەرپا قىلغان بۇزرۇكلاردىن شاڭ تاڭ، جۇ ۋۇۋاڭلار بۇلارنىڭ نامايەندىلىرىدىندۇرلەر. ۋەھالەنكى، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» زادى نېمە دېمەكچى؟ چۈشەنمىدىم! ناۋادا نوقۇل ئادالەت لەشكىرى ھەققىدە توختالماق بولسا، بۈيۈك چىننىڭ لەشكەرلىرى نېمىگە ھېسابكىن؟ ناۋادا چى خۇەنگۇڭ بەگدەك بولسالەر، جاھان بىرنەچچە بەگ-تۆرىنىڭ چاڭگىلىغا كىرىپ قېلىپ، ھىدايەت يولىنى تۇتۇپ قورۇلنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىدىكى قالدۇق رەئىيەتلىرىنى دەھشەتلىك باستۇرۇش كېرەكمۇ؟ ياكى جاھاننى زامان-زامانلارغىچە بۆلۈپ ئىدارە قىلىپ بىرەرمۇ بەگلىكنى تارمار قىلماسلىق كېرەكمۇ؟ ناۋادا بۈيۈك چىن قۇدرەتلىك لەشكەر توپلاپ پۈتكۈل خۇاشيانى بىرلىككە كەلتۈرسە، ئەجەبا بۇ ئادالەت لەشكىرى بولمامدىكەن؟!

    ــــ بارىكاللا–بەرھەق! بەز-سۆڭەك، پوق-سۈيدۈكلىرىگىچە ھەزم قىلىۋېتىپسەن ئەمەسمۇ سولتەك!

    قېرىپ كەتكىنىگە قارىماي مەڭىزلىرى ياغاقلىشىپ، تېنى كونا قاڭتۇرۇقتەك مىقتىلىشىپ كەتكەن سانغۇن خۇەن خې بىرەر ئېغىز سىيلىق-سىپايە لوقما سالماق بولسىمۇ ئەمما ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك قوپال-ئەپسانە سۆزلەرگە كۆنۈپ قالغان بېزەپ ئاغزى يۇمۇلا-يۇمۇلمايلا ۋەزىرلەرنىڭ كۈلكىسى قىستاپ كەتتى، ئەمما كۈلكىسىنى ئىلاجسىز يوشۇرۇشقا تىرىشىپ پىخىلداشلىرىنى كالتا يۆتەللىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ يوق قىلىشىپ، پوكاندەك قىزارغىنىچە گاللىرىنى قىرىشىپ قويۇشتى.

    تەمكىن-دەرقەم ئولتۇرغان لۈ بۇۋېينى قىلچە كۈلكە قىستىمىدى، ئەكسىچە نادانلىقتا ئۇچىغا چىققان خۇشامەتگۇي ۋەزىرلەرنىڭ پاراكەندە قىلىقلىرىنى تېزراق يىغىشتۇرۇپ ساراينىڭ تىنچلىقىنى ساقلىشىنى تولىمۇ تەستە كۈتۈپ بىرھازادىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:

    ــــ ئادالەت لەشكىرى دېمەكلىك لەشكىرىي ئىستىقبالنىڭ يۈكسەك غايىسى بولۇپ، لەشكەر كۆپەيتىش تەدبىرى بىلەن ئەسلىدىنلا باشقا-باشقا ئىشتۇرلەر.قەدىمقىسىنى ئالساق، شاڭ تاڭنىڭ جاھاننى ئىزىغا سېلىشى دەل ئادالەتلىك لەشكىرىي ماھارەتتۇر. كۆز ئالدىمىزغا نەزەر تاشلىساق، پەقىرنىڭ جۇ تۆرىلىكىنى يوقىتىپ ئۆزگەرتىشىممۇ ئادالەتلىك لەشكىرىي ماھارەتتۇر. بۇ ھەقتە كالام شۇدۇركى، مەن دەۋاتقان ئادالەتلىك لەشكەر تەدبىرى لەشكىرىي تەدبىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئەمەس، بەلكى مەقسەت-مۇددىئاسىغا قارىتىلغاندۇرلەر. كۆز ئالدىمىزدىكى چىن بەگلىكىدە ئەۋج ئېلىۋاتقان بەگلىكنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈش، بەگلىكنى قۇدرەت تاپقۇزۇش خۇسۇسىدىكى ۋەزلەر خۇاشيانى بىرلىككە كەلتۈرۈش بۈيۈك تەدبىرىدە ئاقمايدۇ. سانغۇن ئىنىمىزنىڭ يىراقنى كۆزلەپ بايان قىلغان ۋەزخانلىقى ساپلا تارازىدا توختىمايدىغان پۈچەك ئىبارىلەردۇر، مېڭىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىپ ئويلىنىشقا ئەرزىمەيدۇ. ناۋادا بەگلىكنى قۇدرەت تاپقۇزىمىز، دەيدىكەنمىز، ئۇ پەقەت ھىدايەت يولى تۇتۇلغان ئەركان-مىزاننى يولغا قويۇش ئارقىلىقلا رويابقا چىقۇرلەر، پەقەت شۇ ئارقىلىقلا چىن بەگلىكىنى گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئۆزگە يول يوقتۇرلەر، شۇندىلا كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە توختىلىش مۇمكىندۇرلەر! ئۇنداق بولمايدىكەن، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمانى قالمىغان جۇاڭ جۇنىڭ چۈشىدە كېپىنەككە ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ!

    سارايدا شۇنچىلىك سۈرلۈك سۈكۈت-تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈردىكى، ھېچكىم ئۆز تىنىقىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئۆزىنىڭ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغۇسى كەلمەي تىن تارتىشماي ئولتۇرۇشۇپ كەتتى. لۈ بۇۋېي شۇنچىلىك ئالدىرىماي ۋەزىنلىك سۆزلىدىكى، ئۇنىڭ مەسخىرە-كىنايىلىك، پەند-تەنبىھلىك ئىبارىلىرىنى ئولتۇرغانلارنىڭ بەرى دەشنام ئاڭلاۋاتقاندەك شۈمشىيىشىپ، گۆشىيىپ-ساڭگىلىشىپ ئولتۇرۇپ كېتىشتى. بۇ مەسخىرە-كىنايە، پەند-تەنبىھلەر مېڭ تيەنگە دېيىلگەندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە تىغ ئۇچى يېڭىدىن تەختكە ئولتۇرغىنىغا باقماي ئىككى گېپىنىڭ بىرىدە خۇاشيانى بىرلىككە كەلتۈرۈمەنەي، دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ياش-يۇمران چىن بېگىنىڭ شىرىن چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىغا قارىتىلغان ئىدى. چىن بېگى ياش، ئىرادىلىك، جەسۇرلۇقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئادەم، ناۋادا ئۇ بۇنىڭغا چىدىمىسا غەزەب قامچىسىنى قارسىلدىتىپ، مىرغەزەبلىرىنى چاقىرىتىپ بىر مەيدان قارا بوران چىقىرىۋېتەرمۇ؟ خۇشامەتگۇي ۋەزىرلەر بەجايىكى دۈمبىسىگە شوخا سانچىلغان ئوغرىلاردەك ئارامسىزلىنىپ كېتىشتى، ئوردا سارىيىنى ئۇلارنىڭ قورقۇپ تىترىگەندىكى بىچارە پاراكەندىلىكى بىر ئالدى.

    ــــ مېنىڭچە باش ۋەزىر توغرا ئېيتتى!

    ئېگىز تەختتە كېرىلىپ ئولتۇرغان چىن بېگىنىڭ بۇ سۆزىدىن ۋەزىرلەرنىڭ شىللىسىدىن ئېغىر يۈك ئېلىۋېتىلگەندەك بولدى، ئۇلار شۇندىلا خاتىرجەم ھالدا تىن ئالدى. 

    ئۇشتۇمتۇت بەگ جەمەتى ئۇرۇقىدىن بولغان بىر ۋەزىر تەكەببۇرلىقىنى باشقىلار بىلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك سوغۇققىنا كۈلۈپ:

    ــــ ئىرپانبەگ، كۆڭۈللىرىدە ئۆزلىرىچە شاڭ تۆرىنىڭ ئورنىغا دەسسەي، دەپ ئويلاپتىلىدە؟ــــ دېدى.

    ــــ بۇ ئوي ھەققىدە توختىلىپ باققاننىڭ يامىنى يوق! ــــ لۈ بۇۋېي بىردىنلا باش ۋەزىرلىك كۇرسىدىن دەس تۇرۇپ ساراينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى يولغا كېلىپ، ئۆزىنى ئوسال قىلماقچى بولغان قېرى ۋەزىرگە تىكىلدى، قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلىپ بولمايدىغان بىر خىل سالماقلىق ۋە ھەسرەت-نادامەت ئارىلاشقان غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا سۆزلىدى، ــــ كەمىنىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھېچكىمنىڭ شاڭ تۆرىنىڭ ئورنىنى باسقۇسى يوق، ھېچكىم شاڭ تۆرىنىڭ ئەركان-مىزانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كويىدىمۇ ئەمەس. پەقىر لۈ بۇۋېينىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقىنى بۈيۈك چىن ئەركان-مىزانىنى ئاۋام-رەئىيەت رايىغا تېخىمۇ ياقىدىغان يىراق كېلەچەككە پايدىلىق تەدبىرگە ئايلاندۇرۇشتۇر. پەقەت شۇلىكى بۇنىڭدىن ئۆزگە خىيالىم يوقتۇرلەر!ــــ لۈ بۇۋېينىڭ سۆزلىگەچ بەگلىك تەختىنىڭ پەلەمپىيىگە مىقلاپ قويغاندەك يالغۇز ئۆرە تۇرغان قىياپىتى ساراي كەيپىياتىنى بىر پەس سۈرلۈك  سۈكۈتكە غەرق قىلىۋەتتى. شۇ تاپتا بەگ جەمەتى ئۇرۇقىدىن بولغان بىرمۇنچە قېرى ۋەزىرلەرنىڭ بوش كەلمەي تالىشىدىغاندەك  ئەپت-ئوزايىنى تەختتە ئولتۇرۇپ پەملىگەن يىڭ جېڭ قوللىرىنى بوشقىنە سىلكىپ:

    ــــ ئىرپانبەگنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى ئەمەلىيەتتىمۇ ۋەزىرلەرنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەردۇر. بۇ بايا بىرەر قۇر بايان قىلىندى، قالدى-قاتتىسىنى كېيىنچە يەنە كېڭەشنىڭ مۇھاكىمە-مۇلاقاتىغا قويىمىز. ئەمدى كېڭەشكە قويۇلىدىغان باشقا ئىشلارغا قارايمىز،ــــ دېدى.

    شۇنىڭ بىلەن بەس-مۇنازىرە، تالاش-تارتىشلار بىر ياققا قايرىپ قويۇلۇپ كېڭەش باشلىنىدىغان بولدى.

    لۈ بۇۋېي بىرنەچچە تەمىنات-روزىغارلىق ۋەزىرلىرىنىڭ ئوردا ئامبىرى ھەققىدە خۇلاسە كالام قىلمايدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى، يەنى ئۇلارنىڭ كۈزلۈك غەللە-پاراق، باج-سېلىق ھەققىدە ھېچنېمە دېمەي جىمىۋالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئوردا كېڭىشىدە كېڭەشكە قويۇلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرسىمۇ باش ۋەزىر ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقارمىسا بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. لۈ بۇۋېي جىندەك ئويلىنىپ يەنە بىر مەرتە شۈركىنىپ كەتتى، چىن بەگلىكى سەلتەنەتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوردا كېڭىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ئوردا سارىيىدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»گە يوشۇرۇنغان ھەقىقىي تەدبىر-سىياسەتنى ئاشكارا جاكارلاتقۇزۇشتىن ئىبارەت بىرلا نىشان-مۇددىئاسى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن «ھەمنىيەت» لىك ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقىنى چېكىپ باقماقتىن ئۆزگە مەقسەت-نىشاننىڭ يوقلىقىنى بەش قولدەك بىلىپ قالدى. شۇ ئەمەسمۇ، بىرىنچى مەرتە ۋاڭ ۋەن بىلەن ، ئىككىنچى مەرتە لى سى بىلەن، ئۈچىنچى مەرتە شيەنياڭ كاھبېگى يىڭ تېڭ بىلەن، تۆتىنچى مەرتە مېڭ تيەن بىلەن تۇتۇشتى، بۈگۈنكىسى بەشىنچى مەرتىسى، ئاخىرقى مەرتە تۇتۇشۇشمۇ بولۇپ قالارمۇ؟

    لۈ بۇۋېي«پەقىرنىڭ جاھىللىقىنى كۆرۈشۈپ قويۇش، مېنىڭمۇ ئامالىم بار» دېگەنلەرنى خىيالدىن ئۆتكۈزدى.

    لۈ بۇۋېي مۇشۇ دەقىقىدىلا يىڭ جېڭنىڭ شاڭ تۆرىنىڭ ئەركان-مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» دىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىدىن ئىبارەت بۇ پەدەرى، باش ۋەزىرىنىمۇ دەرقەمدە سەلتەنەت يۈرگۈزۈشكە قولغا كەلتۈرۈش ئىستىكىدە بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ سېزىپ يەتتى. شۇغىنىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى بۇ ئوردا كېڭىشىنىڭ باشلىنىشى ھەممىنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرۇۋەتتى. دەرقەمدە تۇرۇپ مۇقابىللاشقان ئىككى تەرەپ بىر-بىرلىرىنىڭ قاراش-ماراش، مەۋقە-مۇددىئالىرىنى بىلىپ بولغان، بىر نىيەتتە بولۇش مۇمكىن ئەمەس، ھەممىنىڭ ئۆپكىسى كۆرۈنەيلا دەپ قالغان. بۇ «ئۆپكە»نىڭ ھامان كۆرۈنىدىغانلىقىغا يىراق قالمىغانلىقىنى، بەلكى ھازىرلا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى لۈ بۇۋېينىڭ كۆڭلى تۇيۇپلا تۇراتتى.

     

    9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چىن بېگى كېلەر قېتىملىق بەگلىك ئوردا مەجلىسىنىڭ باش قىشتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى خۇسۇسىدا ئالاھىدە يارلىق چۈشۈردى.

    بەگلىك ئوردا مەجلىسى يىلدا بىرەر-ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆرە-ۋەزىرلەر مەجلىسى ئىدى. يېغىلىق زامانىدا جاھاننى يېغا قىيامەتلىرى قاپلاپ كەتكەچكە، ھەرقايسى بەگلىكلەردە ئوردا مەجلىسى ناھايىتى ئاز ئۆتكۈزۈلدى، بەگلىك ئىشلىرىنى بەگ، باش ۋەزىر، ئالپ سانغۇن قاتارلىق بەگلىك ھامىيلىرىلا جەم بولۇشۇپ ھۆكۈم-سىياسەت قىلىشىدىغان بولدى، ناگان-ناگاندا ئوردىدىكى بىرنەچچە ۋەزىرمۇ ھازىر بولۇپ قاتنىشىدىغان بولدى. يېغىلىق زامانىدىن كېيىن قورۇلنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ چىن بەگلىكىگە يەتكۈزىدىغان تەھلىكە-تەھدىتى ئاجىزلاشتى، ناۋادا چىن بەگلىكى لەشكەر تارتمىسىلا قورۇلنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ چىنغا ھومايغىدەك ھال-ماجالى قالمىدى. بۇ زاماندىكى چىن بەگلىكى ئوردا مەجلىسى ئۆتكۈزەلەيدىغان بىردىنبىر بەگلىك بولۇپ قالدى. بەگلىك ئوردا مەجلىسىگە ئايماق ۋالىيلىرى، ناھىيە ئامباللىرى، چېگرا لەشكەرلىرىنىڭ ئالپ سانغۇن، ھېراۋۇل-تۇرشاۋۇللىرى دېگەندەكلەر چوقۇم ئاستانىگە جەم بولۇپ بەگلىك مەجلىسىگە ئىشتراك ئەتمەكلىرى شەرت ئىدى. بۇ قېتىمقى بەگلىكنىڭ ئوردا مەجلىسىگە ياش چىن بېگى سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىلگىرىكىدەك بەگ ئانا، پەدەر، ئۆگەي ئاتىسىنىڭ مۆھۈرلىرىنى باسماستىنلا تۇنجى مەرتە ئۆزىنىڭ يوغان مۆھۈرىنى بېسىپ يارلىق چۈشۈردى، بۇنىڭدىن ئايانكى، ئۇ ئەتراپىدىكى ئەڭ قەدىرلىك، قىيامەتلىك يېقىنلىرىدىن يىراقلىشىۋاتاتتى. يىراق-يېقىندىكى ئايماق ۋالىيلىرى، ناھىيە ئامباللىرى ۋە چېگرا لەشكەرلىرىنىڭ ئالپ سانغۇن، ھېراۋۇل-تۇرشاۋۇللىرى ئادەتتىن تاشقىرى ھۆرمەت-ئېھترام، تەكەللۇب-تۈزۈت قىلىشىپ يارلىق ئالغان كۈندىن باشلاپلا مۈلكىي-لەشكىرىي ئىشلارنى جايىدا جۆندىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن ئاستانە شيەنياڭغا يولغا چىقىشتى. مۇددەتتىن تۆت-بەش كۈن بۇرۇن يولغا چىققان يىراق چېگرا ھۇدۇدتىكى مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلار ئارقا-ئارقىدىن ئاستانە شيەنياڭغا يېتىپ كەلدى، ئۈچ ئورۇندىكى بەگلىك مېھمانسارىيى كۈندىن كۈنگە قايناپ قىزىغىلى تۇردى. يېڭى سەلتەنەت چاقىرغان دەسلەپكى بەگلىك مەجلىسىگە ئەمەلدارلارنىڭ مۇددەتتىن نەچچە كۈن بۇرۇن كېلىۋېلىشى بىر تەرەپتىن بەگ يارلىقىغا خۇشامەتگۇيلارچە ھۆرمەت-ئېكرام بىلدۈرۈش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كاتتا بەگ-تۆرىلەرنى زىيارەت قىلىپ يوقلاپ، ئوردىدىكى خۇپىيە-خۇسۇمەتلەرنى تىڭ-تىڭلاپ بىلىۋېلىش ئىدى.

    ئىلگىرىكى چاغلاردا چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانلىرى زىيادە چىڭ بولغاچقا، ئوردا ۋەزىرلىرى خۇپىيانە دوست تارتىشىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، ھەتتا ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەك، ۋەزىر-ۋۇزرا، بەگ-تۆرە، قازى-قۇززاتلارمۇ خاھلىغانچە ئەتراپىغا تېجىمەل-قوناق يىغالمايدىغان رەسم-يوسۇن ئەنئەنىگە ئايلاندى. كۈنلەرنىڭ بىرىگە كەلگەندە بەگلىك سەلتەنەتىگە ھەكەملىك قىلىش لۈ بۇۋېينىڭ ئىلكىگە ئۆتكەندىن كېيىنكىچارەك ئەسىر مابەينىدە، ئادەملەرنىڭ يۈرۈش- ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىق «تالاي چەكلىمە» لەر ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە زىغىرلاپ سۈرۈشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنمىغانلىقتىن سۇسلىشىپ كەتتى. چىن بەگلىكى ئوردىسىنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرا، قازى-قۇززات، ئەكابىر-ئەشرەپ، نەسەب-مەنسەپدارلىرى ئارىسىدا بارا-بارا ئۆزئارا ئىززەت-ھۆرمەت قىلىشىدىغان، بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىپ يوقلىشىدىغان ئادەت بارلىققا كەلدى، گەرچە بۇ ئادەتلەر يىراق قورۇل سىرتىدىكى ئالتە بەگلىكتىكىدەك ھەممىلا يەردە ئەۋج ئېلىپ رەسم-يوسۇنلاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەھكىمە ئۆزئارا مېھماندوستلۇقنى چەكلىمەيدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە لۈ بۇۋېي بەگلىككە مەرىپەت سارىيى سالدۇرۇپ نۇرغۇن تېجىمەل-قوناقلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا بىلەن رەئىيەتلەر ئارىسىدىكى سۈرلۈك كەيپىيات ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ، كىشىلەر كۆڭلىگە ئازادە-ئاسايىشلىق بەخش ئېتىدىغان ئىناق-ئىجىل ئادەت بارلىققا كەلدى. بۇ قېتىمقى يېڭى بەگ ئوردىسى ئادەتتىكىدىن تاشقىرى قايناق كەيپىياتقا تولۇپ، يىراق چېگرا ھۇدۇدتىكى مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلارنىڭ ھەممىسى «ئازدۇر-كۆپتۇر كۆڭۈل ئىزھارى» قىلىشىپ، تۇشمۇ-تۇشتىن بەگ-تۆرىلىرىنى زىيارەت قىلىشىپ، ئاندىن ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي ھەزرەتنىڭ قەسرىگە تاۋاب-زىيارەتكە كېلىشى تەبىئىيلا ئاستانە شيەنياڭغا پۇر كەتكەن ئوردا رەسم-يوسۇنىغا ئايلاندى.

    لۈ بۇۋېي خۇشخۇي، كىچىك پېئىل، ئوچۇق-يورۇق، مېھماندوست، مەرد ئادەم، بابايى-ئەجدادى قورۇل سىرتىدىكى كاتتا مۆتىۋەللىلەردىن بولغاچقىمۇ، ئەزەلدىن ئەمەلدارلارنىڭ باردى-كەلدىسىنى بەگلىك ئىشلىرى بىلەن دوقال-مۇخالىپ، دەپ قارىمىدى، تېجىمەل-قوناق قوبۇل قىلىشنىمۇ چەكلىمىدى. دەل مۇشۇ خۇسۇستىن لۈ بۇۋېي ئەدەب-ئەخلاق دائىرىسىدىكى بۇرادەرچىلىك مەدەنىي ئادەت، چىن بەگلىكىنىڭ جىددىي-سۈرلۈك كەيپىياتى مەردۇ-مەردانىلىككە يات قىلىق، شۇڭىمۇ چىن بەگلىكى مەدەنىي ئادەت بابىدا قورۇل سىرتىدىكى ئالتە بەگلىككە يەتمەيدۇ، دەپ قارايتتى. شۇڭا لۈ بۇۋېينىڭ مەرىپەت سارىيىنى بىنا قىلىپ تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن تېجىمەل-قوناقلارنى قوبۇل قىلىشى، ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزئارا دوستانە باردى-كەلدىسىگە يول قويۇشى ھەقىقەتەن چىن بەگلىكىدىكى ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىلا ئادەم ئۆز سايىسىدىن ئۈركۈپ ئېھتىيات-قورقۇنچ، دەككە-دۈككىدە تۇرمۇش كەچۈرۈدىغان ئەنئەنىسىنى ئاستا-ئاستا بۇزۇپ تاشلىدى. لۈ ھەزرەت سودا سارىيى ئەسلىدىنلا ناھايىتى كۆركەم-ھەشەمەتلىك كاتتا ساراي بولۇش سۈپىتىدە ئەدەب-ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن، ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ مېھمان كۈتۈشكە ماھىرلىقى بىلەن داڭق چىقارغان ئىدىكى، قەسىردىكى ئۇلۇغ-كىچىك، خوجايىن-ئىشلەمچىلەر مېھمانلارنى شۇنچىلىك ئالىي ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ كۈتۈپ-ئۇزىتاتتى. لۈ بۇۋېي ئۆزىمۇ ناھايىتى مەرد، قولى ئوچۇق، مېھماندوست، ئولتۇرسا-قوپسا باشقىلارنىلا ئويلايدىغان، كەسكىن-كەسكىن ئىش قىلىدىغان، سىياسەتتە ھەل بولماي قالغان ئىشلارنى مەي-شاراب شىرەسىدە خۇشال-خورام ئولتۇرۇپ قايىل قىلارلىق شىرىن سۆزلىرى بىلەنلا ھەل قىلىۋېتىدىغان ئادەم ئىدى. مانا شۇنىڭ تەسىرىدە ئەمەلدارلار، بەگ-تۆرىلەرنىڭ سۈر-ھەيۋىسى بوشىشىپ، بارغانسېرى بۇرادەرلىشىشكە بېرىلىپ، ئىرپانبەگنى تېخىمۇ ئۆز كۆرىدىغان بولۇشتى، ھەممىلا ئادەم ئىرپانبەگ قەسىرىدە ئېسىل نازۇ-نېمەتلەردىن ھوزۇرلىنىپ مەي-شاراب ئىچىشكەچ ئىش ھەل قىلىشنى شەرەپ بىلىدىغان بولۇشۇپ كېتىشتى.

    بۇ قېتىمقى يېڭى سەلتەنەتنىڭ بەگلىك مەجلىسى ئوردا ۋەزىيىتىدىكى يېڭىلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلارنىڭ شيەنياڭغا جەم بولۇپ قىلىدىغان ھەممىدىن مۇھىم ئىشى باش ۋەزىر ئىرپانبەگ ھەزرەتنى زىيارەت قىلىپ يوقلاش ئىدى. لاۋ ئەي توپىلىڭىدىن كېيىن يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلار جانابىي ئىرپانبەگنىڭ خەقلەرنىڭ تۆھمەت-بۆھتانىغا ئۇچرىغانلىقىنى، يەنە تېخى چىنچۈەن ۋادىسى ئاسمىنىدا ئۇدا قىزغۇچ تۇمان كۆرۈلگەنلىكىدەك غەلىتە ھاۋارايى ھادىسىسى پەيدا بولغانلىقىنى ئاڭلاپ زىيادە خاۋاتىرلەنگەن كۆڭلىنى راست-يالغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىپ ئەمىن تاپقۇزماقچى بولۇشقان ئىدى. تۈرلۈك-تۈمەن مىش-مىشلەردىن ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى غەشلىككە تولۇپ گاڭگىراپ قېلىشتى، يەنە ياش چىن بېگىنىڭ مەردۇ-مەردانىلىكتە، ئىنسانىي پەزىلەتتە ۋە ئىلىم-ئېرپاندا نامۇ-شۆھرىتى، شانۇ-شەۋكىتى پۈتكۈل ئىقلىمغا پۇر كەتكەن ئىرپانبەگنى كۆزدىن يوقاتماق بولغانلىقىغا زىنھار ئىشەنگۈسى كەلمىدى، ئىرپانبەگ قىيامەت قىسمەتلىرىدە قالغان پەيتتە ئۇنىڭغا تەسەللىي ئېيتىپ ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە ئالدىراشتى. ئوردىدىكى ۋەزىرلەر گەرچە لۈ بۇۋېينىڭ ئالىي ھوقۇق-ھەكەم ساھىبى بولۇشىدىن قالىدىغانلىقىنى سېزىپ يەتكەن بولسىمۇ ئەمما قول ئاستىدىكى يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلىرىنىڭ ھاياجانلىق قايناشلىرىنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنىمۇ ھېس قىلىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن ئازدۇر-كۆپتۇر سوۋغا-سالاملىق تەييارلىشىپ،  سىنچىلىق خۇسۇسىدىن قول ئاستىدىكى يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلارغا ھەمراھ بولۇپ ئىرپانبەگ ھوزۇرىغا سالام-زىيارەتكە كەلدى. تۆت-بەش كۈندىن بېرى لۈ بۇۋېي قەسرىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئات-ھارۋىلارنىڭ قۇيرۇقى ئۆكسۈمىدى، قەسىر دەرۋازىسىنىڭ ئەتراپى بەئەينى بازارنىڭ ئۆزىگە ئايلاندى، قەسىر قورۇسىدىكى بۈككىدە دەرەخ ئاستى، كۆلچەك ئەتراپى، ساراينىڭ ھەممىلا يېرىگە بوش ئورۇن قالماي زىياپەت شىرەلىرى ھازىرلاندى، شىرەدىكى نازۇ-نېمەتلەر ھېلىدىن-ھېلىغا يېڭىلىنىپ، كېچە-كۈندۈز توختىماي يەپ-ئىچىشلەردىن بەگ-سىپاھلارنىڭلا ئەمەس بەلكى ئاشچى-مىزبانلارنىڭمۇ (ساقىيلار) چارچاپ ھال-ماجالى قالمىغانلىقى ئاستانە شيەنياڭنى بىر ئالغان مىسلى كۆرۈلمىگەن مىش-مىشكە ئايلاندى.

       ھېلىھەم ئۇرغۇپ تۇرغان قىرانلىقىدىن، قىران چاغلىرىدىكىدەك ئوخچۇپ تۇرغان مەردانىلىقىدىن قالمىغان ، چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان بولسىمۇ پۈتكۈل ئىقلىمغا داڭقى پۇر كەتكەن لۈ بۇۋېينىڭ تېنى بۇرۇنقىدەكلا تىمەنلىكىدىن قالمىغان ئىدى، شەرھى-نۇتۇقلىرى چاقماقتەك ناتىقلىقىدا جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ، بەگلىك سەلتەنەتى، ئوردا ئىچى-سىرتى، ئىلىم-سىياسەت خۇسۇسىدىكى تەنقىد-باھا، شەرھى-نۇتۇقلىرى شۇنچىلىك جەلبكار، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تۈگۈن-چىگىشلەر ئۇنىڭ شەرھى-نۇتۇقلىرى بىلەن شۇنچىلىك چۈشىنىشلىك، راۋان ھەم مېغىزلىق يېشىلىدۇ. زىياپەتتىكى ئۇلۇغ-كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ-يېيىلىپ، بەھوزۇر يەپ-ئىچىشكەچ قىلىشقان بۇ شىرىن سۆھبەت-مۇلاقاتلاردىن كۆڭلىدىكى غەم-غۇسسىلىرى، خۇپىيانە ئەندىشىلىرى نە-نەلەرگىدۇر غايىب بولدى.

    ــــ ئۈچ ئەۋلاد چىن بەگلىكىگە نائىبلىق قىلغىنىمدىن ھېچبىر ئارمىنىم يوقتۇر!ــــ لۈ بۇۋېينىڭ ھاياجاندىن جاراڭلىغان كۈلكىسىنىڭ ئەكس ساداسى قەسىر ئىچى-سىرتىدا خېلىغىچە ياڭرىدى.

       ــــ چىن بەگلىكىنى تىنچ-ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرگەن ئىرپانبەگ ھەزرەتتىن ۋاز كەچكىدەك كىمكەن ئۆزى! ــــ زىيارەت-تاۋابچىلار دوستانە-ھەمدەملىكى بىلەن خۇشامەتگۇيانە ھەمدۇ-سەنا ئېيتىشىپ جار سېلىشتى. شۇغىنىسى، ئۈچ كۈندىن كېيىنكى بەگلىك مەجلىسىدە ئوردا ئىچى-سىرتىنى دۈم كۆمتۈرۈۋەتكىدەك بىر مەيدان بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ھېچكىمنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمىگەن ئىدى.

        باش قىش كىرگەن كۈنى ئېچىلغان بەگلىك مەجلىسىدە، دورغاب  ۋاڭ ۋەن ئۈچ تۈرلۈك مەجلىس قارالمىسى، يەنى بىرىنچىدىن، دادخاھ ۋەزىر ئالتە مەھكىمىنىڭ بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەينىڭ ئاسىيلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈپ تاماملاش ئەھۋالىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىدىغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، بەگلىك باش تەپتىش ۋەزىرى ئەمەلدارلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى خۇسۇسىدا كەسكىن قارار چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىندىغانلىقى؛ ئۈچىنچىدىن، چىن بەگلىكىنىڭ شەھەر-قەلئە، قەسەبە-قورغانلىرىنىڭ سانغۇنلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى قارار قىلىنىدىغانلىقى خۇسۇسىدىكى قارالمىسىنى جاكارلىدى. بۇ ئۈچ تۈرلۈك قارالما بىر-بىرىدىن مۇھىم تۇرسا، ئەجەبا ئىرپانبەگ زىياپەت داۋامىدا بۇنىڭدىن زەررىچە تىۋىش بېرىپ قويماپتا؟ يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلار بىر مەھەل تېڭىرقاپ قېلىشتى ۋە تۇشمۇ-تۇشتىن نەزەرلىرىنى باش ۋەزىر كۇرسىدا سۈر-ھەيۋىسى بىلەن تەمكىن ئولتۇرغان ئىرپانبەگكە ئاغدۇرۇشتى. لۈ بۇۋېينىڭ تەمكىن-تەبەسسۇملىرى بىلەن ئۆز سالاپىتىنى نامايان قىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلار ئىرپانبەگنىڭ بەگلىك مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتىكى شۇنچىلىك يۈكسەك ئەقىدە-ساداقەتمەنلىكىگە ئىچ-ئىچىدىن، چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇشتى!

       مەجلىس قارالمىلارنى غۇلغۇلا قىلىش باسقۇچىغا كەلگەندە، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان قاپقارا ياغاق يۈزلۈك قېرى دادخاھ ۋەزىرى تۇنجى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بەگ تەختى پەلەمپىيىگە تۇتىشىدىغان يولنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان مەخسۇس مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىدىغان مەلۇمات شىرەسىگە كېلىپ، شىرەگە يېيىپ قويۇلغان كېلەڭسىز ئورىما بامبۇك تارشىغا پۈتۈلگەن مەلۇماتقا مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن ئانچىكىلا قاراپ قويۇپ، بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەينىڭ جىنايىتىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى، ئەركان-مىزاندىكى تەھقىقلىگەن باب-بەلگىلىمە، ئاساسلارنى ھەم جازالانغان بىرمۇنچە ئادەم سانىنى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە سۆزمۇ-سۆز بايان قىلدى. مەجلىس مىزانلىرى تەرتىپىدە رىياسەتچى ئەمەلدار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى ئىشلاردىن مەلۇماتىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئوردا ۋەزىرلىرىنىڭ ئۆزگىچە قاراش-ماراشلىرى بولمىسا ۋەزىرلىرىنىڭ باشقىچە پىكىر-قارىشىم يوق، دەپ جاكارلىشى شەرت ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن بەگ شىرەگە ئۇرۇپ شۇ ئىشنى مۇئەييەنلەشتۈرەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ قارالما تاماملانغان بولاتتى. بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەينىڭ چىن بەگلىكىنى مالىمانچىلىققا سالغانلىقىغا پۈتكۈل بەگلىكتىكى بەگ، ۋەزىر-ۋۇزرا، قازى-قۇززاتلاردىن تارتىپ ئاۋام-رەئىيەتكىچە لەنەتلەر ياغدۇرغان تۇرسا يەنە كىممۇ باشقىچە پىكىر-قاراشتا بولالايتتى؟ قېرى دادخاھ ۋەزىرىنىڭ «مەلۇمات تامام» دېگەن ئەركەك غازنىڭكىدەك غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بېسىلىشى بىلەنلا ئوردا سارىيىدا «ۋەزىرلىرىنىڭ ھېچقانداق ئۆزگىچە پىكىر-قارىشى يوقتۇر!» دېگەن ئەكس سادا ياڭرىدى.

       چىن بېگى يىڭ جېڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە كۆز يۈگرىتىپ چىققاندىن كېيىن شىرەگە «پاق» قىدە بىرنى مۇشتلاپ بولۇپ، ئەمدىلا ئېغىز ئاچاي، دەپ تۇرۇشىغا:

       ــــ ئالىيلىرى، ۋەزىرلىرىنىڭ باشقىچە بىر قارىشىم بار، بايان قىلىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا! ــــ دېگەن جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن تەڭ بىرى ئورنىدىن چاپچىپ تۇردى.

       ــــ كىمنىڭ باشقىچە قارىشى بار؟ــــ دورغاب ۋاڭ ۋەن سورىدى.

       ــــ شيەنياڭ ھاكىمى، قوشۇمچە شيەنياڭ سانغۇنى مېڭ تيەن!ــــ ياش ۋەزىر ئۆز ئەمەل-مەنسەپ، نام-شەرىپىنى مەلۇم قىلدى.

       ــــ مەرھەمەت، قېنى ئەمىسە بايان قىلغايلا!ــــ دېدى رەسمىيەت بويىچە ۋاڭ ۋەن.

       مېڭ تيەن ئوردا باش پۈتۈكچىسىنىڭ باش لىڭشىتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ نامۇ-شەرىپى، ئەمەل-مەنسىپىنى خاتىرىلىۋېلىشقا ئىما قىلىپ قويۇپ تەختكە يۈزلىنىپ، ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن:

       ــــ ۋەزىرلىرى توپىلاڭنى تىنچىتىشقا قاتناشقانمەن ھەم لاۋ ئەينىڭ يۇڭچېڭ قەلئەسىدىكى خۇپىيانە قەسىرى ۋە ئۇنىڭ بىرنەچچە جىنايى پاكىتىنى ئۆز قولۇم بىلەن قولغا چۈشۈرگەنمەن. بۇلارنى قولغا چۈشۈرگەن چاغدا، ۋەزىرلىرى لاۋ ئەينى تۇنجى سوراققا تارتقاندا لاۋ ئەي ئۆزىنىڭ گۇماشتا-چوماقلىرىدىن نەچچە ئون ئادەمنى ئىقرار قىلغان، ئۇنىڭ ئىقرارنامىسىمۇ بىرەر يۈز پارچىدىن ئاشىدۇ. توپىلاڭ بېسىقتۇرۇلغاندا ۋەزىرلىرى بۇ پاكىتلارنى ۋە ئىقرارنامىنى بىرمۇ-بىر دادخاھ ۋەزىرىنىڭ ئەركان-مىزان بويىچە تەھقىقلىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدىم. بۈگۈنكى مەجلىستە مەزكۇر دېلونىڭ تاماملانغانلىقى جاكارلانغاندا ۋەزىرلىرى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن پاكىتلار ۋە توپىلاڭغا چېتىشلىق جىنايەتكارلار خۇسۇسىدا لام دېيىلمىدى. كەمىنە مېڭ تيەن دادخاھ ۋەزىرى مالال كۆرمىسە سوراپ باقسام: چىن بەگلىكىدە بەگلىك ئەركان-مىزانىدىن ئۆزگە ئەركان-مىزان بارمىكىن؟

       ــــ بەگلىك ئەركان-مىزانى يېگانىدۇرلەر!ــــ دېدى تەلەتىدىن مۇز يېغىپ تۇرغان قېرى دادخاھ ۋەزىرى.

       ــــ بىلمىدىم، ئەركان-مىزان يېگانە بولغان ئىكەن، توپىلاڭغا چېتىشلىق جىنايەتكارلار نېمىشقا تىلغا ئېلىنمىدىكىن؟

       ــــ بۇ ئىش زىيادە مۇھىم-نازۇك يەرلەرگە بېرىپ تاقالغانلىق خۇسۇسىدىن دادگاھىمىزدىكى ئالتە مەھكىمە باشقىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ چىن بېگىنىڭ شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە قارار چىقىرىشىغا يوللىماق بولدىلەر!

       ــــ ئالتە مەھكىمە مەلۇماتىنى بېگىمىزگە يوللاپ بولدىمىكىن؟

       ــــ تېخى يولانمىدى!

       ــــ ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن-دە! ۋەزىرلىرى ئالىيلىرىدىن ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىجا قىلىمەن،ــــ مېڭ تيەن زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكىنىدىن ناھايىتى سۈرلۈك ھەم جىددىي قىياپەتتە بەگ تەختى تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئېگىلىپ تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، سۇخەندازلىقىنى داۋام قىلدى،ــــ جاۋشياڭۋاڭ تىكلىگەن بەگلىك ئەركان-مىزانىنى ھېمايە قىلىش ئابىدىسىدە «ئەركان-مىزاندا بەگ-تۆرىلەرگە خۇشامەتگۇيلۇق قىلىنماسلىق، بەگ-تۆرىلەر ئەركان-مىزاننى دەپسەندە قىلماسلىق  لازىم» دېيىلگەن. ۋەزىرلىرى بەگلىك مەجلىسىدە توپىلاڭغا چېتىشلىق جىنايەتكارلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا سۈرۈشتۈرۈلۈشىنى ئىلتىجا قىلىمەن!

    ــــ شيەنياڭ سانغۇنىنىڭ باشقىچە قاراشلىرى خۇسۇسىدا ئالىيلىرى ئۆزى قارار قىلغاي! ــــ دېدى قېرى دادخاھ ۋەزىرى بېشى يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ.

    يىڭ جېڭ سوغۇق كۈلۈپ قويدى ۋە:

    ــــ لاۋ ئەي توپىلىڭى بەگ ئانىغا تاقىلىدىغان نازۇك بىر ئىش بولسىمۇ، پەقىرنىڭ يۈز خاتىرە قىلىشقا ھەددىم يوقتۇر. بەگلىكىمىزدە بەگ ئانا قەدىر-قىممىتىدىدىن ئارتۇق ھېچنەرسە بولمىغان تەقدىردىمۇ، مۇشۇنداق ئىش بولغىنىكەن، شيەنياڭ ھاكىمى مېڭ تيەننىڭ ئىلتىجاسىغا ئىجازەت! دادخاھ ۋەزىرى دېلو ئەھۋالى ۋە پاكىت-ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىسۇنلار!

    ــــ ۋەزىرلىرى پەرمانبەردارمەن!ــــ قېرى دادخاھ ۋەزىرنىڭ قىلىچنى بىلەيگە سۈركىگەندەك «جارت-جۇرت» قىلىپ چىقىدىغان يېقىمسىز ئاۋازى ئوردا سارىيىنى بىر ئالدى، ــــ توپىلاڭنى تىنچىتىشتا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن خەت-چەك قاتارلىق ماددىي ئىسپاتلار جەمئىي 363 پارچە، دەسلەپكى سوراقتا ئېلىنغان ئىقرارنامە 31 ئورام. بارلىق ئىسپات-ئىقرارنامىلەردىن تولۇقى بىلەن مەلۇمكى، ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي لاۋ ئەي دېلوسىغا ئەڭ چوڭقۇر پاتقاندۇرلەر. ۋەزىرلىرى دادگاھىمىزدىكى ئالتە مەھكىمە تەھقىقلەپ بېكىتكەن پاكىت-ئىقرارنامىلەرنى بىر-بىرلەپ مەلۇم قىلىپ، ئوردا مەجلىسىنىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنىمەن!

    ساراي شۇ ھامان قورقۇنچلۇق سۈكۈت تىمتاسلىقىغا چۆمدى، قىلىچ بىلىگەندەك يېقىمسىز ئاۋاز ساراينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن تارقاپ ھېچ بېسىقىدىغاندەك ئەمەس، قېرى دادخاھ ۋەزىرى توپىلاڭنىڭ سەۋەب-نەتىجىلىرىنى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە بىر-بىرلەپ سۆزلىدى. لۈ بۇۋېينىڭ خەندەندە باشۇلۇق تۇل خوتۇن چىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ لاۋ ئەينىڭ لۈ بۇۋېي قەسرىگە تېجىمەللىككە كىرىشىگىچە، ئاندىن لۈ بۇۋېينىڭ ئايال غوجىدار مو خۇنى خۇپىيانە ھالدا ساختا ئاغۋات لاۋ ئەينىڭ ئورنىغا كىرگۈزگەنلىكىھەم يوشۇرۇنچە ئۇنى لياڭشەنگە ئاپىرىۋەتكەنلىكىنى بىرنى قويماي، ئېقىتماي-تېمىتماي ئەزۋەيلەپ چىقتى. پۈتكۈل باياندا لۈ بۇۋېينىڭ بەگ ئانا بىلەن ئاشنادارچىلىق قىلغانلىقى ھەم ساختا ئاغۋات كىرگۈزگەنلىكىگە ئىسپات-گۇۋاھ كۆرسەتمەي سۆزلىگەندىن باشقا ھەممىگە تولۇق ئىسپات كۆرسىتىپ بىرەر ئاش پىشىمدىن كۆپرەك ئەزۋەيلىدى.

    ئوردا سارىيىنىڭ ئىچى بەجايىكى قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغىنىپ ئەسلىگە كېلەلمەيۋاتقان ئادەم قورقۇنچتىن جىمىپ كەتكەندەك تىمتاسلىققا چۆمدى، يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلار يۈرەكلىرى سەكرەپ چىقىپ كېتىدىغاندەك قورققىنىدىن نەپەسلىرى سىقىلدى. ئادەمنىڭ لەنەت-نەپرىتىنى قوزغايدىغان شۇنچىلىك پەسكەشلىكلەرنى قىلغان ئادەم دەل مۇشۇ ئىرپانبەگمىدۇ؟ ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئادەم زاتىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالىدىغان ئىش ئىكەن! چىن بەگلىكىدە، پۈتكۈل ئىقلىمدا لاۋ ئەينىڭ سېسىق نامى پۇر كەتتى. ئەمما چىن بەگلىكىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد بېگىگە نائىبلىق قىلغان، نامۇ-شەرىپى، شانۇ-شەۋكىتى ئالەمگە تارقالغان بىر دانىشمەن ۋەزىرنىڭ مۇشۇنچىۋالا دەرىجىدە سولامچى ئىكەنلىكى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلگەن؟ قېرى دادخاھ ۋەزىرىنىڭ قىلىچ بىلىگەندەك يېقىمسىز ئاۋازىغا ئەگىشىپ پۈتكۈل ئوردا ئەھلىنىڭ نەزىرى بىردەم ھەيۋەت-ھەشەمىتى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان باش ۋەزىرلىك ئورنىدا ئولتۇرغان لۈ بۇۋېيغا تىكىلسە، بىردەم ھەيۋەتلىك، ئېگىز تەختتە ئولتۇرغان چىن بېگى يىڭ جېڭغا تىكىلەتتى.

     ــــ ئىرپانبەگدىن شۇنى سوراپ باقاي: دادخاھ ۋەزىرىنىڭ بايانى ئەمەلىيەتتۇ؟ــــ مېڭ تيەن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ئەزۋەيلىدى.

    چىرايى تامدەك تاتارغان لۈ بۇۋېي تولىمۇ تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ، چىن بېگىگە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى، ئاندىن ئوردىدىكى بارلىق ۋەزىرلەرگە يەنە شۇنداق ئېگىلىپ بىر تەزىم قىلىۋېتىپ ھېچنېمە دېمەستىن ئوردا سارىيىدىن چىقىپ كەتتى، تاكى ئۇنىڭ تىكەندەك يالغۇز-يېگانە گەۋدىسى ئوردا سارىيىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ۋەزىرلەر قاباھەتلىك چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تىمتاس سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ قېلىشتى.

    باش قىش مەزگىلىدە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندىچىلىككە سالغان دۇمباق ئاخىر يېرىلىپ، ئۆپكە كۆرۈندى.

    چىن بېگىنىڭ ئاۋام-رەئىيەتكە چۈشۈرگەن نەچچە جۈملىلا يارلىقىدا: «بەگلىكىمىزنىڭ چارپانساتلىقباش ۋەزىرى ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي لاۋ ئەي توپىلىڭىغا چېتىلىپ قېلىپ ھەم بەگلىك ئەركان-مىزانىغا خىلابلىق قىلدى ھەم ۋەزىرلىك ئەخلاقىدىن يۈز ئۆرۈدى، ئاقىۋەتتە چىن بەگلىكىنى ئارا-نومۇسلۇق ئاھانەتكە قويدى. بەگلىك مەجلىسى ئاشكارا قاراپ چىقىش ئارقىلىق لۈ بۇۋېينىڭ باش ۋەزىرلىك مەنسىپىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىرپانبەگلىك تۆرىلىكىدە قالدۇرۇپ، لوياڭدىن سۇيۇرغاللىق بېرىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇدى. يارلىق يەتكۈزۈلگەن ھامان لۈ بۇۋېينىڭ ئاستانە شيەنياڭدا ھەپتە-ئون كۈنلەر تۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىلىدۇ، ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىپ بولۇپ دەرھال ئاستانىدىن ئايرىلسۇن!»دېيىلدى. بەگ يارلىقىدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» تىلغا ئېلىنمايلا قالماستىن بەگلىكنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوردا سارىيىدىكى مۇنازىرە-تالاشلار توغرىلىق ھېچنەرسە دېيىلمىدى.

    باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە يارلىقنى ياش دورغاب ۋاڭ ۋەن ئېلىپ كەلگەن ئىدى. دورغاب يارلىقنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئېغىر ھەسرەت-نادامەتتە قۇرۇق-قاقشال دەرەخكىلا ئوخشاپ قالغان لۈ بۇۋېيغا قاراپ ئۇزاققىچە لام-جىم دېمەي تۇرۇپ كەتتى، ھەرنە دېگەن بىلەن زامانىسىدە ئۆزىنىڭ بېشىنى سىيلاپ تېجىمەللىككە ئېلىپ، ھىممەت-مۇشفىق كۆرسىتىپ بەگلىكتىن مەنسەپ بەرگەن بۇ خوجىسىغا قاراپ:

    ــــ ئىرپانبېگىم، ناۋادا باھارغىچە تۇرۇپ ئاندىن ماڭماقچى بولسىلا، پەقىر چىن بېگىگە ئىلتىجا قىلىپ سىناپ باقاي!ــــ دېدى پەس ئاۋازدا.

    لۈ بۇۋېي بېشىنى چايقاپ بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ قويدى ۋە:

    ــــ بىھاجەت! ئۈچ كۈن ئىچىدە پەقىر شيەنياڭدىن كېتىمەن،ــــ دېدى.

    ــــ لى سى جىڭخېدىكى قۇرۇلۇش ئورنىغا كەتتى. جېڭ گو شيەنياڭغا كېلىپ ئىرپانبېگىمنى يوقلىماقچى بولغان ئىدى، ئالىيلىرى ئۇنى توسۇپ قويدى!ــــ دېدى ۋاڭ ۋەن يەنە پەس ئاۋازدا.

       لۈ بۇۋېينىڭ كۆزلىرىدىن ۋاللىدە ئۇچقۇن چاقناپ كەتتى ۋە ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ:

       ــــ دورغاب، جېڭ گوغا يەتكۈزۈپ قويغايلا، باشقا ئوي-خىيالدا بولۇپ يۈرمىگەي، زېھنىنى يىغىپ چىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ گۇناھىنى تۆھپىگە ئايلاندۇرغاي!ــــ دېدى بوشقىنە ئاۋازدا.

       ــــ بۇ... بۇ... بۇقانداق گەپكىن؟ــــ ۋاڭ ۋەن سەل تەمتىرەپ قالدى.

       ــــ نېمە دېگەن بولسام شۇنى يەتكۈزگەيلا! گېپىم تۈگىدى، پەقىرمۇ كەتتىم ئەمىسە!ــــ لۈ بۇۋېي گېپىنى تۈگىتىپ بامبۇك ھاسىسىنى ئالدى، ئاستا قەدەملىرى بىلەن قىزىل يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ ھەممىلا يەرنى بىر ئالغان توغراقلىققا كىرىپ كەتكىنىچە قايتىپ چىقمىدى. ۋاڭ ۋەن لۈ بۇۋېينىڭ غايىب بولۇۋاتقان گەۋدىسىگە ئۇزاقتىن-ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئىززەت-ئېكرام بىلەن ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، ئالدىراپ ھارۋىسىغا چىقىپ يولىغا  راۋان بولدى.

       قاراڭغۇ چۈشكەندە، لۈ بۇۋېي قالدى-قاتتى ئىشلارنى ئاددىيلا بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشتى.

       لۈ بۇۋېي ئىشلارنى ئالدىن ئىدىتلىق جۆندەپ بولغان ئىدى. ئۆز قولى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىكلا ئىشلاردىن پەقەت ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلا ئىش يەنى يېنىدا قالغان تېجىمەللىرىنى تۈزۈكرەك يولغا سېلىپ قويۇشلا قالغان ئىدى. مېڭ تيەن تۆۋەن قوۋۇقتا شاڭ تۆرىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىگەندىن كېيىن تېجىمەللەر مەرىپەت سارىيىدىن ئارقا-ئارقىدىن كېتىشتى. بىرەر ئايغىچە ئۈچ مىڭ تېجىمەل كېتىپ قەسىر چۆلدەرەپ قالدى. يېغىلىق دەۋرىدە تالىب ۋە تېجىمەل-قوناق قوبۇل قىلىپ بېقىش ئادەتكە ئايلانغانىدى، كۈن چىقىشتىكى بەگلىكلەردە ھەتتا تېجىمەل-قوناقلارنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى بەخت-تەلەينىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.  بەگلىك سەلتەنەتلىرى بوران-چاپقۇنغا ئۇچراش ھارپىسىدا تېجىمەل-قوناقلار غىپپىدە تىكىۋېتەتتى-دە، تەخت قولدىن كېتىپ بەگ-تۆرىلەر ئەمەل-مەنسەب، خانۇ-مانىدىن مەھرۇم قالغان چاغلىرىدا  تېجىمەللەر سارىيى چۆلدەرەپ قالاتتى. كۈن چىقىشتىكى بەگلىكلەر تىنچىپ تاجۇ-تەخت ئەسلىگە كەلگەندە تېجىمەل-قوناقلار خۇددى پەسىل قۇشلىرىدەك يۈزىنى داپتەك قىلىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن قايتىپ كېلىشەتتى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك خىجىلمۇ بولۇشماي كېلىۋېرىشەتتى. تالىب ۋە تېجىمەل-قوناقنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان ۋە قاتتىق تەربىيىلىگەن زات چى بەگلىكىنىڭ ۋەزىرى مېڭ چاڭ تۆرە بولۇپ، تېجىمەل-قوناقلىرىنىڭ گاھ  كۆپىيىپ، گاھ ئازلاپ كېتىشىدىن تولىمۇ خاپا بولغان، ھەتتا قېچىپ كېتىپ يەنە قايتىپ كەلگەنلەرنى «يۈزىگە تۈكۈرۈپ قاتتىق ئەدىبىنى بېرىش كېرەك!» دەپ ۋارقىراپ كەتكەن، جاۋ بەگلىكىنىڭ مەشھۇر سانغۇنى ليەن پو تېجىمەللەرنىڭ كېلىپ- كېتىپ تۇرۇشىدىن تېخىمۇ غەزەبلەنگەن، ئۇ ئاخىر چىدىماي «بولدى كېتىڭلار، ۋاي داد! ئەمدى تېجىمەل باقمايمەن!» دەپ داد-پەرياد كۆتۈرگەن.

    بۇ ئىككى تۆرە-سانغۇنغا پۈتكۈل ئىقلىمدا ئاز ئۇچرايدىغان ئىككى تېجىمەل تازا كېلىشتۈرۈپ جايىدا جاۋاب بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايە كەڭ تارقالغان.

    بىرى باشتىن-ئاخىر مېڭ چاڭ تۆرىگە ئەقىدە قىلىپ ئەگەشكەن جاھان كەزدى پەھلىۋان تېجىمەل فېڭ، يەنە بىرى سانغۇن ليەن پونىڭ نام-ئاتاقسىز قېرى تېجىمەلى ئىدى. فېڭ تېجىمەلمېڭ چاڭ تۆرىگە پەند-نەسىھەت قىلىپ، يېلىنىپ: «پەقىر قىلغۇلۇقنى قىلدىم، بۇ ئىش شۇنداق بولۇپ قالدى، تۆرەم بۇنى بىلىدىلىغۇ؟» دەپ سورىغان ئىكەن، مېڭ چاڭ تۆرە قۇپ-قۇرۇق چۆلدەرەپ قالغان قەسىر قورۇسىغا قاراپ بېقىپ ئاچچىقتىن كېسىلىپ بوزىرىپ كەتكەن ۋە «مەن ھاماقەت، مەن دۆت تۇرسام؟ نېمە دېگىنىڭنى بىلەلمىدىم!» دېگەن ئىكەن قېيداپ، فېڭ تېجىمەل «ياڭاق چاققاندا دوست ئىدۇق، پادا باققاندا ئايرىلدۇق، دېمەككىم، باي-باياشاد چاغلىرىدا تېجىمەل كۆپىيىدىغان گەپ، قاقسەنەم بولغانلىرىدا تېجىمەللەرمۇ پېشىنى قېقىپ يولىغا راۋان بولىشىدۇ، جاھاننىڭ ئىشى مانا شۇنداقتۇر. ئالايلۇق، شەھەرلىكلەر دېگەن ھۆپىگەر خەق، قاق پودا سېپىل قوۋۇقىدىن قىستىلىشىپ كىرىپ بازار تالىشىدۇ، ئەتىگەنلىك بازارغا ھەممە ئادەم ئالدىرىشىدۇ، كەچلىك بازاردىن ھېچ مەنپەئەت ئالالمايدۇ. تۆرەم بۈگۈن خانۇ-مانىدىن مەھرۇم قالغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ھېچكىم قاراپمۇ قويۇشمايدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن ئاغرىنىش ئورۇنسىزدۇر» دېگەندە، مېڭ چاڭ تۆرە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ تىنچلىنىپ، ئىلگىرى ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەن تېجىمەل-قوناقلىرىنى قوبۇل قىلغان ئىكەن.

       ليەن پونىڭ ھېلىقى نام-ئاتىقى يوق قېرى تېجىمەلىنىڭ مەسخىرە ئارىلاش خۇرسىنىپ قىلغان پاساھەتلىك سۆزلىرىگە ھېلىھەم بارىكاللا ئېيتىلىپ كېلىنمەكتە. قېرىلىق يەتكەن ليەن پونىڭ غەزەبتىن بوزىرىپ-تاتىرىپ نەپىسى سىقىلىپ قالغان چاغدا، قېرى تېجىمەل شىرەگە «توك»كىدە بىرنى مۇشتلاپ: «پاھ! تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن، دېگەندەكلا گەپ قىلىدىلىغۇ تۆرەم؟ پەقىر بۇ ئۆمرۈمدە ھۆپىگەرلەردەك ياشاپ كەلگەنمەن، تۆرەمنىڭ قول ئىلكىدە مەنسەب-نەسەبى بارىدا تۆرەمگە ئەگىشىمەن، تۆرەم قاقسەنەم بولغاندا پېشىمنى قېقىپ كېتىمەن. بۇ دېگەن ئەزەلدىنلا بار ئادەت، نېمىگە شۇنچە چېچىلىدىلا؟» دېگەن ئىكەن. بۇ، زامانىمىزنىڭ  تىلى بىلەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ جانلىق سۆزدۇر: «پاھ، سەن ئەمدى بىلىپسەن-دە! ھازىر دېگەن تاۋار جەمئىيىتى، بىكارغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدۇ، ھوقۇقۇڭ بار چاغدا ساڭا ئەگەشكىنىم ئەگەشكەن، ھوقۇقۇڭدىن قالغاندا مەنمۇ ئۆز يولۇمغا ماڭىمەن. بۇ دېگەن ھەممىگە چۈشىنىشلىك قائىدە، نېمىگە شۇنچە ئاچچىقلايسەن؟»مانا شۇنداق ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن ئېيتىلغان گەپتىن ھەيران قالغان ليەن پونىڭ ئاچچىقى يانغان ئىكەن.

       لۈ بۇۋېي كاتتا سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، تالاي يىللاردىن بۇيان ئىلكىدە ھوقۇق-ئىمتىياز تۇتقان ئادەم بولغاچقا، يېغىلىق بەگلىكلىرىدىكى موللا-دانىش، تېجىمەل-قوناقلارنىڭ «ھۆپىگەر»لىكىگە تۇتقان مۇئامىلىسى مېڭ چاڭ تۆرە بىلەن ليەن پو سانغۇننىڭكىگە زادىلا ئوخشىمايتتى، تېجىمەل-قوناقلارنىڭ كېلىپ-كېتىپ تۇرۇشىغا «ئاھ-پاھ» دەپ ۋايساپمۇ كەتمەيتتى. لۈ بۇۋېي ئەزەلدىن ھەققانىيەت ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى، مانا بۇ ھەقىقەت، خۇددى بۇغداي بىلەن ساماننى شامال ئايرىغانغا ئوخشاش ھەقىقەتلا ئالتۇن بىلەن تاشنى ئايرىيدۇ، دەپ قارايتتى. ئەينى يىللاردىكى يۈز نەچچە چەۋەندازنىڭ ھەممىسى لۈ بۇۋېي بىلەن زىچۇنىڭ جاۋ بەگلىكىدىن تىنچ-ئامان ئايرىلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش مەيدانىدا جان تەسەددۇق قىلىشى موللا-دانىش، تېجىمەل-قوناق بېقىش بىلەن پەخرىلىنىدىغان جاۋ بەگلىكىنىڭ بەگ جەمەتى ۋەزىرى، سەھرا تۆرىسى جاۋ شېڭنى ھەيرەتتە قالدۇرغان ئىدى. مانا مۇشۇ ئىشتىن يەنە كىممۇ موللا-دانىش، تېجىمەل-قوناقنى چاھار بازارچىلىق قىلىپ جان باقىدىغان «ھۆپىگەر»لەر دېيەلەيدۇ؟ ئورماندا قۇشلار كۆپەيسە قاغا-قۇزغۇنلارمۇ ئارىلىشىپ قالىدۇ، ئەمەل-مەنسەب، مال-دۇنيانىڭ قولدىن كېتىشى ئۇنچىلىك ھەيران قالىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، ئەمەل-مەنسەپ، مال-دۇنيا كۆزلەپ تېجىمەل-قوناق بولىۋالىدىغان شۇ ئىككى توك-توك چاكىنىلارنى دەپ پۈتكۈل ئىقلىمدىكى دۇرۇست نىيەتلىك موللا-دانىش، قوناق-تېجىمەللەرگە ئاھانەت قىلساڭ بۇ دۇنيادا قانداقمۇ مەرد ئوغلان تاپقىلى بولسۇن؟ شۇنداق بولغان ئىكەن، لۈ بۇۋېي ئەپۇ قىلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ نەچچە مىڭ تېجىمەلى بىراقلا كېتىپ ئاران بىر-ئىككىسى قالغان بولسا، شۈبھىسىزكى بۇمۇ ئۆزىنىڭ كۈن چىقىش ئىقلىم بەگلىكلىرىدىكى تۆرىلەرنىڭ تېجىمەل-قوناق بېقىشى بىلەن پەرقسىز ياكى ئەخلاق-ئەردەمدىكى يېتەرسىزلىكىدىن بولغان بولىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، لۈ بۇۋېي يېغىلىق بەگلىكلىرىدىكى تۆت كاتتا تۆرىنىڭ موللا-دانىش، تېجىمەل-قوناق بېقىشىنىڭ چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى يەنى كۈچەيگەندە كېڭىيىدىغانلىقىنى، باشقا كۈن چۈشۈپ قىيامەت قىسمەتلىرىگە  يولۇققاندا بەرداشلىق بېرەلمەي قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ نېگىزىنىڭ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەردىكى مەشھۇر تۆت تۆرىنىڭ ئەخلاق-ئەردەمنى ئەمەس بەلكى ھوقۇق-ئىمتىيازى، مال-دۇنياسىنى پەش قىلىشقا ئىنتىلىپ تېجىمەلگۇيلۇق قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ چىن بەگلىكى ئەركان-مىزانىغا تولىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەمما لۈ بۇۋېي ئۇنداق ئەمەس ئىدى، بۇ ئۆمرىدە بىللە جاھاندارچىلىق قىلىشقان موللا-دانىش، قوناق-تېجىمەللىرى ھەددى-ھېسابسىز، ئەمما كېتىپ قايتىپ كەلگەنلىرى يوق دېيەرلىك.

       لۈ بۇۋېي ئۆزىنىڭ جىنايىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ مەنسىبىدىن ئېلىپ تاشلانغان تەقدىردىمۇ تېجىمەللىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىغا زىنھار ئىشەنمەيتتى.

       «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا لۈ بۇۋېي ئەڭ ئاخىرقى تەدبىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا كىرىشتى، خۇپىيانە ھالدا شەخسەن ئۆزى ئۇزىتىپ قويۇش زۆرۈر بولغان تېجىمەللىرىگە ئۈچ مەزەلىكتىن كاتتا سوۋغاتلىق تەييارلىدى. ھەر بىر سوۋغاتلىقتا بىر ساندۇق نەفس ئويۇلغان «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»، يۈز سەر ئالتۇندىن نەفس ئىشلەنگەن بىر تال كەمەر، بىر تال چۇغاي تاغلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن غۇز ئارغىمىقىدىن ئىبارەت ئۈچ نەرسە كەم بولمىدى. قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق لۈ بۇۋېي ئۈچ مەزەلىك سوۋغاتتىن يۈز كىشىلىك تەييارلىدى. ئۇ ئاز دېگەندىمۇ يۈز تېجىمەلنىڭ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. سوۋغاتلىق تەييارلايدىغان چاغدا ئايال باش غوجىدار مو خۇ ئوتتۇز كىشىلىك بولسا يېتەرلىك، بۇيەردە  قالغىدەك نەدىمۇ يۈز ئادەم بولسۇن؟ دېگەن ئىدى. كۈن پېتىش قوۋۇقتىكى قېرى غوجىدار كۆپ بولغاندا ئەللىك-ئاتمىش كىشىلىك بولسا يېتەرلىك، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە بىھۇدە ئاۋارىچىلىق، دېگەن ئىدى. لۈ بۇۋېي يۈز كىشىلىك تەييارلاشتا جاھىللىق بىلەن قەتئىي چىڭ تۇردى ۋە «ناۋادا بۇ دۇنيا ھۆپىگەرلەر بىلەن تولۇپ كېتىدىغان بولسا ئادەملەردە ئىنساب قالمىغان بولىدۇ!» دېدى. لۈ بۇۋېي ھېلىقى كۈنى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى سۆككەن بەگلىك مەجلىسىدىن چىقىپ كېتىپ، ھەممىدىن كۆڭلى سوۋۇغان ھالدا قەسىرگە قايتماستىن ئېغىر قەدەملىرى بىلەن ئۇدۇل مەرىپەت سارىيىغا باردى، ئاندىن دانىشمەنلەر ئىستىقامەتخانىسىغا باردى. كەچتە شورپا قاينىغاندا ئۇ شەخسەن ئۆزى تاڭلىيىنى چاكىلدىتىپ تۇرۇپ تېتىپ باقماقچى، «ھۆپىگەرلەر» خۇيىنى ئالغان تېجىمەللەرنىڭ ئۆزىگە زادى قانچىلىك بەرھەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى.

       ــــ قانچە شىرەلىك كەچلىك شورپا قايناتتىڭلار؟ــــ دېدى لۈ بۇۋېي ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ كۈلۈمسىرەپ.

       ــــ نەچچە شىرە؟ ئۈچ يۈز شىرە قاينىتىپ بولدۇق، يەنە قانچىلىك ئادەم كەلمەكچىدىكى!

       باشئاشچىنىڭ قېيداشلىرى بېسىقماي تۇرۇپلا لۈ بۇۋېي شىرە يېنىغا كېلىپ يىقىلىپ چۈشتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەنە باشئاشچىنىڭ ئالدىراپ-سالدىراپ كېلىپ يۆلىشى بىلەن كۆزىنى ئاچتى، ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋە قىلماقتا ئىدى. قېرى باشئاشچى ئىنجىقلاپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى. شۇ ئاخشىمى لۈ بۇۋېي دانىشمەنلەر سارىيىدا قېلىپ تۈن نىسبىگىچە ئارقا-ئارقىدىن كېلىشىۋاتقان تېجىمەللەرنىڭ كېچىلىك غىزالىنىشىغا ھەمراھ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بىرەيلەننىڭ كېلىشىگىچە ساقلىدى. ھەممە يەر تىنجىغان تۈن نىسبىدىلا ئاندىن باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە قايتتى. تۈن نىسبىدىن خېلىلا ئاشقان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا باش لاۋازىمغا يەنە ئىككى يۈز ئاتمىش كىشىلىك ئۈچ مەزەلىك سوۋغاتلىق، يەنى غۇز ئارغىمىقى، يۈز سەر ئالتۇنلۇق كەمەر، بىر تاي سىچۈەن كىمخابى تەييارلاشنى تاپىلىدى. ئۇ بۇلارنى تاپىلاپ بولۇپلا مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ بېشىنى چۈمكەپ ئۇيقۇغا كەتتى.

       ــــ ياراتقان ئىگەم ئۇلۇغسەن، ھىممىتىڭگە مىڭ-مىڭ شۈكرى!ــــ دېدى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئويغانغان لۈ بۇۋېي ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ.

       بۈگۈن كېچە قالدى-قاتتى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ لۈ بۇۋېينىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپ خېلىلا يېنىكلەپ قالدى.

       ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ يۈز ئاتمىش ئۈچ تېجىمەلنى شەخسەن ئۆزى قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋېلىپ، ئوخشاشمىغان ئۈچ مەزەلىك سوۋغاتلىقنى ئۆز قولى بىلەن ھەر بىرەيلەننىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندىن كېيىن:

       ــــ ھەرقايسىلىرى پەقىرنىڭ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى تاماملىشىغا ھەمدەمدە بولۇپ ياردەملىرىنى ئاياشمىدىلا، نېمە دەپ ھەشقاللا ئېيتىشىمنى  تىل بىلەن ئىپادىلىيەلمەيۋاتىمەن! پەقىر «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى ئۆز قولۇم بىلەن يولغا قويالمىغىنىمدىن تولىمۇ ئۆكۈنىمەن. بۈگۈن ھەر قايسىلىرىنىڭ بۇ كىتابنى پۈتكۈل ئىقلىمغا تارقىتىپ كېيىنكىلەرگە ھىدايەت يولى كۆرسىتىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇ چاغدىلا پەقىر لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلسەممۇ كۆزۈم يۇمۇلۇپ ئارمانسىز كەتكەن بولاتتىم!ــــ دېدى ئۇھسىنغان ھالدا بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ. تېجىمەللەر ھاياجاندىن ئۆزلىرىنى باسالماي قېلىشتى، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان ئوتتۇز نەچچە تېجىمەل ھەسرەت چېكىپ ئاھ ئۇرۇشتى. تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، ھەربىر تېجىمەل لۈ بۇۋېيغا بېشى يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ تازىم قىلىپ خوشلاشتى، قەدەم ئېلىپ بولۇپ يەنە ئارقىلىرىغا بۇرۇلۇپ:

       ــــ لۈ تۆرەمگە بىرەر پېشكەلچىلىك يەتكىدەك بولسا خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان ئالدىلىرىدا ھازىر بولىمىز!ــــ دەپ خوشلاشتى.

       ئەتىسى قاش قارايغان مەھەلدە، بىر توپ ئاتلىق ھارۋا باش ۋەزىر مەھكىمىسىدىن چىقىپ ئۇزاپ كېتىشتى.

       ئۈچ كۈندىن كېيىن لۈ بۇۋېي لوياڭ شەھىرىنىڭ سىرتىغا  يېتىپ كەلدى. كۈتۈلمىگەندە، ئەركانبەگ سەي زې بىر توپ مېھمانلىرىنى باشلاپ شەھەرگە ئوتتۇز چاقىرىمچە كېلىدىغان يەرگىچە ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. مېھمانلار ئىچىدە كۈن چىقىشتىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئەلچىلىرىمۇ، بۇرۇن تونۇشقان قورۇلنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىدىكى سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى، ھەتتا لۈ بۇۋېينىڭ پۈتكۈل ئىقلىمغا داڭقى كەتكەن نامۇ-شەرىپى، شانۇ-شەۋكىتىنى ئاڭلاپ توپلانغان موللا-تالىپلارمۇ بار ئىدى، ئۇلار لۈ بۇۋېينى ھېماتىغا ئېلىپ دەبدەبە-ئەسئەسە بىلەن لوياڭ ئوردۇبالىقىنىڭ سۇيۇرغاللىق قەسىرىگە ئېلىپ كېلىشتى. چېن شۈەن، مو خۇ، كۈن پېتىش قوۋۇقتىكى قېرى باش غوجىدار قاتارلىقلار خۇشاللىقىدا قىن-قىنىغا پاتماي خېلى بۇرۇنلا ئالتە يۈز نەچچە شىرەلىك كاتتا زىياپەت ھازىرلاپ قويۇشقان ئىدى. لۈ بۇۋېي ئىلاجسىز زىياپەتكە قاتناشتى. 

    زىياپەت ئارىلىقىدا، كۈن چىقىشتىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئەلچىلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن لۈ بۇۋېينى ئۆز بەگلىكلىرىگە بېرىپ باش ۋەزىرلىك قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىشىپ تۇرۇۋېلىشتى. مەي-شارابنىڭ كۈچى بىلەن مېھمانلار چىن بەگلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي مەسخىرە قىلىشىپ « ئەسلى تەگ ئۇرۇقى يات تائىپىلەر پۇشتىدىن بولمىش چىنلىقلار ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە لاۋزىلىشىپ ئۆزلىرىنى مۆتىۋەللىلەردىن ساناپ يۈرۈپتۇ-دە! ئانچىكى بىر ئىشنى جىنايەت ھېسابلىشىپ جىنايەتلىرىنى ئىرپانبەگكە دۆڭگەپ قويۇشقانلىرىنى قارىمامدىغان، شۇنچە كاتتا مەرىپەت ساھىبىنى يەرگە ئۇرغىدەك بولۇشۇپتۇ!» دېيىشتى. ئالتە بەگلىك ئەلچىلىرى خېلىغىچە ھاياجانلىنىپ ئۆز بەگلىكلىرىدىكى باش ۋەزىرلەرنىڭ مەلىكىلەر بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ئاشنادارچىلىقلىرىنى سۆزلىشىپ كېتىشتى، بىرى دېسە بىرى تولۇقلاپ، بەس-بەستە ئىسپات-گۇۋاھلارنى كەلتۈرۈشۈپ، تالاش-تارتىش قىلىشىپ گۈرەن تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈشۈپ، شالىلىرىنى چېچىشىپ قىزىرىشىپمۇ كېتىشتى. لۈ بۇۋېي تولىمۇ بىئارام بولۇپ ئورنىدىن تۇردى ۋە:

       ــــ جانابىي ئەلچىلەر، ئۆز بەگلىكلىرىڭىزلەرنىڭ بەگلىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشقايسىزلەر، كەمىنە لۈ بۇۋېي چىن بەگلىكىدە يىگرىمە نەچچە يىلدىن بېرى باش ۋەزىرلىك قىلىش داۋامىدا چىن بەگلىكىگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ باقمىدىم. بۈگۈن ۋەزىپەمدىن ئېلىپ تاشلىنىپ قايتىپ كېلىپمۇ يەنە داۋاملىق چىن بەگلىكى ئۈچۈن رىجە-تەدبىرلەر تۈزۈپ باش قاتۇرماقچىمەن، زادىلا باشقا بەگلىككە بېرىپ ۋەزىرلىك قىلىش نىيىتىم يوقتۇر. كەمىنىلىرىنىڭ بۇ نىيىتىگە تەڭرىم گۇۋاھدۇر!ــــ دەپ جاۋاب بەردى.

       لۈ بۇۋېينىڭ ئەدەب بىلەن ئۆزرە ئېيتىپ رەت قىلىشى كۈن چىقىشتىكى ئالتە بەگلىك  ئەلچىلىرىنى تولىمۇ تەڭقىسلىقتا قالدۇرغاچقا دەماللىققا گەپ قىلالماي قالدى. شۇنداقتىمۇ ئەركانبەگ سەي زې بىلەن بىرمۇنچە مەشھۇر ئەربابلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە، شاھانە زىياپەت-بەزمىلەر توپ-توغرا ئۈچ كۈن داۋاملاشتى. مېھمانلارمۇ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ- كېتىپ تۇردى، ھەددى-ھېسابسىز سوۋغا-سالاملار بەئەينى كىچىكرەك بىر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى، شۇ تاپتا ئالەمچە شادلىق ئىلكىگە چۆمگەن سەي زېنىڭ ئاغزى يۇمۇلماي نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى...

       ھەش-پەش دېگۈچە قىش كېتىپ باھارمۇ يېتىپ كەلدى، 3-ئايدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۈنلىرىنىڭ بىرىدە چىن بېگىنىڭ يارلىقى لوياڭغا يېتىپ كەلدى.

       چىن بېگىنىڭ خاس مەھرەمبېگى مېڭ ۋۇ يارلىقنى دۇدۇقلاپ-كېكەچلەپ دېگىدەك ئوقۇدى: «چىن بېگىنىڭ يارلىقى: ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ ئالتە بەگلىكنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن قانۇنسىز ئۇچرىشىپ، بۈيۈك چىن بەگلىكىنىڭ ئىناۋەت-ئابرويىغا داغ كەلتۈردىلەر. مەزكۇر تۆرىنىڭ تۆھپىسىگە خېنەندىكى يۈز مىڭ تۈتۈن سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن تۇرۇغلۇق نېمىشقا ئۆزىنى چەتكە ئالمايدۇ؟ ئۇنىڭ چىنغا بولغان ساداقىتى ئۈچۈن پەدەرلىك ئۇنۋانى بېرىلگەن تۇرۇغلۇق نېمىشقا بەگلىكنىڭ ئىناۋەت-ئابرويىنى ئويلاپ قويمايدۇ؟ ئىرپانبەگ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى، مەسلەكداشلىرى دەرھال باشۇغا بېرىپ ماكانلاشسۇنلەر! چىن بەگلىكى سەلتەنەتىنىڭ 11-يىلى، باھار».

       ــــ گېزى كەپتۇ-دە!ــــ لۈ بۇۋېي يېنىك ئۇھسىنىپ قويدى.

       ــــ ئىرپانبېگىم، قا... قاچان يولغا چىقىدىلىكىن؟ ــــ دېدى مېڭ ۋۇ قىينىلىپ كېكەچلەپ.

       ــــ ھەمدەمبەگ، ئازراق تەخر قىلغايلا!ــــ لۈ بۇۋېي بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەتتى.

       خېلى بىر ھازاغىچە ھېچ سادا بولمىدى، ساراينىڭ ئىچى-تېشى شۇنچىلىك تىمتاس ئىدى. ئۇشتۇمتۇت ئىچكىرىدىن غەيرىيلا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، مېڭ ۋۇنىڭ يۈرىكى «قارت» قىلىپ ئاغقاندەك بولدى-دە، ئوقتەك ئېتىلىپ كۇتۇپخانىغا كىردى، كۇتۇپخانىدىكى مەنزىرىدىن مېڭ ۋۇ ياغاچتەك قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، كىتاب شىرەسى ئالدىدا تۇم قىزىل كىمخاب لىباس كىيگەن لۈ بۇۋېي تىك ئولتۇراتتى، ئاقارغان چاچلىرىغا ياراشقان قارا تاج ئۇنىڭ سۈر-سۆلىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى، جاۋغىيىدىن بىر تېمىم قىزغۇچ شۆلگەي ئېقىپ چۈشكەن بولۇپ، چىرايىدىن ئەبەدىي يوقالمايدىغان قىرانلىق سۈلكىتى چىقىپ تۇراتتى...

       مېڭ ۋۇ ئىرپەنبەگنىڭ ئالدىغا كېلىپ بېشى يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ ئۈچ قېتىم تازىم قىلدى-دە، كۇتۇپخانىدىن چىقىپ ئارغىمىقىغا مىنىپ شيەنياڭغا  ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

     

     

     

    ئۈچىنچى، رەزىللىك ئاشكارىلانغاندا ئەركان شەمشىرى بىلەن تۈزەتمەك زۆرۈر بولغانلىقى

       لۈ بۇۋېي ئۆلۈمىنىڭ ئالەمنى مالەم قىلىۋەتكىدەك بوران-چاپقۇنلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى يىڭ جېڭ ئويلاپ يەتمىگەن ئىدى.

       سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسىدىن كەلگەن خۇپىيانە مەلۇماتتا :«ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغايكى: لۈ بۇۋېي تۇيۇقسىز قۇزغۇن ئۆتى تېمىتىلغان ھاراق ئىچىۋېلىپ ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن،  تارقىلىپ كەتكەن تېجىمەل-قوناقلىرى تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ لوياڭغا توپلاندى، ئەينى يىللاردىكى لۈ ھەزرەت سودا سارىيى بىلەن قويۇق ئالاقە-مۇئامىلىلەردە بولغان كاتتا زەردار، باي سودىگەرلەرمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مىيىت ئۇزىتىش باھانىسىدە بۇ يەرگە جەم بولدى،ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشنى بىئەپ كۆرگەن ئالتە بەگلىكنىڭ بەگلىرى ۋە باش ۋەزىرلىرى بولسا خۇپىيلىرى ۋە خۇسۇسىي ئەلچى-مەھرەملىرىنى تەزىيە بىلدۈرۈشكە مەخپىي ئەۋەتىپتۇ! ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، ھالى خارابلىشىپ زاۋالى توشۇپ قالغان ۋېي بەگلىكى ئەرباببېگىنى① ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە گگپ بار. ئۇلار پەۋقۇلئاددە ئەلچى سىياقىدا پۇياڭ قەلئەسىدىكى قارىلىق لىباس كىيگەن يۈزدىن ئارتۇق ئەمەلدارلىرىىنى باشلاپ، ‹ۋەتەن ئىرپانبەگنى دەپنە قىلىدۇ› دېگەن چوڭ خەتلىك تۇغ-ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈشۈپ لوياڭ شەھىرىگە كىرىپ، ۋېي بەگلىكىنىڭ لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدىنى پۇياڭغا ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىدىغانلىقى خۇسۇسىدا ئاشكارا داۋراڭ سالدى! ھەپتە-ئون كۈنلەردىن بۇيان، لۈ بۇۋېينىڭ لوياڭدىكى سۇيۇرغاللىقىدا توپلانغان تېجىمەللىرى نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتتى!»دېيىلدى.

       ئەسلىدە، چىن بېگىنىڭ خاس مەھرىمى مېڭ ۋۇنىڭ لوياڭغا بارغانلىقى خۇسۇسىدىكى ئىشتىن سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى بىخەۋەر ئىدى، يارلىقنى يەتكۈزۈپ بولۇپ ئاندىن ئايماق ۋالىيسىنى يوقلاپ بارارمەن، دەپ ئويلىغان مېڭ ۋۇ لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىنى بىلىپ ئالدى-كەينىگە، ئىككى يېنىغا تارتىشماي كېچىلەپ ئۇدۇللا ئاستانە شيەنياڭغا قايتتى. سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلۈمىدىن تولىمۇ تەساددىپىيلىق ھېس قىلىپ، ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان ئۆزى بىۋاسىتە لۈ بۇۋېي قەسرىگە بېرىپ بۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغىنىنى تەكشۈردى.لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدىنى كۆرگەن سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى چۆچۈپ كەتتى ۋە دەرھال ئايماق كاھبېگى بىلەن ئايماق تەپتىش بېگىنىدوبۇلغا-ساۋۇتلۇق 200 پىيادە چېرىكنى ئىرپانبەگ قەسرى بىلەن ئىرپانبەگنىڭ جەسىدى ساقلانغان قەسىر كۇتۇپخانىسىنى كېچە-كۈندۈز ساقلاشقا تەيىن قىلىپ ئەۋەتىپ، كېچىكتۈرمەي ئاستانە شيەنياڭغا تېز مەلۇمات يوللىدى. سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىدا ۋەزىر ئۆلسە دادخاھ ۋەزىر مەھكىمىسى جەسەدنى تەكشۈرۈپ ئۆلۈم سەۋەبىنى بېكىتىدۇ، ئاندىن چىن بېگى يارلىق چۈشۈرۈپ مىيىت ئۇزىتىش مۇراسىمىنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتكەندىن كېيىنلا يەرلىكىدە قويۇشقا بولىدۇ؛ ئالىي مەرتىۋىدىكى تۆرە-تارخانلار ئۆز سۇيۇرغاللىقىدا ئۆلگەن بولسا، يەرلىك ئەمەلدارلار ئۆلگۈچىنىڭ قەسىرىنى ۋە جەسىدىنى قورۇقدايدۇ ھەمدە ئاستانە شيەنياڭغا ئوردىنىڭ قارار چىقىرىشىغا جىددىي مەلۇمات يوللايدۇ، دېگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن دەرھال شيەنياڭغا مەلۇمات يەكۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى.

       ئايماق ۋالىيسى ئەركان-مىزاندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان پەيتتە، ئەھۋالدا كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر بولغىلى تۇردى.

       قەدىمدىن بۇيان ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن دەپنە مۇراسىمى ئۆلگۈچىنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ دەرىجىسى قانداق بېكىتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى تەرتىپ ئىدى. بۇ تەرتىپ «ئىپتىدا مۇراسىمى»،دېيىلىپ، جەسەت رۇسلاش، ئەرۋاھ چىللاش، جەسەت قويۇش، جەسەت پەردىسى چۈشۈرۈش ئىشلىرى ئورۇندىلاتتى. بۇ تۆت رەسم-يوسۇن تاماملانغاندىن كېيىنلا  ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كىشىنىڭ جان ئۈزگەنلىكى خۇسۇسىدا خەۋەر بېرەتتى، ئاندىن ئۆلگۈچىنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ دەرىجىسى بېكىتىلەتتى. جەسەت رۇسلاشتا ئۆلگۈچىنىڭ جەسىدى قەسىرنىڭ باش تەرىپىدىكى تۆرھۇجرىغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى، بۇ، ئۆلگۈچى ئۆمرى ئاخىرلاشقاندا بولسىمۇ تۆر ھۇجرا راھىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋالسۇن، دېگەنلىك بولاتتى. جەسەت تۆر ھۇجرىغا ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن دەرھال پىرىخۇن تەكلىپ قىلىنىپ تەرتىپ بويىچە ئۆلگۈچىنىڭ ئەرۋاھى چاقىرىلاتتى. پىرىخۇن ئۆلگۈچىنىڭ كىيىمىنى چاڭگاللاپ تۇتۇپ سۆرەپ خانىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى لەمپىسىدىن قەسىرنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقىپ، يۇقىرى تەرەپكە قاراپ: «ھويييي پالانى-پۇستانى، قايتىپ كەلسىلە!» دەپ ئۈچ مەرتە توۋلايتتى، ئاندىن ئۆلگۈچىنىڭ كىيىمىنى قەسىر ئۆگزىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن تاشلايتتى، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەخسۇس تەييارلانغان ياغاچ ساندۇققا چۈشۈرۈۋالاتتى، ئاندىن ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ ئۆلگۈچىنىڭ ئۈستىۋېشىغا يېپىپ قوياتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ روھ-ئەرۋاھى ئۆز تېنىگە قايتىپ كەلگەن بولاتتى. ئەرۋاھ چىللاش تاماملانغاندىن كېيىن ئۆلگۈچىنىڭ جەسىدى جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى، بۇ دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇش جەسەتنى ساندۇققا سېلىشنىڭ تەييارلىقى ئىدى. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ چىشىغا شىنا قېقىلىدۇ، يەنى جەسەد سوۋۇپ قاتقاندا ئاغزى يۇمۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا جان چىققانلىقى بىلىنگەن ھامان مۈڭگۈز قوشۇق ئۆلگۈچىنىڭ چىشلىرى ئارىسىغا تىقىپ ئوچۇقچىلىق قويۇلۇپ، دەپنە مۇراسىمى دەرىجىسى رەسمىي بېكىتىلىپ جەسەد ساندۇقىغا سالغۇچە ئۆلگۈچىنىڭ ئېغىزىغا قاشتېشى چىشلىتىپ قويغىچىلىك چاك قالدۇرۇلىدۇ؛ ئاندىن جەسەد ساندۇقىغا سالىدىغان چاغدا ئۆتۈك كىيگۈزۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن پۇتلىرى جۈپلەپ توختىتىلىدۇ، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ئىككى پۇتى ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن پاكار شىرەگە باسۇرۇلۇپ كەندىر تانىسى بىلەن تۈز قىلىپ مەھكەم باغلاپ قويۇلىدۇ. جەسەد قويۇش تەقلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گۆش، گۆشلۈك قىيما، ئۈزۈم ھارىقىدىن ئاددىي ئىپتىدا نەزىرلىك تەييارلاپ، جەسەدنى ساندۇققا سېلىشتىن بۇرۇن كۆرگىلى كەلگەنلەردىن چىمىلدىق ياكى پەردە ئارقىلىق ئايرىپ، پەردە-چىمىلدىق سىرتىدا مىيىت يوقلاپ كەلگەنلەرگە مىيىتخانىدا (دەسلەپتە دەپنە مۇراسىمى دەرىجىسىنى بېكىتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى مىيىتخانا بىلەن باراۋەر) نەزىر بېرىلىدۇ، مانا بۇ پەردە چۈشۈرۈش شۇنىڭ بىلەن تاماملانغان بولىدۇ. مۇشۇ بىرقاتار تەرتىپلەر تاماملىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئائىلە-جەمەت باشلىقى چاسا سەپ تۈزۈپ تەرەپ-تەرەپكە مۇسىبەت خەۋىرى يەتكۈزىدۇ، مۇشۇ يوسۇندا رەسمىي دەپنە تەرتىپى باشلىنىدۇ.

       ئۇنداق قىلىنمىغاندا مىيىت كۆرگىلى كەلگەنلەر ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆلگۈچىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ئىززەت-ئابرۇيىنى قىلمايدىكەن، دەپ بىلىپ پىتنە-پاساتلار تارقىتىشىدۇ.

       كۈن چىقىشتىكى ھەر تەبىقە-ساھە زاتلىرىنىڭ تۇشمۇ-تۇشتىن لوياڭغا كېلىشى ئەسلىدە مىيىت ئۇزىتىش ئۈچۈنلا ئىدى، يەنى چىن بەگلىكى رىياسەتچىلىكىدىكى دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، لۈ بۇۋېي بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالىشىۋېلىش ئىدى.دەپنە مۇراسىمىغا كەلگەنلەر يول بويى ھەسرەت-نادامەتتە مەرسىيە ئوقۇپ لوياڭغا يېتىپ كېلىشتى، ھازىدارلارغا چۈشكۈن، قارىلىق لىباس، نەزىر، مىيىت ساقلاش قاتارلىق يوسۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىلمىگەننىڭ ئۈستىگە بىرەر مىيىتخانىمۇ تەييارلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاران-ئاران تۇرۇۋاتقان ماتەم قايغۇسى غەزەبكە ئايلاندى. ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىشىۋاتقان ھازىدارلار ئىرپانبەگ قەسرىدە ئۆزئارا تىڭ-تىڭلىشىپ، لۈ بۇۋېينىڭ ئۆز قەسىرىدىكى  كۇتۇپخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى، خانىمى چېن شۈەن بىلەن باش غوجىدارنىڭمۇ بۇ ئالەمدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ قۇزغۇن ئۆتى ئىچىپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لۈ بۇۋېينىڭ يېنىدىلا ئۆلۈۋالغانلىقى، بۇ چاغدا جەسەد مۇزلاپ ئەسلى جايىدىلا تاشلىنىپ قالغانلىقى، ئىپتىدا مۇراسىمىنىڭ بىرەرسىمۇ بەجا كەلتۈرۈلمىگەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇشتى. بۇ خۇسۇستا چىن بەگلىكىنىڭ ئايماق ۋالىيسى مىيىتنى قورۇغداپ ئەركان-مىزان بويىچە تەكشۈرپ، دەپنە مۇراسىمى ھەققىدىكى ئىشلارنى بەگنىڭ قارار قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، دەپلا جاكارلىدى.

       ــــ چىننىڭ بۇ ئەركان-مىزانى ھايۋانلارچە قىلىق!ــــ ھازىدارلار غەزەبتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتىشتى.

       قەدىم-قەدىمدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن يوسۇن بويىچە دەپنە مۇراسىمى بارلىق مۇراسىملاردىن داغدۇغىلىق، ئەستايىدىل ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇراسىم تەرتىپىنى خاھلىغانچە ئۆزگەرتىش، تېجەشلىك قىلىمەن دەپ چۈكىنەم-غورىگۈللەشتۈرۈش قاتتىق مەنئىي قىلىنغان. ئەجدادلار سۆزىدىمۇ كەتكەنلەر ئەزىزدۇر، دېيىلگەن. يەنە شۇنداق ئاتىلار سۆزىمۇ باركى، ئۇنىڭدا «توينى تېجەشلىك قىل، مىيىتنى ھەشەم-دەرەم بىلەن» دېيىلگەن. بابايى-ئەجدادلاردىن قالغان بۇ تەۋەرۈك كالاملاردىنمۇ زامانى ئەۋۋەلدىن تارتىپ مىيىت ئۇزىتىشنىڭ تولىمۇ مۇقەددەسلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ. يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە، دەپنە ئىشلىرىدىكى ئادەت تەرتىپلىرى خېلىلا ئاددىيلىشىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئەقەللىي تەرتىپلىرى ھېلىھەم ئۆزگەرگىنى يوق، كىشىلەرنىڭ دەپنە يوسۇنلىرىدىكى مۇراسىمنى ئەزىز بىلىشى ھېلىھەم بۇرۇنقى يوسۇنلاردىن قىلچە ئۆزگەرمىدى. يېغىلىق زامانىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرقى مەزگىلىگىچە ياشاپ ئىجاد قىلغان بۈيۈك ئۇستاز، ئەدىب، مۇتەپەككۇر شۈن زىنىڭ: «مۇراسىم ـــ تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېھتىيات بىلەن بىر ياقلىق قىلماق، دېمەكتۇر. تۇغۇلۇش ـــ كىشىلىك ھاياتنىڭ باشلىنىشى بولسا، ئۆلۈم كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدۇر. بۇ خىل باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشنى ياخشى بىر ياقلىق قىلغاندا ئادىمىيلىكمۇ تامامى مۇكەممەللىكىنى تاپىدۇ! شۇڭا، ئالىيجانابلار كىشىلىك ھاياتنىڭ باشلىنىشىغا جىددىي-ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىقى  ۋە ئۇنىڭ ئاخىرىغا ئېھتىيات-ئىخلاس بىلەن مۇئامىلە قىلمىقى ۋاجىبتۇر. كىشىلىك  ھاياتنىڭ بۇ خىل باشلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىشىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئالىيجانابلار ئەسلىيەت ئەركانى ۋە مۇراسىمنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇر مىزانىدۇر. ئادەمنىڭ ھايات چېغىنى قەدىرلەپ ئۆلۈمىنىڭ ئېتىبارىنى قىلماسلىق ھايات ئادەمگە سېزىمى بار، دەپ قىلىنغان خۇشامەتگۇيلۇق بولسا ئۆلگەن ئادەمگە سېزىمى يوق، دەپ قىلىنغان پەسەندىلەرچە ھۆرمەتسىزلىكتۇر، بۇ، پەسەندىلەرچە، بىدئەتلەرچە ئەسلىيەت ئەركانىدۇر، شۇنىڭدەك باشقىلارغا بولغان خىيانەتكارانە يۈرەكنىڭ ئەقەللىي ناماياندىسىدۇر. ئالىيجانابلار مانا مۇشۇنداق باشقىلارغا بولغان خۇسۇمەت-خىيانەتكارانە دىلى بىلەن قۇللارغا، بالىلارغا مۇئامىلە قىلماقتىن نومۇس قىلىشى لازىم، شۇنىڭدەك ھەتتا مانا شۇنداق ئىپلاس دىلى بىلەن ئۆزى ئەزىزلىگەن بەگلەر ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئىقتىدا قىلىش تېخىمۇ نومۇسسىزلىقتۇر! يەنە ئالايلۇق: ئۆلۈمنىڭ  بىر قانۇنىيىتى بار، يەنى ھەر بىر ئادەم بىرلا قېتىم ئۆلۈدۇ ھەم بۇ ئۆلۈم زىنھار تەكرارلانمايدۇ، شۇڭا ۋەزىرلەرنىڭ بەگلەرگە بولغان ھۆرمىتى، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان ھۆرمىتى دەل مانا مۇشۇ چاغدا يۈكسەك پەللىگە يەتكەن بولىدۇ. شۇڭا تىرىكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى، ھۆرمەتسىزلىكى قوپاللىقتۇر؛ ئۆلگەنلەرنى ئۇزاتقۇچىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى، ھۆرمەتسىزلىكى پىت كۆزلۈكتۇر. ئالىيجانابلار قوپاللىق بىلەن پىت كۆزلۈكنى كۆزگە ئىلمايدۇ ھەم پىت كۆزلۈكنى نومۇس، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا پەرپۇغنىڭ (ۋەلىئەھدنىڭ) جەسەد ساندۇقى يەتتە قەۋەت، بەگلەرنىڭ بەش قەۋەت، تۆرىلەرنىڭ ئۈچ قەۋەت، دانىشمەن-ئەزىمەتلەرنىڭ ئىككى قەۋەت بولمىقى قائىدىدۇر؛ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەب سالاھىيىتىگە، مەنسەب دەرىجىسىگە لايىق لىباس-يېپىنچىسى جەھەتتىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر، قېلىن-نېپىز سان-سۈپىتى بولمىقى خۇسۇسىدىمۇ ئەسلىيەت مىزانى ھەم باردۇر، ھەممىسىنىڭ جەسەد ساندۇقى يوپۇقلىرى ۋە بۇ يوپۇقلارنىڭ گۈل-نەقىشلىرىدە نەسەب-مەنسەب دەرىجە پەرقلىرىمۇ باردۇر؛ بۇلار بىلەن ئۆلگەنلەرنى ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ بېزەش ئارقىلىق ئۇلارغا ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ، ھاياتنىڭ ئاخىرلاشقان چېغى بىلەن باشلانغان چېغىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، مانا شۇ باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش ـــ قەدىمقى مۇقەددەس بەگلەرنىڭ ئەسلىيەت مىزانىدۇر، شۇنداقلا ساداقەتمەن ۋەزىر بىلەن ۋاپادار پەرزەنتنىڭ ئەڭ ئالىي دەستۇرىدۇر.پەرپۇغنىڭ ئۆلۈمى پۈتكۈل ئىقلىمنى ماتەمگە گىرىپتار قىلىدۇ، ئۇنى تۆرىلەر جەم بولۇپ ئۇزاتماق بار. تۆرىلەرنىڭ ئۆلۈمى دوست بەگلىكلەرنى قايغۇغا سالىدۇ، شۇڭا ۋەزىرلەر جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىق بار. ۋەزىرنىڭ ئۆلۈمى بەگلىك تەسەررۇپىنى ماتەمگە چۆمدۈرۈدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى پازىللارنىڭ جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىقى بار. پازىللارنىڭ ئۆلۈمى بىر يۇرتنى ماتەم تۇمانلىرىغا دۇچار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى دوست-بۇرادەرلىرى جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىق بار. ئاۋام-رەئىيەتنىڭ ئۆلۈمى بولسا مەھەللە-كويلارنى ھازىدار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇرۇغ-تۇغقان، خولۇم-خوشنىلار جامائەت بولۇپ ئۇزاتماقلىق بار. جازاغا تارتىلغان گۇناھكارلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، خولۇم-خوشنىلىرىنىڭ ئۇزىتىشى چەكلەنگەندۇر، پەقەت خوتۇن-بالىلىرىنىڭلا ئۇزىتىشى، جەسەد ساندۇقىنىڭ بىر ئىلىك قېلىنلىقتا بولمىقى، لىباس-يېپىنچىسىنىڭ ئۈچ يۈرۈش بولمىقى خۇسۇسىدا دەستۇر باردۇر، ئۇنداقلارنىڭ جەسەد ساندۇقىغا مەرسىيەلەر پۈتۈش چەكلەنگەندۇر، كۈندۈزى ئۇزىتىشقا بولماستۇر، پەقەت گۇگۇم مەزگىلىدىلا ئۇزاتماقلىق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداقلارنى خوتۇن-بالىلىرى قارىلىق لىباسى كىيمەي ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكلىرى بىلەنلا كۆمۈپ قويۇشلىرى شەرت، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىغلاپ ھازا ئېچىشىغا، قارىلىق لىباسى كىيىشىگە بولماستۇر، ئۇلارنىڭ ئۆلگۈچىنى يەرلىكىگە كۆمۈپ قويۇپلا كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قايتماقلىقى بار، ئۆلگۈچىنى يەرلىكىدە قويۇپ بولۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋەرمىكى شەرتتۇر، مانا بۇ بىر گۇناھكارنىڭ ئۆز جەمەتىگە، خوتۇن-بالىلىرىغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور نومۇستۇر!»دەيدىغان ھەم دەستۇرغا ھەم كۇڭ زى تەلىماتىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ بايانلىرى زامانىسىنىڭ ئورتاق ئادىتى بولغان، ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمى خۇسۇسىدىكى بايانلىرى شۈبھى-گۇمانسىزدۇركى پۈتكۈل ئىقلىمنىڭ ئەنئەنە مۇراسىملىرى ئىچىدىكى دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئەقەللىي قائىدە-تەرتىپىدۇر، ئۇنى ئالا كۆڭۈلسىز ھالدا چىن ئىخلاس بىلەن ئادا قىلماق لازىمكى ھەرگىز قول ئۇچىدىلا ئەپلەپ-سەپلەپ  بەجا كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ.

       ۋەھالەنكى، ھازىدارلارنىڭ ماتەم قايغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، جامائەت كەيپىياتى بىردىنلا يۇقىرى چەككە يېتىپ كۆزلىرىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەس بولدى، ھەتتا سەنچۈەن ئايمىقى ۋالىيسىنىڭ بۇيرۇقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئىرپانبەگ قەسىرىنىڭ سىرتىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كوچىغا بورىدىن كەپە تىكىپ جەم بولۇشۇپ ھۆڭگىرەپ يىغلاشقىنىچە ھازا ئېچىشتى، غەزەب-نەپرەتلىك ئەيىبلەشلەر، جەددى-جەمەتى، ئۇرۇق-پۇشتىنى تىلغا ئېلىپ قارغاشلار پۈتكۈل لوياڭنى بىر ئالدى. ئالتە بەگلىكنىڭ تۈرلۈك سىياقتىكى ئايغاقچى-خۇپىيلىرى كۆيدۈرگۈلۈك قىلىپ، لاۋا ئۈستىگە ياغ چېچىشتى، ۋېي بەگلىكىدىن كەلگەن سان-ساناقسىز ھازىدارلار ھەر تەرەپكە دەۋرەپ شوئار توۋلىشىپ، پۈتكۈل لوياڭنى بېشىغا كىيىپ ئالەمنى مالەم قىلىۋەتتى. دەل شۇ مالىمانچىلىق بولۇۋاتقان پەيتتە، لۈ بۇۋېينىڭ قىيامەتلىك قەدىناسلىرىدىن چى بەگلىكىدىن كەلگەن تيەن جەمەتى سودا سارىيىنىڭ ئۇلۇغلىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھازىدارلارنى مەخپىي يىغىپ تەدبىر-رىجەلەر تۈزۈشتى. بۇ تەدبىر-رىجەلەر بويىچە ھازىدارلار چىن بېگى يىڭ جېڭ ئۆگەي ئاتىسىنى ئۆلتۈردى، ئىككى ئىنىسىنى دۇمبالاپ ئۆلتۈردى، ئۆز ئانىسىنى زىندانغا تاشلىدى، پەدەرىنى ئۆلۈۋېلىشقا قىستىدى، ئۇنىڭ بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە رەزىللىكى، شەپقەتسىز قىلمىشى پۈتكۈل ئىقلىمدا قەدىمدىن بۇيان زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئەگەر داغدۇغىلىق بىر تەرەپ قىلىش يارلىقىنى كۈتۈپ تۇرساق ئىرپانبەگنىڭ ئۇ دۇنياغا بېرىپ ھاقارەتلىنىشىنى توسۇپ قالالمايمىز، دەپ گېپىنى بىر قىلىش ئىدى. بىر كېچە جەم بولۇپ كېڭەش-رىجە قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى قىزىشىپ كېتىشتى، ۋېي بەگلىكىدىن كەلگەن ھازىدارلار چىن بەگلىكىنىڭ دەپنە قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش تەشەببۇسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ھازىدارلارنىڭ بىر نىيەتتە ئۇيۇشۇپ، ئىرپانبەگنىڭ جەسىدىنى ئوغرىلاپ دەپنە قىلىش خۇسۇسىدىكى قارارىنى قوللىدى.

       ئوغرىلىقچە دەپنە قىلىش خۇسۇسىدىكىقارار ــــئوردىنىڭ دەپنە يارلىقىنى كۈتمەيلا دەپنە قىلىۋېتىش ئىدى. ناۋادا ئوردىنىڭ دەپنە قىلىش خۇسۇسىدىكى يارلىقى كەلمەي تۇرۇپ دەپنە قىلىۋېتىلسە ئۆلگۈچى ۋە ئۇنىڭ جەمەتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بەگلىك ئاتا قىلغان ۋە ئېتراپ قىلغان شان-شەرەپتىن مەڭگۈ مەھرۇم قالاتتى. ئادەتتىكى چاغلاردا، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سەۋر قاچىسى تېشىپ تۆكۈلۈپ كەتكەندىمۇ، تاقەت قىلسا قىلاتتىكى ھەرگىز بۇنداق تەدبىر-رىجەلەرنى يۈرگۈزۈشمەيتتى. ھالبۇكى، لۈ بۇۋېي بۇ ئالەمدىن پەرزەنتسىز ئۆتتى، خانىمى چېن شۈەن بىلەن باش غوجىدارمۇ ئارقا-ئارقىدىن لۈ بۇۋېينىڭ يېنىدىلا قۇزغۇن ئۆتى ئىچىپ ئۆلۈۋالدى. ئاۋات-قايناق لۈ بۇۋېي قەسىرى ئەمدى چۆلدەرەپ قالدى، پەقەت ئايال باش غوجىدار مو خۇ بىلەن بىر توپ چاكار-خىزمەتچىلەرلا ھاياتلىقتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئاران-ئاران بەرداشلىق بېرىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ چىن بەگلىكىگە بولغان نەپرىتى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى، چىن بېگى يىڭ جېڭنىڭ لۈ بۇۋېينى ھەشەم-دەرەم بىلەن داغدۇغىلىق دەپنە قىلىدىغانلىقىغا كىممۇ ئىشىنەر؟ ھازىدارلار تەبىئىيلا ناھايىتى تېزلىكتە خۇپىيانە كېلىشىۋېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن قەسىردىكى ئۇلۇغ-كىچىكلەر دەرھال تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ھازىدارلار بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۇيۇشۇپ، مىيىت ساقلىنىپ ئالتىنچى كۈنىگە كەلگەن تۈن نىسبىدە، ئايماق كاھبېگى بىلەن ئايماق تەپتىشىنى ۋە ئىككى يۈز دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چېرىكنى دورابىھۇش قىلىۋېتىپ، لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدىنى كېچىلەپ لوياڭدىن ئېلىپ چىقىشتى. سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى بۇنى سېزىپ قوغلاپ كەلگەندە، لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدى ئاللىقاچان دەپنە قىلىۋېتىلگەن ئىدى. قەبرىنى قېزىپ جەسەد قايتۇرۇپ كېلىنسە شۈبھىسىزكى ھازىدارلارنىڭ غەزىبى قوزغىلىپ چاتاق تېرىلىشى مۇمكىن ئىدى، شۇڭا ئايماق ۋالىيسى شيەنياڭغا تېز مەلۇمات يوللىماقتىن ئۆزگە ئامال قىلالمىدى.

      ھازىدارلار لۈ بۇۋېينىڭ قەبرىگاھىغا ناھايىتى خەيرلىك بىر جاينىڭ تاللىنىشىنى بىردەك ماختىشىپ كېتىشتى.

       ئالدىراپ-سالدىراپ ئوغرىلقچە دەپنە قىلىشقا توغرا كېلىپ قالغاچقا، ھازىدارلار بەگ-تۆرىلەر دەپنە مۇراسىمىنىڭ تەلىپىدىكى تەرتىپ بويىچە يەرلىك تاللاشقا ئامالسىز قېلىشتى، لۈ بۇۋېيدەك بىر ئەربابنى قۇرئەنداز-بىشارەتچىلەر، يەرلىك تاللىغۇچىلار ساغرىسىغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ تاپقان يەرگە دەپنە قىلىۋېتىشكە بولمايتتى. بارچە قارارلار پۈتكەن، پەقەت مەقبەرە ئورنى تاللاشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلە خۇسۇسىدا دەتالاش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئاللىقاچان ھالاك بولغان لۇ بەگلىكىدىن كەلگەن مەشھۇر ئەرباب  چۈن يۈيۆ بىردىنلا «بېيماڭ تېغى!» دەپ ۋارقىرىدى. ئالامان بۇنى ئاڭلاپ بىرپەس مەڭدەرەپ قېلىشتى ۋە ئارقىدىنلا تۇشمۇ-تۇشتىن چۈن دانىشمەننىڭ ئەقلىنى ماختىشىپ، دەرھال لوياڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى بېيماڭ تېغىدا دەرھال قەبرە قېزىپ دەپنە قىلىش خۇسۇسىدا قارار چىقىرىشتى.

       بېيماڭ تېغىغا دەپنە قىلىشنى ئالامان بىردەك ماقۇل كۆرۈشتى، چۈنكى بۇ يەرنىڭ لۈ بۇۋېيدەك بىر كاتتا ئەربابنىڭ نەسەب-مەنسىپىگە تازا باب كېلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئىدى.

       لوياڭ شەھىرى ئەسلىدە  غەربىي جۇ بەگلىكى شاڭ بەگلىكىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن جۇ بېگىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىنا قىلىنغان كۈن چىقىشتىكى مۇھىم قەسەبە ئىدى، غەربىي جۇ زامانىدا لويى، دەپ ئاتالدى. لويىنىڭ شۇ زاماندىكى رولى كۈن چىقىشتىكى يىن-شاڭ ئۇرۇقىنىڭ قالدۇقلىرىدىن پەيدا بولغان يېڭى تۆرىلەرنى تىنچىتىپ باشقۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئىدى. شۇڭا لويى ناھايىتى ھەشەم-ھەيۋەت بىلەن بەرپا قىلىنغان، ئايلانمىسى 720 گەزكېلىدىغان، غەربىي جۇ بەگلىكىنىڭ گۈەنجۇڭدىكى ئاستانىسى خاۋجىڭدىن قېلىشمايدىغان كاتتا قەسەبە ئىدى. جايلىشىشىمۇ ئۆزگىچە بولغان لويىنىڭ تۆۋەن تەرىپى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىنىڭ تۆۋەن قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىن بولغان لوشۈي دەرياسىغا، يۇقىرى تەرىپى كۆركەم مەنزىرىسى جەھەتتە پۈتكۈل ئىقلىمغا نامى تارقالغان، پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ-ياشىرىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك تاغقا تۇتاش بولۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى ھەممە بىردەك ئېتراپ قىلماي تۇرالمايدىغان يەر يۈزىدىكى جەننەتنىڭ نەق ئۆزى ئىدى. يىل بويى كۆكىرىپ-ياشىرىپ تۇرىدىغان بۇ تاغ شۇ زاماندا جياشەن تېغى، دەپ ئاتىلاتتى، شەرقىي جۇ دەۋرىدە لويىنىڭ لوياڭغا ئۆزگەرتىلىشى بىلەنجياشەن تېغىمۇ ماڭشەن تېغى، دەپ ئۆزگەرتىلدى. ماڭشەن تېغى كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقا سوزۇلغان بولۇپ، كۈن چىقىشتا لوياڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن كۈن پېتىشتا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سەنمېن بوغىزىغا قەدەر نەچچە يۈز چاقىرىملىق تەبىئىي يېشىل توساق ھاسىل قىلغان. ماڭشەن تېغى گەرچە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغ بولسىمۇ ئەمما بۇ تەۋەدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى، ئىقتىدار ساھىبلىرى، ئومۇمەن قەلەم-ئەلەم ماھىرلىرى لوياڭ مەركەز قىلىنغان كۈن چىقىش بۆلىكىگە توپلاشقان. ماڭشەن تېغىنىڭ لوياڭدىكى بۆلىكى لوياڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولغاچقا شۇ زامان كىشىلىرى ئۇنى «بېيماڭ» دەپ ئاتىشاتتى. شەرقىي جۇ بەگلىكى ئاستانىسىنى لوياڭغا كۆچۈرگەندىن ئېتىبارەن نەچچە ئەۋلاد جۇ بەگلىرى، تۆرە-ۋەزىرلىرى سۇيۇرغاللىق بېرىلگەن بەگ جەمەتى تۆرىلىرى ئۆلگەندىن كېيىن بېيماڭ تېغىغا دەپنە قىلىنىپ كەلگەن. جۇ بەگلىكى دەپنە مۇراسىم-يوسۇنلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا، مۇشۇ ئىقلىمدىكى يەرلىك تاللىغۇچىلار خەيرلىك، دەپ قاراشقان يەرلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ يەرلىك تاللىغۇچىلارنىڭ يەرلىك تاللاپ بېرىشىگە ئۈلگۈرەلمەي قالغان ئوتتۇرا ئىقلىم بەگ-تۆرىلىرى بېيماڭ تېغىغا دەپنە قىلىنغان. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىپ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلۇپ، «بېيماڭ تېغى» دېگەن سۆز «قەبرىگاھ» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرۈدىغان نامغا ئايلىنىپ قالغان.

       شۇنداق قىلىپ بېيماڭ تېغىنىڭ داڭقى لۈ بۇۋېينى شۇ يەرگە دەپنە قىلىشقا سەۋەب بولۇپ قالدى.

       خۇپىيانە تۈزۈلگەن رىجەلەر نەتىجىسىدە، نەچچە مىڭ ھازىدار لوياڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى بېيماڭ تېغىدا لۈ بۇۋېي ئەر-خوتۇن ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ھەشەم-دەرەمى بىلەن داغدۇغىلىق دەپنە قىلدى، بۇ يەردە ناھايىتى ھەيۋەتلىك بىر مەقبەرە يېڭىدىن كۆپەيدى. چىن بەگلىكىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، لۈ  بۇۋېينىڭ دەپنە مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان تيەن جەمەتى سودا سارىيى بىلەن ۋېي بەگلىكى ئەلچىلىرى قەبرىگاھقا لۈ بۇۋېينىڭ خانىمى چېن شۈەن دەپنە قىلىندى، ئىرپانبەگنىڭ جەسىدى ۋېي بەگلىكىگە ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىنىدۇ، دېگەن خەۋەرنى تارقىتىشتى. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن لوياڭدىكى ئاۋام-رەئىيەت بۇ مەقبەرىنى «لۈ خانىم مەقبەرىسى» دەپ ئاتاشتى، بۇ كېيىنكى زامانلارغىمۇ شۇ نام بىلەن داۋاملىشىپ كېلىپ، لۈ بۇۋېي مەقبەرىسىنى لۈ خانىم مەقبەرىسى، دەپ ئاتاش ئۆزگەرمىدى.

     

       ــــ كۈن چىقىشتىكى تالىب-سودىگەرلەرگە لەنەت! ئالتە بەگلىك تۆرىلىرى ھەقىقەتەن رەزىل چۈپرەندىلەردىن ئىكەن !

    يىڭ جېڭ مەلۇماتتىن خەۋەر تېپىپ دەرغەزەبكە كەلدى. ئەركان-مىزان خۇسۇسىدىن ئېيتقاندىمۇ شەك-شۈبھىسىزكى، لۈ بۇۋېي چىن بەگلىكىنىڭ سۇيۇرغاللىقى بار كاتتا تۆرىسى، چارپانساتلىق باش ۋەزىرى ئىدى. كۈن چىقىشتىكى تالىب- سودىگەرلەرنىڭ باشقا بەگلىكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ چىن بەگلىكىنىڭ ئايماق-ناھىيىلىرىدە ئەركان-مىزانغا مۇخالىپ ھالدا چىن بەگلىكىنىڭ باش ۋەزىرىنى ئوغرىلاپ دەپنە قىلىشى چىن بەگلىكىگە قارا سانىغانلىق، ئۆزىدەك بىر بەگنى ھاقارەت قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ دەرغەزەبكە كەلگەن يىڭ جېڭ دەرھال ئۇچقۇر ئارغىماقلار قوشۇلغان ھارۋىسى بىلەن كۈن چىقىشقا ئاتلىنىپ لەنتيەنگە كەلگەندە قارارگاھ تىكتى، چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان ئالتە مىڭ قىران چەۋەندازنى تاللاپ كېچىلەپ لوياڭغا يۈرۈش قىلىپ، ئەركان-مىزان بويىچە ئوغرىلىقچە دەپنە قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈپ چىن بەگلىكىنىڭ نومۇسىنى ئاقلاپ، ھەق-ئادالەتنىڭ نېمىلىكىنى جاھانغا بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى.

       ــــ ئالىيلىرى ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرگەيلا !!!

       يىڭ جېڭ بەگ دەەرغەزەبتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ يولغا چىقىپ خەنگۇ قورۇلىغا كېلىپ بولغان شۇ پەيتتە مېڭ ۋۇ بىلەن ۋاڭ ۋەن ئۇچقۇر ئارغىماقلىرى بىلەن ئەگىشىپ يېتىپ كەلدى.

       بەگنىڭ خاس مەھرىمى سالاھىيىتىدە لۈ  بۇۋېينىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن مېڭ ۋۇ تولىمۇ ئازابلانغان ھالدا:

     ــــ ئالىيلىرى، يېڭىدىن سەلتەنەت يۈرگۈزگەن چاغدا بۇنداق قىلسىلا قاراملىق قىلغان بولىدىلا. ئىرپانبەگدەك بىر كاتتا ئەربابقا كەلگەن بۇ ئۇشتۇمتۇت ئەجەلدىن پەقىر قۇللىرىمۇ قايغۇغا چۆمگەن يەردە ئۇنىڭ قەدىناس ئەگەشكۈچىلىرى نېمە بولماقچىدى؟ تېجىمەللەر ھاياجاندا ئەقلىدىن ئېزىپ مۇشۇنداق قاملاشمىغان بىر ئىشنى قىلىپ قويدى، ئادەم ئۆلدى، كەتتى! ئالىيلىرىنىڭ سەلتەنەت يۈرگۈزۈشىگە ھېچ توسالغۇ قالمىدى، جەسەد ئوغرىلاپ دەپنە قىلىش جىنايىتىنى ئېنىقلاش ئىشىدا ئالىيلىرى ئەتراپلىق ئويلاپ ئىش كۆرگەيلا!ــــ دېدى.

       ياش دورغاب ۋاڭ ۋەن تېخىمۇ سالماق-دادىللىق بىلەن سۈلھى-سالاغا ئۆتتى:

       ــــ قۇللىرى ئەسلىدە ئىرپانبەگنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ئەمەلدار بولغاچقا بۇ خۇسۇستا بىر نەرسە دېيىشىم تازا مۇۋاپىق ئەمەس، بىراق بەگلىك ئىشىنى چوڭ بىلىپ سۆزلىمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم! بۇ كۈنلەردە چىن بەگلىكى ئوردىسى يېرىم پالەچ تۇرۇپتۇ، ئەمەلدارلارنى تەرتىپكە سېلىپ بارچە ئىشلارنى ئىزىغا چۈشۈرمەكلىك لازىم، مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئىرپانبەگنىڭ دەپنە ئىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كەتسەك، ئېنىقكى قوزىنى دەپ قوچقاردىن قۇرۇق قالىمىز، ۋەزىرلىرىنىڭ قارىشىچە بۇ تازا مۇۋاپىق بولماستۇر!ــــ ۋاڭ ۋەن سۆزىنى تۈگىتىپ قول باغلاپ ئېگىلىپ تۇرغىنىچە بەگنىڭ بىرەر قارارغا كېلىشىنى كۈتتى.

       يىڭ جېڭنىڭ چىرايى تاتىرىپ-بوزىرىپ كەتكەن بولسىمۇ ئاخىر ئەقلىگە كېلىپ ئۆزىنى بېسىۋالدى-دە، قايتىشقا بۇيرۇق قىلدى.

       ۋىجدانەن ئېيتقاندىمۇ يىڭ جېڭنىڭ لۈ بۇۋېينى ئۆلۈۋېلىشقا قىستاش خىيالى يوق، ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىش ئويىمۇ يوق. پەقەت قورۇل سىرتىدىكى كاتتا ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سەل كەبى لوياڭغا دەۋرەپ كېلىپ لۈ بۇۋېينى ئۆز بەگلىكلىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتمەك بولغانلىقلىرى ھەققىدىكى مەخپىي مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغان چېغىدا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى پەدەرى بولمىش لۈ بۇۋېينى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشنى، ھەتتا لۈ بۇۋېينى ئوتتۇرا ئىقلىمدىن كەتكۈزۈۋېتىش كېرەكلىكىنى لازىم تاپقان، ئۇنداق بولمىغاندا چىن بەگلىكىنىڭ بۇ يېڭى سەلتەنەتىگە يېڭىدىن يېڭى باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان. مۇشۇ ئويىنىڭ دالالىتىدە لۈ بۇۋېيغا بۇرۇندىنلا ئىخلاس قىلىپ ئەگەشكەن مېڭ ۋۇنى ئۆزىنىڭ خاس مەھرىمى سالاھىيىتىدە قوپالراق بولۇپ قالغان ھېلىقى يارلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. يىڭ جېڭ كىچىكىدىنلا پەدەرىم، دەپ بىلگەن بۇ كىشىنىڭ تولىمۇ مەرد، ئەپۇچان مىجەزىنى، باشقىلارنىڭ ھەر-ھەر ئېغىر گەپ-سۆزلىرىگە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، زىيادە ئېغىر كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىدىمۇ ئىللىق كۈلۈپ قويۇپ كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە قەستەن شەپقەتسىزلىك قىلىش ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويغان. مېڭ ۋۇ كېچىلەپ مەلۇمات ئېلىپ كەلگەندە پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قالدى. يىڭ جېڭ شۇندىلا لاۋ ئەي ۋەقەسىدە لۈ بۇۋېينى ئەيىبلەش لۈ بۇۋېيغا بەك قاتتىق زەربە بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، مۇشۇنداق بىر ئەپۇچان پەدەرىنىڭ ئۆزىنىڭ بىرنەچچە ئېغىز قاتتىق گېپىنى شۇنچىلىك ھار ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.

       راستىنى ئېيتقاندا، لۈ بۇۋېيدەك كاتتا ئابرويلۇق كىشىنى سىچۈەندەك يىراق بىر يەرگە كەتكۈزۈۋەتمىسە بۇرۇنقىدەك تېجىمەللىرى كۆپىيىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. ناۋادا لۈ بۇۋېي «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى تارقىتىشنى توختاتمىسا، يىڭ جېڭ بۇنىڭغا يول قويماسلىقتىن باشقا يەنە نېمىمۇ قىلالايتتى؟ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر ۋەزىيىتىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ كېلەچەكتە ھامان كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان ئىش. ئۆز ئىرادىسى بويىچە تامامەن يېڭىچە سەلتەنەت سۈرمەكچى بولغان بىر ھۆكۈمراندا ئەنە شۇنداق غەم-غۇسسىلەر بولماي قالارمۇ؟ ناۋادا يىڭ جېڭنىڭ شۇنداق غەم-غۇسسەلىرى بولمىغىنىدا شان-شۆھرىتى، شانۇ-شەۋكىتى پۈتكۈل ئىقلىمغا پۇركەتكەن پەدەرىنى خۇددى لاۋ ئەينى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرەلمەي بەلكى ئۆلۈمگە لايىق جىنايىتىنىلا سۈرۈشتۈرۈپ ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمىغان بولاتتى. لۈ بۇۋېي كۆكسى-قارنى كەڭ، مەردانە، ساداقەتمەن، غۇرۇرلۇق ئادەم تۇرۇغلۇق نېمىشقا ئۆلۈمەن دەپلا ئۆلۈۋالىدۇ؟ ناۋادا لۈ بۇۋېي چوڭ بوۋىسى جاۋشياڭۋاڭنىڭ يېشىنى ياشىغان بولسا يىڭ جېڭ بىر نائىبنىڭ ھامىيلىقىدا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماي يەنە يىگرىمە نەچچە يىلغىچە غەم-ئەندىشىدە ياشىغان بولاتتى. دەل مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە لۈ بۇۋېينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى يىڭ جېڭ كەلگۈسىدە دۇچار بولۇشى مۇمكىن بولغان ئەڭ زور ئاۋارىچىلىقنى بىللە ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ، ئۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئەڭ ياخشى ئاقىۋەتتەك تۇيۇلدى.

       بۇ، تەڭرىنىڭ ئىرادىسىمىدۇ؟

       لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان يىڭ جېڭنىڭ كاللىسى گاڭگىراپ، ئوي-خىيالى گادىرماچلىشىپ كەتتى.بىردەم شىللىسىدىن ئېغىر بىر يۈك ئېلىۋېتىلىپ يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلسا، بىردەم ئۆزىنى باشقىلارغا يۈز كېلەلمەيۋاتقاندەكئەيىبلەپ كەتتى، بىردەم كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغاندەك، بىر نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغاندەك ھېس قىلسا، بىردەم ھەسرەت-نادامەت چېكىپ، چوڭقۇر خىياللارغا پاتتى، بىردەم ئاھ ئۇرۇپ پۇشايمان قىلدى، بىردەم قەلبىنى سېغىنىش تۇيغۇلىرى چىرمىۋالدى، يۈرىكىنى قىسىۋاتقان ئازابتىن زادىلا قۇتۇلالمىدى. لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلۈم ئارقىلىق يول بېرىشى ئۇنىڭغا بۇ بەگلىك سەلتەنەتىنى ئىلكىگە ئېلىپ دادىل ھەكەملىك قىلىش ئىمكانىيىتى بېرەرمۇ؟ ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە ئۆتكەن مۇشۇ دەقىقىدە يىڭ جېڭنىڭ خىيالىدىن ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر ئوي چاقماقتەك «يالت» قىلىپ ئۆتتى، مىش-مىشلەر راست بولۇپ، لۈ بۇۋېي ھەقىقەتەن ئۆز ئاتام بولۇپ قالسىچۇ؟ ياق، ياق، مۇمكىن ئەمەس! ناۋادا راستىنلا شۇنداق بولغىنىدا ئانام نېمىشقا لۈ بۇۋېيغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچلىشىپ ئۇچىغا چىققان ئىشقىباز لاۋ ئەي ئارقىلىق لۈ بۇۋېينى ئۆمۈرلۈك ھاقارەتكە قويىدۇ؟ ئەمما، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ ئۈچۈن تېپىلغۇسىز «ھەققانىي ئىش» تۇيۇلدى. ئەمدىكى ئىش لۈ بۇۋېينى داغدۇغا، ھەشەم-دەرەم بىلەن دەپنە قىلسىلا كۆڭلى ئارام تاپىدۇ. ئەگەر قورۇل سىرتىدىن كەلگگن ھازىدارلارنىڭ جەسەد ئوغرىلاپ ئوغرىلىقچە دەپنە قىلىش ۋەقەسى بولمىغان بولسا، ئەركان-مىزانغا تەدبىقلاپ شەخسەن ئۆزى بېشىدا تۇرۇپ رىياسەتچىلىك قىلىپ، بۇرۇنقى پەدەرىنىڭ مىيىتىنى كاتتا داغدۇغا بىلەن ئۇزىتىپ قوياتتى.

       ئەمما، ئوغرىلىقچە دەپنە قىلىش ۋەقەسى خۇسۇسىدىكى مەلۇماتتىن يىڭ جېڭ خۇددى راۋۇرۇس تورى بار مۇشتتىن كېلىشتۈرۈپ بىرنى يېگەندەك شۇ ھامان سەگەكلەشتى.

       بەگلىككە ئالاقىدار ئىشلارنى ئەركان-مىزان ئارقىلىق قارار قىلىش يىڭ جېڭ «قورچاقبەگ» بولغان يېقىنقى ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئۆگەنگەن ئەقىدە ئىدى، شۇنداقلا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا تاللاۋالغان ئەلنى ئىدارە قىلىش يولى ئىدى. لۈ بۇۋېي ئۇزاقتىن بۇيان چىن بەگلىكىنىڭ سەلتەنەتىگە ھەكەملىك قىلىپ كەلگەچكە، ئۇ بىر شەخس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى قۇدرەتلىك چىن بەگلىكىنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازى، ئىززەت-ئابرويى سۈپىتىدە چىن بەگلىكى تارىخىنىڭ ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولمايدىغان مۇھىم بىر بېتىگە ئايلىنىپ قالغان؛ لۈ بۇۋېينى دەپنە قىلىش دەرىجىسىمۇ ئادەتتىكى ۋەزىرلەرنىڭ تۆھپە-گۇناھ ئۈلۈشلىرى ۋە دەپنە مۇراسىمى ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلىدىغان ئىش بولماستىن بەلكى چىن بەگلىكىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەگلىك ئىشى، سەلتەنەت ئىشى ئىدى. ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا قورۇل سىرتىدىكى ھازىدارلار شۇنچىۋالا قىلىپ كېتەرمىدى؟

       يۈز يىللاردىن بۇيان چىن بەگلىكىنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالىرىدىن نۇرغۇنلىرى كۈن چىقىش تەرەپتىكى بەگلىكلەردە قازا قىلدى. چىن بەگلىكى ھەر قېتىم ئۇلارنى ئەركان-مىزانغا تەدبىقلاپ بىر ياقلىق قىلغان، بىرەرمۇ قورۇل سىرتىدىكى كاتتىلار بۇنىڭغا ئۆزگىچە قاراشتا بولمىغان ئىدىغۇ؟ يىڭ جېڭ ئۆز بەگلىكىنىڭ تارىخىنى پىششىق بىلىدۇ، ئەينى يىللىرى چىن بېگى جاۋۋاڭ تىكلىگەن تۇنجى پەرپۇغ، يەنى يىڭ جېڭنىڭ بوۋىسى شياۋۋېنۋاڭ يىڭ جۇنىڭ ئاكىسى ۋېي بەگلىكىگە ئەلچىلىككە بارغاندا، دالياڭدەك بىر ياقا يۇرتتا قان قۇسۇپ ئۆلگەن چاغدا، بىللە بارغان ئورۇن باسار يالۋاچ چېغىدا جەسەدنى بىر ياقلىق قىلىشقا پېتىنالماي دەرھال شيەنياڭغا تېز مەلۇمات يەتكۈزگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىدە تۇرۇپتۇ. ئۇ چاغدا، كۈن چىقىشتىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئوردا-ئاۋاملىرى چىن بەگلىكىگە تىل-ئاھانەت ياغدۇرمايلا قالماستىن بەلكى بىردەك «چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى قالتىسكەن، ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىقلا تۇرسىمۇ شۈبھە-گۇماننى نەزىردىن ساقىت قىلىش، بىھۇدە قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەركان-مىزان بولمىقى بەرھەق، چىن بەگلىكى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىدا يول ئېچىپ پۈتكۈل ئىقلىمغا ئۈلگە ياراتتى!» دېيىشىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئاپىرىن ئېيتىشقان ئەمەسمىدى؟ ھالا بۈگۈنكى كۈندە لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدى نەچچە كۈن تۇرۇپ قالغانغا قانداقلارچە كەچۈرگۈسىز گۇناھكار بولۇپ قالدۇق؟ قورۇل سىرتىدىكى سودىگەرلەر بىلەن ئالتە بەگلىك دەپنە مۇراسىمىغا بىر نېمە دېمەكچىمۇ ياكى چىن بەگلىكىگە شىلتىڭ ئاتماقچىمۇ؟ ناۋادا باشقا بىرەر ۋەزىر لوياڭدا ئۆلگەن بولۇپ ئەركان-مىزان بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغىنىدا كۈن چىقىشتىكى بۇ بەگ-تۆرىلەرنىڭ خورىكى ئۆسۈپ شۇنچىلىك دەۋرەپ كېتەرمىدى؟ بۇنىڭدىكى سىر-غۇملار ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم تۇرۇپتۇ، بۇنىڭغا سەۋر-تاقەت قىلاي دەپلا سەۋر-تاقەت قىلغىلى بولاتتىمۇ؟ قورۇل سىرتىدىكى ھازىدارلارنىڭ جەسەد ئوغرىلاپ دەپنە قىلىۋېتىشىگە قول باغلاپ تۇرغان بىلەن چىن بەگلىكى بۇ ئىقلىمدا قانداقمۇ مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىسۇن؟

       گەرچە ھاياجېنىنى باسالماي كېچىلەپ كۈن چىقىشقا ئاتلانغان بولسىمۇ يىڭ جېڭ ئاخىر يەنىلا بۇ ئاچچىقىنى يۇتۇۋېتىشكە مەجبۇر بولدى.

       مېڭ ۋۇ بىلەن ۋاڭ ۋەننىڭ يولىنى توسۇپ كۈچلۈك ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇۋېلىشى بىلەن، خېلى يىللاردىن بېرى سوغۇققانلىققا ئادەتلەنگەن خۇي-پەيلى ئاخىر يىڭ جېڭنىڭ كاللىسىدا دەرھال «بۇ ئىككىيلەن ساداقەتمەن ۋەزىرلىرىم بولغاندىكىن يەنىمۇ ئويلىنىپ باقمايمەنمۇ» دەيدىغان بىر ئوي پەيدا قىلدى. خەنگۇ قورۇلىدىكى قارارگاھقا قايتقاندىن كېيىن، مېڭ ۋۇ بىلەن ۋاڭ ۋەن ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە بايان قىلىۋىدى، يىڭ جېڭ ئاخىر ھەممىنى بىراقلا چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك غەزىپىدىن ئاستا-ئاستا ئۆزىگە كەلدى. بەگ-ۋەزىر ئۈچەيلەن توپ-توغرا بىر كېچە رىجە-كېڭەشلەر قىلىشىپ، پۈتكۈل ئىقلىمنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن جەسەد ئوغرىلاپ دەپنە قىلىش ۋەقەسىنى كەڭ قورساقراق بولۇپ بىر ياقلىق قىلىش خۇسۇسىدا قارار تاپتى. بىر ياقلىق قىلىش رىجەسىنىڭ تۇنجى قەدىمىدە چىن بەگلىكى ئاۋام-رەئىيەتكە «ئىرپانبەگنىڭ ئۆلۈمى بېگىمىز كۈتمىگەن تەساددىپىي ۋەقە بولدى، بۇ ۋەقە ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ كۆڭلىدە ناباب تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويدى، مۇشۇ خۇسۇستا ھەر ساھە زاتلىرىدىن ئەپۇ سورايمىز! » دېگەن مەزمۇندا جىددىي يارلىق چۈشۈرۈپ، لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدىنىڭ ئوغرىلىنىپ دەپنە قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېتراپ قىلىپ، بۇ ئىشتا ھەرقايسى تەرەپنىڭ گۇناھلىرىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش؛ ئىككىنچى قەدەمدە مېڭ ۋۇ يەنە بىر رەت چىن بېگىنىڭ خاس مەھرىمى سالاھىيىتىدە لوياڭدىكى بېيماڭ تېغىغا بېرىپ بەگ-تۆرىلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى يوسۇنى بويىچە لۈ بۇۋېيغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش ھەم چىن بەگلىكى بەگ جەمەتى نامىدىن ئوغرىلىقچە ئاددىي-چۈكىنەملا دەپنە قىلىۋېتىلگەن لۈ بۇۋېي ئۈچۈن ھەشەمەتلىك ئىرپانبەگ مەقبەرەسى ياساشتىن ئىبارەت ئىدى.

       ــــ بۇ ئىش شۇنداق بولسا، پەقىرنىڭ كۆڭلىمۇ ئەمىن تاپاتتى،ــــ دېدى يىڭ جېڭ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ.

       ــــ ئالىيلىرىنىڭ كۆكسى-قارنىنىڭ كەڭلىكى ئەلگە جاكارلانسا، بۇ ئىشمۇ ئۆزلىكىدىنلا ھەل-تامام بولۇپ كەتكۈسى!ــــ دېدى مېڭ ۋۇ خۇش تەبەسسۇم بىلەن تەسەللىي ئېيتىپ.

       ــــ بۇ شامال ئۆتۈپ كەتسىلا ئالىيلىرى سەلتەنەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا تۇتۇنالايدىلا،ــــ دېدى ۋاڭ ۋەن جۇشقۇنلۇقى تۇتۇپ.

       ئەتىسى بەگ-ۋەزىر ئۈچەيلەن شيەنياڭغا قايتىپ دەرھال تۇشمۇ-تۇشتىن تۇتۇش قىلىشتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن چىن بېگىنىڭ بەگلىك نامىدىن چۈشۈرگەن يارلىقى چىن بەگلىكىنىڭ ئايماق-ئايماق، ناھىيە-ناھىيىلىرىگىچە يەتكۈزۈلدى ھەمدە كۈن چىقىشتىكى ئالتە بەگلىككە ئۇقتۇرۇلدى؛ خاس مەھرەمبەگ مېڭ ۋۇ چىن بەگلىكىنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىدىن سۈر-داغدۇغىسى چىقىپلا تۇرىدىغان ئات-ھارۋىلىق خاس دەپنە مۇراسىمى ئۆمىكىنى باشلاپ ئاستانە شيەنياڭدىن ئايرىلىپ لوياڭغا يۈرۈپ كەتتى. يىڭ جېڭ بۇ ئىشلارنى ئۆز يولىدا مۇۋاپىق بېجىرىش خۇسۇسىدا ۋاڭ جيەن، مېڭ تيەن، ۋاڭ ۋەنلەردەك يېڭى سەلتەنەتنىڭ قابىللىرىنى چاقىرىتىپ بەگلىكنىڭ سەلتەنەت ئىشلىرىنى قانداق تەرتىپكە سېلىش خۇسۇسىدىكى رىجەلەر ئۈستىدە كېڭەش قىلىشتى. ئەپسۇس، مىڭ-مىڭ ئەپسۇسكى، بۇ رىجە كېڭىشى تېخى تارقىماي تۇرۇپلا ئاستانە شيەنياڭنىڭ مالىمانچىلىق قاينىمىغا پېتىپ قالىدىغانلىقى ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئىدى.

    جەسەد ئوغرىلاپ دەپنە قىلىش ۋەقەسى تېخى بېسىقتۇرۇلماي تۇرۇپلا پۈتكۈل بەگلىك مالىمانچىلىق تەھلىكىسىدە قالدى.

       بەگلىكنىڭ جىددىي يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، ئاۋام-رەئىيەت چىن بېگىنىڭ رايىغا باقماي ھەم بەگنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەي، بەس-بەستە تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، تىرناق تېگىدىن كىر كولاپ پىتنە-پاسات تارقىتىشتى. تارقالغان بەزى مىش-مىشلەردە چىن بېگى ئىرپانبەگنى «ئۆلۈۋېلىشقا بۇيرۇپتىمىش» دېيىلگەن بولسا، يەنە بەزى ئۆسەكلەردە چىن بېگى ئىرپانبەگنى «ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرگەنمىش»دېيىلدى. بۇ مىش-مىش، ئۆسەكلەردە چىن بېگى يىڭ جېڭنىڭ «تۈرلۈك ناچار-ناباب قىلىقلىرى، زالىم-زوراۋانلىقلىرى» خۇسۇسىدىكى پىتنىلەر كوچا-كويلاردا، سەھرا-قىرلاردا تارقىلىپ كەتتى. ئادەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان پىتنىلەرنىڭ بىرىدە بەگ ئانا ئەسلىدە ئىرپانبەگ ئاشىق بولغان بىر غەزەلخان ئىمىش، جۇاڭشياڭۋاڭ يىڭ يىرېنغا ياتلىق بولغاندا بويىدا قالغان بولۇپ، ھازىرقى چىن بېگى يىڭ جېڭ ئىرپانبەگنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغلى ئىكەن، ئۆز ئاتىسىنى ئۆلۈم يولىغا قىستاشنى تەڭرىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ، دېيىلدى. پىتنە تارقىلىپ يۈرگەن ئاشۇ كۈنلەردە ئاستانە شيەنياڭنىڭ مۇساپىر-مۇھاجىر سودىگەرلەر جەم بولۇشقان «بايلار» بازىرىغا توپلانغان ئالتە بەگلىكنىڭ كاتتا زەردارلىرى جاھان كەزدى موللىلار،سەيياھ تالىپلار بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ دوست تارتىشىپ، ناھايىتى ئېگىز سۈرلۈك-ھەيۋەتلىك جەسەت سەيناسى سېلىپ كۈنۇ-تۈن ئىرپانبەگنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر ئۆتكۈزۈپ تۇردى. يەرلىك چىن رەئىيەتلىرى لۈ بۇۋېينىڭ ھىدايەت يولى تۇتۇلغان مېھرىبانانە سىياسىتىنى ياد ئېتىشىپ سەلدەك دەۋرىشىپ، يىغا-زارە قىلىشىپ ھازا ئېچىشتى، مىيىت تاختىسى ئالدىدا تىزلىنىپ تەقۋا-ساداقەتلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بىر مەھەل لۈ بۇۋېيغا قارىلىق تۇتۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش، ئۇنىڭ روھ-ئەرۋاھىغا ئاتاپ نەزىر-نۇزرەت ئۆتكۈزۈشلەر ئەدەب كەتتى، شيەنياڭنىڭ ھەممىلا يەرلىرىنى قارىلىق لىباسى كىيگەن ھازىدارلار قاپلاپ، يىغا-زارە خېلى كۈنلەرگىچە ئۈزۈلمىدى، بۇ بەجايىكى بەگلىك دەپنە مۇراسىمىدىن قېلىشمىغىدەك دەرىجىدە داغدۇغا قوزغىدى.

       ئوردىدا رىجە-تەدبىرلەر خۇسۇسىدا كېڭەشلەر بولۇۋاتقان شۇ ئەسنادا، بەگنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن نەزىر-نۇزرەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە لۈ بۇۋېي مەقبەرەسى ياساشنى نازارەت قىلىشقا كەتكەن خاس مەھرەمبەگ مېڭ ۋۇ لوياڭدىن قايتىپ كەلدى ۋە ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ لوياڭنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگىلى كىرىپ، كۈن چىقىشتىكى ئالتە بەگلىكنىڭ بىرمۇنچە تۆرىلىرى چىن بەگلىكىنىڭ بىرياقلىق قىلىش خۇسۇسىدىكى تەدبىرىنى نەزەرىگىمۇ ئىلماستىن بەلكى ئىلگىدەك پۇتاق تاپسىلا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى، مېڭ ۋۇ بەگنىڭ خاس مەھرەملىك سالاھىيىتىدە چىن بېگىگە ۋەكالىتەن لۈ بۇۋېينىڭ نەزىرىنى بېرىۋاتقاندا قورۇل سىرتىدىكى زاتلار كۆرەڭلىگىنىچە نەزىرگە كېلىپ، مېڭ ۋۇدىن نەزىرگە رىياسەتچىلىك قىلىشنى تالىشىپ كەتكەنلىكلىرىنى، تېخى بۇلا ئەمەس، يەنە ئۇلار زەھەرخەندىلىك بىلەن پىتنە-پاسات تارقىتىپ لوياڭدىكى ئاۋام- رەئىيەتنى قايمۇقتۇرغانلىقىنى، سەنچۈەن ئايمىقىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر دىلىغۇل بولۇپ سەنجىنگە كېتىشىۋاتقانلىقلىرىنى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ لوياڭنىڭ كونا ئوردۇبالىقىدىكى جۇ بەگلىكىنىڭ قالدۇق بەگ جەمەتىدىكىلەر ۋېي، خەن بەگلىكلىرى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، سەنجىن جۇ بەگلىكى بەگ جەمەتى تۆرىلىرىنىڭ يېرى، سەنچۈەن ئايمىقى سەنجىنگە «قايتۇرۇپ» بېرىلىشى كېرەك، دەپ جار سېلىشقانلىقلىرىدىن، سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى خۇپىيلىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەر تەرەپنىڭ مەقسەت-مۇددىئالىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن لوياڭنىڭ چىن بەگلىكىدىن بۆلۈنۈپ كېتىش خەۋپى بارلىقىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشكەنلىكلىرىنى، شۇڭا مېڭ ۋۇنى دەرھال شيەنياڭغا قايتىپ بەگكە مەلۇمات يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىپ، چىن بېگىنىڭ دەرھال بىرەر قارارغا كېلىشى لازىملىقىنى ئېيتىشىنى تاپىلىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

       ئوي-خىيالىنى ئۈمىدسىزلىك چۇلغىۋالغان مېڭ ۋۇ مەلۇماتىنى تۈگىتىپ ئېغىر بىر تىندى ۋە:

       ــــ ۋەزىرلىرى ئەسلىدە ئالىيلىرىنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئىلتىجا قىلغان ئىدىم، ئەپسۇس دەرەخنىڭ جىم تۇرغۇسى بولسىمۇ شامال جىم تۇرغۇزمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ ۋەزىرلىرى تولىمۇ خىجىلمەن. بۇ خۇسۇستا ئەمدى باشقا گېپىم يوقتۇر!ــــ دېدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى  ئوخشاشلا ئەپۇچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تەرەپدارى بولۇپ بەگنى بەگلىكنى تېزدىن تەرتىپكە سېلىشقا دالالەت قىلغان دورغاب ۋاڭ ۋەنمۇ بىر تەرەپتە گۆشىيىپ قىزىرىپ-تاتارغىنىچە لام-مىم دېمەي تۇردى.

       ــــ سانغۇنلىرىم، سىلەر قانداق قارايسىلەركىن؟ــــ يىڭ جېڭ غەزەب قىلماستىن ئەكسىچە مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.

       ــــ ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كۆڭلى ئارامىدا ئەمەس، ئالتە بەگلىك توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش كويىدا يۈرمەكتە. بۇ ھال بەئەينى سېرىق قۇچقاچنىڭ تومۇزغىغا ئېتىلغان ياچىۋەكنىڭ پېيىگە چۈشكىنىدەكلا بىر ئىش، شۇڭا نەپنى كۆزلەپ خەۋپ-خەتەرنى ئۇنتۇپ، قارىسىغىلا ئىش قىلساق بولماسمىكىن. مېنىڭچە بۇ ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلىپ ئاندىن تەدبىر قوللانساق،ــــ دېدى ۋاڭ جيەن قوشۇمىسىنى خۇددى قونغان چىۋىن قىرىق پارە بولۇپ كەتكۈدەك تۈرۈپ.

    ــــ كەچۈرگەيلا،ــــ مېڭ تيەن شىرەنى پاققىدە شاپىلاقلاپ ئورنىدىن تۇردى،ــــ بۇنداق ئاچ كۆزلۈككە تاقەت قىلغۇلۇقمۇ؟ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتقاندا بۇ لۈ ھەزرەتنىڭ تېجىمەللىرى بىلەن چىن تەسەررۇپىدىكى قورۇل سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ ئۆزئارا ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ قىلىۋاتقان ئىشى، بۇنىڭغا يەنە ئالتە بەگلىك ھەمتاۋاق بولغان گەپ! مېنىڭچە يەنە كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان بولساق ئېنىقكى ئاجىزلىق قىلغان بولىمىز، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىرنەرسە دەپ بولمايدۇ.

       ــــ تەقسىرنىڭ قارىشىچە، بىز قانداق قىلساق بولىدۇ؟ــــ كۆپنى كۆرۈپ كاداڭشىپ كەتكەن ۋاڭ جيەن تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن باستۇرۇپلا لوقما سالدى.

       ــــ مەن... مەن تېخى ئەتراپلىق ئويلاپ كۆرمىدىم،ــــ ياش ھەم شاش مېڭ تيەن دۇدۇقلاپ قالدى.

       مېڭ ۋۇ ئوغلى مېڭ تيەنگە ئالىيىپ قويۇپ، ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ كەچۈرۈم سورىغاندەك:

       ــــ ۋەزىرلىرى ۋاڭ جيەننىڭ قارىشىنى قوللايمەن،ــــ دېدى.

       ــــ ۋاڭ دورغاب، سىلىچە قانداق قىلساق بولىدۇ؟ــــ يىڭ جېڭ شىرەنى يېنىك توكۇلدىتىپ چەكتى.

       ــــ ئىككىيلەننىڭ قارىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاساسى بار، ۋەزىرلىرى دەمالىققا بىر نەرسە دېيەلمەيۋاتىمەن،ــــ دېدى دورغاب ۋاڭ ۋەن ئېغىر تىنىپ.

       ــــ بولدىلا، ئۆزۈم قارار قىلاي،ــــ يىڭ جېڭ شىرەنى بىر مۇشتلاپ ئورنىدىن تۇردى،ــــ ئىشنىڭ بۇ دەرىجىگە يەتكىنى بىر ھېسابتا تەڭرى ئاتا قىلغان ياخشى پۇرسەت بولدى. ئوردىمىز ئەۋۋەلى ياخشى نىيىتىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ دەشنام-پەشۋالارغا ئېرىشتى. پەقىرنىڭ ئاۋام ئالدىدا، تەڭرى ئالدىدا تىل تۇتۇقۇم يوق. ياخشىلىق قىلاي دەپمۇ مۇرادىم ھاسىل بولمىغان ئىكەن، ئەركان-مىزان بويىچە ئىش تۇتمىقىم جائىزدۇر. شۇن زى «رەزىللىكلەرنى ئەركان-مىزان شەمشىرى بىلەن تۈزەتمەك كېرەك» دەپ تولىمۇ جايىدا ئېيتقان ئىكەن!ــــ يىڭ جېڭ ئۇلۇغ كىچىك نەپەس ئېلىپ تەمكىنلىك بىلەن داۋام قىلدى،ــــ ئەمدى ساقلاۋېرىشكە بولماستۇر. بۇ قاتارلىق رەزىللىكلەر ئالدىدا ياقسام پىشۇرمۇ، كۆمسەم پىشۇرمۇ، دەپ قاچانغا سۆرەيمىز؟ ئەمدى غاچ-غۇچ ئىش قىلىدىغان چاغ يەتتى.

       ــــ ئالىيلىرىنىڭ بىرەر ياخشى تەدبىرى بارمىكىن؟ ــــ مېڭ ۋۇ سەل دەككە-دۈككىگە چۈشتى.

       ــــ دورغاب يارلىق پۈتسۇنلار!ــــ يىڭ جېڭنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ، باشقىچە جۇشقۇن-كۆتۈرەڭگۈلىشىپ، ۋاڭ ۋەنگە قول ئىشارىسى بىلەن بۇيرۇق قىلىپ ناھايىتى ئېنىق سۆزلىدى، ــــ بىرنەنچىدىن، ۋاڭ جيەن سانغۇن ئۈچ تۈمەن قىران چەۋەندازدىن تۈزۈلگەن ئىلغار لەشكەرنى باشلاپ تېزدىن كېچىلەپ سەنچۈەن ئايمىقىغا كىرىپ، لوياڭنىڭ سەنجىنگە تۇتىشىدىغان يوللىرىغا بارگاھ قۇرۇپ، كۈن چىقىشتىن كەلگەن بەگ-تۆرىلەرنىڭ لوياڭغا كىرىپ-چىقىشىنى قامال قىلىپ، سەنچۈەن ۋالىيسىنىڭ ئەركان-مىزانىمىز بويىچە بەگلىكىمىزگە ئاسىيلىق قىلىپ ئۆكتە قوپقان گۇناھكارلارنى تەكشۈرۈپ تۇتۇشىغا ھېماتچى بولۇپ، بىر ئاي مۆھلەتتە بۇ ئىشنى تاماملىشىغا ياردەملەشسۇن؛ ئىككىنەنچىدىن، ئاستانە شيەنياڭ مەھكىمىسى بەگلىكىمىز لۈ بۇۋېيغا ئاتاپ بېرىدىغان نەزىرنىڭ پۈتكۈل جەريانى، نەزىرگە قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن پىتنىلەرنى ئون كۈن ئىچىدە ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە تەكشۈرۈپ تەھقىقلەپ دادخاھ مەھكىمىسىگە مەلۇمات بەرسۇن؛ ئۈچنەنچىدىن ئايغاقچىلار مەھكىمىسى ئون كۈن ئىچىدە چىن بەگلىكىدىكى شەندۇڭلۇق دانىشمەن-سودىگەرلەرنىڭ بۇ ئىشلارغا تەدبىر-رىجەلەر قىلىشقان ۋە قاتناشقانلىقلىرى خۇسۇسىدىكى دەلىللەرنى بىرمۇ  بىر قولغا چۈشۈرۈپ دادخاھ مەھكىمىسىگە مەلۇمات بەرسۇنلەر؛ تۆتنەنچىدىن دادخاھ مەھكىمىسى ئالتە مەھكىمە بىلەن بىرلىكتە ھەر قايسى تەرەپلەردىن توپلانغان دەلەل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن ئەركان-مىزان بويىچە تەھقىق-تەدبىق قىلىشسۇنلار،ــــ يىڭ جېڭ جىندەك تۇرۇۋېلىپ،ــــ مۇشۇ تۆت تۈرلۈك مەزمۇنغا ھەرقايسىلىرىنىڭ يەنە قانداق ئۆزگىچە دانا قاراش-ماراشلىرى باركىن؟ــــ دەپ سورىدى ھەممەيلەندىن.

       ــــ ئەركان-مىزانغا ئۇيغۇن ئىكەن، باشقىچە قاراشتا ئەمەسمىز!ــــ دېيىشتى ۋاڭ جيەن، مېڭ تيەن، ۋاڭ ۋەنلەر خۇددى كېلىشىۋالغاندەك تەڭلا.

       ــــ ھۆرمەتلىك ھەمدەمبەگ، سىلىچە تازا مۇۋاپىق ئەمەسمۇ-قانداق؟

       ــــ چىنلىقلار لۈ بۇۋېينىڭ نەزىرىگە بارسىمۇ گۇناھكار، دەپ سۈرۈشتە قىلىمىزمۇ؟ــــ دېدى مېڭ ۋۇ يىڭ جېڭغا قاراپ بىلىنە-بىلىنمەس قوشۇمىسىنى ھىمىرىپ.

       ــــ بەگلىك ئەركان-مىزانى يېگانىدۇر، چىنلىقلار ئەركان-مىزانغا خىلابلىق قىلسا ئەجەبا گۇناھ بولمامدىكەن؟

       ــــ قېرى ۋەزىرلىرى ئەركان-مىزانچىلارنىڭ ئاۋام ئەركان-مىزانغا خىلابلىق قىلسا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، دەيدىغانلىقىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. چىنلىقلارنىڭ كۈن چىقىشتىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ ئىرپانبەگنىڭ نەزىرىگە كەلگەن ۋە ئۆسەك-پىتنە  تارقاتقانلىقى ئەلۋەتتە ئەركان-مىزانغا خىلابتۇر. نەچچە مىڭ، نەچچە تۈمەن ئادەم ئېزىپ-تېزىپ قارىسىغا ئەگەشكەندۇر، ناۋادا بۇلار جىنايەت ھېسابلىنىپ سۈرۈشتۈرۈلسە بەگلىك ئاۋام-رەئىيەتلىرىنىڭ دىلىغا ئازار بولىدۇ. كەمىنىلىرىچە بۇ قاتاردىكى ئالامانغا تەرغىب-تەربىيەت ئارقىلىقلا ئاگاھلاندۇرۇش بەرسەك كۇپايىدۇر، قاتتىق چارە-جازا بېرىشكە بولماستۇر،ــــ دېدى.

       ــــ ئاراڭلاردىن كىم «شاڭ ياڭ تۈزۈكى»نى يادقا بىلىدۇ؟ــــ دېدى يىڭ جېڭ مىيىقىدا كۈلۈپ.

       ــــ دەستۇرچىلارنىڭ كاتتا ئەسىرىگە بىزدەك ۋەزىرلىرى ئالىيلىرىدەك پىششىق ئەمەسمىز!ــــ ھەممىنى بىلىشكە، ئۆگىنىشكە چاپچىپلا تۇرىدىغان قابىل مېڭ تيەن ھەممەيلەندىن بۇرۇن خۇشامەتگۇيلارچە لوقما سالدى.

       ــــ ئۇنداقتا ياخشى، ھەمدەمبەگكە بىرنەچچە كەلىمە يادلاپ بېرەي،ــــ يىڭ جېڭ قوللىرىنى سىلكىپ سارايدا چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن ئايلىنىپ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن يادقا ئوقۇدى،ــــ بەگلەر ئىقلىمدىكى ئاۋام-رەئىيەتكە بەگلىك قىلىدۇ، شۇڭا پەقەت ئەللامەلەرلا بىلىدىغان كالام-بايانلارنى ئەركان-مىزان قىلىۋالسا مۇۋاپىق بولماستۇرلەر، چۈنكى ئاۋام-رەئىيەتنىڭ ھەممىسىلا ئەللامەلەردىن ئەمەستۇرلەر. پەقەت دانىشمەنلەرلا ئاندىن بىلەلەيدىغان كالام-بايانلارنى ئەركان-مىزان قىلىۋېلىشقا بولماستۇرلەر، چۈنكى ئاۋام-رەئىيەتنىڭ ھەممىسى دانىشمەن ئەمەستۇرلەر. شۇڭا بەگلەر ئەركان-مىزان تۈزۈشتە ئاددىي-ئۇقۇشلۇق قىلىپ تۈزمىكى، ئۇنى نادان-تادانلارمۇ بىلەلەيدىغان قىلىپ تۈزمىكى لازىمدۇرلەر،ــــ يىڭ جېڭ بىردەم تۇرۇۋېلىپ بۇنىڭغا ئىزاھ-شەرھىي بەردى،ــــ شاڭ تۆرە ئوردا ئەركان-مىزان تۈزۈپ يۈرگۈزگەندە چوقۇم ئاۋام-رەئىيەت كۆرۈپ بىلەلەيدىغان، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ تۈزۈشى لازىمدۇرلەر، دەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە چىن بەگلىكىدە ئەركان-مىزان بار، ئۇنى ھەممىلا ئادەم بىلىدۇ، ناۋادا بەگلىكىمىزنىڭ ئوردا مەھكىمىلىرى ئەركان-مىزانغا مۇخالىپ قىلمىشلارنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويسا، ياتلارنى جازالاپ ئۆز ئاۋام-رەئىيەتلىرىنى سۈرۈشتۈرمىسە، ئېغىرلىرىنى جازالاپ يېنىكلىرىنى جازالىمىسا، ئاۋام-رەئىيەت گاڭگىراپ قالمامدۇ؟ جاھان مالىمانچىلىقتا قېلىپ تېڭىرقاپ قالمامدۇ؟ ــــ يىڭ جېڭ بىر پەس توختىۋېلىپ يەنە جاراڭلىق ئاۋازدا داۋام قىلدى،ــــ ئەركان-مىزان ناباب ئىجرا قىلىنسا ھۆكۈمرانلىق قالايمىقانلىشىپ ھاكىمىيەت زاۋال تاپۇر. سۇخەندازلار ئەزىزلەنسە ئەلدە مەمەدانلىق ئەۋج ئالۇر.مەمەدانلىق ئەۋج ئالسا لەشكەرىي كۈچ ئاجىزلىشۇر.قابىللار ئەزىزلەنسە مەمەدانلىق بېسىقىپ لەشكىرىي كۈچ قۇدرەت تاپۇر. ئاۋام-رەئىيەت لەنەت ياغدۇرىدىغان ناباب سىياسەت-تەدبىر يۈرگۈزۈلسە ئاۋام-رەئىىيەت نابۇت بولۇر، ئاۋام-رەئىيەتكە ياقىدىغان سىياسەت-تەدبىر يۈرگۈزۈلسە ئاۋام-رەئىيەت روناق تاپۇر. تادان پازىللار مېھر-شەپقەتلىك، تەدبىرلىك ئەردەملەردىندۇر، شۇڭا ئۇلار مۇخالىپەتچىلەر ئۆكتە قوپقان تەقدىردىمۇ ئەلنى ياخشى ئىدارە قىلالايدۇلەر. چۈنكى تادان پازىللاردا جاھان ئەھلىنى قايىل قىلغۇدەك ئەدەب-ئەردەم، جاھان ئەھلى قايىل بولماي تۇرالمايدىغان سىياسەت-تەدبىر باردۇر. شۇڭا دېمەكتۇرلەركىم، نوقۇل مېھرىبانلىق، ئەدلۇ-ئادالەت بولغان بىلەن ھۆكۈمرانلىققا كۇپايە قىلمايدۇلەر،ھۆكۈمراننىڭ جاللاتلىقى زالىملىق ئەمەستۇرلەر، جازانى يېنىكلىتىش مېھرىبانلىق بولماستۇرلەر!ــــ يىڭ جېڭنىڭ ئاۋاز-تەلەپپۇزى شۇنچىلىك جاراڭلىق، كۈچلۈك ئىدىكى، چىنلىقلارنىڭ ئوچۇق-تۈز تەلەپپۇزى بىلەن چىقىۋاتقان ھەر بىر سۆزى ئېنىق، ئۇرغۇلۇق بولۇپ، بەئەينى ئوردا سارىيىنىڭ تېمىغا مىق قېقىۋاتقان بولقىنىڭ ئاۋازىغىلا ئوخشايتتى. يىڭ جېڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا،ــــ شاڭ تۆرىنىڭ دەۋاتقىنى پوس كاللىسىنى ئېيتقاندا كۆرگىلى بولمايدىغان مېھرىبانلىقتۇر!ــــ دېدى.

       ــــ ئالىيلىرىنىڭ شاڭ تۆرىگە چوقۇنۇپ چىن ئەركان-مىزانىغا رېئايە قىلىدىغانلىقىغا پەقىر ئەسلىدىنلا باشقىچە قاراشتا ئەمەسمەن! ــــ مېڭ ۋۇ بىر ھازا ئىككىلىنىپ ئاخىر مىڭ تەسلىكتە ئېغىز ئاچتى،ــــ شۇغىنىسى پەقىر چىنلىقلارنىڭ ئىرپانبەگ نەزىرىگە داخىل بولۇشىنى ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي ئىشى، ئەينى يىللىرى بەگلىك رەئىيەتلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن ئەلەمبەگ بەي چىگە ئاتاپ نەزىر-نۇزرەتلەر بەرگەندە جاۋشياڭۋاڭ ئالىيلىرى رەئىيەتنى ئەيىبكە بۇيرۇمايلا قالماستىن بەلكى ئەمەلدار-پۇقرالارنىڭ نەزىردە بىللە بولۇشىغا ئىجازەت قىلغان يەردە، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئالىيلىرىنىمۇ ئەلنىڭ رايىنى ياقلاپ بەگلىكىمىز رەئىيەتلىرىنىڭ نەزىرگە بېرىشىنى كۈن چىقىشتىن كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ گۇناھ ئارتماس، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. پەقىرنىڭ بايىقى قارىشىم ئەمدى ئويلاپ باقسام دۇرۇست بولماي قاپتۇ، بۇ خۇسۇستا ئەمدى باشقىچە قاراشتا ئەمەسمەن. مانا ئەمدى بەگلىكىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن تەھدىتنى بىلىپ بۇ سۆزۈمنى دەۋاتىمەن.

    ــــ بەگلىك ئىشىغا ئەقىلدارلىق قىلىش پەيتىدە نېمىنى ئويلىساق شۇنى دېمەك لازىمدۇر، سىز-بىزلەر بۇنى ئەستىن چىقارساق بولماس.

    ياش بەگنىڭ خۇش تەبەسسۇم چېھرى يەنە جىددي تۈس ئېلىپ سۆزگە كىرىشتى:

    ــــ ھەمدەمبەگنىڭ بايىقى قارىشى خاتا ئەمەستۇر. دورغابنىڭ بايىقى قارىشىدىمۇ ئوخشاشلا ھېچ خاتالىق يوقتۇر. ناۋادا ھەمدەمبەگ بىلەن دورغاب خەنگۇ قورۇلىغىچە قوغلاپ بېرىپ ماڭا پەند-نەسىھەت قىلمىغان بولسا، ئالدۇراڭغۇلۇقتا خاتا تەدبىر-سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلۈپ قالايمىقانچىلىقلار چىققان بولاتتى. سىلەرنىڭ مېنى شۇ ئالدىراڭغۇلۇقتىن توسقىنىڭلار يامان ئىش ئەمەس. سىلەرنىڭ پەند-نەسىھەتىڭلار ماڭا شاڭ تۆرىنىڭ ئىنساننىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى ۋە خۇي-پەيلى خۇسۇسىدىكى بايانلىرىنى ئەسلەتتى، پەقەت ئەركان-مىزاننىڭلا ئەلنى ئىدارە قىلىش يولى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى،ــــ يىڭ جېڭ بىرپەس ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋېلىپ جىددىي تەرۈزدە داۋام قىلدى،ــــ ۋەھالەنكى، ھەمدەمبەگنىڭ ئىرپانبەگنى ئەلەمبەگ بىلەن سېلىشتۇرغانلىقى تولىمۇ ھاماقەتلىكتۇر. ئەلەمبەگ بەي چى تۆھپىسىلا بار ھېچبىر گۇناھى يوق تۇرۇغلۇق بۇزرۇكۋارىم جاۋشياڭۋاڭ ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىپ كاللىسىنى ئالغانلىقى تولا ئېچىنىشلىقتۇر. رەئىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا نەزىر-نۇزرەت بېرىشى ئەدلۇ-ئادالەتنى ياقلىغانلىقىدۇر. ئەمما ئىرپانبەگ بۇنىڭغا زادىلا ئوخشىماستۇر، ئۇ بەگلىك ھەرەمخانىسىغا ساختا ئاغۋات سۈپىتىدە لاۋ ئەينى كىرگۈزۈپ بەگلىكتە مالىمانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۈيۈك چىن سەلتەنەتى تىكلەنگەن بەش يۈز يىلدىن كۆپ ۋاقتتىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئارا-نامۇسقا قويدىلەر، ئۇنىڭ گۇناھى ھەممىگە ئېنىقتۇرلەر! بۇنى ئالتە مەھكىمە سوراق قىلىپ دەلىللىگەن جىيايەت، كېيىن يەنە ئەركان-مىزان بويىچە تەدبىق-تەھقىق قىلىنغان، خاتا جازالانمىدى ھەم ھېچ بىر ئۇۋالچىلىق بىلەن كاللىسى ئېلىنمىدى، شۇڭا بۇنى قانداقمۇ ئەلەمبەگ بەي چى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىدا تۆھپە ياراتقانلارغا جازا يېنىكلىتىلىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ ئەمما تۆھپىسىنى، ياخشى نام-ئاتىقىنى پەش قىلىپ ئەركان-مىزاننى دەپسەندە قىلسا بولمايدۇ، دېيىلگەن. ئىرپانبەگ چىن بەگلىكىگە زور تۆھپە قوشقان بولسىمۇ بۇ تۆھپىلىرى شۇنچە ئېغىر گۇناھىنى قانداقمۇ يۇيالىسۇن؟ ئاۋام-رەئىيەتنىڭ رايىغا بېقىشقا كەلسەك، ئەركان-مىزاننى كۆزگە ئىلماي ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش دەل ئىرپانبەگنىڭ جازانى يېنىكلىتىش خاھىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن بولدى، ناۋادا مۇشۇ بويىچە كېتىۋېرىدىغان بولساق، لۈ بۇۋېي بۇرنىمىزدىن يېتىلەپ مېڭىۋېرىپ بەگلىكتە بىر كۈنمۇ ئاراملىق بولمىغان بولاتتى، ھېچ ئىش ئاقمىغان بولاتتى. ھەمدەمبەگ، ئويلاپ باقتىلىمۇ؟ بەگلىك باشقۇرۇش دېمەك ئەلنى ئىدارە قىلىش، دېمەكلىكتۇر، ئەلنى ئىدارە قىلالمىغان ئەركان-مىزاننى قانداقمۇ ئەركان-مىزان، دېگىلى بولسۇن؟!

    ــــ پەقىرلىرى تەلىم ئالدىم!ــــ ھەمدەمبەگ بېشى يەرگە تەگكىچە ئېگىلىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ ئارانلا زۇۋان سۈرەلىدى.

    يېرىم ئايلاردىن كېيىن قېرى دادخاھ ۋەزىر سۇنغان مەلۇمات كۈن چىقىش قەسرىگە كىرگۈزۈلدى.

    تاڭ يورۇشى بىلەنلا يىڭ جېڭ كۇتۇپخانىسىغا كىردى. ئادىتى بويىچە ئالدى بىلەن ھۆججەت-پۈتۈكلەر كىچىكرەك تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ھۆججەت-مەلۇمات شىرەسى ئالدىغا كېلىپ ئۈستى-ئۈستىگە دەستىلىۋېتىلگەن قات-قات ھۆججەت-مەلۇمات ئورامىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويۇلغان ئاق خەت يېزىلغان قارا شايى لېنتىلارغا سىنچىلاپ تىكىلىۋېتىپ، قېرى دادخاھ ۋەزىر يوللىغان ئورامغا كۆزى چۈشۈپ قالدى، مۇنداقچىلا بىر كۆز يۈگرىتىشىگە، كەينىدە سوڭدىشىپ تۇرغان تامغاچ جاۋگاۋ دەرھال دادخاھ ۋەزىر يوللىغان ئورامنى سۇغرىۋېلىپ ياندىكى پۈتۈك شىرەسىگە يايدى. يىڭ جېڭ كەڭرى-ئازادە پۈتۈك شىرەسى ئالدىدا ئورۇن ئېلىپ بولغىچە سىياھدانغا مىلەپ تەييارلانغان يوغان قەلەم قەلەمداندا ھازىر قىلىندى، دىماقنى غىدىقلايدىغان بىر كاسا خۇشھىد چايمۇ يىڭ جېڭنىڭ سول قولىغا قولاي جايغا تەق قىلىندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك جاي-جايىدا تەقلەندى، ئەتراپتا ھېچ بىرىنىڭ سايىسى كۆرۈنمەيتتى.

    ــــ دورغاب، بارمۇ ئۆزلىرى؟ــــ يىڭ جېڭ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن شىرەنى توكۇلدىتىپ چەكتى.

    ــــ لەببەي، ۋەزىرلىرى تەقمەن!

    تاشقارقى سارايدا ھېزى-ھۇشيار تۇرغان ۋاڭ ۋەن خۇددى شامال كەبى ئاۋازى بىلەن تەڭ قېلىن گىلەمدە تىۋىش چىقارماي شىپىلداپ مېڭىپ كىرىپ، يىڭ جېڭنىڭ قول ئىشارىسى بويىچە بەگ شىرەسىدىكى ھۆججەت-پۈتۈك ئورامىنى رەتلەپ يىغىپ ئالدى. بەگنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل دورغاب بولغىنى بىلەن ۋاڭ ۋەن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ۋەزىرلەرنىڭ بەگكە سۇنغان مەلۇماتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ مەھكىمە پۈتۈكچىلىرىنىڭ ھەربىر يوللانمىنى تۈرگە ئايرىپ تىزىملىككە ئېلىپ، لېنتا خەتكۈچ قىستۇرۇپ رەتلىك تىزىشىنى، ئوتتۇز ئورامنى بىر توپلام قىلىپ بەگ كۇتۇپخانىسىدىكى بەگ شىرەسىگە تىزىشىنى نازارەت قىلىش؛ بەگ كۆرۈپ تەستىق سېلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئىككى نەپەر پۈتۈكچىنىڭ تەستىق سېلىنغان ھۆججەت-مەلۇماتلارنى باشقىدىن ئىككى نۇسخا كۆچۈرۈپ بىر نۇسخىنى ھەرقايسى ئالاقىدار مەھكىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يوللىشىنى، يەنە بىر نۇسخىسىنى لازىم بولغاندا تەكشۈرۈشكە قالدۇرۇشىنى، تەستىق سېلىنغان رەسمىي نۇسخىسىنى بەگلىك پۈتۈك-ۋەسىقە سارىيىدا ساقلاشقا يوللىشىنى نازارەت قىلىشقىمۇ مەسئۇل ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بەگ تەستىق سېلىشتىن بۇرۇن دورغابنىڭ ئورامنى ئېچىش ھوقۇقى بولمايتتى. قېرى دادخاھ ۋەزىرنىڭ بۇ ئورامى تۈنۈگۈن تۈن نىسبىدە تاپشۇرۇپ ئېلىنغان بولۇپ، ۋاڭ ۋەن ئۇنى بەگ بۈگۈن كۆرۈپ تەستىق سالىدىغانلىقىنى پەملەپ بۈگۈن كۆرۈلىدىغان مەلۇماتلار قاتارىدا جايلاشتۇرۇپ، قاق پودىلا كۈن چىقىش قەسىرنىڭ تاشقارقى سارىيىدا تەق بولۇپ تۇرغان ئىدى. شۇ تاپتا بەگنىڭ تەستىق سالماي تۇرۇپلا ئۆزىنى چاقىرغانلىقىدىن مىرغەزەب كەبى قاتتىق قول، قولىدىن شۇملۇقتىن باشقىسى كەلمەيدىغان قۇۋ قېرى دادخاھنىڭ بەگنى تەڭلىككە سالىدىغان يەن قانداقتۇر بىر قىيىن شۇملۇقنى «ئويلاپ» تاپقانلىقىنى پەملەپ يۈرىكى ئاغقاندەك بولدى-دە، ئورامنى ئېچىپ كۆرۈپ تولىمۇ تەساددىپىيلىق ھېس قىلدى.

    قۇۋ قېرى دادخاھ ۋەزىر جەسەد ئوغرىلاپ ئوغرىلىقچە دەپن قىلىشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەگە «ياتلار چىن سەلتەنەتىگە دەخل قىلغان، ئۆز ئالدىغا نەزىر بېرىپ ئەركان-مىزانغا خىلابلىق قىلغان، پىتنە-پاسات تارقىتىپ ئاۋام-رەئىيەتنى قايمۇقتۇرغان» دېگەن ئۈچ تۈرلۈك گۇناھنى تەدبىقلاپ، مۇنداق بەش خىل جازا تەھقىقلىگەن:«بىرىنچىسى، چىن بەگلىكىدە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان شەندۇڭلۇق سودىگەرلەر لۈ جەمەتى قەسىرىدە تۇرۇۋاتقان تېجىمەل، زاكاتچىلاربىلەن ھەمتاۋاق بولۇشۇپ ئۆز ئالدىغا نەزىر-نۇزرەتلەر ئۆتكۈزۈپ پىتنە-پاسات تارقاتتى، شۇڭا ئۇلارغا ‹ياتلار چىن سەلتەنەتىگە دەخل قىلغان›لىق گۇناھى ئارتىلىپ چىن بەگلىكى تەسەررۇپىدىن قوغلاپ چىقىرىلمىقى لازىمدۇر؛ ئىككىنچىسى، چىن بەگلىكىنىڭ 600 پاتمانلىق ئەمەلدارلىرى قاتارىدىكى سالنامىچى-رەسەتبەگ، ئايماق ئورۇنباسار ۋالىيلىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى نەسەب-مەنسەپدارلىرى لۈ بۇۋېيگە نەزىر-نۇزرەتلەر بېرىپ يىغا-زارە قىلىشىپ ھازا ئېچىشقانلەر، بۇنداقلارغا ‹ئەركان-مىزاننى كۆزگە ئىلماي ئۆز ئالدىغا نەزىر بېرىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلىق› گۇناھى ئارتىلىپ، نەسەب-مەنسەپلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۆي-بىساتى، جەددى-جەمەتى بىلەن فاڭلىڭ غا سۈرگۈن قىلىنمىقى لازىمدۇرلەر؛ ئۈچىنچىسى، چىن بەگلىكىدىكى سالنامىچى، رەسەتبەگ، ئايماق ئورۇنباسار ۋالىيلىرىدىن تۆۋەن دەرىجىدىكى نەسەب-مەنسەپدارلار لۈ بۇۋېي ئۈچۈن شەخسلەر بەرگەن نەزىرلەرگە يىغلاپ ھازا ئېچىپ قاتناشقان، بۇلارغىمۇ يۇقىرىقى گۇناھكارلارغا ئوخشاش گۇناھ ئارتىلىپ ئەمەل-نەسەبلىرى ئىككى دەرىجە چۈشۈرۈلۈپ ئۆي-بىساتى،جەمەت-ئۇرۇغلىرى بىلەن قوشۇلۇپ فاڭلىڭغا سۈرگۈن قىلىنماقلىقلىرى زۆرۈردۇرلەر؛ تۆتىنچىسى، ئومۇمەن لۈ جەمەتى قەسىرىدە ئەمەل-مەنسەپ تۇتقان تېجىمەل-زاكاتچىلار ئىچىدىكى چىن بەگلىكىمىزنىڭ ئەمەلدار-دانىشمەنلىرى ئالتە بەگلىكنىڭ مۇھاجىرەتتىكى سودىگەرلىرى تىككەن بورا لاپاس-كەپىلەرگە بېرىپ يىغلاپ ھازا ئاچمىغان بولسىمۇ ئەمما پىتنە-پاسات تارقاتقان بولسىلا ‹پىتنە-پاسات تارقىتىپ بەگلىكىمىزنىڭ ئاۋام-رەئىيەتلىرىنى قايمۇقتۇرغان›لىق گۇناھى ئارتىلىپ، نەسەب دەرىجىسى ساقلاپ قېلىنىپ ئۆي-بىساتى، جەددى-جەمەتى بىلەن قوشۇلۇپ فاڭلىڭغا سۈرگۈن قىلىنمىقى لازىمدۇرلەر؛ بەشىنچىسى، چىن بەگلىكىنىڭ پۇقرالىرىدىن يىغلاپ ھازا ئېچىپ نەزىرلەرگە قاتناشقان ھەم پىتنە-پاسات تارقاتقان بولسىلا ئىككى خىل جازا تەڭلا بېرىلمىكى، يەنى ئون سەر ئالتۇن جەرىمانە قويۇلۇپ سېپىل خەندىكى قازماققا ۋە مۇنكىر-ماشايىخلار خىزمىتىنى قىلماققابۇيرۇلمىقى بەرھەقتۇرلەر. ئاينىڭ 10-كۈنى».

    ــــ بۇنىڭ نامۇۋاپىق يېرى يوقتۇرلەر، ۋەزىرلىرىنىڭ قارىشىچە بۇ بولىدىكەن،ــــ دېدى ۋاڭ ۋەن ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ.

    ــــ نەرى بولىدىكەن؟

    ــــ جازا جايىدا تەدبىقلىنىپتۇ، ئەمەلدارلارغا ئېغىر، پۇقرالارغا يېنىك تەدبىقلىنىپتۇ!

    ــــ ئەركان-مىزان بويىچە بولسىلا ئېغىر-يېنىكىنىڭ كارايىتى چاغلىق!

    ــــ ئالىيلىرىنىڭ قارىشىچە جايىدا بولمىغان ئوخشىمامدۇ؟

    ــــ ياق، ئەكسىچە تولا جايىدا بوپتۇ!ــــ دېدى يىڭ جېڭ قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە شىرەگە بىرنى شاپىلاقلاپ،ــــ شۇ بويىچە تەستىقلانمىقى زۆرۈر، بىر خېتىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولماستۇرلەر،ــــ ئۇ قوللىرىنى سىلكىپ رازىمەنلىك بىلەن ئۇلۇغ-ئۇلۇغ نەپەس ئالدى،ــــ دېمەكچىمەنكى، قېرى دادخاھ ۋەزىرنىڭ ئەركان-مىزان تەدبىقلىشىدىكى پاراسىتى قالتىسكەن، ئېغىر-يېنىكلىكى مۇۋاپىق بوپتۇ، ئومۇمىيەت نەزەرگە ئېلىنىپتۇ، ئەركان-مىزاننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى قوغدىلىپتۇ، جازاغا تارتىلىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ ئاۋامغا ئازار بېرىلمەپتۇ، ھەقىقەتەن ئەلنى تىنچىتىدىغان كەسكىن تەدبىر بوپتۇ. شۇغىنىسى بۇ قاتتىق قول قۇۋ دادخاھ ۋەزىر يەتمىشكە ئۇلىشىپ قالدى، چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزان يۈرگۈزۈشتە بىر كاتتا ئەربابىغا ئىزباسار چىقمايدىغان بولدى!

    ــــ ئالىيلىرىنىڭ يىراقنى كۆزلىگىنى مېنىڭچە تولىمۇ ئورۇنلۇقتۇر!ــــ دېدى ۋاڭ ۋەن بېشىنى لىڭشىتىپ ئېغىر تىنىپ،ــــ ۋەزىرلىرىنىڭ يەنە شۇنى دېگۈسى كېلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىم جازاغا چېتىشلىق ئەمەلدارلار، ئاۋام-رەئىيەت خېلىلا كۆپ، بۇ بەگلىكىمىز بەنا بولغاندىن بېرى مىسلى كۆرۈلمىگەندۇر، شۇڭا ئالاھىدە بىر يارلىق چۈشۈرۈپ بەگلىك ئاۋام-رەئىيەتلىرىگە سەۋەب-نەتىجە، پايدا-زىياننى شەرھلىمەك لازىمدۇر. بولمىسا بەكلا ئۇشتۇمتۇت بولۇپ قېلىپ ئاۋام-رەئىيەتتە غۇم-خۇسۇمەت تۇغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    ــــ تولا بەلەن رىجە،ــــ دېدى يىڭ جېڭ رازىمەنلىك بىلەن شىرەنى مۇشتلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ،ــــ بۇ قېتىم دورغاببەگنى ئاۋارە قىلماي ئۆزۈم بىر يارلىق يېزىپ باقايچۇ!

    ــــ ئالىيلىرىنىڭ پاساھەتلىك تىلى، كامالەتكە يەتكەن ئۇسلۇبى ئۆزگىچىدۇر، ۋەزىرلىرىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويغايلا!

    ــــ شۇغىنىسى دورغاببەگنى نائۈمىدتە قويارمەنمىكىن،ــــ يىڭ جېڭ قاقپودىكى خۇشچاغ كەيپىدە بىرھازا قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە ۋاڭ ۋەنگە چاقچاق قىلدى، ئارقىدىنلا يەنە سەل رايىش قىياپەتتە،ــــ پەقىر يىڭ جېڭ قەلەمگە خام بولساممۇ دورغاببەگ بولغاچقا ھەممىدىن خاتىرجەممەن، بەگ يارلىقى سىياسەت-تەدبىر خۇسۇسىدا بولغاچقا مەزمۇن جايىدا ئىپادە قىلىنسىلا پاساھەتلىك تىل بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار. مەزمۇن قوغلاشقانلار مەنتىقىغە، پاساھەت قوغلاشقانلار دۇررى كالامغا ئەھمىيەت بەرمىكى لازىم. بۇ ئىقلىمدىكى كلاسسىك جەۋھەرلەرگە قارايدىغان بولساق پاساھەتلىك دۇررى كالاملار مەشھۇر مۇتەپەككۇر- ناتىقلاردىن تۆكۈلۇر، بۇ جەھەتتە ھەزرىتى مېڭ زىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈدىغىنى يوقتۇر. مەن «مېڭ زى»نى ئوقۇغىنىمدا تالاي مەرتە ئوقۇغان بولساممۇ ئايىقى چىقماس مۇبالىغىدەك تۇيۇلدى، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ھېچبىر جەلبكارلىقى يوقتۇرلەر. پاساھەتسىز يازغانلار قاتارىدا شاڭ تۆرە ئالدىدا تۇرىدۇ. «شاڭ تۆرە باياننامىسى» نىڭ تىلى قوپال، راۋان ئەمەس، ئەمما ئىنتايىن ئۆتكۈر، گەپنىڭ پوسكاللىسى ئېيتىلغان، ئۇنى ئوقۇغان ئادەم خۇددى چاتقاللىقتا پالتا-ئورغاقتا يول ئېچىپ كېتىۋاتقاندەك، ماڭغانسېرى يولى داغداملىشىدۇ، ھېچ تۇيۇق يول ئۇچرىمايدۇ. قېنى ئېيتسىلىچۇ دورغاببەگ، شاڭ تۆرە ئىزىدىن يۈرگۈلۈكمۇ ياكى مېڭ زى ھەزرەت ئىزىدىن ماڭغۇلۇقمۇ؟

    خېلى بىر ھازاغىچە تىن تارتماي تۇرۇپ قالغان ۋاڭ ۋەن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي پېشانىسى يەرگە تەگكىچە ئېگىلىپ تازىم قىلىپ:

    ــــ پەقىر پەقەت بىر پۈتۈكچىمەن، تەلىملىرىگە ھەشقاللا!ــــ دېدى.

    ئەتىسى ئەتىگەندە، ۋاڭ ۋەن ئالدىراپ-سالدىراپ ئوردۇبالىقنىڭ كۈن چىقىش قەسىرىگە يېتىپ كەلدى. كۈتكۈچىلىكتە تۇرۇۋاتقان تامغاچ جاۋ گاۋ ئالىيلىرىنىڭ تېخى بايىلا ئۇخلىغانلىقىنى، تەييارلاپ قويغان بەگ يارلىقىنى دورغاببەگ كۆرۈپ چىقىپ باشقىچە قاراش-ماراشلىرى بولمىسىلا دەرھال جاكارلاشنى تاپىلىغانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ ۋەن بەگ شىرەسىدىكى توم ئورالغان يارلىقنى ئەستايىدىل بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن كۆڭلىدىن گۆرىستان قورقۇنچى كەچتى:

    «ئاۋام-رەئىيەتكە يارلىق :

    چىن بېگىنىڭ ئالاھىدە يارلىقى شۇنداغكىم: ئىرپانبەگنىڭ باش ۋەزىرلىك مەنسىپى ئېلىپ تاشلانغاندىن بۇيان جاھان دەككە-دۈككىدە قېلىپ ئوردا ئىچى-سىرتى تىنچمىدىلەر. چىن بەگلىكى سەلتەنەت تىكلىگەن بەش يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقتتىن بۇيان بىر گۇناھكار ۋەزىرنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك ئوردا ئىچى-سىرتىنى ئەشەددىي ئۇنسۇرلار قاپلاپ كېتىدىغان ئىش زىنھار كۆرۈلمىگەنلەر! ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېينىڭ ئالدىنقى بەگ بىلەن تونۇشۇپ چىن تەسەررۇپىغا كىرگىنىگە يىگرىمە نەچچە يىللار بولدى، ئۇنىڭ بەگلىكنى تىنچىتىپ ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈگەنلىكىدەك تۆھپىسى ھەم شۇنىڭدەك بەگلىكنى مالىمان قىلغانلىقىدەك گۇناھى باردۇرلەر. ئۇنىڭ ياراتقان ئۆچمەس تۆھپىسىگە باش ۋەزىرلىكىگە قوشۇلۇپ بەگلىككە ھەكەملىك قىلىش تاپشۇرۇلغانلەر، نەسەب-مەنسەپ ۋە سۇيۇرغاللىق بېرىلگەنلەر، چىن بەگلىكىنىڭ قۇرۇق نام بېرىش ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ لوياڭدىكى ئون تۈمەن تۈتۈنلۈك ئەمەلىي سۇيۇرغاللىق بېرىلگەنلەر، ئۇنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازى، بايلىقى بارلىق ۋەزىر-تۆرىلەرنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنلەر ھەم بۇنى ئوردا ئىچى-سىرتى ئېتراپ قىلغانلەر، بۇ نەچۈندۇر؟ ئۇنىڭ تۆھپىسى زور بولغىنى ئۈچۈندۇرلەر! چىننىڭ ئۇنى كاتتا سۇيۇرغاللىق بىلەن تارتۇقلىشىمۇ ئۇنىڭ تۆھپىكار ۋەزىر بولغىنى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ۋەھالەنكى، ئىرپانبەگ بەگلىككە ھەكەملىك قىلىش ھوقۇق-ئىمتىيازىغا بەگلىككە ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرماستىن بەلكى ھەرەمخانىغا ساختا ئاغۋات كىرگۈزۈپ خاھلىغىنىچە ھەرەمخانىغا كىرىپ، بەگ ئانىنى ئوتقا ئىتتىرىپ، بەگلىك سەلتەنەتىنى بۇزۇقچىلىققا غەرق قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوردا ئىچى-سىرتى داۋالغۇپ، ئىپلاسچىلىقلار ئاشكارىلىنىپ چىن بەگلىكىنى ئارا-نامۇس پاتقاقلىرىغا پاتۇرۇپ، بۈيۈك چىن خەلقىنىڭ بەش يۈز نەچچە يىللىق تارىخىنى ئالامچە ئاھانەت-نامۇسقا قويدى! چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىدا تۆھپە ياراتقانلارغا جازا يېنىكلىتىلىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ ئەمما تۆھپىسىنى، ياخشى نام-ئاتىقىنى پەش قىلىپ ئەركان-مىزاننى دەپسەندە قىلسا بولمايدۇ، دېيىلگەن. لۈ بۇۋېينىڭ بۇ ئىشىغا كەلسەك، دادخاھ مەھكىمىسى ۋە مىرغەزەب ئالتە مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ گۇناھ دەلىللەپ، ئەركان-مىزان تەدبىقلىغان، بۇ نەچۈندۇر؟ گۇناھى ئېغىر بولغانلىقتىندۇرلەر! دېمەككىم، چىن بەگلىكى ئىرپانبەگنىڭ تۆرىلىكىنى ساقلاپ قالدى، ئىرپانبەگنىڭ سۇيۇرغاللىقىدىن بىر چىمدىم ئۈزۈۋالمىدى، چىن بېگى تۆھپىكار باش ۋەزىرىگە يۈز كېلەلمىگىدەك نېمە قىلدى؟ شۇنداق تۇرۇغلۇق ئىرپانبەگ ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرمەي، ئوي-دۆڭىنى ئويلاپمۇ باقماي ئالتە بەگلىكتىن كەلگەن مېھمانلىرى بىلەن لوياڭدا جەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ كىتابىنى تارقىتىپ، ئاۋام-رەئىيەتنى قايمۇقتۇردىلەر، بۇنىڭدىن ئالتە بەگلىكنىڭ نەسەب-مەنسەپدارلىرى خورىكى ئۆسۈپ، تېرىسىگە سىغماي ئالچاڭلىشىپ، تېجىمەل-قوناقلىرى، مۇرىت-مۇخلىسلىرى، گۇپپاڭچى-چوماقچىلىرى بىلەن چىن بەگلىكىنى  يۇتۇۋېلىش رىجەلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشتى. ئوردا ئىچى-سىرتىنى ئەمىن قىلىپ يېڭى سەلتەنەتنى ئىزىغا سېلىشنى مۇددىئا-مەقسەت قىلغان چىن بېگى يارلىق چۈشۈرۈپ ئەيىبلەپ، ئىرپانبەگنى باشۇ دىيارىغا كۆچۈپ كېتىشكە بۇيرۇدى، بۇنىڭ نەرى يامان بوپتۇ؟ شۇ كۈنلەردە چىن بەگلىكىنىڭ بىر قىسىم ئاۋام-رەئىيەتلىرى لۈ بۇۋېينىڭ تۆھپىسىنىلا ئەسلەپ ئۇنىڭ گۇناھىغا كۆز يۇمۇپ، چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىنى كۆزگە ئىلماي، شەندۇڭلۇقلارنىڭ بىر مەھەللىك پىتنە-پاساتلىرىغا ئىشىنىپ، ئالتە بەگلىكنىڭ سۈيقەستىگە گۇپپاڭچىلىق قىلىشىپ، گۇناھكار ۋەزىرگە ئۆز ئالدىغا نەزىر-نۇزرەتلەر بېرىشىپ، مۇقەددەس ئاستانىمىز شيەنياڭنى بېشىغا كىيىپ مالىمان قىلىپ، بەگلىكىمىز ئەركان-مىزانىنى قالايمىقان قىلىشتى، بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك-ھە؟! ئەگەر بۇنى ئەركان-مىزان بويىچە جازالاپ چەكلىمىسەك، چىن بەگلىكى ئەركان-مىزانىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى نەدە قالىدۇ؟ چىن بەگلىكىنىڭ ئەمىن-ئاسايىشلىقى نەدە قالىدۇ؟ دەل مۇشۇ خۇسۇستا بۈيۈك چىن بەگلىكىنىڭ بېگى ئاۋام-رەئىيەتنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇدۇ: بۈگۈندىن ئېتىبارەن بەگلىك ئىشلىرىدا لاۋ ئەي، لۈ بۇۋېيدەكلەر چىقىپ قالغۇدەك بولسا ئۇرۇق-جەمەتى قويماي نەسەبلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ. ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد چىن بەگلىكىدە نەسەب-مەنسەپ تۇتالمايدۇ ھەم پۇقرادارچىلىق قىلالمايدۇ. چىن بېگى يەنە شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىك ۋە ئۇلارنىڭ بەگ-تۆرىلىرىنىمۇ شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: ناۋادا ئۇلار كاشىلا-چاتاق تۇغدۇرۇپ چىن بەگلىكىنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشسا، ئۇلار بىلەن بىر ئىقلىمدا تۇرالمايدۇلەر، ۋاقىب بولغايلەر! چىن بەگلىكى سەلتەنەتىنىڭ 12-يىلى ئەتىياز.»

    ۋاڭ ۋەن ئۈندىمەستىن بامبۇك تارشىنى ئورام ساندۇقىغا قاچىلاپ، ئالدىراپلا تارشا ئويمىخانىسىغا كىرىپ كەتتى.

    شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن چىن بېگى چۈشۈرگەن «ئاۋام-رەئىيەتكە يارلىق» بىلەن دادخاھ مەھكىمىسىنىڭ جازا جاكارنامىسى بىرلا ۋاقىتتا ئاستانە شيەنياڭنىڭ تۆت قوۋۇقىغا ئېسىلدى. پەرمانچى مەھكىمىسىنىڭ يارلىق بىلەن جازا جاكارنامىسى قاچىلانغان خاس ھارۋىلىرى خىل ئارغىماقلىرىنى قوشۇپ تۇشمۇ-تۇشتىن شيەنياڭدىن چىقىشىپ ئايماق-ئايماق، ناھىيە-ناھىيەلەرگە ۋە شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىككە يۈرۈپ كېتىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاستانە شيەنياڭ خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ قالدى، پۈتكۈل گۇەنجۇڭ دىيارى جىمىدى، چىن بەگلىكىنىڭ بارلىق ئايماق-ناھىيىلىرى تىمتاسلىققا چۆمدى، شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكمۇ خۇددى تىلى كېسىۋېتىلگەن تۇتىدەك جىمىپ كەتتى. چىن بېگىنىڭ ئېزىپ چۈشەندۈرگەن ھەق-قائىدىلىرى، قان ھىدى پۇراپ تۇرغان كەسكىن تەدبىرى ئالدىدا قانات-قۇيرۇق ياساشقان مىش-مىشلەر، پىتنە-پاساتلار بىراقلا بېسىقىشتى.

    ئاستانە شيەنياڭدا تۇرۇپ قالغان مۇھاجىرەت-مۇساپىرەتتىكى شەندۇڭلۇق سودىگەرلەر دەسلەپتە قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغان ئادەمدەك قورقۇنچقا چۈشتى-يۇ، ئارقىدىنلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىخارامان يۈرۈۋېرىشتى، ھېچبىرىنىڭ قارىشى تەدبىر-رىجە قىلىشقىدەك ماجال-رەۋىتىمۇ قالمىدى، بەزىلىرى جىممىدە قۇيرۇقىنى قىسىشىپ كۈدە-كۆرپە، يۈك-تاقلىرىنى تېڭىشىپ چىن بەگلىكىدىن غىپپىدە تىكىۋېتىش كويىغا چۈشۈشتى. ناۋادا شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكتە بولىدىغان بولسا، شىددەتلىك كەلكۈندەك ئاۋام رايى ئالدىدا ھېچ بىر بەگلىك مۇشۇنداق بىر ياقلىق قىلالمالا قالماستىن بەلكى ئۆلگۈچىنىڭ نامۇ-شەرىپىنى، ئىززەت-ئابرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئاۋام رايىغا بېقىشنى بىردىنبىر تەدبىر، دەپ بىلىشكەن بولاتتى. بىرەر-يېرىم يىل تەرەپ-تەرەپ بىلەن رىجە-كېڭەشلەر قىلىنمىسا رەئىيەت رايىدىكى بۇنداق داۋالغۇشلارنى جىمىقتۇرۇش قىيىن ئىدى. لوياڭدا لۈ بۇۋېى ئوغرىلىقچە دەپن قىلىۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئىشلار چىن بەگلىكىنىڭ ئاۋام رايىنى بىرياقلىق قىلىشتىكى تەدبىرىنىڭ باشقا ئالتە بەگلىكنىڭ ئاۋام رايىنى بىرياقلىق قىلىشتىكى تەدبىرى بىلەن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مۇشۇ سەۋەبلىك شەندۇڭلۇق سودىگەر-تالىبلار قوزغىغان ئومۇميۈزلۈك نەزىر بېرىش مالىمانچىلىقى قوزغالدى. ئالتە بەگلىكنىڭ ئۇلۇغلىرى، تالىب-سودىگەرلىرى ناۋادا لۈ بۇۋېيغا نەزىر بېرىش شامىلى ئەۋج ئالىدىغانلا بولسا چىن بەگلىكى ھەر ھالدا لۈ ھەزرەتنىڭ تېجىمەللىرىگە چىن بەگلىكى تەۋەسىدە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى ئاشكارا تارقىتىشقا ئىجازەت قىلىدۇ؛ نەزىر بېرىش شامىلى توختىماي داۋام قىلىدىغانلا بولسا لۈ بۇۋېيغا قىلىنغان ئۇۋالچىلىقلار ئاقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن؛ مۇشۇ پۇرسەتتە شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىك چىن بەگلىكىگە بېسىم قىلسا چىن بەگلىكى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش بىتىمى تۈزگىلى بولۇشى تۇرغان گەپ، دېگەندەك غۇم-خۇسۇمەتلەرنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈشكەن. بۇنداق رىجە-تەدبىرلەرنى ھەممىلا ئادەم بىلمىگىنى بىلەن ئالتە بەگلىكنىڭ خۇپىيلىرى تەسىرى بار كاتتا سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ بۇلارنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈپ بولۇشقان ئىدى.

    ئويلىمىغان يەردىن چىن بەگلىكى شۇنچىلىك تۇيۇقسىز تەدبىر-سىياسەت قىلدىكى، ئاۋام ئارىسىدا نەزىر بېرىش شامىلى قوزغىلىپ بىرەر ئاي بولا-بولمايلا بۇ تەدبىر-سىياسەتلەر تولىمۇ كەسكىن-قاتتىق يۈرگۈزۈلدى. بۇ تەدبىر-سىياسەتلەر يۈگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ھېچقانداق شەپىمۇ بولمىدى، ئالتە بەگلىك سودىگەرلىرىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن سۈلھىي-سالالارمۇ بولمىدى، تىن تارتقۇدەك ئىمكانلارمۇ بولمىدى، بەلكى نەزىرگە چېتىشلىقلارنىڭ بەرى چىن تەسەررۇپىدىن ھەيدەلدى. بۇنداق قاتتىق، چاقماقتەك تەدبىر-سىياسەتلەردىن ئوردا ئىشلىرىنى تىڭ-تىڭلاپ بىلىۋېلىش كويىدىلا يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن ئالتە بەگلىك سودىگەر-دانىشمەنلىرى خۇددى جىن-ئەرۋاھلارغا  يولۇققاندەك قورققىنىدىن قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كېتىشتى. چىن بەگلىكىنىڭ چىن ئەركان-مىزانىغا خىلابلىق قىلغان  ئۆز بەگلىكىنىڭ ئەمەلدار-پۇقرالىرىنىمۇ ئەركان-مىزان بويىچە قالدۇرماي بىر تەرەپ قىلىپ، چىن ئەركان-مىزانىغا خىلابلىق قىلغان كەلگىندى سودىگەر-تالىبلارغا «ئۇۋال بولدى» دەپ دادلاپ جار سېلىشىغىمۇ ئىمكان بەرمىگەنلىكى شەندۇڭلۇق سودىگەر-تالىبلارنىڭ زۇۋانىنى تۇۋاقلاپلا قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىن بەگلىكى شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىككە قاتتىق غەزەب قىلىپ بۇنىڭدىن كېيىن چاتاق تېرىغۇچىلارغا يۈز خاتىدە قىلىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان تۇرسا، يەنە قايسى بەگلىك ھۆرت-پۆرت دېيەلىسۇن؟ بىر توپ سودىگەر، سەيياھ تالىبلارنى ئۆزىگە يۆلەنچۈك قىلىۋالغان بۇ چۈكىنەم بەگلىكلەر ھېچنېمە قىلالمىغان يەردە بىر توپ سودىگەر-تالىبلارنىڭ قولىدىن نېمىمۇ كېلەتتى؟ تېخىمۇ زىغىرلاپ كەلسەك، چىن بەگلىكىنىڭ بازارلىرىدىن جازانىخورلۇق بىلەن مال-دۇنيا يىغىشنى كۆزلەپ كەلگەن  سودىگەرلەرنىڭ چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا ۋەزىيىتىنى تەۋرىتىشكە ئۇرۇنۇشى بىرىنچىدىن ئۆز بەگلىكلىرى خۇپىيەلىرىنىڭ دالالىتى ۋە قۇترىتىشىدىن، ئىككىنچىدىن شەندۇڭلۇق سودىگەرلەرنىڭ سودىغا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئامراق مىجەز-خۇلقلىرىدىن  ئىدى. چاتاق چىقىرىش ئۇرۇنۇشلىرى ئاقمىغاننىڭ ئۈستىگە چىن بەگلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىنلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىقلىمدىكى ھاياتىي كۈزى زىيادە ئۇرغۇپ تۇرغان ئەڭ زور بازاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، بۇ زىياننىڭ ئورنىنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.  باش بولۇپ چاتاق چىقارغان كاتتا زەردار سودىگەرلەرغۇ مەيلى، ئۇلارنىڭ نېمىلا دېگەن بىلەن ھەر ھالدا باشقا بەگلىكلەردە سودا سارايلىرى بار. باشقىلارغا ئەگىشىپ چاتاققا چېتىلىپ قالغان تىجارەتچى-ھۆپىگەرلەرگە بۇ زىيان ھەممىدىن ئېغىر كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ دۇكانلىرى چىن بەگلىكىدە بولغاچقا، ئاستانە شيەنياڭدىن ئايرىلسا سودىسى ئۆلدى، دېگەن گەپ، ئۆز بەگلىكلىرىگە قايتىپ تىجارىتىنى قايتىدىن باشلاش دېمەككە ئاسان بولغىنى بىلەن تىجارىتىنى باشلاش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بېرىدىغان پۇللارنى ئۇلار غەملەپ بولالمايتتى، نەدىمۇ چىن بەگلىكىدىكىگە ئوخشاش ئاسان سودا-تىجارەت بولسۇن؟

    مانا مۇشۇنداق تارتقۇلۇق تارتىۋاتقاندا يەنە كىمنىڭمۇ بىر يەرگە يىغىلىپ چىن بەگلىكىنى پاراكەندە قىلىدىغانغا ھەپسىلىسى بولسۇن؟

    ھايت-ھۇيت دېگىچە شۇنچە كۆپ سودا سارايلىرى، دۇكانلار چۆلدەرەپ سودا-تىجارىتى بىراقلا ئۆلدى.

    يەرلىك چىن پۇقرالىرى باشقىچە بىر تەقدىرگە دۇچ كەلدى. بەگ يارلىقى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئاۋام-بودۇنلار دەسلىپىدە قۇيرۇقىنى قىسىشىپ يۇۋاشلىشىپ قالدى، ئارقىدىنلا ئۇيان-بۇيان ئويلايدىغان بولدى، خولۇم-خوشنىلار ئارا كۇسۇرلىشىپ، غۇلغۇلا قىلىشىپ، بارا-بارا نەپرەتلىرىنى يوشۇرالماي قېلىشتى. كاللىسىنىڭ قېتىقى چىققىچە تولا ئويلاپ، ئاخىر لۈ بۇۋېينىڭ مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ جازانى يېنىكلىتىش دېگىنى قارىماققا ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ياققاندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ پۇقرالارغا قانچىلىك نەپ كەلتۈردى؟ ئاۋام-رەئىيەت ئوخشاشلا يەر تېرىش، ئۇرۇش قىلىشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتمامدۇ؟لۈ بۇۋېي مېھرىبانانە سىياسەت يۈرگۈزگەن يىللاردا، ئاي-يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېزىلاردا تۈزۈكرەك يەر تېرىماي  كۈنلىرىنى پىتنە-پاساتقا تۇترۇق بولۇپ بېرىدىغان قۇرۇق گەپ سېتىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان «ھورۇنلار» پەيدا بولدى، ئون بەش تۈتۈنلۈك مەھەللە تۈزۈمى تەدرىجىي بوشىشىپ كەتتى، باي-زومىگەرلەرمۇ جازادىن، زىنداندىن قاچقان گۇناھكارلارنى قوبۇل قىلىپ قارانوپۇس قۇللار پەيدا بولدى. ناۋادا بۇ ھال ئۇزاققىچە داۋام قىلىۋەرسە شاڭياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىدىن بۇرۇنقى كونىلىق ئەسلىگە كەلمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ، ئۇ چاغدا بۇنىڭ بودۇنلارغا نېمە پايدىسى بولار؟ شاڭ تۆرە ئەركان-مىزانى گەرچە ناھايىتى قاتتىق بولسىمۇ ئەمما تارتۇق بىلەن جازا ئېنىق ئايرىلىپ، ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بودۇن-پۇقرا ئوخشاشلا جازالىنىپ، ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەرگە بېرىلگەن جازا پۇقرالارغا بېرىلگەن جازادىن قاتتىق بولدى، 100 نەچچە يىلدىن بۇيان چىنلىقلار ئۆزىنى قاتتىق سوراشقا  ئادەتلەنگەچكە ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا ئەركان-مىزانغا خىلابلىق قىلىپ جازالاندى. ھازىرقى كۈندە قايسى بىر بەگلىكتە سەككىز-ئونلاپ ھەپسە-زىندان يوق؟ ئەمما ھەممىدىن چوڭ چىن بەگلىكىدە يۈنياڭ زىندانىدىن ئىبارەت بىرلا زىندان بار، شۇنداق تۇرۇغلۇق يەنە چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىنى ياخشى ئەمەس، دېيەلەمسەن؟ شۇنداق تۇرۇغلۇق يەنە نېمىشقا مىيىت كەپىسىدە پوتلىمىزنى ئېقىتىپ لۈ بۇۋېيغا ماتەم تۇتۇپ نەزىر بېرىمىز؟ بۇ قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ، مەيدانسىزلىق قىلىپ مېھرىبانانە سىياسەت يۈرگۈزۈپ جازانى يېنىكلىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟  مېھرىبانانە سىياسەت يۈرگۈزۈپ جازا يېنىكلىتىلسە يەنە شۇ ئاتام كۆرگەن بايىقى بەگ-تۆرەم، ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەرگە يېنىكلىتىلىپ قانچىلىك پۇقراغا جازا يېنىكلىتىلەتتى؟ ھېلىقى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» يولغا قويماقچى بولغان ھىدايەت يولى دېگەن زادى قانداق نەرسە؟ جازاسى بودۇن-پۇقرادىن، ھىدايەت-ھىممىتى بەگدىن ئاشمايدىغان نەرسە بولسا بىزدەك بودۇن-پۇقراغا نېمە پايدىسى؟ چىن بېگى شاڭياڭ ئەركان-مىزانىنى يۈرگۈزسە ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، چۈنكى ئۇلارغا سۇيۇرغاللىق بېرىلمەيلا قالماستىن بەلكى يەنە بودۇن-پۇقرا بىلەن ئوخشاشلا ئەركان-مىزان ئالدىدا باراۋەر بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بودۇن-پۇقراغا پايدىسى بولسا باركى زىيىنى يوق، بۇنىڭدىن خۇشال بولماي يەنە نېمىگە غەۋغا قىلىشقا نوقان قىلىمىز؟ شۇ چاغدا غەۋغا قىلغاندا راستىنلا كۆزىمىز كور بولۇپ قاپتۇ، دېگەن يەرگە كېلىشتى.

    غۇلغۇلىلار ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ، چىنلىقلار كۆڭلى غەش بولدى-دە، كاللىسىنى سىلكىشىپ قايتىىدىن رۇسلاندى.

    ھايت-ھۇيت دېگىچە 4-ئاي كىرىپ، ئېكىنزارلىقلار ئالتۇن باشاقلار بىلەن قاپلىنىپ، قاتىلاڭچىلىق مەزگىلى يېتىپ كەلدى. ئاستانە شيەنياڭدىكى چىنلىقلار ئاستانە مەھكىمىسىنىڭ جازا تىزىملىكىنى جاكارلىشىنى كۈتۈپ تۇرمايلا ئۆزلىكىدىن ئوزۇق-تۈلۈك، كۈدە-كۆرپە، گۈرجەك-مىتىنلىرىنى ئۆشنىسىگە سېلىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن مەھكىمە ئالدىغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ لۈ بۇۋېيغا پوتلىلىرىنى ئېقىتىشىپ يىغلىشىپ ھازا ئاچقانلىقلىرىنى مەلۇم قىلىشىپ، ئۆزلىرى خاھلاپ جەرىمانە تاپشۇرغاننىڭ ئۈستىگە  تېخى مەھكىمىنىڭ ئۆزلىرىنى سېپىل خەندىكىگە ئەۋەتىپ خەندەك قېزىش، مۇنكىر-ماشايىخلارغا خىزمەت قىلىشقا سېلىشىنى ئىلتىجا قىلىشتى. ئاستانە ھاكىمى مېڭ تيەن بۇنىڭدىن تولىمۇ تەساددىپىيلىق ھېس قىلىپ دەرھال ھارۋا ھازىرلىتىپ ئوردۇبالىققا بېرىپ، چىن بېگى يىڭ جېڭغا مەلۇم قىلىپ:

    ـــــ پۇقرالار پۇشايمان قىلىپ كېلىشىپتۇ، ھازىرچە جازانى كەينىگە سۈرۈپ ئاراسالدى مەزگىلدە جازالىساق بولۇرمۇ؟ ـــــ دەپ سورىدى.

    ـــــ ئەركان-مىزان توغرا يولغا دالالەت قىلسىلا كىشىلەرنىڭ دىلى دۇرۇستلىنىدۇ، ـــــ دېدى ياش يىڭ جېڭ بەگ بىرھازا ئويلىنىپ ۋە ئارقىدىنلا يەنە، ـــــ پۇقرالارنىڭ دۇرۇست بولمىقى بەرھەق، ئوردىنىڭ  ھورۇنلارغا ئىچ ئاغرىتىپ جازادىن كەچۈرۈم قىلىشىغا بولمايدۇ. قانداق جازا بېرىلگەن بولسا شۇ پېتى ئۆز قەرەلىدە جازالىماق كېرەك. ياشلارنى ئازايتىڭلار، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى ئالدىرىتىۋاتىدۇ، پۈتكۈل بەگلىك بويىچە بارلىق مەھكىمە پۈتۈن كۈچى بىلەن يازلىق يىغىمغا كۆز-قۇلاق بولۇشقا چىقىدۇ، مەن گۇەنجۇڭنى كۆزدىن كەچۈرگىلى چىقىمەن، ـــــ دېدى.

    مېڭ تيەن ئېگىلىپ تازىم قىلىپ ئوردۇبالىقتىن ياندى.

    نۇرغۇن ياشلار ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ ھاشارغا ماڭغان چاغدا چىن بېگى يىڭ جېڭ سەلتەنەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنكى تۇنجى يازلىق قاتىلاڭچىلىققا ئالدىرىدى.

    گۇەنجۇڭ دالاسىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ئەر-ئايال، ئۇلۇغ-كىچىكلەرنىڭ بەرى ئېتىزلىققا چىقتى، مەھكىمە ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى يېزىمۇ-يېزا، كەنتمۇ-كەنت ماڭغاندا مەھكىمىدىكى ئات-ھارۋىلارنىڭ بىرى قالماي يولغا چىقىپ، يېزا، كەنتلەرگەداغدۇغا بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئېتىزلىق ئارىلىرىدىكى يوللاردا تاغدەك ئۆنجە بېسىلغان كالا ھارۋىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئالتۇنرەڭ بۇغدايلىقلاردا يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىغا قارىماي ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن قىزىپ كەتكەن ئورمىدا باشاقلار تەدرىجىي ئازىيىپ بارماقتا ئىدى. ھەر كۈنى سەھەردە يىڭ جېڭ بەگ سۈبھى بىلەن تەڭ تۇرۇپلا يېنىك ھارۋا بىلەن بىر توپ چەۋەبدازلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ يۇقىرى قىنىدىكى چوڭ يولدا كۈن چىقىش تامان يۈرۈپ، چىڭقى چۈش مەھەلدە خەنگۇ قورۇلىغا يېتىپ كېلەتتى؛ قورۇل قورغىنىدا بىرەر يېرىم ئاش پىشىمى دەم ئېلىۋېلىپ، ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ تۆۋەن قىنىدىكى ئېتىزلىق ئارىلىرىدىكى يوللار بىلەن كۆزدىن كەچۈرگەچ كۈن بىلەن تەڭ شيەنياڭ ئېدىرلىقىغا كېلىپ بولاتتى. سېپىل خەندىكىگە چۈشمىسىمۇ، ئېتىزلىقلارنىڭ تىرگىنىگە بارمىسىمۇ ئەمما چىنچۈەن دالالىرىدىكى چوڭ-كىچىك يوللاردا موكىدەك قاتناپ تەكشۈرەتتى. قىزىق ئىش، ھەر قېتىم ئۇ 100 كىشىلىك چەۋەندازنىڭ ھىماتىدا مىس ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆتكىنىدە تومۇزنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدىكى ئېكىنزارلىقلاردا ئىشلەۋاتقان پۇقرالار بىلەن ئەمەلدارلار خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا قولىدىكى ئىشىنى توختىتىپ ياش بەگنىڭ تەرلەپ پىشىپ كەتكىنىگە قارىماي ئالتە چى ئېگىزلىكتىكى كۈنلۈكى ئاستىدا مىت قىلماي تىك تۇرغىنىغا قارىشىپ تۇرۇشاتتى. «ئالىيلىرى ياشىغايلا» دەپ چۇقانمۇ سېلىشمايتتى، بەگنىڭ شاپائىتىگە تەشەككۈر-ھەشقاللا بىلدۈرۈپ تىز پۈكۈپمۇ قويۇشمايتتى، خۇددى پىژغىرىم دىمىق ئىسسىقتا قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەكلا تۇرۇشاتتى.

    5-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، توپ-توپ غەللە-پاراق تاپشۇرۇدىغان ھارۋىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي چېپىپ تۇرۇشى بىلەن يازلىق يىغىم ئاخىر ئاياقلاشتى.

    چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا-ئاۋاملىرى تېخى دېمىنى ئېلىۋالماي تۇرۇپلا ھەممىلا يەرنى قۇرغاقچىلىق قاپلاپ كەتتى. ئېتىزلىقلاردا ئۈچ چى چوڭقۇرلۇقتا كولىسىمۇ نەم كۆرۈنمەيتتى، شۇڭا يازلىق تېرىلغۇغا تۇتۇش قىلىش ئەسلا مۇمكىن بولمىدى. گۈەنجۇڭدىكى ئىككى كونا ئۆستەڭ بىلەن كۈن پېتىشتىكى بىرقانچە ناھىيە يەرلىرىنىلا سۇغارغىلى بولاتتى، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ قۇرغاقچىلىقتىن قانداق ئۆتۈش كېرەك؟ دەريا-كۆللەر ئەتراپىدىكى دېھقانلار كېچە-كۈندۈز ھارۋا بىلەن سۇ توشۇپ ئوسا قىلىپ تېرىشقان بولسىمۇ بۇنىڭلىق بىلەن مەسىلە ھەل بولمىدى، دېھقانلار  تۇپراق يېرىپ ئۈنۈپ چىققان مايسىلارنىڭ چاڭقاپ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىنى كۆرۈپ ئىچى سىيرىلىپ  يىغلاي دېسىمۇ ياشلىرىمۇ قۇرۇپ كېتىشكەن ئىدى. چىن بېگى يىڭ جېڭ ئايماق-ناھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرلىكتە سۇغىرىش ۋە تېرىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلىشى خۇسۇسىدا جىددىي يارلىق چۈشۈرگەن بولسىمۇ ھېچ ئىش ئاقمىدى.

    7-ئاي كىرگەندىن كېيىنمۇ چىن بەگلىكىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدا بىرەر تېمىم يامغۇرمۇ ياغمىدى، شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكتىمۇ ئايلاپ زور قۇرغاقچىلىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

    تومۇز كۈنلىرىدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا سەنجىن تەۋەسىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان ئاۋام چىن بەگلىكىگە دەۋرەپ كېلىشتى. پالچىلارنىڭ ئاڭلىغان ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان، ئاچارچىلىققا ئۇچرىغان پۇقرالار بىلەن تەڭلا يېتىپ كېلىپ تارقىلىشقا باشلىغان بىشارەتتە «بۇ يىل قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز باھاردا كۈن پېتىش تەرەپتە، يازدا يۇقىرى تەرەپتە كۆرۈندى، يەتىكەن يۇلتۇزىنىڭ تۆۋىنىدىن 80 كۈنلۈك يەردىكى چىن بەگلىكىنىڭ ئىشلىرى ئوڭىغا تارتمايدۇ، يەتىكەن يۇلتۇزى چىن بېگى يىڭ جېڭنىڭ ئەتراپىدا تەتۈر چۆرگىلەپ ئايلىنىپ، يىڭ جېڭنى ساماغا ئېلىپ چىقىپ جازالايدۇ، ھازىرقى زور قۇرغاقچىلىق دەل بۇنىڭدىن بېرىلگەن بىشارەتتۇر» دېيىلدى.

    پالچىلارمۇ «چىن بەگلىكىدە قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولۇپ، ئۆلۈدىغانلارنىڭ ھەددى-ھېسابى بولمايدۇ، بەگلىك ھالاك بولىدۇ!» دەپ بىشارەت بەرگەنمىش!

    ئىزاھاتـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــلار

    ئەرباببەگ ـــ ۋېي بەگلىكىنىڭ ھوقۇق جەھەتتە باشقا بەگلىكلەرنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن باراۋەر بولغان ۋەزىرى.

    ئايماق تەپتىش بېگى ـــ چىن بەگلىكىنىڭ ئايماق مەھكىمىسىدە تەسىس قىلغان مەنسەپ، ئايماق تەپتىشى.

    «شۈن زى: مۇراسىم بايانلىرى»غا قاراڭ.

    زاكاتچى: قەدىمقى ئەمەل نامى، ئەڭ بۇرۇن «جۇ يوسۇنلىرى. يەرلىك ئەمەلدارلار ھەققىدە بايان» دا ئۇچرايدۇ. زاكاتچىلار تۈرلۈك كونكرېت ئىشلارنى بېجىرگۈچىلەردۇر. ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىدە زاكاتچىلىقنى ۋەزىرلەرنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئۈستىگە ئېلىپ ۋەزىرلەر مەھكىمىسىدە ئىش بېجىرگەن، ئادەتتە «تېجىمەل-قوناقلار» دەپ ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى، سۇڭ سۇلالىرىدىن كېيىن زاكاتچىلار ئەمەل نامى بولۇشتىن قالغان، بەلكى بەگزادىلەرنىڭ باشقىچە نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان.

    فاڭلىڭ: ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ فاڭشيەن ناھىيىسى تەۋەسى، شۇ زاماندا چىن بەگلىكى تەسەررۇپىدىكى تىك قىيا تاغۇ-تاشلىق، شىددەتلىك دەريا-ئېقىنلىق رايون.

    مۇنكىر-ماشايىخلار خىزمىتىدە بولۇش: چىن بەگلىكىنىڭ بىر تۈرلۈك جازاسى بولۇپ، بۇ جازاغا بۇيرۇلغانلار كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، يېپىنچىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ بەگلىك ئىبادەتخانىسىغا ئوتۇن تېرىپ كېلىدۇ.

    نەسەب ئۆچۈرۈش: چىن بەگلىكىنىڭ بىر خىل جازا تۈرى بولۇپ، گۇناھكارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ-كىچىك جەددى-جەمەتى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد، ئەبەدىل-ئەبەد ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىپ قۇل قىلىنىدۇ.

    چىن بەگلىكىدە ناھىيەگە قاراشلىق يېزا، يېزىغا قاراشلىق كەنت تەسىس قىلىنغان. بۇ يەردىكى كەنتلەرنىڭ بەزىلىرى تەبىئىي كەنتلەردىن چوڭراق بولغان.

     

     

     

     

    تۆتىنچى،ئەلمىساقتىن كۆرۈلمىگەن ئېغىر  قۇرغاقچىلىق بولغانلىقى، كونا گەپنىڭ ئۇشتۇمتۇتلا قايتا پەيدا بولغانلىقى

    سۇ، تۇنجى قېتىم چىن بەگلىكىدە ھەممىدىن بەك غۇلغۇلا قىلىنىدىغان پاراڭ بولۇپ قالدى.

     تۇنجى قېتىم يامغۇر-يېشىنى مول گۈەنجۇڭدا قۇرغاقچىلىق چىن بەگلىكىنىڭ ئەشەددىي ئاجىزلىقى بولۇپ قالدى.

    زامان-زامانلاردىن بېرى سۇ ئاپىتى خۇاشيا قەبىلىلىرىگە ئەجەللىك تەھدىت سېلىپ كەلدى. «جاھاننى توپان بېسىپ، قات-قات تاغلار بىلەن ئورالغان شياڭلىڭ قەلئەسى سۇغا غەرق بولدى» دەيدىغان قورقۇنچلۇق رىۋايەت ئۇزاقتىن بېرى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى. يېغىلىق دەۋرىگە كەلگىچە خۇاشيا دىيارى ھېلىھەم نەم-ئىللىق، يامغۇر-يېشىنى مول، دەريا-ئېقىنلىرى مەۋج ئۇرۇپ ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان، بۈككىدە يېشىللىق بىلەن قاپلانغان زېمىن ئىدى. ئۇ زامانلاردا كەلكۈن ئاپىتىنىڭ سالىدىغان زىيىنى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن ئېغىر ئىدى. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن «سۇدىن پايدىلىنىش» تەلىماتى بارلىققا كەلدى. سۇدىن پايدىلانغۇچىلار سۇنى تىزگىنلەپ پايدىلىنىدىغان بولدى. پۈتكۈل ئىقلىمدا چېكى كۆرۈنمەيدىغان سازلىقلار ھاسىل بولۇپ، سۇ ئاپىتىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، دېھقانلار، بېلىقچىلار، ئوۋچىلار دائىم ئېغىر ئاپەتكە ئۇچراپ كەلدى. شۇڭا، چوڭ دەريا-كۆللەر ئەتراپىدا ئادەملەر ئازىيىپ، ھەممىلا يەر بۈك-باراقسان چاتقاللىق قاپلىغان توقايلىققا ئايلىنىپ قالدى. ئادەملەر كۆپەيمىگەن، كۆپىنچە ئادەملەر دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاشۇ ئېكىن مەدەنىيىتى زامانىدا سۇنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ھېچبىر پايدىسى بولمىدى. مەسىلەن، چۇ بەگلىكىدە ئۇپۇققىچە سوزۇلغان كۆز يەتكۈسىز سازلىقلار، يۈگەنسىز دەريا-ئېقىنلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، پەقەت يۈنمېڭ سازلىقىنىڭ ئۆزىلا ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى نەچچە ئون تۆرىلىك زېمىنىگە باراۋەر ئىدى. چۇ بەگلىكى ۋۇ بەگلىكى بىلەن يۆ بەگلىكىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن چۇ بەگلىكىنىڭ زېمىنى لىڭنەنگىچە تۇتىشىپ،زېمىنىنىڭ چوڭلىقى پۈتكۈل شىمالىي جۇڭگو بىلەن ئوخشاش دېگىدەك بولۇپ قالدى. ئەمما، چۇ بەگلىكىنىڭ زېمىنى كەڭ بولغىنى بىلەن  قايناق-ئاۋات، باي-باياشاد يەرلىرى چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن خۇەيخې دەرياسى ئارىلىقىدىكى جياڭخۇەيدە بولۇپ، بەگلىكنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى بەگلىكلەرگە يەتمەيتتى. چۈنكى، بۇ بەگلىكنىڭ زېمىنىدە قات-قات تاغلار ئايرىپ تۇرغان دەريا-ئېقىنلار، كۆل-سازلىقلارناھايىتى كۆپ بولۇپ، يىللاپ سۇ ئاپىتى ئۈزۈلمەيتتى، ئاھالىسى شالاڭ، تارقاق ھەم ئاز بولغاچقا ئاپەتنى تىزگىنلەشكە يېتىشمەيتتى، نەتىجىدە  دەريا-ئېقىنلىرى، كۆل-سازلىقلىرىناھايىتى كۆپ بۇ يەرلەر خىلۋەت توقايلىققا، بېلىقچىلىق-ئوۋچىلىق ماكانىغا ئايلىنىپ قالدى، بەگلىك خەزىنىسىنى ئاشلىق-ئاقچىلارغا تولدۇرىدىغان مۇنبەت يەر ناھايىتى ئاز ئىدى . دەل  بۇنىڭ تەتۈرىسىچە، شۇ زاماندىكى چوڭ دەريا ۋادىلىرىدا سۇ تىزگىنلىنىپ پايدىلىنىلدى. يۈ ئاقساقال سۇنى تىزگىنلەپ دەريا قىنىنى دېڭىزغا تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، دەريا سۈيى ئىزىغا چۈشۈپ مۇقىملاشتى. تارام-تارام ئېقىنلار دەريالارغا، دەريالار دېڭىزغا قۇيۇلدى، قۇيۇلىدىغان ئېغىز تاپالماي تەرەپ-تەرەپكە تېشىپ ھەممىلا يەرنى توپان باسىدىغان سۇ كەلمەسكە كەتتى. شۇنىڭ بىلەن سۇ ئاپىتى ئازىيىپ، سۇ يوللىرى راۋانلىشىپ، چەكسىز كەتكەن مۇنبەت ئېكىنزارلىقلار كېڭەيدى. شۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ دەريا ۋادىلىرى رەت-رەت سالا ئېتىزلارغا ئايلىنىپ، سېپىل خەندەكلىرى بىنا قىلىنىپ، كەنتلەر بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، خۇاشيا مەدەنىيىتىنىڭ  ئوخچۇپ تۇرغان بۇلىقى ھاسىل بولدى.

    ئەمما، چوڭ دەريا ۋادىلىرى سۇ تىزگىنلىنىپ پايدىلىنىلىدىغان مۇنبەت يەرگە ئايلانغان بولسىمۇ، سۇ ئاپىتى يەنىلا كۆپىيىپ كەتتى، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ ئىش-ئەمەلى يەنىلا «توغان سېلىش» تىن ئېشىنالمىدى. شۇ يىللاردا كۆكبېشى-مىرابلارنىڭ ئولتۇرسا-قوپسا ئويلايدىغىنى سۇ ئاپىتىنى تىزگىنلەش بولۇپ قالدى، ئۇلار سۇ تىزگىنلەشتە ئالدى بىلەن دەريا قىنىنى پۇختىلاپ دەريا تاشقىنىنى ئازايتتى، ئاندىن سۇغىرىش ۋە سۇ تەمىراتى (قاتنىشى) يوللىرىنى ئاچتى. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، مەيلى چۇ بەگلىكىنىڭ خەنشۈي دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئاستانە يىڭنى ئايلاندۇرۇپ ئۆتكۈزۈشى بولسۇن ياكى ۋېي بەگلىكىنىڭ جاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۆز ئاستانىسى يېغا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى خۇەيخې دەرياسىغا باشلايدىغان خۇڭگو قانىلى ۋە ياكى چىن بەگلىكىنىڭ سىچۈەندىكى دۇجياڭ توسمىسى بولسۇن، ئوخشاشلا دەريا تاشقىنىدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى مەقسەت-مۇددىئا قىلدى.

    مۇنداقچە ئېيتقاندا، قۇرغاقچىلىقتىن ساقلىنىش كىشىلەرنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن ئىدى.

    قۇرغاقچىلىققا قارىشى تۇرۇش ــــ يېغىلىق دەۋرىدە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسىدە ئەمەس ئىدى.

     شۇ ئاي، شۇ يىللاردا چىنلىقلار «سۇدىن پايدىلىنىش» تەلىماتىغا شەك-شۈبھىسىز ئىشىنەتتى. ھەر قانداق بىر چىنلىق «پالنامە»دە قەيت قىلىنغان «جاھاندا سۇدىن كۆپ نەرسە يوق، سۇ تاشسا جاھاننى توپان باسۇر، توپاندىن كۈللى جانۋارنىڭ ساق قالمىقى مۈشكۈلدۇر»دېگەن كەلىمىلەرنى شىپى كەلتۈرۈشۈپ قويۇشاتتى. يېغىلىق دەۋرىدە ئەۋج ئالغان مەدەن، گىياھ، سۇ، ئوت، تۇپراقتىن ئىبارەت بەش ئاناسىر بەگلىك تەقدىرىنىڭ تەلىماتى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاندى. چىنلىقلار ئۆز تەقدىرىنى سۇغا باغلاپ، قارا رەڭنى  چوڭ بىلدى. شۇ زاماندا، گەرچە قۇرئەندازلار سۇخەنچىلىك ماھارەتلىرىنى قامچىلاپ، مەدداھلىق ئارغىماقلىرىنى چاپتۇرۇپ بەش ئاناسىرنىڭ شۈبھىسىزلىكىنى دەلىللەشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ھەق-ماھىيەتلىرى چىنلىقلارنىڭ سۇدىن پايدىلىنىشقا چوقۇنغانلىقىدىن بولغان. جاھاندىكى سۇنىڭ پەيلىدىن سۆز ئاچقاندىمۇ، چىن بەگلىكىنىڭ سۇدىن پايدىلىنىشى بىر مەھەل تازا روناق تېپىپ گۈللىنىپ، زور نەپ-مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەن. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، چىن بەگلىكى تەسەررۇپىدىكى زېمىن بەش چاسا چاقىرىمغا يەتكەن بولۇپ، شۇ زاماندىكى خۇاشيا زېمىنىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىدىن بەشتىن بىرىگىچە توغرا كېلەتتى. جۇغراپىيەلىك شارائىتى جەھەتىدىن ئېيتقاندا، بۇ بەش مىڭ كۋادرات چاقىرىم زېمىن  گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكى، لوڭشى تاغلىق رايونى،خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى ئېگىزلىك (خېشى ئېگىزلىكى)، سىچۈەندىكى با ھەم شۇ ئايماقلىرى، خەنشۈيدىكى نەنجۈن ئايمىقى، خۇاڭخېنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىنىڭ ئىچكى قىسىم رايونلىرىدىن ئىبارەت ئالتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. شۇ زاماندا، بۇ ئالتە بۆلەك زېمىن يەرلىرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، بۈك-باراقسان ئورمانلىق، ياپ-يېشىل يايلاقلىرى بار گۈزەل زېمىن بولۇپ تېرىقچىلىق، كانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىققا باب كېلىدىغان  يەر بولغاچقا،ھېچبىر يەردە ئاۋام-رەئىيەت بىرەر قېتىممۇ سۇ ئاپىتى سەۋەبلىك ئېغىر كۈنلەرگە قالمىغان.

    چىن بەگلىكىنىڭ كىندىكى بولمىش گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكى سۇدىن پايدىلىنىشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە رايون. يەرلىك چىن رەئىيەتلىرىنىڭ :«توققۇز دەريا، ئون سەككىز كۆل بۇ گۈزەل ئىقلىم، كۈن چىقىشتىن كۈنپېتىشقا سەككىز يۈز چاقىرىم» دەپ تەرىپلەيدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ گۇەنجۇڭنىڭ سۈيىنىڭ ئەلۋەكلىكىگە، تاغ-دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكىگە قارىتىلغان. توققۇز دەريا دېگىنى ۋېيشۈي، جىڭشۈي، لوشۈي، باشۈي، چەنشۈي، خاۋشۈي، يۈشۈي، لاۋشۈي دەريالىرى ئىدى.  بۇ توققۇز دەريانىڭ تارماق ئېقىن-ئۆستەڭلىرىنى ھېسابلاپ كەلسە چىنچۈەندىكى دەريالار ناھايىتى كۆپ. چىن بەگلىكى ناھىيە تەسىس قىلغاندا، «ھەممە ناھىيەنىڭ تاغ-دەريالىرى بار» دەيدىغان گەپ تاقالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن چىنچۈەندە دەريا-ئېقىن، كۆللەرنىڭ ناھايىتى كۆپ، سۈيى مول جاي ئىكەنلىكى ئايان ئىدى. ئون سەككىز كۆل، دېگىنى سەككىز يۈز چاقىرىملىق چىنچۈەن زېمىنىدىكى چوڭ-كىچىك ئون سەككىز كۆل كۆزدە تۇتۇلغان، كۈن پېتىشتىن كۈن  چىقىشقا تارقالغان بۇ كۆللەر نيۇشۇچى كۆلى، شىبېيچى كۆلى، خېچى كۆلى، پەنچى كۆلى، بىڭچى كۆلى، خاۋچى كۆلى، لەنچى كۆلى، چۇچى كۆلى، مىچى كۆلى، كۇەيچى كۆلى، لاڭچى كۆلى، جىساۋچى كۆلى، داڭلۇچى كۆلى، خۇڭپوچى كۆلى، دۇڭپوچى كۆلى، ۋېيپۇچى كۆلى، مېيپوچى كۆلى، چياۋخوچى كۆلىدىن ئىبارەت بولۇپ، چىنچۈەندىكى بۇ دەريا-كۆللەر بىر-بىرىگە زەنجىرسىمان گىرەلىشىپ كەتكەچكە، چىنچۈەن قەدىمدىنلا «قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز» دەپ ئاتالغان. غەربىي خەن دەۋرىگە كەلگەندە، دانىشمەن سىما شياڭرۇ ئۆزىنىڭ «چۇ ئەلچىسى زى شۈ ھەزرەت بايانلىرى» دا: «تاشتىن تاشقا سەكرەپ مەۋج ئۇرىدىغان سەككىز دەريا تەرەپ-تەرەپكە يىلاندەك سوزۇلۇپ ئاقىدىكەن ۋە تەرەپ-تەرەپتىن ئېقىپ كېلىدىكەن، ئىككى تاغ ئارىسىدىكى ھەيۋەتلىك تار جىلغىدىن ئۆتۈشۈپ تاش-شېغىللار بىلەن تولغان كىچىك بىر ئەگىمدىن ئايلىنىپ، بۈك-باراقسان ئورمانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ چېكى كۆرۈنمەيدىغان دالالارغا كېتىدىكەن، سۇ شۇنچىلىك تېز، ھەيۋەتلىك ئاقىدىكەنكى، ئېگىز تاغلارنىڭ تار ئېغىزى ئارقىلىق پەسكە شارقىراپ چۈشىدىكەن» دەپ يېزىپ، دەريا-كۆللەرنىڭ چىنچۈەننىڭ يېزا-كەنتلىرى، شەھەر سېپىلى خەندەكلىرىنى كېسىپ ئېقىۋاتقان مەنزىرىسىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن، مانا بۇ چىن دەۋرىگە تەئەللۇق جانلىق سۈرەت ئەمەسمۇ؟

    تاغ-دەريالار بىلەن ئورالغان سۈيى ئەلۋەك، بايلىقى مول، تۇپرىقى مۇنبەت بۇ زېمىنغا ھەرقانچە قۇدرەتلىك لەشكەرلەرمۇ ئاسان باستۇرۇپ كېلەلمەيتتى، مانا بۇ پۈتكۈل ئىقلىمغا مەشھۇر چىنچۈەن ئىدى.

    ئۈچ پادشاھ، بەش خاقان زامانىدىن بۇيان گۈەنجۇڭ پۈتكۈل ئىقلىم ئېتراپ قىلغان ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە جاي بولغان. بۇ زېمىندا قائىدە-يوسۇن، ئەدەب-ئەخلاق مەدەنىيىتىگە ئىگە جۇلۇقلار ئېكىن مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ ناھايىتى ئۇزاق زامان ياشاپ يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ، ئېكىنچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان، نۇرغۇن جەڭگى-جىدەللەر ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئەركان-مىزان مەدەنىيىتى بىلەن بۇ ئىقلىمنى لەرزىگە سالغان چىنلىقلارغا ئورۇن بوشاتتى. ئوتتۇرا ئىقلىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخىدا بۇ زېمىن جۇڭخۇانىڭ ئىككى چوڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى ئاپرىدە قىلىپ، كائىنات-كائىناھ (ئالەم بىلەن زېمىن) نىڭ ئۆزگىچىلىكىنى تونۇدى. كائىنات بىلەن كائىناھنىڭ ئىنئام-نېئىمەتلىرىگە ھەمدۇ-سەنا ئوقۇشقا توغرا كەلسە، مۇشۇ ئىقلىمدا باي-باياشادلىقتا يېگانە چىنچۈەن شۇنىڭغا لايىقتۇر. پەلەكنىڭ چەرخى ئايلىنىپ يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى چىن بېگى يىڭ جېڭ سەلتەنەتنى ئىلكىگە ئالغان زامانغا كەلگەندە، چىنچۈەن ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى ئەڭ باي زېمىن بولۇش شەرىپىدىن قالدى. باي-باياشادلىق، ئاۋات-ئاسايىشلىقتا كۈن چىقىش تەرەپتە چى بەگلىكىنىڭ دېڭىزغا تۇتاش لىنزى ئايمىقىغا، تۆۋەن تەرەپتە چۇ بەگلىكىنىڭ خۇەيشۈي دەرياسىنىڭ ئىككى قىنىدىكى ئايماق-ناھىيەلەرگە، مەركىزىي قىسىمدا ۋېي بەگلىكىنىڭ دالياڭ تۈزلەڭلىكىگە يەتمىسىمۇ،  چىن بەگلىكى كۆپلىگەن ئۇرۇشلاردا زەپەر قۇچۇپ شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ دەپى-دۇنيالىرى، ئاھالىلىرىنى ئولجا قىلماي ئۆزى كۈچىگىلا تايانغان بولسا، ھازىرقىدەك پۈتكۈل ئىقلىم ھومىيىپ قاراشقا پېتىنالمايدىغان قۇدرەتلىك، باياشاد بەگلىك سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.

    شۇ ئارىدا تەتۈر پەلەك چىن بەگلىكىنى ئاپەت قىسمەتلىرىگە دۇچار قىلدى ــــ مۇنبەت تۇپراق شورلىشىپ، سۇ ياقىسىدىكى ئېتىزلارنى قۇرغاقچىلىق قاپلاپ كەتتى.

    دەريالار گىرەلەشكەن، كۆللەر بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن چىنچۈەننىڭ سۇ كۆللەپ تۇرىدىغان ئويمانلىقلىرىدا پارچە-پارچە غەلىتە-غەيرىي شورتاڭلىقلار پەيدا بولۇپ، يىل بويى سۇ كۆللەپ نەملىشىپ، يەر پوستى ئاپئاق شورلىشىپ كەتتى، ياز-كۈز پەسىللىرى بىپايان دېڭىزدەك سۇ شەكىللەنسە، قىش-ئەتىياز پەسىللىرى ئاپئاق توزان كۆتۈرۈلۈپ، ئۇرۇق سېلىنغان تۈرلۈك زىرائەتلەردىن مايسا چاغلىق گىياھ ئۈنمەيدىغان، ھەممىلا يەرنى ياۋا ئوت-چۆپلەر، خوخا تىكەنلەر، ئاسمان پەلەك ئېگىز قومۇچلار قاپلاپ كەتتى. زىرائەت ئۈنمەي ئاپئاق توپا-توزان پۇرقىراپ تۇرىدىغان بۇ يەرلەرنى چىنلىقلار «شورتاڭلىق» دەپ ئاتاشتى. بۇ شورتاڭلىقتىن ئەتراپتىكى مۇنبەت يەرلەرگە سۇ راۋان ئاقماي نەچچە يىلدىلا مۇنبەت يەرلەرنىمۇ يۇتۇپ، شامال چىققان ھامان ئاق تۇمان كۆتۈرۈلىدىغان قاقاس شورتاڭلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى. مۇنبەت ئېتىزلار ئاقىرىشقا باشلىغان ھامان دېھقانلار بار كۈچى بىلەن جاپا چېكىپ زەيلىك قېزىپ شور ئاققۇزۇپ تەر تۆكۈشكەن بولسىمۇ بۇ يەرلەر سەككىز-ئون يىلدا قاراپ تۇرۇپ ئۈنۈمسىز شورتاڭلىققا ئايلىنىپ كېتەتتى. ئەزەلدىن ماقال-تەمسىللەرگە ئۇستا چىنلىقلارنىڭ: «تۇزلۇق سۇ يەر پورەكلىتۇر، يەر پورەكلىسە ئېتىز يوقىلۇر، ئاق تۇپراق دان ئۆلتۈرۇر، ھەممىلا يەرنى بۆرە تىزىكى بىر ئالۇر» دېگىنى ئەمەلىيەتتە دەل ئاشۇ مۇنبەت يەرلەرنى يۇتۇپ كېتىۋاتقان شورتاڭلىق تەسۋىرلىگىنى ئىدى. چىنچۈەننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى يەرلەرنىڭ يەر شەكلى ئېگىزرەك بولۇپ شور ئېقىتىش ئاسان ئىدى، بۇ يەرلەردە شورلىشىش ئۇنچىلىك ئېغىر بولمىسىمۇ، ئەمما تەدرىجىي پەسلەپ بارىدىغان بىپايان ئوتتۇرا چىنچۈەندە، ئاستانە شيەنياڭدىن كۈنچىقىش تامان ئاقىدىغان لوشۈي دەرياسىنىڭ ۋېيشۈيگە قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغىچە بۇنداق شورتاڭلىق بارغانسېرى كېڭىيىپ، كىچىكرەك شورتاڭلىق نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ مو، چوڭراقلىرى نەچچە ئون چاقىرىم يەرگىچە سوزۇلۇپ، بۈككىدە بوستانلىق قۇرۇپ، كۆرۈمسىز قاقاس شورتاڭلىقتىن ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدىغان بولۇپ قالدى.

    تۈزلەڭلىك بۇزۇلۇپ، تاغ يامزىللىرى كۆتۈرۈلۈپ، چىنچۈەندە يېڭىدىن ساناقسىز ئېدىرلىق تۆپىلىكلەر پەيدا بولدى. ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي  قىنىدىكى تۈلەڭلىك ۋادا جەنۇبتىكى نەنشەن تېغىغىچە تۇتىشاتتى، بۇ تۈزلەڭ ۋادىدا لەنتيەن ئېدىرلىقىدىكى تۆپىلىكلەرگە ئوخشاش ئېگىزلىكلەر بولسىمۇ، ئەمما نەنشەن تاغلىرىدىن باشلانغان بىرقانچە كىچىك ئېقىنلار شىمال تەرەپتىكى گۇەنجۇڭغىچە ناھايىتى راۋان ئېقىپ بارغاچقا ھەر ھالدا بۇ ئېقىندىن پايدىلانغىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغلاردا ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىنىدىكى يەرلەردە قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان تاغ بولۇپ، بۇ يەردە تېرىلغۇ يەرلەر تار بولغاچقا، چىن بەگلىكى جەمەتىنىڭ قەسىرى، باغچا، لەشكەرگاھ قىلىنغان، بۇ يەردە دېھقانلارمۇ ئاز ئىدى. شۇڭا گۇەنجۇڭدىكى ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بۇ يەرلەردە قۇرغاقچىلىق كۆرۈلسىمۇ چىن بەگلىكىگە ھېچقانچە تەھدىت سالالمايتتى.

    گۇەنجۇڭدىكى ئاھالە زىچچىدە ئولتۇراقلاشقان ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ شىمالىي قىنىدىكى يەرلەردە قۇرغاقچىلىق كۆرۈلگىنى تولىمۇ يامان بولدى.

    ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ شىمالىي قىنىدىكى تۈزلەڭلىك شىمال تەرەپكە يۈز چاقىرىمچە ئىچكىرىلىگەندىن كېيىن پەللىمۇ پەللە ئېگىزلەپ خېشى ئېگىزلىكىگىچە تۇتىشىپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ناھايىتى كەڭرى توپىلىق تاغ ئېدىرلىقلىرى ھاسىل قىلغان. بىر-بىرىگە مىنگەشكىنىچە سوزۇلغان بۇ ئېگىز-پەس چوقچىيىشقان تۆپىلىكلەردىكى ئازگال-جىلغىلار گىرەلىشىپ ئۇدۇل دەريا-كۆللەرگە  تۇتاشقان ئىدى. سۇ بويلىرىدا قورۇ-جاي تۇتۇپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلار سۇ بويىدا ئولتۇراقلاشسا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ئاسان بولىدۇ، دېيىشەتتى، بىراق مانا ھازىر ئاشۇ سۇ ياقىلىرىدىمۇ ئېتىز-ئېرىقلار قۇرۇپ چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەچكە ھوسۇل ئېلىش تولىمۇ قىيىنلاشقان. قۇرغاقچىلىق بولمىغان يىللاردىمۇ، بۇ ئېدىرلىق تۆپىلىكلەردىكى يەرلەردىن تۈزلەڭلىكتىكى يەرلەر بېرىدىغان ھوسۇلنىڭ ئۈچتىن بىرىنىمۇ  ئالغىلى بولمايتتى، ئازراق يامغۇر-يېشىنلىق يىللىرىدا بولسا تۈزلەڭلىكتىكى يەرلەر بېرىدىغان ھوسۇلنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرىنى ئلغىلى بولاتتى، ھەتتا بەزى يىللاردا بىر تال دان چاغلىق نەرسە ئالغىلى بولمايتتى. چىنلىقلارنىڭ: «بىر ياز تارتىپ جاپانى، ئالالمىدۇق بىر داننى، دەريا بويىدا چاڭقاپ، نەمدىيەلمىدۇق لەۋنى، شىپالىق يامغۇر كۈچ بېرىپ، ساقال-بۇرۇت مايلاشتى، ھۆل-يېغىنسىز چاغلاردا، تىرىك جانلار قاقشاشتى» دېگىنىمۇ دەل مۇشۇ ئېدىرلىق تۆپىلىكلەردىكى دېھقانلارنىڭ دەرد-ئازابلىرى ئىدى. تۈزلەڭلىكتىكى كەنت-مەھەللىلەر  سۇ بويلىرىدىن ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ، ھۆل-يېغىن ئاز ياققان يىللاردا يەرلىرىگە ئوسا قىلىپ، زىرائەتلىرىنى سۇغرىشاتتى، بۇنىڭ بىلەن شۇ يىلنى غەم-غۇسسىسىز ئۆتكۈزۈۋالالايتتى. ئېدىرلىق تۆپىلىكلەردىكى يەرلەر بۇنىڭغا ئوخشىمايتتى، قەدەمدە بىر دەريا-كۆللەر بولغىنى بىلەن سۇغا قاراپ تۇرۇپ يەرلىرىنى ئوسا قىلالماي، زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشالماي ئۇھسىنىشاتتى. ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىپ دەريا-كۆللەردىن سۇ باشلاش ئېيتماققا تولىمۇ ئاسان بولغىنى بىلەن، بىرنەچچە كەنت ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ناھىيە، ھەتتا بىرنەچچە ناھىيە پۇقرالىرىنى ئىشقا سالغان بىلەنمۇ تۆت-بەش يىلدا ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاش تولىمۇ مۈشكۈل ئىش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇرۇش كۆپ بولغان چاغلاردا، قىران يىگىتلەر لەشكەرلىككە تۇتۇلۇپ جەڭگاھقا كېتىشەتتى، ھەتتا ئۆيلىرىدە يەرگە بېقىنىپ قالغان قېرى-چۈرى ئەر-ئاياللارمۇ لەشكىرىي لازىمەتلىكلەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھاشارغا تۇتۇلۇپ كېتەتتى. ئايماق-ناھىيە مەھكىمىلىرىنىڭ ئۇرۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ، سۇ ئىنشائاتىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ھەپسىلىسى يوق ئىدى، سۇ ئىنشائاتى خۇسۇسىدا رىجە-پىلانلار تۈزۈشكىنى بىلەنمۇ ئاۋام-رەئىيەتنى ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاشقا ۋاقىتمۇ چىقىرىشالمايتتى.

    مانا مۇشۇنداق بالايىئاپەتلەر تۈپەيلىدىن، زامانىسىدىكى گۈەنجۇڭلۇقلارنىڭ تەڭرىنىڭ بەرگىنىگە شۈكرى-قانائەت قىلماقتىن ئۆزگە ھېچ ئىش قوللىرىدىن كەلمەيتتى.

    چىن بەگلىكى قۇدرەت تېپىپ كۈچەيگەن زامانلاردىمۇ ۋاقىت ئوخشاشلا بىكارغا كېتىپ، بۇ ئىككى بالايىئاپەت ئۆز پېتى قېلىۋەردى.

    چىن شياۋگۇڭ زامانىدا شاڭ ياڭ قانۇن ئۆزگەرتكەندىن بۇيانقى چىن بەگلىكىنىڭ باش ۋەزىرلىرىنىڭ ھەممىسى چىن بەگلىكىنىڭ كىندىكىدىكى بۇ ئىككى چوڭ ئاپەتنى يوقاتماق بولۇشۇپ، بەللىرىنى باغلىشىپ كۆپ ئەجىرلەر قىلىشقان بولسىمۇ ئەمما تۈرلۈك ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلمەي شۇ پېتى قېلىۋەردى. شاڭياڭ بەل باغلاپ رىجەلەر تۈزۈشكە تۇتۇنغان بولسىمۇ، چىن شياۋگۇڭنىڭ تازا قىران چېغىدا قازا قىلغان چېغىغا توغرا كېلىپ قېلىپ، ئۆزىمۇ ئوردىدىكى نىزا نوقانلىرىدا ھارۋىغا سۆرىتىلىپ ئۆلتۈرۈلۈشتەك قىسمەتكە دۇچار بولۇپ، داشىڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىمۇ سۇغا چىلاشتى. چىن خۇيۋاڭ تەختكە چىقىپ سەلتەنەت سۈرە-سۈرمەيلا ئالتە بەگلىكنىڭ چىن بەگلىكىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قارىشى بىرلەشمە ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يىللاپ ئۇرۇش-جېدەلنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەچكە، گۈەنجۇڭدىكى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلىشىغا چولىسى تەگمەي تاشلىنىپ قالدى. چىن جاۋۋاڭ سەلتەنەتىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە، چىن بەگلىكى شەندۇڭدىكى بەگلىكلەر ۋە جاۋ بەگلىكى بىلەن يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم، دەپ ئۇرۇشتى، بۇ ئۇرۇشتا بەگلىك پۇقرالىرىنىڭ بەرى ئۇرۇش مەيدانىغا ئاتلانغاچقا، باشقا ئىشلارغا قاراشقا ھېچكىمنىڭ چولىسى تەگمىدى. چىن جاۋۋاڭ سەلتەنەتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، رىجە-تەدبىرلەرگە ئۇستا ئاقىل سەي زې باش ۋەزىر بولۇپ، گۈەنجۇڭ، يۇقىرى ۋېيخې ۋادىسى تەۋەلىرىدىكى يەرلەرنى كۆرۈپ، تەدبىر-رىجەلىرىدىن بەگكە: «يۇقىرى ۋېيىې ۋادىسىدىكى سۇلۇق-قۇرغاق يەرلەر تۆت تۈمەن پاتماندىن كۆپرەك، شورتاڭلىق يەرلەر ئىككى تۈمەن پاتماندىن كۆپرەك. بۇ يەرلەرگە جىڭشۈي دەرياسى سۈيىنى تاغدىن ئكتكۈزۈپ باشلىماق زۆرۈردۇر، شۇنداق قىلغاندا تۆۋەن تەرەپتىكى گۈەنجۇڭنىڭ يەرلىرىنى سۇغىرىپ قۇرغاقچىلىق تەھدىتىنى ئازايتقىلى، شورلارنى ئېقىتىپ مۇنبەت ئېتىزلارنى ئاۋۇتۇپ، چىنچۈەندە چەكسىز بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ!» دەپ مەلۇمات سۇندى. تەدبىركار ئاقىل سەي زې پۈتۈن كۈچى بىلەن تەدبىر-رىجەلەر تۈزۈپ پۈتۈن كۈچى بىلەن گۈەنجۇڭدىكى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى باشلاي دەپ تۇرغان بىر پەيتتە، چىن بەگلىكىنىڭ ئامىتى قېچىپ ئاجىزلاپ، ئىچكى-تاشقى جەھەتتە قىيىن-قىستاققا يولۇقۇپ قالغاچقا، بابايى-ئەجدادلىرى قالدۇرغانغا ۋارسلىق قىلىپ بەگلىكنى روناق تاپقۇزۇش تەدبىرى يۈرگۈزۈپ، ۋەلىئەھد بەلگىلەشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ئېھتىيات بىلەن بىر ياقلىق قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، سۇ خۇسۇسىدىكى ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى. شياۋ ۋېنۋاڭ بىلەن جۇاڭ ۋېنۋاڭسەلتەنەتكە ئولتۇرغان تۆت يىلدا، لۈ بۇۋېي بەگلىككە نائىب بولۇپ سەلتەنەتكە  ھەكەملىك  قىلدى، لۈ بۇۋېي سەلتەنەت تىزگىنىنى ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن ئىقتىساد-ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈپ چىن بەگلىكىنى روناق تاپقۇزماق بولغان بولسىمۇ، ھەر يىلى تۈرلۈك دوقال-توساققا دۇچ كېلىۋەرگەچكە، ئوردىنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويدى، ئاقىۋەتتە باشتىن-ئاخىر بارچە زېھنى-قۇۋۋىتىنى گۈەنجۇڭنىڭ ئىگىلىكىنى روناق تاپقۇزۇشقا قارىتالمىدى. بۇ ئارادا چىن بېگى ياش-گۆدەك ئىدى، بەگ ئانا ئىشلارغا دوقال تۇرۇۋالدى، لاۋ ئەي بەگلىكتە مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى ھۆكۈم-سىياسەتلەرنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. لۈ بۇۋېي بەگلىك ئىشلىرىدا مىڭ بىر مۇشەققەتتە كۆپ ئەجىرلەر قىلىپ بار كۈچى بىلەن جىڭشۈي دەرياسىدىكى سۇ قۇرۇلۇشىنى باشلىۋالغان بولسىمۇ، ئاۋامنىڭ كۈچ-مادارىنى يىغالماي، بۇ قۇرۇلۇشنى ناھايىتى ئاستا داۋاملاشتۇرۇرشقا مەجبۇر بولدى، سەككىز-ئون يىل مابەينىدە بەزىدە يۈرۈشتۈرۈپ، بەزىدە توختىتىپ، بەزىدە ئۈزۈپ قويۇپ، بەزىدە داۋاملاشتۇرۇپ، ھېچبىر نەتىجە قازىنالمىدى.

    مانا، بۇ قېتىمقى قەدىمدىن بېرى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر قۇرغاقچىلىقتا، چىن بەگلىكى تۇنجى قېتىم تەۋرەپ قالدى.

     چىنلىقلار تۇنجى قېتىم ئۈمىدسىزلىكنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلىشتى. تۇپرىقى مۇنبەت، جايلاشقان ئورنى ھەممىدىن ئەۋزەل، دەپ جاھاندا ئۆزىنى بىر سانايدىغان چىنچۈەن ئېغىر قۇرغاقچىلىق تېخى يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا ئاچارچىلىقتىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭدىن چىن بەگلىكىنىڭ ئۆپكىسى كۆرۈنۈپ، بودۇن-پۇقرالارنىڭ چۆنتىكى تەتۈر ئۆرۈلۈپ، بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. راستىنى ئېيتقاندا، ھەرقانچە ھۆل-يېغىنلىق ئىقلىم بولغان بىلەنمۇ يامغۇر-يېشىن مۇئەككىلىنىڭمۇ مۈگدەپ قالىدىغان چاغلىرى بولغىنىدەك، ھۆل-يېغىن سەللا ئۆكسۈپ قالسا قەھەتچىلىك كۆرۈلمەي قالمايدۇ، بۇنداق يىللاردا نەدىمۇ يېنى چىڭ باي-باياشاد پۇقرا-بودۇنلاردىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ ئەلمىساقتىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇنداق ئېغىر قۇرغاقچىلىق تۆت-بەش يىلدا بىر ئەمەس، ئون-ئون بەش يىلدا، ھەتتا نەچچە ئون يىلدا بىر كەلگەن تەقدىردىمۇ چىن بەگلىكى ئوخشاشلا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى، ئۇنىڭ ئىقلىمدا ھەممىدىن قۇدرەتلىك، باياشادلىقىدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟

    ئوردا غەم-ئەندىشىدە، ئاۋام-رەئىيەت ۋەھىمە-قورقۇنچتا قالدى، گۈەنجۇڭدىكى سۇ رايى، سۇ ئىنشائات ئىشلىرى ھەمدە ئۇزاقتىن بۇيان يا پۈتمەي، يا تاشلىنىپ قالماي سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى بىر كېچىدىلا سۇغا چىلاشتى. روزغار-تەمىنات ۋەزىرلىرى خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلىشىپ ئولتۇرالماي قېلىشتى، مەھكىمىلىرىگە جەم بولۇشۇپ غۇل-غۇلا قىلىشىپ، گۇەنجۇڭدىكى سۇ قۇرۇلۇشىغا بار كۈچ بىلەن ئاتلىنىش خۇسۇسىدا ئارقا-ئارقىدىن ئالىيلىرىغا مەلۇمات سۇنۇشتى. بۇ چاغدا، لۈ بۇۋېيدەك ئۆز قەسىرىدە مەھكىمە تەسىس قىلىپ سەلتەنەتكە ھەكەملىك قىلىدىغان باش ۋەزىر بولمىغاچقا، بەگكە سۇنۇلىدىغان مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى كەلكۈندەك ئوردۇبالىققا ياغقىلى تۇردى. بىرەر ئايدىلا دورغاب مەھكىمىسىنىڭ جىلدخانىسىغا 26 شىرە قىستاپ تىزىۋېتىلدى. بەگ جەمەتىنىڭ سۇيۇرغاللىقى بار ئاقسۆڭەك-ئېسىلزادىلىرى بىلەن تۆھپىدار ۋەزىرلەر نوقانچىلىقتا قالدى، ئۇلار بىر تەرەپتىن سۇيۇرغاللىقىدىن ئۇزۇن يول يۈرۈپ سەپەر ئازابى تارتىپ مەلۇمات يەتكۈزگىلى كەلگەن بىرمۇنچە يېزا-كەنت ئاقساقاللىرى بىلەن ئۇرۇق-جەمەت ئاقساقاللىرىنى كۈتۈۋېلىپ تەسەللىي ئېيتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىقى بار ناھىيەلەرنىڭ ئامباللىرىنى تۈرلۈك ئامال-چارىلەرنى قىلىپ ئېرىق چېپىپ سۇ باشلاشقا پوپۇزا-دەۋەتلەر قىلىشاتتى، يەنە تېخى ئوردا كېڭىشىگە سۇ ئىنشائاتىنى بىر تۇتاش قىلىش خۇسۇسىدا مۇراجىئەتلەر قىلىشاتتى.

    ئەمەلدارلار مەھكىمىلىرى ئالدىراشچىلىقتىن ئۆزلىرىنى قويغىدەك يەر تاپالماي قېلىشسا، كەنت-كەنتلەردىكى پۇقرا-بودۇنلار نوقانچىلىقتىن تەمتىرەپ قېلىشتى. تومۇزنىڭ پىژغىرىم ئاپتىپىدا قۇرۇپ كېتىۋاتقان مايسىلارنى كۆرۈپ ئىچى سىيرىلىپ كېتىۋاتقان ئېكىنزارلىق ئاقساقاللىرى ئۆز كەنتلىرىدىكى دېھقانلارنى باشلاپ ناھىيە مەھكىمىلىرىگە توپلىشىپ، مەھكىمىنىڭ كەنتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېرىق چېپىپ سۇ باشلىشىغا يارلىق چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشتى. ئامبال ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جاۋاب بېرىشتىن قورقۇپ، ئاستانىگە تېز مەلۇمات يوللاشقا مەجبۇر بولۇشتى، پۇقرا-بودۇنلار تۇشمۇ-تۇشتىن كېلىپ مەھكىمىدە قىستىلىشىپ تۇرۇۋېلىپ، رازى بولغىدەك جاۋابقا ئېرىشمىگىچە كەتمەيمىز، دېيىشىپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرۇۋېلىشتى. گۈەنجۇڭغا يېڭىدىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان شەندۇڭلۇق كۆچمەنلەر كەنتىدىكىلەر چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانلىرىنى تازا بىلىپ كەتمىگەچكە، شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغاندا ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئەنئەنە-يوسۇنلىرى بويىچە مەھكىمىگە مەلۇممۇ قىلماستىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى كۆللەردىن ئېرىق چېپىپ سۇ باشلاپ كېلىشتى. ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد چىن بەگلىكىگە يەرلىك پۇقرالار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنتلەردىكى دېھقانلار شەندۇڭلۇق كۆچمەنلەر كەنتىدىكىلەرنىڭ ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن سۇ مەنبەسىنى ئىگىلىۋالغانلىقىدىن نارازى بولۇشۇپ، تۇشمۇ-تۇشتىن كېلىپ ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىشتى، تالاي يىللاردىن بېرى بېسىقىپ قالغان پۇقرالار ئارا جەڭگى-جېدەللەر پىژغىرىم تومۇز ئايلىرى ئۆتۈپ ھاۋا-جاھان سالقىنداشقا باشلىغاندا غەۋغاغا ئايلىنىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈشتى.

    گۈەنجۇڭدىكى بۇ ئېغىر قۇرغاقچىلىق ياش چىن بېگىنى ھەممىدىن بەكرەك ئالدىرىتىپ قويدى.

    5-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە قۇرغاقچىلىق ئەمدىلا باشلانغان چاغدا، يىڭ جېڭ ئېكىنچىلىك ۋەزىرى، غەللە-پاراق ۋەزىرى، روزىغار ۋەزىرى، خەزىنە ۋەزىرى، بەگلىك ئەمىرمىمارى، ھاشار ۋەزىرى، تامغا بېجى ۋەزىرى قاتارلىق روزىغار-تەمىناتقا ئالاقىدار يەتتە مەھكىمە ۋەزىرلىرىنى چاقىرىتىپ كېڭىشىش ئارقىلىق ئاخىر ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر قارار قىلىشتى، يەنى بىرنەنچىدىن، ئېكىنچىلىك ۋەزىرى باش بولۇپ ئېكىنچلىك مەھكىمىسى، مىمارچىلىق مەھكىمىسى ۋە ھاشارچىلىق مەھكىمىسىدىكى بارلىق ئۇلۇغ-كىچىك ئەمەلدارلارنى باشلاپ، گۈەنجۇڭدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرگە بېرىپ، دەرھال دەريا-كۆللەردىن ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ، ئېكىنزارلىقلارنى سۇغىرىدىغان ھەمدە چوڭ-كىچىك دەريا-ئۆستەڭلەردىن سۇ تەقسىم قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلىدىغان، سۇ تالىشىپ جېدەل-ماجرا قىلىشقانلارنى ناھىيە ئامبىلى بىلەن بىرلىكتە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدى. ئىكىنەنچىدىن، روزىغار مەھكىمىسى بىلەن خەزىنە مەھكىمىسى دەرھال ھارۋا-ئۇلاغ غەملەپ، ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىشقا كېرەگلىك ئەشيالارنى ئاستانە شيەنياڭدىن ھەرقايسى ناھىيەلەرگە توشۇيدىغان، ھەرقانداق بىر جايدىكى ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىش قۇرۇلۇشىغا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزمەيدىغان بولدى. ئۈچنەنچىدىن، غەللە-پاراق مەھكىمىسى تامغا بېجى مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئاستانە شيەنياڭ ۋە گۈەنجۇڭدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ ئاشلىق بازىرىنى قاتتىق باشقۇرىدىغان، كۈندىلىك ئاشلىق باھاسى ۋە ئاشلىق ئېلىپ-سېتىش مىقدارىنى چەكلىك يۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىدىغان بولدى؛ شەندۇڭلۇق ئاشلىق سودىگەرلىرىنىڭ ئاشلىق كىرگۈزۈشىگە ئىجازەت قىلىدىغان، ئاشلىق چىقىرىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغان، چىن بەگلىكى بازارلىرىدىكى ئاشلىقنى خەنگۇ قورۇلىدىن چىقىرىشنى قاتتىق مەنئىي قىلىدىغان بولدى.

    ــــــ ھەرقايسىلىرىچە، بۇ تەدبىر-رىجەلەرنىڭ كەم-كۈتىسى بارمىكىن؟ ـــــ تۈن نىسبىدىن ئاشقان بولسىمۇ يىڭ جېڭنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆتكۈر نۇر چاقناپ تۇراتتى.

    ـــــ ئالىيلىرى، جىڭخې دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى قىلىمىز، دەپ نەچچە يىل بىكار ئاۋارە بولدۇق، يىگرىمە تۈمەندىن ئارتۇق ئادەم كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئاقىۋەتتە ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋادىسىدىكى يىگرىمە نەچچە ناھىيەنى ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىپ قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇردۇق. دەرھال جىڭخې دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يارلىقى چۈشۈرۈپ، ئاۋامنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ قۇرغاقچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇشلىرىنى ئىلتىجا قىلىمەن! ۋەزىرلىرىنىڭ قاپ يۈرەكلىك قىلىپ قويغىنىنى كەچۈرگەيلا! ـــــ دېدى ئېكىنچىلىك ۋەزىرى جۈرئىتىنى يىغىپ، ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ ئېگىلىپ تازىم قىلىپ.

    ـــــ ۋەزىرلەر كېڭەش قىلىشايلى! ـــــ روزغار-تەمىنات ۋەزىرلىرى خۇددى  كېلىشىۋالغاندەك تەڭلا ئېغىز ئېچىشتى.

    ـــــ ۋەزىرلىرىنىڭ قارىشى باشقىچەرەك! ـــــ ياندىكى شىرەدە پۈتۈكچىلىك قىلىۋاتقان دورغاببەگ ۋاڭ ۋەن بىردىنلا قەلەمنى قويۇپ بېشىنى كۆتۈردى، ـــــ جىڭخې دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى باشلانغىلى كۆپ يىللار بولدى، گەرچە ھېچقانچە ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلۇش چوڭ ئىشلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ، ۋەزىرلىرىنىڭ قارىشىچە بۇ قۇرۇلۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرساق مۇۋاپىق بولماسمىكىن!

    ـــــ دورغاببەگ، بۇ گەپلىرىدىن سىلىنىڭ روزىغار-تەمىنات ئىشلىرىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكلىرى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ، ـــــ دېدى ئېكىنچىلىك ۋەزىرى بۇ روزىغار-تەمىنات بويىچە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئوردا كېڭىشىگە سىرتتىن قاتنىشىۋاتقان ياش ۋەزىرنى كۆزگە ئىلمىغاندەك سوغۇققىنە كۈلۈپ، ـــــ ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى خۇددى تەم تەڭشەش ھۈنىرىگە ئوخشايدۇ، تۆھپە يارىتىشقا ئالدىرىغان بىلەن بەگلىكنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە جانغا ئەسقاتمايدۇ. جىڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى تاغدىن چىقىرىش ئىشىنى چىن بەگلىكىمىزنىڭ ئالتە ئەۋلاد بەگلىرى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ قۇرۇلۇش كۆلىمى زىيادە زور، چىن بەگلىكىنىڭ بۇنىڭغا قۇربىتى يەتمەيدۇ. ئومۇمەن بۇ قۇرۇلۇش زور قۇرۇلۇش بولغىنىكەن، كەلگۈسىگە كېچىكتۈرسەك بولمايدىغان ھېچ يېرى يوقتۇر. كۆز ئالدىمىزدا، ئەلمىساقتىن كۆرۈلمىگەن ئېغىر قۇرغاقچىلىق بەگلىكىمىزگە قەھەتچىلىك تەھدىتى سالماقتا، شۇڭا ئاۋامنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى دەرھال ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرماق زۆرۈردۇر، مانا بۇ ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىمىزدۇر. نەپسىمىزنى چوڭ قىلىپ، نەچچە لەك ئاۋامنى تاغ-دالالاردا زورىغا ھاشارغا سالساق، ئاشلىقىمىز ئۆكسۈپ قالغىدەك بولسا ئاچ قالغان ئاۋامنىڭ ئالا-توپىلاڭ قىلىدىغىنى تۇرغانلا گەپ، ئۇ چاغدا، تەبىئىي ئاپەت بىلەن سۈنئىي ئاپەت بىزنى ئىچ-تېشىمىزدىن ھالسىرىتىپ قويسا، چىن بەگلىكىنىڭ تىنچ-ئەمىنلىكى نەدە قالىدۇ؟

    ـــــ ئېكىنچىلىك ۋەزىرىنىڭ ھەق ئېيتىدۇ! ـــــ دېيىشتى روزىغار-تەمىنات ۋەزىرلىرى يەنە خۇددى كېلىشىۋالغاندەك تەڭلا.

    ۋاڭ ۋەننىڭ يەنە ئېغىز ئۆمەللەپ رەددىيەگە تەييارلانغان ئەپتىنى بايقىغان يىڭ جېڭ قولىنى سىلكىپ:

    ـــــ بۇ خۇسۇستا يەنە تالاشماڭلار، ئىككى-ئۈچ كۈنلەردىن كېيىن كېڭىشىپ بېكىتەيلى. ھازىرچە مەھكىمىگە قايتىپ، باياقى تەدبىر-رىقەلەر بويىچە ئىش كۆرگەيسىزلەر!ـــــ دېدى. ۋەزىرلەر چىقىپ كېتىشكەندىن كېيىن، يىڭ جېڭ ھەرەم ئاغىسى جاۋ گاۋئېلىپ كىرگەن بىر ئاپقۇر سوۋۇتۇلغان چاينى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋېتىپ، ئاندىن تىنچلىنىپ پۈتۈك شىرەسى ئەتراپىدا ھۆقجەت جىلدلىرىنى رەتلەۋاتقان دورغاببەگنى قول ئىشارىسى بىلەن چاقىردى ۋە:

    ـــــ ۋاڭ ۋەن، بايا زادى نېمە دېمەكچىدىلە؟ بۇ ئىش قانداقسىگە قايسى چوڭ ئىشلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ؟ ھاي شياۋ گاۋزى، سوغۇق چاي كەلتۈر! ـــــ دېدى چىشلىرى ئارقىلىق لەۋلىرىنى چىكىلدىتىپ. ۋاڭ ۋەن ئەسلىدە لۈ بۇۋېينىڭ جىڭخې سەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىلىق تەدبىر-رىجەلىرىنى ھەمدە ئاخىردا لۈ بۇۋېي ئاستانىدىن ئايرىلىش خۇسۇسىدىكى يارلىق ئالغاندا ئۆزىدىن جېڭ گوغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىغان سۆزلەرنى چىن بېگىگە ئېيتماقچى ئىدى، ئەمما ئۇ جىدەك ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن دەرھال نىيىتىدىن يېنىپ:

    ـــــ ۋەزىرلىرى بۇ ئىش بەگلىكىمىزنىڭ يىراق كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغۋار تەدبىر-رىجەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دەپ ئويلاپ، دەريا-ئېقىن ۋەزىرى لى سىنى چاقىرىتىپ كېڭىشىشنى ئويلىغان ئىدىم، ـــــ دېدى.

    ـــــ ئۇغۇ شۇ، لى سىنى چاقىرىتىدىغان چاغمۇ بولغان! ـــــ يىڭ جېڭ تازا بىر كېرىلىۋېلىپ ئۆزىنى رۇسلىۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،ـــــ دەرھال مەكتۇب ئەۋەتىپ لى سىنى ئاستانىگە چاقىرتسىلا. ئاندىن ھەمدەمبەگ مېڭ ۋۇ، ئاستانە ھاكىمى مېڭ تيەنگە كېچىلەپ لەنتيەندىكى چوڭ بارگاھقا يېتىپ بېرىش خۇسۇسىدا خەۋەر يەتكۈزسىلە. شياۋ گاۋزى، ھارۋا تەييارلا!ـــــ ساراي سىرتىدىكى دەھلىزدىن «خوب ئالىيلىرى» دېگەن سادا بىلەن تەڭ ئۇچىسىغا يېلىڭ كۆنساۋۇت كىيىۋالغان شياۋ گاۋزى قولىدا قامچا تۇتقان پېتى ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كىرىپ، ئالتە ئاتلىق ھارۋىنىڭ تەقلەپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى. يىڭ جېڭ يېپىنچىسىنى ئارتىپ، قىلىچ ئاسقۇدىن دائىم يېنىدىن ئايرىمايدىغان زۇلپقار قىلىچىنى ئېلىپ، قوللىرىنى سىلكىگخنىچە كۈن چىقىش قەسىردىن چىقىپ كەتتى.

    ـــــ ئالىيلىرى ...

    ھەش-پەش دېگىچە يىڭ جېڭ تۈن پەردىسى ئىچىدە غايىب بولدى، ۋاڭ ۋەن ئەسلىدە ئالىيلىرىنى نەسىھەت بىلەن توسۇپ قالماقچى بولغان ئىدى، ئاغزىنى ئۆمەللەپ بولغىچە گېلىغا ئاچچىق بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ، چاناقلىرى نەملەشتى، شۇنىڭ بىلەن قايتا ئېغىز ئاچمىدى. ياش بەگنىڭ تولىمۇ كىچىك پېئىل، تەكەللۇب قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالىيلىرىنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدىغان ئۆزىدەك دورغاب بىلەن ئاغۋاتلار مەھكىمىسىنىڭ ھەرەم ئاغىسى بولغان جاۋ گاۋدىن باشقا ئادەم بىلمەيتتى. قۇرغاقچىلىق كۆرۈلۈپ ئەتيازلىق تېرىلغۇ توختىغاندىن بۇيان، ياش بەگ خۇددى ھېرىپ-چارچاشنى بىلمەيدىغان چىغرىقتەك كېچە-كۈندۈز توختىماي چېپىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. گۈەنجۇڭدىكى سۇ قەھەتچىلىكى بولۇۋاتقان ناھىيەلەرگە بېرىپ، جىددىي ئىشلار خۇسۇسىدا كېچە-كۈندۈز كېڭىشىپ، شۇ جايدىلا ھەل قىلدى؛ ئاستانە شيەنياڭغا قايتىپ كەلگەندە ۋەزىرلەر چاقىرىتىپ مەجلىس-كېڭەشلەر قىلسا، بەزىدە ۋەزىرلەر كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ مەلۇماتلار سۇنۇشتى؛ تالاي تۈنلەرنى كۇتۇپخانىسىغا بېكىنىۋېلىپ پۈتۈك شىرەسى ئالدىدا مۈكچىيىپ، ھۆججەت-مەلۇمات كۆرۈپ تەستىقلاش، يارلىق يېزىش بىلەن تاڭ ئاتقۇزدى، پۈتۈك شىرەسىدىكى ھۆججەت-مەلۇماتلارنى بىرياقلىق قىلىپ بولمىغىچە ياش بەگ ھەرگىز ئورنىدىن تۇرمايتتى؛ غىزالىنىش، يۇيۇنۇش، ئۇخلاش، ھوزۇرلىنىپ چاي ئىچىش، ئوۋغا چىقىش، بەزمە-زىياپەت تۈزۈش دېگەنلەرنى ئۇنتۇپلا كەتتى.

    بۇ قېتىم  ئاستانە شيەنياڭدىكى ئوردۇبالىققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىڭ جېڭ ساق ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئۇخلىمىدى، تۆت كۈندە ئاران بەش ۋەق غىزالاندى. پۈتۈكچىلىكتە يېتىشىپ چىققان  ۋاڭ ۋەن ئەسلى لۈ بۇۋېينىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە يالۋاچلار مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى-تاشقى يالۋاچلارنى كۈتۈۋېلىش-ئۇزىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى، بۇ كۈن-تۈن بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان ۋەزىپە بولۇپ، ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭ تالاي تۈنلەرنى تاڭغا ئۇلاپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇ ئۆزىمۇ چىن بېگىگە كۈنۇ-تۈن ھەمراھ بولسام مەن ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس، دەپ ئويلايتتى، ئەمما ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايۋاتاتتى، ئۇ كېچە-كۈندۈز بەگنىڭ ئەتراپىدا پالاقشىپ يۈرۈپ نەچچە قېتىم مۈگدەپ قېلىپ پۈتۈك شىرەسىگە ئۈسۈۋالدى، ھەتتا ھۇشيارلىقتا مايمۇندىن قېلىشمايدىغان ھۇقۇش لەقەملىك جاۋ گاۋمۇ گاھىدا كۇتۇپخانا سىرتىدىكى سارايدا پايانداز ئۈستىدىلا خورەككە چۈشۈپ كېتەتتى. پەقەت ياش يىڭ جېڭلا تۆمۈر ئادەمدەك چارچاشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ۋەزىرلەرنى قوبۇل قىلاتتى، ھۆججەت-مەلۇماتلارنى كۆرۈپ چىقىپ تەستىق سالاتتى، پۈتۈكچىگە ئاغزاكى يارلىق ئېيتىپ بېرەتتى، شۇنداق چاغلاردا ئۇ مۈگدەش تۇرماق ئەسنەپمۇ باقمىدى.بىر چاغلاردا ۋاڭ ۋەننىڭ خىيالىغا ئۇشتۇمتۇت توققۇز يىل ھامىيلىق تەختىدە ئولتۇرغان چىن بېگىنىڭ چۇس-كەسكىن مىجەزى، ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچلۈك يىگىتلىك ئىرادە-جاسارىتى سەلتەنەت تەختىگە رەسمىي ئولتۇرغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا پارتلاپ ئۇزاققا قالماي پەسكويىغا چۈشۈپ، «موزاينىڭ چىچچاڭلىشى سامانلىققىچە» دېگەندەك ئىش بولىدۇ، دېگەن ئوي كېلىپ قالغان ئىدى، ئەمدىلىكتە ئۇنداق بولمايدىغانلىقى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلسۇن؟ لاۋ ئەي توپىلىڭىنى تىنچىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي لۈ بۇۋېي ۋەقەسىنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگىمۇ مانا ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالدى، قىرانىغا تولغان يىڭ جېڭ يەنىلا قارا ياغقا مىلەنگەن غايەت زور مەشئەلدەك كۈندىن-كۈنگە لاۋۇلداپ يېنىپ ئۇلغايماقتا. مانا مۇشۇ يىڭ جېڭ بەگلا غەيرەت-شىجائەت بىلەن جاپاغا چىدايدىغان ئىشچانلارنىڭ ئۈلگىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن تۇرسا كىممۇ ئۇنىڭدىكى جاسارەتنى بىر مەھەللىك قىزىقىش، نەچچە يىللاپ ھامىيلىقتا ئولتۇرغاندىن كېيىنكى پارتلاش، دېيەلەيدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بۇنداق غەيرەت-شىجائەتنى ۋاڭ ۋەن «تۇغما ئىستېداد» دېگەندىن باشقا قايىل بولغىدەك بىرەرمۇ سەۋەب تېپىپ ئىزاھلىيالمىدى. ھەتتا شەيتاننىمۇ ئۇسسۇلغا دەسسىتىدىغان ئاغۋات جاۋ گاۋمۇ بىر چاغدا ۋاڭ ۋەننىڭ قۇلىقىغا «ئالىيلىرىنى بىرەرسى باشقۇرمىسا بولمايدىغان يېرىگە كەلدى، بىرەر ئامالىنى قىلىپ بەگئانىنى گۇناھتىن ساقىت قىلدۇرالىغان بولساق، ئالىيلىرىنى باشقۇرۇپ ئادەمدەك ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماسمىدى؟» دەپ پىچىرلىغىنىدا، ۋاڭ ۋەننىڭ ھەم ئاچچىقى كەلگەن، ھەم كۈلكىسى قىستىغان ھەم خۇرسىنغان ھالدا «قارا سەن سولتەكنىڭ تاپقان ئەقلىنى، بەگئانا ئالىيلىرىنى باشقۇرالىغان بولسا بۈگۈنگىچە ئۇلىشالامتى؟ سېنىڭ قولىڭدىن كۆپ ئىشلار كېلىدۇ، ئالىيلىرىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قويارسەن، بۇ قىلغىنىڭ بەگلىكىمىز ئۈچۈن قىلغىنىڭ بولۇپ قالار، بۇنىڭدىن باشقىسى بىكار» دېگىنىدە، جاۋ گاۋمۇ ماقۇل كۆرۈپ باش لىڭشىتقان، شۇنىڭدىن بېرى ھېچكىم بۇ خۇسۇستا ئېغىز ئاچمىدى. بىراق، شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ ۋەن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. بەگلىكنىڭ دورغاببېگى ئەسلىدىمۇ بەگنىڭ ئەڭ سادىق-ئىشەنچلىك، يېقىن ۋەزىرى بولغاچقا، ياش بەگنىڭ تىنىم تاپماي بەگلىك ئىشلىرىغا پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئۇرۇشىنى نەسىھەت بىلەن توسۇپ قالسا بولاتتى، ئەمما، بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردىكى قىيىن ۋەزىيەتتە ئۇ بۇنداق ئەقىلدارلىق قىلالامدۇ؟ بۇنىڭ پايدىسى بولارمۇ؟ ئالىيلىرىنىڭ بۇ قەدەر كۆك نامراتلىقىغا قۇلاق يوپۇرۇپ يۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولماسمۇ؟

    ھەر قېتىم بۇ ئىشلار ۋاڭ ۋەننىڭ خىيالىغا كىرىۋالغاندا ئۇنىڭ يۈرەكلىرى ئېغىپ كېتەتتى.

     

    سۈبھى بىلەن تەڭ ئالتە ئات قوشۇلغان بەگ ھارۋىسى لەنتيەن بارگاھىغا كىرىپ كەلدى.

    ئەتىگەنلىك لەشكىرىي مەشققە دالالەت قىلىپ چېلىنغان بۇرغا ئاۋازى ھەممە يەرنى بىر ئالغان، بارگاھ قارارگاھىغا ئەمىر لەشكەرلەر ئالدىراش كىرىپ-چىقىپ يۈرۈشەتتى، لەشكەرلەر باشبۇغى خۇەن خې تېخى چېدىرغا كىرمىگەن ئىدى، يىڭ جېڭ گۈس-گۈس دەسسەپ قارارگاھقا كىرىپ كەلدى. بارگاھ لەشكەربېشى ئالىيلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە كىردى:

    ـــــ ئالىيلىرى سەل تەخر قىلغايلا، مۇۋەققەت سانغۇن سوغۇق سۇدا يۇيۇنىۋاتىدۇ، نەۋكەرلىرى ھازىرلا مەلۇم قىلاي،ـــــ دېدى ئالدىراپ-تېنەپ.

    ـــــ پېشقەدەم سانغۇننى ئالدىراتمايلى، ۋاڭ جيەن سانغۇن نەدىكىن؟ـــــ دېدى يىڭ جېڭ تەبەسسۇم بىلەن قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ.

    ـــــ ۋاڭ جيەن سانغۇن ئەتىگەنلىك مەشقتە، كۈن چىققىچە قارارگاھقا كېلىدۇ، ـــــ دېدى. يىڭ جېڭ ۋاڭ جيەننى دەرھال قارارگاھقا كېڭەشكە كېلىشنى چاقىرىشنى بۇرۇدى.

    بارگاھ لەشكەربېشى ئەمدىلا قارارگاھتىن چىقىشىغا، ياندىكى چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ناھايىتى سۈزۈك ئىسقىرتقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ياشىنىپ قالغان خۇەن خې چوڭ چېدىرغا كىرىپ كەلدى. يىڭ جېڭ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى پارقىراپلا قالدى، ئالدىدىكى بۇ قېرىنىڭ سۇ تەپچەرەپ تۇرغان ھۆل چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بولۇپ، مۈرىلىرىگىچە سېلىنىپ تۇراتتى، ناھايىتى كەڭ كالتا ماتا يەكتەك، لەنتيەن تېشىدىن ياسالغان ساپما كەش ئۇنى سېپى ئۆزىدىن زاھىدقا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى.

    ـــــ سانغۇن، بىكارچىلىقتا قالغان ئوخشايلا-ھە !ـــــ دېدى يىڭ جېڭ پىخلداپ كۈلۈپ.

    ـــــ ئالىيلىرى؟!

    ئالىيلىرىنى ئۇشتۇمتۇت قارارگاھتا ئۇچرىتىپ قالغان قېرى خۇەن خې بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ خىجىلچىلىقتىن ئالدىراپ-تېنەپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ، ئۆرۈلۈپلا ئارقا تەرەپتىكى چېدىرغا كىرىپ كەتتى، لەنتيەن قاشتېشىدىن ياسالغان ساپما كەشنىڭ كۆك خىشقا تەگكەندىكى ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھايالشىمايلا قېرى خۇەن خې ئۇچىسىغا يازلىق كۆنساۋۇت ئالماشتۇرۇپ، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن قارا تالالىق يېپىنچىسىنى يېپىنىپ، بېشىغا غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى نەيزەباشلىق دوبۇلغىسىنى، پۇتىغا ئۇزۇن قونجلۇق جەڭ ئۆتۈكىنى  كىيگىنىچە بايىقى تۇرقىدىن بۆلەكچىلا كۆتۈرەڭگۈ-روھلۇق قىياپەتتە پەيدا بولدى.

    قېرى خۇەن خې مىقتا قەدەملىرى بىلەن كېلىپ ئالىيلىرىغا لەشكەرلەرچە تازىم بىلەن سالام بەجا كەلتۈرۈپ:

    ـــــ ئالىيلىرى گۇناھىمدىن ئۆتكەيلا، ۋەزىرلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى غەلىتە بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالدىم، دوبۇلغا-ساۋۇت كىيسەملا پۈتۈن بەدەنلىرىم خۇددى پىتلار قىمىلداۋاتقاندەك قىچىشىپ كېتىدۇ، ئىسسىق-سوغۇق سۇدا نەچچە رەت يۇيۇنۇپ ئاندىن كەڭرى-ئازادە ماتادىن ئۈستىۋاش كىيمىسەم زادىلا چىدىيالماي قالىمەن. يېقىندىن بۇيان ئۇرۇش بولمىغاندىكىن دەپ ۋەزىرلىرى ئۆزۈمنى سەل ئەركىن-ئازادە قويۇپ بەردىم، ئالدىل؛ىرىدا تولىمۇ خىجىلمەن!ـــــ دېدى شەلپەردەك قىزىرىپ.

    ـــــ ئېسىمگە كەلدى، ـــــ دېدى يىڭ جېڭ بىردىنلا قىستاپ كەتكەن كۈلكىسىنى يوشۇرالماي شىرە يېنىغا كېلىپ خىجالەتتە قالغان قېرى سانغۇنغا سىنچىلاپ قاراپ ، ـــــ  بەگ ئاتامدىن ئاڭلىشىمچە، ھۆرمەتلىك سانغۇن بۇرۇن نەنجۈن ئايمىقىنى ئېلىش ئۇرۇشىدا چۇ بەگلىكىنىڭ لەشكەرلىرىنى پىستىرمىغا ئالغاندا، نەم-دىمىق ئورمانلىقلاردا ئۇزۇن يۈرگەن ئىكەنلا، ئۇرۇشتىن كېيىن پۈتۈن بەدەنلىرىنى تەڭگىدەك قىزىل تەمرەتكە قاپلاپ كېتىپ نەچچە يىلغىچە ساقايماپتىكەن، پات-پات قىزىپ كېتىدىكەنمىشلا... دەپ كەلسەم، ئەسلىدە پەقىر يىڭ جېڭ بۇ ئىشقا سەل قاراپتىمەن ئەمەسمۇ، ـــــ يىڭ جېڭ كەينىگە بۇرۇلۇپ، چېدىر ئىشىكىدە تۇرغان جاۋ گاۋغا جېكىلىدى، ـــــ شياۋ گاۋزى، مەن ئۈچۈن ئېسىڭدە تۇت، شيەنياڭغا قايتقاندىن كېيىن ئوردا ئەمچىسىگە پىت ئۆلتۈرۈپ قىچىشقاق توختىتىدىغان دورا ياساپ، لەنتيەن بارگاھىغا ئەكىلىپ لەشكەرلەرگە تارقىتىپ بېرىشنى ئېيت، ھۆرمەتلىك سانغۇن بۇ يەردە ئۇزاق تۇرۇپ قالىدۇ، ـــــ دېدى. ئارقىدىنلا يەنە بۇرۇلۇپ كۈلگىنىچە:

    ـــــ بۈگۈندىن باشلاپ ھۆرمەتلىك سانغۇننىڭ رەىت كىيىم بىلەن چېدىردا يۈرۈشىگە ئىجازەت!ـــــ دېدى.

    ـــــ ئالىيلىرى... ـــــ قېرى خۇەن خېنىڭ بوغۇزىغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئاچچىق بولۇپ قالدى.

    دەل شۇ چاغدا قارا تەرگە چۆمۈلگەن ۋاڭ جيەن ئالدىرىغىنىدىن پۇتلىرىدىن تېنى ئىتتىك مېڭىپ دېگۈدەك كىرىپ كەلدى ۋە ئولتۇرۇشىغىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ جەڭ ئارغىماقلىرىنىڭ ئۇزاقتىن-ئۇزاق كىشنىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئاتا-بالا مېڭ ۋۇ بىلەن مېڭ تيەن تاپانداپ كىرىپ كەلدى. بارگاھ لەشكەرلىرىنىڭ ئەمىرلەشكىرى جاۋ گاۋنىڭ سىپاھ-مۈلكىيلەرگە تۆت شىرەلىك ئەتىگەنلىك مەشق غىزاسى تەييارلاش، ھەر بىر شىرەدە بىر پارچىدىن قىزارتىلغان تېتىتقۇلۇق كالا گۆشى، ئۈچ تالدىن قېلىن تاۋا نېنى، بىر تەخسىدىن غول پىياز-سامساقلىق قورۇما، بىر تەڭنىدىن سۇيۇق، ھورى چىقىپ تۇرغان قىززىق پىننە كومۇلىچى سېلىنغان ئاچچىق-چۈچۈك شورپا بولۇش خۇسۇسىدىكى بۇيرۇمىسىغا بىنائەن غىزا تارتتى. يىڭ جېڭنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ:

    ـــــ كېلىڭلار، قورساقنى ئەستەرلىۋېلىپ ئاندىن كېڭەش قۇرايلى!ـــــ دېدى. تۆتەيلەن شىرەگە قول ئۇزارتىپ كالا گۆشىنى  چوڭ-چوڭ توغراپ، ساغىرىپ پىشقان يۇمشاق ئەمما قېلىن تاۋا نېنى تىتىپ ئاغزىغا سېلىشىپ، غول پىياز-سامساقلىق قورۇمىدىن بەھوزۇر ئېلىشىپ، مەززە قىلىپ چاينىشىپ، مېززىلىك ھىدى قارارگاھنى بىر ئالغان ئاچچىق-چۈچۈك پىننە شورپىسىنى تېتىپ-تېتىپ ئوتلاشتى. ياشانغان مېڭ ۋۇنىڭ شىرەسىدە ئازراق تائام ئېشىپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، يىڭ جېڭ، مېڭ تيەن، جاۋ گاۋلارنىڭ شىرەلىرىدىكى تائام پاك-پاكىز تۈگەپ، ھەممەيلەننىڭ پېشانىسىدىن مۇنچاق-مۇنچاق تەر تەپچەرەپ كەتتى. خۇەن خې، ۋاڭ جيەن ۋە قارارگاھتىكى باشقا ئەمىرلەشكەرلەر بۇنىڭغا قاراپ ئاغزىلىرىغا شۆلگەي تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ لام دېمەي تۇرۇشتى.

    ـــــ كۆز ئالدىمىزدا ئىشلار ناھايىتى جىددى، تەبىئىي ئاپەت بىزنى ئالدىرىتىۋاتىدۇ، غايىبتىنمۇ بالايىئاپەت كەلمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ،ـــــ دېدى سانغۇن-سەركەردىلەر ئولتۇرۇشى بىلەنلا يىڭ جېڭ گەپنىڭ پوس كاللىسىنى تېشىپ، ـــــ پەقىرنىڭ بۈگۈن كېلىشىم ھەرقايسىلىرى بىلەن ئالتە بەگلىكتىن گۈەنجۇڭغا كېلىدىغان ياغى-نىزالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈستىدىكى مۇناسىپ تەدبىر-رىجەلەر خۇسۇسىدا كېڭىشىشتۇر!

    ـــــ ۋەزىرلىرى شۇنداق قارايدۇكى، چىن بەگلىكىمىزنىڭ كىندىك تەسەررۇپى بىلەن ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى سەنجىن  ئەتراپىدا بىرلا چاغدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولىشى ئەلمىساقتىن بېرى كەمدىن-كەم كۆرۈلگەندۇر. مۇشۇنداق چاغدا، قەھەتچىلىكتىن ئاچارچىلىق يامراپ كەلمەيدۇ، دېيەلمەيمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى ھەممىدىن مۇھىم ئىش چىن بەگلىكىنىڭ بابايى-ئەجدادلاردىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى تەدبىرلەرنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، مۇنداقچە ئېيتساق، ئۆزگە بەگلىك رەئىيەتلىرىنى ئەمدى بەگلىكىمىزگە ئىنئام بېرىپ كىرىشكە دالالەت قىلىۋەرسەك بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، چىن بەگلىكىمىزگە كىرىدىغان بارلىق قورۇل-قورغان، مۇھىم ئېغىز-ئۆتكەللەرنى ۋە تاغلىق، ئورمانلىقتىكى مەخپىي-خۇپىيانە يوللارنى ئېتىپ، ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى قەھەتچىلىككە ئۇچراپ ئاچارچىلىقتا قالغان رەئىيەتلەرنىڭ گۈەنجۇڭغا كىرىپ ئاشلىق تالىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، گۈەنجۇڭدىكى ئاۋامنىڭ ساقلاۋاتقان ئاشلىقى چەكلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك غەملەپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالىدىغان تاغلىق-ئورمانلىقلىرىمىز بولمىغاچقا، چىن رەئىيەتلىرى ئارىسىدا ئويلىمىغان يەردىن غەليان-توپىلاڭلار چىقىشى مۇمكىن،ـــــ دېدى ياشانغان ھەمدەمبەگ تۇنجى بولۇپ ئېغىز ئېچىپ. چۈنكى، مۇھىم قورۇل-ئۆتكەللەر بۇ قېرى ھەمدەمبەگنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ئېغىز-قورۇللاردىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىدى، مېڭ ۋۇنىڭ بۇ تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى شۈبھىسىزكى ھەم ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ تەقەززاسى ھەم پۈتكۈل بەگلىكنىڭ ئومۇمىيىتى ئىدى. بۇ ھەقتە سانغۇن-سەركەردىلەر تۇشمۇ-تۇشتىن كېڭەش-تەدبىرلەر قىلىشتى، پەقەت يىڭ جېڭلا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا خىيالغا چۆكۈپ بىر نەرسە دېمىدى.

    ـــــ ئالىيلىرى، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئويدا بولۇۋاتىدىلىكىن؟!ـــــ دېدى مېڭ ۋۇ سەل تەمتىرەپ.

    ـــــ ھەمدەمبەگنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئاساسى يوقمۇ ئەمەس، ـــــ يىڭ جېڭ يوغان شىرەنى يېنىك توكۇلدىتىپ چېكىپ قويۇپ، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئالدىرىماي سۆزلەشكە كىرىشتى، ـــــ شۇغىنىسى، ئەينى زاماندا چىن بەگلىكىنىڭ ئاھالىسى شالاڭ-ئاز چاغدا بەگلىك-بەگلىكلەردىن پۇقرا قوبۇل قىلغان ئىدۇق، بۇ چىن بەگلىكىنىڭ يۈز يىللاردىن بۇيانقى بەگلىك تەدبىر-سىياسىتى ئىدى. مانا ئەمدى بولغاندا تۇيۇقسىز قامال قىلىۋالساق، پۈتكۈل ئىقلىمدىكى ئاۋام نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟ـــــ ئالىيلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇنداق دىلىغۇلچىلىقتا ئىكىلىنىپ قېلىشىنى ۋەزىر-سانغۇنلار زادىلا كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدى، بۈگۈن ئۇلار ھەيران قېلىشتى.

    ـــــ نەۋكەرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئالىيلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى تولا ئورۇنلۇقتۇر!ـــــ دېدى ئىلغار لەشكەرلەر سانغۇنى ۋاڭ جيەن ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ،ـــــ قەھەتچىلىك يىللىرىدا مۇساپىرلارنى چىن تەسەررۇپىغا كىرىشكە ئىجازەت قىلماي، گۈەنجۇڭدىكى چىن رەئىيەتلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قەھەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشىغىلا كۆڭۈل بۆلۈش ياخشى تەدبىر ئەمەس. چۈنكى، مولھوسۇللۇق يىللاردا مۇساپىر قوبۇل قىلىپ، قەھەتچىلىك يىللىرىدا ئۇلارنى رەت قىلساق، چىن بەگلىكىمىز پۈتكۈل ئىقلىمدىكى رەئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ، بۇ ھەم ھىدايەت تەدبىرىگە مۇخالىپتۇرلەر!

    ـــــ بەگلىك رەئىيەتلىرىگە كاپالەت بېرەلمىسەك، ھىدايەت نەدە قالىدۇ؟ ـــــ ياشىنىپ قالغان مېڭ ۋۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ شىرەگە «پاققىدە» بىرنى ئۇردى، ـــــ سانغۇنلىرى دېمەكچىكى، گۈەنجۇڭدا ئوتتۇز لەكتىن ئارتۇق ئاھالە بار، مۇبادا مۇساپىرلارنىڭ داۋاملىق چىن تەسەررۇپىغا كىرىشىگە يول قويساق، يېرىم يىلغا قالماي خەن، ۋېي بەگلىكىدىنلا ئاچ-زارلىقتا قالغان نەچچە لەك مۇساپىر گۈەنجۇڭغا ئېقىپ كىرىدۇ! خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى جاۋ بەگلىكىنىڭ پىڭياڭ تۈزلەڭلىكىدىن كېلىدىغان مۇساپىرلارمۇ چۇ بەگلىكىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى شياۋشەن تېغىدىكى ۋۇگۈەن قورۇلىدىن كىرىدىغان مۇساپىرلار بىلەن قوشۇلۇپ ئون لەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ! چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىدا بەگلىك ئاشلىقلىرى بىلەن قەھەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش مەنئىي قىلىنغان، شۇڭا مۇساپىرلارغا يەر بۆلۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، ئېكىنچىلىك، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىجازەت قىلىنىپ، ئكز-ئۆزىنى قەھەتچىلىكتىن قۇتقۇزۇشقا رىغبەت-دالالەتلەر قىلىنىدۇ. ئۇ چاغدا، چىن بەگلىكى يەرلەرنى بۆلۈپ بەرگەن بىلەن، قۇرغاقچىلىقتا يەرلىرىنى تېرىيالماي ھوسۇل ئالالمىسا، ئاچارچىلىقتا قالغان مۇساپىرلار يېگىلى ئاشلىق تاپالماي تاغلاردىكى ئورمانلىقلارغا كىرىپ ياۋا كۆكتات، ياۋا مېۋىلەرنى تېرىپ يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئاقىۋەتتە، گۈەنجۇڭنىڭ دەرەخلىرىنىڭ قوۋزاقلىرىنى سويۇپ يېسىمۇ قىرىق-ئەللىك لەك ئادەمنىڭ قەھەتچىلىكتىن ئكتۈۋېلىشىغا يەتمەيدۇ! تېخىمۇ يامىنى، يەرلىكلەر بىلەن كەلگىندىلەر ئۆزئارا ئكچەكىشىپ، جېدەل-ماجرا قايتا قوزغالسا، يىغىشتۇرغىلى بولماي قالىدۇ. سانغۇن ھىدايەت يولىدىن ئاقىلدارلىق قىلسىلىمۇ ھەم چىن بەگلىكىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىگە زەرەرى يەتمەيدىغان، ھەم جاھان ئەھلىنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالمايدىغان ھىدايەت يولىدىن ئەقىل كۆرسەتسىلىرى قانداق؟

    ــــ كەمىنىلىرى پەقەت غەم-ئەندىشەمنىلا ئېيتتىم، ئەمەلىيەتتە بىرەر تدبىر-رىجەلىرىممۇ يوق ئىدى، ـــــ ۋاڭ جيەن قايىل بولۇپ خىجالەتتە قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەپۇ سوراپ كۈلۈپ قويدى.

    مېڭ ۋۇ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ شىكايەت ياغدۇرۇپ، قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇرمايلا چىن بەگلىكىنىڭ مۇساپىرلارنى داۋاملىق چېگرىدىن كىرگۈزۈشنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىنى سۆزلىشى ئەمەلىيەتتىمۇ رەددىيە بەرگىلى بولمايدىغان ھەق گەپلەر ئىدى. قارارگاھ خېلىغىچە سۈكۈتتە قېلىپ ھېچكىم لام-جىم دېمىدى. خېلى بىر چاغدىن كېيىن، ئېغىر سۈكۈتكە چۆمگەن يىڭ جېڭ شىرەگە «پاققىدە» بىرنى ئۇرۇپ ئورنىدىن تۇردى:

    ـــــ پېشقەدەم ھەمدەمبەگ بىلەن ۋاڭ جيەن سانغۇننىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاساسى بار. مۇساپىرلار مەسىلىسى نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، شۇڭا بۇنى گۈەنجۇڭدىكى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەل قىلماق زكرۈردۇر. شۇ تاپتا، ئەۋۋەلى لەشكەرلىرىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش خۇسۇسىدىكى ئىشلارنى قارار قىلىۋالايلى، بۇ ئىشتا ئالتە بەگلىكنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋېلىشىغا ئىمكان بەرمەسلىكىمىز كېرەك!

    ـــــ پاھ، مانا ماۋۇسى ھەق گەپنىڭ پوس كاللىسى بولدى! ـــــ دېدى قېرى خۈەن خې ھاياجانلىنىپ.

    ـــــ ھۆرمەتلىك سانغۇننىڭ كۆڭلىگە پۈككەنلىرى باركىنە؟ ـــــ دېدى يىڭ جېڭ كۈلكىسىنى يوشۇرالماي.

    ـــــ ھىھىھى! بۇنى پەقىر ۋاڭ جيەن بىلەن با مەسلەھەت قىلىشقان، ـــــ قېرى خۈەن خې خۇشاللىقىدىن ھىجايغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، بارگاھ ئەمىرلەشكىرىنى لەشكىرىي پەرمايىشخانىدىن تاختايغا مىقلانغان ئوتتۇرا ئىقلىم كۈچ سېلىشتۇرمىسى خەرىتىسىنى ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇدى، خەرىتە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇزۇن قىلىچى بىلەن تىكلەنگەن تاختاينى توكۇلدىتىپ چىنەپ، ـــــ بىزلەر شۇنداق رىقە-تەدبىرلەر تۈزۈشتۇقكى، لەشكەرلىرىمىز مەخپىي-خۇپىيانە ھالدا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىگە ئۆتۈپ، بىر ھۇجۇم بىلەنلا پىڭياڭنى ئېلىپ، دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىدىكى ئايماقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈدۇ ھەمدە سەنجىننى چۆچۈتۈپ قويىدۇ. چىن بەگلىكى گەرچە ئېغىر ئاپەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئالتە بەگلىك بىزگە ھومىيىشقا خام-خىيال ئەيلەشمىسۇن!ـــــ دېدى.

    ـــــ پىڭياڭنىتاللاشتىكى ۋەج-سەۋەبلىرى نېمىكىن؟ ـــــ يىڭ جېڭمۇ تاختاي ئالدىغا كېلىپ خەرىتىگە سىنچىلاشقا باشلىدى.

    ـــــ پارچە-پارچە قىلىپ مىجىپ تاشلاشتۇر، پەقىرلىرى كېكەچلەپ تازا دېيەلمەيۋاتىمەن، ۋاڭ جيەن سۆزلىگەي،ـــــ دېدى قېرى خۈەن خې قوللىرىنى پۇللاڭلىتىپ.

    ـــــ ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغايكى، ـــــ دېدى ۋاڭ جيەن ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرگەچ خەرىتە چاپلانغان تىك تاختاي ئالدىغا كېلىپ، ـــــ پىڭياڭنى تاللاپ ئۇرۇش قىلىشنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل ئاساسى باردۇر، بىرنەنچىدىن، بۇ ئەھۋالات ئېھتىياجىدىندۇر. چاڭپىڭ ئۇرۇشىدىن كېيىن چىن بەگلىكىمىزنىڭ لەشكەرلىرى ئۈچ مەرتەم مەغلۇب بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەۋەسى بىلەن ئۇنىڭ ئىچكىي تەرەپلىرىدىن چېكىنىپ چىقتى، نەتىجە-ئاقىۋەتتە خۇاڭخېنىڭ كۈن چىقىش تەۋەسىدىكى ئايماقلارنى جاۋ بەگلىكى قايتۇرۇۋالدى، خۇاڭخېنىڭ ئىچكىي تەۋەسىدىكى ئايماقلارنى ۋېي بەگلىكى قايتۇرۇۋالدى. كېيىن يەنە ئالپ سانغۇن مېڭ ئاۋ ئالتە بەگلىكنىڭ بىرلەشمە پىستىرمىسىغا ئۇچراپ، كۈن چىقىش تتەرەپكە ئىچكىرىلەپ ھۇجۇم قىلغاندا ئېغىز ئاشقا تېگەي دېگەندە بۇرۇن تاشقا ئۈسۈۋاپتۇ، دېگەندەك زەپەر قۇچۇشقا ئازلا قالغاندا يەنە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ناۋادا، ئىرپانبەگ ۋاقتىدا كېلىپ جۇ تۆرىلىكىنى بىت-چىت قىلىپ لوياڭنى ئېلىپ سەنچۈەن تەۋەسىدىكى ئايماقلارنى تەسىس قىلمىغان بولسا، چىن بەگلىكىمىزنىڭ لەشكەرلىرى خۇاڭخېنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ۋادىلىرىدا پۇت دەسسەپ تۇرالمىغان، لوياڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سىرتىدىكى تۈزلەڭلىكتە يەككە-يېگانە ھالدا ھېماتسىز قېلىپ، ئاسانلا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ساقلىماق تەس بولۇپ قالاتتى، بۇنىڭ بىلەن شەندۇڭدىكى بەگلىكلەرنىڭ تەھدىدىنى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان يەرگە ئايلىنىپ قالاتتى. بۇ جاينىڭ ئۈستۈنلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خۇاڭخېنىڭ كۈن چىقىش تەۋەسىدىكى شاڭداڭ تۆپىلىكىنى قولغا كەلتۈرمەك لازىمدۇر. بۈگۈنكى كۈندە شاڭداڭ بىلەن دەريانىڭ كۈن چىقىش ۋادىسى جاۋ بەگلىكىنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، چىن بەگلىكىمىزنىڭ خەنگۇ قورۇلىدا لەشكەر تۇرغۇزۇشىمىزغا بىۋاسىتە تەھلىكە پەيدا قىلماقتا، ھەتتا گاھ-گاھ لوياڭ، سەنچۈەن ئايماقلىرىمىزغا تەھدىت سالماقتا. ئەگەرچەندە جاۋ بەگلىكىنى ھالسىراتمايدىغان بولساق، چوڭ بىر مەيدان ئۇرۇش ھامان بېشىمىزغا كەلمەي قالمايدۇ. دەل مانا مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، لەشكەرلىرىمىزدەريانىڭ كۈن چىقىش ۋادىسىنى قايتىدىن تارتىۋېلىپ، خەنگۇ قورۇلىنى قوغدايدىغان تەبىئىي توساق قۇرۇپ، شەندۇڭدا قايتىدىن لەشكىرىي ھۇجۇم ئۈچۈن ئاساس تىكلىشىمىز لازىمدۇر. ئىككىنەنچىدىن، گېزى كەلدى، پۇرسەتمۇ پىشىپ يېتىلدى. سەنجىن تەۋەسىمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، ئاۋام قوۋزاق، ئوت-چۆپ يەپ ساماندەك سارغىيىپ جان ساقلاۋاتىدۇ، لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇش قىلغىدەك مادارى يوق، مانا مۇشۇنداق ئەھۋالاتتا قالغان پۈتكۈل بەگلىك قورساق تويغۇزۇش كويىدا تەمتىرەپ يۈرمەكتە. مۇشۇنداق پەيتتە قورۇلنىڭ كۈن چىقىش تەۋەسىگە لەشكەر تارتساق، ئانچىكىلا كۈچەپ قويساق ھەسسىلەپ نۇسرەت قازىنالايمىز. ئۈچنەنچىدىن، لەشكىرىي ئۈستۈنلىكىمىز بىزگە پايدىلىق. پىڭياڭ بولسا خۇاڭىې دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش ۋادىسىدىكى مۇھىم قورغان، جاۋ بەگلىكى بۇ يەردە 15 تۈمەن كىشىلىك چېرىك-چەۋەنداز تۇرغۇزۇپ ئۆزىچە بۇنى زور ىوشۇن، دەپ كۆرەڭلەۋاتىدۇ. ئەمما، لەشكەر بېشى سانغۇنى ئىلگىرى چىن بەگلىكىدە تۇتقۇن-تۇرغاقلىقتا تۇرغان ئەمىن تۆرىدۇر. بۇ تۆرىنىڭ پىڭياڭدا سۇيۇرغاللىقى يوق، دېمەكتۇركىم، ئەمىن تۆرىنىڭ پىڭياڭدا يىلتىزى يوقتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمىن تۆرە چوڭراق جەڭگىمۇ چۈشۈپ باقمىغان، ئۇنىڭ خۇاڭىېنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدەك مۇشۇنداق بىر مۇھىم جاينى ساقلاشقا قويۇلۇشى پۈتۈنلەي جاۋ بېگىنىڭ ئۇنىڭدەك تۇغقىنىغا قاتتىق ئىشەنچ قىلغانلىقىدىندۇر. ناۋادا بىز لەشكەر تارتىدىغان بولساق، يەتتە-سەككىز ئۈلۈش زەپەر قۇچۇشىمىزدا گەپ يوقتۇر!

    ـــــ جاۋ بەگلىكىنىڭ كاتتا سەركەردىسى لى مۇنىڭ نامدار سانغۇن ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارغان ئوخشىمامدىلا؟ ـــــ يىڭ جېڭنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.

    ـــــ ئالىيلىرى بۇ خۇسۇستا ئارتۇقچە غەم قىلمىغايلا! ـــــ دېدى ۋاڭ جيەن ئىشەنچ بىلەن كۈلۈپ قويۇپ، ـــــ لى مۇ گەرچە جاھاندا تەڭداشسىز سەركەردە بولسىمۇ ئەمما ئەزەلدىن جاۋ بېگىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن چىقىشالمىغاچقا، ئۇزاقتىن بۇيان يۈنجۇڭدىكى يەنمېن قوۋۇقىنى ساقلاشقا قويۇلۇپ، خەندەندىكى ئالپ سانغۇنلۇق ھوقۇقى بىلەن بەگلىك لەشكەرلىرىگە ھەكەملىك قىلىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىۋېتىلگەن. خەندەن سانغۇنى خۇ جې بىلەن خۇاڭخېنىڭ كۈن چىقىش ۋادىسىدىكى ئەمىن تۆرە ھەرقايسىسى ئون نەچچە تۈمەندىن چوڭ لەشكەرلەرگە ئىگە بولۇۋالغاچقا، لى مۇ ئەزەلدىن ئۆز بۇيرۇقىنى ئاقتۇرالماي كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، لى مۇ تۆۋەن دىيارغا ياردەمگە لەشكەر تارتقان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ تۇرشاۋۇللۇقىدىكى چەۋەندازلارنىڭ تۆۋەن دىيارغا يۈرۈپ پىڭياڭغا كىرىشىگىمۇ ئونبەش-يىگرىمە كۈنلەر كېتىدۇ؛ ئۇ چاغدا لەشكەرلىرىمىز تازا كۈچ توپلاپ ئۇزۇن سەپەردە ئەبجىقى چىقىپ ھالىدىن كەتكەن دۈشمەن قوشۇنىنى ساقلاپ تۇرىدۇ، بىزنىڭتولۇق قوراللانغان لەشكەرلىرىمىز دەريا جىلغىلىرى ۋە تاغلىقتىكى ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ تازا جايىدا زەربە بېرەلەيدۇ، جاۋ بەگلىكىنىڭ لەشكەرلىرى بىزگە رەقىب بولالمايدۇ.

    ـــــ تولا بەلەن گەپ! بۇ قەدەر تەپسىلىي رىجەلىرىمىز بولغان ئىكەن، بۇ ئۇرۇشنى قىلماي بولمايدۇ! ـــــ يىڭ جېڭ ھاياجاندىن خۇشاللىنىپ كەتتى.

    ـــــ ئالىيلىرى، بۇ ئۇرۇشقا ۋەزىرلىرىنىڭ شەخسەن باشچىلىق قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەيلا! ـــــ دېدى قېرى خۈەن خې بىردىنلا ئالدىغا بىر قەدەم چامداپ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ.

    ـــــ مۇشۇ پىژغىرىم تومۇزدا ھۆرمەتلىك سانغۇنۇمنى بەدىنىدىكى تەمرەتكىلەر قىيناپ قويماسمۇ؟

    ـــــ بۇ ھېچ گەپ ئەمەس، پەقىر ئۇرۇشقا چىقمىسام پۈتۈن ئەزايىم قىچىشىپ تۇرالمايلا قالىمەن، ئۇرۇشلا بولسا ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ، خاييامدەك!

    قارارگاھتا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. كۈلكە بېسىقىپ تۇرۇشىغا:

    ـــــ مەزكۇر ئۇرۇشنى قىلىشنىڭ ئالدىنقى تەدبىرى ئىككى قاناتتىن كېلىدىغان ياردەمنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇدۇلىدىن پەشۋا ئۇرۇپ خامىرىنى يېرىشتۇر! ئالپ سانغۇن ۋاڭ لىڭ ئۈچ تۈمەن پىيادە لاشكەر باشلاپ ۋۇگۈەن قورۇلىدىن چىقىپ، چۇ بەگلىكىنىڭ يۇقىرى تەرەپكە بارىدىغان يولىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ نەۋكەرلىرى ئۈچ تۈمەن قىران چەۋەندازنى باشلاپ لوياڭدىن ئۆتۈپ، چى بەگلىكىنىڭ ياردەمچى لەشكەرلىرىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. مانا بۇ ئىككى قاناتتۇر. ھۆرمەتلىك سانغۇنىمىز ئىككى لەك ئاساسىي لەشكەرنى باشلاپ پىڭياڭغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ دەريانىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى جاۋ لەشكەرلىرىنى تار-مار قىلىدۇ، ـــــ دېدى ۋاڭ جيەن.

    ـــــ ھەمدەمبەگ، سىلىچە بۇ لەشكىرىي تەدبىر قانداقراقكەن؟

    ـــــ تولا ئەتراپلىق، كەم-كۈتىسىز تەدبىر بوپتۇ، ۋەزىرلىرىچە بولغاندا مۇشۇ بويىچە ئىش كۆرسەك بولغىدەك، ـــــ مېڭ ۋۇ باش لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى.

    ـــــ مېڭ تيەن، نېمە خايىدەك ئىدىق-مىدىق قىلىپ تۇرىسەن سولتەك، گېپىڭ بولسا ئۇدۇللا دەۋەرمەمسەن، ـــــ دېدى خۇەن خې پىخلداپ كۈلۈپ.

    ـــــ پەدەرىم، يەنە ئادەم تىللاۋاتىدىلىغۇ ! ـــــ دېدى مېڭ تيەن ناھايىتى ئوسال ئەھۋالدا قالغاندەك ئەتراپىغا قاراپ بىرەرسىدىن مەدەت تىلىگەندەك.

    مېڭ ئاۋ ھايات چېغىدا خۇەن خې بىلەن بەك يېقىن قەدىناسلاردىن بولغاچقا، ئاغا-ئىنىلىككە قول بېرىشىپ، خۇەن خې مېڭ تيەننى تۇتۇق نەۋرە قىلىۋالغان، مېڭ تيەنمۇ خۇەن خېنى پەدەرىم، دەپ چوڭ بولغان ئىدى. چىنلىقلاردا «بوۋا بىلەن نەۋرە ئاغا-ئىنى بولۇر» دەيدىغان ماقال بار ئىدى. شۇڭا بوۋا بىلەن نەۋرە ئارىسىدا تەكەللۇب ئەدەبلىرى بولۇنمايتتى، قېرى خۇەن خېنىڭ قوپال-ئەپسانىلەرگە كۆنۈك ئادىتىگە مېڭ تيەننىڭ بۇنچىلىك ئەدەب-قائىدىلىك تەبىئىتى كار قىلمايتتى، ھەر قېتىم شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ دۇدۇقلىماقتىن باشقا ئىلاجىمۇ يوق ئىدى، شۇڭا رەسمىي پاراڭ بولۇنغاندا قىلچە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايتتى. شۇ تاپتا، خۇەن خې قىستاپ تۇرۇۋالغاچقا، مېڭ تيەن ئورنىدىن تۇرۇپ خەرىتە ئالدىغا كېلىپ:

    ـــــ مېنىڭ بىرلا قارىشىم بار، ھازىرقى ۋاقىتتا چۇ بەگلىكى بىلەن خەن بەگلىكى باش قاتۇرۇشىمىزغا ئەرزىمەيدۇ، جاۋ بەگلىكىگە پەقەت ۋېي بەگلىكى بىلەن چى بەگلىكىلا ياردەم بېرەلەيدۇ. ۋاڭ جيەن سانغۇننىڭ لەشكەرلىرى لوياڭدا قامالدا تۇرسا، ئىككى يولغا يېتىشەلىگىنى بىلەن تاقابىل تۇرمىقى قىيىن، شۇڭا، ۋاڭ لىڭ سانغۇننىڭ ئەسلىدىكى پىلاننى ئۆزگەرتىپ يېۋاڭ قورغىنىغا بېرىپ، ۋېي بەگلىكى لەشكەرلىرىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ تاشلىمىقى تېخىمۇ مۇۋاپىقتۇر! ـــــ دېدى.

    ـــــ قانداق؟ ـــــ دېدى ۋاڭ جيەن قېرى خۇەن خېغا قاراپ كۈلۈپ.

    ـــــ خاييامدەكلا گەپ بولدى-دە بۇ! بۇ ئەسلىدە ۋاڭ جيەن سانغۇننىڭ دالالىتى ئىدى، ـــــ دېدى خۈەن خې يەنە ئاغزىنى بۇزۇپ، قوللىرىنى سىلكىپ، ـــــ بۇ ئەسلىدە ۋاڭ جيەننىڭ تەشەببۇس-تەۋسىيەلىرى ئىدى. ۋاڭ لىڭ بۇرادىرىمىز جاھىللىق قىلىپ چۇ بەگلىكىدىن مۇداپىئە قىلىش زۆرۈردۇر، دەپ تۇرۇۋالدى. ئالىيلىرى، بۇ سولتەكنىڭ قاراشلىرى ۋاڭ لىڭ بىلەن بىردەك ئىكەن، پەقىر ۋاڭ لىڭ بۇرادەرنى يۇقىرى تەرەپتىكى يېۋاڭ قورغىنىغا ئەۋەتەيمىكىن.

    ـــــ خەتەرلىك پەيتتىكى جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ جەڭدەسەھۋەنلىك كۆرۈلسە، چاتاق بولىدۇ، ـــــ خېلىدىن بېرى گەپ قىلماي خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغان يىڭ جېڭ بېشىنى كۆتۈردى، ـــــ بىر مەيدان ئۇرۇش بولغىنىكەن، ئېھتىيات ئۈستىگە ئېھتىيات قىلىپ غەلىبىگە مۇتلەق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۆۋەتتىكى ئەھۋالاتتىن قارىغاندا، يىراقتىكى يەن بەگلىكى بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزدا جاۋ بەگلىكى بولغاچقا، يەن بەگلىكىدىن مۇداپىئە كۆرۈشىمىز ھاجەتسىز بولغاندىن باشقا، باشقا تكت بەگلىكنىڭ لەشكىرىي ياردىمىدىن مۇداپىئە قىلماي بولمايدۇ. مېنىڭ مەقسەت-مۇددىئايىم شۇدۇركى، ۋاڭ لىڭ چۇ بەگلىكىنىڭ لەشكىرىي ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلىسۇن، ۋاڭ جيەن چى بەگلىكى بىلەن خەن بەگلىكىنىڭ لەشكىرىي ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلىسۇن، يەنە بىر سانغۇن چىقىپ ۋېي بەگلىكىنىڭ لەشكىرىي ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلىسۇن!

    ـــــ ئالىيلىرى دانادۇر! ـــــ خۈەن خې بىلەن مېڭ ۋۇ تەڭلا يىڭ جېڭنىڭ تەدبىرىنى ئالقىشلىدى.

    ـــــ ئالىيلىرىنىڭ ئويى تولا دانا ئويدۇر، شۇغىنىسى شۇ تاپتا بىزدە قىيىنچىلىق بار، ـــــ دېدى تەدبىر تۈزۈشتىن بۇرۇن ئاللىقاچان پۈتكۈل ئەھۋالاتلارنى ئويلاپ يەتكەن ۋاڭ جيەن تەمكىنلىك بىلەن، ـــــ پۈتكۈل ئىقلىمدا ئەلمىساقتىن بولۇپ باقمىغان قۇرغاقچىلىق كۆرۈلمەكتە، ھەرقايسى بەگلىكلەردىكى قەھەتچىلىككە ئۇچرىغان ئاۋام تەرەپ-تەرەپكە پىتراۋاتىدۇ، چىن بەگلىكىنىڭ قورۇل-قورغانلىرىنى ساقلاۋاتقان لەشكەرلەرنى جەڭگە ئاجرىتىشقا بولمايدۇ. بۇ ئۇرۇشتا پەقەت لەنتيەن بارگاھىدىكى يىگرىمە سەككىز تۈمەن لەشكەرگە تايىنىپلا قىلىشنى رىجە قىلىشتۇق، قالغان ئىككى تۈمەن لەشكەرنى قورۇلڭقورغانلارنى ساقلاشقا، لەشكىرىي تەمىراتقا كۆز-قۇلاق بولۇشقا قالدۇردۇق. ناۋادا يەنە لەشكەر چىقىرىپ ۋېي بەگلىكىنىڭ ياردەمگە كېلىش ئېھتىمالى بولغان لەشكەرلىرىنى توسايمىز، دەيدىكەنمىز، چوقۇم باشقىدىن تەڭشىمەك زۆرۈردۇر. كەمىنىلىرىچە، يەنە قايسى لەشكەرنى چىقىرىمىزكىن؟

    ـــــ يەنە بەش-تۆت تۈمەن لەشكەر چىقارغىلى بولماسمۇ؟ ـــــ يىڭ جېڭ بىردىنلا تەمتىرەپ قالدى.

    ـــــ بەش-تۆت تۈمەن چىقارمىقىمىز ھەقىقەتەن قىيىن، ـــــ دېدى ياشىنىپ قالغان مېڭ ۋۇمۇ ئىلاجىسىز قىياپەتتە.

    ـــــ ئالىيلىرى، ـــــ دېدى مېڭ تيەن دادىللىق بىلەن، ـــــ ۋەزىرلىرىنى ئاستانە قورۇققچى لەشكەرلىرىنى باشلاپ ۋېي بەگلىكىنىڭ ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئىجازەت بەرگەيلا!

    ـــــ جۆيلىمە سولتەك! ـــــ قېرى خۈەن خېنىڭ چىرايى بوزىرىپ كەتتى، ـــــ گۈەنجۇڭ ھەممىدىن مۇھىم تۇرسا، شيەنياڭ قورۇقچى لەشكەرلىرىنى قانداقمۇ مىدىراتقىلى بولسۇن؟

    ـــــ ئۆتۈپ كەتكەن تەۋەككۈلچىلىك، بەكمۇ نادانلارچە تەدبىر ئىكەن! ـــــ مېڭ ۋۇنىڭمۇ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ بېشىنى چايقىدى.

    ـــــ مېنىڭچە بولغىدەك، ـــــ دېدى يىڭ جېڭ كۈلۈپ، ـــــ شيەنياڭدىكى تۆت تۈمەن قورۇقچى لەشكەرنىڭ بەش مىڭىنى ئېلىپ قالساق يېتەرلىك! گۈەنجۇڭنىڭ ئىشلىرى ھەرقانچە جىددىي بولغاندىمۇ نېمىلا دېگەن بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ ئىشىكەنغۇ. يەرلىك چىنلىقلار مالىمان كۆتۈرمىسىلا باشقىلىرىنىڭ ھەددى ئەمەس!

    ـــــ ئەمىسە، ئاستانە سانغۇنلۇقىنى كىم زېممىسىگە ئالىدۇ؟ ـــــ دېدى خۈەن خې بىراز ئىككىلىنىپ.

    ـــــ پەقىرنىڭ ئويلاپ قويغان ئادىمى بار، ھۆرمەتلىك سانغۇن بار زېھىنلىرىنى يىغىپ ئۇرۇشقا ئاتلانسۇنلار! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ كەسكىنلىشىپ.

    ئۇلۇغۋار رىجە-تەدبىرلەر تۈزۈلۈپ، مېڭ ۋۇ بىلەن مېڭ تيەن ئاتا-بالا لەنتيەن بارگاھىدا داۋاملىق ئۇرۇشنىڭ ئۇششاق-چۈشەك تەپسىلاتلىرى خۇسۇسىدا كېڭىشىپ قېلىشتى. يىڭ جېڭ ئالتە ئاتلىق بەگ ھارۋىسىدا چۈشتىن كېيىن لەنتيەن بارگاھىدىن ئايرىلدى. بەگ ھارۋىسى قارا قۇيۇن كەبى توپا-توزان قالدۇرۇپ ئۇچقاندەك كېتىپ بارماقتا. بۇنداق قۇرغاقچىلىقتا، ئەزەلدىن پاكىز-سالقىن بولىدىغان بۈك-باراقسان يوللاردىن پۇرقىراپ توپا كۆتۈرۈلۈپ، دەرەخلەرنى توپا-توزانغا كۆمۈۋەتتى، چوغدەك قىزىپ كەتكەن دالالار توپا-توزاندا تولىمۇ سەتلىشىپ كەتكەن ئىدى. بەگ ھارۋىسى ئاستانە شيەنياڭدىكى ئوردا مەيدانىغا  يېتىپ كەلگەندە، ھارغىنلىق، ئۇيقۇسىزلىقتا تاتلىق ئۇيقىغا كەتكەن يىڭ جېڭ ئويغىنىپ، ئۈستىۋېشىنىڭ قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ زەر يىپلىق يېپىنچىسىنى يېشىشىگە يېپىنچىسى سىيرىلىپ يەرگە چۈشتى، ھارۋا مەپىسىمۇ تامام توپىغا كۆمۈلۈگەن بولۇپ، ئاياغلىرى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى، يىڭ جېڭ قاتتىق بىر ئەسنەپ، گاللىرىنى قىرىپ تازا بىر يۆتىلىۋالدى. ھارۋىدىن چۈشكەن يىڭ جېڭ لايدىن قاتۇرۇلغان ھەيكەلگىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئاپئاق چىشلىق غەلىتە مەخلۇققىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. شياۋ گاۋزىچۇ؟ يىڭ جېڭ كۈلكىسى قىستاپ كۈلمەكچى بولۇۋىدى، چاناق-جاۋغايلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن ياش-تەرلەردىن يۈزىدە تارام-تارام لاي-پاتقاقلىق ئىزلار قالدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، «پاڭ»ىدە ئېتىلىپ يىغلىۋەتكەن جاۋگاۋنى كۆردى.

    ـــــ ئالىيلىرىغا مەلۇمات ... ـــــ ئوردا سارىيىدىن پالاقشىپ دېگىدەك ئېتىلپ چىققان ۋاڭ ۋەن ئالىيلىرىنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى.

    ـــــ نېمىگە قارايدىلا؟ لاي ئادەم غەلىتە كۆرۈنۈۋاتامدۇ؟ گەپ بولسا غاچ-غۇچ دېسىلە! ـــــ يىڭ قېڭ ۋاڭ ۋەننى تاماشا كۆرۈۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.

    ـــــ ئالىيلىرى ... ئاغابەگلەر سارايغا جەم بولۇپ سىلىنى ساقلاۋاتقىلى بىر كۈن بولدى، ـــــ دېدى ۋاڭ ۋەن.

    ـــــ ئالەمچە جىددىي ئىش بولسىمۇ ئۈستىۋېشىمدىكى لاي-توپىلارنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن دېسىلە! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ.

    ـــــ بۇ ئىش ھەقىقەتەن بەك جىددىي، ئالىيلىرى چوقۇم ئالدىن خەۋەر تېپىشلىرى كېرەك ... ـــــ دېدى ۋاڭ ۋەن بېشىنى چايقاپ.

    ـــــ قېنى تېز-تېز دېمەملا! ـــــ يىڭ جېڭنىڭ بىردىنلا ئاچچىقى تۇتتى.

    ـــــ دادخاھ مەھكىمىسى كۆكبېشى جېڭ گونىڭ خەن بەگلىكىنىڭ خۇپىيەسى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپتۇ، چىننى ھالسىرىتىش ئۈچۈن چىنغا كىرگەن ئىكەن ...

    ـــــ بۇ قانداق گەپ ئۆزى؟ شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ !

     بىردىنلا يىڭ جېڭنىڭ چىرايى تۆمۈردەك كۆكىرىپ ۋارقىرىدى، ئەرۋايى قىرىق گەز ئۇچۇپ، زۇلپىقار قىلىچىنى قىنىدىن سۇغىرىپ ئوردا سارىيى دەھلىزىدىكى ھايۋاننىڭ تاش ھەيكىلىگە زەرب بىلەن چاپتى، ئۇچقۇنلار تەرەپ-تەرەپكە چاچراپ كەتتى، غىلاپ قىلىچتىن سۇغرىلىپ ئۇچۇپ بېرىپ لايغا مىلەنگەن بەگ ھارۋىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋىدى، ئارغىماقلار چۆچۈشكىنىدىن سەكرەپ كىشنىشىپ كەتتى. جاۋ گاۋ دەرھال ئارغىماقلارنى توختىتىۋېلىپ، غىلاپنى ئېلىپ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ:

    ـــــ دورغاب! ئالىيلىرى غىزالانمىغىلى، ئۇخلىمىغىلى نەچچە كۈن بولدى، مانا لايغا مىلىنىپ كەلگەندە، بۇ ئىشنى كېيىنرەك مەلۇم قىلسىلا بولمامدۇ دەيمەن ! ـــــ دېدى يىغلاپ.

    ـــــ تولا خايامدەك كۆزۈڭنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتماي يوقال!

    يىڭ جېڭنىڭ ئاچچىقى بېسىلىدىغاندەك ئەمەس، بىر تېپىك بىلەن جاۋ گاۋنى تاش پەلەمپەيدىن دومىلىتىۋېتىپ، قىلىچىنى سىقىمداپ تۇتقىنىچە ئۇدۇللا ئوردا سارىيىغا ئېتىلدى.

    ئــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــىزاھاتلار

    • چاسا چاقىرىم: چىن بەگلىكى زامانىدىكى بىر چاسا چاقىرىم ھازىرقى 250 مىڭ كۋادرات كلومېتىرغا باراۋەر، شۇنداق بولغاندا چىن بەگلىكىنىڭ زېمىنى 1 مىليون 250 مىڭ كۋادرات كلومېتىرغا تەڭ.
    • پىڭياڭ: خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى فېنشۈي دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇھىم قورغان، يېغىلىق دەۋرىدە چىن بەگلىكى ناھىيە تەسىس قىلغان، بۈگۈنكى كۈندىكى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ لىنفېن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا.

     

     

    بەشىنچى، خەن بەگلىكىنىڭ چىن بەگلىكىنى  ھالسىرىتىش ھىيلىسى چىن بەگلىكىنى خۇدى چېقىن چۈشكەندەك  ئۆرە-تۆپە قىلىۋەتكەنلىكى

    ھەپتە-ئون كۈندىن بۇيان لى سىغا خۇددى بىر كېلىشمەسلىك بولىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى.

    كۈن-تۈنلەپ ئادەملەرنىڭ سۈرەن-شاۋقۇنى بېسىقمايدىغان ئوتتۇز كەنت جىلغىسىنىڭ بىردىنلا جىمىپ قېلىشى ساراسىمە پەيدا قىلىپ، ھەممىنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىۋەتتى. لى سى كۆك ماتا خالتىسىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ، ھاپىلا-شاپىلا كۈن چىقىش قىرغاقتىكى تاغ باغرىدىن ئايرىلدى، پېشانىسىدىن سىرغىغان تەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن ياشلىرىدا نەمدەلگەن چاناقلىرىدىن كۆزلىرى خىرەلەشتى. جىڭخې دەرياسىدىكى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ تېشىلىشكە ئازلا قالغان نوگايسىمان جىلغىدىكى خۇكو ئېغىزى قۇرۇق جىلغىغا ئايلىنىپ قالدى، جىلغىدا ھەر يوغان رەڭگا-رەڭ قورام تاشلار جىن-ئەرۋاھ مۇئەككەللىرىدەك قورقۇنچلۇق چوقچىيىشىپ تاشلاندۇق پېتى قالدى. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى بەرخۇت دەرەخلىرىنىڭ قاقشال شاخلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان ئەبجەق چېدىر، يىرتىق ئىشتان-كۆينەكلەر ھەممىلا يەردە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. تاغدىكى ئورمانلارنى كېسىۋېتىپ تىكىلگەن چېدىرلار يىغىشتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن بۈككىدە ئورمانلىقتا قالغان پارچە-پارچە بوشلۇقلار خۇددى تازنىڭ بېشىغىلا ئوخشاپ قالدى، ھەممىلا يەردە ئەسكى-تۈسكى گۈرجەك-مىتىنلەر تاشلىۋېتىلگەن، ئات-كالىلارنىڭ تىزەكلىرى دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئىدى. كۆكتە بىر توپ مادا جىلغا ئۈستىدىن ئەگىپ يۈرۈشەتتى. ئوتتۇز كەنت جىلغىسى بەئەينى مەغلۇب بولۇپ پاتپاراقچىلىقتا قالغان لەشكەرلەردىن قالغان ئۇرۇش مەيدانىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

    ـــــ بۇ جاھان بەنا بولغاندىن بۇيان ھەرقانچە ئەخمەقلىق بولۇپ ئۆتكەن تەقدىردىمۇ ماۋۇ چىن بېگىنىڭ ئەخمەقلىقىدەك ئەخمەقلىق بولماس! ـــــ دېدى لى سى ئەتراپىغا قاراپ قاتتىق ئېچىنغان ھالدا ئۆكۈنۈپ ئۆز-ئۆزىگە.

    لى سى يېرىم ئاي بۇرۇن دورغاببەگ ۋاڭ ۋەننىڭ ئۆزىنىڭ دەرھال ئاستانىگە قايتىش خۇسۇسىدا ئەۋەتكەن مەخپىي مەكتۇبىنى تاپشۇرۇۋالدى. ۋاڭ ۋەن مەكتۇبتا يەتتە روزغار-تەمىنات مەھكىمىسى ۋەزىرلىرى جىڭخې سۇ قۇرۇلۇشىنى دەرھال توختىتىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى، ئالىيلىرى ئۇلارنىڭ جىڭخې سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ پايدا-زىيىنى خۇسۇسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇشۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى، لى سىنىڭ كاللىسىدا تەييارلىق قىلىپ قويۇشىنى، بۇ ھەقتە قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقىنى يازغان ئىدى. لى سى شۇ ھامان بۇنىڭ  سالمىقىنى دەڭسەپ كۆردى، بۇ قارارنىڭ پۈتكۈل ئىقلىم بويىچە ئەڭ زور سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا جېڭ گو بىلەن با مەسلىھەت قىلىشىپ مۇۋاپىق تەدبىر-رىجەلەر تۈزمىكى لازىملىقىنى تونۇپ يەتتى. كۈتۈلمىگەندە، مەخپىي مەكتۇب يېتىپ كەلگەن چاغ دەل نوگايسىمان جىلغىنىڭ خۇكو ئېغىزىنى ئېچىشتەك ھالقىلىق پەيتكە توغرا كېلىپ قالدى. جېڭ گو كۈنبويى يۇقىرى-تۆۋەن چېپىپ يۈرۈپ ئاپتاپ ئۆتۈپ قالغاچقا، ئوت-كاۋاب بولۇپ قىزىپ، ئورۇن تۇتۇپ ھۇشسىز ياتاتتى. شۇڭا لى سى كېچە-كۈندۈز قۇرۇلۇشقا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقاچقا، ئىش ئورنىدىن ئايرىلالمايتتى. بەش كۈندىن كېيىن، جېڭ گو زورىقىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىش ئورنىغا بارغاندىن كېيىنلا لى سى ئۇچقۇر ئارغىماقتىن بىرىگە مىنىپ ئۇدۇل ئاستانىگە يول ئالدى. ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن بىر ئىش دەل لى سى تېخى جىڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى  بەگلىك يولىغا چۈشمەي تۇرۇپلا بىر قۇرۇل شىرمەتلەرگە دوقۇرۇشۇپ قالغان چاغدا يۈز بەردى، توپا-توزان پۇرقىرىتىپ كەلگەن بۇ قۇرۇلنىڭ تۇغچىسى كۆتۈرۈۋالغان تۇغدىكى «ئۇچقۇر» دېگەن مەنادىكى «تېڭ» خېتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئەنئەنىسىدە، بەگ جەمەتىدىن بولغان سانغۇنلارنىڭ لەشكىرىي تۇغىغا سانغۇننىڭ ئىسمىلا يېزىلىپ نەسەب-ئۇرۇق نامى يېزىلمايتتى. ئاشۇ «تېڭ» خېتىدىن كېلىۋاتقان بۇ قۇرۇلبېشىنىڭ لى سىغا تونۇش بولغان شيەنياڭ كاھبېگى يىڭ تېڭ ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. لى سى دەرھال يولنىڭ چېتىگە ئۆتۈپ ئارغىمىقىنى توختىتىپ، ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، لەشكەرلەرنىڭ نە سەۋەبتىن بۇ ياققا كېتىۋاتقانلىقىنى سوراي، دەپ تۇرۇشىغا، ئۇچقاندەك كەلگەن بىر ئارغىماق كىشنەپ توختىدى-دە، قۇرۇلبېشىنىڭ كاركىراپ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن ئىككى شىرمەت ئۇچقاندەك كېلىپ لى سىنى ئارغىمىقىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ، قۇرۇلبېشىنىڭ تۇغى ئاستىغا ئېلىپ كەلدى.

    ـــــ مەن دەريا-ئېقىن مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىرى لى سى بولىمەن! تېڭ كاھبېگى يولسىزلىق قىلمىسىلا! ـــــ دېدى لى سى نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي.

    ـــــ دەل سەندەك دەريا-ئېقىن ۋەزىرىنى تۇتماقچى! خۇكو جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، يارلىقنى ھەممەيلەن بار يەردە جاكارلايمەن! ـــــ دېدى كاھبەگ يىڭ تېڭ.

    ئۇجۇر-بۇجۇرى سۈرۈشتۈرۈلمەيلا لى سىنى كالا قوشۇلغان مەھبۇسلار ھارۋىسىغا ئىتتىرىپ-دۈشكەللەپ سولىۋېتىشتى. دەل شۇ دەقىقىدە، لى سى يەنە بىر مەھبۇس ھارۋىسىنىڭ قۇرۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى-دە، يۈرىكى «قارت» تى ئاغدى، ئۇ غىچىرلاپ، تەۋرىنىپ كېتىۋاتقان قەپەزدە تۇرۇپ:

    ـــــ سۇ قۇرۇلۇشى بەكلا مۇھىم، جېڭ گونى تۇتساڭلار بولمايدۇ، مەن ئالىيلىرى بىلەن كۆرۈشىمەن! ـــــ دەپ ۋارقىرىدى. يىڭ تېڭنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى ۋە قامچىسى بىلەن لى سىنىڭ مەھبۇس ھارۋىسى قەپىزىنىڭ شادىسىنى تۇتۇۋالغان قوللىرىغا بولۇشىغا ساۋاپ:

    ـــــ ئالتە بەگلىكتىن تۈزۈك بىر نېمىلەر چىقمايدۇ! چىن بەگلىكىمىزگە قانداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلىشتىڭ ؟ يەنە ۋارقىرايدىغان بولساڭ تېرەڭنى سويۇۋېتىمەن! ـــــ دېدى يىڭ تېڭ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ. شۇ تاپتا يىڭ تېڭنىڭ بەتبەشىرە چىرايىدىن شۇملۇق يېغىپ تۇراتتى، ۋەھشىيلەشكەن ياۋۇز كۆزلىرى لى سىغا مىقتەك قادالغان ئىدى. لى سى ھېچ چۈشىنەلمىدى، ئادەتتە ئىلىم-مەرىپەت ئەھلىنى زىيادە ھۆرمەت قىلىدىغان يىڭ تېڭ نېمىشقا تۇيۇقسىزلا غالجىرلاشقان ھايۋانغا ئوخشاپ قالغاندۇ؟ مەشرقتىكى بەگلىكلەردىن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى نېمىشقا بۇنچىۋالا تىللاپ قارغايدىغاندۇ؟

    جىڭخې دەرياسىنىڭ قۇرۇلۇش بولۇۋاتقان نوگايسىمان جىلغىسىدىكى خۇكو ئېغىزىغا بارغاندىن كېيىن، مۈڭگۈز بۇرغا تاغلاردىن ئەكس سادا ياڭرىتىپ بىر ھازا چېلىندى، جىلغىدىكى نەچچە تۈمەن ئىشلەمچىلەر دەريا-ئېقىن ۋەزىرىنىڭ قارارگاھى تىكلەنگەن كۈن چىقىش قىرغاقتىكى تۆپىلىككە يىغىپ كېلىندى. لى سىنىڭ ئېسىدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ، كۆكبېشى جېڭ گونى تۆت قاۋۇل ئىشلەمچى لەشكەرلەر ئىشلىتىدىغان زەمبىلدە كۆتىرىپ ئېلىپ كېلىشتى. قارارگاھ ئالدىدىكى مەيدانغا كەلگەندە، جېڭ گو زەمبىلدىن سەكرەپ چۈشۈپ، سۇ چوڭقۇرلىقىنى ئۆلچەيدىغان تۆمۈر ھاسىنى پۇلاڭلاتقىنىچە:

    ـــــ خۇكو جىلغىسىدىكى ئىشلار بەك مۇھىم ئىدى، نېمىشقا بۇنچە ئۇشتۇمتۇتلا ئىشنى توختىتىسىلەر؟ لى سى، پەقىرغا نېرى-بېرىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىلا! ـــــ دەپ ۋارقىراپ كەتتى. شۇ تەرىقىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇۋاتقاندا، جېڭ گو بىردىنلا قارارگاھ ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان مەھبۇس ھارۋىسىدا سولاقلىق تۇرغان لى سىنى كۆرۈپ، چۆچۈپ تۇرۇپلا قالدى ۋەز ئېغىزى گەپكىمۇ كەلمىدى.

    ـــــ ھۇ خەن بەگلىكىنىڭ خۇپىيەسى، خۇپسەنلىكنى راستىنلا قاملاشتۇرىدىكەنسەن!ـــــ دېدى ۋەھشىيلەرچە سوغۇققىنا ھىجايغان يىڭ تېڭ. لى سىنىڭ ئېسىدە يەنە شۇ ناھايىتى ئېنىق تۇرۇپتۇكى، يىڭ تېڭنىڭ بۇ زەھەرخەندىلەرچە قوپاللىقى خۇددى زىمىستاندا ئۆگىزىگە چېقىن چۈشكەندەك لى سىنى خېلىلا سەگىتىپ، پۈتۈن بەدەنلىرىنى قارا تەرگە چۆمدۈرۈۋەتتى. ئەمما جېڭ گو ئادەتتىكىدىن تاشقىرى چەبدەسلىشىپ، قولىدىكى تۆمۈر ھاسىغا تايىنىپ، نېرىدا تۇرغان قۇرۇق مەھبۇس ھارۋىسىغا ئۆزلىگىدىن چىقماقچى بولۇۋېتىپ، لى سى تۇرغان مەھبۇس ھارۋىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېگىلىپ تازىم قىلىپ:

    ـــــ ۋەزىرىم، ئۇلار خاتالىشىۋاتىدۇ، پەقىر سىلىنىمۇ چېتىۋالدىم! ـــــ دېدى بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلگىنىچە ۋە مەيدىسىنى كېرىپ مەھسبۇس ھارۋىسىغا چىقتى.

    ـــــ ھۇ قېرى خۇپىيە، ئويۇنىڭنى يىغىشتۇر، جازا مەيدانىدا كاللاڭنىڭ ئېلىنىشىنى كۈت!ـــــ دېدى يىڭ تېڭ زەھەرخەندە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ۋە ئارقىغا بۇرۇلۇپ قامچىسىنى ئېلىپ، يوغان-يوغان چامداپ قارارگاھ ئالدىدىكى پەرمان سۇپىسىغا چىقىپ، ئۇدۇلدىكى تاغ يامزىلىدا سانجاق-سانجاق تۇرۇپ كېتىشكەن ئىشلەمچىلەرگە كارنىيى يىرتىلغىدەك ۋارقىرىدى، ـــــ چىنلىقلار قۇلاقلىرىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار، ئوردا شۇنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدىكى، كۆكبېشى جېڭ گو خەن بەگلىكىنىڭ خۇپىيەسى ئىكەن، ئۇ لۈ بۇۋېينىڭ پاناھلىقىدا چىن بەگلىكىنى ھالسىرىتىش رىجەلىرىنى يۈرگۈزۈپ، غايەت زور سۇ قۇرۇلۇشى قىلىش باھانىسىدە چىن بەگلىكىنىڭ پۇتىنى گۆرگە سۆرەپتۇ! چىن بېگى ئالتە بەگلىك كەلگىندىلىرىنى چىن بەگلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىش خۇسۇسىدا يارلىق چۈشۈردى! جىڭخې دەرياسىدىن سۇ باشلاش ئۆستىڭى مۇشۇ يەردە توختايدۇ، ئىشلەمچىلەر ئۆيۈڭلارغا قايتىپ، ئۆز يېزا-كەنتىڭلارنىڭ ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىشىغا چىقىپ، قۇرغاقچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىش تەييارلىقىنى قىلىڭلار!

    تاغ يامزىلىدىكى مىغ-مىغ ئىشلەمچىلەر تىپ-تىنچلا تارقىلىشتى، بىرەرى چىقىپ خۇپىيەلەرنى تىللىمىدى، يا بىرەرى چىقىپ چىن بېگىگە ھەمدۇ-سەنا ئوقۇپ ۋارقىرىمىدى، شۇنچە كەڭرى تاغ يامزىلى، جىلغا ئۆلۈك سۇدەك تىمتاسلىقتا قالدى. بۇ چاغدا، يىڭ تېڭ يەنە قامچىسىنى سىلكىپ:

    ـــــ پەقىر كاھبەگ خۇكو جىلغىسىدا ئۈچ كۈنگىچە تۇرىمەن، ھەممەيلەن ئۈچ كۈن ئىچىدە تارقىلىشىڭلار كېرەك! مۇشۇ تاپتىن باشلاپ چېدىرلارنى يۇلۇپ كېتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىڭلار، بۇ يەردە ئارتۇق تۇرغانلار ئەركان-مىزان بويىچە جازاغا تارتىلىدۇ!ـــــ دەپ كاركىرىدى.

    لى سىنىڭ ئېسىدە تۇرۇپتۇ، ئىشلەمچىلەردىن ھاسىل بولغان ئادەم دېڭىزى قىزغۇچ گۇگۇم شەپىقى ئەتراپقا قىزغۇچ پەردىسىنى يايغان مەھەلدە تارقىلىپ بولۇشتى، ئىلگىرى قاينام-تاشقىنلىق قۇۋناق ئەمگەك قىزغىنلىقىغا چۆمگەن ئوتتۇزكەنتتىكى خۇكو جىلغىسى چۆلدەرەپ، ئادەمزاتسىز سايلىققا ئايلىنىپ قالدى. توپ-توپ ئىشلەمچىلەر قارارگاھ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ  مەھبۇس ھارۋىسىغا تىكىلىپ قاراپ كېتىشتى، تىل-ئاھانەتمۇ قىلىشمىدى، بىرەرسىدىمۇ چىنلىقلارغا خاس قىزىققانلىق ئالامىتى يوق ئىدى، پەقەت ھاڭۋاققىنىچە ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتاتتى، بەزەن-بەزەنلىرىنىڭ ئېغىر تىنىقلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ چۈشۈنىكسىزلا ئۆكۈنگەنلىكى بىلىنىپ قالدى. ئىشلەمچىلەر توپى جىلغىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كېتىشكەن شۇ دەقىقىدە، مەھبۇس ھارۋىسىنىڭ شادىسىنى مەھكەم قاماللىغان جېڭ گو تۇيۇقسىز ئاسمانغا تىكىلگىنىچە ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. لى سىنىڭمۇ يۈرەكلىرى ئېغىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يۇم-يۇم ياش تۆكتى.

    ئەتىسى چۈشتىن كېيىن، ئىككى مەھبۇس ھارۋىسى جاھاننى بىر ئالغان توپا-توزانغا مىلىنىپ مىڭ بىر قىيامەتتە شيەنياڭغا يېتىپ كەلدى.

    ئاستانىنىڭ يۇقىرى قوۋۇقىدىن كىرىشى بىلەنلا جېڭ گو سولانغان مەھبۇس ھارۋىسى ئېلىپ كېتىلدى. لى سى سولانغان مەھبۇس ھارۋىسى ئۇدۇللا دادخاھ مەھكىمىسىگە ئېلىپ بېرىلدى. قىززىق، ھېچ سوئال-سوراقمۇ قىلىشمىدى، پەقەت دادخاھ ۋەزىرى چىقىپ لى سى بىلەن كۆرۈشۈپ، چىن بېگىنىڭ كەلگىندىلەرنى چىن بەگلىكىدىن  قوغلاپ چىقىرىش خۇسۇسىدىكى يارلىقىنى جاكارلىدى، لى سى چۇ بەگلىكىدىن كەلگەن تالىب بولغاچقا، قوغلانغانلار تىزىملىكىدە ئىدى، ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى دەريا-ئېقىن خىزمىتىنى جاپا چېكىپ ئىشلىگەنلىك ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن ئوردىدىن بىر ئات، ئون سەر ئالتۇن يوللۇق بېرىلىپ، ئىككى كۈن ئىچىدە چىن بەگلىكىدىن ئايرىلىشى بۇيرۇلغان ئىدى.

    ـــــ مەن بەگلىك خىزمىتىنى تاماملاپ بولالمىدىم، شۇڭا چىن بېگى بىلەن كۆرۈشۈشۈم كېرەك! ـــــ دېدى لى سى.

    ـــــ چىن بەگلىكىنىڭ خىزمىتىگە يات بەگلىكتىن كەلگەنلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ، پەقىرنىڭ ھوقۇقىدىن سىرت ئىش قىلىشقا ھەددىم ئەمەس! ـــــ دېدى دادخاھ ۋەزىرى سوغۇق كۈلۈپ.

    ـــــ چىن بەگلىكىدىن كېتىشتىن بۇرۇن، دوست-يارانلەر بىلەن خوشلىشىۋالسام بولارمۇ؟ ـــــ دەپ سورىدى لى سى يەنە.

    ـــــ پەقىر بۇنىڭغا ئىجازەت قىلسا، بىكاردىن-بىكارلا چېتىلىپ قالمامدۇ؟ ـــــ دېدى دادخاھ ۋەزىرى بېشىنى چايقاپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ. لى سى قايتا ئېغىز ئاچمىدى، ئۇھسىنىشتىن باشقىسى قولىدىن كەلمىگەچكە، دادخاھ مەھكىمىسىدىن ئات بىلەن يول خىراجىتىنى ئېلىپ ئۇدۇللا ئۆزىنىڭ قەسىرىگە يول ئالدى.

     قەسىر دېگۈچىلىكىمۇ يوق بۇ كىچىككىنە ئۈچ خانىلىك قورۇ شۇ تاپتا چۆلدەرەپ قالغان ئىدى. لى سى ئەسلىدىمۇ رەسمىي يارلىق بىلەن تەيىنلەنمىگەن ئوتۇغاتسىز ئەمەلدار بولغاچقا، قەسىرىدىكى مەھكىمە سەپلەپ بەرگەن ئۈچ نەپەر خىزمەتكار-مۇلازىمى ئاللاقاچان پەشنى قېقىپ كېتىشكەن ئىدى. پەقەت ئاستانە ھاكىمى مەھكىمىسىدىن ئەۋەتىپ بەرگەن بىر لاۋازىملا قەسىرنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئەركان-مىزان بويىچە قەسىردىكى مال-مۈلۈكنى ھېساب-كىتاب قىلىشقا قالغان، لى سى ئۆزىگە تەۋە لاقا-لۇقىلارنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىنلا قەسىرنى پېچەتلەپ تاقاشنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. چۆلدەرەپ قالغان قورۇغا قاراپ لى سى «ھېلىمۇ چىن بەگلىكىگە خوتۇن-بالىلىرىمنى ئېلىپ كەلمەپتىكەنمەن، بولمىسا ئوسال بولۇپ قالاركەنمەن» دېگەن لەرنى ئويلىغاچ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ، بىرنەچچە جىلد مۇھىم كىتابىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆشنىسىگە ئارتتى ۋە:

    ـــــ پەقىرنىڭ تۈزۈكرەك بىرەر نەرسەممۇ يوق، قالدى-قاتتى نەرسىلىرىمنىڭمۇ تايىنى قالماپتۇ، ئۆزلىرى خاھلىغانچە بىر تەرەپ قىلىۋەتكەيلا! ـــــ دېدى ھېلىقى لاۋازىمغا سۇسقىنا كۈلۈپ. ئۇ ئەمدىلا ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا، ھېلىقى لاۋازىم:

    ـــــ توختاپ تۇرسىلا! ـــــ دېدى ۋە ئالقانچىلىك قاتلانغان تېرە قەغەزنى لى سىغا ئۇزاتتى. لى سى پانۇس يورۇقىغا تۇتۇپ«ئاغام كېتىۋاتىدىلا، پەقىرنىڭ جاھاننىڭ ئوزايىغا بېقىپ ئىش قىلىشىمغا ئىمكان بەرگەيلا» دەپ يېزىلغان بىر قۇر خەتنى كۆرۈپ كۆڭلى ئىللىقىنا بولۇپ قالدى ۋە لاۋازىم بىلەن خوشلىشىپ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى.

     تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ئۇچراپ قېلىشىدىن خىجىل بولغان لى سىنىڭ قارنى ئېچىپ كوركىراپ، ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كەتكەن بولسىمۇ چاڭياڭ كوچىسىدىكى چىننىڭ قەدىمىي كېچىلىك بازىرىغا بارماستىن پانۇس-چىراغلىرى شالاڭ تار كوچىغا كىرىپ ئۇدۇللا مۇھاجىرلار بازىرىغا يول ئالدى. بۇ مۇھاجىرلار بازىرى ئاستانە شيەنياڭدىكى پۈتكۈل ئىقلىمغا مەشھۇر كاتتا بازار بولسىمۇ لى سى ئەزەلدىن بۇ يەرگە كېلىپ باقمىغان، پەقەت بۇ يەرنىڭ كېچىلىك بازىرىنىڭ قالتىس قىزىيدىغانلىقىنى ئاڭلىغاچقا، چىن بەگلىكىنىڭ تونۇش ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالماسمەن، دەپ ئويلاپ بۇ يەردە تازا قانغىچە ئىچىپ، ئەلەمدىن بۇرۇختۇرما بولۇپ كەتكەن كۆڭلىنى بوشىتىۋالماقچى بولغان ئىدى. كۈتمىگەندە، ئىككى كوچىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە مۇھاجىرلار بازىرىغا كەلگەندە، كەڭرى-ئازادە كوچىنىڭ ئۇ يەر-بۇيەرلىرىدە بىرنەچچە چىراقلا خىرە-شىرە يېنىپ تۇرغانلىقىنى، چۆلدەرەپ توپا-چاڭ بېسىپ، ئەخلەت، ئات-كالا تېزەكلىرى دەستىدىن دەسسىگىدەك يەرمۇ تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆردى. بىرنەچچىلا دۇكان-ئاشپۇزۇلنىڭ پانۇسلىرى يېنىق ئىدى، دۇكان-ئاشپۇزۇللار ئالدىدا ئات-كالىلار باغلاپ قويۇلغان، كىشىلەر خۇددى ئۇرۇش مەزگىللىرىدىكىدەك ئالدىراش-تېنەش كىرىپ-چىقىپ يۈرۈشەتتى. باشقا بىرەر بەگلىك شەھەرلىرى بولغان بولسا لى سىغا غەيرىي-يوچۇن تۇيۇلمىغان بولاتتى، ئەمما كوچا-يوللارغا كۈل-ئەخلەت تۆكۈۋەتسىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغان چىن بەگلىكى ئاستانىسى كوچىلىرىنى بۇ دەرىجىدە قالايمىقانچىلىق، پاسكىنىچىلىق بېسىپ  كېتىشى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى.

    بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغان لى سى بىردىنلا ھۇشىنى تاپتى. شۈبھىسىزكى، كەلگىندى-مۇساپىرلارنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى بويىچە ئەلتە بەگلىك سودىگەرلىرىمۇ قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلار قاتارىدا ئىدى. ئۇنداق بولمىسا، يۈز نەچچە يىلدىن بېرى پۈتكۈل ئىقلىمغا داڭقى پۇر كەتكەن ھەشەم-دەرەمى بىلەن  چىن بەگلىكى ئاستانىسىگە ھۆسن قوشۇپ كەلگەن مۇھاجىرلار بازىرى بىر كېچىدىلا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالارمىدى؟ كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىلەردىن ئاچلىقى، مەيخۇمارلىقى نە-نەلەرگە كەتكەن لى سى چىن بەگلىكىدىن تېزراق كېتىشنى ئويلىدى-دە، ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى سىلكىپ، مۇھاجىرلار بازىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاستانە شيەنياڭنىڭ كۈن چىقىش قوۋۇقىدىن چىقىپ ئۇدۇل خەنگۇ قورۇلى يولىغا چۈشتى.

    ـــــ  مېھمان، سارىيىمىزغا چۈشكۈن قىلىپ ھاردۇق ئېلىۋالاملا؟

    لى سى ئىنچىكە، جاراڭلىق بۇ ئاۋازدىن ئەندەرەپ بېشىنى كۆتۈردى، قىزىل يەكتەكلىك بىر مۇلازىم بالىنىڭ ئېتى ئالدىدا ھىجىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، بۇ مۇلازىم بالىنىڭ ئاشۇ تۇرقىنىڭ چۆلدەرەپ سوغۇق-سالقىن كۆرۈنىدىغان كۆڭۈلسىز كوچىنىڭ ھالى بىلەن زادىلا سىغىشالماي قالغانلىقىنى كۆرگەن لى سى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتى ۋە:

    ـــــ ۋاي شۇمتەك، سەنمۇ سودا قىلالامسىنا؟ بۇ يەردە جېنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقمامسەن؟ ـــــ دېدى.

    ـــــ مېنىڭ خوجايىنىم چى بەگلىكىدىكى كاتتا زەردار تيەن ھەزرەت سودا سارىيىنىڭ خوجايىنى بولىدۇ. خوجايىن كېتىدىغان چاغدا خوجايىن كېتىپ چاكارلار قالىدۇ، ئادەم كەتكەن بىلەن ساراي قالىدۇ، كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش نەچچە كۈنگە پايلىمايدۇ، دەپ مېنى سارايغا قاراشقا ئەۋەتتى. جانابلىرى قەدەم تەشرىپ قىلسىلىرى چاكارلىرى بىر تىيىن ئالمايمەن، جانابلىرىمۇ تويغىچە يەپ-ئىچىپ، ئارامخۇدا سالقىنداپ ئۇخلىۋالىلا، چاكارلىرى خىزمەتلىرىنى قىلىپ ئازراق تاپان ھەققى ئالساملا بولدى، ـــــ دېدى خۇشامەتگۇيلارچە ھىجىيىپ. لى سى تولىمۇ راۋان-يېقىملىق سۆزلەيدىغان بۇ مۇلازىم بالىنىڭ زېرەكلىكىدىن رازى بولۇپ قالدى.

    لى سى نامرات ئائىلىنىڭ بالىسى ئىدى، بالىلىق چاغلىرىدا چۇ بەگلىكىدىكى شاڭسەي ناھىيىسىنىڭ خەزىنىسىدە ھاممال بولدى، كېيىنچە خەزىنىدە كىچىكرەك مەنسەبمۇ تۇتقان ئىدى، شۇڭا ئۇ بالىلارنىڭ تىرىكچىلىك قىلىپ جان باقمىقىنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ شۇ تاپتا بۇ مۇلازىم بالىنىڭ گەپدانلىقىدىن ئېرىپ كەتتى ۋە:

    ـــــ مۇشۇ چېچەنلىكىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بىر كېچە قوناي، ـــــ دېدى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ. قىزىل يەكتەكلىك مۇلازىم بالا خۇشاللىقىدىن سەكرەپ-ئويناقشىپ كەتتى، لى سىنىڭ قولىدىن ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ئېلىپ، «جانابلىرى مەن بىلەن يۈرسىلە» دېگىنىچە چەبدەسلىك بىلەن ئالدىدا يۈرۈپ تۆت تال پانۇس ئېسىلغان يوغان مىس دەرۋازا ئالدىغا كەلدى. لى سى مۇلازىم بالىغا سوڭدىشىپ دەرۋازىدىن كىرىپلا، شۇنچە يوغان ساراينىڭ قۇپ-قۇرۇق چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى كۆردى، تولىمۇ سوغۇق كۆرۈنىدىغان ساراينى خىرە ئاي يورۇقى بىلەن دەھلىزنىڭ ئەگمىسىگە ئېسىپ قويۇلغان بىر پانۇسنىڭ يورۇقىدا كىچىككىنە قورۇدىكى بىرنەچچە ئېغىز چوڭ خانىنىڭ قۇلۇپلانغان ئىشىكىنىڭ پېچەتلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاران كۆرگخلى بولاتتى، قورۇ خىلۋەت تاغ جىلغىسىدىكى ئۆڭكۈرگىلا ئوخشايتتى.

    ـــــ ئاۋۇ قاتار كەتكەن قورۇلار چى بەگلىكى سودا سارايلىرىنىڭ ئەزىز مېھمانلار ياتىقى، ئادەتتىكى چاغلاردا ئالدىن كېلىشىپ قويمىسىلىرى ھەرقانچە پۇل بولغان بىلەن ئورۇن تاپقىلى بولمايدۇ. ئەنە ئاۋۇ قاتار كەتكەن چوڭ-چوڭ خانىلار كاراۋانلار بىلەن مۇساپىر تالىبلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان خانىلەر، ئادەتتىكى چاغلاردا مېھمانلار بىلەن لىق تولۇپ كېتىدۇ. ئەنە ئاۋۇ كەينىدىكى ھەممىدىن ئېگىز چوڭ ئۆي قازناق بولۇپ، ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان ياكى ئېلىپ كەتكىلى بولسىمۇ ئانچە لازىمى يوق نەرسىلەر ساقلىنىدۇ، ھازىر بۇ قازناقلارنى پېچەتلىۋېتىشتى. ھازىر مېھمان چۈشكۈن قىلىشقا بولىدىغان بىرلا ياتاق قالدى، ـــــ دېدى مۇلازىم بالا تونۇشتۇرۇپ.

    ـــــ ساراينىڭ تاقىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈنلا قاراپ قالغىنىڭغا قارىغاندا، ئەڭ ناچار ياتاق قالغان ئوخشايدۇ-ھە! ـــــ دېدى لى سى بىرئاز چېچىلىپ.

    ـــــ يوغسۇ جانابلىرى، ئەڭ ياخشىسى قالدۇرۇلدى! ـــــ دېدى مۇلازىم بالا ھاقارەتلەنگەندەك قىزىرىپ.

    ـــــ ھېچقىسى يوق، ئاۋۋال كۆرۈپ باقايلى،ـــــ دېدى لى سى تالاشقۇسى كەلمەي.

     مۇلازىم بالىنىڭ گەپدان ئاغزى جىمىپ قالدى ۋە لى سىنى باشلاپ بىر پارچە توغراقلىقتىن ئۆتۈپ، خېلىلا چوڭ بىر كۆلنىڭ بويىغا كەلدى. كۆلنىڭ ئەتراپىدا دەرۋازىسى كۆلگە قارايدىغان تۆت قورۇ بولۇپ، ھەر بىر قورۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ناھايىتى يوغان پانۇسلار ئېسىلغان، قول باغلاپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇرغان بىردىن قېرى مۇلازىم توختىتىلغان ئىدى، بۇ بايىقى چۆلدەرەپ قالغان، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگىلا ئوخشايدىغان قورۇغا قارىغاندا باشقىچە بىر دۇنيا ئىدى.

    ـــــ جانابلىرى، مانا بۇ سودا سارىيىمىزنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى ياتىقى. ئادەتتە، چى بەگلىكىنىڭ ۋەزىر-يالۋاچلىرىلا بۇ يەردە تۇرالايدۇ. بۇ يەر ئايرىم خانىلىق ئاشخانا ۋە ئات ئېغىلى، ھارۋا مەيدانىغا يېقىن ھەم قولايلىق، شۇڭا ئۆزلىرىدەك ئەزىز مېھمانغا ئاتاپ قويغان، ـــــ دېدى مۇلازىم بالا ھىجىيىپ.

    ـــــ باشقا كۈن چۈشكەن قىيىن كۈنلەردىمۇ يەنە مۇشۇنداق بىر ئوبدان تۇرغاننىڭ ئۆزى كاتتا غەنىيمەت.

    ـــــ جانابلىرىنىڭ سارىيىمىزنى ياراتقىنىدىن ئىنىلىرى تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.

    ـــــ شاكىچىك، بايا توڭ تېگىپ قويدۇم، كۆڭلۈڭگە ئالما جۇمۇ!

    ـــــ نەدىكىنى، جانابلىرى كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى چىقىرىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى مېھمان تۇرسىلا، ئىنىلىرىنىڭ  خۇشاللىقتىن ئاغزىم قۇلىقىمغا يەتتى، يۈرسىلە! جانابلىرىنى ئەڭ كاتتا قورۇغا باشلاي، ـــــ دېدى مۇلازىم بالا مەمنۇن بولۇپ ۋە لى سىنى باشلاپ ئىككىنچى قورۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى. باشقا ئۈچ قورۇدىن خېلىلا پەرقلىق بۇ قورۇنىڭ ئالدىدا پاخالدا يېپىلغان راۋاق چوقچىيىپ تۇرۇپتۇ، كۆل بويىدىكى شاخابچىدا ناھايىتى سىپتە، ھەشەمەتلىك قېيىق توختىتىپ قويۇلۇپتۇ، بۇنىڭدىن بۇ يەرگە ھەقىقەتەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ چۈشكۈن قىلىدىغانلىقىدا گەپ يوق. دەرۋازا ئالدىدىكى ھېلىقى قېرى  مۇلازىم لى سىنى كۆرۈپلا يېشىغا زادىلا ماسلاشمايدىغان چاققانلىق بىلەن ئالدىغا كېلىپ بېشى يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، ئاندىن بالا مۇلازىمنىڭ قولىدىن ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ئېلىپ كېتىپ قالدى. بالا مۇلازىم لى سىنى باشلاپ قورۇغا كىردى، قورۇنى بىرەرقۇر ئايلىنىپ لى سىغا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، لى سىنى ساراي مېھمانخانىسىغا باشلاپ كىردى. مېھمانخانىنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى ئىچكىرى-تاشقىرى يۈرۈشلۈك خانىدىن ئىپەك كۆينەكلىك بىر ئايال مۇلازىم كۈلكە-جىلۋە بىلەن چىقىپ كەلدى ۋە مېھماننى كۈتكەچ چاي ھازىرلاشقا تۇتۇندى، مېھمانخانا بىردىنلا ئىللىپ كەتكەندەك بولدى. لى سىنىڭ ئىچ پۇشۇقى چىقارغىدەك ھەپسىلى يوق ئىدى:

    ـــــ  سارايلارنىڭ مېھمان كۈتۈشتە ھۈنەرلىرى كۆپ بولىدۇ، شاكىچىك، ماڭا بۇلارنىڭ كېرىكى يوق، ماڭا بىر شىرەگە قورۇما-مەي تەييارلاپ بەرگىن، ئۆزۈم يالغۇز مەس بولغىچە ئىچىپ دەم ئالىمەن، ـــــ دېدى بالا مۇلازىمغا. بالا مۇلازىم «خوب» دېگىنىچە ناھايىتى چاققانلا مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتتى ۋە ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى كۈتكۈچى قىزنى باشلاپ كىرىپ، ھايت-ھۇيت ئىچىدىلا غىزا شىرەسىنى ھازىرلاپ بولدى، شۇنچە يوغان شىرەگە لىق قورۇما، بىر قۇمرا جاۋ بەگلىكىدە ئېچىتىلغان مەي تىزىۋەتكەننى ئاز دېگەندەك يەنە مەززىلىك، ئاچچىق-چۈچۈك ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرغان يوغان تۆت داڭقان شورپا ئېلىپ كىردى، بىر شىرە ئېسىل تائام-مەيلەرنىڭ شۇنچىلىك كېلىشتۈرۈپ تىزىلغانلىقىنى كۆرگەن لى سى ئەزەلدىن زىل ئادەم بولسىمۇ ئەمما قوشۇمىسىنى ھىمىرىپ:

    ـــــ شاكىچىك، بەك كايىپ كەتتىڭ، پەقىرنىڭ چۆنتىكىدە ئاران 10 سەرلا بار، بۇلارنى يەنە سەپەر ئۈستىدە يول خىراجىتى قىلىمەن، ـــــ دېدى.

    ـــــ جانابلىرى كايىمىغايلا، باشتا دېيىشكىنىمىزدەك بىر تىيىن ئالمايمەن، جانابلىرى بەھوزۇر يەپ-ئىچكەيلا، ـــــ دېدى بالا مۇلازىم خۇشامەتگۇيلارچە ھىجىيىپ.

    ـــــ ئەمىسە، بىللە يەپ-ئىچەيلى، ـــــ دېدى لى سى كۈلۈپ.

    ـــــ ئىنىلىرى جانابلىرىغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭ-ماراڭ قىلىشىپ بەرسەم بولىدۇ، شۇغىنىسى يەپ-ئىچىشكە ھەمراھ بولۇشقا ھەددىم ئەمەس، بۇ دېگەن سارىيىمىزنىڭ قائىدە-يوسۇنى، ـــــ دېدى بالا مۇلازىم ئوپۇل-توپۇل ھولۇقۇپ. لى سى يەنە بىرنەرسە دەۋېرىشنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى پەملەپ يەپ-ئىچىشكە ئالدىرىدى. قارنى ئاچ قالغان لى سى شالاپشىتىپ بىردەمدىلا تۆت داڭقاندىكى بېلىق، قوي، توخۇ، بۇغا گۆشىنى شورپىلىرى بىلەن قوشۇپ يالمىۋەتكەننىڭ ئۈستىگە يوغان بىر تەخسىدىكى ھور ناننىمۇ پاك-پاكىز سوقۇۋەتتى.

    ـــــ جانابلىرى ھەقىقەتەن ئىشتەيلىككەنلا، ـــــ دېدى بالا مۇلازىم بىردەمدىلا پاك-پاكىز قۇرۇقدىلىپ قالغان شىرەگە قاراپ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ ھەيران قېلىپ.

    ـــــ سەنمۇ يېرىم يىل سۇ قۇرۇلۇشىدا ئىشلىسەڭ ماڭا ئوخشاشلا بولۇپ كېتىسەن! ـــــ دېدى لى سى كۈلۈپ.

    ـــــ سۇ قۇرۇلۇشى؟ پاھ، جانابلىرى كۆكبېشى ئىكەنلىدە!

    لى سى بېشىنى چايقاپ ھېچنەرسە دېمىدى، پېشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتكەچ جاۋ بەگلىكىدە ئېچىتىلغان مەينى ئىچىشكە كىرىشىپ كەتتى. بالا مۇلازىممۇ لام دېمەستىن لى سىغا ھەدەپ مەي قۇيۇپ ساقىيلىق قىلغىلى تۇردى. ئارقا-ئارقىدىن توققۇز قەدەھ مەي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، لى سىنىڭ قارامتۇل، جۈدەڭگۈ يۈزلىرى قىزىرىشقا باشلىدى.

    ـــــ جانابلىرى، ئەمدى ئىچمىسىلە! ـــــ دېدى بالا مۇلازىم لى سىغا قاراپ ھىجىيىپ.

    ـــــ سەن نېمىنى بىلەتتىڭ شاكىچىك، بۇ دېگەن غىزادىن كېيىنكى مەي، قورقما! مەس بولۇپ قالمايمەن، ـــــ دېدى لى سى شىرەگە «پاق» ىدە بىرنى شاپىلاقلاپ.

    ـــــ جانابلىرىنى ئەتە سەپەر ئۈستىدە بىئارام بولۇپ قالارمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن، باشلىرى ئاغرىپ قالسا يول يۈرمەكلىرى تەس بولارمىكىن، ـــــ دېدى بالا مۇلازىم كۈلۈپ.

    ـــــ ھا ھا ھا، كەتمەيمەن، سەن شاكىچىك پۇل ئالمىغاندىكىن، يەنە نەچچە كۈن تۇرسام بولمامدىكەن؟ ـــــ دېدى لى سى قاھقاھلاپ كۈلۈپ.

    ـــــ جانابلىرى ناۋادا كەتمىسىلە، پۇل ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە سارىيىمىز يەنە تېخى سىلىگە پۇل بېرىدۇ! كۈنىگە بىر سەر ئالتۇن بولسا قانداق؟ ـــــ دېدى بالا مۇلازىم خۇشاللىقىنى يوشۇرالماي.

    ـــــ بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ـــــ دېدى لى سى ھەيران بولۇپ.

    ـــــ خوجايىنىمىز چىن بەگلىكىنىڭ كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقارغىنى ئەمەلىيەتتە ئالىم-ئۆلىمالارنى، مال-دۇنيا، پۇل-بايلىقنى قوغلاپ چىقارغىنى، بۇ ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك، قوغلاپ چىقىرىلغان كەلگىندىلەردىن چى بەگلىكى سارىيىغا چۈشكەنلىرى بىردەك چى بەگلىكىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى بولىدۇ، دېگەن ئىدى، ـــــ دېدى بالا مۇلازىم يەنە ھىجىيىپ.

    بالا مۇلازىمنىڭ سۆزلىرى لى سىنى چۆچۈتۈپ قويدى. ئۇ بىرھازا جىمىپ كەتكەندىن كېيىن، سارايدا چىن بەگلىكىنىڭ «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى» بار-يوقلىقىنى سورىدى، بالا مۇلازىم چىقىپ كېتىپ ھايالشىمايلا بىر پارچە تېرە قەغەزنى كۆتىرىپ كىرىپ:

    ـــــ جانابلىرى قارىسىلا، بۇنى شيەنياڭ مەھكىمىسى مۇھاجىرلار بازىرىدىكى بارلىق سودا سارىيىغا بىردىن تارقاتقان يارلىق، ـــــ دېدى. لى سى يارلىقنى ئېلىپ شىرەگە يايدى، «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش خۇسۇسىدا يارلىق» دېگەن خەت ئاستىدا مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:

    «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى

    چىنلىقلار ئۆز بەگلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە پەقەت چىنلىقلارنىڭ كۈچىگىلا تايانمىقى لازىمدۇرلەر. ئالتە بەگلىك كەلگىىندىلىرىنىڭ چىن بەگلىكىنى يۇنۇپ يەپ مەشرىقتىكى بەگلىكلىرىنى سەمرىتىشى چىن بەگلىكىنى ھالسىرىتىپ ئالتە بەگلىكنى قۇۋۋەتلەندۈردىلەر. لاۋ ئەي، سەي زې، لۈ بۇۋېي قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ چىن بەگلىكىنىڭ ئاش-تۇزىنى يەپ چىن بەگلىكى سەلتەنەتىنى مالىمان قىلىشى چىن بەگلىكىنى ئار-نامۇسقا قويدىلەر، بۇ تولا ئۇچىغا چىققان رەزىللىكتۇرلەر! كۆكبېشى جېڭ گونىڭ خەن بەگلىكىنىڭ چىن بەگلىكىنى ھالسىرىتىش رىجەلىرىنى يۈرگۈزۈشتە، چىن بەگلىكى تەسەررۇپىغا قەدەم قويۇپلا لۈ بۇۋېيغا مەسلەكداش بولۇۋېلىپ، ناھايىتى زور دەريا-ئېقىن قۇرۇلۇشى قىلىش باھانىسىدە چىن بەگلىكى ئاۋام-رەئىيەتلىرىنىڭ كۈچىنى خورىتىپ، چىن بەگلىكىنى ھالسىرىتىپ، چىن بەگلىكىنى لەشكەر تارتالمايدىغان، قۇرغاقچىلىقنى تىزگىنلىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتۇرلەر، ئاقىۋەتتە مانا ھازىر چىن بەگلىكى تەڭرىنىڭ غەزىپىگە، ئاۋام-رەئىيەتنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە قېلىشتەك چوڭ بالايىئاپەتكە دۇچار بولدىلەر. بۇنىڭغا چىداي دەپمۇ چىداپ بولمىدى! ئالتە بەگلىك كەلگىندىلىرى نىيىتىنى دۇرۇست تۇتماي قۇتراتقۇلۇق قىلىۋەرسە، بۇنىڭغا چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى قانداقمۇ  يول قويسۇن؟ ئۇشبۇ ۋەجدىن، چىن بەگلىكى مەشرقتىكى بەگلىكلەردىن كەلگەن كەلگىندىلەرنى چىن تەسەررۇپىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدىلەر. كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى چۈشۈرۈلگەن كۈندىن ئېتىبارەن، يات بەگلىكلەرنىڭ سودىگەر-تالىبلىرى، چىن بەگلىكىدە ئەمەل-مەنسەب تۇتقان مەشرىقلىق زاتلار ئون كۈن ئىچىدە چىن بەگلىكىدىن كېتىشلىرى شەرت، ئۇنداق بولمايدىكەن، بىردەك خۇپىيەلىك جىنايىتى قاتارىدا جازاغا تارتىلۇرلەر!»

    ـــــ بولدىلا، ئۇخلايچۇ! ـــــ لى سى تۇيۇقسىز ئاچچىقلاپ، قولىدىكى تېرە قەغەزنىپۇرلاپ چۆرىۋېتىپ، ئۆزىنى گىلەمگە تاشلىۋەتتى.

    ـــــ مېھمان ئاغا، ئاچچىقتا ھاراق ئىچىپ ئۇخلاپ قالسىلا تەنلىرىگە زىيانلىق، ئۇنىڭدىن كۆرە ئىنىلىرىنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئايدىڭدا كۆلدە بىرەر ئاش پىشىمى كېمە سەيلىسى قىلىپ ئاندىن ئۇخلىسىلا، ئەتە باشقىچە روھلىنىپ قالىلا، ـــــ دېدى مۇلازىم بالا كۈلۈپ.

    ـــــ  دېگىنىڭمۇ ئورۇنلۇق شاكىچىك، ـــــ دېدى لى سى ئۆرە بولۇپ ئولتۇرغاچ، ـــــ يۈر ئەمىسە!

    مۇلازىم بالا رازىمەنلىك بىلەن ئورنىدىن دەلدەڭشىپ تۇرۇۋاتقان لى سىنى يۆلەشتۈرۈپ ئىشىكتىن چىقتى. ئىشىك ئالدىدىكى قېرى مۇلازىم مېھماننىڭ قايتىپ چىققىنىنى كۆرۈپ، كۆل بويىغا شاپاشلاپ بېرىپ:

    ـــــ دەرھال كېمە ھازىرلاڭلار، مېھمان كۆلدە كېمە سەيلىسى قىلىپ كەيىپ سۈرىدىكەن، ـــــ دەپ تاپىلىدى. كۆلدىن جاۋاب ئاڭلىنىپ، كېمە تۇمشۇقىدىكى ئىككى پانۇس تەڭلا ياندى. قېرى مۇلازىم يەنە قايتىپ جايىدا قولقوشتۇرۇپ تۇردى، مۇلازىم بالا لى سىنى يۆلەشتۈرۈپ قىرغاققا كەلدى. لى سى گەرچە سەل خۇشكەيىپ بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئايدىڭدا ھەممىنى ئېنىق كۆرەلىدى، كۆل قېشىدىن سۇ يۈزىگىچە سوزۇلغان بىرەر ئالچاڭچە كەڭلىكتىكى تاش پەلەمپەي دەل قولۋاقنىڭ تۇمشۇقىغا تۇتىشىپ تۇراتتى، بۇ ئادەتتىكى كېمە كۆۋرۈكىدىن كۆپ قولايلىق ئىدى. لى سى «ھەتتىگىنەي، كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش خۇسۇسىدىكى ئۆلگۈر يارلىق بولمىغان بولسا، قەدىمىي رەسم-يوسۇنلىرىنى ساقلاپ كەلگەن چى بەگلىكىنىڭ بۇ سودا سارىيى دائىم كېلىپ ئويناشقا تازا باب كېلىدىغان ياخشى جايكەندۇق ئەمەسمۇ» دەپ ئۆكۈنۈپ قويدى. ئۇ مۇلازىم بالىنى نېرىراق ئىتتىرىپ كېمىگە ئۆزى چىقتى.

    ـــــ مەيخورلار تۆر-پەگا دەپ ئايرىشمايدۇ، مېھمان ئاغا ماڭا ئەگىشىپ ماڭسىلا، ـــــ مۇلازىم بالا لى سىنى بەللىرىدىن يۆلەپ كېمىنىڭ تۇمشۇقىغا ئېلىپ كەلدى. ئىككەيلەن كېمىگە چىقىپ مەزمۇت تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كېمە ئاستا-ئاستا قوزغىلىپ چايقالماي ناھايىتى سىلىق يۈرۈپ كەتتى.

    لى سى مۇلازىم بالىنىڭ قول ئىشارىسى بىلەن كېمە تۇمشۇقىدا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، مەستخۇشلۇقتا ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى، بۇ كىچىك كېمىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك كېمە تۇمشۇقى ئىگىلىگەن بولۇپ، ناھايىتى كەڭرى-ئازادە ئىدى، تولۇن ئاي يورۇقى بىلەن پانۇس نۇرىدا كېمە تاختايلىرى پارقىراپ كۆرۈنەتتى، كېمىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا قېلىن پايانداز سېلىنغان، يوغان شىرەدىن ئۈچى تىزىلغان، كېمە ئەتراپى بەلگىچە ئېگىزلىكتىكى تاختايدا سالاسۇنلانغان بولۇپ، ئادەمگە راھەت بېغىشلايدىغان ئۈستى ئوچۇق زىياپەتخانىغىلا ئوخشايتتى، چىن بېگى يىڭ جېڭنىڭ ھېلىقى قۇش يەلكەنلىك تېز يۈرىدىغان كېمىسىدىن نەچچە ھەسسە ئېسىل ئىدى. لى سى شۇ تەرىزدە ئەتراپنى تاماشا قىلىۋاتقاندا، بىر مۇلازىم قىز قىزغۇچ ياغاچ كۈپ بىلەن ئۈچ ئاپقۇر ئېلىپ كەلدى.

    ـــــ ۋاھ، يارايسەن شاكىچىك، مەي ئىچىپ ئاي تاماشاسى قىلغاچ شيەنياڭدا ئاخىرقى بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈۋالاي! ـــــ دېدى لى سى خۇشاللىقىدىن قاھقاھلاپ كۈلۈپ.

    ـــــ مېھمان ئاغام خۇشال بولىدىغانلا ئىش بولسا، شيەنياڭدىكى ھەر بىر كېچىنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلسۇن! ـــــ دېدى مۇلازىم بالا ئوماق كۈلۈپ. گەپ ئارىلىقىدا مۇلاھىم قىز ئۈچ ئاپقۇرغا تولدۇرۇپ مەي قۇيدى. لى سى خۇددى بۇ گۈزەل مىنۇتلاردىن قانغىچە ھوزۇرلىنىۋالماقچى بولغاندەك قايتا ئېغىز ئاچماي، بىر ئاپقۇر مەينى غۇرتىلدىتىپ ئىچىۋەتتى، ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ ئاپقۇر مەينى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى شۇنداق بىر خىل تەڭداشسىز سالقىن-ھوزۇرلۇق ئارامبەخىش چۇلغىۋالغاندەك سېزىم پەيدا بولدى، خۇددى سالقىن كۈز شامىلى ئىچكىي ئەزايىنى كېزىۋاتقاندەك، بەدىنىنىڭ ئىچ-تېشى ۋە ھەربىر تەر تۆشۈكچىلىرىدىن ئۆتۈشۈۋاتقاندەك جانغا راھەت سېزىم بارغانسېرى كۈچەيدى.

    ـــــ پاھ، بۇ مەي ھەقىقەتەن ئېسىل مەيكەن، بۇ قانداق مەي؟

    ـــــ بۇ مەي ئەمەس، بۇ دېگەن شەربىتىمەي، ـــــ مۇلازىم بالا پىخلداپ كۈلدى.

    ـــــ شەربىتىمەي ؟ شەربىتىمەي مەي ئەمەسما؟ بۇ قانداق گەپ ئۆزى؟

    ـــــ شەربىتىمەي دېگەن مەستلىكنى يېشىدىغان جەۋھىرىمەي!

    ـــــ ياخشىغۇ! سەن سولتەك ئاغاڭنىڭ سۇغا چۈشۈپ تۇنجۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مېنى مەستلىكتىن يېشىلدۈرمەكچى بوپسەن-دە؟ ـــــ لى سى قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

    كۈلۈۋېرىپ، لى سىنىڭ خاپىچىلىقى نەلەرگىدۇر يوقالدى، سۈزۈكلىكىدىن كۆل تەكتىدىكى تاشلار كۆرۈنۈپ تۇرغان سۇغا قاراپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ ئۇھ تارتتى. شۇ تاپتا كېمە كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ قالغان بولۇپ، تۈن نىسبىدىكى سالقىن شامال مەيىن يەلپۈپ تۇراتتى، نەچچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پىژغىرىم تومۇزنىڭ دىمىق ئىسسىقى نەلەرگىدۇر غايىب بولۇپ، سالقىن شامال ئادەمنى ئەندىكتۈرەتتى. لى سىنىڭ مەستخۇشلۇقى پۈتۈنلەي يېشىلگەن بولۇپ، كېمە تۇمشۇقىدا تىك تۇرۇپ شامالداۋاتاتتى، كۆڭلىنى يەنە ئاللىقانداق بۇرۇختۇرمىلىق ئۆرتەشكە باشلىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر، ئۆزىنىڭ ھېچ نېمىدىن ھېچ نېمە يوق  مەنسىپىدىن قالدۇرۇلۇپ چىن بەگلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى، ئۆزىنىڭ بولسا «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى» نى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغانلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر چىگىش تۈگۈن بولۇپ قالغان ئىدى. بايا «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى» نى كۆرگەندىن كېيىن، بىسمىللاھسىدا گەرچە جېڭ گو تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىسى لاۋ ئەي، لۈ بۇۋېيدىن تارتىپ تۆۋىنى بارلىق مەشرىقلىق زاتلارغىچە، ھەتتا سەي زېدەك مەنسىپىدىن ئاللىقاچان ئىستېپا بېرىپ تەركىي دۇنيالىق يولىنى تۇتقان زاتقىچە چېتىلغانلىقى؛ يات بەگلىكلەردىن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى» دا بىردەك تۇزكور، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكى، ئالتە بەگلىكتىن كەلگەنلەرنىڭ بارچىسى بىردەك خۇپىيە، دەپ قارالغانلىقى؛ تېخىمۇ كۈلكىلىكى چىن بەگلىكىدە ئەمەل تۇتقان يات بەگلىك زاتلىرىنىڭ ھەممىسى «چىن بەگلىكىنىڭ ئاش-تۇزىنى يەپ چىن بەگلىكى سەلتەنەتىنى مالىمان قىلغۇچىلار»دەپ قارالغانلىقى ئۇنىڭ ئەقلىگە زادىلا سىغمايۋاتاتتى. مۇشۇنداق ئۇجۇر-بۇجۇرىنى سۈرۈشتۈرگىلى تۇرسا، قوغلاپ چىقىرىشقا تېگىشلىك يات بەگلىك زاتلىرى ئاز دېگەندىمۇ ئون نەچچە تۈمەندىن ئېشىپ كېتەتتى. چىن بەگلىكى ساراڭ بولدىمۇ؟ چىن بېگى ساراڭ بولدىمۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ «تۇتقۇن» قىلىنىپ ۋېيشۈي دەرياسىدىكى قۇش يەلكەنلىك تېز يۈرگۈچى كېمىدە يىڭ جېڭ بەگ بىلەن بىر كېچە مۇلاقاتتا بولۇپ ئىچ-قارنىدىكىنى تۆككەنلىرىنى ئويلاپ، كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارغا زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمىدى، مەردۇ-مەردانىلىكى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش چىن بېگى يىڭ جېڭ  مۇشۇنداق ھاماقەتلەرچە تەدبىر چىقىرارمۇ؟ ئەمما، ئەنە، ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ بولۇپ پۈتۈلگەن يارلىق تۇرۇپتۇغۇ، بوران-چاپقۇن ئاللىقاچان كۆتۈرۈلدى، بۇنى يەنە چۈشەندۈرۈش ھاجەتمىدى؟ تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە قاراپ ئىش قىلماقتىن باشقا چارە قالمىدى.

     لى سى شۇ تاپتا قاتتىق ئويلاپ، بۇ ئىشقا مۇنداق بىۋاسىتە باھا بەردى: «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى» چۈشۈرۈلۈشى بىلەنلا چىنلىقلار غازاڭدەك سارغىيىشقا باشلايدۇ، چىن بەگلىكىنىڭ قۇدرەتلىك زامانى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ، ياش يىڭ جېڭ بەگنىڭ تەڭداشسىز يۈكسەك غايىسى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىسىغۇ مەيلىدى، چىنلىقلار ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىپ ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلسا بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ لى سىنى ھەممىدىن بەك ئازابلىغىنى ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك بىلەن چۈشۈرۈلگەن بۇ «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى» ئۇنىڭ ئەمدىلا بىخ سۈرگەن تۆھپە يارىتىش ئىرادىسىنى، ئۇنىڭ شانلىق غايىسىنى تەلتۆكۈس بەربات قىلغىنى بولدى. پۈتكۈل ئىقلىمدا كارامەت ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بەگلىك پەقەت چىن بەگلىكىلا ئىدى، ھەرقانداق بىر پازىل زات ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى چىن بەگلىكىگە باغلىيالىغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ غايىسىنى رويابقا چىقىرالايتتى، ئۇنداق بولمىغىنىدا چەكسىز كەتكەن كۆكتىكى ئاقار يۇلتۇز بولۇپلا قالاتتى. يىگرىمە-ئوتتۇز يىللار ئۆتكەن بىلەنمۇ ئۆزىنىڭ ئۆمرى بىكارغا ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى. چىن بەگلىكىدە يەنە بىر دانا بەگ چىقىپ، جاھاندا يەنە بىر قۇدرەتلىك ئۇرۇشقاق بەگلىك پەيدا بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ بۇ دۇنيانىڭ غۇۋا ھاڭلىرىغا غۇلاپ كەتكەن بولاتتى. ئۆمۈر دېگەن بەكلا قىسقا، تەڭرى ساڭا ئاتا قىلغان پۇرسەت پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئىككىنچى قېتىم بولىشى مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس ... بۇ ھايات ھەقىقەتەن مۇشۇنىڭ بىلەن تامام ۋەسسەلام بولغانمىدۇ؟

    لى سىنىڭ ئىلھامى قوزغالدى، دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ:

    ـــــ شاكىچىك، كېمىدە قەلەم-سىياھ بارمىدۇ؟ ـــــ دېدى.

    ـــــ بولمامدىغان! يەنە تېخى سۈپەتلىك تېرە قەغەزمۇ بار!

    ـــــ بەك ياخشى بولدى، شىرە ھازىرلاپ بەرگىنە!

    ـــــ جانابىي ئاغا، كېمىدە شامال بولغاچقا پانۇس ياندۇرغىلى بولمىدى، خەت يازماقچى بولسىلا كېمە بۆلمىسىگە مەرھەمەت قىلغايلا!

    ـــــ بۇنىڭدا خەتنى كىمنىڭ يازىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك، مانا پەقىر يازىدۇ! ئاي يورۇقى بولسىلا كۇپايە!

    ـــــ خوپ، مانا ھازىرلا كەلتۈرەي!

    مۇلازىم بالا ھايالشىمايلا يېزىق شىرەسى، قەلەم-قەغەز، سىياھدانلارنى تەقلەپ:

    ـــــ پالاقچىلار ئاڭلاڭلار: جانابلىرى خەت يازماقچى، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا لەڭگەر تاشلاپ كېمىنى مىدىراتماڭلار! ـــــ دېدى كېمىنىڭ ئاستىنقى بۆلۈمچىسىدىكىلەرگە جېكىلەپ.

    ـــــ بۇنچىلىك چايقالغانغا نېمە بولاتتى؟ كېمە توختىمىسۇن، شامال بولسا تېخى ياخشى، يۈرۈۋېرىڭلار! ـــــ دېدى لى سى قوللىرىدا رەت قىلىش ئىشارىسى قىلىپ.

    ـــــ ئاغا جانابلىرى، كېمە چايقىلىۋاتسا، قانداقمۇ خەت يازغىلى بولسۇن؟ ـــــ دېدى مۇلازىم بالا ھەيران بولۇپ.

    ـــــ ئاغاڭنىڭ قىلالمايدىغان ئىشى يوق، بۇنچىلىك خەت يېزىش ماڭا ھېچ گەپ ئەمەس، ئاتلىق كېتىۋېتىپمۇ خەت يېزىۋېرىمەن! كېمىدە خەت يېزىش قانچىلىك ئىش ئىدى؟ كېمە تېخىمۇ تېزرەك يۈرسۇن، تازا بىر سالقىندىۋالايلى، ـــــ دېدى لى سى ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالغان بالىغا قاراپ قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە.

    ـــــ جانابلىرىدىن بۇيرۇق: كېمە شامالغا قارىشى تېز يۈرسۇن، قوزغىلىڭلار! ـــــ مۇلازىم بالا ئىلاجسىز قېلىپ كېمىچىلەرگە بۇيرۇق قىلدى.

    مۇلازىم بالىنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەنلا پالاقچىلار رېتىملىق پالاق ئۇردى، كېمە خۇددى يادىن ئۈزۈلگەن ئوقتەك يۈرۈپ كەتتى. كۆل يۈزىدە بۇژغۇنلار مەۋج ئۇرۇپ قوللارغا چاچرىدى، سالقىن شامال يۈزلەرگە ئۇرۇلۇپ ھەممەيلەننى راھەتلەندۈرۈۋەتتى. لى سى يېزىق شىرەسى ئالدىغا تەمكىن يۈكۈنۈپ، قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، بىرپەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن قەلەم ئۇچىنى قەغەز يۈزىگە تەگكۈزدى. شامال كۈچىيىپ، دولقۇندىن كۆتۈرۈلگەن بۇژغۇنلار گاھ-گاھ يۈزلەرگە چاچرايتتى. مۇلازىم بالا بىر قولىدا كېمىنىڭ يان تاختىيىنى تۇتۇۋېلىپ، بىر قولىدا يېشىق شىرەسىگە يېيىلغان تېرە قەغەزنىڭ چۆرىسىنى تۇتۇپ بەرگەچ:

    ـــــ ئاغا، كېمە بەك چايقىلىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ھالدا كىممۇ تۈزۈكرەك خەت يازالايدۇ دەيلا، مېنىڭچە يەنىلا كۇتۇپخانىغا قايتايلى، ياكى قىرغاققا بېرىپ راۋاقتا يازساق قانداق دەيلىكىن ...ـــــ دېدى دۇدۇقلاپ.

    ـــــ ئاغزىڭنى يۇمساڭچۇ ۋالاقتەگكۈر! باشقىسىنى قويۇپ قەغەز تەييارلاپ بەرسەڭلا بولدى! ـــــ دېدى لى سى. مۇلازىم بالا ئىلاجسىز بېشىنى لىڭشىتىپ جىمىپ قالدى.

    لى سى بەئەينى تاش ھەيكەلدەك كېمە تۇمشۇقىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى، شامال ئۇدۇللا ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلۇپ، بۇژغۇنلار چاچرايتتى، قەلەم قەغەز يۈزىدە ئەركىن يۈگرۈپ، چىلاندەك-چىلاندەك خەتلەر رەتلىك-چىرايلىق تىزىلىۋاتاتتى، يوغان تېرە قەغەزلەر ھېلىدىن ھېلىغا شىرەگە يېيىلىپ تۇراتتى. كۈتۈلمىگەندە، كېمە تۇمشۇقى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن دولقۇنغا ئۇرۇلۇپ، كېمە قاتتىق چايقالدى، مۇلازىم بالا قەغەز ئالماشتۇرۇۋاتقاندا مەڭدەپ كېتىپ نېمىلەرگىدۇر پۇتلاشتى ۋە لى سىنىڭ ئوڭ بىلىكىگە يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ چۆچۈپ يىغلامسىرىغىنىچە يۈكۈنۈپ لى سىغا باش ئۇرۇپ ئەپۇ سورىماقچى بولغان بولسىمۇ قورقۇپ كېتىپ گەپمۇ قىلالمىدى.

    ـــــ ماڭا ھېچنېمە بولمىسا سەن نېمىگە يىغلايسەن؟ بول، تېز قەغەز ئالماشتۇر! ـــــ دېدى لى سى تاقەتسىزلىنىپ. يىقىلىپ كېتىپ خەتنى بۇزۇۋەتتىم، دەپ ئويلاپ قورقۇپ كەتكەن مۇلازىم بالا ئورنىدىن تۇرۇپ شىرەگە قارىدى، تېرە قەغەزدە خەت شۇنداق ئوچۇق، چىرايلىق، بىرەرمۇ خەت جىجىلىپ كەتمىگەن ئىدى، ئۇ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى ۋە دەرھال يېڭىدىن قەغەز ئالماشتۇرۇپ، لى سىنىڭ يېنىغا يۈكۈنۈپ قەغەز يۈزىدىكى خەتكە سىنچىلاپ قارىدى، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقى مىدىر قىلماي تىك تۇرغان ئەرش مۇئەككىلىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

    ئاي كۈن پېتىش تەرەپتىكى دەرەخ شاخلىرى ئارىسىغا مۆكۈندى، كېمە كۆلنى بىر ئايلىنىپ چىقتى، لى سىمۇ ئاخىر يېزىشنى تاماملاپ قەلەمنى قويدى.

    ـــــ ئاغا جانابلىرى، سىلى ئادەمزاتى ئەمەس بەلكى ئىلاھنىڭ ئۆزىلا ئىكەنلا! ـــــ دېدى مۇلازىم بالا لى سىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ.

    لى سى كۈلمىدى، ئېغىر ئۇھسىنىپ، بالىنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە:

    ـــــ شاكىچىك، مەكتۇبدان بىلەن پېچەت سۇرۇخ كەلتۈر، ـــــ دېدى.

    نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىۋاتقان مۇلازىم بالا «لەببەي» دېگەچ شاپاشلاپ يۈرۈپ كېمە بۆلۈمچىسىدىن نەيچىسىمان مىس مەكتۇبدان بىلەن بىر قۇتا پېچەت سۇرۇخى ئېلىپ كەلدى. لى سى ئىككى پارچە تېرە قەغەزنى تۈرمەللەپ مىس مەكتۇبدانغا سېلىپ ئاغزىنى پېچەتلەپ بولغاندىن كېيىن:

    ـــــ شاكىچىك، ماڭا بۇ مەكتۇبنى يەتكۈزۈپ بېرەلەرسەنمۇ؟ شۇنداق قىلالىغان بولساڭغۇ سەندىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى بولۇپ، قىلغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالمايتتىم، ـــــ دېدى مۇلازىم بالىغا رەسمىي يوسۇندا. مۇلازىم بالا تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى:

    ـــــ ئاغا جانابلىرى، قېنى ئېيتسىلا، نەگە يەتكۈزىمەن؟ ـــــ دېدى.

    ـــــ بۇ مەكتۇبنى شيەنياڭ مەھكىمىسىنىڭ ھاكىمى مېڭ تيەن سانغۇننىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن، جۈرئەت قىلالامسەن؟ ـــــ دېدى لى سى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ.

    ـــــ شيەنياڭغا مەكتۇب يەتكۈزۈشتە ئىنىلىرىنىڭ ھۈنىرى ئاغا جانابلىرىنىڭ مەكتۇب يېزىشتىكى ھۈنىرىدىن قېلىشمايدۇ، بۇ قانچىلىك ئىشتى! ئاغا ساقلاپ تۇرسىلا بولدى، بىر كۈن ئىچىدىلا سىلىگە جاۋاب خەت ئېلىپ قايتىمەن، ـــــ دېدى مۇلازىم بالا شەيتانلىق قىلىپ كۈلۈپ.

    ـــــ يەتكۈزۈپ بەرسەڭلا بولدى، جاۋابنىڭ لازىمى يوق!

    ـــــ جاۋاب خەت ئالماملا؟

    ـــــ تاپشۇرۇپ ئالغۇچى جاۋاب يازغان بىلەنمۇ كېرىكى يوق، بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى يازغان مەكتۇب.

    ـــــ ئاغا جانابلىرى، سىلى كېتەمدىلا؟

    ـــــ تاڭ يورۇشى بىلەنلا يولغا چىقىمەن!

    ـــــ بولىدۇ ئەمىسە، مەن ھازىرلا مەكتۇب يەتكۈزۈشكە كەتتىم!

    ـــــ ئىت پوق يېمەستە نەگە بارىسەن؟ ئالدىرىما، مەن كەتكەندىن كېيىن ماڭساڭمۇ كېچىكمەيسەن!

    ـــــ ئاغا جانابلىرى، خاتىرجەم بولسىلا! شيەنياڭ ماڭا ناھايىتى تونۇش، مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ماڭسىلا!

    كېمە قىرغاققا يېتىپ بارغاندا، مۇلازىم بالا ئۇچقاندەك سەكرەك قىرغاققا چىقىپ، ھايت-ھۇيت دەپ بولغىچە كۆزدىن غايىب بولدى.

    ئـــــــــــــىـــــــــــــــــــــــزاھـــــــــــــــــــــــــــــات

    قۇرۇل شىرمەت : 500 چېرىكتىن تەشكىللەنگەن دۇبۇلغا-ساۋۇتلۇق لەشكەر بىر قۇرۇلدۇر.(ت)

     

     

     

     

     

     

    ئالتىنچى،«كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى قايتۇرۇۋېلىش خۇسۇسىدا نەسىھەت» نىڭ غاپىللارنى غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغاتقانلىقى

    يىڭ جېڭ بىتاپلىقتا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، ئۆزىنى بەئەينى گاھ بۇلۇتلار ئۈستىدە، گاھ ئەرشتە لەيلەپ يۈرگەندەك ھېس قىلدى.

    ئاشۇ كۈنى، لەنتيەن بارگاھىدىن ئۇچقۇر ھارۋىسىدا قايتىپ كېلىپلا، توپا-چاڭغا مىلەنگەن يىڭ جېڭنىڭ مىجەزى قاتتىق ئوساللىشىپ كەتتى ھەم بىر يۇيۇنۇپ كەيپىمنى چاغلىۋېلىپ، ئۆزىنى ساقلاۋاتقان لى سى بىلەن كۆرۈشىمەن، ئۇنىڭ بىلەن جىڭخې دەرياسىدىكى سۇ قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختىتىش خۇسۇسىدا كېڭىشەرمەن، دەپ ئويلىغان ئىدى. يىڭ جېڭ بېشىدىن كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزگەن، ئىشلارنىڭ ئېپى-جىپىنى بىلىدىغان لى سىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈلدىكىدەك چارە-ئەقىل كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. كۈتۈلمىگەندە، دورغاببەگ ۋاڭ ۋەن يەتكۈزگەن مەلۇمات، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى «خۇپىيەلەرنىڭ چىن بەگلىكىنى ھالسىرىتىشى» دېگەن تۆت سۆز خۇددى بىر تال چوغ شۇ تاپتا تومۇرلىرىدا مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان قارامايغا تۇتىشىپ غايەت ئۇلۇغ لاۋا ئېقىنى پەيدا قىلغاندەك، ئۇنىڭ سەۋر قاچىسىنى توشقۇزۇۋەتتى، ئۇ ئاخىر پارتلىدى. جېڭ گو چىن بەگلىكىنى ھالسىرىتىش رىجەلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان خۇپىيە بولسا، مەشرقتىكى ئالتە بەگلىكنى بەش قولدەك بىلىدىغان لۈ بۇۋېي بىلمەي قالماسمۇ؟

    چوقۇم بىلىدۇ! جېڭ گونىڭ خۇپىيەلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇغلۇق يەنە نېمىشقا ئۇنى دەريا-ئېقىن مەھكىمىسىدە مۇھىم ئىشقا قويىدۇ؟ لۈ بۇۋېينىڭ غەرىزى زادى نېمە؟ مانا بۇ تۈگۈن گويا چاقماق تېشىدەك چېقىن پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئوي-خىياللىرىنى چىگىشلەشتۈرۈۋەتتى، ئۇ بىردىنلا لۈ بۇۋېينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ چىن بەگلىكىدە ھېلىھەم مەزمۇت تۇرۇۋاتقانلىقىنى، يەنىلا ئۆزىنىڭ شىللىسىدىكى غايەت زور تاغدەك باش كۆتۈرگۈزمەيۋاتقانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئايىقى ئاستىغا ئاللىقاچان ناھايىتى چوڭقۇر ئورا قېزىپ، ئۆزىنىڭ ئەما ئادەمدەك، كۆزلىرى تېڭىلغان ئاتتەك ئاشۇ ئورىغا چۈشۈشىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھېلىقى غايەت زور تاغ ئۆزىنى ئۇشتۇمتۇت بېسىۋېلىپ، ئۆزى بىلەن چىن بەگلىكىنى بىراقلا كۆمۈۋېتىدىغانلىقىنى! بۇ يەردىكى «ئۇلار» باشقا بىرلىرى ئەمەس، بەلكى دەل لۈ بۇۋېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەشرقلىق زاتلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى! ئوردا دەھلىزىدىن ئوردا سارىيىغىچە بىرەر يۈز قەدەمچە كېلەتتى. ئاشۇ قىسقىغىنە بىرەر ئوق يېتىمى ئارىلىقتىن يىڭ جېڭ بەئەينى جاھاننى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان قارا قۇيۇن كەبى نەرە تارتىپ ئوردا سارىيىغا كىرىپ كەلدى. ئۈستىۋېشى توپا-لايغا مىلەنگەن يىڭ جېڭنىڭ زۇلپىقار قىلىچىنى قاماللاپ تۇتقىنىچە ھۆركىرەپ-گۈركىرەپ، نەرە تارتىپ ئۇدۇل تەخت ئالدىغىچە كىرىپ كەلگىنىنى كۆرۈشكەن ۋەزىر-ۋۇزرا،

    قازى-قۇززاتلار چۆچۈشۈپ ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ كېتىشتى، ئۇلار كۆزلىرىنى چەكچەيتىشىپ ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قېلىشتى، خۇددى تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك بىرەرسىمۇ چىش يېرىپ لام دېيەلمىدى.

        ـــــ جېڭ گونىڭ خۇپىيەلەردىن ئىكەنلىكىنى لۈ بۇۋېي بىلەمدۇ؟

    يىڭ جېڭ ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن بۇ تۇنجى  كەلىمەسى بىلەن قېرى دادخاھ ۋەزىرىگە دوق قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلەتتى.

    قېرى دادخاھ ۋەزىرى شۇ چاغدا سەل-پەل ئىككىلىنىۋىرەك خۇددى لايغا مىلىنىپ كەتكەن مايمۇنغىلا ئوخشاپ قالغان يىڭ جېڭغا سىنچىلاپ سەپسېلىپ:

    ـــــ بۇ كىچىك ئىش ئەمەس، ئالىيلىرى ئاچچىقلىرىغا ھاي بېرىپ سەل-پەل ئاراملىرىغا كەلگەندە ئاندىن كېڭەشسەك، ـــــ دېدى.

    ـــــ دادخاھ ۋەزىرى ئەينەن يەتكۈزسۇنلار! بولمىسا بەگلىك سەلتەنەتىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەنلىك جىنايىتى بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىدىلا! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ غەزەبتىن ئۆزىنى باسالماي چېچىلىپ. دادخاھ ۋەزىرى ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ ھۆرمەت بىلدۈرگەچ:

    ـــــ جېڭ گونىڭ خۇپىيە ئىكەنلىكى خۇسۇسىدا بىر چىنلىق سودىگەر مەلۇمات يەتكۈزگەن. مەزكۇر سودىگەر خەن بېگىنىڭ يېقىن بىر ۋەزىرىنىڭ ئاغزىنى غېرىچلاپ يۈرۈپ ئاڭلىۋالغان ئىكەن، شۇغىنىسى بۇنى بىۋاسىتە ئىسپات ئېلىپ دەللىگىلى بولمىدى. ئەمما،

    بۇنىڭغا ئومۇمەن ئىشەنچ قىلىش مۇمكىن. لۈ بۇۋېينىڭ بۇنى بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ خۇسۇستا سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمىدۇق، شۇڭا بىرنېمە دېمەك تەس، ـــــ دېدى. يىڭ جېڭ غەزەبتىن يېرىلىپ تۇرغاندا، قېرى دادخاھ ۋەزىرىنىڭ ئىكى-مىكى دەپ كېسىپ بىرنېمە دېيەلمەسلىكى ئۇنىڭ تېخىمۇ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى، ئۇ ئاچچىقتىن كېسىلىپ:

    ـــــ لۈ بۇۋېي ۋەقەسى ئاللىقاچان تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تۇرسا، يەنە بىرنېمە دېمەك تەس، دېگەن نېمە گەپ ئۆزى؟ ـــــ دېدى.

    ـــــ ۋەزىرلىرىدە دەلىل بار، لۈ بۇۋېي بۇ ئىشنى ھەقىقەتەن بىلىدۇ! ـــــ بەگ جەمەتىدىن بولغان بىر ئاغابەگ مەيدە كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

    يىڭ جېڭ ۋارقىراپ-جارقىراپ دېگۈدەك ئاغابەگنى مەلۇمات بېرىشكە بۇيرۇدى. ئاغابەگ ئەينى چاغدا لۈ بۇۋېي توغرىلىق تەكشۈرگەندە، ئۆزىنىڭ باش تەپتىش ۋەزىرىگە ياردەملىشىپ لۈ بۇۋېي قەسرى بىلەن مەرىپەت سارىيىنى ئاختۇرۇپ مۇسادىرە قىلغان بۇيۇملار ئىچىدىن، لۈ بۇۋېي بەش يىل ئىلگىرى بىر چىن ئەلچىسىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان مەخپىي مەلۇماتىنى تاپقانلىقىنى، مەخپىي مەلۇماتتا خەن بەگلىكىنىڭ چىن بەگلىكىنى ھالسىرىتىش رىجەلىرىنى يۈرگۈزۈپ، كۆكبېشى جېڭ گونى چىن بەگلىكىگە ئەۋەتكەنلىكى، لۈ بۇۋېينىڭ بۇ مەخپىي مەلۇماتنى كۆرمەي قېلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى بىلمەي قالمايدىغانلىقىنى 

    ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي بايان قىلدى. يىڭ جېڭ غەزىپىنى باسالمايلا قالدى ۋە ئەينى چاغدىكى ھېلىقى مەخپىي ئەلچىنىڭ كىملىكىنى سورىدى. ئاغابەگ بۇنىمۇ ئېنىقلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ لۈ بۇۋېينىڭ جاۋ بەگلىكىدىن كەلگەن بىر تېجىمەلى ئىكەنلىكىنى، كېيىن لۈ بۇۋېي مەنسىپىدىن قالدۇرۇلغاندا، لۈ بۇۋېي بىلەن بىللە لوياڭغا كەتكەنلىكىنى، لۈ بۇۋېي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئۇمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بايان قىلدى. يىڭ جېڭ تېخىمۇ بەك ئاچچىقلىنىپ، جىڭخېدىكى سۇ قۇرۇلۇشىنى كېڭىشىپ بېكىتكەنلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى ئەزۋەيلەپ سۈرۈشتۈردى. ئاغابەگ بۇنىڭغا بىرمۇ چىنلىقنىڭ قاتناشمىغانلىقىنى، بۇ سۇ قۇرۇلۇشىنى كېڭىشىپ بېكىتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ لۈ بۇۋېينىڭ چىن بەگلىكىدە مەنسەبكە تەيىنلىگەن ياقا يۇرتلۇق زاتلار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ غوللۇق ئەزالىرى يەن بەگلىكىدىن كەلگەن ئەركانبەگ سەي زې بىلەن چۇ بەگلىكىدىن كەلگەن تېجىمەل لى سى ئىكەنلىكىنى؛ جېڭ گونىڭ خۇپىيەلىك سالاھىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن لۈ بۇۋېي ئۆزىنىڭ داڭلىق تېجىمەلى لى سىنى دەريا-ئېقىن ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىگەنلىكىنى بايان قىلدى. شۇ ئارىدا يەنە بىر ئاغابەگ دەرھال گەپكە قوشۇق سالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر شىرەم تۇغقىنىنىڭ مىراببەگ ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئۆزىگە لى سى بىلەن جېڭ گونىڭ  قالتىس يېقىن قىيامەتلىك بۇرادەرلەردىن ئىكەنلىكىنى، دائىم يېرىم كېچىگىچە بىللە مەخپىي ھال-مۇڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ناھايىتى ھاياجان بىلەن بايان قىلىپ، بايىقى

    ئاغابەگنىڭ مەلۇماتىغا تولۇقلىما بەردى ھەمدە لى سى بىلەن جېڭ گونىڭ بۇنچىلىك قىلىپ كېتىشىدە چوقۇم سىر بارلىقىنى ئېيتتى. باشقا ئاغابەگ-ۋەزىرلەرمۇ بەس-بەستە ئەينى چاغلاردا ئۆزلىرى سەزگەن گۇمانلىق ئىشلارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي بايان قىلىشتى. ئاغابەگلەر گۇمان قىلىشقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئالتە بەگلىك زاتلىرى ئىدى. بۇ چاغدا، قېرى دادخاھ ۋەزىرى بىلەن دورغاببەگ ۋاڭ ۋەن لام-جىم دېمەي تۇرغاندىن باشقا، بارلىق ۋەزىر-ئاغابەگلەر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي مەشرقلىق زاتلارنى جەددى-جەمەتى، ئۇرۇق-پۇشتىنى قوشۇپ قارغاپ كېتىشتى.

    شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزاققىچە دەتالاشلارنىڭ ئايىقى بېسىقمىدى، ئىچى پۇشقان يىڭ جېڭ تاقەت قىلىپ تۇرالماي:

    ـــــ بۇ يەردە بىر كۈنن تالاش-تارتىش قىلىشتىڭلار، قانداق قاراشقا كەلدىڭلار؟ ئېنىق دېمەمسىلەر! ـــــ دېدى.

    ـــــ مەشرقلىق كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، چىن سەلتەنەتىنى پاكلاشتۇرۇش كېرەك! ـــــ دېيىشتى ئاغابەگلەر تەڭلا. يىڭ جېڭنىڭ بىردىنلا قەلبى ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى، توغرا، كۆپ يىللاردىن بېرى چىن بەگلىكىدە بېسىقماي كەلگەن بۇ ماجرا-نىزالارنىڭ يىلتىزى ئالتە بەگلىك زاتلىرىدا ئىكەن ئەمەسمۇ؟ بۇ خەقلەر قوغلاپ چىقىرىلمىسا، چىن بەگلىكى مەڭگۈ ئارام تاپالمىغىدەك، دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. يىڭ جېڭنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە تۇرۇپتۇ، دەل شۇ چاغدا، تۇزلۇق تەر يۈزلىرىدىكى

    توپا-چاڭنى ئېقىتىپ كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇق-چاناقلىرىدىن كۆزلىرىگە كىرىپ كەتتى، كۆزىنى شۇنداق بىر ئۇۋىلىۋىدى، ئېچىشقان كۆزلىرىنىڭ ئاغرىقى يۈرەككە تۇتاشتى...

    ـــــ ۋاڭ ۋەن، كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش خۇسۇسىدا يارلىق پۈتۈلسۇن! ـــــ يىڭ جېڭ ئاچچىقتىن كېسىلىپ شۇنداق قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە تەخت ئالدىدىكى تاش پەلەمپەيگە يىقىلدى.

    ...

    ئۈچ كۈندىن كېيىن ھۇشىغا كەلگەن يىڭ جېڭنىڭ پۈتۈن ئەزايى بوشىشىپ مىدىر قىلالماي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.

    ئوردا ئەمچىسى ئالىيلىرى ئاچچىق يۇتۇۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيادە چاڭقاپ، چارچاپ كەتكەچكە بىراقلا يىقىلىپ قالغان، ئەگەر ھەپتە-ئون كۈن دەم ئالمىسا قانسىراپ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، دېدى. يىڭ جېڭ بوش چاغلىغىلى بولمايدىغان ئادەم ئىدى، شۇ تاپتا ئۇ تېخىمۇ سەگەكلىشىپ كەتتى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە، قېرى ئوردا ئەمچىسىگە بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ۋەزىر-ۋۇزرالارنىمۇ قوبۇل قىلماي، سەلتەنەت ئىشلىرى بىلەنمۇ كارى بولماي تىنچ يېتىپ ئارام ئالدى. ئون كۈنگىچە جاۋ گاۋ بىلەن قېرى ئوردا ئەمچىسىلا ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ-چىقىپ يۈردى. شۇنچە چوڭ-ئازادە ھۇجرىسىنىڭ جىمجىتلىقىدىن يىڭ جېڭ ئۆزىمۇ سەل

    غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدى. بۈگۈن چۈشلۈك تائامدىن كېيىن، يىڭ جېڭ ئۆزىنى ناھايىتى يېنىكلەپ قالغاندەك سەزدى ۋە:

    ـــــ دورىنى ۋاقتىدا يېسەممۇ يەي، ئەمما يەنە يېتىۋەرسەم بولمايدۇ، ـــــ دېدى ئوردا ئەمچىسىگە كۈلۈپ.

    ـــــ تېبابەت ئىلمى بويىچە، ئالىيلىرى ئاز دېگەندىمۇ بىرەر ئاي يېتىپ دەم ئېلىشلىرى كېرەك، بولمىسا كېسەل ساقىندىلىرى تەلتۆكۈس ساقايماي، ئۈزۈلۈپ قېلىشلىرى مۇمكىن، ـــــ دېدى قېرى ئوردا ئەمچىسى قوشۇمىسىنى ھىمىرىپ.

    ـــــ ئېيتسىلىچۇ، كېسەل ساقىندىلىرى دېگەن نېمە ئۇ؟ ـــــ دېدى يىڭ جېڭ چىرايى سەل ئۆڭگەن ھالدا. قېرى ئوردا ئەمچىسىنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ دۇدۇقلاپ گەپ قىلالماي قالدى.

    ـــــ ئۆمرۈم ئون يىل قىسقارسىمۇ  پەرۋايىم پەلەك! شياۋ گاۋزى، ۋاڭ ۋەننى چاقىر، ھۆججەتلەرنى تەقلەپ ساقلاپ تۇرسۇن، مەن ھازىرلا كۇتۇپىانىغا كىرىمەن، ـــــ دېدى يىڭ جېڭ سەل خاپا بولغان بولسىمۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگرۈتۈپ. ئۇ يوغان بىر ئاپقۇر قويۇق دورا شەربىتىنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىۋېتىپ، مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇپ ئەڭلىنى ئالماشتۇردى، بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خېلىلا روھلىنىپ قالغاندەك بولۇپ ھۇجرىسىدىن چىقتى.

    باش كۈز ئاپتىپى شۇنچىلىك ئىللىق ئىدى، ئورمانلىقتا ھېلىدىن-ھېلىغا تومۇزغىلار شاراقشىپ سايرايتتى، ھاۋا ئادەتتىكىدىن تاشقىرى تىنجىق ئىدى. يىڭ جېڭ دەھلىزدىن تالاغا قەدەم ئېلىپ بولۇپ بىردىنلا چۆچۈپ توختاپ قالدى، غەيرىيلىغۇ، نېمىنىڭ پۇرىقىدۇ بۇ؟ ئورمانلىق تەرەپتىن نەم توپا پۇرىقى كېلىۋاتامدۇ نېمە؟ توغرا، دەل شۇ! يىڭ جېڭ بىردىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئارقىسىدا كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرغان دېدەكتىن:

    ـــــ يامغۇر ياغدىما؟ ـــــ دەپ سورىدى. دىدەك ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئۇشتۇمتۇت سورىقىدىن چۆچۈپ كېتىپ قالايمىقان باش لىڭشىتتى-يۇ، گەپ قىلالمايلا قالدى. يىڭ جېڭ خۇشاللىقىدىن «ۋاھ» دەپ ۋارقىرىۋەتتى ۋە سەۋدايىلارچە پىرقىرىغىنىچە كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەتتى.

    ـــــ ۋاڭ ۋە! بۇ يامغۇر قاچان ياغدى؟

    ـــــ تۈنۈگۈن كېچە ئۈچىنچى جىسەكتە  بىرپەس شارقىراپ ياغدى!

    ـــــ يەنە ياغارمۇ؟

    ـــــ رەسەتخانىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مۇشۇ ئايدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن!

    ـــــ ئىي پەرۋەردىگارا! ـــــ يىڭ جېڭنىڭ كۆز ئالدىدا يۇلتۇزلار جىمىرلىغاندەك بولۇپ، يەرگە خۇددى لايدەكلا بوشىشىپ يىقىلىپ چۈشتى.

    بىردەمدىن كېيىن ھۇشىغا كەلگەندە، ۋاڭ ۋەن جاۋ گاۋ ۋە قېرى ئوردا ئەمچىسىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك پىرقىراپ يۈرگىنىنى كۆردى. يىڭ جېڭ كۈلكىسىنى يوشۇرالماي قالدى ۋە ئورنىدىن تىك تۇرۇپ:

    ـــــ بارسىلا ئەمچى، ئىشلىرىغا بېرىۋەرسىلە، ھېچ ئىش يوق، بەك خۇشال بولۇپ كېتىۋاتىمەن! ـــــ دېدى قوللىرىنى سىلكىپ خۇشخۇي ھالدا. قېرى ئوردا ئەمچىسى بىرنەرسە دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىدى-يۇ، دېمەكچى بولغانلىرىنى ئىچىگە يۇتۇۋېتىپ كېتىپ قالدى. يىڭ جېڭنىڭ روھى ئۇرغۇپ، دەرھال جاۋ گاۋنى يېزىق شىرەسىنى كۆتۈرۈپ كېلىشكە بۇيرۇدى، ۋاڭ ۋەن خېلى كۈنلەردىن بۇيانقى يىغىلىپ قالغان ئىشلارنى كۈنتەرتىپى بويىچە مەلۇم قىلدى. گەپ ئارىلىقىدا جاۋ ەاۋ بىر قۇچاق بامبۇك تارشىنى شىرەگە يېيىپ، ھولۇققىنىدىن بېشىنى سېلىپ گەپ قىلالمايلا قالدى. يىڭ جېڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈۋىدى، جاۋ گاۋ قورققىنىدىن تىزلىنىپ:

    ـــــ ئالىيلىرى، بارى مانا مۇشۇ، بۇ نەچچە كۈندىن بۇيان ھېچقانداق مەلۇمات يوق، ـــــ دېدى. يىڭ جېڭ ھەيران قالدى، نەزەرى ئۇدۇل ۋاڭ ۋەنگە تىكىلدى. ۋاڭ ۋەن ئالقانلىرىنى جۈپلەپ:

    ـــــ ۋەزىرلىرىچە بولغاندا، ھازىر ئەڭ جىددىي بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ بوش قالغان ئەمەلدارلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، ھەرقايسى مەھكىمىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرمەك لازىم! ـــــ دېدى ھېچقانداق ئىش

    بولمىغاندەك چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ.

    ـــــ بۇ قانداق گەپ ئۆزى؟ چىن بەگلىكىنىڭ مەھكىمىلىرى پالەچ بولۇپ قالمىغاندۇ؟ ـــــ دېدى يىڭ جېڭ ئۇشتۇمتۇت ھەيران بولۇپ.

    ۋاڭ ۋەن سەل ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى ۋە تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ:

    ـــــ چىن بەگلىكى ئەمەلدار-مەنسەبدارلىرىنىڭ ئۈچ~تۆت ئۈلۈشى، چىن بەگلىكى تاپۇغچىلىرىنىڭ ① يەتتە~سەككىز ئۈلۈشىمەشرقلىق زاتلاردۇر؛ كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، مەشرقلىق زاتلارنىڭ ھەممىسى چىن بەگلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، شيەنياڭدىكى ھەرقايسى مەھكىمىلەر قۇرۇقدىلىپ، بەگلىك ئىشلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى، نۇرغۇن ئىشلار قالايمىقانلىشىپ سۈرۈشتۈرىدىغان جاي تاپقىلىمۇ بولمايدۇ؛ نەچچە كۈنلەردىن بۇيان ئوردىدىكى ۋەزىرلەر ئىش بېجىرمەك بولسا ئىلاجسىز لۈ بۇۋېينىڭ تاشلاندۇق باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە يىغىلىشىپ ھەرقايسىسى ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىكى ھۆججەتلەرنى ۋاراقلىشىشقا مەجبۇر بولدى، بۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمىغاچقا باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ ھۆججەت ئامبىرى ئاختۇرۇلۇپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىلدى؛ ناۋادا تۈنۈگۈن كېچە قاتتىق يامغۇر يېغىپ قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى سەل پەسەيمىگەن بولسا، ۋەزىرلەر يەنە داۋاملىق قارىغۇ چىۋىندەك تامدىن تامغا ئۈسۈپ پاتپاراقچىلىقتا قالغان بولاتتى... ـــــ دەپ مەلۇمات بەردى.

    ـــــ ئالتە بەگلىكتىن كېلىپ ئەمەل-مەنسەپ تۇتقانلار ۋە تاپۇغچىلار شۇنچە كۆپمىكەن؟ ـــــ يىڭ جېڭ بۇنىڭدىن چۆچۈپ ئىشەنمەي قالدى.

    ۋاڭ ۋەن ناۋادا كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى چىقىرىلمىغان بولسا، ئۆزىنىڭمۇ چىن بەگلىكى ئەمەلدار-تاپۇغچىلىرى ئىچىدە مەشرقلىقلەرنىڭ زادى قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىدىن كېيىنلا مەشرقلىقلەرنىڭ چىن بەگلىكىگە قانچىلىك چوڭقۇر سىڭىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالغانلىقىنى، يۈز يىللاردىن بۇيان چىن بەگلىكى مەشرقلىقلەرنى چىن بەگلىكىگە كېلىپ ماكانلىشىشقا جەلب قىلىپ كەلگەنلىكىنى، مەشرقتىكى ئالتە بەگلىك تالىبلىرى، دېھقانلىرى، ھۈنەرۋەن-كاسپ، سودىگەر، ئەمەلدارلار چىن بەگلىكىگە كېلىپ مەيلى ماكانلاشسۇن، مەيلى مۇھاجىرەتتە تۇرۇپ قالسۇن، بىردەك ئەزىز مېھمان-زاتلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنغانلىقىنى، مۇھاجىر سودىگەرلەردىن باشقا چىن بەگلىكىگە كەلگەن تالىب، ھۈنەرۋەن-كاسپ، دېھقان-ئەمەلدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى چىن بەگلىكىنىڭ جاي-جايلىرىدا ماكان تۇتۇپ، يېڭى چىنلىقلاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى، دېھقانلاردىن باشقا چىن بەگلىكىگە كىرگەن مەشرقلىق زاتلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئەلەم-قەلەمگە ماھىرلاردىن بولۇپ قالغانلىقلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئاللىقاچان زاۋال تاپقان لۇ بەگلىكى، سۇڭ بەگلىكى، ۋېي بەگلىكى، يۆ بەگلىكى، ۋۇ بەگلىكى، شۆ بەگلىكى، تاڭ بەگلىكى، چېن بەگلىكى قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بەگلىك-تۆرىلىكلەردىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن كاتتا ئۆلىما-ئەللامەلەر كۆپ بولمىسىمۇ ئەمما كۆپىنچىسىنىڭ قابىللاردىن بولۇپ يېتىشكەنلىكلىرىنى، ئۇلار تىرىشچان تۆھپىكارلاردىن بولۇپ، سىپاھگەرلىككە قىزىقمىغان تەقدىردىمۇ مۈلكىيلىككە قىزىقىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان چىن بەگلىكى ئوردا-مەھكىمىلىرىنىڭ قابىل تاپۇغچىلىرىدىن بولۇپ قېلىشقانلىقىنى، يەرلىك چىنلىقلار تېرىقچىلىق بىلەن سىپاھگەرلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، دېھقان، ھۈنەرۋەن-كاسپ بولمىغانلىرىمۇ سىپاھگەرلىككە قىزىقىپ چېرىك-چەۋەندازلاردىن بولۇپ قېلىشقانلىقى، خەت ساۋادى بارلاردىنمۇ ئەمەل-مەنسەپ تۇتقانلار، تاپۇغچى بولغانلار تولىمۇ ئاز بولغانلىقىنى، مانا مۇشۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى مەشرقلىق يېڭى چىنلىقلار تولدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى ۋە مانا بۇ مەشرقلىقلارنىڭ چىن بەگلىكى ئوردا-مەھكىمىلىرىدىكى ئەمەلدار-تاپۇغچىلىرىنىڭ ئۇلى بولۇپ قېلىشقانلىقلىرىنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرى، دېدى.

     ۋاڭ ۋەن يەنە ئۆزىنىڭ مۇشۇ نەچچە كۈندىن بۇيان ھېساب-كىتاب قىلىپ بېقىپ نەتىجىسىدىن چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، يۈز يىللاردىن بۇيان چىن بەگلىكىگە كەلگەن مەشرقلىقلەرنىڭ 23 لەكتىن ئېشىپ كېتىپ، چىن بەگلىكى رەئىيەتلىرىنىڭ تۆتتىن بىر ئۈلۈشىنى دېگۈدەك ئىگىلىگەنلىكىنى؛ پەقەت مېڭ تيەن جەمەتىدىلا

    ئۈچىنچىن ئەۋلاد بولۇپ كۆپەيگەنلەرنىڭ بىر تۈمەن تۈتۈندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى؛ چىن بەگلىكى مەھكىمىلىرىدە جەمئىي بىر تۈمەن ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلدار-تاپۇغچى بارلىقىنى، لەشكەرلەر ئىچىدىكى مەنسەبدارلارنى قوشقاندا ئىككى يېرىم تۈمەنگە يېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە مەشرقلىقلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، لى سى قاتارىدا چىن بەگلىكىگە كىرىپ ئەمەل-مەنسەپ تۇتقان، تاپۇغچى بولغانلارنىڭمۇ يەتتە-سەككىز مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ... قوشۇمچە قىلىۋاتقاندا:

    ـــــ بولدى بەس! ـــــ دەپ ۋارقىرىدى يىڭ جېڭ چېچىلىپ.

    ۋاڭ ۋەن بىر پەس جىمىپ قالدى. ئەسلىدە، ئورۇن تۇتۇپ قالغان ياش بەگكە ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بۇ قاتاردىكى ئىشلارنى مەلۇم قىلغۇسى يوق ئىدى. ئەمما بەگ سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇۋالغاچقا، ئاغزى ئېچىلىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سۆزلەپ كەتتى. ۋاڭ ۋەن ياش بەگنىڭ چېچىلىپلا قالسا غەزەبتىن يېرىلىپ كېتەي دەپ قالىدىغانلىقىنى، غەزەبكە كەلسىلا چېقىن چىقىرىپ گۈلدۈرمامىدەك پارتلاپ كېتىدىغان مىجەزىنى ئوبدان بىلەتتى. بۇنداق چاغدا ئەڭ ياخشىسى جىملا تۇرۇۋالسا، ياش بەگ ئۆزلىكىدىن پەسكويغا چۈشەتتى.

    تۆمۈردەك كۆكىرىپ-بوزىرىپ كەتكەن يىڭ جېڭ ھېچنېمە دېمەي كۇتۇپخانىسىدا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ، تۇنجى قېتىم باش-ئاخىرى يوق چەكسىز چىگىش خىيالغا پاتتى. كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنىڭ مۇشۇنداق يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇ زادىلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئاغابەگلەر بەس-بەستە قايناپ كەتكەچكە، ئۆزىنىڭمۇ كاللىسى قېيىپ، ئالتە بەگلىكتىن كەلگەنلەرنىڭ بارچىسى كۆزىگە لاۋ ئەي، لۈ بۇۋېي، جېڭ گو كەبى خۇپىيە بولۇپ كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى، بۇ دەرىجىدە كوچىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. نەچچە كۈن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ مانا ئەمدى تۇرۇپ، كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى خۇسۇسىدىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپلا كەتكەن ئىدى، بۈگۈن دورغاببەگنىڭ مەلۇماتىنى ئاڭلاپ، يىڭ جېڭ ھەقىقەتەن چۆچۈدى.

    كىچىككىنە بىر كۆكبېشىنىڭ، يەنى بىر خۇپىيەنىڭ بىردىنلا پۈتكۈل ئوردىنى ئۆرە-تېپە قىلىۋېتىشىنى ئەمدى قانداق يىغىشتۇرغۇلۇق؟

    تۇيۇقسىز يىڭ جېڭ ئۆزىنىڭ ئۇسساپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بېشىنىمۇ كۆتەرمەستىن قولىنى سوزدى، ئەمما ئادەتتە قولىنى سوزغان ھامان كەلتۈرۈلىدىغان سوغۇق چاي، ئىسسىق چاي ۋە ئىلىمان چاي قولىغا تۇتقۇزۇلمىدى. بېشىنى شۇنداق بىر بۇرىۋىدى، دەرپەردە كەينىدە سالپىيىپ تۇرغان جاۋ گاۋنىڭ ئەڭنىنىڭ پېشىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ۋە:

    ـــــ شياۋ گاۋزى، كەينىمگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ نېمە قىلىۋاتىسەن؟ مىجەزىڭ يوقمۇ-نېمە؟ـــــ دېدى. جاۋ گاۋ دىرىلدەپ تىترەپ مېڭىپ

    دەرپەردە دالدىسىدىن چىقتى، ئۇ بېشىنى شۇنداق كۆتۈرۈۋىدى، يىڭ جېڭ بۇ ياش ئاغۋاتنىڭ قورقۇمسىراپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلى بىردىنلا بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى ۋە:

    ـــــ شياۋ گاۋزى، بىرەر گېپىڭ بارمۇ-نېمە؟ قېنى سۆزلىمەمسەن؟ ـــــ دېدى چىرايىنى تۈرۈپ.

    ـــــ ئالىيلىرى، شياۋ گاۋزىنىڭ دېگۈسى بار، ئەمما زادىلا پېتىنالمايۋاتىمەن! ـــــ دېدى شياۋ گاۋزى بىردىنلا تىزلىنىپ، يىغلاپ تۇرۇپ. يىڭ جېڭنىڭ بىردىنلا ئاچچىقى تۇتتى، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ تىزلىنىپ تىترەۋاتقان جاۋ گاۋنىڭ قېشىغا بېرىپ بىر تېپىپ جاۋ گاۋنى كەينىگە ئۆرۈۋەتتى، ئاندىن سوغۇق كۈلۈپ:

    ـــــ سەن سولتەكمۇ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىۋاتامسەن نېمە؟ قېنى ئېيت! ئەگەر ئېيتمايدىغان بولساڭ يۈرىكىڭنى سۇغۇرۋېلىپ كۆرۈپ باقىمەن! ـــــ دېدى. جاۋ گاۋ ئارقىغا دۇمىلاپ، يەنە ئالدىغا بىر دومىلاپ، يەردە يېتىپ ھۆركىرەپ يىغلىغىنىچە:

    ـــــ ئالىيلىرى! قۇللىرىنى قوغلىۋەتمىسىلە! قۇللىرى سىلىگە ئەگەشكىنىمگە ئون ئۈچ يىل بولدى، قۇللىرىنىڭ زادىلا كەتكۈسى يوق! ـــــ  دېدى.

    ـــــ ھۇ سولتەك، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ سېنى كىم قوغلاپتۇ؟ كەتكۈڭ بولسا ئىختىيارىڭ، نېمە خاييامدەك يىغلاۋېرىسەن! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ ھەم خاپا بولۇپ ھەم كۈلۈپ.

    ـــــ ئالىيلىرى! ئوردۇبالىقتا كەلگىندىلەر تازىلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار شياۋ گاۋزى دېگەن جاۋ بەگلىكىدىن كەلگەن كەلگىندى، دېيىشىۋاتىدۇ! ئۈچ كۈن بۇرۇن پەرمانچى مېنى دەرھال كېتىشكە بۇيرۇدى، مەن كەتمەي مۆكۈنۈپ يۈردۈم! ـــــ دېدى جاۋ گاۋ يۇم-يۇم يىغلاپ.

    ـــــ ! ـــــ يىڭ جېڭنىڭ يۈرىكى «قارت» قىلىپ قالدى.

    «جاۋ» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ يىڭ جېڭنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى.

    توغرا، جاۋ گاۋ جاۋ بەگلىكىدىن، بەگ ئانا جاۋ جىچۇ؟ ئۇنداقتا ئۆزىمۇ «جاۋجېڭ» ئەمەسمۇ؟ جاۋ بەگلىكىدە تۇرغاق بولۇپ تۇرغان بەگ ئاتىسىچۇ؟ بۇ، چىن بەگلىكىنىڭ يىلتىزىدىن سېسىپ چىرىپ كەتكىنى بولماي نېمە؟ بىردىنلا، ئەينى يىللىرى ۋەلىئەھد تۇرغۇزىدىغان چاغدىكى كونا ئىشلار چاقماق كەبى يىڭ جېڭنىڭ مېڭىسىدە چېقىن پەيدا قىلدى. ئۇ چاغدا، چىن بەگلىكىنىڭ ئاغا بەگلىرى ئۆزىنى نېمە دەپ تىللىۋىدى؟ ھە راست، ئۇلار ئۆزىنى جاۋ بەگلىكىدىن كېلىدىغان شۇملۇقنىڭ بېشى، دەپ تىللىغان ئەمەسمىدى؟ ھەتتا ئۆزىنى «يولۋاس ئېغىز، دوقا ماڭلاي، پالكۆز، كومشا بۇرۇن، تەتۈر ئۇستىخان كالامپاي ، بىرەرسىمۇ تۈزۈكرەك چىنلىقلارغا ئوخشاشمايدۇ، خۇددى غۇزلاردەك يات تائىپىنىڭ ئۆزىلىغۇ!» دېگەن ئىدى. مانا ئەمدى كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى بىلەن جانلىنىپ كېتىشكەن ئاغابەگلەر ئون ئۈچ

    يىلدىن بېرى خۇددى سايىدەك ئۆزىگە ئەگىشىپ خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن ئاغۋاتنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشماپتۇ، كىم بىلىدۇ، ئۆزىدەك سەلتەنەتكە ئولتۇرغىنىغا تېخى ئىككى يىل بولمىغان يېڭى بەگنىمۇ قايتىدىن ئويلىشىش خۇسۇسىدا چوت سوقۇۋاتامدۇ تېخى؟ بىردىنلا ئىنتايىن دەھشەتلىك بىر قارا تۇمان يۈرىكىنى قاماللاپ، بۇرۇختۇرمىلىققا غەرق بولۇۋاتقاندەك بولدى، يىڭ جېڭ ئۆزىنى خۇددى چىن بەگلىكىنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان غايەت زور بىر يالماۋۇزنى قويۇۋەتكەندەك، بۇ يالماۋۇزنى يىڭ جېڭ تىزگىنلىيەلمەيۋاتقاندەك، بۇ يالماۋۇز جاھاننى تىترىتىپ ھۆركىرەپ ئۆزىگە قاراپ ئېتىلىپ كېلىپ، بېشىدا ئەگىپ يۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى ... يىڭ جېڭنى تىترەك بېسىپ تېنى مۇزلاپ كەتتى، گەپمۇ قىلماي جاۋ گاۋنى يۆلەپ تۇرغۇزدى، ئۆزىنىڭ ياغلىقىدا جاۋ گاۋنىڭ يۈز-كۆزىدىكى ياش يۇقۇندىلىرىنى سۈرتتى، شۇنداق بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردىكى، ھېچكىم بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى.

    ئۇشتۇمتۇت كۈن چىقىش قەسر سىرتىدىن ئات تۇيىقىنىڭ ئاۋازى كەلدى.

    ۋاڭ ۋەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى ۋە كۇتۇپخانىدىن چىقماي تۇرۇپ ھەيرانلىقتىن قاققان قوزۇقتەك جايىدا تۇرۇپلا قالدى.

    ئۈستىۋېشى توپىغا مىلەنگەن، قامچىسىنى قاماللاپ تۇتۇۋالغان، چىرايى تۈرۈلۈپ قورقۇنچلۇق تۈس ئالغان بىر سانغۇن چوڭ-چوڭ

    چامداپ ئوردىغا كىرىپ كەلدى.

    ـــــ مېڭ تيەن؟ ـــــ يىڭ جېڭ يەنە جىددىيلىشىپ كەتتى.

    ـــــ ئالىيلىرى، ۋەزىرلىرى شۇ تاپتا خۇاڭخېنىڭ كۈن چىقىش يېقىدىن كېلىشى، مەلۇم قىلىدىغان جىددىي ئىش چىقىپ قالدى!

    ـــــ قېنى تېز ئېيتسىلا! شياۋ گاۋزى، سوغۇق چاي كەلتۈر! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ.

    ـــــ خوپ، ـــــ جاۋ گاۋ توىتىمىغان ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى.

    مېڭ تيەننىڭ ئادەتتىكى قىزىقچىلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، يېپىنچىسىنىڭ قايرىپ كۆن بوقچىسىدىن پېچىتى بۇزۇلمىغان ساغۇچ مىس مەكتۇبداننى يىڭ جېڭغا سۇندى. يىڭ جېڭ ئەزەلدىن قىزىقچىلىققا خۇشتار مېڭ تيەننىڭ شۇنچە سۈرلۈكلىشىپ كەتكىنىدىن سەل خاپا بولغاندەك:

    ـــــ بۇ نېمە؟ ـــــ دەپ سورىدى.

    ـــــ بۇ لى سىنىڭ مەھكىمەمگە ئەۋەتكەن مەخپىي مەكتۇبى ئىكەن، ئۆز قولۇم بىلەن چىن بېگىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتىپتىمىش، ئۇ چاغدا مەن ئاستانىدە بولمىغاچقا، ئىنىم مېڭ يى خۇاڭخېنىڭ كۈن چىقىش يېقىدىكى بارگاھىمغا ئېلىپ بېرىپتۇ؛ مەن ئېچىشقا پېتىنالمىدىم، شۇڭا ئاستانىگە قايتىپ، ئۆمرۈمدە بىر قېتىم

    خەۋەرچى بولدۇم، ـــــ دېدى.

    ـــــ سىلىگە سۇنۇلغان بولغاندىكىن، نېمىشقا ئاچمايدىلا؟ ـــــ دېدى تەلەتىنى تۈرۈپ.

    ـــــ ناۋادا ئادەتتىكى چاغلار بولىدىغان بولسا، ۋەزىرلىرى ئاچقان بولاتتىم، ئەممازە، ھازىر بۇنىڭغا پېتىنالمىدىم! ـــــ دېدى مېڭ تيەن پۇشۇلداپ.

    ـــــ نېمىشقا ئەمدى؟ ـــــ يىڭ جېڭ بەئەينى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يات-يوچۇن بىرىگە يولۇقۇپ قالغاندەك چىرايىنى تۈردى.

    ـــــ چىن بەگلىكىنىڭمۇ ھەممىلا ئادەم ئۆز سايىسىدىن ئۈركۈيدىغان، پۈتكۈل بەگلىك تەۋەسىدە ھەممىلا ئادەم بىر-بىرىدىن گۇمان-ئېھتىيات قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر كۈنلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلىماپتىمەن، مەكتۇبداننىڭ پېچىتىنى ئاچماسلىقىمدىكى سەۋەب دەل مېڭ جەمەتىنىڭ چى بەگلىكىدىن كەلگەن كەلگىندىلەر بولغانلىقىدىندۇر! ـــــ دېدى مېڭ تيەنمۇ تۈزۈت-پۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا.

    بىردىنلا يىڭ جېڭنىڭ كۆزلىرى خىرەلىشىپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، بىرەر قەدەمچە مەڭدەرەپ كەتتى ۋە دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ:

    ـــــ بىركىم سىلى مېڭ تيەندىن گۇمان قىلىۋاتامدۇ-نېمە؟ كىم ئۇ

    مېڭ جەمەتىدىن گۇمان قىلغان؟ ـــــ دېدى.

    مېڭ تيەن قايتا ئېغىز ئاچماي، مىس مەكتۇبداننى سۇنغان پېتى مىدىر قىلماي تۇردى.

    يىڭ جېڭ مىس مەكتۇبداننى جىمجىتلا ئېلىپ، بەگ شىرەسىنى كۈچەك تارتتى، پېچەت سۇرۇخىنى كۈچەپ تارتىپ ئېچىۋىدى، مەكتۇبداننىڭ ئېغىز قاپچۇقى چاچراپ چىقىپ يەرگە چۈشتى. يىڭ جېڭ بىر ئورام تېرە قەغەزنى ئاچتى، قەغەزگە شۇنداق بىر قاراپ ئۆڭى ئۆزگىرىپلا كەتتى، بىر ۋاراقنى كۆرۈپ بولا-بولمايلا:

    ـــــ شياۋ گاۋزى! ـــــ دەپ ۋارقىرىدى، شياۋ گاۋزى خۇددى جىندەك چاققانلىق بىلەن بەگنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىك تۇردى. يىڭ جېڭ دەرھال شياۋ گاۋزىغا بۇرۇلۇپ:

    ـــــ تېز، تۆت ئاتلىق تۆمۈر ھارۋا تەييارلا، خەنگۇ قورۇلىغا بېرىپ لى سىنى توساپ ئالدىمغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىڭلار! جاھاننىڭ ئۇ چېتىدە بولسىمۇ لى سىنى تېپىپ كېلىڭلار! ـــــ دېدى.

    ـــــ خوپ! ـــــ جاۋ گاۋ ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا قۇللۇق بنىلدۈرۈپ ھايت-ھۇيت دېگۈچە كۆزدىن غايىب بولدى.

    ـــــ مېڭ تيەن، قارىسىلا، ئوبدانراق قاراپ باقسىلا ... ـــــ يىڭ جېڭنىڭ پۇت-قوللىرى بوشىشىپ بەگ شىرەسى يېنىغا يىقىلدى.

    ـــــ دورغاب، تېز كېلىپ قارىسىلا! ـــــ مېڭ تيەن يەرگە چۈشۈپ

    كەتكەن ئىككى ۋاراق تېرە قەغەزنى تېرىپ ئېلىپ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى.

    ـــــ كارامەت پاساھەتتە يېزىلغان خەت ئىكەن! ـــــ ۋاڭ ۋەن تېز-تېز كېلىپ تېرە قەغەزنى كۆرۈپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

    ـــــ مەن تېخى كۆرۈپ بولالمىغان ئىدىم، ئوقۇڭلار! ـــــ دېدى شىرەگە يۆلىنىپ تۇرغان يىڭ جېڭ ھاسىراپ تۇرۇپ.

    مېڭ تيەننىڭ تېخىچە روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ۋاڭ ۋەن تېرە قەغەزنى ئېلىپ يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇدى:

    «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى قايتۇرۇۋېلىش خۇسۇسىدا نەسىھەت

    ۋەزىرلىرى لى سى شول خۇسۇستا مۇنداغ مەلۇمات يوللايدۇلەر: خەقلەردىن ۋەزىرلەرنىڭ ئالىيلىرىغا كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى چۈشۈرۈش خۇسۇسىدا تەكلىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئالىيلىرىنىڭ كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش خۇسۇسىدا يارلىق چۈشۈرگەنلىكى بەگلىكنى ئىدارە قىلىشتىكى ناباب تەدبىردۇر ۋە تولا زور سەھۋەنلىكتۇر! چىن بەگلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشى پەقەت قابىل-چەبەرلەرنى ئىشقا قويۇش بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرلەر.ئۆتمۈشتە بۇزرۇكۋار چىن بېگى مۇگۇڭ دانىشمەنلەرنى ئىزدەپ كۈن پېتىشتىكى رۇڭلار ئېلىدىن يۇيۇكنى ئالدۇرۇپ كەلگەنىكەن،  كۈن چىقىشتىكى ۋەندى، دېگەن يەردىن بەيلى شى، دېگەن دانىشمەننى تاپقانىكەن؛ سۇڭ بەگلىكىدىن  جيەن شۇ دېگەن زاتى مۇبارەكنى ئېلىپ كەلگەنىكەن؛ جىن بەگلىكىدىن  پى باۋ، گۇڭسۈن جىلارنى③چاقىرىتىپ كەلگەنلىك خۇسۇسىدا پۈتۈكلەر باردۇر.بۇ بەش ئۆلىما-دانىشمەننىڭ ھېچقايسىسى چىن بەگلىكىدىن ئەمەستۇر. لېكىن بۇزرۇكۋار مۇگۇڭ ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەچكە، ئۇلار ئارقىلىق يىگرىمە ئەلنى ئۆزىگە قارام قىلىپ، كۈن پېتىشتىكى رۇڭلار ئېلىگە خوجا بولغانلەر.  چىن شياۋگۇڭ شاڭ ياڭنىڭ چارە-تەدبىر قوللىنىپ ئەركان-مىزاننى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن پايدىلانغانلەر ھەم بۇنىڭ بىلەن ئاۋام-رەئىيەت بېيىپ، بەگلىك روناق تېپىپ كۈچەيگەنلەر. ئاۋام-رەئىيەتمۇ بەگ ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئىشلەشكە رازى بولغانلەر، باشقا بەگلەرمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ قۇللۇق بىلدۈرگەنلەر. چىن خۇيۋاڭ جاڭ يى، سىما سونىڭ تەدبىر-رىجەلەر كۆرسىتىشى بىلەن ئۈچ دەريا  ۋادىسى بىلەن تۆۋەن كۈنپېتىشتىكى  با ۋە شۇ ئايماقلىرىنى، يۇقىرى ھۇدۇد تەرەپتە شاڭجۈن ئايمىقىنى، تۆۋەن ھۇدۇد تەرەپتىكى خەنجۇڭنى تەسەررۇپىغا ئالىپ، كۈن چىقىش تەرەپتىكى يات قەبىلىلەرنى باش ئەگدۈردىلەر. خۇيۋاڭنىڭ بۇ كارامەت تۆھپىسى تا ھازىرغا قەدەر داۋام ئەتمەكتە.چىن جاۋۋاڭ بولسا بەگ جەمەتىنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازىنى كۈچەيتىپ، تۆرە-تارخانلارنىڭ مەنپەئەت دائىرىسىگە چېقىلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئالتە بەگلىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشتە ئەۋۋەلى راڭ تۆرىسىدىن، ئاندىن فەن سۈيدىن ئوبدان پايدىلانغانلەر. يۇقىرىقى بۇ تۆت ھۆكۈما شۇنچىۋالا زور نۇسرەت قۇچۇشتا پۈتۈنلەي كەلگىندى ئەمەلدارلارنىڭ تۆھپىسىدىن پايدىلانغانلەر.چىن شياۋۋېن، چىن جۇاڭشياڭدىن ئىبارەت ئىككى بەگ زور داۋالغۇشتىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ بەگلىك ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، چىن بەگلىكىنىڭ قۇدرىتىنى ساقلاپ قېلىشتا لۈ بۇۋېي بىلەن سەي زېنى ئەزىزلىگەنلەر. چىن بەگلىكىنىڭ چىن شياۋگۇڭدىن بۇيانقى ئالتە بەگنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد روناق تېپىشىنىڭ سەۋەبى نەدۇر؟ قىلچە شۈبھە-گۇمان يوقتۇرلەركى، ئاشۇ كەلگىندىلەرنىڭ تۆھپىسى ئالامەت زور بولغانلەر. مەشرقلىق قابىل-چەبەرلەرنىڭ زامان-زامانلاردىن بېرى چىن تەسەررۇپىغا كىرىپ چىن تەمىناتىدىن بەھرمەن-مەنپەئەتدار بولۇشى چىنغا سادىق بولۇپ تۆھپە يارىتىپ، ئۆز ئىقتىدار-ئىستېداتلىرىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈندۇرلەر، ئۇلار چىنغا يۈز كېلەلمىگىدەك نېمە قىلدى؟ ئاشۇ كەلگىندىلەرنىڭ چىن بەگلىكى ئالدىدا قانداق تىل قىسىنچىلىقى بار؟ تولا ئەپسۇس، چىن بەگلىكى مانا شۇ قاتاردىكى تۆھپىكار كەلگىندىلەرنى قوغلىماقتالەر! ئالتە ئەۋلاد چىن بەگلىرى ئۆزلىرىگە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ساداقەت بىلدۈرۈپ كەلگەن ئاشۇ تۆھپىكار كەلگىندىلەرنى يەكلىگەن، ئىقتىدار-ئىستېداتلىرىدىن پايدىلانمىغان بولسالەر، چىن بەگلىكىنىڭ ھەرقانچە ئەركان-مىزانى بولغان تەقدىردىمۇ  بەگلىك باي-پاراۋان بولمىغان، قۇدرەت تاپمىغان، چىن بەگلىرى شانۇ-شەۋكەت ساھىبلىرىدىن بولالمىغان بولاتتىلەر.

       كەمىنە  ۋەزىرلىرى چىن تەسەررۇپىغا كىرىپ كۆرگەنلىرىم شۇ بولدىلەركى، ئالىيلىرى قاراقۇرۇم قاش تاشلىرىغا كۆمۈلۈپ ياشاۋېتىپتىلا، سۈي تۆرىسىنىڭ ھېقىق-مارجانلىرى، خېشى تارخانىنىڭ دۇررى-گەۋھەرلىرى، ئۈنچە-مەرۋايىتلىرى خەزىنىلىرىدە تاغدەك دۆۋىلىنىپ نۇر چېچىپ تۇرۇپتۇ. بەللىرىدە ئېسىل شەمشەر-زۇلپىقار قىلىچلار، ئاستىلىرىدا ئۇچقۇر تۇلپار، لەشكەرلىرىدە يېشىل قۇش پەيلىرى بىلەن بېزەلگەن كىمخاب تۇغلار لەپىلدەپ، تىمساھ تېرىسىدە كېرىلگەن دۇمباقلار رەت-رېتى بىلەن گۈمبۈرلەپ تۇرۇپتۇ. بۇ قىممەت باھالىق نەرسىلەرنىڭ بىرەرسىمۇ چىن بەگلىكىدىن چىقمايدىغانلىقى ئالىيلىرىغا بەش قولدەك ئايان بولسىمۇ، ئەمما ئالىيلىرى ئەكسىچە شۇلارغا زىيادە ھېرىسمەن. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر چوقۇم چىن بەگلىكىدىن چىققان نەرسىلەرنىلا ئىشلىتىدىغان ئىش بولسالەر، ئۇ چاغدا تۇم ئاي قاراڭغۇسىدا نۇر چاقناپ تۇرىدىغان گەۋھەرلەر بىلەن ئوردىنى زىننەتلەشكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ كەركىدان مۈڭگۈزى ھەم

    پىل چىشىدىن ئىشلەنگەن ئەسۋابلارنىمۇ كۆرۈپ ھوزۇرلانغىلى بولمايدۇ؛ جېڭ، ۋېي بەگلىكلىرىنىڭ نازىنىنلىرىمۇ ئوردۇبالىقنى تولدۇرالمايدۇ؛ ئۇچقۇر تۇلپارلارمۇ بەگلىك ئاتخانىلىرىنى تولدۇرالمايدۇ؛ تۆۋەن ئىقلىمنىڭ ئالتۇن ياپراقچىلىرىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ؛ كۈن پېتىش شۇ ئايمىقىنىڭ رەڭ-بوياقلىرى بىلەن رەسىم سىزغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئوردۇبالىقنى زىننەتلەش، خەزىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان بايلىقلار، دىلبەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنىڭمۇ ھەممىسى چوقۇم چىن بەگلىكىدىن چىققان بولۇشى كېرەك بولسا، ئۇ چاغدا ۋەن، دېگەن يەردىن چىقىدىغان مەرۋايىتلاردىن ئىشلەنگەن چاچقاداقلار، ئۈنچە كۆزلۈك ھالقىلار، دۇڭئا ناھىيىسىنىڭ دۇردۇن-تاۋارلىرىدىن تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەر، كىمخاب ۋە گۈللۈك ئىپەك بۇيۇملىرىدىن ئىشلەنگەن لىباس بېزەكلىرىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ، رەسم-يوسۇن ئادەتلىرى بويىچە نازاكەتلىك، كۆركەم، گۈزەل ياسىنىۋالغان جاۋ بەگلىكى نازىنىنلىرىمۇ يانلىرىدا تۇرالمايدۇ. چىن بەگلىكى كۈي-قوشاقلىرى سوقما كاھىش، چەكمە كۈپ ۋە يىگرىمەبەشتارغا تەڭكەش قىلىنىپ قۇلاقنى يارغىدەك ۋارقىراپ-جارقىراپ ئېيتىلىدۇلەر. ھالبۇكى، زامانىمىزدىكى چىندا ئالقىشلىنىدىغان كۈي-قوشاقلار، نەغمە-ناۋالارنىڭ بەرى مەشرق بەگلىكلىرىدىن كىرگەن «جېڭ كۈيلىرى»، «ۋېي كۈيلىرى»،

    «ساڭجيەن نەغمىلىرى»، «جاۋ كۈيلىرى»، «يۆ كۈيلىرى»، «ۋۇ ئۇسسۇللىرى»، «شياڭ ئۇسسۇللىرى» كەبى ناھايىتى يېقىملىق، ئىشق قوزغىغۇچى نەغمە-ناۋالاردۇر. بۇنىڭ سەۋەبى نەدۇر؟ چۈنكى بۇلار كۆڭۈلگە ئارام بەخش ئېتىپ، جاننى راھەتلەندۈرىدۇ. مەشرقنىڭ مالۇ-دۇنيا، نەغمە-ناۋالىرى شۇنداق قارىشى ئېلىنغان ئىكەن، ئادەملەر نېمىشقا يەكلىنىدۇ؟ بۇنىڭ مۇۋاپىق ياكى نامۇۋاپىقلىقى سۈرۈشتە قىلىنمىدىلەر، ياخشى-يامان ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چىن بەگلىكىگە كەلگىندى بولسىلا قوغلىۋېتىلدىلەر. نەرسىسىنى ئەتىۋارلاپ ئادىمىنى قوغلاش نەقەدەر پىت كۆزلۈك-ھە! بۇ، بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، بۈيۈك خۇشيانى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاقىلانە تەدبىرى ئەمەستۇر.

    كەمىنىلىرى زېمىن كەڭ بولسا ئامبار ئاشلىققا تولۇر، بەگلىك چوڭ بولسا ئاھالە كۆپ، لەشكەر كۈچلۈك، قابىللار يېتۈك بولۇر، دەپ ئاڭلىۋىدىم. بۇ خۇددى تەيشەن تېغى تۇپراق تاللاپ ئولتۇرماي يۈكسەكلىكتە تەڭداشسىز ئاتالغىنىغا؛ دەريا-ئېقىن، كۆل-دېڭىزلار ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ ئۆزىگە قوشۇلىشىنى رەت قىلماي ئۇلۇغلۇق-چوڭقۇرلۇق تاپقىنىغا؛ دەۋلەت قۇرماق بولغان ئادەم ئاۋام-رەئىيەتنى قەدىرلەپ پازىل-ئەردەملەردىن بولالىغانغا ئوخشاشتۇرلەر. دېمەككىم، زېمىننى يۇقىرى-تۆۋەن، مەشرق-مەغرب ئىقلىم، ئاۋام-رەئىيەتنى يات-ئۆز، دەپ ئايرىمىغاندىلا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى باھار لىباسىغا پۈركىنىپ، تەڭرى پۈتكۈل ئىقلىمغا ئىناق-ئىجىللىق، باي-باياشادلىق ئاتا قىلادۇلەر، مانا بۇ بەش پادشاھ، ئۈچ ئاقساقالنىڭ تەڭداشسىز ئاتالغانلىقىنىڭ تىمسالىدۇرلەر. ھالا بۈگۈنگە يەتكەندە ئالىيلىرىنىڭ كەلگىندى- قابىللارنى قوغلاپ چىقىرىشى رەقىبلەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، مەشرقتىكى بەگلىكلەرنى بېيىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىقلىمدىكى ئۆلىما-دانىشمەنلەر چىنغا ئۆچلۈك قىلىپ چىن بەگلىكىگە يېقىن يولىمايدۇ. پەقىرلىرى ئالىيلىرىنىڭ ئېھتىيات بىلەن ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن!»

    شۇنچە يوغان سارايدا خېلىغىچە تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈردى.

    ـــــ تۈگىدى؟ ـــــ دەپ سورىدى يىڭ جېڭ ئاخىر زۇۋان سۈرۈپ.

    ـــــ تۈگىدى! ـــــ ۋاڭ ۋەنمۇ كېسىپلا جاۋاب بەردى.

    شىرەگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان يىڭ جېڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، قېلىن پاياندازدا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى.

    كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان

    مەھكىمىلەرنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان باش-ئايىقى يوق تۈرلۈك ئالامەتلەر خۇسۇسىدىكى بايىقى مەلۇمات يىڭ جېڭغا خۇددى قورقۇنچلۇق يالماۋۇزدەك تۇيۇلۇپ كەتكەن بولسا، مانا ئەمدى لى سى يوللىغان ماۋۇ «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى قايتۇرۇۋېلىش خۇسۇسىدا نەسىھەت» ئۇنىڭغا كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنىڭ تولا بىمەنە ۋە كۈلكىلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇۋاتاتتى، ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆزىنى جاھىل، پىتكۆز ئادەمدەك ھېس قىلىپ قالدى. بۇلارنى ئويلىغىنىدا يۈزلۈرى خىجىللىقتىن قىزىپ كەتتى. يىڭ جېڭ بالا چاغلىرىدىن باشلاپلا بىلىمىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش ۋە ئىرادىسىنى تاۋلاشتا ئكزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلگەن، ئۇ بۇ جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ھەم خېلىلا تەرسالىقىمۇ بار. سەككىز يېشىدا چىنغا قايتىپ، ئون ئىككى يېشىدا ۋەلىئەھد بولۇپ، ئون ئۈچ يېشىدا سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرغىچە تولىمۇ قىيىن ئەمما داغدام يوللارنى باستى. مول بىلىمى ۋە جاسارەتكە تولغان ئىرادىسى بولمىغان بولسا تەلىيى قانچىلىك ئوڭ بولغان بىلەن بۇ سەلتەنەت تەختىگە چىقالمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەك ئايان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىتاب ئوقۇپ قەلەمدە پىشمىغان، جاپالىق ياراغ مەشقى قىلىپ ئەلەمدە كامالەتكە يەتمىگەن بولسا ئانىسى ئۇنى ئېلىپ چىن بەگلىكىگە كېلەر بولغىيمىدى؟ ناۋادا چىن بەگلىكىگە قايتقاندىن كېيىن جاپالىق مەشقنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆگەنگەنلىرىگە شۈكرى-قانائەتلەر قىلىپ

    يېرىم يولدا بولدى قىلغان بولسا، ئۆزىدەك چىن بەگلىكىگە رەقىب سانىلىدىغان «جاۋ بەگلىكىدىن كەلگەن بالايىئاپەت يىلتىزى» چىن بەگلىكىنىڭ ۋەلىئەھدلىكىگە تۇرغۇزۇلارمىدى؟ ۋەلىئەھد بولغاندىن كېيىن مۇبادا ئوردۇبالىقتىن ئايرىلىپ ئۆزىنى ھۇشيارلىق بىلەن يېتىلدۈرمىگەن بولسا، خانىش-توقاللىقنى ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان چىن بەگلىكىدە سەلتەنەت تەختىگە ۋارسلىق قىلىپ بەگ بولالارمىدى؟  بولالمايتتى، قەتئىي بولالمايتتى. كېيىنكى چاغلاردىكى توققۇز يىللىق قورچاقلىقى نائىببەگ ھامىيلىقىدا ئۆتتى، شۇ كۈنلەردە لۈ بۇۋېي، لاۋ ئەي، بەگئانا بەئەينى ئۈچ چوڭ تاغدەك ئۇنىڭ شىللىسىدىن بېسىپ كەلدى، ئۇ ئاشۇ ناھايىتى قۇدرەتلىك ۋە پاتپاراقچىلىقتىكى ھوقۇق-ئىمتىياز ئىسكەنجىسىدە چىدام-شىجائەت بىلەن چىقىش يولى ئىزدىدى. گەرچە بۇ توققۇز يىل ئۇنى سەلتەنەت ھەكەملىكىدىن مەھرۇم قىلغان بولسىمۇ، ھەرھالدا ئۇ بۇ يىللارنى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشتە چېنىقىش بىلەن ئۆتكۈزدى، بۇ مەزگىلنى ئۇ ھوقۇق-ئىمتىياز ساھىبلىقى تالىشىش قاينىمىنىڭ سىرتىدا ئۆتكۈزدى. بەلكى بۇ توققۇز يىلدا ھوقۇق-ئىمتىياز قاينىمىنىڭ قىيامەت بالالىرىدىن خالىي بولۇپ، بۇ خەتەرلىك چاغلارنى «تۆت ئاتلىق بەگ ھارۋىسى» بىلەن بەگلىك زېمىنىنى كېزىپ چېنىقىش بىلەن ئۆتكۈزدى، بۇ ئۇنىڭ تېزلا پىشىپ-يېتىلىشىگە ياخشى پۇرسەت بولدى. ئۇنداق بولمىغىنىدا، رەسمىي سەلتەنەت ھكەملىكىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن لۈ بۇۋېي بىلەن بولغان ئېلىشىشتا تەلتۆكۈس زەپەر قۇچالمىغان بولاتتى. شۇغىنىسى، بۇ زور زەپەردىن

    كېيىن قاتتىق يىقىلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى، بۇ يىقىلىشتا ئۇ ئەلمىساقتىن كۆرۈلۈپ باقمىغان كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى چۈشۈرۈشتەك بىمەنە، كۈلكىلىك ئىشتىن بىرنى قىلىپ سالدى، ھازىر نېمىلا قىلغان بىلەن كېچىككەن ئىدى.

    مۇھىمى، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمىدۇ؟ ...

    ـــــ بۇ لى سىنىزە، بەئەينى تىغدەك ئۆتكۈر، ئوغىدەك ئاچچىق  سۆزلەيدىغان ئەدەمكەن ئەمەسمۇ! ـــــ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ جىمىپلا كەتكەن يىڭ جېڭغا قاراپ ۋاڭ ۋەن تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى.

    ـــــ شۇنى دېمەملا، ـــــ دېدى جان كىرگەندەك بولۇپ قالغان مېڭ تيەن تەبەسسۇمىنى يوشۇرالماي، ـــــ بۇ لى سى ھەقىقەتەن قاپ يۈرەك ئادەمكەن، چىنلىقلارنى نەغمە-ناۋا، كۈي-قوشاقتا يوق، ئىدىش-كاھىش، ئەبجەق يىگرىمەبەشتاردىن باشقىنى چېلىشنى بىلمەيدۇ، يوتىلىرىغا شاپىلاقلاپ، ۋارقىراپ-جارقىراشنىلا بىلىدۇ، دەپتۇ، بۇنى ئاشۇ ئاچچىقى يامان ئاغابەگلەر بىلىپ قالىدىغان بولسا چايناپ-پۈركۈۋەتمەي قالارما؟

    ـــــ چىنلىقلاردىن قابىللار چىقمايدۇ، چىن بەگلىكىدىن بايلىق چىقمايدۇ، ھەممىنى مەشرقتىكى ئالتە بەگلىكتىن ئۆگەنگەن، دەپ كېتىشلىرىنى قارىمامدىغان، بۇنى چىنلىقلار ئاڭلايدىغان بولسا ئاچچىقتىن ئۆلۈپ قالمىسىمۇ بېرىسى بولىدۇ! ـــــ دېدى ۋاڭ ۋەن مېڭ تيەننىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ.

    مېڭ تيەن تېخىچە قوللىرىنى كەينىگە قىلىپ ئايلىنىپ خىيال سۈرۈۋاتقان يىڭ جېڭغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ مەسخىرىلىك كۈلدى ۋە:

    ـــــ لى سى ئەزەلدىن ئېغىر-بېسىق، ئېھتىياتچان ئادەم ئىدى، بۇ قېتىممۇ خۇددى توشقان ئادەم چىشلىگەندەكلا بىر ئىش قىلىپ قويغىنىنى قارىمامدىغان، ـــــ دېدى.

    ـــــ ئۇ نېمىگە شۇنچە تىتىلدايدىغاندۇ؟ تېخى جېڭ گونى تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭ نېمە گۇناھى بارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەتكىنىگە قارىمامدىغان، بۇ دەريا-ئېقىن ۋەزىرىنى قويۇۋەتكەنلىك ئۇنىڭغا قىلىنغان مېھرى-شەپقەت، ئالەمچە كەڭچىلىك ! ـــــ دېدى ۋاڭ ۋەن ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ.

    ـــــ لى سى قورقۇنچاق-چاكىنىلاردىن ئەمەس، بەلكىم جېڭ گو بىلەن بىللە زىنداندا يېتىشنى قويۇپ بېرىلىشتىن راھەت ھېس قىلغان بولاتتى، ـــــ دېدى مىيىقىدا كۈلۈۋەتكەن مېڭ تيەن بېشىنى چايقاپ.

      ـــــ ھېچ چۈشەنمىدىم! شۇنداقمۇ ئادەم بولامدۇ؟ ـــــ دېدى ۋاڭ ۋەن ھەيران بولۇپ.

    ـــــ بىر ئادەم ئۆز ئېلى، خوتۇن-بالىلىرىنى تاشلاپ، مىڭ بىر مۈشكۈلاتتا ئۆز قابىلىيىتىنى بېغىشلايدىغان يات بىر بەگلىكنى تاللىسا، ئەكسىچە ئۆزى تاللىغان بۇ بەگلىك تەرىپىدىن ئىت ئورنىدا

    مۇئامىلىگە ئۇچراپ تېپىۋېتىلسە، ئويلاپ باقسىلىچۇ، سىلى-بىز بولساق نېمە بولارىدۇق؟ ـــــ دېدى مېڭ تيەن ۋاڭ ۋەنگە رەددىيە بېرىپ.

    ـــــ بولدى قىلساڭلارچۇ! دورغاببەگ، كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى قايتۇرۇۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلىپ مەكتۇب يازغانلار يەنە بارمۇ؟ ـــــ دېدى يىڭ جېڭ تۇيۇقسىز مېڭىشتىن توختاپ.

    ـــــ يوق!

    ـــــ بارگاھتىكى سىپاھلارچۇ؟ ـــــ يىڭ جېڭ شاققىدە مېڭ تيەنگە بۇرۇلۇپ سورىدى.

    ـــــ ئۇرۇش بولىۋاتقاچقا يارلىقنى بارگاھتا جاكارلاشقا تېخى ئۈلگۈرمىدۇق!

    ـــــ تولا ياخشى! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ ئۇلۇغ تىن ئېلىپ، ـــــ قېنى دەڭلارچۇ، لى سى قايتىپ كېلەرمۇ؟

    ـــــ تەس! لى سى نەگىلا بارسۇن بىر ئىستېدات ئىگىسى، ـــــ دېدى ۋاڭ ۋەن بېشىنى چايقاپ.

    ـــــ ناتايىن، جاۋ گاۋ قوغلاپ يېتەلىسىلا، لى سى چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ، ـــــ دېدى مېڭ تيەن ھەم ئىككىلەنگەن ھەم ئۆزىگە قەتئىي ئىشەنگەن ھالدا.

    ـــــ بەلەن گەپ! بىز ئۈچىمىز مۇشۇ يەردە ساقلايلى، لى سى قايتىپ كەلمىگىچە ھېچيەرگە بارمايمىز! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ بوزىرىپ.

    ـــــ ئالىيلىرى، شۇنچە ئىشلار بىرياقلىق قىلىشنى كۈتۈپ تۇرسا، قانداق ساقلىيالايمىز؟ ـــــ دېدى ۋاڭ ۋەن ھەيران بولۇپ.

    ـــــ ساقلايمىز! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ ئولتۇرۇپ شىرەنى توكۇلدىتىپ چەككەچ، ـــــ پالەچ بولدۇق، بولغۇلۇق بولدى، باش ئاغرىسا باشنى، پۇت ئاغرىسا پۇتنى داۋالىماي بولامدۇ؟ بۇ ئىشلارنى قانداق بىرياقلىق قىلىش خۇسۇسىدا ياخشىراق باش قاتۇرۇش زۆرۈر. سىلى ئالدى بىلەن ھەرقايسى مەھكىمىلەرنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ بوش قالغان ئەمەلدارلارنىڭ ئورنىنى ھېسابلاپ چىقسىلا. ئۈچەيلەن بۇ ھەقتە كېڭەشكەچ تۇرايلى، لى سى قايتىپ كەلسە بىللە تەدبىر قىلىمىز. كېلىڭلار! ھاي شياۋ گاۋزى، چاي! قېنى ئەمىسە ئالدىرىماي سۆزلەڭلار!

    ـــــ ئالىيلىرى،كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرامدۇق؟ ـــــ دېدى كۆزلىرىدىن خۇشاللىقى چېنىپلا قالغان مېڭ تيەن.

    ـــــ سىلىچىچۇ؟ ـــــ يىڭ جېڭنىڭ تەرى تۈرۈلۈپ ساڭگىلاپ كەتتى.

    مېڭ تيەنگە ئايان، ياش  بەگ ئۆزىنى سىرداش، مەسلەكداش،

    بىلىدۇ، ئۆزىمۇ كۆڭلىدە نېمە بولسا شۇنى ئۆز ئەينى ئۇدۇللا دەۋېرىدۇ، يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ. ئەمما، بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىغا بولغان قاراش-ماراشلىرىنى ئاشكارا بىلدۈرمىدى. شۇقەدەر ئەقىللىق چىن بېگىنىڭ چوقۇم ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە گەپ ئەگىتىپ ئەزۋەيلەپ كېتىشىنى ئۇنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىقى ئۆزىگە ئايان ئىدى. شۇنداقتىمۇ مېڭ تيەن بۇ ھەقتە  ئېنىق بىر نەرسە دېيىشكە پېتىنالمىدى. چۈنكى، بۇ ئىش بەك مۇھىم ئىشلارغا چېتىلاتتى، يەنى مېڭ جەمەتىنىڭ پۈتكۈل ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ چىن بەگلىكىدە مەزمۇت تۇرۇش-تۇرالماسلىقىغا چېتىلاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ، يىڭ جەمەتىدىكى ئاغابەگلەر بىرلىشىپ مېڭ جەمەتىنى تارتىپ چىقىشتى، ئۇلار ئاللىقاچان تەڭرى رەھمىتىگە كەتكەن بوۋىسى مېڭ ئاۋنى لۈ بۇۋېي بىلەن قىيامەتلىك ئاغىينە، ئۇلار ئۆزئارا دوست تارتىشىپ، بىرى-بىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ جازانى يېنىكلىتىپ مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، چىن بەگلىكى ئەركان-مىزانىنى بۇلغىدى، دەپ قاراپ بۇنى ئەڭ چوڭ جىنايەت ھېسابلاشتى؛ ئاتىسى مېڭ ۋۇنى بولسا لۈ بۇۋېينى دەپنە قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى، ساپلا ئالتە بەگلىكتىن كەلگەنلەرنى سىپاھگەرلىككە قويۇپ، چىن بەگلىكىنىڭ مەخپىيەتلىرىنى ئاشكارىلىۋەتتى، دەپ قاراپ ئىككىنچى جىنايەت ھېسابلاشتى؛ ئاخىردا، ئۆزىگە بولسا چىن بېگىنى قايمۇقتۇردى، دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ، «ياتلارنىڭ نىيىتى دۇرۇست بولمايدۇ» دېگەن

    باھانىدە ئۆزىدىن بىراقلا ھېساب ئالماقچى بولغانلىقى مېڭ تيەنگە بەش قولدەك ئايان، شۇنداق ئەھۋالدا ئۇ قانداقمۇ يېنىكلىك بىلەن كۆڭلىدىكىنى ئۇدۇللا دەۋېتىشكە پېتىنالايدۇ؟ ناۋادا، چىن بېگى ئەقلىنى تېپىپ كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى چورتلا ئەمەلدىن قالدۇرمىسا، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق تۈز كۆڭۈللىكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاغابەگلەرنىڭ ««ياتلارنىڭ نىيىتى دۇرۇست بولمايدۇ» دەپ ئارتقان جىنايىتىنىڭ دەلىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ تاپتا ئۇ ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشنى دەيمەن، دەپ تۇرۇپتۇ، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئېھتىيات ئۈستىگە ئېھتىيات قىلىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىپ تۇرۇپتۇ.

    ـــــ ۋەزىرلىرى بىر ئىشنى دەي، دەپ تۇرغان، بۇ ھەقتە ئالىيلىرى ئېنىق بىر قارارغا كېلىشلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن، ئالىيلىرى ئېنىق قارارغا كەلسە ئاندىن دەيمەن، ئالىيلىرى كۆڭۈللىرىگە ئالمىغايلا!

    ـــــ مېنىڭ قارارىمنى كۈتىۋاتقان قانداق ئىش ئۇ؟ ـــــ دېدى يىڭ جېڭ غەمكىن قىياپەتتە.

    ـــــ ئالىيلىرى، كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى بىكار قىلىش قارارىغا كەلدىلىمىكىن؟

    يىڭ جېڭنىڭ جاۋغايلىرى لىپىلداپ تارتىشىپ كەتتى، ئىچىدە بىر يەرلىرىدىن قانداقتۇ بىر ئاچچىق غەزەب قىمىرلاپ، شۇ تاپنىڭ

    ئۆزىدىلا مېڭ تيەننىڭ بۇرۇنلىرىغا نوقۇپ تۇرۇپ تازا بىر تىللاپ ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولدى. ئەمما نەدىن كەلگەن تاقەتكىن-تاڭ، يىڭ جېڭ يەنىلا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئاچچىقىنى يۇتۇۋەتتى. مېڭ تيەن چاكىنا-قورقۇنچاق ئادەم ئەمەس، بىراۋنىڭ كۆزىگە بېقىپ ئەپۇ تىلەيدىغان يارىماستىنمۇ ئەمەس، قارىغاندا بۈگۈنكىدەك بولۇپ قېلىشىدا چوقۇم بىر قىينىلىدىغان يېرى بار. لى سىنىڭ «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى قايتۇرۇۋېلىش خۇسۇسىدا نەسىھەت» نى تاپشۇرۇپ ئالماستا ھېلىغۇ مېڭ تيەنكەن، ئۆزىمۇ ئۆزى چىقارغان ئاشۇ بىمەنە، كۈلكىلىك يارلىقنىڭ قورقۇنچلۇق سايىسىدە قالغان تۇرسا، ئەجدادى چى بەگلىكىدىن بولغان بۇ مېڭ تيەندىن رەنجىپ نېمە قىلىدۇ؟

    ـــــ شيەنياڭ سانغۇنى، شۇ خۇسۇستا ۋەدە قىلىمەنكى، ـــــ يىڭ جېڭ تۇنجى قېتىم بالىلىقتىكى بۇ مەسلەكداش دوستىغا رەسمىي يوسۇندا سۆزلىدى، ـــــ كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى چوقۇم بىكار قىلىمەن! ۋەزىرىم ناۋادا پەقىردىن گۇمان قىلسا دېمەيلا قويسۇنلار، ئەگەر ۋەزىرىم پەقىرگە ئىشەنسە كۆڭلىدىكىنى ئۇدۇللا دەۋەرسۇنلار!

    ـــــ ئالىيلىرى ... ـــــ مېڭ تيەن تۇيۇقسىز يۈكۈنۈپ بېشىنى ئەگدى، ـــــ چىن بەگلىكىنىڭ ئەمەلدار-تاپۇغچىلىرى پۈتۈنلەي كەتكىنى يوق!

    ـــــ پاھ! ـــــ يىڭ جېڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ يۈكۈنۈپ باش

    ئېگىپ تۇرغان مېڭ تيەننى يۆلەپ تۇرغۇزدى، ـــــ قېنى تېز ئېيتسىلا، بۇ زادى نېمە ئىش؟

    ـــــ ئالىيلىرى، ـــــ دېدى مېڭ تيەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ، ـــــ كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى چۈشۈرۈلگەندە بارگاھتىكى سانغۇنلار لەشكەرلەرنىڭ تەۋرىنىپ قېلىشىدىن كۆپ ئەنسىرەشتى. ھۆرمەتلىك ئالپ سانغۇنىمىز خۇەن خې، سانغۇن ۋاڭ جيەن ۋە مەن ئۈچىمىز بىرلىكتە مەخپىي كېڭىشىپ، ئىككى تۈرلۈك مەخپىي تەدبىر يۈرگۈزدۇق، يەنى بىرنەنچىدىن ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىش چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى ۋاقتىنچە پېچەتلەپ قويدۇق؛ ئىككىنەنچىدىن، ۋەزىرلىرى مىڭ ئۇچقۇر چەۋەندازنى باشلاپ چىن بەگلىكىدىن چىقىدىغان ئۈچ ئاساسلىق يولنى كۆزىتىپ قامال قىلىپ، چىن بەگلىكىدىن ئايرىلماقچى بولغان ئەمەلدار-تاپۇغچى، دانىشمەن-تالىپلارنى توسۇۋالدۇق.  شۇ تاپتا خەنگۇ قورۇلى، ۋۇ گۇەن قورۇلى، دەريانىڭ كۈن پېتىشىدىكى شاۋلياڭدا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ قاللدۇق ...

    ـــــ ياخشى، تولا ياخشى ئىش بوپتۇ! ـــــ مېڭ تيەننىڭ سۆزلەپ بولۇشىنى كۈتۈشكە تاقىتى قالمىغان يىڭ جېڭ ئارقا-ئارقىدىن شىرەنى شاپىلاقلاپ ماختاپ كەتتى.

    ـــــ ئالىيلىرى، ـــــ دېدى مېڭ تيەن يەنە ، ـــــ بىز ئەسلىدە،

    لەشكىرىي ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تالىب-دانىشمەنلەرنى بېقىشنى، سىپاھلار ئارقىلىق دانىشمەن-تالىبلارنى ھېمايە قىلىشنى، بىر ئايدىن كېيىن ئەگەر كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى بىكار قىلىنمىسا سىپاھلار قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالتە بەگلىك تالىب-دانىشمەنلىرىنى مەخپىي قويۇۋېتىشنى كېڭەشكەن ئىدۇق. بۈگۈن ئالىيلىرى كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى بىكار قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىكەن، ۋەزىرلىرى دەريانىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە تېزدىن بېرىپ بىرنەنچىدىن لەشكەرلەرنى خاتىرجەم قىلاي، ئىككىنەنچىدىن تالىب-دانىشمەنلەرنى خاتىرجەم قىلاي!

    ــــ مېڭ تيەن ... ـــــ يىڭ جېڭ بىردىنلا مېڭ تيەننىڭ قوللىرىنى مەھكەم سىقتى.

    ـــــ ئالىيلىرى، خوشلاشتىم ئەمىسە! ـــــ مېڭ تيەن ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ سالام بەقا كەلتۈرۈپ، كەلگىنىدە قانداق سۈر-ھەيۋە بىلەن كەلگەن بولسا يەنە شۇنداق سۈر-ھەيۋىسى بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.

    ئــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــىزاھـــــــــــــــــــــات

    • تاپۇغچى : دۆلەت، بەگلىك مۈلكىي خادىملىرى (مەمۇر)
    • بۇ يەردە ئاغابەگلەر يىڭ جېڭنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى سەككىز چى ئالتە سۇڭ، دەپ   تىللاشقان، ھازىرقى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى بىرلىكى بويىچە بولغاندا 2.86 مېتىر بولغان بولىدۇ، قەدىمقى بىرلىك ھازىرقى بىلەن باراۋەرمۇ-ئەمەسمۇ، بىلگىلى بولمىدى(ت)
    • يۇيۇك،  بەيلى شى، جيەن شۇ، پى باۋ، گۇڭ سۈنجى : ئەمىنىيە دەۋرىدىكى چىن بەگلىكىنىڭ قابىل ۋەزىر-سانغۇنلىرى.

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    7.خۇاشيانى بىرلىككە كەلتۈرۈش نوقانچىلىقى باشلانغانلىقى، چىن بەگلىكى كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتقانلىقى

    كەچكى شەپەق چوغدەك قىزارغان، قىزغۇچ بۇلۇتلۇق تۈن پەردىسىگە پۈركەنگەن خەنگۇ قورۇلىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاخىرقى بۇرغا ساداسى ياڭرىدى.

    ـــــ كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن قەلئە قوۋۇقى تاقىلىدۇ، قوۋۇقتىن كىرىپ-چىققۇچىلار تېز-تېز بولۇڭلار!!! ـــــ سېپىل كۈنگىرىسىدىكى قوۋۇقچى چېرىكلەرنىڭ كۈچەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاخىرقى بۇرغا ساداسىغا قوشۇلۇپ ئىككى تاغ ئارىسىدا ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئەكس سادا قايتۇردى. كۆچمەن پادىچى قەبىلىلەرنىڭ كۆچۈۋاتقان مەنزىرىسىنى ئەسلىتىدىغان باش-ئاخىرى ئۈزۈلمەي كېتىۋاتقان ئات-ھارۋىلىقلار، پىيادە-سالتاڭلار تولۇپ كەتكەن يول خۇددى دەريا ئېقىنىدەك ئېگىز سېپىل قوۋۇقىدىن توختىماي چىقماقتا. ئەمما خەنگۇ قورۇلىدىكى بۇ سېپىل قوۋۇقىدىن كىرىدىغان ئىككى توك-توك چىنلىقلار ئاندا-ساندا ئۇچراپ تۇراتتى. بۇ چىنلىقلار يولنىڭ چېتىدە تۇرۇپ توپ-توپى بىلەن قوۋۇقتىن چىقىپ كېتىشىۋاتقان مەشرقلىقلەرگە ھاڭۋاققىنىچە قاراپ قېلىشاتتى، ھېچكىم ئېغىز ئېچىپ بىرنېمە دېمىدى، بىرەرسىمۇ چىقىپ كېتىۋاتقانلار بىلەن يول تالىشىشقا ئۇرۇنمىدى. قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغان بولسىمۇ چىنلىقلار قوۋۇقتىن كىرىۋېلىشقا ئەمەس بەلكى چىندىن كېتىشىۋاتقان مەشرقلىق بۇ ئادەملەرنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈشكە ئالدىرىشاتتى.

    دەل شۇ چاغدا، سېپىل قوۋۇقى كۈنگىرىسىدىكى قوۋۇقچى چېرىكلەرنىڭ:

    ـــــ قوۋۇق تاقىلىدۇ، قەلئەدىن چىقىپ بولالمىغانلار دەرھال چۈشكۈن قىلىشقا ئالدىراڭلار، ئەتە سەھەردە باش توخۇ چىللىغان ھامان قوۋۇق ئېچىلىدۇ! ـــــ دېگەن ئاۋازى ئاۋازى تېخى بېسىقماي تۇرۇپ قوۋۇقنىڭ ناھايىتى پالاكەت، ئېغىر ئاسما تۆمۈر ئىشىكى چۈشۈرۈلۈشكە باشلىدى. شۇ چاغدا، ناھايىتى ئېسىل نەسىللىك ھەم سېمىز، ھەم ئېگىز ئارغىماققا مىنىۋالغان قىزىل كىمخاب تونلۇق بىر سودىگەر:

    ـــــ چىن بەگلىكى بەك يولسىزلىق قىلىۋاتىدۇ، بىزنى قوغلاش يارلىقى چۈشۈرۈپ تۇرۇغلۇق يەنە قوۋۇقنى تاقىۋېلىپ بىزنى كېچىلەپ يول يۈرگىلى قويمايۋاتىدۇ! بىز قونمايمىز، قوۋۇقتىن چىقىۋالساقلا بولدى! ـــــ دەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى بېسىقىپ تۇرۇشىغا ئادەملەر توپىنىڭ بىردەك قوۋۇقتىن چىقىۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلىپ ۋارقىراشقان ئاۋازى ھەممە ياقنى بىر ئالدى، يېرىم يېپىلىپ بوشلۇقتا توختاپ قالغان يوغان تۆمۈر قوۋۇق ئىشىكى شىددەت بىلەن چىقىپ كېتىشىۋاتقان بۇ ئات-ھارۋىلىقلار، پىيادە-سالتاڭلار ئېقىنىنى ئۈزۈپ قويۇشقا ئامالسىز قالدى. سېپىل كۈنگۈرىسىدىكى قىلىچ ئېسىۋالغان بىر كاھبەگ:

    ـــــ چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى ناھايىتى قاتتىق، قوۋۇق ۋاقتىدا تاقىلىدۇ، بۇنىڭغا رىئايەت قىلمىساڭلار لەشكلىرىي قارارگاھىمىز ئەركان-مىزان بويىچە جىنايەت سۈرۈشتۈرىدۇ! ـــــ دەپ جار سالدى.

    ـــــ چىن ئەركان-مىزانى قاتتىقما؟ بۇرۇنمۇ شۇنداقتىغۇ!

    ـــــ چىن ئەركان-مىزانى شۇنچىلىكلىغۇ !

    پەستىكىلەرنىڭ مازاق قىلىشىدىن ئاچچىقىدا چىچاڭلاپ كەتكەن كاھبەگ قوللىرىنى سىلكىشلەپ، سېپىل كۈنگىرىسىدىكى مۈڭگۈز بۇرغىنى گۈرەن تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم قىسقا-قىسقا پۈۋلىدى، قورۇل سىرتىدىنمۇ جاۋابەن بۇرغا ساداسى كەلدى. بۇنىڭدىن چىن چەۋەندازلىرىنىڭ ھازىرلا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلەتتى. دەل مۇشۇ پەيتتە، تۆت ئات قوشۇلغان بىر يېنىك ھارۋا توپا-توزان پۇرقىرىتىپ قوۋۇق ئىچىدىن ئۇچقاندەك يېتىپ كەلدى. ئولتۇرۇش ئالدىدىكى قۇياش نۇرىدا بۇ ھارۋىنىڭ ئالتۇن رەڭلىرى يالت-يۇلت قىلىپ پارقىراپ نۇر چاقناتتى، بۇنى كۆرگەنلەر بۇ ھارۋىنىڭ ئادەتتىكى ھارۋا ئەمەسلىكىنى پەملەشتى. توپا-توزان بىلەن كېلىۋاتقان بۇ ھارۋىدىن:

    ـــــ بەگ ھارۋىسى قوۋۇقتىن چىقماقچى، قوۋۇقنى تاقىماڭلار!ـــــ دېگەن سادا ياڭرىدى.

    ـــــ قوۋۇق دەرۋازىسى كۆتۈرۈلسۇن! پەستىكىلەر يول بوشىتىڭلار! بەگ ھارۋىسى قوۋۇقتىن چىقماقچى! ـــــ دەپ ۋارقىرىدى كاھبەگ قوللىرىنى پۇلاڭلاتقاچ كاركىراپ.

    ھايت-ھۇيت دېگۈچە پوزۇر بېزەلگەن بولسىمۇ توپا-چاڭغا مىلەنگەن تۆت ئاتلىق يېنىك ھارۋا سۈرەن-شاۋقۇن سېلىپ سېپىل قوۋۇقى ئالدىغا يېتىپ كەلدى، ھارۋىكەش چۇلۋۇرنى تارتىپ ھارۋىنى توختاتتى ۋە:

    ـــــ دەريا-ئېقىن ۋەزىرى لى سى قوۋۇقتىن چىقتىمۇ؟ ـــــ دەپ سورىدى سېپىل كۈنگىرىسىدىن پەسكە قاراپ تۇرغان كاھبەگدىن.

    ـــــ دەستىكىنى تەكشۈردۇق، تېخى ھېلىراقتا قوۋۇقتىن چىقىپ كەتتى! ـــــ دېدى كاھبەگ ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ سالام بەجا كەلتۈرۈشنى ئېسىدىن چىقارماي.

    ھارۋىكەش چۇلۋۇرنى قاتتىق بىر سىلكىۋىدى، تۆت ئاتلىق يېنىك بەگ ھارۋىسى قوۋۇق دەرۋازىسىدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى.

    ھارۋىكەش قەلئە قوۋۇقىدىن چىقىپلا چىندىن كېتىشىۋاتقان ئادەملەر توپىنى ئارىلاپ ماڭغاچ:

    ـــــ دەريا-ئېقىن ۋەزىرى لى سى، ئۇستاز، ئۆزلىرى نەدەەەە !!!!!! ـــــ دەپ سوزۇپ جار سالدى ساز ئاۋازى بىلەن.

    ھارۋىكەش لى سىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاتاپ ھۆرمەت بىلەن ئەمدىلا ئىككى-ئۈچ رەت چاقىرىشىغا، يول ياقىسىدىكى بىر ھارۋىدا ئورنىدىن تۇرغان سودىگەر سىياقتىكى بىر كىشى:

    ـــــ تېخى بايىلا قارا لىباسلىق بىر جاناب تاغ تەرەپكە قاراپ ماڭدى، پەمىمچە تاغقا چىقىپ كەتتىغۇ-دەيمەن، ئېتى مانا بۇ يەردە تۇرۇپتۇ، ـــــ دېدى قوللىرىنى پۇللاڭلىتىپ. ھارۋىكەش ھارۋىسىنى سودىگەر كۆرسەتكەن تەرەپكە دىۋىتىپ بېرىپ، يول بويىدىكى يوغان بىر تۈپ دەرەخكە باغلاپ قويۇلغان چىلان تورۇق ئاتنى كۆردى، ئىگەرنىڭ قۇشبېشىغا كۆك ماتا بوغچا ئېسىلغان ئىدى. ھارۋىكەش ھارۋىسىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، پالاقشىپ دېگۈدەك ئاتنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئىگەرگە ئېسىلغان كۆك ماتا بوغچىنى ئۆرۈپ سىنچىلاپ، سومكىغا كەشتىلەنگەن «دەريا-ئېقىن مەھكىمىسى» دېگەن ئۈچ سۆزنى كۆردى. ھارۋىكەش خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى:

    ـــــ جاۋ گاۋنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمىدى! ـــــ دېدى ۋە خەقلەردىن سوراشتۇرۇپ يۈرمەيلا تاغ تەرەپكە قاراپ چاپتى.

    ھارۋىكەش دەل جاۋ گاۋ ئىدى، ئەمدىلەتىن ئون سەككىز-ئون توققۇز ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ جاۋ گاۋ قىرانىغا يېتىۋاتقان يىگىت بولۇپ، ھارۋا ھەيدەش، ئات كۆندۈرۈش ۋە يۈگرۈش جەھەتتە ئۇنىڭغا يېتىدىغان ئادەم تېپىلمايتتى. جاۋ گاۋنى بىلىدىغان ياش ئاغۋاتلار جاۋ گاۋنى ھارۋا ھەيدەشتە زاۋ فۇدىن، يۈگرۈشتە ئاغا-ئىنى مېڭ ۋۇلاردىن يامان، دېيىشەتتى. زاۋ فۇ جۇ سۇلالىسىنىڭ بەشىنچى پادشاھى، پەرپۇغ مۇ ـــــ مۇ تيەنزى نامىدا مەشھۇر بولغان جۇ مۇۋاڭنىڭ شاھ ھارۋىسىنى ھەيدەيدىغان ھارۋىكەش بولۇپ، ئات كۆندۈرۈش، ھارۋا ھەيدەشتە ھازىرغا قەدەر تەڭداشسىز سانىلاتتى؛ مېڭ بىلەن ۋۇ دەل مۇشۇ يىڭ جېڭ بەگنىڭ ئۇلۇغ ئاتىسىنىڭ ئاكىسى چىن ۋۇۋاڭنىڭ پىيادە ئۇرۇشقا ماھىر كۈچتىنگىر پالۋانلىرى بولۇپ، بىرىنىڭ ئېتى مېڭ بېن، يەنە بىرىنىڭ ئېتى ۋۇ خو ئىدى، بۇ ئىككى پالۋان زادىلا ئات مىنمەيتتى، ھەر قېتىم جەڭگاھقا كىرگەندە بىرى ئوڭ تەرەپتە، بىرى سول تەرەپتە چىن ۋۇۋاڭنىڭ تكت ئاتلىق تۆمۈر ھارۋىسىنىڭ يېنىدا ئۇچۇپ يۈرۈپ، چىن ۋۇۋاڭنىڭ يېنىدىن زادىلا ئايرىلمايتتى. جاۋ گاۋنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىككى تەڭداشسىز مەشھۇرلاردىن قېلىشمايدىغان ماھارىتى بولمىغان بولسا ياش يىڭ جېڭ بەگ قانداقمۇ ئۇنى تۆت ئاتلىق بەگ ھارۋىسىدا لى سىنى قوغلاپ يېتىشكە ئەۋەتسۇن؟ مۇشۇ تاپتا، جاۋ گاۋ بار كۈچى بىلەن تاغ يولى بىلەن ماڭماستىن بەلكى شوخا-چاتقاللار قاپلاپ كەتكەن يامزىلدىن ئۇدۇللا تاغنىڭ چوققىسىنى نىشانلاپ يەلتاپاندەك يۈگرىدى. ھايت-ھۇيت دېگۈچە بولغان ئارىلىقتا جاۋ گاۋ تاغنىڭ چوققىسىغىمۇ يەتتى. ئۇ چوققىدا تۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى، قۇياش ئاستا-ئاستا پېتىۋاتاتتى، ئەمما ئەتراپتا ھېچ ئادەمزاتى قارىسى كۆرۈنمەيتتى.

    ـــــ لى سى ئۇستازززز، ئۆزلىرى تاغقا چىقتىلىمۇۇۇۇۇۇ! ـــــ دەپ ۋارقىرىدى تازا بىر نەپەس ئېلىپ كۈچەپ.

    ـــــ تاغ چوققىسىدا مېنى چاقىرىۋاتقان كىم؟ ـــــ تاغ قاپتىلىدىن ناھايىتى سۇس بىر ئاۋاز كەلدى.

    ـــــ ياشىغايلا ئۇستاز! ـــــ جاۋ گاۋ خۇشاللىقىدا سەكرەپ-ئويناقلاپ دېگۈدەك تاغ چوققىسىدىن ناھايىتى تېز چۈشتى.

    شۇ تاپتا لى سى تاغ قاپتىلىدىكى كىچىكرەك بىر چوققىدا كەچكى شەپەققە پۈركەنگەن خۇاڭخې دەرياسى تۈزلەڭلىكىگە نەزەر تاشلاۋاتاتتى. ئۇ ئىزغىرىن شامال ۋىژىلداپ تۇرغان بۇ چوققىدا تۇرۇپ ئۆز يۇرتۇم چۇ بەگلىكىگە قايتسام بولارمۇ ياكى ۋېي، چى بەگلىكلىرىگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلسام بولارمۇ، دېگەنلەر ئۈستىدە ئوبدانراق ئويلىنىۋالماقچى ئىدى. «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى قايتۇرۇۋېلىش خۇسۇسىدا نەسىھەت» نى يوللىۋەتكەندىن كېيىن لى سىنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇۋاتقان بۇرۇختۇرمىلىق بېسىققاندەك بولدى. شيەنياڭدىن ئۇدۇل كۈن چىقىش تەرەپكە يول ئېلىپ، سەپەر ئۈستىدە مەشرقلىق سودىگەرلەرنىڭ سەل كەبى چىن بەگلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىۋاتقان مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، بۇ ھال لى سىغا تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى، مىجەزىمۇ بارغانسېرى خۇشخۇيلۇقىنى يوقاتتى. ناۋادا ئۇ سىرتقا كۆرۈپ كېلىشكە چىقىپ، خەنگۇ قورۇلىدىكى بىر چىنلىقنىڭ سارىيىدا ھورنان يېگەچ بىللە تاماق يېگەن سودىگەرلەردىن خېلىدىن بېرى بىلىشكە قىزىقىپ كەلگەن ئىشلارنى سوراپ-سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمىغان بولسا، ئاللىقاچان چىن بەگلىكىدىن چىقىپ ئۇزاپ كەتكەن بولاتتى.

    ـــــ ئۆزلىرى بۇ يەردەكەنلا-دە ئۇستاز! جاۋ گاۋ ئالدىلىرىغا سالامغا كەلدىم!

    لى سى چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى، ئارقا تەرەپتىن كەلگەن بۇ قاۋۇل-قاراماتاق يىگىتنىڭ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ تۇرغىنىنى كۆرۈپلا بايىقى ئاۋازنىڭ خىيالىي سەزگۈسى ئەمەسلىكىگە ئىشەندى. لى سى بىردىنلا چىن بېگىنىڭ سايىسىدىن ئايرىلمايدىغان جاۋ گاۋ ئىسىملىك بىر ھەرەم ئاغىسى بارلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ يۈرەكلىرى تېز-تېز سوقۇپ كەتتى، ئۇ بەگ كېمىسىدە يىڭ جېڭ بەگ بىلەن مۇلاقاتتا بولغاندا بۇ ئاغۋاتقا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىدى،  مانا ئەمدى بۇ ھەرەم ئاغىسىنى كۆرۈپ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ سالام بەردى ۋە:

    ـــــ كەمىنىلىرى دەل لى سى بولىمەن، مالال كۆرمىسىلە ئۆزلىرىنىڭ پەقىرنى نېمە ۋەجدىن ئىزدەپ كەلگەنلىكلىرىنى سوراپ باقسام بولۇرمۇ؟ ـــــ دەپ سورىدى.

    ـــــ پەقىر جاۋ گاۋ چىن بېگىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇستازنى ئوردىغا قايتۇرۇپ كەتكىلى كەلدىم!

    ـــــ بەگنىڭ بۇ خۇسۇستا يارلىقى بارمىكىن؟

    ـــــ بەكلا ئالدىراشلىقتا يولغا چىقىپ قالدىم، بۇنىڭغا پەستىكى بەگ ھارۋىسى دەلىلدۇر!

    ـــــ پەستىكى ئاۋۇ تۆت ئاتلىق مىس لەمپىلىك ھارۋا شۇ بولمىغاي يەنە ؟

    ـــــ دەل ئكزى شۇ!

    ـــــ ئالىيلىرى پەقىر لى سىنىڭ مەكتۇبىنى كۆردىمۇ؟

    ـــــ كەمىنىلىرى يولغا چىقىدىغان چاغدا مەكتۇبلىرىنى يېرىمىنى ئوقۇپ بولا-بولمايلا دەرھال ئۇستازنى زېمىننىڭ ئۇ چېتىدە بولسىمۇ تېپىپ قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك، دېدى!

    ـــــ بولدى دېمەيلا قويسىلا، ـــــ دېدى لى سى تۇيۇقسىز قوللىرىنى سىلكىپ، ـــــ يۈرسىلە، تاغدىن چۈشەيلى!

    ـــــ ئۇستاز، كەلسىلە سىلىنى  يۈدۈپ تاغدىن چۈشۈرەي، ئۇستازنىڭ تاغ يولىدا يۈرۈشى ماڭا يەتمەيدۇ! ـــــ دېدى جاۋ گاۋ ئالقانلىرىنى جۈپلەپ ئۆزرە بىلدۈرۈپ. لى سى بىر نېمە دەپ بولغىچە جاۋ گاۋ ئۇنى لىككىدە ھاپاش قىلىپ مەزمۇت دەسسەپ تاغدىن چۈشتى. جاۋ گاۋ لى سىنى يۈدۈۋالغاچقا، ئىلگىرى ماڭغانلارنىڭ ئىزىنى دەسسەپ يۈرۈپ تاغدىن چۈشتى. ئەگرى-بۈگرى تاغ يولى سەل يىراقراق بولسىمۇ ئەمما شوخا-چاتقاللىق يامزىلغا قارىغاندا مېڭىش ئاسانراق ئىدى، جاۋ گاۋ لى سىنى يۈدۈپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ خۇددى تۈز يولدا كېتىۋاتقاندەك ناھايىتى تېز ماڭدى، بىرەر ئاش پىشىمى ئۆتە-ئۆتمەي ئۇ لى سىنى يۈدۈگەن پېتى تاغدىن چۈشۈپ بولدى.

    ـــــ ئۇستاز، مانا بۇ بەگ ھارۋىسى! ـــــ دېدى جاۋ گاۋ پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ.

    ـــــ ھەقىقەتەن قاۋۇل ئەزىمەت ئىكەنلا، چىن بېگىنىڭ كۆزى ھەقىقەتەن ئادەم تونۇيدىكەن، ـــــ دېدى لى سى يەرگە چۈشۈپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي جاۋ گاۋنى ماختاپ.

    ـــــ چىن بېگىنىڭ ئۇستازغا ئىگە بولغانلىقىنى ھەقىقىي ئادەم تونۇشنى بىلدى، دەيمىز! ـــــ دېدى جاۋ گاۋ كەمتەرلىك بىلەن.

    لى سى تالىب-دانىشمەنلەر پەس كۆرۈپ ياراتمايدىغان ياش ئاغۋاتنىڭ بۇ قەدەر چىقىشقاق ئىكەنلىكى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى، لى سى ئۇنى بىرنەچچە ئېغىز ماختاپ تازا بىر ئۇچۇرۇپ قوياي دېگىچە جاۋ گاۋ تېزلا نېرىدا قاڭتۇرۇغلۇق تۇرغان لى سىنىڭ چىلان تورۇق ئېتىنى يېشىپ كەلدى. جاۋ گاۋ لى سىنىڭ قۇشبېشى ئىگىرىگە ئىلىپ قويۇلغان كۆك ماتا بوغچىسىنى ئېلىپ كېلىپ بەگ ھارۋىسىغا قويدى، ئاندىن چىلان تورۇق ئاتنى ھارۋىنىڭ كەينىگە باغلاپ، لى سىغا بۇرۇلدى ۋە ئېگىلىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ:

    ـــــ ئۇستاز، قېنى ھارۋىغا مەرھەمەت قىلغايلا! ـــــ دېدى.

    لى سىنىڭ تومۇر-تومۇرلىرىغا بىر خىل ئىللىق ئېقىم يۈگرۈشتى، يۈزلىرى ۋىللىدە قىزىشىپ كەتتى، ئۇ دەرھال يوغان قەدەم ئېلىپ ھارۋىغا چىققىلى تەرەددۈتلەندى.

    دەل مۇشۇ چاغدا، تۇيۇقسىز قىزىل كىمخاب تونلۇق بىر سودىگەر ئېتىلىپ كېلىپ لى سىنىڭ پېشىنى تاتىپ توختاتتى ۋە:

    ـــــ جانابلىرى، بىز مەشرقلىقلارغا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا بوپتىكەن، بۇ زادى قانداق گەپ ئۆزى؟ بەگ ھارۋىسى كۈن ئولتۇرغاندىمۇ قەلئەدىن چىقسا بولىدىكەن-يۇ، بىزلەرگە نېمىشقا بولمايدىكەن؟ تېخى ھەممىسى چىن ئەركان-مىزانى بەك قاتتىق، پۈتكۈل بەگلىك تەسەررۇپىدا بىرلا ئەركان-مىزان بار، دېيىشىدىكەن، بۇ قانداقمۇ بىرلا ئەركان-مىزان بولسۇن؟ ئىككى خىل ئەركان-مىزانلىقى ئېنىقلا تۇرمامدۇ؟ بۇ مەشرقلىق زاتلارنى ھاقارەت قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ يېرىم ئاش پىشىمىغىچە قوۋۇق ئېچىلغان ئىكەن، نېمىشقا بىزلەرنى چىققىلى قويۇشمايدۇ؟ ـــــ دېدى بىرمۇنچە ئەزۋەيلەپ. قىزىل كىمخاب تونلۇق سودىگەر ئەزۋەيلەپ تۇرغان شۇ ئەسنادا، سېپىل سىرتىدىكى سودىگەرلەر تۇشمۇ-تۇشتىن كېلىپ كوتۇلدىغىلى تۇردى، ئۇلارنىڭ ئوزايىدىن لى سى بىرەر نېمە دېمىسە كەتمەيدىغاندەكلا قىلاتتى. لى سى ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشەندى، خەنگۇ قورۇلىنىڭ سېپىل قوۋۇقى كاھبېگى بەگ ھارۋىسىنىڭ قوۋۇقتىن يېنىپ كىرىشىنى ساقلاپ تۇرغاچقا، سېپىل قوۋۇقىنى تاقىمىغان ئىدى، بۇ ئارىدا خېلى كۆپ كىشىلەر قوۋۇقتىن چىقىۋېلىشتى؛ مانا ئەمدى بولغاندا، قوۋۇق كاھبېگى بەگ ھارۋىسىنىڭ قوۋۇقتىن كىرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھازىردىن باشلاپ قوۋۇقنى چۈشۈرۈپ تاقايدىغانلىقى خۇسۇسىدا جار سالدى؛ بۇ چاغدا بىرمۇنچە مەشرقلىق سودىگەرلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېرىمى قوۋۇق ئىچىدە، يېرىمى قوۋۇق سىرتىدا قالغاچقا، تىت بولۇشۇپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشىپ كېتىشكەن ئىدى؛ بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن بۇ يەرگە ئەركان-مىزان ئىجرا قىلىشقا كەلگەن شىرمەت-چەۋەندازلارمۇ قاتتىق قوللۇق قىلىپ بەگ ھارۋىسىنىلا كىرگۈزۈشكە ساقلاۋاتقانلىقىنى، يەنە كىمەرسەكىم بايىقىدەك چىن ئەركان-مىزانىنى كۆزگە ئىلماسلىققا پېتىنسا شۇنى خۇپىيە، دەپ قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇشتى.

    ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئارىلىقىدا ئالدىرىغىنىدىن تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتقان جاۋ گاۋ ئاچچىقىنى باسالماي ئۈنىنى پەس چىقىرىپ «خاييامدەكلا ئىش قىلىشتىغۇ بۇ خەق» دەپ تىللىغىنىچە قامچىسىنى قارسىلدىتىپ ھارۋىنى ھەيدىمەكچى بولدى.

    ـــــ توختىسىلا ئىنىم، ـــــ دېدى لى سى جاۋ گاۋغا ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ـــــ بۇ دېگەن كىچىك ئىش ئەمەس، كىچىككىنە توختاپ تۇرسىلا!

    بۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ تۈن پەردىسى يېيىلغان ئىدى، سودىگەرلەر مەشئەل يېقىشىپ دەۋرىشىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئەپتى-ئوزايىدىن خۇددى چىن بەگلىكىنىڭ شىرمەت-چەۋەندازلىرى بىلەن تىركىشىپ قالىدىغاندەك ئەلپاز چىقىپ تۇراتتى. لى سى بۇنى توغرا پەملەپ، دەرھال كىشىلەر توپىغا قاراپ قوللىرىنى پۇللاڭلىتىپ:

    ـــــ پەقىرلىرى لى سى ئەسلىدە چىن بەگلىكىنىڭ دەريا-ئېقىن ۋەزىرى ئىدىم، ئۆزۈم  چۇ بەگلىكىدىن بولىمەن، ھەرقايسىلىرىدەك قوغلاندى قىلىنغانمەن! ھەرقايسىلىرىنىڭ بىرنەچچە ئېغىز ھەق سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ تۇرۇپتىمەن، ـــــ دېدى ئاۋازىنى بولۇشىغا كۆتۈرۈپ.

    ـــــ ھەق ئېيتتىلا، بىزلەرمۇ شۇ ھەق سۆزگە تەشنامىز، ئۆلۈمدىن قورقۇشىمىز يوق! ـــــ دەپ ۋارقىرىدى قىزىل كىمخاب تونلۇق سودىگەر.

    ـــــ ئۆلۈكىمىز خەنگۇ قورۇلىدا قالسىمۇ پەرۋايىمىز پەلەك! ئۇستاز قېنى ئېيتسىلا! ـــــ دېدى سودىگەرلەر بىردەك قىزىل كىمخاب تونلۇق سودىگەرگە ئەگىشىپ.

    ـــــ ھەرقايسىلىرىنىڭ چىن بەگلىكىدە سودا-تىجارەت بىلەن بولۇپ تۇرۇپ قالغانلىقلىرىغىمۇ خېلى يىللار بولدى ھەقاچان، شۇڭا چىن ئەركان-مىزانىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئاز-تولا خەۋەردار بولۇشۇڭلار كېرەك ئىدى، خەنگۇ قورۇلىنى ساقلاۋاتقان لەشكەرلەرنىڭ بۇيرۇق بويىچە ئەركان-مىزان ئىجرا قىلىشتىن باشقا ھوقۇقى يوق، ئۇلار كېچىدە قوۋۇقنى ئېچىشقا پېتىنالمايدۇ. بۇ يۈز يىللاردىن بۇيان مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن، ئەينى يىلى مېڭ چاڭ تۆرە چېغىدا قورۇل سىرتىغا بارگاھ تىكىپ چۈشكۈن قىلغان، بۇنى بىزلەرنىڭ بىلگۈچىلىكىمىز يوقمۇ؟ ھەر قايسىڭىزلەرنىڭ كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىغا قاتتىق ئاچچىقى بارلىقىنى بىلىمەن! ئەمما شۇنى بىلىشىڭىزلەر كېرەككى، غەلىتە ئىشلار ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ. ئوچۇقىنى دەۋېرەي، پەقىر لى سى بەگكە كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى تەھلىل قىلىپ مەكتۇب يوللىغان ئىدىم. چىن بېگى پەقىرنىڭ «كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى قايتۇرۇۋېلىش خۇسۇسىدا نەسىھەت»ىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەگ ھارۋىسىنى مېنى قايتۇرۇپ كەتكىلى ئەۋەتىپتۇ! پەقىر شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئون كۈنگە قالماي چىن بېگى كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى بىكار قىلىدۇ! ھەرقايسىڭىزلەر پەقىر لى سىغا ئىشەنسىڭىزلەر، چىن بەگلىكىدە داۋاملىق سودا-تىقارەت قىلىش نىيىتىڭىزلەر بولسا، قورۇل ئىچى-سىرتىدا بەش-تۆت كۈن ساقلاپ تۇرغايسىزلەر، كېتىپ قالمىغايسىزلەر! شيەنياڭ يەنىلا مەشرقلىق سودىگەرلەر تاللايدىغان بىرىنچى كاتتا بازاردۇر! ـــــ دېدى لى سى ئالقانلىرىنى جۈپلەپ ئورنىدا تۇرۇپ بىر پىرقىراپ ئەتراپىدىكى سودىگەرلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ يۇقىرى ئاۋازدا.

    ـــــ جانابلىرى، دېگەنلىرى راستمۇ؟ ـــــ مەشئەل كۆتۈرۈۋالغان ئادەملەر توپىدىن قىيقاس-چۇقان كۆتۈرۈلدى.

    ـــــ مانا بەگ ھارۋىسى بۇ يەردە تۇرۇپتۇ، ئەلۋەتتە راست بولىدۇ-دە! ـــــ جاۋ گاۋمۇ گېلىنى قىرىپ يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىستۇرۇپ قويدى.

    ـــــ جانابلىرىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق! بىزلەر بەش-تۆت كۈن تۇرساق قاندا دەيسىزلەر؟ ـــــ دېدى قىزىل كىمخاب تونلۇق سودىگەر ئەتراپىدىكىلەرگە ۋارقىراپ.

    ـــــ بەلەن گەپ بولدى، چۈشكۈن قىلىپ ساقلايلى!

    ـــــ كەتمىدۇق ئەمىسە! ھېلىمۇ ياخشى قورۇلدىن چىقىپ كەتمەپتىكەنمىز!

    قىزىل كىمخاب تونلۇق سودىگەر لى سىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ سالام بەردى ۋە:

    ـــــ كەمىنىلىرى تيەن خېڭ بولىمەن، جانابلىرىنىڭ يول كۆرسەتكەنلىكلىرىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن! ـــــ دېدى.

    ـــــ چى بەگلىكىدىكى تيەن جەمەتىگە قايىلمەن! كەمىنىلىرى خوشلىشاي ئەمىسە! ـــــ دېدى لى سىمۇ سالامغا جاۋابەن ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ.

    جاۋ گاۋ چۇلۋۇرنى بىر سىلكىۋىدى، تۆت ئاتلىق بەگ ھارۋىسى مەشئەل دېڭىزىدىن ئۇچقاندەك ئۇزاپ بوسۇغا ئاتلاپ قورۇل ئىچىگە كىرىپ كەتتى. قوۋۇقنىڭ ئېغىر تۆمۈر ئىشىكى ئاستا-ئاستا چۈشۈرۈلدى، ئەمدى قورۇل ئىچى-سىرتىدا لەنەت-نەپرەتلىك تىللاشلار ئورنىغا كۈلكە-چاقچاقلار ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. خەنگۇ قورۇلىنىڭ ئىچكىي قوۋۇقىدىن چىقىشى بىلەنلا جاۋ گاۋ «ئۇستاز، چىڭ ئولتۇرغايلا» دېگىنىچە تۆت ئارغىماقنىڭ چۇلۋۇرىنى تەڭلا سىلكىۋىدى، بەگلىك يولىدا ھارۋا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى، قۇلاق تۈۋىدە ھۇشقىيتقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بەشىنچى جىسەكتىكى خوراز چىللىغان مەھەلدە، بەگ ھارۋىسى ئاستانىدىكى ئوردۇبالىققا يېتىپ كەلدى.

    چولپان يۇلتۇزى سەھەر كۆكىدە جىمىرلاپ تۇراتتى، گىرىمسەندىكى ئوردۇبالىقنىڭ كۈن چىقىش قەسىرىدىكى بەگ كۇتۇپخانىسىدا چىراق يورۇق ئىدى. مىس لەمپىلىك ھارۋا ئەمدىلا ھارۋا مەيدانىدا توختاپ تۇرۇشىغا، ناھايىتى ئېگىز بىر گەۋدە تېز-تېز مېڭىپ كېلىپ:

    ـــــ شياۋ گاۋزى، ئۇستازنى ئېلىپ كېلەلىدىڭمۇ؟ ـــــ دەپ سورىدى.

    ـــــ ئېلىپ كەلدىم ئالىيلىرى! ـــــ دېدى جاۋ گاۋ خۇشال ھالدا.

    ـــــ ھارۋىدا ئولتۇرغان لى سى يىڭ جېڭنىڭ سايىسىنى ئاللىقاچان كۆرگەن ئىدى، شۇڭا ئوپۇل-توپۇل ھارۋىدىن چۈشۈپ، بەگنىڭ ئالدىغا باردى.

    ـــــ ئۇستاز!

    ـــــ ئالىيلىرى ...

    ـــــ ناۋادا ئۇستاز مەكتۇب يوللىمىغان بولسالەر، پەقىر يىڭ جېڭ تارىختىكى ھاماقەت بولۇپ قالاركەنمەن، ـــــ دېدى يىڭ جېڭ ئېگىلىپ تازىم قىلىپ.

    ـــــ ۋېيشۈي دەرياسىدىكى تۈن مۇلاقاتلىرىنى ۋەزىرلىرى بىرەر دەقىقىمۇ ئۇنۇتمىدىم، ئەگەر ئالىيلىرىنىڭ غايە-ئىرادىسىنى بىلمىگەن بولسام، مەكتۇب يوللاشقا پېتىنالامتىم؟ ۋەزىرلىرى شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى ئالىيلىرىنىڭ غايە-ئىرادىسىگە مۇخالىپتۇر، شۇڭا ئالىيلىرىنى غەپلەتتىن ئويغىتىدىغانغا ئادەم بولۇشى كېرەك! ـــــ دېدى لى سىمۇ ئېگىلىپ تازىم بەقا كەلتۈرۈپ.

    ـــــ ئۇستاز، بۇ ئويلىرىنى نېمىشقا مەكتۇبلىرىدا ئېنىق يازمىدىلا؟

    ـــــ بۈيۈك ھەقىقەتنى مەكتۇبتا يېزىش بىھاجەت!

    ـــــ ئۇستاز، تەلىم بەرگەيلا!

    ـــــ خۇاشيانى بىرلىككە كەلتۈرمەك بولغانلار كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتماقلىقى زۆرۈردۇرلەر! ـــــ دېدى لى سى ھەر بىر سۆزنى ناھايىتى ئۇرغۇ بىلەن ئېنىق-ئېنىق قىلىپ.

    ـــــ جاھاننىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى، سەلتەنەت ئىدارە قىلىش تەدبىر-رىجەلىرىنىڭ چەكسىزلىكىنى ئۇستازغا يولۇقۇپ ئاندىن بىلدىم! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ بىر ھازا جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىر ئۇھ تارتىپ.

    ـــــ چىن بېگى ئەسلىدىمۇ ناھايىتى دانادۇر!

    ـــــ يۈرسىلە! ئۇستازنى بىر يۇيۇندۇرايلى!

    ـــــ يىڭ جېڭ لى سىنى تارتىپ، چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەتتى.

    ئــــــــــــــــــــــــــــىزاھــــــــــــــــــــــــــــــــات

    ئۇلۇغ ئاتا : بوۋىسىنىڭ ئاتىسى (تەرجىمان)

    ئىككىنچى باب جىڭخې دەرياسىدىن ئۇلۇغ سۇ باشلاشقا تۇتۇش قىلىنغانلىقى

    1. ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاش قۇرغاقچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ تەدبىرى بولۇپ قالغانلىقى

    سەككىزىنچى ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياغقان ئوتاق يامغۇرىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي جىڭخې دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش قىرغىقى بىلەن ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ يۇقىرى قىرغىقىدىكى جىلغىدا قىزغىن قاينام-تاشقىنللىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

    گۇەنجۇڭ ۋادىسىدىغا جايلاشقان ھەرقايسى ناھىيەدىكى ئاۋام-رەئىيەت خۇددى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئۇلۇغ سۇدەك تۇشمۇ-تۇشتىن جىڭخې دەرياسىنىڭ خۇكو جىلغىسىغا، جىڭخې دەرياسى جىلغىسىغا ۋە ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ يۇقىرى قىرغىقىدىكى ئېگىزلىكتە سوزۇلۇپ ياتقان قۇرغاق تۆپىلىكلەرگە توپلاندى. گۈەنجۇڭنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى تاغلىقتىن باشلانغان جىڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن تاكى گۈەنجۇڭنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى جىڭخې دەرياسىنىڭ ۋېيشۈي دەرياسىغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان بەش يۈز چاقىرىم ئارىلىقنىڭ ھەممىلا يېرىگە چېدىرلار تىكىلدى، ھەممىلا يەر ئات-كالا ھارۋىلىرى، ئادەملەر ۋە ئات-ئۇلاغلار بىلەن تولۇپ كەتتى، ھەر بىر چېدىر ئالدىغا ياسالغان ئوچاقلاردىن تاماق ۋاقتىدا تەڭلا ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلدى، ھەممىلا

    يەرگە تۇغ-ئەلەملەر قادالدى، شۇ تاپتا بۇ بىپايان ۋادا ئەلمىساقتىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان غايەت زور لەشكەرلەر بىلەن تولغان جەڭگاھ بارگاھىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بۇ قەدەر داغدۇغا، ئەس-ئەسەلەرنى كۆرگەن يەرلىك چىن رەئىيەتلىرى بۇ قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە ھەققىدە مەمەدانلىق قىلىشىپ،«ئەينى يىللىرى چاڭپىڭدىكى ئۇرۇشقا ئون لەك پۇقرا سەپەرۋەر قىلىنىپ خۇاڭىې دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىگە بارغاندىمۇ ھازىرقىدەك مانداق داغدۇغىسى بولمىغان ئىدى، يېڭى چىن بېگى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن، دېيىشسە»، چىن بەگلىكىگە كۆچمەن بولۇپ يەرلىشىپ چىنغا پۇقرادارچىلىق قىلىۋاتقان چىنلىقلار «يەنىلا ۋەزىر لى سىنىڭ مەكتۇبى قالتىسكەن، ناۋادا كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى ئىجرا قىلىنىۋېرىپ، مەھكىمىلەر قۇرۇق پېتى قېلىپ پالەچ بولۇپ قالغان بولسا، بۇ قەدەر ئادەم دېڭىزى بولارمىدى؟» دېيىشتى. يېڭى چىنلىقلارنىڭ لى سىنىڭ تەرىپى ئېلىنغان رەددىيەلىرىگە چىدىماي قېلىشقان يەرلىك چىنلىقلار «چىن بېگى كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى بىكار قىلمىغان بولسا، ئاۋۇ لى سى كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرار بولغىيدى-شۇ؟» دېيىشسە، يېڭى چىنلىقلارمۇ بوش كەلمەي «لى سى كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇشنىغۇ تۇراتتى، ئەمما چىن بېگىمۇ كۆزلىرىنى تېخىمۇ بەكرەك پارقىرىتىپ قاراپ تۇرغان بولارىدى!» دېيىشتى. چىنغا يەرلەشكىلى نەچچە ئەۋلاد بولغان، يەرلىكمۇ ئەمەس، كۆچمەنمۇ ئەمەسلەر بولسا «نېمانداق كوت-كوت نېمىلەروي سىلەر؟ كوتۇلداۋېرىپ ئاغزىڭلار تالمىدىما؟  لى سىنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى جايىدا بولدى، چىن بېگىنىڭ گەپ يەپ ئانىڭدىن  ياخشى قىلدى، بۇلاردىن بىرى كەم بولسا بولمايتتى! لى سى دېمىگەن بولسا، بەگمۇ ئاڭلىمىغان بولسا، لىسى دېگەن بىلەنمۇ بەگ ئاڭلىمىغان بولسا بەرىبىر بۆرە بىلەن يولۋاسقا تەڭلا زىيان بولغان بولارىدى!» دېۋىدى، ئالامان بىردەك ئاپىرىن-بارىكاللىلار ئېيتىشىپ، ھۇررا توۋلىشىپ، گۈرجەك-كۈرەك، ئۈشكە-بۇرغىلىرىنى تەقلىشىپ قىزىقچىلىق قىلىشقاچ ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتى.

    بۇ غايەت زور جەڭگاھنىڭ قارارگاھى جىڭخې دەرياسىنىڭ بوغۇزى بولغان خۇكو جىلغىسى ئېغىزىغا تىكىلدى.

    خۇكو قارارگاھىنىڭ ئىككى ۋەزىر-كۆكبېشى ئۆزگەرمىدى، يەنىلا بىرى جېڭ گو، بىرى لى سى ئۆز ئورنىغا ھازىر بولدى. شۇغىنىسى، بۇ ئىككىيلەننىڭ ئەمەل-مەنسەپلىرى ئۆزگەردى. ئەسلىدىكى دەريا-ئېقىن ۋەزىرى بولۇپ ھەممە ئىشقا باش بولغان لى سى دەريا-ئېقىن يانداش ۋەزىرىگە ئۆزگىرىپ جېڭ گونىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ، ئاۋام-رەئىيەتنى سۇ قۇرۇلۇشىغا سەپەرۋەر قىلىش، ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈش، قورال-جابدۇقلارنى راسلاش قارتارىدىكى لاۋازىملارغا مەسئۇل بولدى. قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەسلىدىكى كۆكبېشى جېڭ گو دەريا-ئېقىن ۋەزىرى قوشۇمچە كۆكبېشى بولۇپ، تامغا باشقۇرۇپ پەرمان چۈشۈرۈشتەك

    ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، دەريا-ئېقىن مەھكىمىسىنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بولدى.

    ئەمەل-مەنسەپ ئۆزگىرىشىدىكى ئىشلارنىڭ بۇ قاتاردا ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقى لى سىنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمىگەن ئىدى.

     لى سى جاۋ گاۋنىڭ بەگ ھارۋىسىدا خەنگۇ قورۇلىدىن ئاستانىگە قايتقان ئاشۇ كېچىسى چىن بېگى يىڭ جېڭ كۈن چىقىش قەسىردە لى سىنى زىيادە ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن زىياپەت ھازىرلاپ كۈتۈۋالدى، زىياپەتكە دورغاببەگ ۋاڭ ۋەندىن باشقا ۋەزىرلەردىن بىرەرسىمۇ قاتناشمىدى. لى سى بىرەر كاسىدىن مەي ئىچىلگەندىن كېيىن چىن بېگىنىڭ شۇ يەردىلا كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، چىن تەسەررۇپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان مەنسەپدار-تاپۇغچىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئەمەل-مەنسەپلىرى بىردەك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقى، ئېكىنچىلىك، ھۈنەر-كەسپ ۋە سودا-تىجارەتتىكىلەرنى بۇرۇنقىدەك ئۆز ئىش-ئەمەللىرى بىلەن خاتىرجەم  مەشغۇل بولۇشىغا ئىمكانىيەتلەر بېرىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ  قوغلاپ چىقىرىلىش ۋەجىدىن تارتقان بارلىق پۇل-مال زىيانلىرى بىردەك ئوردا بالىقتىكى بەگلىك خەزىنىسىدىن باھاغا سۇندۇرۇلۇپ تۆلەپ بېرىلىدىغانلىقى؛ ئۇشبۇ يارلىق جاكارلانغان كۈندىن ئېتىبارەن چىن بەگلىكى مەھكىمىلىرىنىڭ ئالتە بەگلىك مۇھاجىر-مۇساپىرلىرىنى كەمسىتىش، چىن بەگلىكىگە كەلگەنلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق قىلمىشلىرى بايقالغان ھامان بەگلىك ئەركان-مىزانى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى خۇسۇسىدا ۋاڭ ۋەنگە يارلىق پۈتۈشنى تاپىلايدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. لى سى ئەسلىدە چىن بېگىنى قايىل قىلىمەن، دەپ بىرمۇنچە پاساھەتلىك سۆز-ئىبارىلەر بىلەن تولغان ۋەز-نەسىھەتلەرنى تەييارلاپ، بەگنى ئاللىقاچان تارقىتىلغان ھەم شۇ بويىچە ئىش كۆرۈلۈپ بولغان يارلىقنى بىكار قىلىشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقىنىڭ چىنلىقلارنىڭ يىلىك-سۆڭەكلىرىگىچە سىڭىشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ياش بەگدە ناھايىتى زور جاسارەت بولۇشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشنى ئويلاپ  قويغان ئىدى. شۇ تاپتا چىن بېگىنىڭ تارقىتىپ ھەم يۈرگۈزۈپ بولغان يارلىقنى بىكار قىلىش خۇسۇسىدا شۇ قەدەر كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى كۆرۈپ لى سى بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتى، يەنە بىر تۇرۇپ ئوردىنى ئۆرە-تۆپە قىلىۋېتىدىغان چېقىن پەيدا بولۇپ، ئاغابەگ ۋەزىرلەر بەگنىڭ يېڭى تەدبىرىگە ئۆكتە قوپۇپ تىركىشىپ، چىن بەگلىكىدە نىزا پەيدا قىلماسمۇ؟ دەپ ئەنسىرەپمۇ قېلىشتى. يىڭ جېڭ جىمىپ كەتكەن لىسىنى كۆرۈپ، نامۇۋاپىق تەرەپلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدى.

    ـــــ بىر بەگنىڭ بۇ قەدەر بىمەنە تەدبىر يۈرگۈزۈشىگە پۈتكۈل بەگلىك بويىچە بىرەرسى چىقىپ چىش يېرىپ ئەيىبلىمەي، شۇ بىمەنە تەدبىرنى تۈزىتىشكە ئۆكتە قوپۇپ بەگ بىلەن تىركەشسە، ئۇ چاغدا چىنلىقلار پۈتكۈل ئىقلىمدا نامۇسسىزلىقتا ئۇچىغا ئىپلاسلارسىن

    بولۇپ قالغان بولىدۇ! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ پۇشۇلداپ ئولتۇرۇپ قالغان لى سىغا قاراپ كىنايىلىك كۈلۈپ. لى سىنىڭ  يىڭ جېڭ بەگنىڭ  مەردۇ-مەردانىلىقىدىن ھاياجانلىنىپ ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەي قالدى. لى سىنى تېخىمۇ ھەيرەتتە قويغىنى، دورغاببەگ بەگ يارلىقىنى پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن، بەگ ئوردا سالنامىچىسىنى چاقىرىتىپ كەلدى. چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان قېرى سالنامىچى ئەمدىلا ئولتۇرۇشىغا، يىڭ جېڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ:

    ـــــ سالنامىچى، قېنى پۈتسىلە: مۈلكى چىن سەلتەنەتىنىڭ ئونىنچى يىلى كۈزدە، شيەنياڭدا ئۇچىغا چىققان بىمەنە تېتىقسىزلىق قىلىپ، ئالتە بەگلىك مۇھاجىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، بەگلىكنى ئار-نامۇسقا قويدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ئىبرەت ئېلىنسۇن! ـــــ دېدى.

    ـــــ ئالىيلىرى! شەھەر-قەلئەلىرىمىزنى، بەگلىك زېمىنىنى تارتقۇزۇپ قويۇشلا بەگلىك ئۈچۈن ئار-نامۇستۇر! ـــــ دېدى قېرى سالنامىچى كۆرەڭلىك بىلەن.

    ـــــ ئەللامە-ئۆلىمالارنى قوغلاپ چىقىرىپ ئاۋام نەزەرىدىن چۈشۈپ كەتتۇق، بۇ تېخىمۇ زور ئار-نامۇستۇر. يازسىلا! ـــــ دېدى پېشانىسىنى مۇنچاق-مۇنچاق تەر باسقان يىڭ جېڭ.

    شۇ تاپتا كۈن چىقىش قەسىر شۇ قەدەر ئېغىر تىمتاسلىققا چۆمدىكى، تىنىق چاغلىق ئاۋاز ئاڭلانماي قالدى. ۋاڭ ۋەن ھاڭۋېقىپ قالدى، لى سى تېخىمۇ ھاڭۋېقىپ قالدى، ھەتتا چاچ-ساقاللىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان قېرى سالنامىچىمۇ ھاڭۋاققىنىدىن قولىغا قەلەم ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇدى. چىن بەگلىكىنىڭ بەش يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخىدا، تالاي قېتىم خاتا تەدبىر يۈرگۈزۈپ سەلتەنەتكە دەخلى يەتكەنلىك تىمساللىرى بولغان بولسىمۇ پەقەت چى شياۋگۇڭلا بىر قېتىم نومۇس ئابىدىسى تىكلىگەن، لېكىن ئۇ چاغدا چىن بەگلىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرەپلىرىدىكى پۈتكۈل ئېگىزلىك بىلەن گۈەنجۇڭنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىنى تارتقۇزۇپ قويغان، ئالتە بەگلىك ئۆزئارا ئىتتىپاق تۈزۈۋېلىپ چىن بەگلىكىنى كۆزگە ئىلمىغان. بۈگۈنكى چىن بەگلىكى تەسەررۇپى بەش چاسا چاقىرىمغا يېتىپ، ئاھالىسى يۈز لەكتىن ئېشىپ، جاھاندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئەل بولۇپ قالدى، ھېچكىم ھومىيىپ قارىيالمايدىغان مانا مۇشۇنداق بىر بەگلىك بىر خاتا پەرماننى بەگلىك ئۈچۈن ئار-نامۇس، دەپ بىلسە-ھە؟ ئەمما ئۇجۇر-بۇجۇرىنى ئويلاپ كەلگەندە، چىن بېگى خاتالاشمىدى. چىننىڭ قۇدرەتلىك بەگلىك بولۇشىنىڭ يىلتىزىمۇ دەل قابىللارنى سەمىمىي نىيەت، راستگۇيلۇق بىلەن جەلب قىلىپ ئىشقا قويۇشنى كۆزلەپ ئەركان-مىزان ئۆزگەرتكەنلىكىدە، بۇنىڭغا مۇخالىپ ھالدا چىن بەگلىكىدە مۇساپىر-مۇھاجىرەتتە خىزمەت قىلىپ تۆھپە يارىتىۋاتقان ئالتە بەگلىك ئەللامە-ئۆلىمالىرىنى كەلگىندى، دەپ قاراپ قوغلاپ چىقارسا، بۇ بەگلىكنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپقانلىق، بۇ قانداقمۇ بەگلىكنىڭ ئار-نومۇسى بولمىغىدەك؟ «ئەللامە-ئۆلىمالارنى قوغلاپ چىقىرىپ،

    ئاۋام نەزەرىدىن چۈشۈپ كەتتۇق، بۇ تېخىمۇ زور ئار-نامۇستۇر»، ئەجەبا بەگ خاتالاشقانمىدۇ؟ ياق، بەگ خاتالاشمىدى! ئەمما ھەرنە قىلغان بىلەن ۋەزىرلەر ياش بەگنىڭ ئۆزىنى بۇ قەدەر ئەيىبلەپ كېتىشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن سەلتەنەت تەختىگە يېڭى ئولتۇرغان، جاسارەت-ئىقتىدارى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش بەگنىڭ سەلتەنەت تەدبىرىدىكى كاتكۈزۈپ قويغان بىر قېتىملىق خاتالىقىنى ئوردا تارىخىغا پۈتۈپ، ئۇنى بەگلىك ئار-نامۇسى، دەپ بېكىتىشى ئۈچ پادشاھ، بەش ئاقساقالدەك دانىشمەن ھۆكۈمالارمۇ قىلالمايدىغان ئىش. ئەمما، جاھان ئەھلى شۇنداق ئويلارمۇ؟ كېيىنكىلەر شۇنداق ئويلارمۇ؟ بۇ ئىقلىمدا چىنغا مۇخالىپەتچى كۈچلەر ھېلىھەم يوقالغىنى يوق، چىن بەگلىكىدە يېڭى بەگكە ئۆكتە قوپۇۋاتقان نىزاچىلارمۇ ئاز ئەمەس، بۇنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرۇغلۇق بۇ قەدەر سىياسەت قىلىش ئاشۇ مۇخالىپەتچى، نىزاچىلارغا ھۇجۇم نىشانى بولۇپ بەرگەنلىك ئەمەسمۇ؟ كېيىنكىلەر چىن بەگلىكىنى، چىن بەگلىكىنىڭ بۇ يېڭى سەلتەنەت ساھىبىنى خاتا چۈشىنىپ قارغاپ، ئەيىبلەپ كەتمەسمۇ؟ بىراق، بۇ قەدەر دىلغۇلىلىق چىن بېگىنىڭ ئار-نامۇسنى بىلىشى ھەم دادىل-قەتئىيلىك بىلەن تۈزىتىشى ئالدىدا كۆزگە كۆرۈنمىدى، ھېچنېمىگە ئەرزىمىدى، شۇڭا ھېچكىم بۇنىڭغا چىش يېرىپ ھۆرت-پۆرت قىلالمىدى.

    ساراينى خېلىغىچە گۆرىستان تىمتاسلىقى قاپلىدى. يىڭ جېڭ ئۈچ ۋەزىرنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالغاندەك، يارلىق، سالنامىلەرنى بىر چەتكە ئىتتىرىۋېتىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك پاراڭنى باشقا ياققا

    بۇرىۋەتتى، بىر تەرەپتىن لى سىنى بەھوزۇر يەپ-ئىچىشكە زورلاپ، بىر تەرەپتىن شىرەنى توكۇلدىتىپ چېكىپ:

    ـــــ ئۇستازنىڭ قايتىپ كەلگىنى زور غەنىيمەت! ئۇستازنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق، قېنى ئېيتسىلىچۇ، پەقىر يىڭ جېڭنىڭ ھاماقەتلىكىدىن ئاستىن-ئۈستىن بولۇپ كەتكەن بۇ باش-ئاخىرى يوق پالاكەتچىلىكلەرنى ئوڭشاشنىڭ يوللىرى بارمىدۇ؟ ـــــ دېدى. ياش بەگنىڭ بۇ قىزىقچىلىقىدىن ۋاڭ ۋەن، لى سىلار ئۆزلىرىنى تولىمۇ يەڭگىل ھېس قىلىشتى. لى سى بىر كاسا مەينى غۇرتىلدىتىپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ:

    ـــــ ئالىيلىرى لىللا گەپ قىلدىلا. كۆز ئالدىمىزدىكى چىن بەگلىكىدە باش-ئاخىرى يوق پالاكەتچىلىكلەر ھەقىقەتەن كۆپ. خۇاڭخېنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرىدە ئۇرۇش تىنجىمايۋاتىدۇ، قورۇل ئىچىدە قۇرغاقچىلىق تەھدىت سالماقتا، مەھكىمىلەر چۆلدەرەپ لاۋازىملار يۈرۈشمەيۋاتىدۇ، ئاۋام كۆڭلى دەكە-دۈكىدە قالدى، يېڭىياچىلار ئىشقا كىرىشەلمەي ئاغابەگلەر تىرەجەپ تۇرۇۋېلىشىۋاتىدۇ. بۇ قاتاردىكى ئىشلارنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى «قالايمىقانچىلىق» دېگەن بىر ئېغىز سۆزگە يەكۈنلىمەك لازىمدۇر. مانا بۇ قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەش تولا مۇھىمدۇر. كۆز ئالدىمىزدىكى چىن بەگلىكىدە ھەممىدىن مۇھىم ئىش سۇ قەھەتچىلىكىدۇر. سۇ قەھەتچىلىكى ھەل بولمىسا، بەگلىكتە ئەمىنلىك  بولمايدۇ، سۇ قەھەتچىلىكى ھەل بولسىلا ھەممە ئىشلار

    ئاسان بولىدۇ! ـــــ دېدى ھۆرمەت بىلەن.

    ـــــ ئۇستاز ئالدى بىلەن جىڭخې دەرياسى جىلغىسىغا بېرىپ ئۆستەڭ چېپىش لازىم، دېمەكچىكەنلا-دە؟ ـــــ دېدى ۋاڭ ۋەن قوشۇمىسىنى ھىمىرىپ.

    ـــــ سۇ قەھەتچىلىكى كۈللى مەۋجۇداتلارنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاش قۇرغاقچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى تەدبىرىدۇر!

    ـــــ بەلەن گەپ! ئەۋۋەل  ۋاقتى-قەرەلىنى دېيىشىۋېلىپ ئاندىن ئادەم توغرىلىق دېيىشەيلى! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ دەرھال كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ.

    ـــــ جىڭخې دەرياسىدىن ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاشتا، ۋەزىرلىرى جېڭ گونى ئىشقا سېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن! ـــــ لى سى دەرھال گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتتى.

    ـــــ ئاپلا! جېڭ گو تېخىچە يۈنگاڭ زىندانىدا ... دورغاببەگ، جېڭ گونى قويۇپ بېرىش خۇسۇسىدا دەرھال يارلىق پۈتسىلە! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ بىردىنلا شىرەنى «پاق»قىدە شاپىلاقلاپ.

    ـــــ خوپ ئالىيلىرى! ۋەزىرلىرى مانا ھازىرلا يارلىق پۈتەي! ـــــ دېدى ۋاڭ ۋەن قۇللۇق بىلدۈرۈپ.

    ـــــ بولدىلا! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ـــــ ئۇستاز يۈنگاڭ زىندانىغا مەن بىلەن بىللە بارامدىلا؟

    ـــــ ئالىيلىرى شۇ نىيەتتە بولسىلا، ۋەزىرلىرى ھازىرمەن! ـــــ لى سىمۇ ئورنىدىن دەسلا تۇردى.

    بەگ-ۋەزىر ئىككىيلەن ئات-ھارۋىلىق ئاتلىنىپ يۈنگاڭدىكى بەگلىك زىندانىغا يېتىپ بارغاندا، شام ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى.

    ـــــ جېڭ گو قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇ؟ ـــــ دېدى يىڭ جېڭ زىندان بېگىنى كۆرۈپلا.

    ـــــ ھېچنەرسە يېمەيدۇ، سۇمۇ ئىچمەيدۇ، جاھىللىق قىلىپ ئۆلۈمنى كۈتۈۋاتىدۇ، نەچچە كۈنگە قالماي ئۆلۈپ قالارمىكىن ھەقاچان. چىن بەگلىكى ئەركان-مىزانىدا قەتلى قىلىنىشنى كۈتۈۋاتقان جىنايەتچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالسا بولمايدۇ، دېيىلگەچكە، زىندانىمىز نەچەچ قېتىم ئۇنىڭغا مەجبۇرەن سۇ-غىزا بەردى، ئۇ ھازىرچە تىرىك، ـــــ دېدى زىندان بېگى. يىڭ جېڭ گەپ قىلماستىن دەرھال قول ئىشارىسى بىلەن يول باشلاشنى بۇيرۇدى. قېرى زىندان بېگى دەرھال ئىككى گۇندىپايغا ئوتقاش يېقىشنى بۇيرۇپ، ئوتقاش يورۇقىدا يول باشلاپ ئەڭ بۇلۇڭدىكى بىر ئېغىزلىق تاش كېمىرغا كەلدى.

    مۇزدەك تاشتاختىغا سېلىنغان ئەبجەق بورىدا، چاچ-ساقاللىرى كۈمۈشتەك ئاقىرىپ كەتكەن، قاقشال دەرەخكىلا ئوخشاپ قالغان بىر بوۋاي تام تەرەپكە قاراپ ياتاتتى، ئۇنىڭ تىنىقى توختاپ قالايلا دېگەنىدى. ناۋادا يان تەرەپتىكى تامغا يۆلەپ قويۇلغان قارىداپ كەتكەن سۇ ئۆلچەيدىغان تۆمۈر ھاسا بولمىغان بولسا، لى سى ئالدىدا ياتقان بۇ بوۋاينىڭ جېڭ گو ئىكەنلىكىنى تونۇيالمىغان بولاتتى. ئۇ بەگنىڭ گەپ سوراپ بېقىشقا ئىما قىلغان ئىشارىسىگە قاراپ لى سى بەگكە  يېقىن كېلىپ:

    ـــــ بىر كېچىدىلا چاچلىرى ئاقىرىپ كېتىپتۇ! ـــــ دېدى پەس ئاۋازدا. لى سى شۇتاپتا بەگنىڭ سوغۇقتىن توڭلاپ تىترەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئىدى.

    ـــــ ئاغا، ئىنىلىرى لى سى سىلىنى يوقلاپ كەلدى، ئويغانسىلىچۇ، ـــــ دېدى لى سى.

    ـــــ لى سى؟ سىلىمۇ زىندانغا تاشلاندىلىمۇ؟ ـــــ جېڭ گو ئاخىر ئېغىز ئاچتى، ئاۋازى تولىمۇ ئاجىز ئىدى.

    ـــــ ئاغا، تۇرسىلا، ئولتۇرۇپ سۆزلىسىلە! ـــــ لى سى جېڭ گونى ئاۋايلاپ يۆلىدى.

    ـــــ لى سى زىندانغا تاشلانغان بولسا، چىن بەگلىكى تۈگىشىپتۇ، راستىنلا تۈگىشىپتۇ! ـــــ دېدى جېڭ گو ئۆكۈنگەن ھالدا بېشىنى چايقاپ.

    ـــــ نېمىلەرنى دەيدىغانلا؟ ئاغا قارىسىلىچۇ، چىن بېگىمۇ كەلدى!

    جېڭ گو شاققىدە بۇرۇلۇپ بېشىنى كۆتۈردى ۋە:

    ـــــ سىلى، يېڭى بەگما؟ ـــــ دېدى.

    ـــــ يىڭ جېڭنىڭ خاتا يارلىقى ۋەجىدىن ئۇستاز جاپا تارتتى، ـــــ دېدى يىڭ جېڭ بېشى يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ تازىم قىلىپ.

    جېڭ گو يىڭ جېڭغا تازا سەپسېلىپ بىر قاراپ قويۇپ، ئۆكۈنگەن ھالدا بېشىنى چايقىدى ۋە:

    ـــــ دېگەن بىلەن ئۇۋال قىلدىلا! ـــــ دېدى.

    ـــــ يىڭ جېڭدىن خاتالىق ئۆتتى، ئۇستاز تەلىم بەرگەيلا!

    ـــــ سىلى خاتا قىلمىدىلا. پەقىر ھەقىقەتەن خەن بەگلىكىنىڭ خۇپىيەسى، ـــــ دېدى جېڭ گو تۆمۈر ھاسىسىنى قولىغا ئېلىپ، ـــــ شۇنى دەۋالاي، سىلى يىڭ جېڭنىڭ كۆكسى-قارنى ھېلىقى لۈ بۇۋېينىڭ كۆكسى-قارنىدەك كەڭ ئەمەسكەن! ئەينى يىلى پەقىر چىن بەگلىكىدە ئاۋامنى سەپەرۋەر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چىن بەگلىكىنى ھالسىرىتىش رىجەلىرىنى يۈرگۈزگىلى يوچۇق تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، نەچچە رەت چىن بەگلىكىدىن كەتمەك بولغان ئىدىم، لۈ بۇۋېي قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پەقىرنى تۇتۇپ قالدى. تاكى لۈ ھەزرەتنىڭ ۋەزىرلىك ئەمەلى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئاستانىدىن كېتەر چېغىدا لۈ ھەزرەت پەقىرگە«باشقا ئوي-خىيالدا بولۇپ يۈرمىگەي، زېھنىنى يىغىپ چىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ گۇناھىنى تۆھپىگە ئايلاندۇرغاي» دەپ گەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ.  ھىم، پەقىر ئاللىقاچان كۆرۈپ قويغان، چىن بەگلىكىگە خىزمەت قىلغاننىڭ بىرەرسىمۇ ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ. لۈ بۇۋېي بۇنداقلارنىڭ  بىرىنچىسى  ئەمەس، پەقىرئىككىنچىسى ئەمەس. قېنى ئېيتسىلا، پەقىرنى قانداق ئۆلتۈرمەكچى بولىۋاتىدىلا؟ ـــــ جېڭ گو خاپىچىلىقتا دىماغلىرىنى قېقىپ ناھايىتى ئاچچىق سۆزلىدى. لى سى جېڭ گونىڭ ئىككى گەپنىڭ بىرىدە ئۆلۈمنىلا تىلغا ئېلىپ، لۈ بۇۋېي بىلەن ياش بەگنى سېلىشتۇرۇشى بەگنى ئوسال ئەھۋالدا قويدى، بەگنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشى قىيىنغا توختايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ:

    ـــــ ئالىيلىرى، مەن سۆزلىشەي! ـــــ دېدى بەگكە ھۆرمەت بىلدۈرگەچ نىمچىسىنى قايرىۋېتىپ بورىدا ئولتۇرۇپ، ـــــ ئاغا، پەقىر سىلىنىڭ جىڭخې دەرياسىدىن ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاش ئىشىغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقلىرىنى ئوبدان بىلىمەن، بۇ ئىش سىلىنى مەستانە قىلىۋالدى. سىلى گەرچە چىن بەگلىكىنى ھالسىرىتىش ئۈچۈن كەلگەن بولسىلىرىمۇ ئەمما دەريادىن سۇ باشلاش ئىشىغا كىرىشىۋېلىپ چىننى ھالسىرىتىشنى ئۇنتۇپ كەتتىلە، ۋىژدانەن ئېيتقاندا، سىلى جاھاندىكى بۇ بىرىنچى سۇ قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن ئىشقىلىرىنى بېرىپ، ئاۋام-رەئىيەتنى سۇ قەھەتچىلىكىدىن بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇشنىلا ئويلىدىلا! ئاغامنىڭ ئەينى يىلى جىڭخې دەرياسىدىن ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى بۇ ئىقلىمدىكى بىرىنچى كاتتا قۇرۇلۇش، بۇ خۇڭگو جىلغىسىنى قازغاندىنمۇ قىيىن،

    لى بىڭنىڭ دۇجياڭ دەرياسىغا توغان سالغىنىدىنمۇ قىيىن، بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملىيالىسام ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى، دېگەنلىكلىرى ھېلىغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ! ئىنىلىرى سىلىدىن بىر ئېغىزلا گەپ سورايمەن: چىن بېگى سىلىنىڭ مەنسەپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سىلىنى جىڭخېدىكى سۇ قۇرۇلۇشىغا تەكلىپ قىلسا، ئاغام خالامدىلىكىن؟

    ـــــ كەلگىندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى چۈشۈرۈلگگن تۇرسا؟

    ـــــ ئۇ يارلىق ئاللىقاچان بىكار قىلىندى!

    ـــــ پەقىرنىڭ خۇپىيە، دېگەن جىنايەتلىك نامىمچۇ؟

    ـــــ بۇنىڭغا دەلىل يوق!

    ـــــ گەپلىرى راستمۇ؟

    لى سى «غىق»قىدە تۇرۇپ قالدى، چىن بېگى تۇرغان يەردە، ئۆزىنىڭ بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگۈسى كەلمىدى.

    ـــــ ئۇستاز، پەقىر يىڭ جېڭنىڭ گېپىگە قۇلاق سالغايلا! ـــــ ياش بەگ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بورىغا كېلىپ، گەۋدىسىنى تىك تۇتۇپ تىزلاندى، ـــــ ئۇستازنىڭ مەردانە ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ پەقىر يىڭ جېڭنىڭ يالغان سۆزلىگۈسى كەلمىدى. خۇپىيە، دېگەن گەپكە كەلسەك، دادخاھ مەھكىمىسى بۇنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى، ئۇستاز

    چىن بەگلىكىگە كەلگەن ئون يىل مابەينىدە جىڭخې دەرياسىدىكى جىلغىدىن كەلمەي ئىشلەپتىلا، خەن بەگلىكىنىڭ خۇپىيەلىرى،ئايغاقچى-پايلاقچىلىرى، سودا سارايلىرى، ئەلچى-يالۋاچلىرى بىلەن بېرىش-كېلىش، خەت-چەك ئالاقىسىدا بولماي، جىڭخې دەرياسىدىكى سۇ قۇرۇلۇشى بىلەنلا بەنت بولۇپتىلا. مانا مۇشۇ دەلىلدىن قارىغاندىمۇ، ئۇستازنىڭ ھېچقانداق خۇپىيەلىك ئىش-ھەرىكەتلىرى يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ناۋادا ئۇستازنىڭ ھەقىقەتەن خۇپىيەلىك ئىش-ھەرىكەتلىرى بولغان بولغان بولسا، پەقىر يىڭ جېڭمۇ چىن ئەركان-مىزانىنى بۇرمىلاشقا  پېتىنالمىغان بولاتتىم. ئۇستاز ئۆز ئىشىنى قەدىرلەيدىغان مەردانە زات ئىكەنلا، مەن مانا بۇ تەرەپلىرىنى ھۆرمەت قىلىمەن. ئۇستاز ناۋادا پەقىر يىڭ جېڭنىڭ ئىچى تارلىقىنى ئەپۇ قىلىپ، جىڭخېدىكى قۇرۇلۇش ئورنىغا بارغان بولسا، بۇ چىن بەگلىكىنىڭ، پەقىر يىڭ جېڭنىڭ ئالەمچى بەختى ئىدى!

    جېڭ گو ياش چىن بېگىگە قارىغىنىچە بىرھازا ھاڭۋېقىپ، خېلىغىچە ئۈن-تىنسىز  ئولتۇرۇپ كەتتى.

    ـــــ ئالىيلىرى، ۋەزىرلىرىچە بولغاندا،  ھازىرچە جېڭ گونى ئاستانىگە ئېلىپ كېتىپ ئاندىن بىر نەرسە دېسەك! ـــــ دېدى لى سى ئالقانلىرىنى جۈپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ.

    ـــــ شۇنداق قىلايلى، ئۇستازنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندە ئاندىن بىرنەرسە دەيلى. كېلىڭلار، ئۇستازنى كۆتۈرۈڭلار! ـــــ دېدى

    يىڭ جېڭ ئورنىدىن تۇرۇپ.

        جېڭ گو كېچىلەپ شيەنياڭغا ئېلىپ كېلىندى. ئوردا شىپاخانىسىنىڭ ئىستراھەتخانىسىدا ئىككى ھەپتىگىچە ئوبدان داۋالىنىپ، ئالىي ھىممەت-ھۆرمەت بىلەن كۈتۈلگەچكە، سالامەتلىكى ۋە كەيپىياتى تېزلا ياخشىلىنىپ كەتتى. بۇ ئارىدا لى سى نەچچە قېتىم كېلىپ يوقلىغان بولسىمۇ جېڭ گو باشتىن-ئاخىر زادىلا گەپ قىلغىلى ئۇنىمىدى. يىگرىمە كۈنلەر بولغاندا، بەگ ئۆزى كېلىپ جېڭ گونى ئىتراھەتخانىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆزى بىۋاسىتە تاللىغان ئالتە ھويلىلىق بىر چوڭ قەسىرگە ئېلىپ كېلىپ:

    ـــــ ئۇستاز، ئوبدان ئارام ئالغايلا، سالامەتلىكلىرى قاچان ئەسلىگە كېلىپ، خەن بەگلىكىگە قايتماقنى ئىستىسىلە، چىن بەگلىكى ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن كاتتا سوۋغاتلىق تەييارلاپ ئۇزىتىپ قويىمىز، ناۋادا ئۇستاز چىن بەگلىكىدە قېلىپ سۇ تىزگىنلىمەك بولسا، ئۇستازنىڭ دېگەنلىرىنى تەقلەپ بېرىمىز، ـــــ دېدى مېھرىبانلىق بىلەن. جېڭ گو ھېچنەرسە دېمىدى ھەم ھېچقانداق ئىپادىمۇ بىلدۈرمەي جىملا تۇرۇۋالدى. بەگمۇ كېتىپ قالدى. لى سىنىڭ ئېسىدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ، بىر كۈنى تۈن نىسبىدە، جېڭ گو قەسرىدىن بىر خىزمەتكار لى سىنى تەكلىپ قىلغىلى كەلدى.

    ـــــ ئىنىم، ئەتە جىڭخې دەرياسىغا بارىمەن! ـــــ دېدى جېڭ گو لى سىنى كۆرۈپلا. لى سى خۇشاللىقىدىن ھەيران بولۇپ تۇرغاندا:

    ـــــ پەقىر پەقەت سىلىگىلا ياردەمچى بولىمەن، باشقا بىرى دەريا-ئېقىن ۋەزىرى بولسا مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق يارىماس كۆكبېشى بولمايمەن! ـــــ دەپ قوشۇپ قويدى.

    لى سى بەك خۇشال بولدى، ئەمما جېڭ گونىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ياردەمچى بولىمەن، دېگەن گېپىگە ھۆددە قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. چىن بەگلىكىدە ئادەم ئىشلىتىش مەشرقتىكى ئالتە بەگلىكتىكىدەك ئۇنداق خاھلىغانچە بولۇۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تىزگىنلەش ئىشى بەگدىن بۇيرۇقسىزلا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىدىغان لەشكەر تارتىپ جەڭ قىلغاندىكىدەك ئىش ئەمەس. بۇ دېگەن ئىگىلىك-روزغارلىق ئىشى تۇرسا، كۆكبېشى خاھلىغانچە ئۆزىگە ئەمەلدار تاللىۋالسا قانداق بولىدۇ؟ لېكىن، لى سى نېمىلا دېگەن بىلەن يۈزدىن-يۈزگە رەتمۇ قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن لى سى كېچىلەپ ئوردىغا كىرىپ، بۇ ئەھۋالنى بەگكە مەلۇم قىلدى. ئۇ ئوردىغا كېلىۋاتقاچ  كۆڭلىدە بەگ قىلچە ئىككىلەنمەي جېڭ گو شۇنداق دېگەن بولسا، ئۇنىڭ دېگىنىچە بولسۇن، دەيدۇ ھەقاچان، مەن ئەسلىدىمۇ دەريا-ئېقىن ۋەزىرى بولغاچقا، بەگ ئەمەل-مەنسەپ تەڭشەپ باشقىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرمەس، دەپ ئويلىدى.

    ئــــــــــــــــــــىـــــــــــــزاھــــــــــــــــــــــات

    ① گەۋدىسىنى تىك تۇتۇپ تىزلىنىش قەدىمقىلارنىڭ قارىشى تەرەپكە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتىكى بىر خىل ئولتۇرۇش شەكلى بولۇپ، ئىككى تىزى بىلەن تىزلىنىپ، مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ، گەۋدىسىنى تىك تۇتىدۇ، بۇ خىل ھۆرمەت بىلدۈرۈش شەكلى «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر تەدبىرى»، «تارىخنامە» قاتارلىق تارىخ مەنبەلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ، كېيىنكىلەر بۇ خىل تىزلىنىپ ئولتۇرۇشنى يەرگە تىزلىنىپ باش ئۇرۇش، دەپ خاتا چۈشىنىۋالغان.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.