پۇرسەت ئەنە شۇنداق ئاددى

يوللىغۇچى : reyhan يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-20 12:46:00

بىر كۈنى كەچتە بىر ئادەم پەرىشتىگە يولۇقۇپ قاپتۇ.پەرىشتە ئۇ ئادەمگە يىقىندا ئىنتايىن موھىم ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى.ئەگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسا كۆپ بايلىققا ئېرىشىپلا قالماستىن جەمئەتتىم...

          بىر كۈنى كەچتە بىر ئادەم پەرىشتىگە يولۇقۇپ قاپتۇ.پەرىشتە ئۇ ئادەمگە يىقىندا ئىنتايىن موھىم ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى.ئەگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسا كۆپ بايلىققا ئېرىشىپلا قالماستىن جەمئەتتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىزغا ئۆيلىندىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.بۇ كىشى ئىزچىل ئاجايىپ بىر مۆجىزىنىڭ يۈز بىرىشىنى كۈتۈپتۇ.بىراق ھىچقانداق ئىش يۈز بەرمەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆمرىنى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزۈپ تەنھا پىتى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپتۇ. ئۇ جەننەتكە كىرگەندە ھىلىقى پەرىشتىگە يەنە يولۇقۇپ قاپتۇ.ئۇ ئادەم پەرىشتىگە:«سىز ماڭا بايلىق، يۇقىرى مەرتىۋە،چىرايلىق خوتۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىمنى ئىيتقان ئىدىڭىز.مەن بىر ئۆمۈر ساقلىدىم بىراق ھىچنىمىگە ئىرىشەلمىدىمغۇ؟ دەپتۇ.پەرىشتە جاۋابەن:مەن سىزگە ئۇنداق دېمىدىم.مەن پەقەت سىزگە يۇقىرى مەرتىۋىگە،چىرايلىق خوتۇنغا ئېرىشىشنىڭ پۇرسىتىنى بىرىشكە ۋەدە بەرگەن.بىراق سىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىدىڭىز.دەپتۇ.بۇ ئادەم گاڭگىراپ :گىپىڭىزنى چۈشەنمىدىمغۇ؟دەپتۇ.پەرىشتە ئۇنىڭغا :سىز ئىلگىرى ناھايىتى ياخشى بىر چارە ئويلاپ تاپقان ئىدىڭىز.بىراق مەغلۇپ بولۇشتىن قورقۇپ سىناپ بىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدىڭىزئىسىڭىزدىدۇ.دەپتۇ.بۇ ئادەم بىشىنى لىڭشىتىپتۇ.پەرىشتە يەنە:سىز بۇ چارىنى سىناپ باقمىغانلىقىڭىز ئۈچۇن نەچچە يىلدىن كىيىن باشقا بىر كىشىگە بىرىلدى.ئۇ كىشى بىر ئازمۇ قورقماستىن بۇ چارىنى ئىشلەتتى.ئۇ كىشى ئىسىڭىزدە بولىشى مومكىن.ئۇ مەملىكەت بويىچە ئەڭ پۇلدار كىشىگە ئايلاندى.يەنە بىر قىتىملىق ئىش بەلكىم ئىسىڭىزدىن چىكەتكەندۇ،شەھەردە قاتتىق يەر تەۋرىگەندە يىرىمدىن كۆپرەك ئۆيلەر ۋەيران بولدى نەچچە مىڭ كىشى ئۆينىڭ ئىچىگە قامىلىپ قالدى.سىز ئەنە شۇ ھايات قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزالايتىڭىز .بىراق سىز ئۆيدە يوق چاغدا ئوغرىنىڭ ئۆيىڭىزنى بۇلىشىدىن ئەنسىرىدىڭىز.سىز بۇنى باھانە قىلىپ ياردىمىڭزگە مۇھتاج بولغان كىشىلەرگە قەستەن سەل قاراپ ئۆز ئۆيىڭىزنى ساقلاپ ئولتۇردىڭىز،دەپتۇ.بۇ ئادەم ئىنتايىن خىجىل بولغان ھالدا بىشىنى لىڭشىتىپتۇ.پەرىشتە ئۇنىڭغا :بۇ سىزگە بىرىلگەن ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت ئىدى.نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرالايتىڭىز.ئاشۇ پۇرسەت سىزنى شەھەردە زور ھۆرمەتكە ۋە شان شەرەپكە ئېرىشتۈرەتتى.دەپتۇ.پەرىشتە يەنە:چاچلىرى قاپقارا ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىز ئسىڭىزدىدۇ؟ئۇ چاغدا سىز ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغان سىز ئەزەلدىن بىرسىنى بۇنداق ياخشى كۆرۈپ باقمىغان.ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭدەك ياخشى قىزنى قايتا ئۇچراتمىدىڭىز.بىراق سىز ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۆرىشى مومكىن ئەمەس مەن بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولىشى تىخىمۇ مومكىن بولمايدىغان ئىش دەپ ئويلىدىڭىز،رەت قىلىنىشتىن قورقۇپ ئۇنى قولدىن بىرىپ قويدىڭىزشۇنداقمۇ؟دەپتۇ ئۇ ئادم بىشىنى لىڭشىتىپتۇ.بىراق ئۇ ئادەم بۇ قىتىم يىغلاپ كىتىپتۇ.پەرىشتە ئۇنىڭغا:دوستۇم ئاشۇ قىز دەل سىزنىڭ ئايالىڭىز بولاتتى.سىلەرنىڭ تىخى ئوماق بالىلىرىڭلارمۇ بولاتتى.ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسىڭىز ھاياتىڭىز ئىنتايىن خۇشاللىقتا ئۆتەتتى،دەپتۇ. ھەر كۈنى ئەتراپىمىزدا ناھايىتى كۆپ پۇرسەتلەر ئەگىپ يۈرۈيدۇ.مۇھەببەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بىراق بىز دائىم ھىكايىدىكى ئاشۇ كىشىگە ئوخشاش ھەمىشە قورقۇپ قەدىمىمىزنى توختىتىپ قويىمىز.نەتىجىدە پۇرسەت كىتىپ قالىدۇ.بىز رەت قىلىنىشتىن قورقۇپ كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىىشىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز.مەسخىرە قىلىنىشتىن قورقۇپ باشقىلار بىلەن ھىسيات ئالماشتۇرالمايمىز ،مەغلۇپ بولۇشتىن قورقۇپ باشقىلارغا ۋەدە بىرىشكە جۈرئەت قىلالمايمىز. بىراق بىزنىڭ ھىكايىدىكى ئاشۇ كىشىگە قارىغاندا بىرئارتۇقچىلىقىمىز بار ،ئۇ بولسىمۇ بىز تېخى ھايات!

     <ياشلار ئەدەبىيات ئۈنچىللىرى> ژورنىلىدىن رەيھان تەرجىمىسى ---- يازمىلىرىمنى ئىجادىيەت مۇنبىرىدىن باشقا يەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق