بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر كىم؟

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-23 19:11:34

بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر كىم؟ ھەر بىر دەۋرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرى بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە پىدائىي ئەسكەرلەر ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر ھېسابلىناتتى، ئۇلارن...



     

    بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر

    كىم؟

     

     

        ھەر بىر دەۋرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرى بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە پىدائىي ئەسكەرلەر ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر ھېسابلىناتتى، ئۇلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك تەرىپىنى ۋېي ۋېينىڭ ھىلىقى داڭلىق ئەدەبىي ئاخپاراتنىڭ تارقىلىشى بىلەن تەڭ، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن بىلىپ كەتتى.

        بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر كىم؟

         مەن دەۋاتقان «بۈگۈن» ھازىرقى، يەنى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 30 يىلنى كۆرسىتىدۇ. مەن مۇنداق جاۋاب بېرىمەن: ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن، ئۆز ئالدىغا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر: دۆلەتنىڭ بىر پۇڭ پۇلى، بىر سۇڭ يېرىنىمۇ بىكارغا ئېلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر؛ دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىشىگە تايىنىۋالمايدىغان كىشىلەر- بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.

        دۆلەت ۋە كارخانىلار جەمئىيەتنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئەڭ ئاز بولغاندا نەچچە تۈمەن، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ، نەچچە مىليون يۈەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەبلىغى سەرپ قىلىدۇ. دۆلەت مەمۇرلىرىنى دېمەيلا تۇرايلى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بىر شوپۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ 20-30 تۈمەن يۈەنگە «ئوۋدى» ماركىلىق ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، مانا بۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى. ئېسىمدە قىلىشىچە، 7-8 يىل ئىلگىرى «لىيەنشىياڭ» گۇرۇھى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەبلىغىنى ھېسابلاپ كۆرگەندە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئادەمگە توغرا كەلگىنى تەخمىنەن 7-8 تۈمەن ئەتراپىدا بولغان (سانلىق مەلۇماتتا بەلكىم خاتالىق بولۇشى مۇمكىن). ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى خىزمەت بىناسىنىڭ كۆلىمى، سۇ-توك خىراجىتى، مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتچىلەر قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن بۇ يىل بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مۇئەللىمنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكىدا ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغ 7 تۈمەن ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولىدىكەن.

        بەزىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەبلىغىگە نىسبەتەن ھېچقانداق چۈشەنچىسى يوق دېيەرلىك. مەسىلەن، يول ياقىسىدا ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ھەق ئېلىنىدۇ. ھەق يىغقان شىركەت مېنىڭ تەننەرخ مەبلىغىم يوق، شۇڭا مەن يىغقان بۇ پۇلدىن ھەق يىغقۇچىنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىپ، قالغىنىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىمەن، دەپ ئويلايدۇ. توغرا ئەمەس! گەرچە شىركىتىمىز ئىش ئورنى تەننەرخ مەبلىغى بىلەن تەمىنلەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق يولنى بىز باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە يول ئاسراش ھەققىنى تاپشۇرغانلار ياسىغان، يەنى ئىش ئورنى مەبلىغى ھېساباتىنى بىز ئاللىقاچان تۆلىۋەتكەن. شۇڭا، بۇ، بەزى يول ھەققى يىغقۇچىلارنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى ئەمەس، پوزىتسىيىسى ناچار بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىشى، ھەتتاھاقارەتلەشلىرىگە دۇچار بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى. ئادەم تىللاش بولسا ئېنىقكى قانۇنسىزلىق، ئىنتىزامسىزلىق. بىراق، باج تۆلەيدىغانلار ۋە ماشىنا ھەيدەيدىغانلار سىزنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن تۇرسا، سىزدە ئازراقمۇ مىننەتتارلىق ھېسسىياتى بولمىسا، ئەجەبا بۇ ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەمدۇ؟

        ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن، ئۆز ئالدىغا بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر ئىكەن، ئۇنداقتا، ئاشۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبىدىن، دۆلەت ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىن مىليونلاپ مەبلەغ ۋە نۇرغۇن يەر-زېمىنى تېجەپ قالالىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلىمى، قان-تەرى ئارقىلىق ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى بېقىپلا قالماستىن، ھەتتا، باج تاپشۇرۇش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بېقىۋاتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ كىشىلەر دېھقان قېرىنداشلىرىمىزدىنمۇ سۆيۈملۈك. جۇڭگو دېھقانلىرى بۈگۈنكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرنىڭ رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېرى بار ئەمەسمۇ؟

        بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى گۆش سېتىپ، چىڭخىۋا ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن دوكتۇر ماشىنا رىمونت قىلىپ ئۆزىنى كەمسىتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ «گالۋاڭ زىيالىي» بولۇشنى خالىمىغانلىقى. ئەمەلىيەتتە، بۇ كىشىلەر ئىنتايىن پەزىلەتلىك، ناھايىتى بىلىملىك كىشىلەر، ئۇلار داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دىپلومىغا تايىنىۋالمايدۇ، دۆلەتنىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ، يەنە تېخى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەيدۇ، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر ئارىسىدىكى مەشھۇرلاردۇر. قاچانكى، جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتى دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تايىنىۋالمىسا، دۆلەت مەمۇرلىقىنى « بىردىنبىر چىقىش يولى» دەپ قارىمىسا، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزىگە خاس بولغان بىر ياشاش زېمىنىنى ھازىرلىيالىسا، ئەنە شۇ چاغدا جۇڭگو ھەقىقىي قۇدرەت تاپقان، كۈچەيگەن بولىدۇ.

       جۇڭگو جەمئىيىتىدە بىر خىل يامان ئىللەت بار، ئۇ بولسىمۇ ئومۇمنىڭ بايلىقىنى ئىگىلىۋالىدىغان، دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تايىنىۋالىدىغان كىشىلەر، بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرنى ياراتمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تەرەپ-تەرەپتە بۇ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ئاۋارىچىلىق سېلىپ، ھەر خىل ئىش تېپىش يوللىرىغا توسۇق قۇرۇپ، ھە دېسىلا ئۇلارغا زەربە بېرىۋاتىدۇ. بۇ بىر ھەق-ناھەق مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مېنىڭ نەزىرىمدەبۇ بىر ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىش مەسىلىسىدۇر. بۇ خىل ئەھۋال ۋە ھادىسە بىر كۈن ئۆزگەرمەيدىكەن، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى بىر كۈنمۇ تۈپتىن پەسەيمەيدۇ. بىز پەقەت كىمنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تونۇيالىساقلا، ھەم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاۋاتقان كىشىلەر پۈتۈن جەمئىيەت ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەرگە ئايلانغاندىلا ئاندىن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل بولۇشى مۇمكىن.

          ----------------------

        سۇۋىنياڭ ئىمزالىقىدىكى بۇ يازمىنى «تاللانغان فىليەتونلار»ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 12- سانىنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئايلىق سانىدىن ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت تەرجىمە قىلغان. تىلىماچ: خوتەن ناھىيە خانئىرېق يېزا سېرىق ئۆي ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى.

       

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.