د ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-14 17:17:00

داستىخانغا دەسسمەيلى ئەنۋەر سادىق دانىشمەنلىرىمىزنىڭ داستىخنىمىزغا دائىر دەسلەپكى دەلىللەشلىرىدىن دېرەكلەندۇقكى : داستىخىنىمىز دەۋرىلەردىن دەرۋىمىزگىچە دىپلومايتىنى ، دوستلۇقنى ، دىيانەتنى ...

    داستىخانغا دەسسمەيلى

    ئەنۋەر سادىق

    دانىشمەنلىرىمىزنىڭ داستىخنىمىزغا دائىر دەسلەپكى دەلىللەشلىرىدىن دېرەكلەندۇقكى : داستىخىنىمىز دەۋرىلەردىن دەرۋىمىزگىچە دىپلومايتىنى ، دوستلۇقنى ، دىيانەتنى داۋاملاشتۇرغان .

    دېمەكچىمىزكى ، دۆلىتىمىزدىكى داخىلداش دوستلىرىمىز ، دۇنيادىكى داخىلداش دوست دۆلەتلەر داستىخنىمىزنىڭ دىيانىتىنى داڭلاۋاتقان دەرۋىرلەردە ، دىيارىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. دىيانەتلىك دانىشمەنلىرىمىزنىڭ ، دوكتورلىرىمىزنىڭ ، دوتسېنتلىرىمزنىڭ ، دىراماتورگلىرمىزنىڭ ، دىكتورلىرمىزنىڭ دەرسخانىلاردا ، دسسىېرتاتسىيلىرىدە، دوكلاتلىرىدا ، دارما ، دېكلاماتسىيلىرىدە دېيىلگنىدەك دىيارىمىزىدكى داخىلداشلىرمىزغا داستىخانغا دەسسىمەسلىكىنى دەممۇ -دەم دارىتمىلاپ دېسەكمۇ ، دەپنە - دۇنيانى دەپ دىيانىتىنى دەتتىكامغا دومۇلىتىۋەتكەن داپشاقلار دورايدىغاننى دورىماي ، دورىمايدىغاننى داوراپ داستىخنىمزغا داۋاملىق دەسسەۋاتىدۇ. : << داستىخانغا دەسسىمەڭلار ، دېسە دەۋەرسۇن ، داستىخانغا دەسسەش دەۋرلەردىن - دەۋرىمىزگىچە داۋاملاشقان . دادىلىرىمىزمۇ دەسسەپتىكەن . >> دەپ داستىخانغا دەسسىگەنلىكىنى دەلمۇ - دەل دەلىلليەلمىسمۇ ، دەككە - دۈككىدە دۇدۇقلاپ دەۋرلەرگە ، دادىلىرىغا دۆڭگەۋاتىدۇ.

    دېققىتىمىزنى دومىلاتساق ، دادىلىرىمىزنىڭ دەۋرىدە دىققەتسىزلىكتىن دەلدەڭشىپ داستىخانغا دەسسىگەنلەر دەررۇ دۆشكەلىنەتتى. دېگەنلىڭنىڭ دۇرۇسلۇقىنى دەلىللەي دېسەڭ داستىخانغا دەسسە، دېيىلەتتى.

    دېمەك ، داستىخان - دوستلار، دىلكەشلەر ، دېمەتلىكلەر دىدارلاشقاندا دىيانىتىمىزگە دائىر دۇردانىلار دېيىلىدىغان دەرسخانا . دۈشمەنلىكنى ، دىلئارازلىقىنى دۇمبالاپ ، دىيانەتسىزلىكنى دەزماللاپ ، دىلخەستىلىكنى ، دىشۋارچىلىقىنى دورىسىز داۋالايدىغان دوختۇرخانا . دىپلوماتىينى ، دوستلۇقنى ، دىيانەتنى دەۋرلەردىن - دەۋرلەرگە داۋاملاشتۇرغان دەستۇر، داستىخانغا داۋاملىق دەسسەۋەرسەك ، دۆتلىشىپ ، دىپلوماتيىنى ، دوستلۇقنى ، دىيانەتنى دەۋرىمىزدىن دەرۋىلەرگە داۋاملاشتۇرالمايمىز. دوكتۇرنى - دوختۇر، دېرىكتورنى - دېكتور دەپ دائىم دەۋاتقانلىرىمىزنىمۇ دۇرۇس دىيەلمەيمىز.

    دەۋرداشلار ، دىيارداشلار، دانىشمەنلىرىمىز دەلىلىلەپ دېگەندەك : << دىيانەتسزلىك - دېڭىز دولقۇنىدىمۇ ، دوزاختىنمۇ دەھشەتلىك >> دولقۇنسىمان دەۋرلەردىمۇ دىيانىتىمىز داۋالغۇمىغان . داستىخنىمىزغا دەسسىمەسلىكنى دوستلىرىمىزغا ، دىلكەشلىرىمىزگە ، دېمەتلىكلىرىمىزگە ، داخىلداشلىرىمىزغا دەرقەمدە ، دادىل دەيلى ! دىكتورلىرىمىزغا دېگۈزەيلى ! داستىخانغا دەسسەشتەك دىيانەتسىزلىك دەرھال دەرگاھىغا داجىسۇن ! داستىخانغا دەسسەپ دانلىمايلى ! داستىخان دەستىلەنسە دەستىلەنسۇن ، دەسسەلمىسۇن ! دېققەتسىزلىكتىن دەسسىگەنلەر ، دوراپ دەسسىگەنلەر دەسسىمىسۇن ! << دەسسىمەڭلار ! >> دېسەكمۇ داۋاملىق دەسسەۋەرگەن دىلى دوناي ، دىتى دۈمبىسىگە داغلانمىغان ، دىيانىتى دېلىغۇل ، داشقايناق دەلدۈشلەرنى دۇنيادىكى داڭلىق دوختۇرخانىلاردا داۋالىتايلى ! دەسسەلگەن داستىخانلارنى دەرھال دورىلاپ دېزىفىنكىسىيلەيلى !

    داستىخان دېمەك _ دىپلوماتىيە دېمەكتۇر .

    داستىخان دېمەك _ دوستلۇق دېمەكتۇ .

    داستىخان دېمەك - دىيانەت دېمەكتۇر.

    داستىخان دېمەك - دىدار دېمەكتۇر.

    ( ئاپتور : قەشقەر پىداگوگىكا ئىنسىتىتوتى فىزىمات فاكولتىتىدىن )

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 19:09:52]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر د سۆز ئويۇن