جۇڭگولۇقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى: غالچا ۋە پارىخور-خىيانەتچى

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-04 10:31:08

كىچىك چاغلىرىمدا ئىنقىلاۋى كىنولارنى كۆرسەم، جۇڭگولۇقلار پەرەڭلەر(چەتئەللىك)دىن نوچىكەن، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىكەن دەپ پەخىرلىنىپ كېتەتتىم، ئۆلۈمدىن قورقمىغان يەردە، غالچا بولاتتىمۇ؟ شەخسىيەتچى مىلتارست جاڭ زولىن ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ كۆزىگە قولىنى

    جۇڭگولۇقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى: غالچا ۋە پارىخور-خىيانەتچى

     

    (خەلق تورى جامائەت پىكرى كۈزىتىش ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا، مەزكۇر ماقالە 2012-يىلى 12-يانۋاردىكى بلوگ ماقالىسى تەۋسىيە رېتىدە 5-ئورۇندا تۇرغان. ئازراق قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى) 

    جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا غالچىلار ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىكەن، ھازىرمۇ تۈگەپ كەتكىنى يوق. كونا جەمئىيەتتە، يوقسۇل-نامراتلار ئاچ-يالىڭاچ قالىدىكەن، ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقىلى بولمىغاندىكىن، قۇل-غالچا بولۇپ سېتىلىدىكەن. ئادەم نەرسە قاتارىدا سېتىلسا، جىسماني ھەق-ھوقۇقى تۈگىدى، دېگەن گەپ. ئىگىدارلىق جەھەتتە، غالچا-قۇل بىلەن ئات-ئېشەكنىڭ پەرقى بولمايدىكەن. باشقا-باشقا خوجايىنغا غالچا بولغاندا، ئورنى ۋە تەمىناتىدا پەرق بولسىمۇ، قەدىر-قىممىتىدە پەرق بولمايدىكەن، خوجايىنغا لازىم بولغاندا ئىشلىتىدىكەن، لازىم بولمىسا تاشلىۋېتىدىكەن. خوجايىن ئالدىدا غالچىنىڭ جېنى چۆمۈلىنىڭ جېنى بولۇپ قالغان ئىكەن.
     

    كىچىك چاغلىرىمدا ئىنقىلاۋى كىنولارنى كۆرسەم، جۇڭگولۇقلار پەرەڭلەر(چەتئەللىك)دىن نوچىكەن، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىكەن دەپ پەخىرلىنىپ كېتەتتىم، ئۆلۈمدىن قورقمىغان يەردە، غالچا بولاتتىمۇ؟ شەخسىيەتچى مىلتارست جاڭ زولىن ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ كۆزىگە قولىنى تەڭلەپ تۇرۇپ زەھەردەك تىللىيالىغان يەردە، يېڭى جۇڭگودا قەپەزدىن قۇتۇلغان قۇشلاردەك ئەركىن چوڭ بولغان ھازىرقى ئەۋلادلار ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن دەۋاتسا، ئۆزى خالاپ غالچا بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئاخچا ياكى مەنسەبنى دەپ شۇنداق قىلامدىغاندۇ؟
     

      بۇرۇنقى زاماندا قۇل-غالچا بولغانلارغا ئىچ ئاغرىتتۇق، نەپرەتلەنمىدۇق. بۈگۈنكى زاماندا غالچا بولغانلار بەرھەقكى نومۇسسىز پېسەندە-پاسىق، ھاراملىق-سولامچىلاردۇر. غالچىلىق ئەسلىدە ئىنسان تەبىئىتىگە يات بولۇپ، پۈتۈنلەي تەربىيەلەشتىن بولغان. نەچچە ئون يىللىق «پۇلپەرۋەرلىك تەربىيىسى»دە ياش ئەۋلاتلار بىلىپ-بىلمەي غالچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ كەتكەن. «تەربىيەچىلەر» ياشلارنى پۇللا بېرىدىغان ئىش بولسا، قورقماي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. پۇل بەرگۈچى ئادەممۇ ياكى ئالۋاستىمۇ كارى بولمىغان، خوجايىن ھېسسىياتچانراق ئادەم بولۇپ قالغىدەك بولسا، غالچىلار كۈچىنىلا ئەمەس، تېنىنى-نومۇسىنىمۇ سېتىۋەرگەن، نومۇس دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ ئېڭىدا يوقىلىپ كەتكەن. جۇڭگونىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخىدا مۇنداق كاتتا ئىشلار بولۇپ باقمىغان بولسا كېرەك. «مۆشۈكىزىم» ئەسلىدە بىر شەخسنىڭ سەپسەتىسى بولسىمۇ، سان-ساناقسىز غالچا تەربىيەچىلەرنىڭ تەكرار-تەكرار ئېزىپ-ئىچىرىشى بىلەن مەملىكەت خەلقىنىڭ «غالچىلىق دەستۇرى» بولۇپ قالغان. موشۇنداق زاماندا تۇغۇلغان ئادەم غالچا بولالماي قالسا، بۇنىڭ ئۆزى نومۇسلۇق ئىش بولۇپ قالىدۇ.
     

    غالچىلارنىڭ كۆپلىكىنى ئويلاۋېتىپ، پارىخور-خىيانەتچىلەرنىڭ كۆپلىكىنىمۇ ئويلاپ قالدىم. تۈنۈگۈن پالانى مېنىستىر قولغا ئېلىندى، دېسە، بۈگۈن پوكۇنى شەھەر باشلىقى قولغا ئېلىندى دېگەننى ئاڭلاپ، چېرىكلىككە، خىيانەتچىلىككە قارشى كۈرەشتىن ئۈمىت باركەن دەپ ئويلاپ قالغانلار بولۇشى مۇمكىن. ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، جۇڭگونىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي ئېڭىدىن قارىغاندا، چوڭ پارىخور-خىيانەتچىنى تۇتۇش دېگىنى «چوڭ خوجايىن»نىڭ «چوڭ غالچا»نى تاشلىۋېتىش ئويۇنىدۇر، خالاس. بۇنداق «خوجايىن» ۋە «غالچا»لار پۈتكۈل جەمئىيەتتە قوش بىسلىشىپ زەنجىرسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. كىچىك ئەمەلدار ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ غالچىسىدۇر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدار چوڭ ئەمەلدارنىڭ غالچىسىدۇر، چوڭ ئەمەلدار ئالىي ئەمەلدارنىڭ غالچىسىدۇر، ھېچنېمە ئەمەس ئاۋام-پۇقرا كىچىك ئەمەلدارنىڭ غالچىسىدۇر. خەلق غالچا بولۇش چەمبىرىكىدىن چىقالماي، ھەرداۋام غالچا بولىۋەرسە، پارىخور-خىيانەتچى ئەمەلدارلارمۇ خوجايىنلىقىنى خاتىرجەم قىلىۋېرىدۇ، غالچىلارغا سىزىق سىزىپ بېرىش نېمە دېگەن ياخشى-ھە.
     

    قائىدە بويىچە بولغاندا، مائارىپ زامانىۋىيلىققا ئۆتكەنسىرى خوجايىنلىق ئىدىيىسىدە بولۇشى، ئىنسان ھەق-ھوقۇقىنىڭ مۇستەقىللىقى كۈچىيىشى كېرەك ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، «پۇقرا» دېگەن ئاتالمىنى قايتا-قايتا تەكىتلەشتىكى سەۋەب، خەلققە سىياسىي جەھەتتە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھوقۇقى بېرىش ئىدى. ئەپسۇسكى، ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى، بىر قانچە پارىخور-خىيانەتچى چىركىن تۇتۇلا تۇتۇلماي، قاباھەتلىك يىللار باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن، بىچارە جۇڭگولۇقلار غالچىلىقتىن ئىبارەت كونا ئەنئەنىسىنى يەنە تېپىۋالدى. ئەگەر بىرەرسى مەندىن «ھازىرقى زامان جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى نېمە» دەپ سوراپ قالغىدەك بولسا، مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا: «غالچا يېتىشتۈرۈشتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم.
     

    جۇڭگونىڭ غالچا مائارىپى ئالىي مەكتەپتىلا نامايان بولغان ئەمەس، بەلكى، باشلانغۇچ مەكتەپتىلا باشلانغان، ئالىي مەكتەپتىكى مەزگىلدە تەسىرى ئەڭ يامان بولغان. پروفېسسور ئاكادېمىكنىڭ غالچىسىكەن، دوتسېنت پروفېسسورنىڭ غالچىسىكەن، لېكتور دوتسېنتنىڭ غالچىسىكەن، ئوقۇغۇچى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غالچىسىكەن، دەرىجىسى ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ، سىزىقتىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئەھۋالى ئېچىنىشلىق بولىدىكەن. مەلۇم چەمبىرەك دائىرىسدە پروفېسسور ئاكادېمىكتىن ئىقتىدارلىقراق بولۇپ قالدى دېگەن گەپ، ئۆلگۈسى كەپتۇ، دېگەن گەپ. تىرىكچىلىك قىلاي دېسە، گالۋاڭراق بولىۋېلىشى كېرەك. باشقا تەرتىپلەرمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە، غالچىلىقنى بەك قاملاشتۇرىدىغانلار «پارتىيىۋىلىك ماقالىسى» يېزىپ جان باقىدىغان بىكارچىلار بولسا كېرەك، بۇنداقلارنىڭ قورسىقىدا ئومىچى يوق، قولىدىن كېلىدىغىنى پىكرى بىردەك بولمىغانلارغا قالپاق كەيدۈرۈشكە ماھىر كېلىدۇ. ئۇنداقلار دەرىجىسى ئۆزىدىن يۇقۇرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى غوجام، دەپ بىلىدۇ. كىمكى ئۇلارنىڭ غوجىسىنى خاپا قىلىپ قويسا، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىغىچە ئېيتىشىدۇ، تاماق قاچاڭنى چاقتۇرىۋېتىمەن دەپ ھەيۋە قىلىدۇ، بۇنداقلارنى كۆپ كۆرگەنمەن. مىنگو دەۋرىدە، خۇشى ئىنقىلاپچى بولمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە مۇستەقىل قارىشى بار ئىكەن، باشقىلاردىن غالچا بولۇشنى تەلەپ قىلماپتىكەن. لېكىن، ھازىرقىلار ئۇنداق ئەمەس، ھەممىنى بىر توپ غالچا قىلىۋېلىشقا، ھەممىنىڭ چۇلۋۇرىنى ئۆزى تۇتۇپ، قەيەرگە يېتىلىگۈسى كەلسە، شۇ يەرگە يېتىلەيدىغان قىلىۋېلىشقا ئاران تۇرىدۇ.
     

    پارىخور-خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ ئەمەل-مەنسىپى قانچىلىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا غالچىنىڭ غوجىسى، ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى غالچا ئاۋام-پۇقرادۇر، تۆۋەن قاتلامدىكى سانى كۆپ غالچىلار جۇڭگودا پارىخور-خىيانەتچى ئەمەلدارنى كۆپلەپ يېتىشتۈردى، بۇنداق دەپ ئاۋام-پۇقرالارنىڭ تىل-ئاھانىتىدە قېلىشتىن قورقمايمەن، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىمكى، غالچىلار بولمىسا، پارىخور-خىيانەتچى ئەمەلدار بولمايتتى.
     

    يېزا-قىشلاقتىن كەلگەن بولسىڭىز، دىققەت قىلىپ بېقىڭ، چېرىكلىشەلەيدىغان كىچىككىنە بىر ئورۇنغا ئېرىشىپ قالغان بولسىڭىز، يۇرتىڭىزغا بارغاندا، خېلى ئىززەت-ئىكرامغا نائىل بولىسىز، ھەپسىگە چۈشۈپ قالمىغانلا بولسىڭىز، چېرىكلىشىشىڭىزنىڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-يارەنلەرنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىز تۇتقان مەنسەپ ۋە بايلىقىڭىزغا قاراپ بولىدۇ، چېرىكلەشكەنلىكىڭىز بىلەن يۈزىڭىز چۈشۈپ كەتمەيدۇ. نەچچە ئون يىل ئىشلەپ، بىرەر-يېرىم مەنسەبكە ياكى پۇل-مالغا ئېرىشەلمىسىڭىز، قولىدىن ئىش كەلمەيدىكەن، يا ئەمەل تۇتالمىسا، يا پۇل تاپالمىسا، يەر تېرىسىچۇ، دېيىشى تۇرغانلا گەپ. ھېيت-بايراملاردا بەزىلەرنىڭ ئۆيلىرى قايناپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان مېھمان يوق. دېھقان خەق ئاددى-ساددا كېلىدۇ، ئەمەلداردىن بىر سېنتلىق پايدا تەگمىسىمۇ، ھەتتا ئەمەلدارنىڭ ئالدىدا كىچىككىنە ھۆرمىتى بولمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىۋالغىنىنى شەرەپ بىلىدۇ. بۇنداق دېيىشىم ئۇلارنى كەمسىتكەنلىك ئەمەس، دېمەكچى بولغىنىم، ئاۋام-پۇقرالارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى بەك ئاستا، قالاقلىق ۋە نادانلىق قۇل مىجەزلىكنىڭ زەھەرلىك تۇپرىقى بولۇپ، بۇنىڭغا مەلۇم خاتا تەشۋىق-تەرغىباتلار قوشۇلسا، قۇلچىلىق تۇپرىقى تېخىمۇ زەھەرلىنىدۇ.
     

    دېھقانلارنىڭ قۇل مىجەزلىكى ئومۇمىيلىق، لېكىن ئەڭ زىيانلىقى بۇ ئەمەس. جۇڭگوغا زېيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان قۇل مىجەزلار توپى زىيالىيلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى خىزمەت خادىملىرىدۇر. 4-ماي ھەرىكىتى زىيالىيلارنىڭ ئويغىنىشى دېيىلگەن ئىدى، لېكىن بۇمۇ تۈتۈنگە ئايلاندى. ھۆرمەتكە سازاۋەر زىيالى بولغانسىرى روھنىڭ قۇلى بولۇشقا رازى بولدى، مەدەنىيەت-مائارىپتا سىياسىي توغرىلىق گەپ قىلمايلى، مەدەنىيەت دېگەن ئادىمىيلىككە تەۋە، سىياسىي دېگەن ئەلنى ئىدارە قىلىشقا تەۋە، قۇرۇق گەپ قىلغانمۇ، كەيپ-ساپا توغرىلىق گەپ قىلغانمۇ، سىياسىي توغرىلىق گەپ قىلغاندىن ياخشىراق دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشتى. ئاقماس گەپقۇ بۇ. دېموكراتىيە، سىياسىي توغرىلىق گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان زىيالىيلارنى كۆرسەم، پەقەتلا كۆزگە ئىلمايمەن. لۇشۈن ئەپەندى يۈز نەچچە يىل بۇرۇن جەمئىيەت ۋە ھايات ھەققىدە گەپ قىلىشقا پېتىنغان ئىكەن، 60 نەچچە يىل خەلق دېموكراتىيە تەربىيىسى ئالغان يېڭى زامان زىيالىيلىرى ئەجىبا ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئۈگەنگەنمىدۇ؟ زادى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ تايىنلىق، غوجىسىنىڭ تەنقىدى، قامچىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغىنىدۇر ھەقىچان؟ ئۆزىنى قاچۇرسىمۇ بوپتۇ دەيلى، زىيالىيلارنىڭ ئەڭ يىرگىنىچلىك تەرىپى شۇكى، ئۆزى غالچا بولۇش بىلەنلا قالماي، غالچا بولۇشنى باشقىلارغىمۇ ئۈگىتىدۇ، قان شورىغۇچى غوجىسىنى ئاقلايدۇ، مەسىلەن، چېرىكلىك ئىقتىساد ئۆزگۈرۈش دەۋرىدىكى ھادىسە، ھامان تۈگەيدۇ، ئاۋام-پۇقرا ئەجەبلەنمىسىمۇ بولىدۇ، چېرىكلىك ئىستىمالنى قوزغىتىدۇ، پارىخور-خىيانەتچىنىڭمۇ تۆھپىسى بار، چېرىكلىككە كەڭ قورساق بولغاندا جۇڭگو ئالغا باسىدۇ، جۇڭگودىكى چېرىكلىك غەربتىكىدەك ئۇنچە ئېغىر ئەمەس، تاراتقۇلار مۇبالىغە قىلىۋەتكەن، دېگەندەك تۈكى يوق گەپلەرنى قىلىپ، غوجىسىنى ئاقلىغان ماقالىلەر بەك تولا. ئۇلارنىڭ مەقسەد-مۇددىئاسى غوجىمىز تەڭقىسلىقتا قالمىسۇن، سەۋر-تاقەت قىلايلى، بىز دېگەن غالچا تۇرساق، دېمەكچى.
     

    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا مۇنداق بىر ھەزىل گەپ تارقالغان ئىدى: بىرەيلەن ھاجەتخانىدا باشلىقى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قاپتۇ، باشلىقنىڭ قۇلىقىغا ياققۇدەك گەپتىن بىرەنى قىلاي دېسە، دەمالى ئېسىگە كەلمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن، ھاجەتكە ئۆزىڭىز چىقىپسىز-ھە، دەپ ساپتۇ. ھازىرقى جۇڭگولۇقلارنىڭ قۇل مىجەزلىكى بۇرۇنقىدىن بوشاپ قالغىنى يوق. كونا جەمئىيەتتە بىر مالاي بىر خوجايىننىڭ خىزمىتىنى قىلسا، بۈگۈنكى كۈندە بىر توپ غالچا بىر خوجايىننىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ. كىچىك پارىخور-خىيانەتچىنىڭ چوڭ پارىخور-خىيانەتچى بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ قول ئاستىدا غالچىلارنىڭ كۆپ بولغىنىدىن، جېنىنى سېلىپ بېرىدىغانلارنىڭ كۆپ بولغىنىدىندۇر. سوۋغا-سالام بېرىشتە غالچىلار بازىرىدا رەسمىيەت-قائىدە كۆپ بولىدىكەن. بىر ھاكىم(قەدىمقى)نىڭ قول ئاستىدا نەچچە يۈز غالچا بولىدىكەن، ھېيىت-بايرام، توي-تۆكۈنلەر غالچىلار خوشامەتچىلىك كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت بولىدىكەن، سوۋغا-سالام بېرىۋالغانلار بۇنى چەكسىز بەخت ۋە شان-شەرەپ بىلىدىكەن، بۇرۇنقى زاماندا «بىر يىل ھاكىم بولساڭ، ئون تۈمەن تەڭگە تاپارسەن» دەيدىغان گەپلەر بارىكەن، ھازىرچۇ؟
     

    ھەرقانداق شەيئىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يوقۇلىشى مۇقەررەردۇر. پارىخور-خىيانەتچى بىلەن غالچا تەڭ پەيدا بولغان دېيىش مۇمكىن. غالچا تۈگىمىسە، پارىخور-خىيانەتچى تۈگىمەيدۇ. پادىشاھ جياچىڭنىڭ خېشىننى ئۆلتۈرۈشى بىر تال چىۋىننى ئۆلتۈرگەندەكلا ئىش بولۇپ، چىۋىن كۆپىيىدىغان مۇھىتلا بولىدىكەن، چىۋىننى قانچىلىك ئۆلتۈرگەن بىلەن بىكار.(يەنىلا كۆپىيىۋېرىدۇ). دېمەك، خەلققە قۇل مىجەزلىكتىن قۇتۇلۇش ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بېرىش، غالچىنى خەلققە ئۆزگەرتىشنىڭ سىياسىي كاپالىتى ۋە قانۇن كاپالىتى بولۇش كېرەك. غالچا بىلەن خوجايىن بىر-بىرىگە تايىنىدىغان مۇھىت ئۆزگەرتىلمىسە، پارا بېرىش-پارا ئېلىش ئويۇنى تۈگىمەيدۇ. ئاۋامنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى ئەمەلدارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئەمەلدارنىڭ چېرىكلىشىشىگە قارشى تۇرىمىز دېيىش كۈلكىلىك گەپ بولۇپ قالىدۇ. بىر خېشىننى ئۆلتۈرۈش بىلەن، مىڭلىغان-مىليونلىغان خېشىنلارنى تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ چوڭ پارىخور-خىيانەتچىنى جازالىغاننىڭ ئىبرەت كۈچى زوردەك تۇرغان بىلەن، پارىخور-خىيانەتچىلىكنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئەمەل دەرىجىسىگە ئەمەس،
    نەپسىگە باغلىق. قوشۇقنىڭ سېپىچىلىك ھوقۇق تۇتقان ئەمەلدارمۇ ئادەم ئاغزىنى ئېچىپ قالغىدەك ساندا پارا ئېلىشى-خىيانەت قىلىشى مۇمكىن، كىچىككىنە كەنت باشلىقىمۇ ئىككىنچى خېشىن بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆلۈم جازاسى بېرىپ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش دەيدىغان قانۇن بار يەردە كىچىك پارىخور چوڭ پارىخور بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ قۇل مىجەزلىكى ئۆزگەرمىسە، پارىخور-خىيانەتچى تۈگىمەيدۇ، غالچا تۈگىمىسە، پارىخور-خىيانەتچى تۈگىمەيدۇ. كوڭزىنىڭ ئىدىيىسىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيىسى قىلىش بىلەن جۇڭگولۇقلار قۇل مىجەزلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ.

    ...............................

    غالچىلار بىر كۈندىلا تۈگەپ كەتمەيدۇ، ئىنقىلاپ بىر قېتىمدىلا مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇشى ناتايىن. ئىلگىرى پومېشچىك ۋە كاپىتالىسىتلار يوقىتىلغان ئىدى، ھازىر تېخىمۇ كۆپ پومېشچىك ۋە كاپىتالىستلار پەيدا بولدى، ئىلگىرى خاقان-پادىشاھلار يوقىتىلغان ئىدى، ئەمدى تېخىمۇ كۆپ يەرلىك خاقانلار پەيدا بولدى. ئىنقىلاپ قانچىلىك دەرىجىدە بولىدۇ، بىر نېمە دېمەك تەس. قۇلچىلىقنى بىر خىل كېسەل دېسەك، جۇڭگوچە دورا پايدا قىلامدۇ ياكى غەربچە دورا پايدا قىلامدۇ؟ كېسەلنى چوقۇم داۋالاش كېرەك. غالچىلار بىلەن پارىخور-خىيانەتچىلەر جۇڭگونى گۇمران قىلىۋەتسە بولماس.


     

    مەنبە: خەلق تورى مۇنبىرى
    http://bbs1.people.com.cn/postDetail.do?id=115410274

    ئاپتور: سۈن شىلياڭ (جوڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. «جۇڭگو ئېنتېرنىت تورىدىكى نوپۇزلۇق توققۇز شەخس»نىڭ بىرى)

    تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.