ئەڭ قالتىس مۇئەللىم

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-22 19:31:26

تامپىسۇن خانىم ھەدېگەندىلا تايدىنىڭ ساۋاغداشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ كىيىمى شۇنچىلىك رەتسىز ئىدىكى، بەزىدە تېخى كىرلىشىپ كەتكەن كۆڭلىكىگە ئادەمنىڭ قارىغۇسى كەلمەيتتى.

     
    ئەڭ قالتىس مۇئەللىم
     
    تامپىسۇن (ئامېرىكا)
     
      ئوقۇش باشلانغان تۈنجى كۈنى تامپىسۇن خانىم 5-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى، يەنى ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق دېدى:
    -مەن سىنىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىمەن!
      ئەمما بۇ سۆزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرىدىغان بالا ئۇنىڭ باشقىچىرەك مۇئامىلە قىلىشىغا موھتاج بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى خاتىرىگە مۇنداق پۈتۈلگەنىدى: تايدى ستودات.
    تامپىسۇن خانىم ھەدېگەندىلا تايدىنىڭ ساۋاغداشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ كىيىمى شۇنچىلىك رەتسىز ئىدىكى، بەزىدە تېخى كىرلىشىپ كەتكەن كۆڭلىكىگە ئادەمنىڭ قارىغۇسى كەلمەيتتى. شۇڭلاشقىمىكىن، ساۋاغداشلىرى ئۇنى تازا ئارىغا ئېلىپ كەتمەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن تامپىسۇن خانىم بۇ بالىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە قىزىل قەلەم بىلەن چاپراس بەلگىسى سىزىشقا ئادەتلىنىپ قالدى.
    ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارخىپىنى كۆرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. تامپىسۇن خانىم تايدىنىڭ ئارخىپىنى ئەڭ ئاخىرىدا كۆرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى، ئەمما ئۇ تايدىنىڭ ئارخىپىنى كۆرۈپ بولغاندا خېلىغىچە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالدى.
    تايدىنىڭ 1-سىنىپتىكى ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق يازغانىدى:«تايدى ئىنتايىن ئەقىللىق بالا، چىرايىدىن ھەرقاچان كۈلكە ئۆچمەيدۇ. تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئىشلەپلا قالماي، تۇرمۇشتىمۇ شۇنچىلىك رەتلىك ۋە ئەدەپلىك، ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلالايدۇ».
      ئۇنىڭ 2-يىللىقتىكى ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق يازغانىدى:«تايدى ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، ساۋاغداشلىرىنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىنى ئازاپ چىرماپ كەتكەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى، شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇنچىلىك نامرات».
      3-يىللىقتىكى ئوقۇتقۇچىسى ئارخىپقا مۇنداق يازغانىدى:«ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتىشى تايدىغا نىسبەتەن قاتتىق زەربە بولدى. ئۇ گەرچە ئۆگىنىشتە ۋە تۇرمۇشتا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس، ناۋادا دەرھال تەدبىر قوللىنىلمىسا ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭغا چوقۇم پايدىسىىز تەسىر كۆرسىتىدۇ».
    4-يىللىقتىكى مۇئەللىم تايدىنىڭ ئارخىپىغا مۇنداق بىر نەچچە قۇر خەت يازغانىدى: «تايدىنىڭ مىجەزى غەلىتە، تەنھا يۈرىدۇ، ئوقۇشقا نىسبەتەن قىزىقىش يوقنىڭ ئورنىدا. ئۇنىڭ بىرەرمۇ دوستى يوق، بەزى چاغلاردا ئۇ سىنىپتا ئۇخلاپ ئولتۇرىدۇ».
      بۇباھالارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، تامپىسۇن خانىم مەسىلىنىڭ زادى قەيەردىلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى.
      روژدېستۋا بايرىمى كېلىپ قالدى، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان سوۋغىلار ئۇنى خۇشال قىلالمىدى. ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىلار سوۋغىلىرىنى تولىمۇ كۆركەم زىننەت قەغىزى بىلەن ئورىغان، تېخى ئۈستىگە رەڭدار گۈل پۆپۈكلەرنى قىستۇرغان ئىدى، ئۇنىڭغا پەقەت تايدىنىڭلا سوۋغىسى يارىدى.
      ئۇنىڭ سوۋغىتى تولىمۇ قېلىن بىر قەغەزگە ئورالغان بولۇپ، بۇقەغەزنى ئۇنىڭ مىلىچ مال خالتىسىدىن يىرتىۋالغانلىقى ئېنىق ئىدى.
      تامپىسۇن خانىم ئۇنىڭ سوۋغىتىنى كۆرمەك بولۇپ، بولاقنى مىڭ مۇشەققەتتە يىرتىپ ئاچتى. بولاق ئىچىدىن خىرۇستال مۇنچاقلاردىن ياسالغان بىر بىلەيزۈك چىقتى، بىلەيزۈكتىكى مۇنچاقلارنىڭ بىرى يوق بولۇپ، ئورنى قاپقارا تۆشۈككە ئوخشاپ قالغانىدى، ئۇنىڭغا يەنە پەقەت تۆتتىن بىرىلا قالغان بىر قۇتا ئەتىر قوشۇلغانىدى. بالىلار ئۇنىڭ سوۋغىتىنى كۆرگەندە قاقاھلاپ كۈلۈپ مەسخىرە قىلىشىۋېدى، تامپىسۇن خانىم دەرھال ئۇلارغا رەددىيە بەردى، ھەتتا ئۇ تايدىنىڭ سوۋغىتىنى ئاۋاز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ماختاپ كەتتى، ئاندىن نەق مەيداندا بىلەيزۈكنى قولىغا سېلىۋالدى، يەنە تايدى سوۋغا قىلغان ئەتىرنى چاچتى.
    -تامپىسۇن خانىم،- دېدى تايدى مەكتەپتىن قايتىدىغان چاغدا تولىمۇ مىسكىن ئاۋازدا،-بۈگۈن سىزنەڭ ۋۇجۇدىڭىزدىن تارىغان ھىد ئانامنىڭ ۋۇجۇدىدىن تارىغان ھىدقا ئوخشاپ كەتتى.....
      بالىلار كەتكەندىن كېيىن، تامپىسۇن خانىم بىرەر سائەتچە ئازابلىق كۆز يېشى قىلدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۇ بالىلارغا قانداق كىتاب ئوقۇش، قانداق يېزىقچىلىق قىلدۇرۇش ۋە ھېساب ئىشلىتىش دېگەن مەسىلىنى ئارقىغا تاشلاپ قويۇپ، بالىلارنى قانداق قىلغاندا ياخشى تەربىيەلىگىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. تامپىسۇن خانىم تايدىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى، ئۇنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ھەمدەم بولدى، بۇنىڭ بىلەن تايدىنىڭ مېڭىسى بۆلەكچىلا ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتى؛ تامپىسۇن خانىمنىڭ تىنىمسىز رىغبەتلەندۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ئاجايىپ كۈچىيىپ كەتتى.
    شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا تايدى سىنىپتىكى ئەڭ ئەقىللىق بالىغا ئايلاندى. گەرچە ئۇ ئىلگىرى:«سىنىپتىكى بارلىق بالىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىمەن» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ كۈنلەردە تايدى ئۇنىڭ «ئەتىۋار» لىقى بولۇپ قالغانىدى.
    بىر يىلدىن كېيىن، ئىشخانىغا كىرمەكچى بولغان تامپىسۇن خانىم ئىشىك يوچۇقىدا تۇرغان بىر باغاقچىنى كۆرۈپ قالدى، ئېچىپ قاراپلا ئۇنى تايدىنىڭ يازغانلىقىنى بىلدى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دېگەنىدى:«تامپىسۇن خانىم، راست گەپ قىلسام، سىز ھاياتىمدىكى ئەڭ قالتىس ئوقۇتقۇچى».
      ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر كۈنى تامپىسۇن خانىم يەنە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالدى، بۇخەتنىمۇ تايدى يازغان بولۇپ، ئۇ خېتىدە مۇنداق دېگەنىدى:«تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزدۈم، نەتىجەم سىنىپ بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ رىغبىتىڭىزنىڭ نەتىجىسى، سىز ھېلىھەم ھاياتىمدىكى ئەڭ قالتىس مۇئەللىم...»
    كۆپ يىللاردىن كېيىن تامپىسۇن خانىم تايدىنىڭ يەنە بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۋالدى، بۇ خېتىدە ئۇ مۇنداق يازغانىدى:«تېببىي پەنلەر باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان ئاشۇ چېغىمدا، مەن يەنە داۋاملىق ئوقۇپ بىلىم تەھلىل قىلىشنى قارار قىلدىم، بىراق قەلبىمدە پەقەت سىزلا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر قالتىس مۇئەللىم....»، بىراق شۇنىڭدىن كېيىنكى خەتلەرنىڭ ئارقىسىغا يېزىلىدىغان ئىمزا خېلىلا ئۇزىراپ، تېببىي پەنلەر دوكتورى-F.ستودات دەپ يېزىلىدىغان بولدى.
      بىر يىلى باھاردا تايدىدىن يەنە بىر پارچە خەت كەلدى، ئۇ خېتىدە مۇنداق دېگەنىدى:«پات ئارىدا توي قىلىمەن، بىراق ھۆرمەتكە سازاۋەر قالتىس ئۇستازىم، سىز تويۇمغا قاتنىشىپ، يىگىتنىڭ ئانىسى ئولتۇرىدىغان ئورۇندا ئولتۇرۇپ بېرىشنى خالامسىزكىن بۇنى بىلمىدىم؟....»
      ئەلۋەتتە، تامپىسۇن خانىم تويغا باردى. ئۇنىڭ قولىدا ھېلىقى بىر تال مۇنچىقى يۈتۈپ كەتكەن خىرۇستال بىلەيزۈك بار ئىدى، يەنە تېخى ئۈستىگە تايدىنىڭ ئانىسى چاچقان ئەتىرنى چاچقانىدى. ئۇستاز بىلەن شاگىرت خۇددى مېھرىبان ئانا بىلەن ۋاپادار پەرزەنتلەرگە ئوخشاش قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، دوكتور ستودات تامپىسۇن خانىمغا پەس ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
    -رەھمەت سىزگە تامپىسۇن خانىم، سىزنىڭ ماڭا چوقۇم ئۇتۇپ چىقالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدۇرغان تىرىشچانلىقىڭىزغا چەكسىز تەشەككۈر ئېيتىمەن!
    -تايدى،-دېدى كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان يېشىنى سۈرتىشنىمۇ ئۇنتۇغان تامپىسۇن خانىم پەس ئاۋازدا،-سەن خاتالاشتىڭ بالام، ئەمەلىيەتتە سەن ماڭا قانداق ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئۆگەتتىڭ. قاچانكى سېنى كۆردۈم، شۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئوقۇتقۇچى بولۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندىم!...
    ئەخمەتجان روزى تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.