بۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-29 14:46:00

بۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس بىر قارا تەنلىك ئانا قىزىنى ئېلىپ بېرمىڭخانىغا كېلىپ كىيىم سېتىۋالماقچى بولدى، بىر ئاق تەنلىك دۇكان خىزمەتچىسىقارا تەنلىك قىزنى توسىۋېلىپ ،ئۇنى كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە...

    بۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس

         بىر قارا تەنلىك ئانا قىزىنى ئېلىپ بېرمىڭخانىغا كېلىپ كىيىم سېتىۋالماقچى بولدى، بىر ئاق تەنلىك دۇكان خىزمەتچىسىقارا تەنلىك قىزنى توسىۋېلىپ ،ئۇنى كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە كىرگۈزمەي:
       - بۇ كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە پەقەت ئاق تەنلىكلارلا كىرىشكە بولىدۇ، سىلەر پەقەت قارا تەنلىكلار ئۈچۈن ئاجىرتىلغان ئامبارغا كىرىسىلەر دېدى. لېكىن، ئانا بۇ ئاق تەنلىك دۇكان خىزمەتچىسىنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماي:
       -ئەگەر بۈگۈن قىزىمنى كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە كىرگۈزمىسەڭ ،مەن باشقا دۇكانغا كىرىپ كىيىم سېتىۋالىمەن!-دېدى.
       ئايال دۇكان خىزمەتچىسى سودىدىن قولدىن كەتكۈزۋەتمەسلىك ئۈچۈن ،ئۇلارنى سەل نېرىراقتىكى كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە باشلاپ ئاپاردى ھەمدە ئۆزى ئىشىك ئالدىدا كۆزىتىپ تۇردى، ئۇلارنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتى، بۇ ھال قارا تەنلىك قىزغا قاتتىق تەسىر قىلدى.
        يەنە بىر كۈنى ،قارا تەنلىك قىز دۇكاندىكى بىر باش كىيمنى سىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئاق تەنلىك دۇكان خىزمەتچىسىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچىردى. بۇ قېتىممۇ ئانا يەنە كۆكرەك كېرىپ چىقىپ دۇكان خىزمەتچىسىگە:
       -قىزىمغا بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلما ،-دېدى،ئاندىن قىزىغا بۇيرۇق قىلدى:
       ـ كونتى ،ھازىرلا سەن بۇ دۇكاندىكى بارلىق باش كىيىمنى بىردىن سىلاپ چىق. قىز خوشاللىقىدىن دۇكاندىكى بارلىق كىيىملەرنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ چىقتى ، ئاق تەنلىك دۇكان خىزمەتچىسى ،بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالدى...
        بۇ كەمسىتىش ۋە ئادالەتسىزلىكلەر ئالدىدا ئانا قىزىغا مۇنداق دېدى:-بالام، ئېسىڭدە بولسۇن، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىدۇ، بۇ خىل ئادالەتسىزلىكلەر سەن پەيدا قىلمىغان ، سېنىڭ تېرەڭنىڭ رەڭگى ۋە ئائىلەڭ سېنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىڭ. بۇنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق ، ئۆزۈڭنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنۇڭنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسەن، باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە تىرىشىشىڭ كېرەك ،شۇنداق بولغاندىلا ساڭا پۇرسەت تېگىدۇ.
       شۇنىڭدىن باشلاپ ئېگىلمەس سۇنماس روھ بۇ قىزنىڭ بايلىقىغا ئايلاندى،بۇ قىز پەقەت تەلىم - تەربىيە ئالغاندىلا باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەندى،ۋە توختىماي تىرىشتى.
         كېيىن ئالاباما شىتاتىدىكى بېرمىڭخامغا ئوىشاش ئېرقىي كەمسىتىش كۈچلۈك رايونىدا تۇغۇلغان بۇ نېگىر قىز (فوبۇس )ژورنىلىنىڭ (2004 -يىللىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ھوقۇقدار ئايال)شەرىپىگە ئېرىشتى ، بۇ دەل ئامېركىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رايىس ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق