ھارغىنلىق

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-12 11:35:22

ھارغىنلىقخوشى شىنيىچى (ياپونىيە) تۈننىسپى، sئەپەندى ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ نورمالسىزلىقىنى خىرە – شىرە ھېس قىلىپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇ كارىۋاتتا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىغانى...



     

    ھارغىنلىق

    خوشى شىنيىچى (ياپونىيە)

     

       تۈننىسپى،  sئەپەندى ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ نورمالسىزلىقىنى خىرە – شىرە ھېس قىلىپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇ كارىۋاتتا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىغانىدى، ماتراسمۇ ئۇنىڭغا ئىلگىرلكىدەك يۇمشاق، راھەت تۇيۇلمايتتى. ئۇ: «ھامىنى ئۇخلىيالمىغاندىكىن ، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقايچۇ» دەپ ئويلاپ، قازاننىڭ كۈيىسىدەك قاپقاراڭغۇلۇق ئىچىدە سىلاپ – سىيپاپ يۈرۈپ كارۋات يېنىدىكى ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇردى. چىراغنىڭ نۇرى ئىنتايىن ئاجىز، غۇۋا ئىدى.s  ئەپەندى: «غەلىتە ئىش، بۇ چىراغ ئادەتتە خېلىلا كۈچلۈك يورۇيتتىغۇ» دېدى ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلاپ، ئارقىدىن ئارتۇقچە ئويلاپ ئولتۇرمايلا، تازىلىق ئۆيىگە كىردى. تازىلىق ئۆيىنىڭ چىرىغىمۇ ھايات شامى ئۆچەيلا دەپ قالغان نىمجان بوۋاينىڭ تىنىقىدەك ئاجىز ھەم تۇتۇق ئىدى.  sئەپەندى كۆزىنى قاتتىق ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ، كۆڭلىدە: «كۆزۈمدىن مەسىلە چىقتىمۇ نېمە؟» دېگەنلەرنى ئويلىغاچ، قولىنى سوزۇپ تەرەت تۇڭىنىڭ سۇ چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باستى. ئادەتتە «شار – شۇر» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا، تەرەت تۇڭى شۇ ھامان پاك – پاكىز يۇيۇلۇپ كېتەتتى، لېكىن بۈگۈنسۇ تەرەت تۇڭى ئىچىگە شىلدىرلاپ، ئارانلا ئېقىپ چۈشتى.  sئەپەندى بېشىنى قاشلاپ، ھەر قانچە ئويلاپمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تىگىگە يېتەلمىدى. لېكىن، ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ كەتكەنلىكتىن، ئارتۇقچە ئويلاپ ئولتۇرماي كارىۋاتقا چىقىپ تېزلا شېرىن ئۇيقۇغا غەرق بولدى.

       ئەتىىسى تاڭ سەھەر، s ئەپەندىنىڭ قوڭغۇراقلىق سائىتى كۈندىكىدەك نۇرمال سايرىغان بولسىمۇ، s ئەپەندى ئازراقمۇ ئاڭلىمىدى، ئەمما بۇ ئۇنىڭ شۇنداق شېرىن، ھېچنېمىنى تۇيماي ئۆلۈكتەك ئۇخلاپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ ئاۋازىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى. ئادەتتە، ئاۋازىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئادەمنىڭ نېرۋىسىغا تېگىدىغان بۇ سائەت بۈگۈن خۇددى ئارام ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بوۋايغا ئوخشاش، پەس، بوغۇق ئاۋازدا ئۈزۈپ – ئۈزۈپ بىر نەچچە قېتىملا سايراپ توختاپ قالغانىدى.

    s     ئەپەندى ئۆزىنىڭ بەك ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، گەۋدىسىنى ئاستا كۆتۈرۈپ ياستۇققا قىڭغايدى، كۆزلىرىنى يىرتىپ ئېچىپ دېرىزە سىرتىغا قارىدى. سىرتنىڭ ھاۋاسى تۇمانلىق، تۇتۇق، تولىمۇ جانسىز كۆرۈنەتتى. s ئەپەندى تۇيۇقسىز ئۆزى تايىنىپ ياتقان ياستۇقنىڭمۇ نورمالسىزلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى.ئەسلىدە كۆپۈپ تۇرىدىغان بۇلۇتتەك يۇمشاق مامۇق ياستۇق بۈگۈن قاتتىقلا بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك، يۈلەنسە بەدىنىگە پېتىپ كەتتى.

    s     ئەپەندى غەيرەتكە كېلىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە كۈندىكىدەك كارىۋاتتىن چۈشۈپلا تېلېۋىزورنى ئاچتى. ئەزەلدىن ناھايىتى ئېنىق، سۈزۈك چىقىدىغان تېلېۋىزور بۈگۈن تۈزۈك چىقمىدى، تىزگىنەكنى بېسىپ خېلى ۋاقىتتىن كېيىنلا ئاندىن سۈرەت كۆرۈندى. يەنە كېلىپ، سۈرەت لىپىلداپ، خۇددى دېمى سىقىلىپ ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ قالغان بوۋايدەك، بىر ئۆچۈپ، بىر يېنىپ تۇراتتى.

    s    ئەپەندى ئاچچىقىدا تىتىلىدىغىنىچە ئەبجەق تېلېۋىزورنى مۇشتلاپ قويدى. تۇيۇقسىز كۆڭلىگە: «ئاپلا، مەن بىر كېچىدىلا ئۆلەرمەن قېرىغا ئايلىنىپ قالدىممۇ نېمە، مېنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش، تېگىش، سېزىمىم شۇنداقمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن بارمۇ؟»  دېگەن خىيال كېلىپ قېلىپ، ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ، تازىلىق ئۆيىدىكى ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىنى كۆرۈپلا كۆڭلى بىر ئاز جايىغا چۈشۈپ، يەڭگىل تىندى. ھېلىمۇ ياخشى، ئۇنىڭ تۇرقى يەنىلا تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش، كۆزلىرى شۇنداق نۇرلۇق، چاچلىرى قاغىدەك قاپقارا، چىشلىرى مۇستەھكەم ئىدى.  sئەپەندى باشقىچە روھلىنىپ، تېتىكلىشىپ قالدى، ئۇ خۇش كەيپ ھالدا يۈز – كۆزىنى يۇيۇپ، ئېغىزىنى چايقاشقا تەمشەلدى. لېكىن، سۇ جۈمىكىنى ئېچىۋىدى، سۇ تامچىپ چۈشۈپ يۈز – كۆزلىرىنى يۇغىلى بولمىدى؛ قولىنى سوپۇنلاپ يۇماقچى بولۇۋىدى، سوپۇندىن ئازراقمۇ ماغزاپ چىقمىدى؛ تېخىى تۈنۈگۈنلا ئىنتايىن ئىشلىتىۋاتقان ساقال ئالغۇچ بۈگۈن بەكمۇ گاللىشىپ كەتكەن بولۇپ، يۈزىنىڭ نەچچە يېرىنى كېسىۋەتتى.

       شۇ چاغدا، مېھمانخانا ئۆيدىكى تېلېفۇن ئىنتايىن ئاجىز سايرىدى. s ئەپەندى تۇرۇپكىنى قولىغا ئالدى، تۇرۇپكىدىن ئۇنىڭ بىر يېقىن ئاغىنىسىنىڭ شۇنداق جانسىز ئاۋازى ئاڭلاندى.

       - ۋەي، ۋەي! ساڭا نېمە بولدى؟ ئاۋازىڭ نېمانداق بوش، ئاغرىپ قالدىڭمۇ يا؟- دەپ سورىدى s ئەپەندى.

       - مەن ناھايىتى ياخشى، لېكىن سېنىڭ ئاۋازىڭ بەكلا تۆۋەنغۇ، ئۈنلۈكرەك سۆزلىگىنە!

       ئەسلىدە تېلېفۇندىنمۇ چاتاق چىققانىدى، ھەر قانچە ئۈنلۈك سۆزلىسىمۇ، قارشى تەرەپكە شۇنداق ئاجىز، بوش ئاڭلىناتتى.

       s ئەپەندى تېلېفۇننى قويغاندىن كېيىن، ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەرگە شۈبھىلىك نەزەر سالغىنىچە داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. شۇ چاغدا، تېلېۋازوردا: «ھازىر خەۋەرلەر ئاڭلىتىمىز. بۈگۈن ئەتىگەن ھەر قايسى جايلاردىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا كالا، ئات، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تۇيۇقسىز روھسىزلىشىپ، جىمغۇرلىشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان، باراقسان ئۆسكەن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىمۇ بىر – بىرلەپ تۆكۈلۈپ كەتكەن. يەنە شەھەردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرخىل غەلىتە ھادىسىلەر يۈز بەرگەن... مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھادىسىلەرگە پەقەت ‹ھارغىنلىق› دەپ بىر خىللا چۈشەنچە بەرگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىنسانلار بەك ئىشلىتىۋەتكەنلىكتىن، بارلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى كۈندە بىرلا ۋاقىتتا قېرىلىق ھالىتىگە كىرىپ، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلاردا ھارغىنلىق ھادىسىسى كۆرۈلگەن. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، پەقەت ئىنسانلارلا تېخىچە ھارغىنلىقنى ھېس قىلمىغان...» دېگەندەك خەۋەر ئاڭلىتىلىۋاتاتتى.

       ئاڭلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،  sئەپەندى جىددىيلىشىپ ھۇدۇققىنىچە ئەتراپتىكى نەرسىلەرگە قاراپ: «ئۆتۈنۈپ قالاي، دەرھال روھىڭلارنى ئۇرغۇتۇڭلار! سىلەر ماڭا بەكمۇ كېرەكلىك» دەپ ۋارقىرىدى. لېكىن، ئۆي ئىچىدە ھاياتلىقتىن ئەسەر يوق ئىدى. ئۆي ئىچىدىكى ھاۋامۇ خۇددى بۇلغىنىپ كەتكەندەك كىشىنى بۇرۇقتۇرما قىلاتتى. تۇيۇقسىز، دىۋاننىڭ پۇتى گويا پۈتۈن ۋۇجۇدىدىكى كۈچنى ئىشلىتىپ تۈگەتكەندەك، بىر – ئىككى تەۋرەندى- دە، ئاخىر ماكچىيىپ كەتتى، ئارقىدىنلا ئورۇندۇقنىڭ پۇتى، كارىۋاتنىڭ پۇتى...

     

       س. م. رامزان تەرجىمىسى

      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.