چېقىلىپ كەتكەن چىنە

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-04 17:53:20

جاھاننىڭ كەچمىش ۋە ئەگرى-توقايلىقلىرى تولا، ئادەم ئۇنى بايقاپ ۋە ئالدىن بىلىپ بولالمايدۇ. ھەر قانچە ئىش بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا تىك يۈزلىنىشنى بىلىش كېرەك، پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.


    چېقىلىپ كەتكەن چىنە
     
    بىر چىنە سودىگىرى ھەرخىل نۇسخىدىكى چاقچۇق چىنە قاچىلانغان ئىككى سېۋەتنى ئەپكەشكە ئېلىپ كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى، بىردىنلا سېۋەتتىكى بىر چىنە يەرگە دومىلاپ چۈشۈپ كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتتى، بىراق سودىگەر ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى. يولۇچىلار بۇ ھالدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ بوۋايدىن سورىدى:
    -قاراڭ، چىنىڭىز چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى، بىراق سىز نېمىشقا قاراپمۇ قويمايسىز؟
    -قىزىق!-دېدى سودىگەر كۈلۈپ،-بۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مەن مەيلى قانداقلا يوسۇندا ئارقامغا قاراي، يەرگە چۈشكەن چىنە يەنىلا چېقىلىپ كېتىۋېرىدۇ!
    بۇ ھېكايىنى ئوقۇغان ئادەم مۇنداق ئىلھامغا كېلىدۇ: جاھاننىڭ كەچمىش ۋە ئەگرى-توقايلىقلىرى تولا، ئادەم ئۇنى بايقاپ ۋە ئالدىن بىلىپ بولالمايدۇ. ھەر قانچە ئىش بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا تىك يۈزلىنىشنى بىلىش كېرەك، پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. يادىڭىزدا بولسۇن، مەيلى سىز قانداقلا قىلىڭ، بولىدىغان ئىشنى توسۇپ قالالمايسىز؛ مەيلى قانچىلىك پۇشايمان قىلىڭ، بولۇپ بولغان ئىشنى كەينىگە قايتۇرالمايسىز. شۇڭا ئالدى-ئارقىغا قاراپ ئۆكۈنۈپ ئولتۇرماستىن، ئۇدۇل ئالغا يۈرۈشنىلا بىلىڭ.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
    \

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىنە سودىگەر ئىلھام