دادامنىڭ مەڭگۈلۈك سوۋغىسى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-12 16:05:00

دادام كۆز يۇمۇش ئالدىدا ماڭا ئىنتايىن قىممەتلىك ، مەڭگۈلۈك بىر سوۋغا بەرگەنىدى . ئۇ قانداقتۇر ئالتۇن - كۆمۈش ، بايلىق ئەمەس . شۇ چاغدا ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ : « ئوغلۇم ، خىزمەتنى تىرىش...

       دادام كۆز يۇمۇش ئالدىدا ماڭا ئىنتايىن قىممەتلىك ، مەڭگۈلۈك بىر سوۋغا بەرگەنىدى . ئۇ قانداقتۇر ئالتۇن - كۆمۈش ، بايلىق ئەمەس . شۇ چاغدا ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ : « ئوغلۇم ، خىزمەتنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلە ، ھەرگىزمۇ ھورۇنلۇق قىلما . ئادەم ئىشلىگەنگە ئۆلمەيدۇ ، بەلكى ھالال ئەمگىكى بىلەن كۆكلەيدۇ ، نومۇسقا ئۆلىدۇ . بىز بۇرۇن كۈن بويى ئىشلىسەكمۇ قورساق تويمايتتى ، ھازىر تۇرمۇشىمىز تولىمۇ ياخشى . سىلەر ھازىر بىر ئاي ئىشلەپ 1000 يۈەندىن ئارتۇق مۇئاش ئالىسىلەر . شۇڭا ، ئالغان مائاشقا لايىق ئىشلە ، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ھالال ئال ، پۇلنى دوست تۇتما ، باشقىلار بىلەن ئىناق - ئىجىل ئۆت . ئۆيدە ئەر - خوتۇن ئۆز ئارا بىر - بىرىگە ، سىرتتا خىزمەتداشلارغا تايىنىدىغان گەپ . بىر دوستۇڭ كۆپ بولسا ، بىر يولۇڭ ئارتۇق بولىدۇ. كىشلىك مۇناسىۋەتتە پۇلغا بەك ھېرس بولما ، سەمىمىي ، ئىشەنچىلىك بول . كىشلەرگە ئللىق  مۇئامىلە قىل ، چوڭچىلىق قىلما ، قولۇڭدىن كەلسە باشقىلارغا ياردەم قىل ، ھاجەتمەننى ئۈمىدسىز قويما . سالامەتلىكىڭنى ئاسرا ، ئەمەلنىڭ چېكىگە يەتكىلى ، پۇلنى تېپىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . نام - ئابروي قوغلاشما ، مال - دۇنيانى تۇغۇلغاندا ئېلىپ كەلگىلى ، ئۆلگەندە ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ . بەتخەجلىك قىلما ۋە بايلىقنى ھەممىدىن ئارتۇق كۆرمە ، تۇرمۇشۇڭنىڭ ھاجىتىدىن چىقسىلا بولدى . تاماكا ، ھاراق - شاراپ ، شەھۋەتپەرەسلىككە بېرىلمە ، بولمىسا ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ھالاك قىلىسەن ! تاپقان پۇلۇڭنى ھالال ئىشقا خەجلە ، قىيىنچلىققا يولۇقساڭ دەس ئورنۇڭدىن تۇر ، قەيسەر بول ، بولمىسا قىيىنچىلىق سېنى قورقىتىدۇ . كۆپ ھاللاردا ئۆزۈڭگە تايان ، ئۆزۈڭنى كۈچلەندۈر ، خىجالەتتىن خالاس بولىسەن ! » دېگەن ۋەزىنىلىك نەسھەتلىرىنى ئېيتتى .

          دۇرۇس ، بۇ نەسھەتلەر ماڭا كۆپ ئەسقاتتى ، تۈگىمەس بايلىقتەك يولۇمنى يورۇتتى . بۇ نەسھەتلەرنىڭ مەنىسى ناھايتى چوڭقۇر بولۇپ ، ئۇنى ئۆزۈمگە قىبلىنامە قىلىپ پايدىنى كۆپ كۆردۈم ۋە كۆرۈۋاتىمەن . دوستۇم ئەمدى ئۇنى سىزنىڭ نەزىرىڭىزگە سۇندۇم ، بۇنى بەلكىم سىزمۇ ئاڭلاپ قويسىڭىز ، كىشلىك تۇرمۇشتا سىزگىمۇ پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

     

    ئەكرەمجان مەترۇسۇل ئۈمىدى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق