«مەڭگۈلۈك ھەمراھ-ئەقىل پاراسەت» دىن ھېكىمەتلەر

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-13 02:26:20

«مەڭگۈلۈك ھەمراھ – ئەقىل پاراسەت» دىن ھېكىمەتلەر ئېلبىرت خۇببارت (ئامېرىكا) ئادەم ئۈچۈن كېشىلىك ھايات ھەقىقىتىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن يولدىكى قاتمۇ قات توسالغۇ ۋە قۇيۇق تۇ...



    «مەڭگۈلۈك ھەمراھ – ئەقىل پاراسەت» دىن ھېكىمەتلەر
    ئېلبىرت خۇببارت (ئامېرىكا)




    ئادەم ئۈچۈن كېشىلىك ھايات ھەقىقىتىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن يولدىكى قاتمۇ قات توسالغۇ ۋە قۇيۇق تۇمانلارغا قاراشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك.


    بىز دۇنيا بىلەن مەنىۋى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىشتىن يىراق تۇرىشىمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان گۈزەل ئېتقاد بىلەن كۆڭلىمىزنى توق خاتىرجەم تۇتىشىمىز كېرەك.


    خۇشال بولغاندا ئۆزۈڭنى بىلمەي قالما، ئازابلانغاندا ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويما، تىرىشچانلىق، ئىھتىياتچانلىقنى باشتىن – ئاخىر ساقلا.


    ھاياتنىڭ تولۇپ ۋايىغا يېتىشى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىغا ئەمەس، ھايات ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ چوڭقۇر – تېيىزلىقىغا باغلىق.


    قانداقلا بولسۇن ئازاپتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇش ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى بىر خىل تەبىئي قابىلىيەت.


    ئەجەل يەتكۈچە ياشاش نىيىتىڭ بولغانىكەن، رېئاللىققا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىسەن؛ رېئاللىق ئىچىگە قەدەم باسقان ئىكەنسەن، ئۆز روھىيىتىڭگە ماس كېىلىدىغان ياشاش ئۇسۇلىنى تېپىشقا مەجبۇر بولىسەن.


    دۇنيادا ئەڭ ئازاپلىق ئىش كۆڭۈلدىكى گەپنى دېيەلمەسلىك ئەمەس، بەلكى دېگەن گەپنىڭ كۆڭۈلدىكى گەپ بولماسلىقىدۇر.


    ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، ئەسلى تەبئەتكە ئەمەل قىلىش ئىنسانلار ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇھىم نەرسە.

    دۇنيادىكى يوللار ئادەم قانچە كۆپ ماڭغانسېرى شۇنچە تۈز، شۇنچە راۋان بولىدىغان ئىش يوق. باشقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىش ئەھمىيەتسىز بولۇپلا قالماي، بەزىدە ئۇ سېنى مەڭگۈ چىقالمايدىغان ھاڭغا ئىلىپ چۈشىشى مۇمكىن.


    بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيىتقاندا، ئۇ بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىيىتى بىلەن «تەقدىرداش» بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ ئۆزلىكىنى يوقىتىپ، قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.


    بىر ئادەمنىڭ قانداق ئىدىيىگە ئىگە بولۇشى شۇ ئادەمنىڭ تەربىيلىنىش ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يەنە شۇ ئادەمنىڭ ئىنسانىي ساپاسىنى كەڭ دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرىدۇ.


    ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ ئەھمىيەت بەرسەڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قەدىرلىسەڭلا، ھاياتىڭنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى بولىدۇ.


    ئاشۇ ئەڭ ئوتلۇق، ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت مەكتۇپى يازغانلارنىڭ بىزنى سۆيىدىغان ئادەم بولۇشى ناتايىن؛ بىز بىلەن يەپ – ئىچىپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەقىقىي دوسىت بولۇشى ناتايىن؛ ئاغزىدىن ئىنساپ، ئەدەپ – ئەخلاق توغۇرلۇق گەپ چۈشۈرمەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي پەزىلەت ئىگىسى بولۇشى ناتايىن؛


    سىز ئېزىش ۋە چەكلىمىلەرگە قارىتا قەتئىي، قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق قىلىشىڭىز كېرەك. بارلىق چەكلىمىلەر ئالدىدا مەردانە بۇلۇڭ، ئەنە شۇ چاغدىلا ھەقىقىي باتۇر، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھۆكۈمرانى بولالايسىز.


    ئەركىنلىك بىلەن خاراكتېر بىر – بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇلارنى ئايرىۋىتىشكە بولمايدۇ.


    ئەگەر تولۇق ئەركىنلىك بولمىسا، ئادەم ئۆز خاراكتېرىنى يوقىتىپ قويىدۇ. خاراكتېردىن ئايرىلىپ قالغان ئادەم، بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.


    سەن كەلگۈسى تۇرمۇشۇڭدا مەيلى قانداق يول تۇت، مۇنداق بىر نوقتىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت، بۇ تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ دۇنيادا بىزنى قىممىتى بار، خۇشاللىق بىلەن تولغان يەرگە باشلايدىغان ھايات يولى خىلمۇخىل. لېكىن، سەن بۇ نىشانغا يېتىشتە ھەقىقىي مەنىگە ئەقىل – پاراسەتكە ئىگە بولۇشۇڭ؛ يۈكسەك ئەقىل – پاراسەتكە ئىگە ئادەم بولۇشۇڭ كېرەك. مۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئەقىل – ئىدراكى ۋە يۇشۇرۇن ئېڭى توغرا، قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشلارنىلا قىلىدۇ.


    ھەقىقىي ئەقىل – پاراسەتكە، يۈكسەك ئەقىل – پاراسەتكە ئىگە ئادەم مۇقەررەر ھالدا ھەقىقەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئادەمدۇر. ياخشى ئەخلاق – پەزىلەتكە ئىگە ئادەم ئار – نۇمۇسقا ئىگە ئادەمدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ تۇرمۇشنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايدىغان ئادەم بولىشىمۇ مۇمكىن.


    مۇھەببەت ئادەمنىڭ ھاياتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. مۇھەببەت سېھرلىق كۈچ، مۇھەببەت ئەڭ ياخشى تەربىيە.


    دوسىت – ئاغىنە تاللاشتا، مەن مېنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورۇقمايدىغان ئادەملەرنى تاللاشقا رازىمەنكى، مېنىڭدىن قورقىدىغان ئادەملەرنى تاللاشنى خالىمايمەن.


    ياخشى روھى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش ئىنسانىي قەدىر – قىممەتنى، گۈزەللىك تۇيغۇسىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈندۇر.


    روھى ھالەت يەنىلا ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئەڭ يۇقرى قاتلىمى.


    بۇ دۇنيادىكى دوسىتلۇقنىڭ بەزىلىرى پايدا – مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. سەندىن پايدا – مەنپەئەت كۆرۈلۋاتقاندا، ئۇ ساڭا ئەڭ يېقىن دوسىت؛ ھايات – ماماتلىق پەيىتلىرىگە كەلگەندە، ئۇ ھەقىقىي قىياپەتنى ئاشكارلايدۇ.


    سەن ئۆزۈڭ ئەڭ يېقىن دەپ قارىغان دوستۇڭ بەزىدە ساڭا ئەجەللىك زەربە بېرىشى مۇمكىن. بۇ قىلچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.


    ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئۆزىمىزنىڭ مىجەزىگە بېقىشنى تەلەپ قىلىش ئەخمىقانىلىق.


    ئالتۇن تولۇق رەڭدار، ئادەم تولۇق مۇكەممەل بولمايدۇ. ئۆزۈڭنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلارغا تەنقىد قىلىش پۇرسىتى بېرىشىڭ كېرەك.


    مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن، ھەرگىز روھىڭنى چۈشۈرمە، ئارتۇقچە ئەندىشە قىلما، كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار روھىڭغا ۋە ئىرادەڭگە زىيان يەتكۈزمىسۇن. كۆز ئالدىڭدىكى ئازاپ ۋە بەخىتسىزلىكلەرنى كۆرۈپلا جاھاندىن بېزىپ كەتمە، ئۇنىڭغا قەيسەرلىك بىلەن تاقابىل تۇرساڭلا، تېخىمۇ پىشىپ يېتەلەيسەن. ياشاش ئۈچۈن قەيسەرلىك، ئىشەنىچ بىلەن كۈرەش قىل. شۇندىلا ھاياتتا ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشەلەيسەن. ئەكسىچە، سەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىساڭمۇ، لېكىن تەۋەككۈل قىلىشتىن، ئۆلۈمدىن قورۇقساڭ، ھەممە نەرسەڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن.


    ئادەمدە تۇيۇقسىز كەلگەن قاراڭغۇ تۈتەكلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك. ھايات يولىمىزنىڭ مەڭگۈ داغدام بولۇشىغا ھېچكىم كاپالەت بېرەلمەيدۇ.

    بىز ھەر قانچە قاتتىق يېقىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئورنىمىزدىن تۇرىشىمىز كېرەك.


    بىز ھايات سەپرىمىزدە ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىق ۋە قېيىنچىلىقلارغا مۇقەررەر ئۇچراپ تۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتا، يۈرىكىمىزدە مۇستەھكەم ئېتقاد بولۇپ، توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا، قېيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيمىز. ئەگەر قېيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزۈڭنى تۈگەشتىم دەپ قارىساڭ، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۈگىشىسەن. ئەگەر ئۆزۈڭگە: «چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك» دەپ مەدەت بەرسەڭ، قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلبىگە ئېرىشەلەيسەن.


    ئېتقاد، روھىي دۇنيادىكى ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدار، ھايۋانلاردا ئېتقاد بولمايدۇ. ياۋايى ۋە مەدەنىيەتسىز ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندىمۇ ئېتقادتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇلاردا پەقەت ۋەھىمە ۋە ئارىسالدىلىقلار بار. ئوي – پىكىرى ئوچۇق، ئەقىل – ئىدىراكقا ئىگە ئادەملەرلا يۈكسەك ئېتقادقا ئىگە بولىدۇ.


    ھەقىقىي مەنىدىكى ئېتقاد مەڭگۈ يېڭىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەر قانداق توسالغۇ باش ئىگىدۇ.


    بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقاندا، يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؛ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا بولسا، سۈكۈتكە پاتقان كائىناتتەك سالماق بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇزۇن ھايات سەپرىدە ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئېگىز – پەسلىكلەردىن پۈتۈنلەي ساقلىنىش ھەقىقەتەن تەس. ھەر قانداق ئىشتىن بىر نەتىجە چىقسۇن. مەيلى بۇ نەتىجە ياخشى ياكى يامان بولسۇن، غەلبە ياكى مەغلۇبىيەت بولسۇن، ئامەت ئىلىپ كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، ئوبېيكتىپ جەھەتتىن ئېيىتقاندا، ئۇ يەنىلا يېڭى بىر باشلىنىش بولۇپ قالىدۇ.


    تەتۈر پەلەك ئېتقادنى غۇلىتىۋىتەلمىسىلا، ئۈمىد نۇرى ئۈمىدسىزلىك بۇلۇتلىرىنى چوقۇم تارقىتىۋېتەلەيدۇ.


    پەۋقۇلئاددە ئەۋزەل شارائىت ئەكسىچە ئادەمنىڭ تېنىنى ۋە ئىرادىسىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇنداق ئادەم ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئىلىپ چىقالمايدۇ.


    قېيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئوڭۇشسزلىقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئۆزى ياقتۇرغان ئىشنى ئىمكان بار ياخشى، مۇكەممەل، ئۆزى رازى بولغۇدەك قىلىش، مانا بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ چىنلىقى.


    ئەگەر ئادەملەر بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۇيۇل تاشتەك ئۇيۇشسا، ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا پەقەت ئۆزىگە تايانغان بىلەنلا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقا، بىر – بىرىنىڭ كەم – كۈتىسىنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.


    بىرەر ئىشقا ئۇزۇن مەزگىل كىرىشكەندىلا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.


    مۇۋەپپەقىيەت ۋاقىتنىڭ يىغىندىسى. ئىلھام ئۇزۇن مەزگىللىك جۇغلانمىنىڭ پارتىلىشى. بەزىدە باشقىلارنىڭ ئىش قىلىشىغا قارىساق، تولىمۇ ئاسان، تولىمۇ ئاددىي كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇزۇن ۋاقىتلىق جاپالىق ئەجىرنىڭ نەتىجىسى.


    «تۇرمۇش» تىن ئىبارەت بۇ كۈرەش ئاخىر بېرىپ ئەركىنلىك ۋە ئەقىل – ئىدراكنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن نەتىجىلىدۇ. شۇڭا، ئۆزۈڭ توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشۇڭ كېرەك. ئەلۋەتتە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش – قازىنالماسلىققا ھېچكىم ئالدىن بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. لېكىن مەغلۇپ بولساڭمۇ مەلۇم نەرسىلەرگە ئېرىشىسەن. مېنىڭچە، بىر ئادەمنىڭ يالغۇز سىرىتتىن كۆزەتكۈچىنىڭ نەزىرى بىلەن جەمىئيەتنى چۈشىنىمەن، تەتقىق قىلىمەن دېيىشى بىمەنىلىك. سىرىتتىن كۆزەتكۈچى بولۇشنىلا ئويلىغان ئادەم ھېچقانداق نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئادەم مەلۇم دەرىجىدە ھەرىكەت قىلغاندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ھەركىتىنى چۈشىنەلەيدۇ. بىر نەرسە ئۆگىنىمەن دېسەڭ چوقۇم ئەمەلىيەتتىن باشلىشىڭ كېرەك.


    ئەمەلىيەتتە، بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيىتقاندا، ئەتىدىن – كەچكىچە بىكار يۈرۈش كۆڭۈل كۆتۈرگىدەك، كاللا ئىشلەتكۈدەك بىرەر ئىش بولماسلىقتىنمۇ ئارتۇق ئازابلىق ئىش بولمىسا كېرەك.


    ئىشەنچ تولىمۇ قىممەتلىك نەرسە، ھېچكىم ئۇنى پۇلغا سېتىۋالالمايدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ئالدامچىلىق ياكى قورال بىلەن ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ ئىنسان روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن كېلىدۇ. ئۇ ئىنسان روھىنىڭ ئىچىدە ئېقىۋاتقان سۈزۈك بۇلاق سۈيى. ئۇ روھنى قۇتۇلدۇرالايدۇ. روھقا ئوزۇق بولىدۇ. يۈرەكنى پاكلىق ۋە ئىشەنچىگە تولدۇرىدۇ.


    ئادەتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقىنى باشقىلارنىڭ خاتالىقىدەك ئېغىر كۆرمەيمىز.


    سەمىمىيلىك ھاياتلىقتىكى تولىمۇ ئالىيجاناپ پەزىلەت. ئۇ ھەتتا باشقا ھەر قانداق پەزىلەتتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ گويا ئۆزگىچە بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. ئۇ بولسىلا، ئادەم يۈز خىل گۈلنى كۆرگەندىمۇ بەكرەك ھوزۇرلىنىدۇ.


    ئەگەر ئادەمدە غورۇر بولمىسا، ئۇ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.


    سەن قانچىلىك چوڭ ئادەم بولۇپ كەتسەڭمۇ، باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى چەتكە قاقماسلىقىڭ كېرەك.


    سەن دوسىت – بۇرادەرلىرىڭگە قانداقتۇر بىر مەشھۇر كىشىنى (شەخىسنى) تونۇيدىغانلىقىڭنى سۆزلەپ بېرىشكە ئالدىراپ كىتىسەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزۈڭنىڭ ئەرزىمەس ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.


    مېنىڭچە، ئادەم بۇ دۇنيادا ياشىغانىكەن، ساپا ۋە تولغان روھقا ئىگە بولۇشى كېرەك. باشقىلارغا سەمىمىي، ئىشەنىچ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. شۈبىھە ۋە گۇمانلارغا ھەر ۋاقىت ئورۇن بەرمەسلىك كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئادەمنىڭ قەلبىدە نۇر كۆپرەك، تۇمان ئازراق بولىدۇ.


    روھى توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان، ئادەمنىڭ بەختىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە بەزىدە ماددىي جەھەتتىكى يېتىشەلمەسلىك ياكى باياشادلىق ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ روھي ھالىتى. ئەگەر ئۆزۈڭنى پۇشايمان قىلىدىغان ئەپسۇسلىنىدىغان كونا ئىشلارنىڭ ئىلىكىگە تاشلاپ بەرسەڭ، ئازاب مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن يۈرىكىنى ئىگەللىۋالىدۇ.


    كىشىلىك ھايات سەپرىدە ئەڭ ئوسال ئەھۋال نامراتلىق، تەتۈر پېشانىلىك ئەمەس، بەلكى بىر ئادەمنىڭ روھى دۇنياسى بىر خىل خامۇشلۇق ئىلىكىدە قىلىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھوزۇر – ھالاۋىتىنى ھېس قىلالماسلىقىدۇر.


    بىز كىشىلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز بولساقمۇ، لېكىن كىشىلىك ھايات قارىشىنى ئۆزگەرتىش قولىمىزدىن كېلىدۇ. بىز مۇھىتنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز بولساقمۇ، روھى ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىش قولىمىزدىن كېلىدۇ.


    سىزدە مۇشۇنداق ئېتقاد بولسىلا، چوقۇم تۈگىمەس خۇشاللىققا ئېرىشەلەيسىز. ئەكسىچە ئەگەر سىز ئارتۇقچە خىياللاردا بولۇپ كەتسىڭىز، يۈكىڭىز تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئەگەر ئەتىدىن – كەچكىچە كەلگۈسى تۇرمۇشتىن ئەندىشە قىلسىڭىز. سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا كۆتۈرۈپ قوپالماسلىق بېسىم پەيدا بولىدۇ.


    تۆنۈگۈن قايتا تەكرارلانمايدىغان ئۆتمۈش؛ ئەتە تېگىشكە بولمايدىغان كەلگۈسى.


    ئۆتكەن ئىشلار ھېسىياتقا بەك بېرىلىپ كېتىدىغان ئادەملەرنىڭ روھىيدىكى «ئەپىيۇن».


    نىشان ۋە يۆلىنىشى بولمىغان كېمە، شەكسىزكى «ھالەكەت» كېمىسى بولىدۇ. ئادەمنىڭ روھىدا ئۈمىد، ئېنتىلىش دېگەندەك نەرسىلەر بولمىسا، ئۇمۇ ئۆلۈم بىلەن باراۋە بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا بەخىتتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.


    پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەيگە ئوخشايدۇ. ئوي – پىكىر بولسا تىغقا ئوخشايدۇ. ئىككىسى ئۇچراشسا، ئوي – پىكىر تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىدۇ، روھىي غېرىپلىق ھېس قىلمايدۇ.


    بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا، ئاچلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تەنھالىق چىداش ئەڭ تەس بولغان نەرسە.


    گۈزەللىك جانلىق، جۇشقۇن، ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان ھايات مۇساپىسى.


    مۇكەممللىك بىر خىل غايە، ساڭا ئون قېتىم ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بەرگەندىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى يەنە چىقىپ تۇرىدۇ.


    بەزىدە بىزنى ئازابقا سالىدىغان ئادەم بىز يۆلىنىپ كېلىۋاتقان ئادەم بولۇپ قالىدۇ؛ يالغۇز تۇرۇش ئادەمگە ئاجايىپ بىر تىنىچلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل تىنىچلىق تولىمۇ قىممەتلىكتۇر.


    ئەگەر مۇھەببەتكە ئېرىشسسەك، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن؛ مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالغاندا بولسا، ئۇنىڭغا بەكلا مۇھتاج بولۇپ كېتىمىز.


    ھەۋەس بىلەن مۇھەببەت ئوتتۇرىسىدا ئالەمچە پەرق بار. ھەۋەس قارشى تەرەپنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىدۇ. مۇھەببەت بولسا قارشى تەرەپكە تارتىلىدۇ. ھەۋەسكە تەكەببۇرلۇق ئارىلاشقان بولىدۇ. مۇھەببەت تەركىبىدە بولسا ئۆزىنى قۇربان قىلىش بار.


    «مۇھەببەت» ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا مۇھتاج. «سېنى سۆيىمەن» دېگەن سۆزگە ھېچقانداق ۋاقىت كەتمەيدۇ. لېكىن ئۇ بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر تەقدىم قىلىشىغا باغلىق.



    «مەڭگۈلۈك ھەمراھ-ئەقىل پاراسەت» دىن ئىلىندى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.