ھاياتنىڭ مەنىسى(مىخائىل جىپسون)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-18 18:48:26

ھاياتنىڭ مەنىسىمىخائىل جىپسون مەيلى سىز تەييارلىق قىلىپ بولغان بۇلۇڭ ياكى تەييارلىقسىز بۇلۇڭ، ھامىنى بىر كۈنى ھەممە ئاخىرلىشىدۇ. ئاخىر بىر كۈنى كۈننىڭ شەرىقتىن چىقىشىنى، يۇپيۇرۇق كۈندۈزنى ...

    ھاياتنىڭ مەنىسى
    مىخائىل جىپسون


        مەيلى سىز تەييارلىق قىلىپ بولغان بۇلۇڭ ياكى تەييارلىقسىز بۇلۇڭ، ھامىنى بىر كۈنى ھەممە ئاخىرلىشىدۇ.
        ئاخىر بىر كۈنى كۈننىڭ شەرىقتىن چىقىشىنى، يۇپيۇرۇق كۈندۈزنى كۈرەلمەيسىز. يىغقان جىمى نەرسىلىرىڭىز- مەيلى قىممەتلىك بايلىق بولسۇن ۋە ياكى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى باشقىلارغا قالىدۇ.
         جىمى بايلىقلىرىڭىز، ئابرويىڭىز، ئۆرپ-ئادەت ۋە ھۇقۇقلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرگە ئايلىنىدۇ. مەيلى ئىرىشكەنلىرىڭىز بولسۇن ياكى نىسى قالغانلىرىڭىز بولسۇن، ھەممىسى مۇھىم بولماي قالىدۇ.
         جىمى ئۆچمەنلىكىڭىز، ئاداۋىتىڭىز، مەغلۇبىيتىڭىز ۋە كۈرەلمەسلىكلەرنىڭ ھەممىسى غايىپ بۇلىدۇ، شۇنداقلا ئاخىر بىر كۈنى بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز، ئۇلۇغ جاسارىتىڭىز، بارلىق پىلانلىرڭىز ۋە قىلىپ بۇلالمىغان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ. ئىلگىرى ئاجايىپ مۇھىم بىلىنگەن مۇۋاپپىقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ.
       ئاخىر بىر كۈنى سىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىڭىز، قانداق ياشىغانلىقىڭىز مۇھىم بولماي قالىدۇ، گۈلدەك چىرايىڭىز ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان تالانتىڭىز ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. جىنسى پەرقىڭىز، تېرىڭىزنىڭ رەڭگى، قەۋم، ئېرق پەرقى دىگەنلەرنى ئايرىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئۇنداق بولسا، ھاياتتا زادى نېمە مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ، ھاياتىڭىزنىڭ قىممىتى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟
       ئەڭ مۇھىمى نېمىلەرنى ئالغانلىقىڭىز ئەمەس، بەلكى نىمىلەرنى ئىجاد قىلغانلىقىڭز. ئەڭ مۇھىمى نېمىلەرگە ئىرىشكەنلىكىڭىز ئەمەس، بەلكى نېمىلەرنى بېغىشلىقانلىقىڭىز، ئەڭ مۇھىمى قازانغان غەلبىلىرىڭىز، ئەڭ مۇھىمى قازانغان غەلبىلىرىڭىز ئەمەس، بەلكى ھەقىقى قىممىتىڭىز.
       ئەڭ مۇھىمى ھەر بىر ھەققانى ھەركىتىڭىز، ھېستاشلىقىڭىز، باتۇرلىقىڭىز ۋە بەرگەن قۇربانلىقىڭىز باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنى كۈچلەندۈرشى، ئىلھام بېرىشى، باشقىلار ئۆز ھاياتىدا سىزنى ئۈلگە قىلىشى.
        ئەڭ مۇھىمى ئىقتىدارىڭىز ئەمەس، بەلكى خارەكتىرىڭىز.
        ئەڭ مۇھىمى قانچە ئادەمنى تۇنىغانلىقىڭىز ئەمەس، بەلكى سىز ئۇلاردىن ئايرىلغاندا، قانچىلىك ئادەمنىڭ سىزدىن ئايرىلىشنى چوڭ يوقىتىش، تولدۇرغۇسىز زىيان دەپ ھېساپلىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئەستە ساقلىشىڭىز ئەمەس، بەلكى سىزنى سۆيىدىغان كىشلەرنىڭ سىزنى ئەستە ساقلىشى.
         ئەڭ مۇھىمى كىشلەرنىڭ سىزنى قانچىلىك ۋاقىت ئەسلىشى ئەمەس، بەلكى سىزنى كىمنىڭ ئەسلىشى، سىزنى نېمە ئۈچۈن ئەسلىشى. بىزنىڭ ھاياتىمىز تاساددىپىيلا مۇھىم بۇلۇپ قالمايدۇ، بەلكى بىز ئۆزىمىزنىڭ تاللىشى ئارقىلىق ئۆز ھاياتىمىزنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتىنى بەلگىلەيمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.