ياشلىق كۈيلىرى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-08 16:40:00

ياشلىق كۈيلىرى 1 سىز ھايات سەپىرىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋە گۈزەل مېلودىيلەرنى قۇياش كەبى پارلاپ تۇرغان ياشلىق باھارىڭىزدىن تاپالايسىز . ئەمما شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بۇ گۈزەل مىلودىيە مە...

     ياشلىق كۈيلىرى

    1

    سىز ھايات سەپىرىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋە گۈزەل مېلودىيلەرنى قۇياش كەبى پارلاپ تۇرغان ياشلىق باھارىڭىزدىن تاپالايسىز . ئەمما شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بۇ گۈزەل مىلودىيە مەڭگۈلۈك ئەمەس . شۇ سەۋەبتىن ، سىز ئاشۇ مېلۇدىينىڭ ھەر مىنۇت ، سېكىنۇتنى قەدىرلىشىڭىز بەكمۇ زۆرۈر .

    2

    دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئاخرىغىچە مەدھىيلەپ ، كۈيلەيدىغان سۈزۈك ئاسمان ، ياپيىشىل ئورمان ، ئۆركەشلەپ تۇرغان دەريا - دېڭىزلار سىز ئۈچۈن تەبەسسۇم قىلىپ باقىدۇ. سىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىڭىز شانلىق سەھىپە ئاچالايدۇ .

    3

    جاپا - مۇشەققەت ۋە سان - ساناقسىز مۈشكۈلات سىزنىڭ پولاتتەك ئىردىڭىز ، مۇستەھكەم ئېتقادىڭىز ، تەۋرەنمەس نىشانىڭىز بىلەن سىزگە مۇلايىم باش ئېگىدۇ . سىز ياشلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بولسىز - دە ، ھاياتىڭىزنىڭ ھەر بىر قەدىمى كېلەچەك ئۈچۈن گۈزەل ئەتىنى يارىتىدۇ .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 20:05:06]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق