كۈيئوغۇل بولۇش ئىلمى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-22 08:55:39

كۈيئوغۇل بولۇش ئىلمى سەن كۈيئۇغۇل بولدۇڭ، بۇ كۈننىڭ ساڭا نىسىپ بولغىنىغا مۇبارەك بولسۇن، ئوغلۇم! يادىڭدا تۇتقۇنكى ، نىكاھ مۇقەددەستۇر! شۇنىڭ ئۈچۈن جۈپتى ھالال دىيىشىدۇ. ئەمدى قانىتىىڭ قۇش ب...

    كۈيئوغۇل بولۇش ئىلمى


       سەن كۈيئۇغۇل بولدۇڭ، بۇ كۈننىڭ ساڭا نىسىپ بولغىنىغا مۇبارەك بولسۇن، ئوغلۇم! يادىڭدا تۇتقۇنكى ، نىكاھ مۇقەددەستۇر! شۇنىڭ ئۈچۈن جۈپتى ھالال دىيىشىدۇ.
      ئەمدى قانىتىىڭ قۇش بولىدۇ، ئاتا-ئاناڭنىڭ باغرىدىن ئۇچۇپ چىقتىڭ ، ئۆي بىساتىڭ ئالاھىدە ، «ئائىلە»ئاتلىق مەملىكەتنىڭ سۇلتانىدۇرسەن، ئەمرىڭنى تازىم بىلەن بىجا كەلتۈرىۋاتقان مۇلايىم ئايىم بولسا ۋەزىرىڭدۇر، ئۆيلەندىڭمۇ تامام، سۆزۈڭدە، ئۆزۈڭدە ، تۇتۇملۇرىڭدا كۆندە بىر يىتۈكلۈك، ئۇلۇغلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈنسۇن، قانىتىڭ قۇش بولۇپ ، ئايدىن ئۈزۈلگەن بىر غۇنچە ساڭا مەھرەمى جان سايلىنىپ ، ئۇڭۇ -سولۇڭ شايى-ئەتلەسلەرگە پۈركەنگەندە گۈركىرەپ ئۆسمىسەڭ ، چىرايلىق گۈللىمىسەڭ ، سېنى قورشاپ تۇرغان جەننىتى ئىمكانلارنىڭ ئۇۋالى تۇتقاي!
      ئىشىڭ زور بولۇپ ، مەرتىۋەڭ چەندان كۆتۈرۈلۈپ ، تاشقىرىدا ھەممە نەرسە ساڭا تەزىمدە بولسىمۇ ، ئۆيۈڭدە تىنىچلىق ، ئەمىنلىك بولمىسا ، بەرى بىكار! يەر ئۈستىدە قىمىرلاپ يۈرگەنلىكى ئادەم ئۆيۈم ، بالىچاقام دەپ يۈرىدۇ، كوچىدىكى ئىشلىرىنى جىددىيلىك بىلەن بىجىرىپ ، ئائىلىسىگە يۈگۈرگىنى يۈگۈرگەن.
      ئوغلانىم ، ھازىر ساڭا يەتكۈزىدىغىنىم ، دەسلەپكى ئىنتايىن نازوك ئىلىم ، يادىڭدا تۇت:ئەركەك كىشىنى ئاساسەن قولىقى يىتەكلەيدۇ ۋە ئۇنى كۆپ بالالارغا گىرىپتار قىلىدۇ، كىلىنچەككە ئايرىم ھوجرىدا ئىيتىدىغان بىرىنجى گىپىڭ شۇ بولسۇن:
      «ئىلاھىم، سىز بىلەن بىللە ھەممىمىزگە سائادەتلىك كۈنلەر كىلىۋاتقان بولسۇن، ئەمما ئىيتىپ قوياي، مىنىڭ پۈتۈنلىكىم ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە ، ئۇلانىڭ ياخشى-يامان پىئىللىرى ئۆزۈمگە ئايان، ئۇلارنىڭ قانداقلىغىدىن قەتئىنەزەر ، ئۇلار مىنىڭ بارلىقىم ، مېنىڭ قىسمىتىم ، مىھرىمگە چۈشكەن، ياقماي قالسا كىچىپ كىتەلمەيمەن، ئوتتۇرىغا قويىدىغان بىرىنجى شەرتىم شۇكى:ھىچقاچان قان-قىرىنداشلىرىمنى ماڭا يامانلىماڭ، سىز تۈپەيلى ھېجبىرىدىن كۆڭلۈم قالمىسۇن، قولىڭىزدىن كەلسە ئۇلارنى ماڭا ئىسسىق كۆرسىتىڭ، يامانلىرىنى ياخشى قىلىپ بېرىڭ.
      ئەگەر بۇ ئىلتىماسىمنى بېجىرەلمىسىڭىز سىزدىن ئىككى دۈنيا رازى ئەمەسمەن! »
      مانا شۇ گەپنى ئىيتىش قولۇڭدىن كەلسۇن ، ئۇغلانىم!
      تىخىمۇ چوڭ بولغىنىڭچە ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولىسەن ، ئايال زاتى ھەققىدە «پالانچى تۇرمۇشقا چىققاندىن كىيىن يىقىنلىرىدىن كېچىپ كىتىپتۇ» دىگەن گەپنى ھىچكىم ئاڭلىغان ئەمەس، ئەمما ئۆيلەنگەندىن كىيىن ئاكا-ئۇكا، ھەتتا ئاتا-ئانىسىدىن نېرى بولۇپ كەتكەن ئەركەكنى قەدەمدە ئۇچرىتىپ تۇرىسەن، بۇنى ئۇيات دەپ بىلگىن، ئەر ئۆچۈن قارا يۈز بولۇش دىگەن شۇ، ئوغلانىم!
      ئوغلانىم ، ئاتا-ئاناڭدىن كۆرگەن مىھىر مۇھەببىتىڭگە گەپ كەتمەيدۇ، ئەمما ھاياتىڭدا ئەڭ يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمەتنى كۈيئۇغۇل بولغىنڭدا قىينانا-قىيناتاڭدىن كۈرىسەن، مىللىتىمىزنىڭ بارچىسى شۇنداق، بالىسىغا ھەتتا ئۆزىگە قىلىنمىغان ھۆرمەتنى ، مۇكاپاتنى كۈيئۇغۇلغا تۇتىدۇ.
      ئوغلانىم. سەن بۇ مۇھەببەتلەردىن راھەتلەن ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوبدان ئويلان:ئۇلار ئوغۇللىرىغا كۆرسەتمىگەن ياخشىلىقلىرىنى ساڭا كۆرسىتىۋىتىپتۇ، سەنمۇ گاھى-گاھى ئۇلارغا ئوغۇللىرى قىلمىغان ياخشىلىقلارنى كۆرسەت، قەددىلىرىنى كۈتۈرۈپ قوي، سىنىڭمۇ ئۇلارغا ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىشىڭ يىگىتچىلىكتۇر، «قاغا بىلەن ئۈلپەت بولساڭ، يىيىشىڭ نىجاسەت»دىگەن گەپ بار، كۈيئوغۇل بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ كوچىدىكى جايىڭنى بىل، بولار-بولماس دوسىتلارنى يىغىشتۇر، ئۆيلىنىش-ئەل قاتارى جەمىيەتكە قوشۇلۇش دىگەنلىك ، شۇ كۈنگىچە سەن پەقەت ئۆز ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭ نەزىرىدە يۈرگەن بولساڭ، كۈيئوغۇل بولۇپ ئەمدى سىنى كۆزەتكۈچىلەر پۈتۈن بىر ئەۋلادقا كۆپىيىدۇ.
      كۈيئۇغۇل بولۇش قاتارغا كىرىش دىمەكتۇر ، ئەمدى مەسلىھەت ئاۋازىغا ئىگىسەن، قۇدا تەرەپلەرنىڭ ئۆيىدىكى تۆر سىنىڭكى، ئۇكا -سىڭىللىرىڭ ھەققىدىكى مەسلىھەتلەر سىنىڭسىز ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، ئەمدى مەھەللىدىكى ، قىرىنداش ، ئۇرۇقلار ئارىسىدىكى پاتىھە لازىم جايلارغا ، جىنازا نامازلىرىغا ئۆز نامىڭدا قاتنىشىشىڭ شەرت، تويلارغا، بىمارلارنى يوقلاشقا، ئاتا-ئاناڭدىن تاشقىرى، ئالاھىدە سورۇنلارغىمۇ ئۆز نامىڭ بىلەن بارىسەن، ئەلۋەتتە شۇنداق.
      ئائىلەڭدىكىلەر ئالدىدا ئايالىڭغا ھە دىگەندە ئېتىۋار بېرىۋەرمە، سۆز قىلىۋەرمە، تاشقىرىدا ، دوست -قەدىردانلىرىڭ ئارىسىدا جۈپتىڭنى تەرىپلىمە، ئۇ ھەقتە سۆزلىگىڭ كىلىۋەرمىسۇن، سەۋەبى، بىر سوئال پەيدا بولىدۇ، سەن ئۈچۈن ئايالىڭدىن ئەزىزراق ئادەم يوقمۇ؟ئۇلار تەرىپلىنىشكە ئەرزىمەپتۇمۇ؟ۋەھاكازا. . . .
      ئايالىڭنى پەردە كەينىدە ئاسرىغىنىڭ ئار-نۇمۇسۇڭنىڭ گۇۋاھىدۇر، ئۆز كۆيۈمچانلىغىنى ھەقىقى ئەركەك ئوتتۇرىغا سىلىۋەرمەيدۇ.
      ئوغلانىم كىلىن كەلگۈچە ئۆيۈڭدىكىلەر ئۈچۈن بالا ئىدىڭ ، ئانچە-مۇنچە ئىشلار ئۈچۈن ساڭا ئاداۋەت ساقلىماس ئىدى، كۈيئۇغۇل بولغان چىغىڭدا چوڭ كىشىلەرگە قانداق قارىساڭ ، سىنى شۇنداق سوراق قىلىشقا باشلايدۇ:ئەمدى سەن ئۈچۈن ئەڭ قالتىس جاي _ئائىلەڭ، يېقىنلىرىڭ ! «ئائىلە»دېگەننىڭ ھېچ قەيەردە يىزىلمىغان ئەمما ھۈكۈم ۋە جازالىرى بار، كۆپىنچە سىنىڭ خاتالىرىڭ ئۈچۈن ئايالىڭ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېھتىياتسىزلىقىڭ سەۋەپلىك ھەتتا ئۈزۈڭ بىر نەچچە كىشىگە زىيان يەتكۈزىسەن.
      كوچىدىن كىرەركەنسەن ، سۆزۈڭ بىلەنمۇ ، كۆزۈڭ بىلەنمۇ ئاناڭنى ئىزلە ، ئاتاڭنى زىيارەت قىل ، ئەھۋاللىرىڭنى سورا ، ئاندىن ئايالىڭنى كۆر ۋە بالاڭغا ئىتىبار قىل ، بىلگىنكى ئاتا-ئاناڭنىڭ بىرلا ئىشى قالغان ، ئۇ بولسىمۇ كۈندە سېنىڭ ئامان -ئىسەن كېلىشىڭنى كۈتۈش! سەن بولساڭ كېلىپلا ئايالىڭنى سورىدىڭ ياكى بالىلىرىڭنى ئوينىتىشقا چۈشتۈڭ ، شۇ خاتايىڭنىڭ تەسىرىنى كۆر :كۆزۈم تەگمىسۇن دەپ سىنى ھەتتا ئۈزىدىنمۇ قىزغىنىپ ئۆتكەن ئانا سېنى پۈتۈنلەي ئىگەللىۋالغان كېلىندىن قىزغانمامدۇ؟مانا شۇ چاغدا قېينانا-كېلىن ماجرالىرى باشلىنىدۇ.
      ئانىلارمۇ ئىككى خىل بولىدۇ، باغرى كەڭى:«بالام سىرتتىن كىرسە ، كۈتۈۋالىدىغان ئەھلى ئايالى، ئاۋۇندۇرىدىغان بالىلىرى بار، ئەمدى غەم يىمىسەممۇ بولىدۇ، دېمەك بالام مەنسىزمۇ ياشىيالايدۇ، ئەمدى مىنىڭ يۆلەنچۈك بولۇشۇمغا ئېھتىياجى يوق»دەپ ئۆزىنى ئاۋۇندۇرغان بولىدۇ، «بالام مىنى ئانچە ئويلىماس بولۇپ قالدى»دىگەن دەھشەتلىك پىكىرنى ئۆزىدىن ھەيدەشكە ئۇرۇنىدۇ ۋە غەش كۆڭلىگە :«ھە دېگەندە كىسەل بولۇپ ، ئۇنى ھەم چىقىمدار ھەم بىئارام قىلىۋاتىمەن، بو بالامغا جەۋىر سالغىچە ئاستاغىنە كىتىپ قالسام ، ئۇنىڭغا يەڭگىلرەك بولار ئىدى»دىگەن ئويلا كىلىدۇ، بالىچاقىسى بىلەن ئارىلىشىپ ئانىدىن چەتنەپ قالغان ئوغلانىم ، كۆرۈۋاتامسەن، ئاناڭ ۋالىدەك مىڭ رىزالىق بىلەن ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەشكە باشلىدى. . .
      باغرى تار ئانا ئىيتىدۇكى:«بۇ كىلىننىڭ ئىشى، تۈنۈگۈن كىلىپ بۈگۈن مىنى شېرىن چۈشۈمدىن جۇدا قىلدىغۇ بۇ، بالا تۇغۇپ بەردىم دەپ، بالامنى ئىگەللەپلا كەتتى» ۋەھاكازا . . . دىسە، كۆرىسەنكى بۇ چاغدا كېلىننىڭ ھەممە ئىشىنى يامانغا چىقىرىۋىرىدۇ، بۇ ھالەتنى تۇغدۇرغان سەن بولدۇڭ، سىنىڭ بىپەرۋالىغىڭ بولدى!
      ئۆيلەنگەندىن كىيىن ئاغىچە -سىڭىل، ئاكا-ئۇكىلىرىڭغا كۆپرەك مۇلازىمەتتە بول، كۆرەر كۆزلەرگە ئۆزۈڭنى ئايالىڭغا ئېتىبار بەرمەيۋاتقاندەك تۇت.
       ھىيىت-ئايەملەردە بىرىنجى بولۇپ ئاناڭنى يوقلا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاندىن قېيناناڭ ۋە باشقىلارنىڭكىگە بار، يانچۇقۇڭ يار بەرگەن دائىرىدە ئەڭ ياخشى نەرسىنى ئاتا-ئاناڭغا تارتۇق قىل، ئاناڭ ئەسلا سوۋغا سورىمىسىمۇ ، سوۋغا ئىلىپ كەلمەسلىكىڭنى ئېيتسىمۇ ، ھىچقاچان ھوزۇرىغا قۇرۇق قول بارما، بالا قول ئۇزاتقان نىمەت ئاتا-ئانىغا جەننەتنىڭ راھىتىنى بېرىدۇ.
      ئاتا-ئاناڭ قانداق ئەھۋالدا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئەتراپتىكىلەردىن نۇمۇس قىلما، باغرىڭغا باس، بېمار بولسا ھېچكىمگە ئىشەنمە، ئۆزۈڭ يىمەك بەر، ئۆزەڭ پاكىزلە، قوللىرىڭدا كۆتۈرۈپ يۈر، كۈلۈپ ئاڭلاپ، كۈلۈپ سۈزلەپ، كۈلۈپ باق، ئۇلارنىڭ بۇ دۈنيادا پەرزەنىتلىرىدىن ، يەنى سەندىن باشقا خىرىدارى يوق، سىنىڭ قىلغانلىرىڭنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان ئاتا-ئانىغىمۇموھەببەت كۆرسىتىۋەر، سەن مۇشۇ سەۋەپلىك كۆكلەرگە كۆتۈرىلىرىۋىرىسەن، كىمنىڭ كىمى بولماپتۇ، كىم ئەزىز مۇكەررەم دەل شۇ ئاتا-ئانىسىدىن دۇئا ئالغان ئېنسانلاردۇر، ئاتا-ئاناڭنى بىشىڭدا كۆتۈرگىنىڭنى بالىلىرىڭ كۆرۈپ تۇرسۇن، ئۇلار سىنى جاۋابىغا باشلىرىدا كۆتۈرىدۇ! 

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-23 8:15:45]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كۈيئوغۇل نەسىھەت