لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-10 19:34:00

لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە لوقمان ھېكىم مەشھۇر ئەرەب دانىشمىنى، تېبابەتچىلىكىنىڭ تۈنجى ئاتىسى. شەرق خە...

       لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن

       لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە لوقمان ھېكىم مەشھۇر ئەرەب دانىشمىنى، تېبابەتچىلىكىنىڭ تۈنجى ئاتىسى. شەرق خەلقلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ سۈپنامى مەشھۇر ئەۋلىيا ىتىدە ھۆرمەت بىلەن تېلغا ئېلىنىدۇ. * * * 1. كىمگە پەند ـ نەسىھەت قىلساڭ ئاۋۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل. 2. دوستۇڭنى قىيىن كۈندە سىنا. 3. دوستتىن پايدا زىياندا ئىمتىھان ئال. 4. ئەخمەق ۋە نادان ئەدەملەردىن قاچ. 5.دانا ۋە زېرەك كىشىنى دوست تۇت. 6. ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل. 7. سۆزنى ئىسپاتى بىلەن سۆزلە. 8.ئاتا ـ ئانىنى غەنىيمەت بىل. 9. ئۇستازنى ئاتىدىن ئەزىز بىل. 10. بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل. 11. كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە، كۈندۈزى سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە. 12. ھەر ئىشنى ئاۋۋال ئويلاپ چارە ـ تەدبىر بىلەن قىل. 13. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما. 14.ئۆزۈڭدىن چوڭغا چاقچاق قىلما. 15.بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنىڭغا تەگكۈزمە. 16.ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما. 17. ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما. 18.ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما. 19.قۇياش چىققۇچە ئۇخلاپ قويما. 20. باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەرسە ـ كېرەك يېمە. 21. چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمە. 22.باشقىلار سۆزلىگەندە سۆزگە قوشۇق سالما. 23.كوچىلاردا بىكارچە ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرما.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق