تەقدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا (بېل گېيتىس)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-20 23:16:10

تەقدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا(بېل گېيتىسنىڭ ياشلارغا تەۋسىيىسى ) بىر تىلەمچى سەدىقە سوراپ كەپتۇ.ئۇنىڭ ئوڭ قولى مۈرىسىدىنلا يوق بولۇپ، قۇرۇق يېڭى بوشلۇقتا لەپىلدەپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھالىنى ...

       تەقدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا
     (بېل گېيتىسنىڭ ياشلارغا تەۋسىيىسى )

     

       بىر تىلەمچى سەدىقە سوراپ كەپتۇ.ئۇنىڭ ئوڭ قولى مۈرىسىدىنلا يوق بولۇپ، قۇرۇق يېڭى بوشلۇقتا لەپىلدەپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھالىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە سەدىقە قىلىۋېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.لېكىن بۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى ھېچقانداق تارتىنماستىنلا :
    - بۇ خىشلارنى ئۆينىڭ كەينىگە يۆتكىشىپ بەرسىڭىز قانداق ؟ -دەپتۇ.
    - بىر قولۇم بىلەن خىش يۆتكىشىپ بېرىمەنما ؟ بەرگىڭىز كەلسە بېرىڭ، بولمىسا تولا ئەخمەق قىلماڭ، -دەپتۇ تىلەمچى ئاچچىقلىنىپ.
    ئەمما ئايال خاپا بولۇشتا يوق،  ئەتەي بىر قولى بىلەن خىش يۆتكەشكە باشلاپتۇ ۋە دەپتۇ :
    - قاراڭ، ئىككىلا قول بولمىسا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟مەن قىلالىغان يەردە سىز نېمە دەپ قىلالمىغۇدەكسىز ؟
    تىلەمچى ئايالنى ئەمدىلەتىن كۆرۈۋاتقاندەك ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ قاپتۇ ۋە بىر نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولۇپ ئېڭىشىپ خىش يۆتكەشكە باشلاپتۇ.بىر قېتىمدا ئىككى دانىدىن يۆتكىسىمۇ، ئىككى سائەت ئىچدىلا خىشلارنى پاك -پاكىز يۆتكەپ بوپتۇ.بۇ چاغدا.ئۇ چىلىق -چىلىق تەرلەپ، چىرايى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن، ھېرىپ ھالىدىن كېتەيلا دەپ قالغانىدى. ئايال قاردەك ئاپئاق لۆڭگىدىن بىرنى ئۇزۇتۇپتۇ.تىلەمچى يۈزىنى سۈرتكەن ئىكەن، لۆڭگە قاپقارا بولۇپ كېتىپتۇ.

    ئايال ئۇنىڭغا 20 دوللار بېرىپتۇ.تىلەمچى ھەشقاللا -رەھمەت دېگىنىچە پۇلنى ئاپتۇ.
    - نېمىگە رەھمەت دەيسىز ؟-دەپتۇ ئايال، -بۇ ئۆزىڭىز ئىشلەپ تاپقان پۇل.
    - مەن سىزنى ۋە قىلغان بۇ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، - دەپتۇ تىلەمچى ۋە لۆڭگىنى ئەستىلىك ئۈچۈن سورىۋېلىپ، چوڭقۇر ئېگىلىپ -پۈكۈلۈپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كېتىپ قاپتۇ.
    ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ يەنە بىر تىلەمچى كەپتۇ. ئايال خوجايىن ئۇنىڭغا ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى خىشلارنى ئۆينىڭ ئالدىغا يۆتكەپ بەرسە   20دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئىككى قولى ساپمۇساق بۇ تىلەمچى20  دوللارنى ئاز كۆردىمۇ ياكى باشقا بىرەر سەۋەبى بارمۇ ئۆرۈلگىنىچە كېتىپ قاپتۇ.
    ئوغلى ئانىسىنىڭ قىلىۋاتقىنىغا ۋەيران بولۇپ سوراپتۇ :
    - بىرىگە ئالدىغا يۆتكە دەيسەن، بىرىگە كەينىگە يۆتكە دەيسەن، سەن زادى خىشنى قەيەرگە قويماقچى ؟
    ئانىسى :
    - خىشنى نەگە قويۇش مۇھىم ئەمەس،  مۇھىمى تىلەمچىلەرنىڭ خىشنى يۆتكەش -يۆتكىمەسلىكى، -دەپتۇ.
    شۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە بىر نەچچە تىلەمچى كەپتۇ. خىشلارمۇ ئۆينىڭ ئالدى -كەينىگە بىر نەچچە قېتىم يۆتكىلىپتۇ.

       ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەن بىر كۈنى، ھويلىدا ناھايىتى سالاپەتلىك بىر ئادەم پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭ كېيىنىشى سالاپەتلىك، گەپ -سۆز، يۈرۈش -تۇرىشىدىنلا ئۆزىگە ناھايىتى ئىشىنىدىغان غالىبلارغا خاس تەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى.شۇغىنىسى، ئوڭ قولى يوق،  يېڭى بوش لەپىلدەپ تۇراتتى. كەلگۈچى ئېگىلىپ بىر قولى بىلەن قېرىلىق يەتكەن ئايال خوجايىننى يۆلىگەچ :

    - سىز بولمىغان بولسىڭىز، مەن ھازىرقى بىر شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ئەمەس، ھېلىھەم تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن بولاتتىم، -دەپتۇ.
    ئايال بۇ ئادەمنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنىدى.
    - ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى، دەپتۇ ئۇ. مۇدىرىيەت باشلىقى ئايالغا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ شەھەرگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ،  ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى.ئېيتىپتۇ.
    - كەچۈرۈڭ،  بۇلارنى قۇبۇل قىلالمايمىز دەپتۇ ئايال.
    - نېمىشقا ؟
    -ھەممىمىز بېجىرىم ئادەملەرمىز.
    - خانىم، دەپتۇ مۇدىرىيەت باشلىقى قەتئىيلىك بىلەن، -سىز ماڭا ئادەمنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى، قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى ئۆگەتتىڭىز. شەھەردىن سىزگە ئاتاپ ئۆي ئېلىپ قويدۇم.ئۇ ئاڭا بەرگەن تەربىيىڭىزنىڭ ھەققى بولسۇن.

    ئايال ئاخىرى كۈلۈمسىرەپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ :
    - ئۇنداق بولسا ئۇ ئۆينى بىر قولىمۇ يوق ئادەملەرگە ھەدىيە قىلايلى.
    بىل گېيتىس : كىشلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئۆز ئارزۇلىرىمىزدىن ئۈنۈپ چىققان بىخلارنىڭ مەلۇم مەزگىللىك تەرەققىياتى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارايدۇ.تەقدىرنى بەلگىلەيدىغىنى بولسا ھەر بىرىمىزنىڭ قارارىدۇر.
       تەقدىر ئۆزىمىزنىڭ قولىدا.مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن ھەر بىر تاللاش،  قارار بىزنىڭ تەقدىرىمىزگە مۆلچەرلىگۈسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.كىچىك-كىچىك تاللاش قارارلار، يىغىلىپ كېلىپ بىزنى غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەتكە سۆرەيدۇ.
       ئىنسان كىشلىك ھاياتتا ئۇنداق ياكى مۇنداق بالا -قازا، بوران -چاپقۇنلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.جاھاندا تۈپتۈز يول يوق. توققۇزى تەل ئائىلىدە يېتىلگەن ئادەمنىڭ كېلەچىكى ئاللىقاچان باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ قالىدۇ.ئۇنىڭ ئۆز تەقدىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىشى،  ھاياتنىڭ ئەقەللىي يۈك -ئېھتىياجلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ.ۋەھالەنكى، ھەممە سەن ئۈچۈن تەل قىلىپ بېرىلگەن بۇ خىل ھاياتتا نە مەنە،  نە لەززەت بولسۇن ؟ ئىنسان پەقەت ئۆز كۈچى ئارقىلىق ئېرىشكەن غەلبە تەنتەنىسىدىنلا ھەقىقى بەختنى ھېس قىلالايدۇ.
    ئىنسان ئۆزىنىڭ رەنجى -بەختىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ.شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ پاراغەت ئىچىدە غەپلەتتە قالغانلار تۇرمۇشقا، جەمىيەتكە مۇستەقىل يۈزلىنىپ، ھاياتنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى تەنھا ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كەلگەندە،  ئۇ تىركىشىدۇ-يۇ، ھالاك بولماي قالمايدۇ.
    ھاياتنى ھەمىشە تۈپتۈز، گۈزەل،  ئىللىق بولىۋېرىدۇ دەپ قالماڭ.ھېچقايسىمىز ھاياتقا پۈتمەل قىلىپ بېرىۋېتىلگەن ئەگرى -توقاي، مۈشكۈللۈك،.ئامالسىزلىق، بالا -قازا، ئازاپ -مەغلۇبىيەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.
       گېيتىس شۇنداق دەيدۇ : ھاياتتىكى بەختسىزلىكتىن قېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ئۇ بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن ئۆتۈپ كېتىدۇ.ۋاقىت ئاشۇ ئازابلىق ھېسلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.بۇ «ھېچنىمە ئەمەس » دېگەننى ھەر دائىم تەكرارلاپ تۇرۇڭ. بەختسىزلىكنىڭ زەربىسى تۈپەيلى ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.بەلكى يەنە شۇنداق ھەرەج تارتماسلىقىڭىز ئۈچۈن، دەس تۇرۇڭ -دە ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشقا يەڭ تۈرۈڭ.

      -« بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن» دىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بېل گېيتىس تىلەمچى