خارۋارد كۇتۇپخانىسىنىڭ تەكرار قىلىش ئۆيىنىڭ تېمىغا يىزىلغان خەتلەر

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-18 17:02:16

1.ھازىر ئۇخلىسىڭىز چۈش كۆرىسىز ،ھازىر كىتاب كۆرسىڭىز چۈشىڭىزنى رىئالىققا ئايلاندۇرالايىسىز.2.سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى.3.بەزى ئىشلاردا كىچ...

    1.ھازىر ئۇخلىسىڭىز چۈش كۆرىسىز ،ھازىر كىتاب كۆرسىڭىز چۈشىڭىزنى رىئالىققا ئايلاندۇرالايىسىز.
    2.سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى.
    3.بەزى ئىشلاردا كىچىكىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىز شۇ ئىشنىڭ دەل ۋاقتى-سائىتىدۇر.
    4.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.
    5.ئۆگىنىش قىلغاندىكى ئازاب ۋاقىتلىق ،ئۆگىنەلمىگەندىكى ئازاب بولسا ئۆمۈرلۈك.
    6.ئۆگىنىشتە ۋاقىت كەمچىلىك قىلمايدۇ،كەم بولغىنى تىرىشچانلىق .
    7.بەخىت دەرىجىگە تىزىلمايدۇ،ئەمما مۇۋەپپەقىيەت دەرىجىگە تىزىلماي قالمايدۇ.
    8.ئۆگىنىش ھاياتنىڭ بارلىقى ئەمەس ،بىراق ھاياتنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۆگىنىشنىمۇ باش ئەگدۈرەلمىگەن ئادەمنىىڭ قولىدىن نىمە ئىش كەلمەكچى ئىدى ؟
    9.ساقلانغىلى بولمايدىغان ئازاپتىن ھوزۇرلىنىڭ .
    10.باشقىلاردىن بۇرۇن ،باشقىلاردىن بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز ،مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىماي قالمايسىز .
    11.ھېچكىم مۇنداقلا ئۇتۇق قازىنىپ قالغان ئەمەس ،ئۇ ئۈزۈل-كىسىل ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە مۇستەھكەم ئىرادىن كەلگەن .
    12.ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ.
    13.بۈگۈن ئاققان شالۋاقلىرىڭىز ئەتىدە كۆز ياشلىرىڭىزغا ئايلانغۇسى.
    14.ئىتتەك ئۆگىنىپ ئاقسۇڭەكتەك ئويناڭ .
    15.بۈگۈن ماڭمىسىڭىز ئەتە يۈگۈرىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ.
    16.كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغان ئادەم ، رېئالىققا سادىق ئادەمدۇر.
    17.تەربىيلىنىش دەرىجىسى كىرىمگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
    18.بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ.
    19.ھازىرنىڭ ئۆزىدە رەقىبىڭىزنىڭ قوللىرى توختىماي كىتاب ۋاراقلاۋاتىدۇ.
    20.جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خارۋارد