دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى

يوللىغۇچى : kitap يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-25 10:45:00

دوسلۇق ئاشكارە ،مۇھەببەت يۇشۇرۇن بولىدۇ.دوسىتلۇق باراۋەرلىك ئاساسىدا،مۇھەببەت ھىسسيات ئاساسىدا قۇرۇلغان بولىدۇ.مۇھەببەت قۇدىرەتلىك،بىراق ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىللىر...

    دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى

     

    دوسلۇق ئاشكارە ،مۇھەببەت يۇشۇرۇن بولىدۇ.
    دوسىتلۇق باراۋەرلىك ئاساسىدا،مۇھەببەت ھىسسيات ئاساسىدا قۇرۇلغان بولىدۇ.
    مۇھەببەت قۇدىرەتلىك،بىراق ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىللىرى ئاۋازسىز بولىدۇ.
    دوسىتلۇق مۇھەببەتتىن ئولۇغ،چۈنكى مۈھەببەت قەسىرى غۇلاپ چۈشكەندە ،دوسىتلۇق قەلىپ جاراھىتىگە مەلھەم بۇلالايدۇ.
    دوسىتلۇق سان جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچىرىمايدۇ ،بىراق مۇھەببەت شەخسىيەتچى كىلىدۇ ئۇ پەقەت بىرلا كىشىگە مەنسۇپ.
    دوسىتلۇقتا سۆز ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىلىدۇ .بىراق مۇھەببەتتە كۆزمۇ سۆزنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ.
    دوسىتلۇق مۇھەببەتتىن چوڭ ،چۈنكى مۇھەببەتسىز دوسىتلۇق بولىدۇ.ئەمما دوسىتلۇقسىز مۇھەببەت بولمايدۇ.
    دوسىتلۇق مۇھەببەتتىن يىنىك بولىدۇ ،چۈنكى دوسىتلار ئەپۇ سوراش ئارقىلىق ئاداۋەتنى تۈگۈتەلەيدۇ ،بىراق مۇھەببەت ئۇنداق بولمايدۇ.
    مۇھەببەت دوسىتلۇقتىن نازۇك بولىدۇ ،بەزى ئىشلارنى سۆز ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
    دوسىتلۇق يولىدىن مۇھەببەت يولى ئەگىرى -تۇقاي بولىدۇ.دوسىتلۇقتا كۈندەشلىك بولمايدۇ ،بىراق كۈندەشلىك- مۇھەببەتنىڭ بەلگۈسى .
    دوسىتلۇقتا ئادەمنىڭ ئەقلى ئېچىلىدۇ،مۇھەببەتتە زىھنى چېچىلىدۇ.
    مۇھەببەت سەخسىيەتچىلىكى بىلەن گەۋدىلەنسە دوسىتلۇقتىن كەڭ قۇساقلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
    مۇھەببەتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلكى شۇكى ، ئۇ پەيدا بولغاندا يۇشۇرغىلى بولمايدۇ ،يۇقالغاندا بار قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.
    مىجەز-خاراكتىرى ئوخشاپ كەتمەيدىغانلارمۇ ياخشى ،ئەمما بۇنداقلارنىڭ مۇھەببەتلىشەلىشى ناتايىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دوستلۇق