تۇرمۇشتىكى 8 ھەقىقەت

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-10 19:26:19

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} 1. دوستلار ئۆزلۈكسىز تۈردە كېلىپ -كېتىپ تۇرىدۇ. كۈرمىڭلىغان كىشىلەر سىز بىلەن مۇناسى

    1. دوستلار ئۆزلۈكسىز تۈردە كېلىپ -كېتىپ تۇرىدۇ. كۈرمىڭلىغان كىشىلەر سىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ۋە ئۇچرىشىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. دوستلۇرۇم ئاز دەپ ئاغرىنماڭ،  ھىچ بولمىسا ھەرپلەرنى تىزىپ ئىسىم ياسىسىڭىزمۇ سىزنىڭ يەنە مىليارت دوست تۇتۇش مۈمكىنچىلىكىڭىز بار. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىدە «مەڭگۈلۈك دوست يوق مەڭگۈلۈك پايدا-زىيانلا بار» دەيدىغان بىر ھىكمەتلىك سۆز بار، سۆز ھەركىتى ئارقىلىق سىزنى زىياندىن توسىدىغان دوستلارلا ھەقىقى دوست ھىساپلىنىدۇ.

     

       2. سىز دائىملا دىگىنىڭىزگە ئېرىشەلمەيسىز. سىز ئەتراپىڭىزدىكى ماددى نەرسىلەرگىلا سەپ سالماڭ،  قوبۇل قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ،  ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى ئويلاڭ-دە،  بۇ خىل ئامىتىڭىز كەلمىگەن كۈنلەرنىڭمۇ تەڭ نىسبەتتە قىسقا بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. 

     

       3. نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى ياخشى كۆرىدۇ،  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ سىزنىڭ يامان تەرىپىڭىزنى قىلىشى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشى،  سىز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە قارىتىمەن دەپ ئويلىسىڭىز ،  ئۇ پەقەتلا ئۆزىڭىزنى ئالدىغانلىق بولۇپ قالىدۇ.  بىلىڭكى تەڭرى سىزنى ياخشى كۆرگەچكە ياراتقان ۋە سىزدىكى ئەقىل ۋە ھىس قىلغۇچى ئەزالارنى سوۋغا قىلغان، سىزنى مۇئەيەن ھۆرمەت ۋە كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلغان. سىز ئۆزىڭىزنى مەن ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيمەن دەپ قارىسىڭىزلا تەڭرىگە يارىغان بولىسىز. باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى مۇھىم ئەمەس.

     

       4.  تۇرمۇشىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۆزگەرتەلەيسىز. ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ،  چۈنكى سىزگە ياردەم قىلغان كىشىلەر مەڭگۈلۈككە ياردەم قىلمايدۇ،  شۇڭا سىزمۇ ئۇ خىل ھاسا تاياقلارسىز ياشاشنى بىلىشىڭىز كېرەك.  سىزنىڭ تۇغۇلۇشىڭىز ۋە ئۆلۈپ كېتىشىڭىز ئارىلىقىدىكى بارلىق جەريان ۋە نەتىجە تامامەن ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق. ھىچكىم سىزنى ئەقلى ئىشلىمەس قىلىپ قويالمىغىنىدەك ھىچكىممۇ سىزنى دۇنياغا مەشھۇر قىلىۋېتەلمەيدۇ. ئۆزىڭىز ھەل قىلالايدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا تايىنىپ ھەل قىلىپ ئادەتلىنىپ قالماڭ.

     

      5. سىز مەغلۇپمۇ بولۇپ تۇرىسىز. سىز باشقىلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىسىز،  لېكىن مەغلۇبىيەت سىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. ئۇلارنى غەلىبە  ئۈچۈن ئۇل قىلىشنى بىلىش كېرەك. ئادەم ئاتىمىز مەغلۇپ بولۇپ يەرگە چۈشكەندىن كېيىن قايتىدىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ پەيغەمبەر بولغان. يەنە شۇنىمۇ بىلىڭكى توغرا تاللاشنىڭ مەغلۇبىيىتى خاتا تاللاشنىڭ غەلىبىسىدىن سۆيۈملۈك.

     

      6. ئۆزىڭىز كونترول قىلىشقا كۈچىڭىز يەتمىگەن ئىشلارغا زورۇقماڭ.  سىز ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيسىز ،  لېكىن سىز شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى  ئىنسان ئۆز قۇدرىتى يېتىدىغان ئىشلارغىلا تەكلىپ قىلىنغان.

     

       7.  بۈگۈننى كۆپرەك ئويلاپ ،  ئەتىنى ئازراق ئويلاڭ.  سىز قىلغان ئىشلارنى سىز ئۆزىڭىز پەرۋا قىلىدىغان كىشىلەر بىلسىلا بولدى،  قالغان ئۇششاق ئىشلارغا ئۇنچە ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ كەتمەڭ،  پەقەت ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغانلا ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى كۆپرەك سەرپ قىلىڭ.  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزنى قىلساقلا بولىدۇ،  چۈنكى نەتىجە ۋە شان-شەرەپ تەييارلىقى بار،  تىرىشقان ئادەملەرگىلا نېسىپ بولىدۇ.

     

       8. باشقىلاردائىم سىزدىن كۆپرەككە ئېرىشىدۇ. باشقىلارنىڭ سىزدىن كۆپرەككە ئېرىشكىنىگە قاراپلا ،  ئۇلارنى ھەممىدىن رازىمىكىن دەپ ئويلىماڭ،  مەلۇم بىر داڭلىق شەخسنىڭ تەرجىمھالىنى كۆرسىڭىزلا ئۇلارنىڭ ئېرىشكىنىدىن بەكرەك،  تارتقىنى كۆپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز. سىز دىققىتىڭىزنى ياخشى كۆرۈشكە تىرىشىپ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرگە ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرگىلا مەركەزلەشتۈرۈڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھەقىقەت